قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 4455|ئىنكاس: 28

دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى توغۇرسىدا ئەتراپلىق مۇلاھىزە 4

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

0

دوست

1228

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   22.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6699
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 202
تۆھپە : 278
توردىكى ۋاقتى: 155
سائەت
ئاخىرقى: 2015-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 13:50:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىملىقتىكى ئېلىشىش : بىرازىلىيىدىكى " دۇنيا لوڭقىسى " نى تالىشىش
پۇتبول مۇسابىقىسى توغرىسىدا -4
     ( گۇرۇپپىدىن چىقىش ۋە 16 كۈچلۈك كوماندىنىڭ كۆرىشى )




    2014 – يىللىق " دۇنيا لوڭقىسى " پۇتبول مۇسابىقىسى 24 – ئىيۇن سەھەردىن 27 – ئىيۇن ( جۈمە ) سەھەرگىچە 1 – باسقۇچلۇق مۇسابىقىنىڭ 3 – ئايلانمىسىنى تاماملىدى . شۇنىڭ بىلەن بۇ قېتىمقى " دۇنيا لوڭقىسى " پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ گۇرۇپپىۋى (1- باسقۇچلۇق) مۇسابىقىسى تۇلۇق ئاخىرلىشىپ، گۇرۇپپىدىن مۇۋاپپەقىيەتلىك چىققان، شاللاش (2- باسقۇچلۇق) مۇسابىقىسىغا قاتنىشىدىغان 16 كۈچلۈك كوماندا بارلىققا كەلدى. ئۇلار: بىرازىلىيە، مىكسىكا، گوللاندىيە، چىلى، كولۇمبىيە، گىرىتسىيە، كوستارىكا، ئۇرۇگۋاي، فرانسىيە، شىۋىتسارىيە، ئارگېنتىنا، نىگىرىيە، گىرمانىيە، ئامىرىكا، بىلگىيە ۋە ئالجىرىيە كوماندىلىرىدىن ئىبارەت. ئالدىنقى ئايلانمىدىلا شاللىنىپ كەتكەن بەش دۆلەت كوماندىسىغا ئىتالىيە، پورتۇگالىيە قاتارلىق داڭدار كوماندىلار باشچىلىقىدىكى قالغان دۆلەت كوماندىلىرى قوشۇلۇپ، ئۆزلىرىنىڭ  " دۇنيا لوڭقىسى " پۇتبول مۇسابىقىسى « مۇساپىسى »نى ئاخىرلاشتۇرۇپ، يۇرتى تامان يۈرۈپ كەتتى.
    « دۇنيا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىدا 16 كۈچلۈك كوماندا تەركىۋىگە كىرىش- مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى كوماندىغا نىسپەتەن تارىخ ياراتقان بىلەن باراۋەر چوڭ ئىش بولۇپ، ئىناۋەت- شۆھرىتىنى، سەۋىيىسىنى، ئەمىلىي كۈچىنى نامايەن قىلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى.  بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە بارلىققا كەلگەن 16 كۈچلۈك كوماندىغا قاراپ باقساق مەلۇم بولىدىكى، بۇ قاتارغا ئامىرىكا قىتئەسى ئەللىرىدىن سەككىز دۆلەت كوماندىسى ، ياۋرۇپا ئەللىرىدىن ئالتە دۆلەت كوماندىسى، ئافرىقا ئەللىرىدىن ئىككى دۆلەت كوماندىسى كىرگەن بولۇپ، ئامىرىكا قىتئەسىنىڭ نەتىجىسى ئومۇمىيۈزلۈك ياخشى بولغان ( پەقەت ئىككى كوماندىلا شاللىنىپ كەتكەن). بۇنى مۇسابىقىنىڭ بىرازىلىيىدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنىڭ تەسىرىدىن بولۇپ، مەزكۇر قىتئەدىكى دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ ساھىپخانلىق ۋە يېرىم ساھىپخانلىق ئەۋزەللىكىنىڭ گەۋدىلىنىشى، دەپ قاراشقا بولىدۇ. ياۋرۇپانىڭ نەتىجىسى كۆڭۈلنى غەش قىلىدۇ- ئەسلى 13 دۆلەت كوماندىسى قاتناشقان بولۇپ، يېرىمىدىن كۆپى شاللىنىپ كەتكەن. بولۇپمۇ، ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندىلار ھېساپلىنىدىغان ئسپانىيە، ئېنگىلاند، ئىتالىيە ۋە پورتۇگالىيىلەرنىڭ بالدۇرلا سەپتىن چۈشۈپ قېلىشى ھېچبىر ئەقىلغە سىغمىدى. بۇنىڭدىن بىز مۇنداق بىر روشەن ئۇچۇرغا ئىگە بولغاندەك قىلىمىز: دۇنيا پۇتبولچىلىقى تەرەققىي قىلىپ، ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ ئۇزۇندىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن چىملىقتىكى مونوپوللۇق ئورنى ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان ھەم يېڭىدىن باش كۆتىرىۋاتقان بىر تۈركۈم كوماندىلارنىڭ كۈچلۈك خىرىسى ۋە پىداكارانە ھۇجۇمى بىلەن لىڭشىپ قالدىمۇ- قانداق؟ ئەگەر ئەمەلىيەت ھەقىقەتەن شۇنداق بولسا، ئېنىققى، دۇنيا پۇتبولچىلىق ئىشلىرى «بۆسۈش» خاراكتىرلىك تەرەققىياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ.  ياكى بۇ، ئۇلارنىڭ ئىچكى زەئىپلىشىشىنىڭ كاساپىتىمۇ؟ بۇ توغرىسىدا داۋاملىق كۈزىتىشكە ۋە ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ. ئىشقىلىپ، ئامىرىكا قىتئەسى بىلەن ياۋرۇپا قىتئەسىنىڭ «تاج» تالىشىشىدىن ئىبارەت بولىدىغان " دۇنيا لوڭقىسى " پۇتبول مۇسابىقىسىدە، بۇ قېتىم ئامىرىكا قىتئەسى ياۋرۇپانى دەسلەپكى قەدەمدە ئومومىيۈزلۈك «بېسىپ چۈشتى». ئافرىقا ئەللىرىنىڭ نەتىجىسىنى ھازىرچە « يامان ئەمەس » دىيىشكە بولىدۇ. ھەممىدىن ناچىرى بىزنىڭ- ئاسىيانىڭ نەتىجىسى! ئاسىيا قىتئەسىگە ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشقان تۆت دۆلەت كوماندىسىدىن بېرەرسىمۇ بۇ قاتارغا كىرەلمىدى. ھەتتا تۆتىسىدىن بېرەرىمۇ بىر مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئۇتىقىنى قولغا كەلتۈرەلمىدى. ئاۋىستىرالىيە بىلەن ئىراننى نىسپەتەن كۈچلۈكلەر گۇرۇپپىسىغا كىرىپ قالدى، دىسەكمۇ، ئاساسەن « تەڭداشلار » گۇرۇپپىسىدىكى ياپۇنىيە بىلەن كورىيىنىڭ ھالاكىتىنى دەماللىقتا قوبۇل قىلىش تەس كەلدى. كۆپچىلىك بۇنى، ئاسىيا دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ 20 يىلدىن بۇيانقى  " دۇنيا لوڭقىسى " پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ ناچار نەتىجىسى، دەپ قارىماقتا. بۇ، بىزنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان جىددىي مەسىلە. قارىغاندا، ئاسىيا پوتبولچىلار بىرلەشمىسى بىلەن ئاسىيادىكى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ غېمىدە يۈرگەن ھەرقايسى دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ بۇندىن كېيىن قىلىدىغان ئىشى تېخى جىق ئوخشايدۇ. ھازىرغا نىسپەتەن ۋاقىت ئۇزىراپ كېتىپ، ئەھمىيىتىنى يوقاتقان بولغاچقا مەن 3- ئايلانمىنىڭ كونكىرت «جەڭ» ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇشنى مۇۋاپىق تاپمىدىم ھەم 1- باسقۇچلۇق مۇسابىقىنىڭ خۇلاسىۋى يەكۈنىنى موشۇنچىلىكلا تىلغا ئېلىپ كۇپايىلەندىم.
      1- باسقۇچلۇق مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ، ئارىدا بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، 2- باسقۇچلۇق مۇسابىقە 29- ئىيۇن (يەكشەنبە) باشلىنىپ، 2- ئىيۇل (چارشەنبە) ئاخىرلاشتى. 1- باسقۇچلۇق مۇسابىقىدىكى نەتىجىسىگە ئاساسەن، بەلگۈلىمە بويىچە 16  كۈچلۈك كوماندا تەركىۋىدىكى بىرازىلىيە بىلەن چىلى، گوللاندىيە بىلەن مىكسىكا، كۇلۇمبىيە بىلەن ئۇرۇگۋاي، كوستارىكا بىلەن گىرىتسىيە، فرانسىيە بىلەن نىگىرىيە، ئارگېنتىنا بىلەن شىۋىتسارىيە، گىرمانىيە بىلەن ئالجىرىيە، بىلگىيە بىلەن ئامىرىكا كوماندىلىرى ئۆز-ئارا تۇتۇشتى. بۇ سەككىز مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەربىرى «ئۆردىكى ئۆردەك، غېزى غاز» بولۇپ ئايرىلىدىغان، ئۇتۇش- ئۇتتۇرۇش ئېنىق بەلگۈلىنىدىغان، ئۇتقانلار «سەككىز كۈچلۈك كوماندا» قاتارىغا كىرىدىغان، ئۇتتۇرغانلار يۇرتىغا قايتىدىغان «ھايات-ماماتلىق كۆرەش» بولغاچقا، ئىنتايىن كەسكىن تۈس ئالدى ( يەنە كېلىپ، زور كۆپ ساندىكى پۇتبول ئانالىزچىلىرى ۋە پۇتبول مەستانىلىرى تەرىپىدىن تارىختىكى ئەڭ كەسكىن 8/1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى، دەپ باھا بېرىلدى). ھەممىسىدىلا دىگۈدەك يېڭىش- يېڭىلىش مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدىلا ئاندىن ئايدىڭلاشتى. بۇنىڭ ئىچىدىكى بەش مەيدان مۇسابىقە ئۇزارتىلدى، يەنى 120 مىنۇت داۋاملاشتى (دائىمىي ۋاقىتقا 30 مىنۇت قوشۇپ بېرىلىدۇ ). توپ كىرىش نىسپىتى روشەن تۆۋەنلىدى. بۇرۇنقىدەك، كۈچلۈكلەر نەزىرىيىسى- بىرازىلىيە، گوللاندىيە، ئۇرۇگۋاي،فرانسىيە، ئارگېنتىنا، گېرمانىيىلەر كۈچلۈك، ئۇلار ئاسانلا نۆۋەتتىكى رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىپ، باسقۇچلۇق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدۇ، دەيدىغان «پەتىۋا»نىڭ بۇ قېتىم ئەمەلىيەتكە ماس كەلمەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. 1-باسقۇچلۇق مۇسابىقىدىكى «ئاجىزلارنىڭ كۈچلۈكلەر ئۈستىدىن غالىب كېلىشى» چوڭ رول ئوينىغاچكىمىكىن، ئەنئەنىۋى «نوچى»لارنىڭ «يۈرىكى سېلىپ، نەپسى بوغۇلۇپ» ئاران بىرنىمىلەر قىلغاننىڭ ئەكسىچە، سەۋىيىسى تۆۋەن ھېساپلانغان كوماندىلار باشقىچىلا روھلىنىپ، غەيرەتلىنىپ كەتتى. لېكىن، نىمىلا دىمەيلى، ھازىرچە « دۇنيا لوڭقىسى» مۇسابىقىسىدىن ئايرىلمىغان، دۇنيا پۇتبول مۇنبىرىنى لەرزىگە كەلتۈرىۋاتقان، ھەممەيلەن دىققىتىنى ئاغدۇرىۋاتقان بىرازىلىيە، گوللاندىيە، فرانسىيە، ئارگېنتىنا، گېرمانىيە كوماندىلىرى بۇ باسقۇچنىڭ ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ، نۆۋەتتىكى نىشانىغا يەتكەن بولدى. مەنچە، بۇ نۆۋەتتىكى 2- باسقۇچلۇق مۇسابىقىنى غالىبىيەتچىسى بار، مەغلۇبىيەتچىسى يوق، دەپ قاراشقا بولىدۇ.
     بىرازىلىيە بىلەن چىلى كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىدە، ئىككى تەرەپ قاتتىق تىركىشىپ، 90 مىنۇت جەريانىدا 1:1 بولۇپ تەڭلىشىپ قېلىپ، مۇسابىقە 30 مىنۇت ئۇزارتىلدى. 120 مىنۇتتىمۇ تەڭ ھالەت ئۆزگەرمىگەچكە، ئاخىرقى يېڭىش-يېڭىلىشنى رەھىمسىز 11 قەدەملىك «نوقتا توپ» ئارقىلىق بەلگۈلەشكە توغرا كەلدى. بىرازىلىيە كوماندىسى ئۆز ۋارتارى-سېيسارنىڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن 4:3 ئومۇمىي نەتىجە ئارقىلىق چىلى كوماندىسىنى ئۇتىۋېلىپ، سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا ئاران كىردى. قولغا ئىنتايىن تەستە كەلگەن غەلىبىدىن بىرازىلىيىنىڭ كوزىر ماھىرى- نىيمار بۇقۇلداپ يىغلىۋەتتى، چىلى كوماندىسى تارتىشىپ دىگىدەك «دۇنيا لوڭقىسى» مۇسابىقىسىدىن ئايرىلدى.
     گوللاندىيە بىلەن مىكسىكا كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىدە، باشتا بىر توپ كەتكۈزۈپ قويغان گوللاندىيە كوماندىسى مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەملىرى (88 ۋە 93 مىنۇتلار) دە كىرگۈزگەن ئىككى توپ ئارقىلىق 2:1 نەتىجە بىلەن تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ مىكسىكا كوماندىسىنى شاللىۋەتتى. ناۋادا، روبىن ساختا يىقىلىپ، مۇسابىقە توشاي دىگەندە رېپىر تەرىپىدىن بۇيرۇپ بېرىلگەن نوقتا توپ بېرىلمەي، ئەڭ ئاخىرقى تەقدىر- قىسمەتنى «نوقتا توپ» تىپىش ئارقىلىق بەلگۈلەشكە توغرا كەلگەن بولسا، گوللاندىيە كوماندىسى بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئۆزلىكسىز كارامەت كۆرسىتىۋاتقان، ئىپادىسى دەرىجىدىن تاشقىرى قالتىس بولىۋاتقان مىكسىكا ۋارتارى- ئوۋچوئانىڭ قولىغا قالاتتى-دە، بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھازىرقىدەك نەتىجىلىنىشى ناتايىن بولۇپ قالاتتى.
    كۇلۇمبىيە بىلەن ئۇرۇگۋاي كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىدە، داڭلىق ماھىرى-سوئارېزدىن ئايرىلىپ قالغان ئۇرۇگۋاي كوماندىسى ئېچىنىشلىق ھالدا ئۇتتىرىۋېتىپ، شاللىنىپ كەتتى. سوئارېز ياۋايىلارچە قىلىقى(3-ئايلانمىدا ئىتالىيە ماھىرىنىڭ مۈرىسىنى چىشلىگەن) ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلىدى- خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئۇنىڭ توققۇز مەيدان مۇسابىقىگە ۋە تۆت ئايغىچە ھەرقانداق بىر پۇتبول پائالىيىتىگە قاتنىشىشىنى چەكلىۋەتتى، بىچارە ئۇرۇگۋاي كوماندىسى سوئارېزنىڭ كاساپىتىگە كەتتى. كولۇمبىيە كوماندىسى 2:0 نەتىجە بىلەن غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىدا تۇنجى قېتىم سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى. كولۇمبىيە كوماندىسى 3-باسقۇچ (4/1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ) تا ساھىپخان كوماندا بىرازىلىيە بىلەن تۇتىشىدۇ.
     بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ئەڭ مەشھۇر «قارا تۇلپارى» كوستارىكىنىڭ قەدىمىنى ھازىرغىچە ھېچقانداق كۈچ توسالمىدى. 3-ئايلانمىدا، كۈچلۈك ئېنگىلاند كوماندىسى بىلەن 0:0 تەڭلىشىپ، قورقۇنۇچلۇق «ھالاكەت گۇرۇپپىسى»دىن 1- بولۇپ ئۈزۈپ چىقىپ، 16 كۈچلۈك قاتارىغا ئوڭۇشلۇق كىرگەن كوستارىكا كوماندىسى 2- باسقۇچتا پۈتۈنلەي تەلىيى كېلىپ بۇ باسقۇچقا كىرىۋالغان گىرىتسىيە كوماندىسى بىلەن ئۇچراشتى. قەھرىمان كوستارىكا كوماندىسىنى جاپالىق گۇرۇپپىۋى مۇسابىقە ئوبدانلا چارچاتقان ئوخشايدۇ- ئالدى بىلەن بىر توپ ئۇرىۋالغان ياخشى ۋەزىيەت ئاستىدا، ئەڭ ئاخىرقى ھالقىلىق ۋاقىتتا سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ، گىرىتسىيە كوماندىسىنىڭ توپ ئۇرۇپ، نەتىجىنى تەڭلەشتۈرىۋېلىشىغا پۇرسەت بېرىپ قويدى ۋە شۇندىن كېيىن تەشەببۇسكارلىقنى قولدىن بېرىپ قويۇپ، رەقىبى تەرىپىدىن بېسىۋېلىندى ( 2004-يىلدىكى «يۇنان ئەپسانىسى» قايتىلانغىلى تاس قالدى- شۇ يىلىدىكى «ياۋرۇپا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىدا  گىرىتسىيە كوماندىسى ھەممىنى ھەيران قالدۇرۇپ، ياۋرۇپا چىمپىيونى بولغان ). ئەمما، كوستارىكا كوماندىسى يەنىلا بەرداشلىق بېرىپ، بىر ئادىمى كام شارائىتتىمۇ ئۇزارتىلغان ۋاقىت توشقىچىلىك تەڭ ھالەتنى ساقلاپ، نوقتا توپ جېڭىدە 6:4 ئومۇمىي نەتىجە بىلەن گىرىتسىيە كوماندىسىنى شاللىۋېتىپ،  تارىخىدا تۇنجى قېتىم سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى. ئۇنىڭ ئەمدىكى رەقىبى يەنە بىر قۇدرەتلىك كوماندا گوللاندىيىدۇر.
     فرانسىيە بىلەن نىگىرىيەنىڭ مۇسابىقىسىدا، فرانسىيە كوماندىسى نىگىرىيە كوماندىسىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. نىگىرىيە كوماندىسى ئالدى بىلەن فرانسىيە كوماندىسىنىڭ قاپقىسىغا توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، رېپىر تەرىپىدىن «ئىناۋەتسىز» دەپ ھۆكۈم قىلىنىۋەتتى. فرانسىيە كوماندىسى 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى 10 مىنۇتىدا ئارقا-ئارقىدىن ئىككى توپ ئۇرىۋېلىپ، 2:0 نەتىجە بىلەن « ئافرىقا بۈركۈتى» نىگىرىيىنى شاللىۋېتىپ، سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى.
    ئارگېنتىنا بىلەن شىۋىتسارىيە، گىرمانىيە بىلەن ئالجىرىيە، بىلگىيە بىلەن ئامىرىكا كوماندىلىرىنىڭ مۇسابىقىلىرى تاكى ئۇزارتىلغان ۋاقىت ( 120 مىنۇت ) توشقىچىلىك داۋام ئەتتى. گەرچە، ئەڭ ئاخىرىدا  ئارگېنتىنا 1:0 ، گىرمانىيە 2:1 ، بىلگىيە 2:1 نەتىجە بىلەن ئۆز رەقىبلىرىنى ئۇتۇپ، سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرگەن بولسىمۇ، بىراق، بۇ باسقۇچتا ئۇلارنىڭ گۇرۇپپىۋى مۇسابىقىدىكى ھەيۋەتلىك «ئەلپازى» كۆرۈنمەي قالدى. ئەكسىچە، ئۇلارغا ئۇتتىرىۋەتكەن شىۋىتسارىيە، ئالجىرىيە ۋە ئامىرىكا كوماندىلىرىنىڭ ئاخىرغىچە بەل قويىۋەتمەيدىغان، غەلىبىگە ئىنتىلىدىغان شىجائەتلىك روھى، ئەمەلىيەتچىل ئىپادىسى بارلىق كۆرۈرمەنلەرنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇردى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان نوقتا شۇكى، ئارگېنتىنا بىلەن شىۋىتسارىيە كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسى داۋاملىشىپ، 117 مىنوتىغا بارغاندا، ئارگېنتىنا توپ چولپىنى- مىسسى كەلگەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، «مارادوناچە كارامەت » كۆرسىتىپ- قاتمۇقات قورشاۋ ئىچىدە، ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا تۇرۇپمۇ، سەبدىشى دىمارىياغا چىرايلىق پاستىن بىرنى يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئازادە ھالدا شىۋىتسارىيە كوماندىسىنىڭ قاپقىسىغا توپ ئۇرۇپ،  مۇسابىقىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئاساس سېلىپ بەردى. كېيىنكى قەدەمدە ئارگېنتىنا كوماندىسى بىلەن بىلگىيە كوماندىسى، گىرمانىيە كوماندىسى بىلەن فرانسىيە كوماندىسى تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىشنى تالىشىدۇ.
     3- باسقۇچلۇق (4/1 ھەل قىلغۇچ ) مۇسابىقىدە، گىرمانىيە بىلەن فرانسىيە كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسى كاتتا «ياۋرۇپا ئۇرىشى» ھېساپلانغاچقا، ئەڭ «قىزىق نوقتا» بولىشى مۇمكىن. ئۇلاردىن قايسىبىرى يېڭىپ چىقسا، كولۇمبىيە كوماندىسىنى يېڭىۋېلىش ئېھتىمالى چوڭ بولغان بىرازىلىيە كوماندىسى بىلەن يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدا «دوئىل» غا چۈشىدۇ. يەنە بىر تەرەپتە، ئارگېنتىنا بىلەن گوللاندىيە كوماندىسى بىلگىيە بىلەن كوستارىكا كوماندىلىرىنىڭ غالىب قەدەملىرىنى توسۇپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدا بىربىرى بىلەن «بەل تۇتىشىشى » ئېھتىمالغا يېققىن. قېنى، مۇسابىقىنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى شۇنداق بولامدۇ-يوق؟ ھەممىمىز بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئىيۇل ( شەنبە ) سائەت 0:00 دە باشلىنىدىغان 3- باسقۇچلۇق (4/1 ھەل قىلغۇچ ) مۇسابىقىگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرايلى!               
uyghuray

5

تېما

4

دوست

3320

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16924
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 16
تۆھپە : 1030
توردىكى ۋاقتى: 179
سائەت
ئاخىرقى: 2015-8-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 15:37:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قېتىم بىرازىلىيەنىڭ چىمپىيون بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن...

0

تېما

0

دوست

25

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   8.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1373
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 8
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 18:33:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

2

تېما

8

دوست

1145

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   14.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29736
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 338
توردىكى ۋاقتى: 167
سائەت
ئاخىرقى: 2015-8-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 18:46:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بىرازىلىيەنىڭ چىمپىيۇن بۇلۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. شۇڭا بىرازىلىيەنىڭ مۇسابىقىسىنى قالدۇرماي كۈرىۋاتىمەن. 8كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسى كىشىنى بەكلار ئۈمۈدسىزلەندۈرىدۇ. كۈندە ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى كۈرۈپ بۇقېتىم كولومبىيەنى چۇقۇم يېڭىۋىلىشىنى تىلەپ تۇرىۋاتىمەن.
uyghuray

0

تېما

0

دوست

628

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   25.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26785
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 198
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 19:28:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئارگېنتىنانىڭ   چىمپىيۇن بۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

0

تېما

1

دوست

620

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29864
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 188
توردىكى ۋاقتى: 37
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 19:54:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئوقيا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-3 19:55  

بىرازىلىيە بىلەن كولومبىيەنىڭ مۇسابىقىسىدە: بىرازىلىيەنىڭ غەلبە قىلىش ئېھتىماللىقى %71.
فرانسىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ مۇسابىقىسىدە: فرانسىيەنىڭ غەلبە قىلىش ئېھتىماللىقى %69.
گوللاندىيە بىلەن كوستارىكانىڭ مۇسابىقىسىدە: گوللاندىيەنىڭ غەلىبە قىلىش ئېھتىماللىقى: %68.
ئارگېنتىنا بىلەن بېلگىيەنىڭ مۇسابىقىسىدە، ئارگېنتىنانىڭ غەلبە قىلىش ئېھتىماللىقى %81.مەنبە:http://www.okyan.com/html/news/sports/2014/0703/5884.html

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

13

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   38.36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1956
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 6155
توردىكى ۋاقتى: 1637
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 20:25:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى بۇ سەككىز كۈچلۈك كۇماندا ئىچىدىن ،تۆت كۈچلۈك كۇماندىنى تاللاش تازا قىززىيىدىغان بولدى-دە!

2

تېما

15

دوست

5834

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   16.68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25041
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1788
توردىكى ۋاقتى: 413
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 21:15:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بىرازىلىيەنىڭ چىمپىيۇن بۇلۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. شۇڭا بىرازىلىيەنىڭ مۇسابىقىسىنى قالدۇرماي كۈرىۋاتىمەن. 8كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسى كىشىنى بەكلار ئۈمۈدسىزلەندۈرىدۇ
ئوخشاش قاراشتىمەن...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )