كالىنىڭ<< ئۇھ _ئۇھ >>قىلىپ ھەسرەت چېكىشى .
بۇرۇنقى زاماندا كالا بىلەن تېرىمچى قەدىناس ئاغىنىلەردىن ئىكەن ،ئىش بۇلسا بىر -بىرىنىڭ مەسلىھەتسىس قىلمايدىكەن .تاپقاننى تەڭ يەپ ،جاپادىمۇ ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بۇلۇپ ، بىر-بىرىنىڭ ئالدى -كەينىدىن غەيۋەت - شىكايەت قىلمايدىكەن .
بىر يىلى ئىككەيلەن تىېرىقچىلىق قىلىشنى تۇغرا تېپىپ ، ئېتىزنىڭ بارلىق پەرۋىشىنى ئىككىلىسى بىللە قىپتۇ . شۇ يىلى بۇلارنىڭ ئاشلىقى ناھايتى ئۇخشاپتۇ . كەچ كۈزدە ئاشلىقنى خامانغا ئاپىرىپ يەنچىپ ،سورۇپ ، دېنىنى بىر ياققا ، سامىىنىنى بىر ياققا قىلىپ ، تېرىمچى ئاقكۆڭۆللىۈك بىلەن ئاۋۋال كالا ئالسۇن ،ئاندىن قالغىنىنى مەن ئالۇرمەن ، دەپ كالىدىن سوراپتۇ :
_ سەن قايسىسىنى ئالىسەن ،سەن ئاۋال ئالساڭ مەن قالغىنىنى ئالاي ،_ دەپتۇ .كالا بولسا ناھايتى ئۇزۇنغىچە ئۇيلۇنۇپ ساماننىىڭ داندىن جىق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ،كۆزى سامانغا چۈشۈپتۇ ۋە:
_ مەن ساماننى ئالاي ،_ دەپ رازىلىق بىلدۈرۈپتۇ .
_ ئۇنداق بۇلسا مەن داننى ئالاي ،_ دەپ تېرىمچى ئاشلىقنى ئېلىپ ئۆيگە قايتىپتۇ . تېرىمچى ئاق ئۇندىن ھەر خىل مېزلىك تائاملارنى ئېتىپ يەپتۇ . بۇنى كۆرگەن كالا ئۆزىنىڭ كەتكۈزۈپ قويغانلىقىغا ئۆكۈنۈپتۇ ۋە ھەر قانچە قىلسىمۇ ئۇرنىغا كەلمەپتۇ .
شۇندىن بۇيان كالا دائىم مۇشۇ مەسىلە يادىغا كەلسىلا << ئۇھ _ئۇھ >> قىلىپ ناھايتى قاتتىق ھەسرەت چېكىدىكەن .
_ قۇمۇل شەھەر خەلق چۆچەكلىرى |