قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1273|ئىنكاس: 4

ئەڭ نادىر ئۇيغۇر شىئېرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

47

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   15.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2785
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 42
تۆھپە : 22
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2011-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-5 13:30:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەتەنسىزنىڭ ۋەتىنى

ئوسمان زاھىر

ھىچكىمگە تىنمىدىم بۇ كەلگۈلۈكنى،
بىر قەبرە كولانغان بوسۇغامغىلا.
چىن مودەن، مەرداننى ساقلىدى باغداش،
ئىختىرا سۆيگۈ بۇ قۇمۇللۇق قىلغان.
ئورۇلغان 66 جان، بۇغدايدەك،
ئۆمەرنىڭ تىغىغا بەرگەن جاسارەت.
ھەرياندىن سوقىدۇ ياچى، چېرىكنى
شېھىتنىڭ قېنىدىن كەتمەس ھارارەت.
سۇغۇرۇپ ئالغاندا يۈرەك باغرىنى،
مىت قىلىپ قويمىغان كۆزىنى راجى.
سۆزلەيدۇ ئاقچۇق سېيىدا بىر ئەرۋاھ:-
« ياچىنى ساتقىنى خائىن سامانچى».
رەڭ بەردى قەبرىگە، يېشىل گۈمبەزگە،
پالۋاننىڭ ئارمىنى، يۇلغۇن گۈللىرى.
زىنداندا چۈمۈلە بىلەن گەپلەشكەن،
توختىنىڭ يولىدا قاۋان كۆپ ئىدى

ئەرنىڭ ئىپپىتى
خوجىمۇھەممەد مۇھەممەد
***********

كۈلسە لەۋلىرىدە گۈللەر ئېچىلار
يىغلىسا كۆزلىرىدىن ئۈنچە چىچىلار
ماڭسا ئايىغىدىن تىللا تۈكۈلەر
نەدىسەن مىنىڭ گۈزەل مەلىكەم ؟
***********
خوتەن دەشتىدە مەن پىيادە
ھاسام ئۇپرىدى قۇياش كۆزىدە .
ئولتۇرۇپ ئەڭ ئىگىز بىنانىڭ پەلەمپىيىدە
تاكسىدىن چۈشۈۋاتقان ، ئىشتان كىيمىگەن
قىزلار ئىچىدە
سىنى بارمىكىن دەپ قاراپ قالىمەن .
***********
قاتتىق ھاقارەتتىن يۈزلىرىم چىم – چىم
ئانا گۆشى ساتماقتا بىر كىم
سەن تېخى قاندىن قورقىدىغانلىقىڭنى بىلمەيتتىڭ
دەرەخ شىخىدىكى ۋىجرانكار كاككۇك
مىنىڭ ساڭا چاڭقاشلىرىمنى چۈشىنەر بەلكىم .
***********
سەن بىلمەيسەن بۇ يەردە
ئۇر توخماق ئەسەبىيلىشىپ ئۆز ئىگىسىنى ئۆلتۈرۈپ قويدى .
ئېچىل داستىخان ئېچىلىۋېرىپ قۇرۇتىۋەتتى ئېتىزدىكى ئاخىرقى داننى .
ساڭقاڭ ئىشىكىم ئوغرىلاندى ، تەڭەىلەرنىڭ شاراقلىشىدىن
كىلەر ئۇنىڭ تاياق ئازابىدا ھاڭرىغان ئۈنى .
چۈشۈپ ئاسماندىن ياغاچ ئاتقا مىنگەن شاھزادە
سېتىۋەتتى ئاچلىقتىن ئېتىنى ئۇتۇن بازىرىدا.
پادىچى تازنىڭ مەلىكىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب ئىزلەپ
تۇرغىنىنى كۆردۈم كىتاپخانىدا
پەرھاد ئون يىل تەشتى بىتون ئەمەس شىرىن تېغىنى
غېرىپ پالاندى چۆلگە ئەمەس سەنەمنىڭ مۈشكۈل مۇھەببىتىگە
تاھىر ئاقتى دەريادا ئەمەس زۆھرەنىڭ كۆز ياشلىرىدا
چۈشەنمەيدۇ بۇنى مەڭگۈ ئاشىقتىن ئۆزگە .
سەن نەدە قەدىمدىنمۇ يىراق بىر يەردە
دەرەخ كاۋىكىدا مىنى ساقلاپ تۇرامسەن ؟
ئاسمان ، دىڭىز ، تاغ
تۇغۇلامدۇ ئۈچ ئوغلۇم قايتا ؟…..
ئۇلارنى سەن تۇغۇپ بىرەمسەن ؟….
مەن ئۇرۇق ، ئاچ
مەن ساڭا خۇمار
ئەرلەر ئىپپىتىنى يوقاتقىلى بولدى يۈز يىللار .
رادىئو جىنسىي كىسەل توغرۇلۇق بەرمەكتە ئىلان
ئەرلەرنى چۈچۈتكىنى ئىلان ئەمەس
قەرز سۈيلەۋاتقان تەلۋە ئايللار .
***********
ۋەتەن
ئەرنىڭ ئىپپىتى
***********
ۋەتەن
ئەرنىڭ ياتلاشقان ئىتىقاتىدا
سۇسلاشقان ئىمانىدا
داتلاشقان پىچىقىدا
چاڭقاپ ياتقان بىر سىقىم تۇپراق
قانغا ، ۋىجدانغا
***********
قورقۇپ كەتتىم
ئۈمىدسىزلىكنىڭ يۈرىكىمنى لەختە- لەختە قىلىپ ئۇھسىنىشلىرىدىن
ئايال كۆز يېشىنىڭ مۇشتۇملىرىنى تۈگۈشلىرىدىن
ئىشتان بىغىغا قول ئۇزارتقاندا
پۈتمەس قەرزلەرنىڭ ئەسەبلىرىمنى بوشىتىشلىرىدىن .
ئاھ مىنىڭ گۈزەل مەلىكەم
كۈلمەي ، يىغلىماي ، ماڭماي مىنى ساقلاپ تۇرامسەن
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدە.
***********
بۇ ئەسەبىي بىر نالە
جىمجىت ئاخشام زۇلمىتىدە كىيىندىم
رەزىللىككە چوڭقۇر چۈكۈپ ئىزدەپ ئابى ھاياتنى
ئاتا مەڭگۈ مۇڭلۇق يىغلار ، ئاتا ئىزلەر ئىرادە
كۆردۈم بوۋاق چۈشلىرىدىن سانسىز يۇمران قاناتنى
ئەرلەر ياسار جىنازا
بۈشۈك بىلەن تەڭ تەۋرىنىپ ئۇخلىماقتا ئاياللار .
ئاھۇ قانداق جان تاپشۇرغان سەييادقا
قىنى بۆرە ئۇشۇقى
قىمارۋازنىڭ تاۋكاسىدا سەكرەپ يۈرەر بىقارار .
***********
سىم – سىم گۇگۇم تىرەك ئۇچىدىن سەكرەپ چۈشەر ئاق ئۆچكە
ئوتتىن قېچىپ ئادەملەرگە كىرەر جىنلار پاتپاراق.
يالغان سۆزنىڭ راسلىقىنى ئىسپاتلاشقا چارە كۆپ ،
ئەيلەر كۆز ياش رىئاللىقنى يىرگىنىشلىك ۋە پاتقاق .
مايمۇن كىشى ئۇسسۇل ئوينار خۇشال خۇرام قامچىغا ،
تۆگە كىلەر مەردانە ھەم قۇتۇر ئىشەكنىڭ كەينىدە .
كۆڭلەك سالار ئاي ئىچىدە ئەفسانە قىز نازلىنىپ ،
مىليۇن ئاشىق قۇرۇپ ئۆلەر نىسى لەززەت ئىچىدە .
مۇھەببەتنىڭ رەسۋالىقى شۇنچە ئايان بولسىمۇ
قەسەملەردەك قاتتىق قاندىن قاچار خىيال يولۋاستەك .
كونا ئايال يامار جۇل – جۇل يىرتىلغان شۇ كۆڭلنى
قارا قاغىنىڭ مەدھىيىسىدە قاقاقلاپ ئېچىلىۋاتقان تاز گۈلدەك .
***********
كۈندىن كۈنگە ئىگىزلىمەكتە بىنا كەبى جىنايەت
تۈزلەنمەكتە جان دۆڭلىرى زەنجىر تاپان ئاستىدا .
بىر كىشىدىن باشقا ھېچكىشى يوق
بىر كىشىگە تۇلۇپ كەتكەن چەكسىز دۇنيادا .
***********
كىلەر كىمنىڭ ئاتقا مىنگۈسى
كىلەر كىمنىڭ نەغمە ئاڭلاپ سۇيۇقلانغۇسى
ئۈلۈك ئادەم كۈتۈرمەيدۇ ئۈلۈكلەرنىڭ جىنازىسىنى
كىلەر كىمنىڭ جەينامازدا ۋارقىرىمىغۇسى .
***********
بۇ ئەسەبىي بىر نالە
بۇ كۈڭۈلدىن سۇ ئىچەلمەي چېقىلغان تاش پىيالە
تاڭ ئاتىدۇ غەرپ قىزارسا
كۆز تىكەرمەن شەرققە .
***********
ﻫﯩﭽﻜﯩﻢﺟﺎﻻﻟشاۋقۇنلارنىڭ تىلسىمىدا ئۆزۈمنى تىڭشىدىم،
ئاۋازىمنى كەستى ئاپلېسىن رەڭگى.
ئۇنتۇلماقتىمەن ئاۋات كوچا چىرىغىدەك،
كىرىۋالىمەن كەچ كۈزنىڭ تىترەك قوينىغا.
ھاۋا سوغۇق، ئاۋازلارغا ئايلانغان كۈنۈم،
توڭلاپ كەتتىم سايىلەرنىڭ يامراشلىرىدىن.
كالا گۆشى سۇيۇقئېشى تۇرار ھورلىنىپ
قۇچاقلىدى بىر قۇيۇن ئەخلەت دۆۋىسىنى.
شاكىلات ھەم شىرشىم كەمپۈت قەغەزلىرى
نۇر بەھرىدە ئۈزەر ئىدى بېلىقانلاردەك.
مېڭىپ يۈردۈم مىغ- مىغ ئادەم ئارىسىدا،
ئەركىنلىكىم، سۆيگىنىم پەلەك سىرتىدا.
قەلبىمدىكى كۈي قۇشلىرى
تاشتىن يىراق، ئورماندىكى سۆگەت شېخىدا
قەسەملەرگە ئوخشىغان ۋارقىراشلىرىم
پىتنىلەرگە ئەگىشىپ كەتتى ۋاقىتقا.
كىم ئۇ بۇلبۇللارنى مىتالدىن ياساپ
ئېسىپ قويغان بوتكىلارنىڭ ئەينەكلىرىگە؟
كىم ئۇ پەرىشتىنىڭ ھەيكەللىرىنى
ئۇزۇن بامبۇك تايىقىدا كۆرسىتىپ تۇرۇپ
بىر توپ ئالساڭ ئالتە كوي دېگەن؟
يەر ئاستى ئۆتۈشمىنىڭ پەشتىقىدا
كىم ئۇ كۆزلىرىنى يۇمغىنىچە
ئالدىراش ئادەملەرگە غىجەك چالغان
ئاقارماقتا پۇل بىلەن ۋەھشىي داغلار
كىتابنى دۇربۇن قىلىپ بىر سەنئەتكار
ساناپ باقتى بانكىنىڭ پەلەمپىيىنى
ئاياللار كۆنمەيدۇ گۈزەللىكىنى
شائىرلارنىڭ پۈكۈلۈپ كۈيلەشلىرىگە
ئۇلار ئۇسسۇل ئوينار ھۆپىگەرلەرنىڭ
پۇلنى كاناي قىلىپ پۈۋلەشلىرىگە
ئەمما، شائىرلار بەك سۆيگۈگە مۇھتاج
سۆيۈۋەرسە بولماس شېئىرنىلا
شېئىر ئەمەس ئۇ تەكرارلانغىنى
قەدىرلەيدۇ ھەتتا ئۆزىنى ئەمەس
باشقىلارنى بىكەتتە كۈتۈشلىرىنى
پۇلدارلار سورۇنغا بولىدۇ زىننەت
سەنئەت ئۇ دەردلەردىن تۇغۇلغان ھىممەت
ئەمما، دەردمەنلەرنىڭ تويى بىناۋا
بولغاچقا ناخشىچى، سازەندە قىممەت
ئەزەلدىن سەنئەتكاتلارنىڭ سۈپسۈزۈك يېشى
بولۇپ كەلدى زەردارنىڭ ئەيشىگە رىغبەت.
قىزىم
مەن تېخى يازالمىغان يۇمران بىر مىسرا
بىركۈنى ئۇ ئۆزىنى يازدى تۇساتتىن
مىنىبوس ئىككىمىزنى تاشلىۋەتتى
مۇزلىغان ئاغىزىغا قېرى كېچىنىڭ
ئاستا چۈشۈۋاتقان قار ئۇچقۇنلىرى
ياپقان ئىدى يۈزىنى خىرە كوچىنىڭ
چىراقنىڭ ئاستىغا كەلگەندە، قىزىم
ــ دادا، قار بەك چىرايلىق، ــ دېدى.
ــ ھە، قار بەك چىرايلىق،
ــ ئۇنى دەسسىمىسەڭ بوپتىكەن دادا؟
دەسسىمىسەڭ قانداق ماڭىمىز؟
گەپ قىلالماي قالدىم بىر ھازا
زەي بىر كىچىنى
ئۆتكۈزدۈم مەن تاماكا شۇراپ
ئوقۇيمەن شېئىر
ئۇخلاپ ياتقان قىزىمغا قاراپ
ئۇنىڭ قولىدىكى لاتا قونچىقى
تىكىلەر گويا بىر نەرسە سوراپ.
دېرىزەم ئالدىغا كەلگەندە كۈن
ئېرىنىپ تۇرىمەن ئاستا ئورنۇمدىن
ئىتتىكلا تارتىمەن تىنىمگە نىقاپ.
بۇ بىر شەھەر
خەرىتىدىن تەمرەتكىدەك كۆرۈنەر ماڭا
دەرەخلەرنى قومۇرۇپ تاشلاپ
سېمۇنىت بىلەن ياسايمىز ھەيكەلنى
نېمە ئۇ
چۈشەنمەيمىز قۇشلار تىلىنى
دوختۇرخانا ياتاقلاردا
ئىڭىرىغان ئاۋازلار سارغىيىپ كەتكەن
‹‹+›› بەلگىسىنىڭ كۆلەڭگىسىدە
چىقىم بولۇپ تۇرماقتا پانىي ھاياتتىن
تېلېۋۇزۇردا قىلىشتى داۋراڭ
گىرىم دۇكىننىڭ خوجايىننى
ھېلىمۇ مەزمۇت غەربىي چوڭ كۆۋرۈك
سۇلار ئاقماس ئاستىدا ئەمدى
ئۈستىدىن ئۆتەر
تاش بىلەن گىرىم پۇراپ تۇرغانلار
ئاستىدىن تاۋۇتلار ئۆتىدۇ پات ــ پات
قۇتۇلۇشقا دو تىكىلگەن ھايات
چۆچۆپ تۇرساممۇ
ھەشەمەتلىك ماشىنلاردىن
ئاسان ئەمەس ھەممىدىن كەچمەك
ئىللىق بىر تەسەللىي تاپالمىساممۇ
يۈرىمەن ئۆزۈمنى ئۆزۈمگە سۆزلەپ
مانا بۇ
گۈللەر ئۆرتەنگەن ئاخشام
كىشلەر ۋىتامىنغا بولدى ئىنتىزار
كۈندۈزدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ بىرى
مەيخانىغا كىرىپمۇ ئالالمىدى تىن
قىلىنلاپ بارماقتا دىلدىكى غۇپار
رەنجىمە شېئىر
قىلىۋەتمە شائىرىڭنى ئۇنچىلىك نازۇك
كىشلەرگە نان كېرەكتۇر ھازىر
كۈندۈزدە جاھان كۈرۈنسە گۈزەل
ئاخشىمى ھەسرىتىمنى پىچىرلاپ ئۈنسىز
زامان كۈن ھەققىدە ئوقۇيدۇ داستان
ئاخىر تەمتىرەپ قالغاندا نۇرسىز

تەكلىماكان، خوراز، ئۈرۈمچى
‹باللادا›
ھەبىبۇللا توختى
*********************

چەكسىزلىك چەكسىز
چېچىلغان ماكان،
ئاڭا تۇتاشقان -
ئاخىرقى زامان.
ئەجەبمۇ سىرلىق بۇ تەكلىماكان.
بۇ تەكلىماكان -
ئۇيقۇغا چۆمگەن
ئۇيقۇسىز شەھەر.
جۇشقۇن جەسەتتەك
تۇيغۇسىز شەھەر؛
ياتار پەرۋاسىز،
تالايدۇ بوران،
ھۇۋلار شىۋىرغان …
★★★
بۇ تەكلىماكان -
كۆز ياشقا يېقىن،
دېڭىزدىن يىراق؛
مەرمەر دېڭىزى،
ئاتلانتىك ئوكيان،
بەكمۇ يىراقتا.
نەمخۇش ساھىللار،
دالا تامىقى،
بىر مۆتىۋەرنىڭ ئېسىل قارمىقى،
غەمسىز ئوقۇلغان ئەركىن ناخشىلار،
يوقتۇر بۇ يەردە.
چۈنكى بۇ قۇملۇق ماڭالماس قېيىق،
سۇسىز چۆل دېمەك يوق ئالتۇن بېلىق.
توغراقزارلىقتا بولۇشى مۇمكىن -
پادىشا تۈلكە، مەدىكار ئېيىق،
بوۋام ئېيتقاندەك.
★★★
بارخان باغرىدا ئۇيقۇچان مەھەللە.
پەرىشتە كەلسە چىللايدۇ خوراز.
جاڭگالغا ماڭار
پادىچى بالا، بىر توپ مۆڭ كالا.
ناخشا توۋلىغاچ -
غەمكىن ئوتۇنچى ماڭار ئوتۇنغا:
« ئاھ خۇدا بەندەم دېسەڭ،
تۇزچى، ئوتۇنچى قىلمىغىن.
ئالتە ئېشەكنى ھەيدىتىپ،
چۆللەردە ۋەيران قىلمىغىن »
پۇتلىرى ھارماس ئۇلاق،
بىلىكى ياستۇق ئاڭا.
دۆۋە قۇم دەل پەر تۆشەك،
چىقسا ئاي – نۇرلۇق چىراق …
خوراز چىللايدۇ …
★★★
قۇرۇپ قالغان ئاپئاق ئىسكىلىت،
بەكمۇ مەغرۇر ياتار ھىجىيىپ،
ئاۋۇل تىكىپ ساتۇق بۇغراخان -
گۈلخان سېلىپ ئۆتكەن دالىدا.
ئوتۇنچىنىڭ جەسىتى چوقۇم،
بەش بالىسى كۇلۇڭ ئالدىدا.
تېپىلمايدۇ ئەمدى بەرىبىر،
كەر بالانى نۇرغا تولدۇرغان -
ھۈسەينەمدەك مەڭگۈلۈك جەسەت.
بۇ قانداق جەسەت؟
ئۇ قانداق جەسەت؟
بولدى قويغىنا،
جەسەتكىمۇ قىلمايلى ھەسەت.
★★★
ماڭا ئەگەشمە كۆڭۈلسىز پاراڭ،
سورىساڭ مەن بىر سۆيۈملۈك ساراڭ.
ئىزدەپ يۈرىمەن ھېلىقى شەھەرنى،
خوراز چىللىغان نۇرلۇق سەھەرنى.
★★★
بوۋاينىڭ سۆزى:
سۇلايمان ئەلەيھىسسالام
قوشۇن تارتقانچە كەلسە بىر جايغا،
سېپىل ئالدىدا ئېگىز بىر مۇنار،
مۇنار ئۈستىدە بىر سەگەك خوراز -
چىللاپتۇ، شۇ ئان باشلىنىپتۇ جەڭ.

موماينىڭ سۆزى:
خورازسىز ئەل ئاداشقان پادا،
ئەتراپىدا چىلبۆرە ھۇۋلار.
ئەركەك مىجەز سەگەك خورازدىن
يالماۋۇز ھەم ئىبلىسمۇ قاچار.
ئاڭلىغىن بالام،
چىقما تالاغا نەسلىك گۇگۇمدا
توغراقلىق ئارا جىن – شاياتۇن بار.
يالماۋۇزمۇ بار -
چىنتۆمۈر ئاكاڭ چاپسا شەمشەردە،
ھەر بىر بېشى مىڭ بوپ يارالغان.
نەۋرىسى ئېيتار:
ئېيتقىنا موما
شۇنچە كەڭرى تەكلىماكاندا
بۇرۇنلاردا يوقمىكەن خوراز؟!
موماي كۆزىگە ياش يۇقار شۇ ئان:
كەچۈرگىن بالام جىنلار ئۆزگىرىپ -
خوراز ئالدىغا بوپ كەلگەن مىكىيان.
ئاتقان چېغى تاڭ
ئاچچىقلاپ بالا غىلتاڭ خورازلارغا،
تاش ئاتقاچ ئاڭا،
يالىڭاياقلا ماڭار مەكتەپكە،
موماي قالىدۇ كۇلۇڭ ئالدىدا.
★★★
لايپاس ئاققان لاي سۇلۇق ئۆستەڭ،
مىسىردىكى نىلغا ئوخشىماس.
نىل قۇيۇلار ئەرەبلەرنىڭ قەلبىگە.
بىراق ئۇ جايدا
دىللار چاڭقاق، نىلمۇ توختىماس.
پۇراپ تۇرغان قۇمچاقلىق كۆلچەك
ئوخشىماس ھەرگىز -
ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئۇلۇغ مۇساغا،
( سالام ئۇ زاتقا )
خوراز چىللىغان نۇرلۇق سەھەردە،
ماماتقا باي قايناق سەپەردە،
ئۆز قوينىدىن يول بەرگەن دېڭىز -
قىزىل دېڭىزغا.
قىزىل دېڭىز مويسىپىت دېڭىز،
دولقۇنلىرى تەلۋە قىسمەتتەك،
سۈيى ئاچچىق چىن ھەقىقەتتەك.
قوينى داغدام يول كەلگەندە مۇسا،
پىرئەۋىن شۇ سۇدا جېنىدىن جۇدا.
تەلۋە پىرئەۋىن
ئۆزى پەپىلەپ چوڭ قىلغان بالا
ئۇنى ئۆلۈمگە باشلىغان مۇسا.
ئۇنى ئۆلۈمگە باشلىغان مۇسا -
ئۆزى پەپىلەپ چوڭ قىلغان بالا.
ئەجەبمۇ ئاچچىق ھەقىقەت دېگەن.
بىراق بۇ جايدا،
لاي سۇلۇق ئۆستەڭ -
كۈتەر شاۋقۇنسىز،
خوراز چىللىسا ئېتىزغا ماڭغان -
ئورۇق ئۆكۈزنى، غەمكىن قوشچىنى،
چاڭقاق پادىنى،
دەرستىن قالغان گۆدەك بالىنى.
توغراق چىراي، قويدەك مۆڭ بالا،
قۇلاق سال ماڭا!
سەندەك چاغدا – گۆدەكلىكىدە
بەكمۇ جەسۇر، شوخ ئىدى مۇسا …
جاۋاب :
پاك ساددىلىق بۇلغىغان جاي بۇ،
مەلئۇن پىرئەۋىن چۈنكى بۇ جايدا -
باقماپتىكەن مۇسا كەبىي شوخ،
جەسۇر، زىرەك بىرەر مەرد بالا.
★★★
خوراز چىللىسا چىقىدۇ قۇياش،
قانغا بوياپ چەكسىز بارخاننى.
مەكتەپنىڭ يولى يېتىمسىرايدۇ،
« قېرى ئەپەندى » ھالسىراپ كېلىپ -
ئۆينى سورايدۇ.
قوناقلىق بىلەن قاچىدۇ بالا،
كۈتەر ئېتىزدا ئاتا، قوش، كالا.
خوراز چىللايدۇ،
ئۆتىدۇ يىللار
ئاۋاتلاشقانچە ھاشارنىڭ يولى.
★★★
گۈزەل ئۈرۈمچى خورازسىز شەھەر،
مۇزدەك باغرىڭغا
ھېسسىياتسىز چۇقانلار بىلەن -
غالجىرلارچە كىرەر باستۇرۇپ
تۈتەك باسقان خورازسىز سەھەر.
ئوخشايمىز شۇ چاغ
ئۆزىمىزگە، بىر – بىرىمىزگە؛
ئارقا كوچاڭ قەلبىمىزدۇر دەل،
چىرايىمىز پار – پۇر بىنايىڭ،
نېرۋىمىزدۇر نەغمە – نەۋايىڭ.
جاھالەتنىڭ شېرىن كەيپىدە -
ناخشا توۋلاپ تۇرۇپ چىقارغان
تىنىقىمىز تۈتەك ھاۋايىڭ …
روھىمىزغا ئوخشايدۇ ئەجەب،
بايلار كىرمەس، مۇساپىر تولا
بەكمۇ رەڭدار غېرىب مەسچىتىڭ …
★★★
سورىساڭ گەر مېنى، مەن پەقەت -
قوينۇڭدىكى بىر گۆدەك بالا.
قاراپ باق ماڭا:
ئارمان قاچىلاپ خورجۇنلىرىمغا،
كۆزۈمدەك خۇنۈك جەنۇبتىن كەلدىم.
ئەشۇ جەنۇبتىن ئۇزاتتى دادام
سىيلاپ بېشىمنى -
تارىخىمىزدەك قاداق قولىدا.
ئۇزاتتى ئانام،
سۇ ۋە دۇئا، سۈتتە يۇغۇرۇپ،
مېھرىدەكلا ئاتەش تونۇردا -
تاۋلاپ توقاچنى.
مۇز رەڭ شەنبە، مۇز رەڭ ياتاقتا
بۇ قۇياشسىز جۇل ئۈرۈمچىدە -
ساندۇق ئۇپۇقۇم، شۇ توقاچ – قۇياش.
★★★
قالدى قەشقەردە
مەغرۇر ھېيتگاھ،
لاي ئاققان تۈمەن،
تەمكىن « ئوردا ئالدى »
ياسانچۇق سەمەن.
ھېيتگاھ ئالدىدا قالدى تىزىلىپ
مىسكىن مەدىكار، ئۆكتەم تىلەمچى،
نوچى تۇماقچى،
چىبەرقۇت يۈزلۈك كۇلالچى بوۋاي،
ئوغلى ھوقۇقدار قېرىماس موماي.
★★★
خىلۋەت يېزامدا
ئوماق پاقلىنىم ئوينايتتى تاقلاپ،
كەپسىز ئوغلاقلار قېچىپ نايناقلاپ،
قەلبىمدەك سۈزۈك ئېقىن بويىدا.
مىسكىن كەپەمدە بوۋامدىن قالغان -
قېرى خورىزىم چىللايتتى تاڭدا.
★★★
يەر شارىنىڭ قۇرغاق لېۋىگە
قىستۇرۇلغان شېرىن موخۇركا -
بەدبۇي سانائەت،
ئاتىلىقنى ئايرىپ ئاتىدىن،
ئاتىسىزنى يوق قىلدى تامام.
دۈمچەك بولۇپ يۆتەلگەچ شەھەر،
ئىپلاس راكتىن بەرگەندەك خەۋەر،
ئۈرۈمچىدىن كەتتى يىراقلاپ،
خوراز لەرزان چىللىغان سەھەر.
★★★
گۈللۈك قەپەس كۆندۈرگەن يولۋاس،
ئۇخلاپ ياتار بىر كۈن كەچكىچە.
مىجەزىنى يوقاتمىغان شىر -
خىرىلدايدۇ ئادەم كەتكۈچە.
گۆش چوقۇلاپ ئاۋارە بۈركۈت،
بۆرە سۆڭەك غاجار يانپاشلاپ.
تىپىرلايدۇ مىسكىن توشقانلار،
قەپەسلەرنى يۇمشاق تاتىلاپ.
ھەشەمەتلىك قان رەڭ قەپەستە،
مەرۋايىت دان چېچىلغان پەستە؛
توك چۆجىسى – ئاتىسىز خورازلار
چىللىيالماي تۇرار شۈمشىيىپ،
توڭ قاغىدەك قىلىشىپ غاق – غاق.
چىللاپ كەتتى باشقىلار قانداق؟!
ھەم ئاتا ھەم ئانىسىز جانىۋار -
چىللىيالماي، دان يەپ، غاقىلداپ -
ناجىنىسقا ئايلىنار شۇنداق.
★★★
نۇرلۇق ئېرانىڭ بوسۇغىسىدا،
بىر – بىرىگە قاراپ شۈمشىيىپ،
قېتىپ قېلىشقان
شەھەرسىز خوراز، خورازسىز شەھەر.
تەلۋە، مىسكىن بۇ گۈزەل شەھەر،
تەبىئەتتىن يىراق بىر جايدا،
بىر بوۋاينىڭ تەمكىن چۈشىدە:
تاش يۈز، تاش قول ھەم تاش يۈرەكلىك،
تاش كۆزىدە شېغىل يىغىلغان،
نادانلىقنىڭ قاتلاملىرىدا -
ئۇخلاپ يېتىپ تاشقا ئايلانغان
تاش بەدەنلىك، تاش ھېسسىياتلىق -
دېمەككى – تاش ئادەملەر تولغان -
تاش شەھەرگە كەتتى ئايلىنىپ.
★★★★★★
1999 – يىل ئاپرىل – ماي. ئۈرۈمچى

ﺗﻮﻳﻼﺭ ﺳﯩﺮﻯ
ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ

شۇ كۈنى،
سۈرگۈنگاھ زىياپىتىدە،
دېڭىزلار تاۋۇسى بولغان ئىدى مەي،
كەچكى شەپەقتە دائىم يېىتپ كېلىدىغان قار.
مەرمەر تاشتا نۇر سۇنغاننى كۆرەر يېقىملىق،
قۇچار يىراق قاغىلارنى تويلار سىرىدا.
قار. . .
ئەي، سەن سۈزۈك ئۆزگىرىشنىڭ ئەتىرى!
بۇ يەردىكى قايسى ئاتەش ئۇ،
ئاڭا ساماۋى چۈشكۈنلۈكنىڭ جىنى چاپلاشقان،
ئۆرلىمەكتە ئۇ
ناغرىلار ئۇسسۇزلىدا،
ھەم كاھىنچە ئىشتىياقنىڭ تېخىمۇ يۈكسەك،
مۇساپىسىدا ئۆرتەنگەن ناخشىمىزغا
ئاپەتلەر زامان دەرىخىدە ئاچچىق مىۋىلەر،
شۇنداقلا بىز نېمىدىگەن گۈزەل ـ ھە،
زىمىن ئۈستىدە مەڭگۈلۈكنى چۈشىمەكتىمىز،
دولقۇن بىزنى سۇلالە بايراملىرىدىن
كېتەر ئوغىرلاپ،
چاچار شامال ئېتىزلارغا يۇلتۇزلىرىنى،
ئەي، سەن مەڭگۈلۈك،
بۇ پۈتكۈل پارلىنىشقا بولغىن خاتىرجەم،
پەيغەمبەر ئازابىدىن بىر پاكلىق ئۆزۈڭ،
پەقەتلا بىز، بىز ئۆلۈم سۇلالىسى،
مۇمكىنسىز تۇز تېخىمۇ تەجەللى قىلغان.
كۆتۈرىمىز ھەمدە زېمىننى،
زىل ئاۋازى قىلىپ تۇنجى ئۇچۇكتەك،
ئەي، تەڭرىلەر!
ئارىمىزدا
كىم بار بۆرە كۈيلىرىمىزدىن ھوزۇر سۈرمىگەن؟!
ھېچ ئامال يوق قولىمىزدا داۋاملىق ئەمما،
سىر مىۋىسى ۋە تۇپراق ئارا،
كۆتەرسەكمۇ ئاسما كۆۋرۈك قىلىپ ئۈمىدنى. . .
گۇناھ سېنىڭ گۇناھىڭ ئەمەس،
ئەي، يامنلىق پەرىشتىسى!
تۇلپارلارنىڭ قاينىمىدىن يۇلۇپ باياننى،
سىھىرلىدىڭ بۇلبۇل قىلىپ ئاڭ باغرىدا.
ئەي، تۇز كۆزلۈك يۇلتۇزلار!
بىزگە دۇئا قىلىڭلار تاڭ ئاتقۇچە.
ئەي، قۇشلار،
سۇسىمان بايرىمىڭلار قۇشلار!
ئۆچۈرۈڭلار سايىمىزدىن ھاماقەت قاننى . . .
تەزىيە چېچەكلىرى ئېرۇر يوقلۇق ۋەھىمىلىرى.
شاھادەت قىل ئۇلارغا ھەي، روھ پاكلىقى . . .
يقىملىقتا ئۇلار سىرتتا، تۈندە جان ئۈزۈپ،
ھەسرەت ۋاقتى يوق ئۇلارنىڭ كۆرۈشكە،
سۇ تۇتۇق ھەم ئىككى كۆزى ئويۇق، زاماننىڭ
ھېس قىلغاندۇر ئۇلار پانىيىنى
ئەلمىساقتىن ساتارىدىن ئاققان كۈي كەبى،
بىزگە، بىزدەك تىرىكلەرگە مىراس قالدۇرۇپ،
ئەتىدىنمۇ، قاندىنمۇ پاك شۇ چۈشنى،
ئاتا قىلغىن بىزگە سەن، ئەي قار.
ئەي، سەن نۇرلۇق ئالتۇن تەنلىك دېڭىز قۇشى ! . . .
ئاتا قىلغىن بىزگە، ئاتا قىل
ئۈلۈكلەر تىمتاسلىقىدەك
بۇ تىمتاس ئاتەشلەرنىڭ ئۈستىدە
ئۆرلەۋاتقان دولقۇن نېمىتى!
ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﻢ- ﺯﻩﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ
ﺋﺎﺑﺪﯨﻘﺎﺩﯨﺮﺟﺎﻻﻟﯩﺪﯨﻦ
ﺋﻮﻣﯩﺪﺷﺎﻣﻰﺋﯚﭼﻜﻪﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ،
ﮬﻪﺭﻗﻪﺩﻩﻣﺪﻩﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﺗﯩﭙﻼﺭ.
ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻼﺭﻧﻰﭘﯩﺮ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻳﯘﺭﮔﻪﻥ،
ﺳﯘﻧﯘﻕ ﭼﯩﺮﺍﻱ ﻧﺎﺩﺍﻥ ﺗﯩﭙﯩﻼﺭ.
ﺋﺎﺭﻣﺎﻥﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﻮﻗﺴﯘﻟﻤﻪﻥ ﺩﯨﻤﻪ،
ﺋﺎﺭﻣﺎﻥﺑﻮﻟﺴﺎ ﺩﻩﺭﻣﺎﻥ ﺗﯩﭙﯩﻼﺭ.
ﺗﯩﺮﯨﭗﺗﯘﺭﻏﯩﻦ ﺋﯩﺘﯩﺰﻟﯩﺮﯨﯖﻨﻰ،
ﺩﯨﻨﯩﯔﺑﻮﻟﺴﺎ ﺧﺎﻣﺎﻥ ﺗﯩﭙﯩﻼﺭ.
ﺧﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﺋﺎﻣﺒﺎﺭ ﺗﯩﭙﯩﻼﺭ،
ﻧﯩﻨﯩﯔﺑﻮﻟﺴﺎ ﺩﯗﻛﺎﻥ ﺗﯩﭙﯩﻼﺭ.
ﻳﻮﻗﺎﺗﻤﯩﺴﺎﯓ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩﻜﯩﯖﻨﻰ،
ﺋﻮﻳﻠﻪﻧﮕﯘﺩﻩﻙﺟﺎﻧﺎﻥ ﺗﯩﭙﯩﻼﺭ.
ﮬﯩﭽﻘﯩﺴﻰﻳﻮﻕ ﻣﯩﻨﺴﻪﯕﻤﯘ ﺋﺸﻪﻙ،
ﻣﯩﻨﯩﭗﺗﯘﺭﺳﺎﯓ ﺗﯘﻟﭙﺎﺭ ﺗﯩﭙﯩﻼﺭ.
ﺗﻮﯞﻟﯩﻐﯘﺩﻩﻙﻧﺎﺧﺸﺎﯓ ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ.
ﺑﻪﺯﻣﻪ ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ ﺩﯗﺗﺎﺭ ﺗﯩﭙﯩﻼﺭ.
ﺧﯩﻴﺎﻝﺳﯘﺭﯗﭖ ﺟﯩﻤﺴﺎﯓ ﻣﻪﻳﻠﻰ،
ﺋﻮﻳﻼﻧﻐﺎﻧﻐﺎﺯﯗﯞﺍﻥ ﺗﯩﭙﯩﻼﺭ.
ﺗﯩﻠﯩﯔﺋﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﯘﻧﻰ،
ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﯘﺩﻩﻙﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﺗﯩﭙﯩﻼﺭ.

ﯪﺗﯩﻼﺭ
ئابدۇرىيىم ئابدۇللا

ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﯪﻧﺎﻣﻼ ﺩﯨﺪﻯ ،
ﯪﺗﯩﻠﯩﺮﻯ ﻳﻮﻗﻤﯩﻜﻪﻥ ﯬﺳﺘﻪ .
ﯰﻻﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﯪﺗﯩﻼﺭ ﺋﯩﺪﻯ ،
ﻳﻮﻟﯟﺍﺳﻨﯩﻤﯘ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻫﻪﯞﻩﺳﺘﻪ .
ﯰﻻﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﯪﺗﯩﻼﺭ ﺋﯩﺪﻯ ،
ﻧﻰ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺘﻰ ﺷﻪﻳﺪﺍ .
ﺧﻪﻧﺠﻪﺭ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﺩﯨﻼﺭ ﺋﯩﺪﻯ ،
ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﻪﻟﯱﻥ ﻫﻪﺭ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﭘﻪﻳﺪﺍ .
ﻧﻪﻳﺰﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﯰﭼﯩﺪﺍ ﭼﯚﻟﭙﺎﻥ ،
ﻗﯧﻠﯩﭽﯩﺪﺍ ﺗﺎﯕﻨﯩﯔ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﻰ .
ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺋﯩﺸﻘﻰ ﯰﻭﻗﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﻟﻘﺎﻥ ،
ﯪﻳﯩﻘﯩﺪﺍ ﻗﺎﻧﻨﯩﯔ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻰ .
ﻳﯩﯖﻨﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺭﻩﻫﻤﻪﺕ ﯮﻗﯘﻟﺪﻯ ،
ﺟﻪﯕﮕﺎﻫ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯰﻧﺘﯘﻟﺪﻯ ﯮﻗﻴﺎ ،
ﻛﯜﺳﻪﻳﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ ﭘﯘﺗﯘﻟﺪﻯ،
ﻗﯧﻠﯩﭻ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺭﺍﻟﺪﻯ ﺩﯗﻧﻴﺎ .
ﺑﯩﺰ ﯪﺗﺎﻟﺪﯗﻕ ﺑﻪﺯﻣﯩﺪﻩ ﻳﯩﮕﯩﺖ ،
ﺟﺎﻥ ﯪﺗﯩﻼﺭ ﺟﻪﯕﻠﻪﺭﺩﻩ ﺷﯧﻬﯩﺖ .
ﺗﻮﻗﺎﭺ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﯪﻧﺎﻡ ﺗﯘﻧﯘﺭﺩﯨﻦ ،
ﯬﺭﻙ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﯪﺗﺎﻡ ﺟﻪﯕﻠﻪﺭﺩﻩ ،
ﻛﯚﻳﻨﻪﻙ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﯪﻧﺎﻡ ﻣﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ،
ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﯪﺗﺎﻡ ﺯﻩﭘﻪﺭﺩﻩ .
ﻣﻪﻥ ﻳﯧﻘﯩﻠﺴﺎﻡ ﯪﻧﺎﻡ ﻳﯩﻐﻠﯩﺪﻯ ،
ﯪﺗﺎﭖ ﺳﯩﻠﻜﯩﭗ ﻣﯧﻨﺪﯛﺭﺩﻯ ﯪﺗﻘﺎ .
ﺟﺎﭘﺎﻻﺭﺩﺍ ﺭﺍﺳﺎ ﺗﺎﯞﻟﯩﺪﻯ ،
ﺧﺎﺭ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺩﻩﭖ ﻳﺎﯞﻻﺭﻏﺎ ﻳﺎﺗﻘﺎ .
ﻣﯩﯔ ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﯩﯔ ﻣﯩﻬﻨﻪﺕ ﻟﻪﺭﺯﻯ ﺑﺎﺭ ،
ﻗﯘﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺩﺍﻗﺘﺎ ،
ﻫﻪﺭ ﻛﯜﻟﻜﻪﻣﻨﯩﯔ ﭘﯘﺗﻤﻪﺱ ﻗﻪﺭﺯﻯ ﺑﺎﺭ ،
ﯰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ ﺧﻪﻧﺠﻪﺭ ﺳﺎﺩﺍﻗﺘﺎ .
ﺑﯩﺰ ﯪﺗﺎﻟﺪﯗﻕ ﺑﻪﺯﻣﯩﺪﻩ ﻳﯩﮕﯩﺖ ،
ﺟﺎﻥ ﯪﺗﯩﻼﺭ ﺟﻪﯕﻠﻪﺭﺩﻩ ﺷﯧﻬﯩﺖ
ﯰﻻﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﯪﺗﯩﻼﺭ ﺋﯩﺪﻯ ،
ﻧﻰ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺘﻰ ﺷﻪﻳﺪﺍ .
ﺧﻪﻧﺠﻪﺭ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﺩﯨﻼﺭ ﺋﯩﺪﻯ ،
ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﻪﻟﯱﻥ ﻫﻪﺭ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﭘﻪﻳﺪﺍ
ﻧﻪﻳﺰﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﯰﭼﯩﺪﺍ ﭼﯚﻟﭙﺎﻥ ،
ﻗﯧﻠﯩﭽﯩﺪﺍ ﺗﺎﯕﻨﯩﯔ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﻰ .
ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺋﯩﺸﻘﻰ ﯰﻗﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﻟﻘﺎﻥ ،
ﯪﻳﯩﻘﯩﺪﺍ ﻗﺎﻧﻨﯩﯔ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻰ .
ﻳﯩﯖﻨﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺭﻩﻫﻤﻪﺕ ﯮﻗﯘﻟﺪﻯ ،
ﺟﻪﯕﮕﺎﻫ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯰﻧﺘﯘﻟﺪﻯ ﯮﻗﻴﺎ ،
ﻛﯜﺳﻪﻳﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ ﭘﯘﺗﯘﻟﺪﻯ،
ﻗﯧﻠﯩﭻ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺭﺍﻟﺪﻯ ﺩﯗﻧﻴﺎ .
ﺑﯩﺰ ﯪﺗﺎﻟﺪﯗﻕ ﺑﻪﺯﻣﯩﺪﻩ ﻳﯩﮕﯩﺖ ،
ﺟﺎﻥ ﯪﺗﯩﻼﺭ ﺟﻪﯕﻠﻪﺭﺩﻩ ﺷﯧﻬﯩﺖ .
ﺗﻮﻗﺎﭺ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﯪﻧﺎﻡ ﺗﯘﻧﯘﺭﺩﯨﻦ ،
ﯬﺭﻙ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﯪﺗﺎﻡ ﺟﻪﯕﻠﻪﺭﺩﻩ ،
ﻛﯚﻳﻨﻪﻙ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﯪﻧﺎﻡ ﻣﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ،
ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﯪﺗﺎﻡ ﺯﻩﭘﻪﺭﺩﻩ .
ﻣﻪﻥ ﻳﯧﻘﯩﻠﺴﺎﻡ ﯪﻧﺎﻡ ﻳﯩﻐﻠﯩﺪﻯ ،
ﯪﺗﺎﭖ ﺳﯩﻠﻜﯩﭗ ﻣﯧﻨﺪﯛﺭﺩﻯ ﯪﺗﻘﺎ .
ﺟﺎﭘﺎﻻﺭﺩﺍ ﺭﺍﺳﺎ ﺗﺎﯞﻟﯩﺪﻯ ،
ﺧﺎﺭ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺩﻩﭖ ﻳﺎﯞﻻﺭﻏﺎ ﻳﺎﺗﻘﺎ .
ﻣﯩﯔ ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﯩﯔ ﻣﯩﻬﻨﻪﺕ ﻟﻪﺭﺯﻯ ﺑﺎﺭ ،
ﻗﯘﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺩﺍﻗﺘﺎ ،
ﻫﻪﺭ ﻛﯜﻟﻜﻪﻣﻨﯩﯔ ﭘﯘﺗﻤﻪﺱ ﻗﻪﺭﺯﻯ ﺑﺎﺭ ،
ﯰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ ﺧﻪﻧﺠﻪﺭ ﺳﺎﺩﺍﻗﺘﺎ .
ﺑﯩﺰ ﯪﺗﺎﻟﺪﯗﻕ ﺑﻪﺯﻣﯩﺪﻩ ﻳﯩﮕﯩﺖ ،
ﺟﺎﻥ ﯪﺗﯩﻼﺭ ﺟﻪﯕﻠﻪﺭﺩﻩ ﺷﯧﻬﯩﺖ.

سۇنۇق قىلىچ
ئابدۇرىھېم ئابدۇللا

ئاستىمدا شارقىراپ دەريا ئاقىدۇ ،
ئېشىپ بارماقتىمەن بىر تىك داۋاندىن.
ئالدىمدا بىر سۇنۇق قىلىچ ياتىدۇ،
بىلمەيمەن يادىكار قايسى زاماندىن.
قىلچنىڭ يېرىمى تۇپراق ئاستىدا ،
يېرىمى ئالماستەك تۇرىدۇ پارقىراپ .
بۇ قەدىم جەڭلەرنىڭ يالدامسىنى ،
ھاياجان ئىلكىدە ئالدىم ئاۋايلاپ .
تىترىدى قوللىرىم ، تونىدى يۈرەك ،
ھىلال ئاي ئەگمىسدەك ئەگرى قىلىچنى .
زاتىمنىڭ ھىدلىرى كەلدى گۈپۈلدەپ ،
بىلمىدىم قاي ھالدا نەپەس ئېلىشنى .
قىلچنىڭ بىسىدا قۇياش جىلۋىسى ،
بالقىيدۇ ئىپتىخار ،بالقىيدۇ زەر نۇر .
جاراڭلاپ سۇنغاچقا جەڭدە ئارمانسىز ،
سۈزۈك سۇنۇقىدا كۈلىدۇ غورۇر .
تاۋلانغان بۇ قىلىچ ئېگلمەس بولۇپ ،
جەسۇرلار ۋەتىنىنىڭ ئوچاقلىردا .
قەسەم سۈيى ئىچكەن چىقىپ ئوچاقتىن ،
ئاھۇ كۆز مەدەتكار بۇلاق بويدا.
كەلتۈرگەن قىلچنى بۇ تىك داۋانغا ،
ۋەتەننىڭ سۆيگۈسى جەڭلەرگە چىللاپ .
سۇنغان چېغدىمۇ رىشتى ئۈزۈلمەي ،
تەۋەرۈك تۇپراقنى ئاپتۇ قۇچاقلاپ .
ئويلىدىم شۇنداقمۇ قىلچلار بار ئىكەن ،
بىر قېتىم قېنىدىن چىقالمايدىغان.
باسسا ياۋ ۋەتەنگە پاسكىنا ئاياغ ،
قىساس قەھرى بىلەن چاقنىمايدىغان.
خىيالچان تىكىلدىم سۇنۇق قىلچىقا ،
ئەينەكتەك تېندىن كۆرۈندى جەڭگاھ .
بۇ قىلىچ شىر سۈپەت بىر ئەر قولىدا ،
دۈشمەنگە ۋەيلۇندىن بەرمەكتە دەرگاھ .
چىقىدۇ شىۋىرغان ئوق ئۈزسە ساداق ،
ئۈمىدنىڭ زەرىدە قالقان قالتىرار .
تەككەندە گەجلەشكەن ھەر بىر قىلىچقا ،
بۇ قىلىچ بىسىدىن چاقنار يالتىرار.
ئاھ قىسمەت ،بۈگۈن مانا سۇندى ئۇ قىلىچ ،
جەڭگاھنى لەرزىگە سالدى شۇ سادا .
تاغلاردىن تاغلارغا ئۇرۇلدى ئەكسى ،
ھەر تاغدا بىر قىلىچ سۇنغاندەك گويا.
قۇياشمۇ قارايدۇ سۇنغاندا قىلىچ ،
زەپەرنىڭ يۈزگە تارتىلدى نىقاپ.
باتۇر ئات ئۈستىدىن غۇلدى باشسىز ،
كىشنىدى دۇلدۇلى زارلىق جىلغىدا .
قېنى ئۇ باھادىر ، قاردىم كۆككە،
قېنى ئۇ قىلىچقا مۇناسىپ ئەرلەر ؟
قۇياشتىن، نۇرلاردىن ئىزلىدىم ئۇنى ،
ئۇنىڭدەك ئوغلاننى يۇتمايدۇ يەر دەپ .
خەيرىھاھ ، قىياھقا ئايلىنپتۇ ئۇ،
قىلىچنىڭ دەستىسى قاپتۇ ئىلكىدە.
تەنتەنە قىلىدۇ ئەرلىك تەسۋىرى ،
مەرمەردەك يالتىراپ تۇرغان چېھرىدە .
يىگىتنىڭ بوينىدىن تەپچىگەن قانلار ،
دەرياغا ياقۇتتەك چۈشەر تامچىلاپ .
ئۇقچىدى يۈزۈمگە دەريانىڭ سۈيى ،
بىلدىمكى ئۇ مېنى بارماقتا چىللاپ .

يوق
تۇرسۇنبەك ئىبراھىم تايماس

كۆپەيدى يىلسېرى كۆكلەپ پارىخور ھەم خىيانەتچى ،
گۇگۇت ياقسا جىنايەتچى ، لېكىن ئوت ياقسا پاششاپ يوق ،
شەھەر – بازار بىنالاشتى ، بۇلۇت بىرلە دىدارلاشتى ،
كېچە بولماس شەھەرلەردە ، لىكىن ئىللىشقا ئاپتاپ يوق .
بازار ئاۋات ، راۋان سودا ، چىقار ھەر كۈن يېڭى مودا ،
بىراق ئىسراپخانالاردىن بۆلەك ئىشلاردا چاپ – چاپ يوق .
تەرەققى قىلدى تىل شۇنچە ، سۆزلىسە ھارماس مىڭ كۈنچە ،
جىمى ئەللەرنى ئاختۇرسا بۈگۈن بىز كەبى كاپ – كاپ يوق ،
گۇناھ يىتىمگە يۈكلەكلىك ، «ھېكىم» گە شۆھرەت تىكلەكلىك ،
ئېغىزدا « مەن چاكار » دەيدۇ ، ئۇنىڭدەك كۆرەڭ كاززاپ يوق .
ئەجەب تاتلىق شېرىن سۆزلەر ، كىچە – كۈندۈز كۈلەر كۆزلەر ،
بۈگۈن تۇتىغا ئايلانغان تىرەن ئاڭلاردا ئازاب يوق.

ﺳﺎﺩﯨﺮ ﻳﯩﺘﯩﻢ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻪﺵ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﻟﻪﭖ
ئﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥﺋﻮﺳﻤﺎﻥ

ﺳﺎﺩﯨﺮﺩﻩﭖ ﺋﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎﻟﺪﻯ،
ﺩﺍﯕﺰﯨﺪﺍﺧﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎﻟﺪﻯ.
ﺧﯧﺘﯩﻤﻨﻰﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﺎﻗﺴﺎﯓ ،
ﺑﻪﺵﺑﺎﻻﻡ ﻳﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎﻟﺪﻯ.
1
ﭼﯧﻘﯩﻠﺪﻯﺯﯦﻤﯩﻦ
ئاﻟﻘﯩﻨﯩﺪﺍﺗﻪﯕﺮﯨﻨﯩﯔ.
ﺷﯘﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺗﻮﺯﺍﻥﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ
ﻗﻮﭘﺘﻰﺳﺎﺩﯨﺮ.
2
-ﺳﻪﺟﯩﺪﻩﻗﯩﻞ…!
ﻳﯜﻛﯜﻧﺪﻯ ﺳﺎﺩﯨﺮ،
ﻣﺎﯕﻠﯩﻴﯩﻨﻰﻳﺎﻗﺘﻰ ﺗﻮﺯﺍﻧﻐﺎ.
ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻧﺪﻩﺑﯧﺸﯩﻨﻰ
ﻏﺎﻳﯩﭗﺑﻮﻟﺪﻯ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺷﯘ ﻫﺎﻣﺎﻥ،
ﭼﺎﻗﺘﻰﭼﺎﻗﻤﺎﻕ،
ﮔﯜﻟﺪﯛﺭﻟﯩﺪﻯﯬﺷﯩﯫﻻ.
ﭘﻪﺭﯨﺰﺍﺗﻼﺭ
ئۇﭼﯘﭖﻛﻪﺗﺘﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻦ .
ئاﻳﯩﻐﯩﻐﺎﺗﯚﻛﯜﻟﺪﻯ ﻧﯘﺭﻻﺭ،
ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰﻳﯘﻣﺪﻯ ﺑﯩﺮ ﻫﺎﺯﺍ.
3
-ﺋﺎﭼﻘﯩﻦﻛﯚﺯﯛﯕﻨﻰ…
ﺳﺎﻻﻡﺑﻪﺭﺩﻯ ﺋﺎﯕﺎ ﺟﻪﺑﺮﺍﺋﯩﻞ،
ﺋﯧﮕﯩﻠﺪﻯ ﺳﺎﺩﯨﺮ
ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰﻗﻮﻳﯘﭖ ﻛﯚﻛﺴﯩﮕﻪ .
ﻳﺎﻳﺪﻯﺟﻪﺑﺮﺍﺋﯩﻞ ﻫﻪﺳﻪﻥ-ﻫﯜﺳﻪﻧﻨﻰ،
ﻳﯜﺭﯛﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﯴﺳﺘﯩﺪﻩ
ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﭖﺋﺎﯕﺎ
ﻣﯩﻨﻨﻪﺗﺪﺍﺭﻟﯩﻖ.
4
ﻫﻪﺳﻪﻥ – ﻫﯜﺳﻪﻧﺪﯨﻦ
ﭼﯜﺷﺘﻰﻣﯩﯔ ﺋﻮﻳﮕﻪ .
ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ
ﻏﺎﻳﯩﭗﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﻠﯩﺒﯘﺭﯗﻧﻼ.
ﻣﯩﯔ ﺋﻮﻱ-
-ﭼﯜﺷﯜﭖﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﯩﯔ ﻗﻮﯕﻐﯩﺮﺍﻕ،
ﺗﯘﺭﺍﺭﺋﯩﺪﻯ ﺟﺎﺭﺍﯕﻼﭖ.
5
ئۈﮔﺪﯨﺪﻯ
ﻗﻮﻳﯘﭖﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﮔﯜﮔﯜﻣﻐﺎ.
ئۇﭼﯘﭖﻛﻪﺗﺘﻰ ﻛﯧﭙﯩﻨﻪﻙ
ﻛﯩﺮﭘﯩﻜﯩﮕﻪﻗوﻧﯘﭖ ﺑﯩﺮ ﻫﺎﺯﺍ.
ﺗﯧﺸﯩﭗﻛﻪﺗﺘﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺭﻩﯕﻠﯩﺮﻯ
ﻗﺎﺭﯨﭽﯘﻗﯩﻐﺎ ﺳﺎﺩﯨﺮﻧﯩﯔ.
ﺭﻩﯕﻠﻪﺭ:
ﺑﺎﻫﺎﺭ،
ﻳﺎﺯ،
ﻛﯜﺯ،
ﻗﯩﺶ،
ﺑﻪﺷﯩﻨﺠﯩﺴﻰ-
-ﭘﻪﺳﯩﻠﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﯩﻨﻬﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ
ﻳﯩﺘﻜﻪﻥﭘﻪﺳﯩﻞ.
6
-ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻢ!
ﭼﺎﭼﯩﺮﺍﭖﺗﯘﺭﺩﻯ ﺳﺎﺩﯨﺮﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ.
ﺗﯚﻛﯜﻟﺪﻯﺋﺎﻟﻘﯩﻨﯩﻐﺎ
ﺷﺎﺧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦﻛﯧﭽﯩﻨﯩﯔ
ﺑﻪﺵ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ.
7
ﻣﻮﻟﻠﯩﺘﻮﺧﺘﯩﻴﯜﺯﺩﻩ
ئۇﭼﺮﺍﺷﺘﻰﺋﺎﯕﺎ
ﻗﻪﺑﺮﻩﺗﯜﺳﻠﯜﻙ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﯞﺍﻱ.
-ﺳﺎﺩﯨﺮﻣﯘﺳﻪﻥ؟
ﻛﻪﻝﺋﻮﻏﻠﯘﻡ
ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰﻛﯚﺭﺳﯩﺘﻪﻱ ﺳﺎﯕﺎ.
ﺑﻮﯞﺍﻱ
ﻳﯩﺘﯩﻠﻪﭖﭼﯩﻘﺘﻰ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ
ﺑﻪﺵﯞﺍﺥ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﻰ.
8
ئۈﺳﺘﯩﺪﻩ
ﺳﺎﺩﯨﺮﻳﯜﺯﯨﻨﯩﯔ
ﭼﯧﻘﯩﻠﺪﻯ ﺑﻮﻏﺪﺍ.
ﺗﻮﯞﻻﺭﺋﯩﺪﻯ ﯰ:
-ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻢ…!
9
-ﺩﺍﺩﺍ…!
ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﯪﻟﺪﯨﻐﺎ
ﻛﺎﯞﺍﭘﺪﺍﻥ.
ﻛﯚﻳﺪﻯﺯﯨﺨﺘﺎ ﭘﯩﮋﯨﻠﺪﺍﭖ
ﺳﺎﺩﯨﺮ ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ.
ﻗﻮﺷﺎﻕ:
ﺳﺎﺩﯨﺮﺩﻩﭖ ﭼﯚﭼﻪﻙ ﻗﺎﻟﺪﻯ،
ﺑﯩﺮﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ﮔﯜﺩﻩﻙ ﻗﺎﻟﺪﻯ.
ئوﻏﻠﯘﻣﺪﯨﻦﺳﯘﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﺴﺎﯓ
ﺑﯩﺮﺯﯨﺨﻼ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻗﺎﻟﺪﻯ.
10
-ﺩﺍﺩﺍ…!
ئۇﭼﯘﭖﻛﻪﻟﺪﻯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ
ﺷﻪﭘﻪﺭﻩﯓ.
ئﺎﺳﺘﺎ-ﺋﺎﺳﺘﺎﺋﯘﭼﺘﻰ ﻧﯘﺭﻟﯩﺮﻯ
ﺳﺎﺩﯨﺮ ﻛﯚﺯﯨﻨﯩﯔ.
ﻗﻮﺷﺎﻕ:
ﺳﺎﺩﯨﺮﺩﻩﭖ ﭼﯩﺮﺍﻍ ﻗﺎﻟﺪﻯ،
ﺑﯩﺮﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ﺑﻮﯞﺍﻕ ﻗﺎﻟﺪﻯ.
ﻛﯚﺯﯨﮕﻪﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﺴﺎﯓ
ﺑﯩﺮﺟﯘﭘﻼ ﻛﺎﯞﺍﻙ ﻗﺎﻟﺪﻯ.
11
-ﺩﺍﺩﺍ…!
ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﭖﻛﻪﻟﺪﻯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ
ﺟﯘﺩﯗﻥ.
ﺗﺎﻣﭽﻪ-ﺗﺎﻣﭽﻪﻣﯘﺯﻟﯩﺪﻯ
ﺳﺎﺩﯨﺮ ﻗﺎﻧﻠﯩﺮﻯ.
ﻗﻮﺷﺎﻕ:
ﺳﺎﺩﯨﺮﺩﻩﭖ ﺑﺎﻫﺎﺭ ﻗﺎﻟﺪﻯ،
ئﻮﻏﻠﯘﻣﻐﺎﺗﯘﻣﺎﺭ ﻗﺎﻟﺪﻯ.
ئﻮﻏﻠﯘﻣﻨﻰﻛﯜﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﺴﺎﯓ،
ﺑﯩﺮﻗﺎﺷﺎﻝ ﭼﯩﻨﺎﺭ ﻗﺎﻟﺪﻯ.
12
-ﺩﺍﺩﺍ…!
ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﭖﻛﻪﻟﺪﻯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ
ﻗﻪﺑﺮﻩ
ﻗﻪﺑﺮﻩ ﺗﺎﺷﺘﺎ ﻳﯧﺰﯨﻘﻼﺭ:
“ﻣﯩﺮﺍﺱ…ﻣﯩﺮﺍﺱ…ﻣﯩﺮﺍﺱ”
ﻗﻮﺷﺎﻕ:
ﺳﺎﺩﯨﺮﺩﻩﭖ ﻧﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﺪﻯ،
ﺑﯩﺮﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ﺟﯘﺩﺍ ﻗﺎﻟﺪﻯ.
ئﻮﻏﻠﯘﻣﺪﯨﻦﺳﻮﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﺴﺎﯓ،
ﺑﯩﺮﺋﻪﻛﯩﺲ ﺳﺎﺩﺍ ﻗﺎﻟﺪﻯ.
13
-ﺩﺍﺩﺍ…!
ﻟﻪﺭﺯﺍﻥﻳﺎﺯﺩﯨﻢ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ،
ﻏﯘﯞﺍ ﻟﻪﭘﯩﻠﺪﻩﭖ.
ﭼﯜﺷﯜﭖﻛﻪﺗﺘﻰ ﻗﻪﺑﺮﻩ
ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﺋﯩﭽﯩﮕﻪ .
ﻗﻮﺷﺎﻕ:
ﺳﺎﺩﯨﺮﺩﻩﭖ ﺋﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎﻟﺪﻯ،
ﺑﯩﺮﺑﺎﻻﻡ ﻳﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎﻟﺪﻯ.
ﺑﺎﻻﻣﺪﯨﻦﺳﻮﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﺴﺎﯓ،
ﺗﯧﻨﯩﺪﻩﺗﯧﻨﯩﻢ ﻗﺎﻟﺪﻯ،
ﺟﯧﻨﯩﺪﺍﺟﯧﻨﯩﻢ ﻗﺎﻟﺪﻯ.
14
ﭼﯧﻘﯩﻠﺪﻯﻗﻪﺑﺮﻩ
ﺳﯜﻛﯜﺗﯜﻣﻨﯩﯔﺗﯧﺮﻩﻥ ﺗﻪﻛﺘﯩﺪﻩ.
ﺗﯜﺗﯜﻛﻠﻪﺭﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ
ﻗﻮﭘﺘﻰﺳﺎﺩﯨﺮ .
15
-ﺳﻪﺟﺪﻩ ﻗﯩﻞ

« ﻫﻪﻣﺮﺍﻳﻰ ﻏﻪﺯﻩﻟﻠﯩﺮﻯ» دىن پارچىلار
ﺋﺎﺑﺪﯗﺷﯘﻛﯘﺭ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ
……………….
« قىل ئىنايەت ۋەسلىدىن دىدار ماڭا ھاجەت خۇدا،
تىلغا زاھىر ھىجرىدىن نامىڭنى ئالدىم ئىپتىدا.
بىلمىدىم مەپھۇم ئۆزۈڭنى كۆرسىتىشكە بىرەھىم،
سالغىنىڭدۇر باشقا پىرقەت، تىلگە ئوتلۇق ئىلتىجا. »
……………….
« بولسا گەر ئوغلانلىرى كەنئانىنىڭ ئۇندىن بۆلەك،
مەن ئايال مەزلۇمىغا قىلدىڭ ئۇنى يەك ئىختىرا»
« بىر ئوغۇل كۆردۈم جاھاندا بولدى ئالەم تار ماڭا،
ۋەسلىنى كۆزدىن بېرىپ يەتمەي ئۇنىڭ ئوتقاشىغا. »
« شۈكرىلىللا، بىر چىنار كۆكسۈم يېرىپ چىققان گويا،
قانلىرىم جىسمىڭگە ئاقمىش، يىلتىزىڭ تومۇرۇم يانا. »
« يېزىپسىز خۇش كەرەشمە نەزمىلەر شەيدايى ئوغلانىم،
يۈرەكتىن جۇشقىدى ئىلھام سۆيۈپ جىسمىم ئارا قانىم. »
« شۈكۈرۈم ياخشى قال ئەلدە، سېنى قەلبىڭگە تاپشۇردۇم،
ۋەتەننىڭ خاكى ھەمرايى شىپالىق ئىبنى سىنادىن. »
« بېلىق دەريادا ئۇسسۇزدۇر، چىراغقا تەشنا پەرۋانە،
ئۆزۈم تىككەن شۇ رەيھانغا ئۆزۈمنى قىلدى دىۋانە. »
……………….
« قارا كۆل ساھىلىن باستىم، تىيانشان ئۈستىدىن ئاشتىم،
بۇ ھىجرەت دەستىدە شاشتىم، پەلەك شەپقەتتە پەرۋاسىز.
خۇسۇمەت- رەشىك بالاسىدىن مېنىڭ ئاھىم ئىلىك ئالماس،
جاھان تارىخىدا قالمىش باھا شەۋكەتكە پەرۋاسىز. »
……………….
« ئاتاڭ ئۆلدى سېنى ئويلاپ بۇ ھىجراننىڭ قازاسىدا،
يۈرەك باغرى تولۇپ قانغا قەۋەت ھەسرەت دالاسىدا.
بۈگۈن يوقلاپ ئاتاڭ قەبرىن پىراقتا مۇڭدىشىپ ئۆتتۈم،
ئۆمۈرلۈك سۈرىتىڭ ھاكىم تەقەززا كۆز قاراسىدا. »
« ئاتاڭ غەرق ئەتتى تاھىردەك پىغان دەرياسىغا ئاخىر،
ئاناڭ بىر مىسلى مەجنۇندۇر قىلارىن بىلمەيىن شاشتى. »
« ئاتاڭ ھەركۈن يازار نامە، كۆزدىن تامچىلار تاشلاپ،
ئاناڭ يىغلار كۆڭۈلدە بەختى سۇلتانىم ئامان بولغىن.»
……………….
« قەپەزدە شىر كۆرۈپ ھايۋان بېغىدىن مۇڭدىشار بولسام،
كۆڭۈل پىرقەتلىرىدىن پەرق ئېتىپمەن ئۇشبۇ ھايۋاننى. »
« چۈشەن ھەمرايى، ئۆركەشلەر دېڭىز كۆرگەندە ئاي ھۆسنىن»
« ئۇچار مەكتۇپلىرىم كۆكتە، يېتەر ئۆتمەي تۇرۇپ ھەپتە،
يەنە ھەمرايى زەردابتا، كۆرەرمەن دەپ چىدام سالدىم. »
« تەبىئەت نەغمىسىن قىلغىل مېنىڭ ھەمدۇ سانايىمنى»
« سەپكۇ بامبۇك جىسمى داغ ھەتتاكى ئاي دىدارىدا»
« دۇردى نادىر خار بولۇپ، پەرۋاز قىلار سەنگى ساپا،
مىڭ ساداق بولمىش راۋان سەنئەت، ئىلىم چولپانىغا. »
« ئى ھەبىبىم پۈتمىگەي سۆيگۈ بىلەن ئالەمدە قۇت،
بولمىسا نەۋئى باھار ئىككى چېچەك بولمايدۇ باغ. »
……………….
« خېتىم ئېلىپ ئوقۇپ رەنا، ئوغلانىمغا سالام ئەيتىڭ،
ئانالىق مېھرى تەختىدە سۇلتانىمغا سالام ئەيتىڭ. »
« بىلەرسەنمۇ ئانالىق ھىجرىنىڭ دەردىنى گۈل رەنا،
ئۆتۈپ تۇرغان چېغى شەيدايى ئىشق ئىمتىھانىڭدىن. »
« شۈكرىلىللا، باغىدا گەر ئاچسا رەنا غۇنچىلار،
تاۋلىنىپ چوغلۇق كەبى رەڭگى مۇنەۋۋەر بولغۇدەك.
تۆت ئوغۇلنىڭ سۈرىتىن كۆكسۈم تاقاپ شاشتى دىلىم،
ئۇ ماڭا لەيلۇ- ناھار خۇرشىدى ئەنۋەر بولغۇدەك.
تەلمۈرۈپ باققان كۆزۈمدىن زوقلىنىپ شادلىق يېشى،
تۇرقى مەغرۇر ئەكبىرىم ئالەمدە گۆھەر بولغۇدەك.
سەۋرى قىل ھەمرايى بولسا پەررۇخىڭ ساھىبقىران،
چىن پەزىلەت بابىدا ھەر بىرسى ئەسقەر بولغۇدەك.
……………….
« تاۋابى ھىجرىدە بولماق رەسۇللۇق ئەرشىدىن ئەلا،
ۋىسال مىراجىنىڭ شاھى كىمىنى ئاشيان ئەتتى. »
« سېنىڭ قەددىڭنى كۆرمەكلىك رەسۇل مىراجىدىن ئەلا،
كۆرەلمەي كۆز يۇمارمەنمۇ، بۇ ئارمان بىر كىپەن گويا. »
« ئىچىپ پىرقەت شارابىنى پۇغاندىن چىقتى ھەمرايى،
گۇمانكىم ساقى ئالەممۇ ئەمەستۇر ئۇنچە دىلشادى. »
……………….
« بۇ پەلەك ئاستىدا ئالەم شاد ھاۋالىق بولمىدى،
ياكى فارابى تەقەززا پادىشاھلىق بولمىدى.
مىڭ شىپا بابىدا قانۇنلار تۈزەپ ئۆتكەن ھەكىم،
ئول ئىبنى سىنا ئۈچۈن ئاخىر شىپالىق بولمىدى.
جامى مەي جامىدا مەي ئىچتى پەقەت داستانىدا،
خۇش ناۋا مەپتۇن ناۋائىغا ناۋالىق بولمىدى.
زوقلىنىپ تىترەر دىلىڭ ئىشتىسەڭ نەفىسى سازىنى،
كۆك سۆيۈنگەچ ئۆمرى ئالەمدە راۋالىق بولمىدى.
مۇڭ باسار ئاسماندىكى يۇلتۇزغا باقسام تۈن ئارا،
ۋەسىل ئارا ھەمرايىغا مەي ساقىيالىق بولمىدى. »
……………….
« ئۇچۇدۇم بال ھەرەمنى باغ ھەرەمگە، بالىم ئىستەرمەن،
شىپايى تۇتىيا ئەيلەپ ۋىسال دەرمانىم ئىستەرمەن.
تېۋىپ ئېيىتقان ئۇ شۇل ئارتۇش ماكانى مەشھەدى ئوغلان،
ۋىسال ئاستانىسىگە يەتكىلى دەرمانىم ئىستەرمەن. »
« ئاتام ئارتۇشىدۇر، تۆركۆل مەھەللەم ئازنا مەسچىتدۇر،
ئۆزۈمنى قەۋمى يۇرتۇمغا ئاتام قۇربانىم ئىستەرمەن.
……………….
« گۈل چېغىم گۈلشەن ئىچىدە كۆرگىنىم توز بولمىدى،
يامولۇن، ھۇقۇش كۆرەرگە مەندىمۇ كۆز بولمىدى.
بولمىدى باغۋەن پاناھ ئۇشبۇ نەفىس سەنئەد ئارا،
ئەھلى زاھىتلار قاۋاشتا ئىت بولۇپ، ئۆز بولمىدى.
چەشمىلەر زەۋقىدە ئاھۇ، قەستىدە سەيياد ھەلەك،
ئۇسسۇغاچ چورتان بېلىق دەريادا قۇندۇز بولمىدى.
زەپىران بولدى يۈزۈم، مەڭزىمگە چۈشتى ھال سېرىق،
ئۇلپىتىم سورىسام دېگەي ياشىڭدا ئوتتۇز بولمىدى.
بىلمىدىم تۇغدى ساما چولپان بىلەن تاڭدىن بۇرۇن،
كۈن چىقىپ ھەمرايىغا كۈتكەندە كۈندۈز بولمىدى.
……………….
« سالامىمنى يېتۈرگىل نازۇ چەشمەم گۈل دىيارىمگە.»
« ئازابى ھىجرىدىن تۇپراق ئازابى بولسا ئاساندۇر.»
« جاھاندا ھېچنىمە يەتمەس مېنىڭ پەريادۇ زارىمگە.»
« بېلقىسىم سۆيدۈم سېنى ھەتتا سۇلايماندىن ئۆتەر.»
« نە قىسمەت شىرىنىم سۆيسە كۆڭۈل باغىدا خىسراۋنى.»
« نىگارىم ئىزلىمە ھەرگىز نىقاپ ياپقاندا تۇپراقتىن»
« لەيلىنى ئىزدەپ چىقار بولسام مەگەر مەجنۇن بولۇپ»
« تۈن ئاخشام كەلمىدى دىلبەر خىيالى كەلدى قاشىمگە»
« ئەي سابا، دەردىمنى ئېيىتقىن شىرىنىم قۇيسۇن شاراب»
« يېتىپ ئاۋارە بولماڭ شام تۇتانماس شامىدانىمدا»
……………….
« ئى ھېكىم، رەنجىم شىپاسى ئۇندىن ئۆزگە كار ئەمەس»
« تۆكسە قان گەر گۈل تىكەن چىققايمۇ شەپقەتلىك ھېكىم؟!»
……………….
« قايسى بىر پەرۋان چىراغ ئوتىدا پەرۋان بولمىدى،
ئۇشبۇ ئوت ئىچرە كۆيۈشتىن ئۆزگە جەۋلان بولمىدى.»
……………….
قايسى بىر پەرۋان ئوت ئارا ئۆرتەنمىدى،
ياكى ئوت پەرۋانىغا گۈلشەنمىدى؟! »
……………………

ﺷﯩﺌﯧﺮ ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﺠﺎﻥ ﺳﺎﯞﯗﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﺠﺎﻥ ﺳﺎﯞﯗﺗﻘﺎ ﺧﯩﺘﻰ
ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﺠﺎﻥ ﺳﺎﯞﯗﺕ
1
تىترىمە ياپراقتەك،
تىترىمە نۇردەك،
سۈپسۈزۈك تاشلارنى شېشە دېيەلمەي.
تۇرساڭ ياخشى ئىدى يوللاردا تۇردەك،
قالاتتىم ئۆزۈممۇ سەندىن كېچەلمەي.
بولاتتۇق ئىككىمىز شۇندا سۇقسۇردەك،
قالاتتى
ھېچكىممۇ
سىرنى يېشەلمەي!
2
شورىما،
شېئىرنىڭ ئانا قېنىنى،
سەن ئۇنى قورۇقلا،
سەن ئاڭا جان بەر.
پەرىشتە تېنىگە ئۆرۈپ تېنىنى،
روھلارنىڭ ۋەسلىگە قىل مەڭگۈ جەۋھەر.
گۈزەللىك تۆكەر ئۇ،
ئوينا مېڭىنى،
قاش- كۆزى، زىنىخى…
ھەممىسى گۆھەر.
3
ئۇششاقلىق ئىچىدە تىتمىلاپ يۈرمە،
قىرقا ۋە قىرلاردا ئۇچرىشايلى بىز.
قاپسىلاڭ، قاپچىغاي… تەرىڭنى تۈرمە،
تاشلارنىڭ ئۈستىدە كۈيلىرىڭدىن ئىز.
ئاق چاچقا قاپقارا رەڭلەرنى سۈرمە،
دىللارغا سۈزۈكلۈك مەڭگۈلۈك يىلتىز.
4
تاۋاپگاھ قېشىدىن كەتكەيسەن يىراق،
بېشىڭغا چىقمىغاي ياسالما گۈلتاج.
يوللاردا يۈرىكىڭ يۈرەككە چىراغ،
كېچىلەر تاڭلارغا قىلالماس ئىلاج.
سۆيگۈلا ئاشىققا سالىدۇ پىراق،
سۆيگۈلا سۆيگۈگە بولىدۇ خىراج.
5
بىنەپشە تاڭلارغا قوشۇق خۇيىمىز،
باھارغا مىڭ قېتىم باھار ۋە باھار.
جاندىكى جۇتلارنى جاندا يۇيىمىز،
ھەلقۇمدا تىنىقتىن شولىلار تامار.
ئۇپۇقنىڭ تۈۋىدە ھامان ئۆيىمىز،
تۆت تام ھەم،
تورۇس ھەم
ئانار ۋە ئانار.
6
تۇرنىلار ئۇچىدۇ ئىللىق ياقلارغا،
سۆيگۈسىن سويۇپ ئەپ ئەينەك كۆللەردىن.
ئايلىنار ئۆمۈرلەر
تەڭدۇر چاقلارغا،
گۈللەرنى ئاڭلايمىز دەشتۇ چۆللەردىن.
جۈپلۈكتىن تىلەيمىز چىندىن تاقلارغا،
باغرىمىز خۇن ئىرۇر‹‹ مەيلى ئۆل›› لەردىن.
7
سۆيگۈمىز سويۇلماس چاپلانغان يەردىن،
زېمىندىن ئايرىلىپ، چىقمايمىز كۆككە.
قارغالداق ئۈنىدۇ ئۈزۈلگەن تەردىن،
ئاسمانلار تولىدۇ بىز ئاتقان بۆككە.
ھارارەت ئالىدۇ ئالەملەر ئەردىن،
كۆنمەيمىز چۈلۈككە،
چۆككىنە،
چۆككە.
8
يىغلايمىز ئۇزاتساق بىر باغرىمىزنى،
كېمىرەر تاغلارنى ھەسرەتلىك ناۋا.
ئۆزىمىز چالىمىز ئۆز ناغرىمىزنى،
دوست سەزگۈ
ھەر زامان
بىزلەرگە ھاۋا.
دۇلدۇللار سېغىنار پەي ساغرىمىزنى،
بەرھەق بىز، ھەممىسى بەرھەقكە راۋا!
9
جىلۋىلەر قىلىدۇ تىنماي دىنارلار،
كەتمەكچى روھىڭنى تەنلەردىن شوراپ.
ئەقىدە دەرىخى ھامان چىنارلار،
تۇرىدۇ قەلبىڭنى بەرگىگە ئوراپ.
بوي غېرىچ،
غۇلاچتۇر
ئارۇ ئىبالار،
پەرىلەر يېپىلار سېنىڭدىن سوراپ.
10
پىرىڭنىڭ روھىدا بىخ يارار سەبدە،
تىك ئۇچما ھاڭلاردىن يول ئاچقىنىڭدا.
دەۋرەيدۇ كۆپ ۋولقان تېرىقتەك تەندە،
قوغلىماي،
ئالۋۇندىن سەن قاچقىنىڭدا.
تۈن ئەمەس
قۇياشقا
بولىسەن بەندە،
بىر زەررە زۇلمەتكە نۇر چاچقىنىڭدا.
11
نەپرەتتىن تۆرىلىپ ،
سۆيگۈدىن ئۆلدۇق،
بەختىڭنى تىلەيدۇ تەڭرىدىن ھەركىم.
ئامەتنى دوستلارغا تەڭمۇتەڭ بۆلدۇق،
بۇ ـ خىزىر بۆلۈمى ئالەمدە بەلكىم.
ئاجايىپ چىرايلىق چۈشلەرنى كۆردۇق،
قاراقتا يۇلتۇزلار بولغاندا كەلكۈن.
12
يالغانلار گۈل ئېلىپ يانار باغلاردىن،
ئىزھار قىپ بىر ساڭا مىليۇن مۇھەببەت.
چۇۋاتتەك شۆھرەتلەر ئۇچار تاغلاردىن،
يارالدۇق دېيىشىپ سەن ئۈچۈن پەقەت.
قىسسىلەر سۆزلەتمەك ئەپسۇن چاغلاردىن،
ئۆچمەيسەن دېيىشىپ ئەبەدىلئەبەد.
13
جىغاننىڭ گۈلىسەن،
يانتاقنىڭ گۈلى،
تىكەنلەر بەرگىڭنى تۇرغاندۇ قوغداپ.
ئادەملەر بەرىبىر دۇنيانىڭ ئۇلى،
سەنچۇ سەن يۈرەمسەن رەڭ بىلەن ئويناپ.
مەن دېگەن
تەڭرىنىڭ
ئوڭ ۋە سول قولى،
يول ئېچىپ كېلىمەن
يۈرەكلەر بويلاپ.
14
ئانا تىل
ۋەسلىدە
مىسلىسىز ئاپتاپ،
ھەرتال بىخ چۆمۈلگەن شولىلىرىغا.
ھەر زەررە تۇرىدۇ جىلۋىلىك چاقناپ،
ئىشتىياق تاشلايدۇ ئۇۋىلىرىغا.
مىليۇن ياش ئاتاڭنى دائىم تۇر ئاقلاپ،
سالام بەر
يىراقتا
بوۋىلىرىغا.
15
ھور بولۇپ ئۆرلەيسەن ساما قەرىگە،
نۇر بولۇپ ياغىسەن
تۇپراققا ھەردەم.
جەۋھەر بوپ ئۆتمەيسەن زوقلار بەھرىگە،
شاكاللار يول تېپىپ ماڭىدۇ بەردەم.
كەۋسەرلەر قويىسەن
كەۋسەر نەھرىگە،
شۇنداقتۇر
پانىيدا
ئەزەلدىن ئەردەم.
16
ھاياجان بەھرىگە چۆككەندە گاھى
خىتابلار ياڭراتساڭ زېمىن ۋە كۆككە.
سەۋدايى كۇرسىدا،
تەقدىر ئىلاھى ـ
دەل سېنى تاپشۇرار سورىغان كۆپكە.
ئەقلىڭدىن نۇر ئېلىپ ئىنسان دەرگاھى،
ھېيىقماي قوشىدۇ شەنىڭنى چۆپكە.
17
ئۆز ناخشاڭ ياڭرايدۇ ئۆز ئۈنۈڭ بىلەن،
شەپەڭدىن تونىيدۇ… تالاي ئوغۇل- قىز.
يۈرمەيسەن ھەرگىزمۇ ئۆز كۈنۈڭ بىلەن،
ئۆزگىچۈن يالاڭياغ دەسسەيسەن ئېڭىز.
ئالتۇنلار خامتالاش… قىلمايسەن ئىرەن،
ئومۇنۇش يوق يەردە شولىلار دېڭىز.
18
پوشكىندەك ئۆلىسەن ھەتتا كور ئوقتا،
ھەسرەتتىن تاغ- تاشلار چېكىدۇ پىغان.
بەندىلەر سالىدۇ قىساسقا نوختا،
قوللارنىڭ ئۇچىدا ئۆلىدۇ ئىمكان.
دىلبەرلەر قالىدۇ بوپ جىگەر سوختا،
مەنزىلى ئۇلارنىڭ قاراڭغۇ پىنھان.
19
بولمايدۇ ھېچ كىشى دەردىڭگە دەرمان،
رەنجىسەڭ، چېچەكلەر بايخان، چاي بولۇر.
كېلىدۇ كۆپلەرگە شەيتاندىن پەرمان،
ئورا ۋە توزاققا يولۇڭ باي بولۇر.
چىدايسەن ھەممىگە كۈلگۈچە ئارمان،
سەن تۆككەن سۆيگۈلەر دەريا، ساي بولۇر.
20
شەمشاد ۋە ئارچىلار باردۇر قەددىڭدە،
تەشنا بىر دىماغنى تاشلايسەن يېرىپ.
چەك روشەن ھەمىشە سېنىڭ ھەددىڭدە.
مەڭگۈ ياش ھېسلىرىڭ كەتمەيدۇ قېرىپ.
ئەزەلدىن مىسكىنلىك يوقتۇر جەددىڭدە،
ئالىسەن جاناننى جېنىڭنى بېرىپ.
21
كەسلەيدۇ پالتىلار ئالتۇن شېخىڭنى،
ئەمەنگە ئايلىنار تېخى ئۇز ئىمەن.
ئېدىر دەپ ئۆتكۈزەر يۈكسەك تېغىڭنى،
تېپىشار ئەينەكتىن پۇتاق ۋە ئېۋەن.
بولۇقتا ھەيدەيدۇ ئانار بېغىڭنى،
دېسىمۇ ئاغزىدا ياشىسۇن لېۋەن!
22
كىم سېنى شائىر بول، قوشاق قوش دەپتۇ،
مالامەت چەك ئەمدى، تىتىل كەڭتاشا.
ئەلەملەر كەلگەندە مەيلى خوش دەپتۇر،
ئۆلۈمدىن ئۆزگىسى جەزمەن تاماشا،
ئىگىمىز بىر ساڭا، بىر كوينى ساپتۇ،
قوۋمىڭگە قورغانسەن، باغلارغا قاشا.
23
لالىلەر قان قۇسقاي دۇدۇقلاپ قالساڭ،
كەلگەندە ئىبلىسقا بىرئان يۈزمۇ يۈز.
قالماستىن قايرىلىپ، قاماللاپ ئالساڭ،
ئەمەستۇر ئالەمدە يوللىرىڭ تۈپتۈز.
باغرىڭدىن باغىرغا گۈلخانلار ياقساڭ،
ئۇستىرا بولىدۇ جەزمەنكى تالتۇز.
24
كۈلكىلىك لەۋلەردە غىچىرلار چىشلار،
ئۇر- يىقىت، قىر- چاپقا بولارسەن نىشان.
بۇ قىزىق دۇنيادا قىزىقتۇر ئىشلار
مېھرابتىن مەست چىقتى بامداتتا ئىشان.
ئاھ، سېنى تونۇماس ياز بىلەن قىشلار،
تۈتۈنگە يۈگرەيدۇ شەۋكەت، شەرەپ- شان.
25
قەرزىڭ بار تۈنلەرگە، قەرزىڭ بار تاڭغا،
ماڭىمۇ شۇنداقسەن دەيدۇ قېرىنداش.
تەگلىكسەن مەڭگۈگە ئاشۇنداق ئاڭغا،
كۈتمىگىن ھىچكىمدىن شەپقەت ۋە ئاياش.
ئوت قويغان يېرىڭ بار بىر چاغدا چاڭغا،
قېيداپ كەتكەندە يىراققا قاياش.
26
بەيگىگە چۈشكەن بىر دۇلدۇلسەن گويا،
بۇ باشتىن چىقىسەن سۆزسىز ئۇ باشقا.
ئارىدا قالمايسەن، قالما ئارىدا،
« كۆرەرمىز» دېگەننى يېزىپسەن تاشقا.
پارلايسەن، چاقنايسەن نۇرۇڭ بارىدا،
سائىللار باشقىدۇر، شائىرلار باشقا.
27
كۆرەڭلەر كۆپسىگەن چاغلارمۇ بولدى،
يۈگرۈشى نەگىچە بولدى شۇ چاغدا.
بىلىسەن، كۆڭلۈڭگە ئىشەنچلەر تولدى،
ئاپتاپتا سايىلەر قالىدۇ داغدا.
بىنەپشە يېنىدا كەكرىلەر سولدى،
شەربەتلەر چەشمىدۇر ھەمىشە باغدا.
28
زارلىما ھەر قاچان، يۈرۈپ كەت ئاستا،
دەۋرانىڭ قاچمىسۇن بارسا كەلمەسكە.
ھەسرەتلەر ئىلكىدە كۈلگىن، ئېيت ناخشا،
مەيلىڭنى بەرمىگىن مەيىل بەرمەسكە .
كۆپ ئاڭلاپ چۇقاننى بولدۇق سۇنتاختا،
چۇقانچى گۇمراندۇر ئاخىر ھەسھەستە.
29
مۈشكۈلدۇر زېمىندەك پىكىر ۋە ئوينى،
كۆتۈرۈپ يول يۈرۈش، زېمىندە ياشاش.
تۆگىلەر يانتاققا سۇنىدۇ بوينى،
سەن بەلكىم بىراۋنى قىلىسەن ھاپاش.
موھتاجلىق بارغۇزار بۆرىگە قوينى،
يوق دېگەن بىر سۆزدىن سىزىپ تۈگەر تاش!
30
ھەننىۋا ھەسرەتلەر ئۆتۈپ كېتىدۇ،
كۆزلەردە ئۆرۈلەر پاختا يىپەككە.
نەپرەتلەر سۆيگۈ بوپ ھامان يېتىدۇ،
قاخشال شاخ تولىدۇ ئاپئاق چېچەككە،
تەبىئەت ۋەسلىڭنى ئەللەي ئېتىدۇ،
ياڭرىتىپ كۈيۈڭنى ئوراپ ئېتەككە.
2000- يىلى 2- ئىيۇل، ئۈرۈمچى

كېسىلگەن توغراق
ساتىرا
قۇربان بارات

ئەكەلدىم بازاردىن بىر ھارۋا ئوتۇن ،
قار – مۇزلار ئىلكىدە قالغاندا جاھان .
سوغۇقتا بېرىدۇ قۇياش تەپتىنى ،
مەش ئوتى _ ئالتۇن رەڭ چىچەكلەيدىغان .
ئوتۇننى رەتلىدىم ۋە بايقىدىمكى ،
ھەممىسى قۇرۇق شاخ ئەمەسكەن بىراق .
شاخلارنىڭ ئىچىدە بار ئىدى بىر تۈپ _
ياش ۋە ھۆل ، يېڭىلا كېسىلگەن توغراق .
ئۇ مېنىڭ ئالدىمدا ياتاتتى جانسىز ،
ئۆلۈم ئازاۋىدىن ئاچچىق تولغۇنۇپ .
ئانارنىڭ سۈيىدەك قانلىق كۆز يېشى ،
كېسىلگەن جايىدا قاپتۇ مۇز بولۇپ .
مەن غالىپ ۋاقىتقا باغلىدىم ئىشەنچ :
ۋاقىت ھەل قىلىدۇ كۆپ مۈشكۈلاتنى .
ئۇ ياشنى قېرىتىپ ، ھۆلنى قۇرۇتۇپ ،
كۆيگىدەك قىلىدۇ سانسىز ھاياتنى .
ھۆل توغراق ھويلامدا ياتتى قىش بويى ،
قەھرىتان سوغۇقلار مۇزلاتتى ئۇنى .
قىش ئۆتتى ۋە ئۇنى قويدى زەربىدە ،
باھارنىڭ بورانلىق جۇدۇن – چاپقۇنى .
ياز كېلىپ باشلاندى ئىسسىق كۈنلەرمۇ ،
بۇ توغراق ئاپتاپتا ياتتى ھالسىراپ .
ئويلىدىم ، ھۆللۈگى يوقالدى بەلكى ،
ئاپتاپ ۋە شامالدا قۇرۇپ- قاغجىراپ.
لېكىن كىم ئويلاپتۇ ؟ مەن ھايران قالدىم ،
توغراقنىڭ ئاداققى ، مەغرۇر ئىشىدىن :
تومۇزدا نوتىلار چىقتى بىخ سۈرۈپ
ئۇنىڭ غول ۋە كېسىك بېغىشلىرىدىن .
دۇنياغا كۆز ئاچقان بۇ يېڭى بىخلار ،
كېسىلگەن توغراقتىن تاپقان ئىدى جان .
نۇرلىنىپ تۇراتتى ئۇلار ياپ-يېشىل ،
باھاردا ئويغا نغان مايسىدەك يۇمران .
ۋە ھەممە ھاياتلىق بوغۇنلىرىدەك ،
كۆزگە تاشلىناتتى بۇدرۇق ھەم ئوماق .
سەبى بىر نەزەردە بېقىپ جاھانغا ،
كۈلەتتى بۆشۈكتە كۈلگەندەك بوۋاق .
تۇغۇلغان بۇ بىخلار ئاپتاپ قوينىدا ،
تەلپۈنۈپ تۇراتتى ئەركە ۋە ئويناق .
قەيسەر بىر ھاياتنىڭ ئۆلمەس كۈچىنى ،
نامايەن قىلاتتى كېسىلگەن توغراق .
بىلدىمكى ،جاڭگالنىڭ بۇ نەۋقىرانى ،
تېخى تىز پۈكمىگەن ئۆلۈم ئالدىدا .
ئۆلمىگەن ، ئۆتسىمۇ شۇنچە ۋاقىتلار ،
ئانا يىلتىزىدىن بولسىمۇ جۇدا .
ئويغا تتى پىكرىمنى قايناق كۈچ بىلەن ،
كېسىلگەن توغراققا ياشنىغان نىھال .
توغراقنىڭ تەغدىرى توغۇرلۇق مەندە ،
قوزغالدى ئىلھاملىق ، ئەركىن بىر خىيال .
ئويلىدىم : مېتالنىڭ قاتتىغى پولات ،
تاۋلىنىپ چىقىدۇ يالقۇنلۇق ئوتتا .
قارغاينىڭ قامىتى ۋە يېشىللىغى ،
دۇنياغا كېلىدۇ قاتتىق سوغۇقتا .
شۇ كەبى ، توغراقنىڭ تەبىئىتىنى ،
تاۋلىغان جاڭگالنىڭ جەۋرۇ – جاپاسى.
بوستانلار ماكانى ئەمەس ئۇنىڭكى ،
ۋەتىنى _ بىپايان قۇملار دۇنياسى .
ئۇ ئانا تۇپراقتىن تېپىپ ھاياتلىق ،
كەڭ چۆللەر باغرىدا ئۆسەر تۇغۇلۇپ .
بىر زامان دەريالار ئاققان ئىزلاردا ،
ياشايدۇ باراقسان بىر ئورمان بولۇپ .
ياز پەسلى ئالىدۇ ئۇنى قوينىغا ،
قۇياشنىڭ يالقۇنى ، چۆل بورانلىرى .
قىش كۈنى سوقىدۇ ئۇرۇپ ئاياۋسىز ،
تىنىمسىز جەزىرە شىۋىرغانلىرى .
دەريالار قىلمايدۇ ئاڭا غەمخورلۇق ،
ۋە ھىچكىم چۆل ئارا سۇغارماس ئۇنى .
ئېسىگە يەتكەندە يوقلايدۇ پەقەت ،
ياز كەلكۈنلىرىنىڭ قىسقا تاشقىنى .
لېكىن ئۇ بەك ئۇزاق ئەسىرلەر بويى ،
ياشنىتىپ كەلمەكتە ھايات پەسلىنى .
ئۆسمەكتە چۆللەردە يامراپ ھەر ياققا ،
ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىپ يېشىل نەسلىنى .
دەھشەتلىك زەربىلەر ، ياۋايى ئىقلىم ،
يوق قىلىپ كېتەلمەس دۇنيادىن ئۇنى .
ئۇ ھامان ئۆسىدۇ ، بېسىپ كەلسىمۇ ،
ئېقىندەك ئۆركەشلىك قۇملار دولقۇنى .
كېسىلگەن ، تاشلاندۇق بىر ھالەتتىمۇ ،
ئۇ مانا مۇشۇنداق گۈللەيدۇ يەنە .
يېشىل بىخ سۈرىدۇ خۇددى تىرىكتەك ،
ھاياتى كۈچىنى قىلىپ تەنتەنە .
ئۇنىڭ بۇ ئاجايىپ گۈللەشلىرىدە ،
يارىدار جەڭچىنىڭ كۈلۈشلىرى بار .
ئۆلۈمى ئالدىدىن ئاخىرقى قېتىم ،
قىلىچقا تايىنىپ يۈرۈشلىرى بار .
ئۇ گويا ھاۋادا ئوق يىگەن لاچىن ،
بۇلۇتلار باغرىدا ياڭرىتار سادا .
ئۇ گويا زۇلمەتتە ئۆچكەن بىر يۇلتۇز ،
نۇرلانغان ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا .
مەن ئاڭا تىكلىدىم مۇھەببەت بىلەن ،
تۇغۇلدى قەلبىمدە مەغرۇر بىر قوشاق .
ئۆلمەس بىر خەلىقنىڭ تىمسالى بولۇپ ،
كۆرۈندى كۆزۈمگە كېسىلگەن توغراق.

ﺷﺎﻟﺪﯨﺮﺍﻕ ﮔۈﻝ
ﺑﯘﻏﺪﺍ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ

1
ئىلاھىي ھازىردۇر بىر زېمىن،
خىيابانلاردا شالدىراق.
كېچىپ ـ كېچىپ بارىدۇ غۇسسە،
تەقدىراتلار ئۈزۈلمەس
ۋە نەدىدۇر كېلىدۇ سادا،
مىسالى ئۇ گۈل قۇڭغۇراق.
يول ئۈستىدە بىر تۈپ قاراقات
سەن ئۆزۈڭنى بەرىبىر ئۇنۇت
خىيال پېتى قالىدۇ جاڭگال،
چەكچەيگەنگە ناخشاڭنى ئۇرغۇت.
ھەر قەدەھنىڭ ئىچىدە شەيتان،
ئېتىدىكەن مەستلىكلەر داۋام.
ئاھ، باشلانغان بىر قاراڭغۇلۇق،
كۆرۈپ بولماس ئالدىڭنى تامام.
ئۇلغايدىمۇ يازغىي دەريالار،
سېغىنىشىڭ ئۇھ بىلەن كېتەر.
كۆك تېرەكنىڭ شالدىرلاشلىرى،
بوشلۇقلارنى تەستە ئەسلىتەر.
جانانلارنىڭ جىلۋىسى نەدە،
يەنە گۇگۇمدىمۇ مېۋە دەرىخى.
كىملەر تەمتىرەر چۆل يامغۇرىدا،
قانچە قىممەت ۋاقىتنىڭ نەرقى.
نەدە ـ نەدە قالدى توقايلار ،
تاۋۇسلارنىڭ قانتسىمان.
بېغىشلايدۇ تەگسىز بىر خىيال،
نەدىن چىقار شۇڭغۇغان.
سېنى تارتىپ بارىدۇ نېمە،
ئىچ ـ باغرىڭنى يۇيىدۇ نېمە،
روھىڭ ماچتا، كەڭ ـ كۇشادە ئاچ،
كەچمىش كېچەر، ئادەم بىر كېمە.
كېتىۋەرگىن بىلگەن ئېقىندا،
قايناملارغا قىلىپ تەۋەككۇل.
ئۆمۈرلەرنىڭ چېكىتى نەدە
تويۇپ تويماي قالىدۇ كۆڭۈل.
يۈز دىگىنىڭ شۇنداق بىر نەرسە،
كەڭ بىر كۆڭۈل ھەممىنى كەچۈر.
خىرەلىنىپ بارىدۇ ئۇقۇم،
قىزىق ئەمەس ئۇجۇر ـ بۇجۇر.
تۇرقۇڭ بىلەن قىممەت پەرقلىق،
تۆگە قۇشتەك بولمىساڭمۇ ھەم.
ساددىلىقنىڭ ئېغىر بىر خۇرجۇن،
كەتسە كېتەر يادىڭدىن بۇ دەم.
ياخشىلىق دەپ ئۆتتۈڭ ۋە كەلدىڭ،
نەدە ـ نەدە ئۆچتى پەركاينىڭ.
مۇھەببىتىڭ پەر كايىڭ.
مۇھەببىتىڭ پەگادا بىر ئىت
سەككىز جەننەت بەلكى شۇ جاينىڭ.
مەشرەپ جەندىسى ياخشىراق،
مەيلى كەتكىن ئاشىققا ئايلىنىپ،
يىغلاپ ـ يىغلاپ گۈلخان ئالدىدا،
بىھوش بولغىن سۇنايلىنىپ.
ئىبادەتكە ئارىلاشتۇر غەزەل،
تىرىكلەرنى سىلكىشلە بىر ئان.
روھ چاڭلىرى ئەرش ئەزىمدە،
لەيلىگىلى بولدى نە زامان.
يار غۇنچاققا قونغان بىر قاغا،
ئۇ نىمىنى قىلۇر تەسەۋۋۇر.
ئۇ ئاقمايدۇ ئاققان ۋاقىتتا
لىكىلدىسا قۇيرۇقى ھوزۇر.
چىرىسلايدۇ يالقۇندا يانتاق
قايتىپ كېتەر قەدىمگە ئىسى.
خاتىمىگە ئوخشىماس بۇ ھال،
مۇقەددىمىنى ئەسلىتەر تۈسى.
شالدىراق گۈل باغلار ئەركىسى،
ۋىجدان رەڭگى ھەر بىر بەرگىڭدە.
زۇۋانمۇ يوق يا سەندە چۇقان،
تۈسكە كىردى ئوت تىلكىڭدە.
پۈتۈلمىشتۇر يۇلتۇزۇڭ ئېگىز،
ياۋايىلىق بېشىڭ ئۈزرە تاج.
كۆك ئىچىدە سۈرىسەن دەۋر،
قاراتمىسۇن يەرگە، كىم مۇھتاج !
2
ئۇزاق سەپەرلەرنىڭ يالدامسىدەك،
قانىتىدا ئاقارمىش پولات.
ئۆتەرمىش ئۇ تاغلارنى تېشىپ،
نامۇسىغا يۇقتۇرماستىن دات.
توپۇلغان
ئۇ قەدىمكى رىۋايەت ـ بىر قۇش،
پەرلىرىدىن قالدىمۇ بىر تال،
تۇرقى قىزىل قاشقىلىق تۇرنا
سىياقىغا ئوخشار ئېھتىمال.
نەسىل تاشلاپ كېتەر قۇش زاتى،
قىيا، ئېدىر، ئېقىن بويىغا.
كۈشەندىلەر، تەقدىر چاقمىقى،
كىمنى قويغان، مۇراد ـ ئويىغا .
روھىيەتنىڭ كائىناتى بار،
دەۋر قىلغاندەك قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز،
ئۇزاق ئەسىرلەردە كۆرۈنەر بىر رەت،
لىپ ـ لىپ قىلىپ ئۆتىدۇ يالغۇز.
ئۇخلىمايدۇ قۇشلار ئۇ ئاخشام،
چۇرۇقلىشىپ ئۇۋا ـ ئۇۋىدا.
بىر ئۇزۇنغا ئاققان نۇر ئارا
چۈجىلەر تۇمشۇقى تىلەك جامىدا.
3
ئەۋلاد نېمە دەركىن ئاخىرى،
ھەمدە يۇتار قانداق بىر ئاچچىق.
تەبىئەتنىڭ بېشىنى دەسسەپ،
يۈرۈشلەرنى كىم دەر غالبلىق.
كۆرۈنمەيدۇ روھنىڭ سايىسى،
شەھەرلەرنىڭ دوقمۇشى خىلۋەت.
قۇرۇق قاقشال جەرەن بېشىنى
تاۋار قىلدى ئىنسان ئاقىۋەت.
تامغا ئاسار گۆھەر تاپقاندەك،
ئۆي ـ ئۆيلەردە بۇ ئەمدى رەسىم.
مانا سەئەت ! نە كېرەك ئىزاھ
تاز گۈل تاپسا بۇ شۇنداق ئىزىم.
شۇنداق ئاقار سازايى ھەيكەل،
كۆڭۈل ئېچىلماس بولمىسا بوزەك،
مەدەنىيەت شۇنداق ئۇقۇمدەك
تىرەجەمدۇ تەلۋىلىكتە بەك !
ئايا غاپىل، تۇنجى رەت غارىدىن
چىقىپ ئاندىن تارتتىڭغۇ ياپراق،
سەن تۇتىمغا كۆچكەندە تېخى
ئۇنىڭغا تېۋىنغان قىسمەت ئاشۇنداق.
قوشكېزەكمۇ ئادەم ۋە ئالجىش
ۋەھشىيانە چۇقان ـ سۈرىنى.
بىر كېمىدە تۇرار يانمۇ ـ يان
نەرە تارتسا تەقدىر بورىنى
قۇتقۇزۇپ قالىدۇ كىم ـ كىمنى؟!
ئۆزىنى قىستاپ بارىدۇ ئادەم،
رەڭگى ـ رويى بارغانچە سوغۇق.
سوئاللار تۇغۇلار: مۇشۇ ئەسىرگە
ئېھتىمال توغرا يا خاتا كەلدۇق.
كېلەر ئەسىرنىڭ ئادىمىي
رىتىملىق بىر ھايات سىلەر خىرامان.
توپا ـ تۇمان، ھاقارەت، بېسىم
يىنىپ قارىساڭلار بىر چۆچەكسىمان.
ئەسىرلەرنى ياراتتى خەلق
يالىڭاياغ، چوغ دەسسەپ،
بىز ھېچنېمىگە ئەمەس ئول تېشى،
نېمە بار ئەسلىگىدەك ئاخىر ۋە دەسلەپ،
بۇ ئەمەستۇر ئاچچىق ۋە كايىش
زامان، ماكان بەرىبىر بوشلۇق،
بىر سىقىم توپا ئالغىن ھەم پۇرا،
ھىد، ئىنسان بارمۇ ساڭا تونۇشلۇق!
كىم، كىمنى رازى قىلدى تەر تۆكۈپ،
كىم كىمنى كۈلدۈردى سەمىمىي بولۇپ،
كىم، كىمنى تەسىرلەندۈردى،
بېشىغا قار سۈركەپ،
كىم، كىمنى ئېرىتەلىدى ئېرىپ تۇرۇپ؟!
ئادەم زاتى كەلدى پاك بولماي،
پەيغەمبەر ئىزدىگەن ئىلاج،
ئىئوران دەرياسىغا چۈمۈلدۈرگەن
يەھياغا قەۋملەر ئىدى بەك موھتاج
ھەزرىتى ئىسا بىلەتتى ئالدىن
تانغان ئەمەسمۇ سىمون ئۈچ قېتىم.
خوراز قىچقارغىچە بولغان شۇ ۋاقىت،
تەكرار، ئۆزى قالغانمۇ يېتىم.
4
كېچە قاينىمىدا ئازابلىق بىر تۈس،
ئۇيقۇ چىللايدۇ ئادەمنى
ھارغىن دەقىقىلەرنىڭ يۈكى بەك ئېغىر
شۇنداق تەستە ئالار قەدەمنى
قۇرۇلۇش ئىچىدە يىمىرىلىش،
چايقاش ئىچىدە تەلمۈرۈش.
«مىڭ بىر كېچە» دىكى ئىس، تۈتەك، دېۋە،
پەسىللەر يۆتكىلىپ ئاقىدۇ نەمخۇش.
ئاتا ئۇيقۇدا تەشۋىش
ئەنسىز بىر چۈش:
يىلانلار سۇدا ئېقىپ كېلەرمىش،
زەھىرى ئۇچۇپ، بۇلۇت بولۇپ،
تىنچ كەپتەرلەرنى يۆگەپ كېتەرمىش.
5
بۇ كېچە
رەھمەت كېچىسى
ياراتماقتا ئىگەم بىر جان
بارى- يوقى ئىككى تامچە قان،
ئىككى چېقىندىن بىر رېتىم سادا.
بەلكى بۇ يەر توغراق باياۋان.
ياراتماقتا يەكتا گۈزەلنى،
جىسمىغا رەڭ بېرىش ئەمەستۇر ئاسان
قىزىل، سېرىق چېچەك،
يېشىل رەيھان، شالدىراق،
ۋە بىر رەڭگە ئالدى سىيادان،
ئەنبەر سۈيى بەردى كاكۇلغا،
بوي- بەستىنى ئەيلىدى ئاتۇچ،
ئەقلىنى كۆلدىن ئېلىپ بىگۇمان.
پۈتتى ئاخىر توققۇزى تەل قىز
بىر ئەپسانە ئۇ، بىر ھۆرى غىلمان،
نامۇسىنى ياراتتى پۈتۈن.
بەلكى ئۇنىڭ ئەستىرىدۇر قان،
يەكتا جاھىل ھەم يەكتا تەلۋا،
ئېگىل دېسە ئېگىلمەيدىغان.
ئۆڭمەيدىغان، كۆيمەيدىغان
داتلاشمايدىغان، تەۋرىمەيدىغان.
6
ئادەم ئاتا يۈرگەن جايلار بۇ،
پۇچۇق گۈمبەزلەر قالمىش بىر قىسسە.
رىۋايەتلەر ئۇچار تىنىمىسىز.
نەپسى غالىپ شەيتان، ۋەسۋەسە.
ھۆجەيرىلەر ئۆلۈپ تىرىلەر،
شىۋىرغانلار ئۇشقۇرىتار ئەنسىز.
شاختا ئېلىپ قويما ئىشەنچىنى،
يۈرمە ھەرگىز يەمسىز ھەم غەمسىز،
سەدىقەڭنى ئايما يولدا،
كۆرمەي قالما خىزىرنى يەنە،
سەندەل بويى ئويۇڭنى ئالسۇن
تەۋەرۈكتۇر ئۇدۇم، ئەنئەنە،
ياخشى، ياخشى چۈشلەرگە ئاقيول.
چۆچىكىنى باشلايدۇ ئوغلان:
كۈندۈزمۇ يە كەچمۇ بىلمەيمەن،
ئاي، كۈن، يۇلتۇز
بىر بۇرۇجدا بىر ۋاقىتتا تۇرغان،
ئوڭ مۈرەمدە بارمىش بىر بۈركۈت.
يۇلتۇزغا قارىتىپ ئاتتىم مەن ئوقيا،
كەلمىش يادىمغا بىر پىكىر ھامان،
ئوقيا يۇلتۇزغا تەگكەن دەقىقە
يەرگە چۈشۈپ ئىمىش يوقىغان،
دەل ئاشۇنداق قىلنىڭ ئۈستىدە
ئوڭ مۈرەمدىكى بۈركۈت
يۇلتۇزنى ئېلىپ كەپتۇ، چاڭگاللىغان…
ئاھ،قەدىمقى ياغاچ تاۋاقلار،
ساڭا قايتىدۇ ئادەم ئاستىلاپ،
ياۋايىلىقتىكى ھەر لەززەتكە،
ياۋايى ھاياتلا بېرىدۇ جاۋاب.
سۈرەلمە ۋاقىتلار نەدىكى،
ئۇ يەردە يوق بازار ۋە يالغان،
راستكوي كۆزلەر،
سەمىمىيەت- مۇھەببەت- قالقان.
بىراۋ بىرتال چوغ تاپسا
ئوت سۇنىدۇ بارچە ئولىشىپ.
بىر تال بۇغداي يېتىدۇ مىڭغا،
تاتلىق يېيشىدۇ بۆلۈشۈپ.
بارغىمۇ تەڭ،
يوققىمۇ تەڭ،
يولدىمۇ تەڭ،
سولدىمۇ تەڭ،
ئېقىپ- ئېقىپ كەتكەن ئۇ زامان،
كۆمۈلۈپ تۇرغىنى تارىخ،
ئېچىلىپ تۇرغىنى ھازىر.
بىر قەدىمكى چىغلىقتا
ئىزدىنىش ئىچىدە ياۋا توشقان.
نېمىگە قارايدىكىن
يەيدىغىنى ئوتنىڭ ئۇچى،
كولىغىنى يىلتىز- ئۇستىخان.
*******
تىپتىنىچ كېچىدە،
تىپتىنىچ شالدىراق

سالغا تېشى
ﺑﻮﻏﺪﺍ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ

1
ﻳﯘﻟﻐﯘﻧﻨﯩﯔ ﻧﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺋﺎﺯ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،
ﻛﯚﻧﯜﻙ ﺳﺎﺩﺍﻻﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻟﻪﻳﻠﯩﻤﻪﺱ ،
ﺋﻪﺭﻛﯩﻠﯩﺘﻪﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﻮﻗﺎﻱ ، ﺳﺎﻫﯩﻠﺪﺍ ،
ﺑﯩﺰﺍﺭﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ، ﻏﯧﺮﯨﭻ ﭼﻪﺗﻨﯩﻤﻪﺱ .
ﺭﻩﯕﻠﻪﺭ ﻳﻮﻗﺎﺗﺴﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﭽﻪ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﯩﻨﻰ ،
ﭼﺎﯓ – ﺗﻮﺯﺍﻧﺪﺍ ﺑﯘﺭﯗﻗﺘﯘﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯘ ﺋﺎﻟﻪﻡ ،
ﻫﻪﻳﻬﺎﺕ ، ﻧﯧﻤﻪ ﻛﯜﭼﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻥ ،
ﺩﻩﻗﯩﻘﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﻟﻪﺭ ، ﺋﯘ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﻫﻪﺭﺩﻩﻡ .
ﺩﯦﻨﻮﺯﺍﯞﺭﻻﺭ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﻗﺎﻳﺎﻗﺘﺎ ،
ﻏﺎﺭ ﺋﺎﺭﺍ ﺗﯘﺧﯘﻣﻠﯩﺮﻯ ﭘﻮﻟﺘﯩﻴﯩﭗ ﻗﺎﺗﻘﺎﻥ .
ﺑﯩﻨﻪﭘﺸﻪ ﺭﻩﯕﻠﻪﺭ ﺋﻪﺳﺮﺍﺭ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ،
ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﺎﻏﻤﯩﺨﺎﻥ .
ﻧﯩﻞ ﯞﻩ ﺩﻭﻧﺎﻳﻨﯩﯔ ﻛﯚﻙ ﺷﺎﯞﻗﯘﻧﯩﻐﺎ ،
ﺗﻪﯕﺸﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻣﻪﺭﻏﯘﻟﻰ .
ﻳﺎﯞﺍﻳﻰ ﯞﺍﺩﯨﺪﺍ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺭﯨﺰﻗﻰ ،
ﺑﻮﺭﺍﻧﺪﻩﻙ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ ﻳﻮﻟﻰ .
ﻣﯩﻼﺩﻯ ﺩﻩﻡ ﺗﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ،
ﺋﻮﺗﻨﻰ ﺗﯧﯖﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﺎﻏﺮﯨﻐﺎ .
ﺋﯘ ﮔﯩﻴﺎﻫﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﯩﺮﻭﻣﯧﺘﯩﺴﻰ ،
ﭼﯚﻟﻠﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﯨﻐﺎ .
ﺑﻮﺷﻠﯘﻕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﺎﻳﺘﻤﺎﺱ ﯞﺍﻗﯩﺖ ،
ﺩﻩﺷﺖ ﻫﺎﻳﺎﺗﻰ ﺑﺎﺵ ﯞﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﺳﯩﺰ .
ﺗﯩﺮﯨﻜﻠﯩﻚ ﺋﯘﺭﻏﯘﻳﺪﯗ ﻗﯧﻨﯩﺪﺍ ،
ﻳﺎﺭﻣﺎﻳﺪﯗ ﺗﺎﺵ ﺋﯘﺭﯗﻗﻤﯘ ﺭﻭﻫﺴﯩﺰ .
ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻧﯩﯔ ﺳﺎﻟﻐﺎ ﺗﯧﺸﯩﻐﺎ ،
ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ ﭼﯚﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ .
ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺑﺎﺭ ﻳﺎﺭﯨﻠﯩﺶ ، ﺋﯘﺩﯗﻡ ،
ﻛﻪﻟﺪﻯ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﻣﯚﺟﯩﺰﯨﺴﯩﻤﺎﻥ .
ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺶ ﻛﯜﭼﻰ _ ﺗﻮﺗﯧﻤﯩﺪﯨﻤﯘ ؟
ﺳﯚﻳﯜﻧﯜﺵ ﻛﯜﭼﻰ _ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﺪﯨﻤﯘ ؟
ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻲ ﻛﯜﭼﻰ _ ﺷﻮﺭ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ؟
ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﻛﯜﭼﻰ _ ﺋﻮﻏﻼﻥ – ﻗﯩﺰﯨﺪﯨﻤﯘ ؟
ﺑﻪﺩﻩﻝ ، ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﯩﺶ ، ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﯘﺵ ،
ﻫﺎﻟﺴﯩﺮﺍﺵ ، ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺶ ، ﻛﯜﭼﻪﺵ ،
ﺋﻪﺳﻠﻪﺵ ، ﺳﻮﺯﯗﻟﯘﺵ ، ﺋﯚﺭﻟﻪﺵ ،
ﻛﯚﻳﯜﺵ ، ﺗﯧﯖﯩﺮﻗﺎﺵ ، ﺗﯩﺮﻩﺟﻪﺵ .
2
ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺩﻩﺭﻩﺧﻜﻪ ﭼﯩﮕﯩﻠﮕﻪﻥ ﻻﺗﺎ ،
ﺋﺎﺭﺯﯗ – ﺋﯜﻣﯩﺪﻧﯩﯔ ﻳﺎﭘﺮﺍﻗﭽﯩﺴﯩﺪﻩﻙ .
ﻗﻮﭼﻘﺎﺭ ﻣﯜﯕﮕﯜﺯﻯ ﺷﺎﻣﺎﻟﺪﺍ ﺋﯚﯕﮕﻪﻥ ،
ﺋﻪﭘﺴﯘﻧﺴﯩﺰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺟﺎﻛﺎﺭﭼﯩﺴﯩﺪﻩﻙ .
ﻗﺎﻳﺘﺎﺭ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺗﯘﻍ – ﺷﺎﺩﯨﻐﺎ ،
ﺭﻭﻫ ﻳﯘﻳﯘﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﺘﺎ .
ﺳﻪﺑﯩﻴﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﺎﺭ ﻧﻪﭘﻪﺱ ،
ﮔﯜﻟﺨﺎﻥ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﻐﺎ ﺋﻮﺗﺘﺎ .
ﻛﯧﭽﻪ ، ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﺳﯩﺪﺍ ،
ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ﻳﺎﯞﺍﻳﻰ ﺟﻪﯕﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﺩﺍ .
ﺑﯘ ﺋﻪﻗﯩﻠﺪﯨﻦ ﻏﻪﻳﺮﻯ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ ،
ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﻪ ﺧﯘﺩﺍ !
ﺳﺎﻳﻨﯩﯔ ﺗﯧﺸﯩﺪﻩﻙ ﻗﺎﻗﺸﺎﻝ ﺑﺎﺵ ﺳﯚﯕﻪﻙ ،
ﻣﯩﯔ ﮔﻪﺯ ﻛﯚﻣﯜﻟﺴﯩﻤﯘ ﮔﯚﻫﻪﺭ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﺱ .
ﺑﻮﺭﺍﻧﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﻛﻠﻪﻳﺪﯗ ﺗﻮﭘﺘﻪﻙ ،
( ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺷﯘ ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﺎﺩﺍﯞﻩﺕ ، ﻗﯩﺴﺎﺱ ! )
ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﻮﻗﯘﻻﺭ ﺩﻩﻫﺸﻪﺕ ،
ﻫﯘﯞﻻﺷﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﭼﺎﭼﺮﺍﺭ ﺋﯘﺳﺘﯩﺨﺎﻥ .
ﺑﯘ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﺎﻗﻘﺎﻥ ،
ﺑﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻳﻪﻛﻤﯘﻳﻪﻙ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ .
ﺑﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ ﻛﯚﻟﻪﯕﮕﯩﺴﯩﻤﯘ ؟
ﺑﯘ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭﻧﯩﯔ ﺧﯘﻻﺳﯩﺴﯩﻤﯘ ؟
ﺑﯘ ﺗﯚﺭﯨﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺟﺎﺯﺍﺳﯩﻤﯘ ؟
ﺑﯘ ﻏﺎﻟﯩﺒﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﻧﺘﻪﻧﯩﺴﯩﻤﯘ ؟
ﺑﯘ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯧﯟﯨﺴﯩﻤﯘ ؟
ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻛﯚﻣﯜﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻜﻪ ،
ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺳﯩﯖﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻜﻪ .
ﻳﺎﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ، ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ،
ﺋﯘﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ﺋﻪﺑﻪﺩﯨﻴﻪﺗﻜﻪ .
ﺑﻮﺭﺍﻥ ﺗﻮﺧﺘﺎﺭ ، ﺟﯩﻤﯩﻴﺪﯗ ﻫﻪﻣﻤﻪ ،
ﺋﺎﻗﺎﺭ ﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﻻﻳﻼﻧﻤﺎﻱ ﭘﺎﻛﯩﺰ .
ﻳﯘﻟﻐﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﯜﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﻮﯓ ،
ﺑﯘﻟﻐﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ .
ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻴﻠﯩﻚ ﻣﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﭼﯚﭘﻘﻪﺕ ،
ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﯩﺰ ﻳﺎﻧﺘﺎﻗﻘﺎ ﻳﺎﻗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺷﯧﻜﻪﺭ .
ﻛﻪﻡ – ﻛﯜﺗﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ ﻳﺎ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﻰ ،
ﺟﯘﻻﻻﻧﻐﺎﻥ ﻳﺎﻗﯘﺗﺘﻪﻙ ﺑﯘ ﻳﻪﺭ .
ﻣﯜﯕﮕﯜﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﻣﻪﺷﺌﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﯘﺭﺕ ،
ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺋﺎﭼﻘﯘﭺ .
ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ ﭼﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ،
ﻳﯧﯖﯩﻼﻧﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺧﯧﻤﯩﺮ ﺗﯘﺭﯗﭺ .
ﺗﯩﯖﺸﺎ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﻰ ﻗﯘﻻﻕ ﻳﯧﻘﯩﭗ ،
ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﺪﯗ ﺩﺍﭖ ﺋﺎﺭﺍ ﺭﯨﺘﯩﻢ .
ﻫﺎﻟﺴﯩﺰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺗﯘﻟﭙﺎﺭ ﻳﻮﺭﻏﯩﺴﻰ ،
ﻛﻪﻣﺘﯜﻙ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﻢ .
ﻳﺎﯞﺍﻳﻰ ﺗﺎﺵ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭ ﺋﯚﭼﻜﻪﻥ ،
ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭ ﻣﯩﯔ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﻳﯩﻘﻰ ﺋﺎﺭﺍ .
ﻛﯚﭼﻪﺭ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﮕﻪ ،
ﻧﻮﻫﻘﺎ ﺗﯘﺗﯩﺸﯩﺪﯗ ﺑﺎﺭﺍ – ﺑﺎﺭﺍ .
ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ ﺋﯘ
ﻣﯩﯔ ﭘﺎﺗﻤﺎﻥ ﻛﻪﺗﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ،
ﺳﺎﭘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ،
ﻳﺎﻻﯓ ﺋﺎﻳﺎﻏﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻨﯩﻘﯩﺪﯨﻦ .
ﺋﯘﻟﯩﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﭼﻰ ،
ﺑﯘﺭﯗﺟﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﻳﻴﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ .
ﻗﻮﻏﻠﯩﺸﯩﺪﯗ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﺋﺎﯞﺍﺯ ،
ﺑﯧﻠﯩﻖ ﺋﺎﻗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺳﯘﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ .
ﭘﺎﺭﻗﯩﺮﺍﻕ ﻛﯘﻣﯘﺗﺎ ، ﭘﻪﺭﯞﺍﻧﻪ ﻫﻪﺗﺘﺎ ،
ﺷﯘ ﺳﯩﺰﯨﻘﺘﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ .
ﺗﻮﻣﯘﺯﻏﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﭘﯩﺴﻰ ﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ ،
ﺷﯘ ﻫﯧﻜﻤﻪﺗﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ .
ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺑﯩﺮ ﺳﯜﻛﯜﺕ ،
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺳﯜﺯﯛﻙ ﺗﺎﻣﭽﻪ
ﺋﯚﺳﯜﭖ – ﺋﯚﺳﻜﻪﻧﺪﻩﻙ ﺳﻪﺩﻩﭘﺘﻪ
ﺑﯩﺒﺎﻫﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﭽﻪ .
ﺋﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﺎﯞﯗﺩﻯ ﻛﯜﻥ – ﺗﯜﻥ ،
ﻳﯧﭙﯩﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﯩﻨﻰ ﻗﻮﻱ ﺗﯧﺮﯨﺴﻰ .
ﻳﺎﯞﺍﻳﻰ ﺗﻮﯕﮕﯘﺯﻧﻰ ﻣﯩﻨﻪﺭ ﻛﺎﻟﯩﺪﻩﻙ ،
ﻫﺎﻳﻘﯩﺮﯨﭗ ﺗﻮﯞﻟﯩﻐﯩﻨﻰ ﻣﯘﻗﺎﻡ – ﻧﺎﺧﺸﯩﺴﻰ .
ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺳﻠﯩﻚ ﺗﯘﻏﯘﻟﯩﺪﯗ ﻧﯧﻤﯩﺪﯨﻦ ،
ﻳﺎ ﻗﺎﻥ – ﺗﻪﺭﺩﯨﻦ ،
ﻳﺎ ﺧﯩﺴﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ،
ﻳﺎ ﻫﺎﺗﻪﻣﻠﻪﺭ ﻛﯚﻛﺴﯩﺪﯨﻦ .
ﺳﯘ _ ﻳﻮﺭﯗﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﺎﺷﺘﯧﺸﻰ ،
ﺩﻩﺷﺖ _ ﺋﯘﺳﺴﺎﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﭘﺎﻕ .
ﺑﻮﺭﺍﻥ _ ﺋﯚﺭﯛﭖ – ﭼﯚﺭﯛﮔﯜﭼﻰ ،
ﯞﺍﻗﯩﺖ _ ﭘﺎﺧﺘﯩﺴﻰ ﺋﯘﭼﺎﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻣﻐﺎﻕ .
ﻗﻪﺩﯨﻢ ﺋﯩﺰﺩﺍ ﺋﺎﻗﯩﺪﯗ ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ ،
ﻗﻪﺩﯨﻢ ﺧﯘﺷﺒﯘﻳﻠﯘﻕ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ ﺋﯧﺮﯨﭗ .
ﻳﯜﻛﺴﻪﻛﻠﯩﻚ ﺑﺎﺭ ﺧﯩﻴﺎﺑﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ،
ﻛﯚﻙ ﻗﯩﻴﺎﻕ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ ﻣﻪﻏﺮﯗﺭﻟﯩﻨﯩﭗ .
ﺋﺎﻗﻘﺎﻥ ، ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻥ ، ﻳﯘﻏﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ،
ﺗﻜﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ، ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ، ﮔﯜﻣﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ .
ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ، ﺳﯚﺭﯨﮕﻪﻥ ، ﺳﯚﺭﻩﻟﮕﻪﻥ ،
ﺗﯩﺮﻣﺎﺷﻘﺎﻥ ، ﻗﯩﺮ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ، ﻧﺎﻥ ﻳﯧﮕﻪﻥ .
ﻗﺎﺭﺍﻗﯘﺭﯗﻣﺪﯨﻦ – ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺗﻘﯩﭽﻪ ،
ﺧﺎﻥ ﺳﺎﺭﺍﻳﻠﯩﺮﻯ ، ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﺎ
ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻣﻪﺑﯘﺩ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﭼﯩﺮﺍﻍ ،
ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﺭﺍﺳﺖ ﺩﻩﺭ ، ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﻪ .
ﺋﯘﺭﺧﯘﻥ ﺋﺎﻗﻘﺎﻥ ﻳﯩﺮﺍﻕ – ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﺎ ،
ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺋﺎﻗﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﻳﺎﻗﺘﺎ ،
ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﯧﻐﻰ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﻮﻣﯘﺭﺗﻘﺎ ،
ﺑﯚﺷﯜﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﻪﭘﯩﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﺋﺎﻧﺎ .
ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ،
ﺗﺎﻣﺸﯩﭗ – ﺗﺎﻣﺸﯩﭗ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻟﻪﺯﺯﻩﺕ ،
ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘﺗﯩﺪﻩﻙ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻣﯧﯖﻪ
ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﯞﯨﻠﯩﻘﻼﭖ ﻛﯜﻟﻪﺗﺘﻰ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ .
ﺋﺎﻕ ﺋﺎﺭﻏﯩﻤﺎﻕ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ،
ﺋﺎﺭﯨﻼﭖ ﻳﯜﺭﮔﯩﻨﻰ ﻳﯘﺭﺕ – ﻗﻮﯞﻡ .
ﭘﻪﻱ ﻗﻪﻟﻪﻣﺪﻩ ﻗﻮﻧﺎﺗﺘﻰ ﺳﯚﺯﻟﯜﻙ ،
ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﻪﺭ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻫﯧﭻ ﻣﻪﯞﻫﯘﻡ .
<< ﻗﯘﺕ >>ﻧﻰ ﻗﻮﺷﺎﺭ << ﺑﯩﻠﯩﻚ >>ﻛﻪ ﻳﯜﺳﯜﭖ ،
ﻛﯧﻠﻪﭼﻪﻙ ﻳﯩﻠﻼﺭﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻦ .
ﺋﺎﻳﯩﻐﯩﺪﺍ ﺋﻮﺗﻘﺎﺵ ﭘﺎﻳﺎﻧﺪﺍﺯ ،
ﭼﺎﭼﻘﯘﻻﺭ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﺎﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﯟﯦﺸﯩﺪﯨﻦ .
ﺑﯩﺮﻯ ﻣﯘﻧﻪﺟﺠﯩﻢ _ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ﺳﺎﻧﺎﺭ ،
ﺑﯩﺮﻯ ﻛﯩﻤﯩﻴﺎﮔﻪﺭ .
ﺑﯩﺮﻯ ﻣﯘﻫﻪﻧﺪﯨﺲ ،
ﺑﯩﺮﻯ ﻣﻮﻣﯩﻴﺎﮔﻪﺭ .
ﻗﻪﺩﯨﻢ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻗﯘﻡ ،
ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﺱ ﻫﯧﭽﺒﯩﺮ ﺋﯩﺰﺍﻫﺎﺕ .
ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﺍ ،
ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺮﻏﯩﻴﺪﯗ ﻫﺎﻳﺎﺕ .
ﻳﺎﯞﺍﻳﯩﻠﯩﻖ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻴﻠﯩﻜﻤﯘ ؟
ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ .
ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﺭ ﻫﻪﻡ ﺑﯩﻠﻤﻪﺱ ،
ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻣﯜﺟﯩﻤﻪﻝ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺑﯩﺮﺳﯩﻤﺎﻥ .
ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ﺋﻪﭘﺴﯘﺱ ﻳﻪﭖ ﺋﺎﺧﯩﺮ ،
ﺑﯘ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﺵ – ﺋﯚﻟﯜﺵ ﺋﺎﺭﯨﺴﻰ .
ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﭗ ﺋﯚﭼﻜﻪﻧﺪﻩﻙ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺋﺎﺗﻪﺵ ،
ﻫﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﺘﻪﺭ ﻛﯚﺯﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺴﻰ .
ﻳﺎ ﺟﺎﯞﺍﻫﯩﺮﺩﯨﻤﯘ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ؟
ﻳﺎ ﻛﯩﺒﯩﺮﺩﯨﻤﯘ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ؟
ﻳﺎ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ؟
ﻳﺎ ﺳﯩﺮﺩﯨﻤﯘ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ؟
ﻳﯘﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ﻛﯚﻛﯩﺮﯨﭗ ،
ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﻠﯩﻚ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﺪﯗ ﺑﺎﺵ .
ﺋﻮﭼﯘﻗﻠﯘﻕ _ ﻳﯩﻠﻼﺭﻏﺎ ﺑﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ،
ﺋﯧﺰﮔﯜ ﻧﯩﻴﻪﺕ _ ﻳﻮﻝ ، ﻗﺎﻳﺎﺵ .
ﺗﯩﻠﺴﯩﻢ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﯘﭼﺎﺭ ﻟﻪﻳﻠﻪﻛﻠﻪﺭ ،
ﻧﯧﻤﯩﮕﯩﺪﯗﺭ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ،
ﻛﻪﻛﻠﯩﻚ ﺋﯧﺪﯨﺮﻏﺎ ﺳﯩﯖﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ،
ﻧﯧﻤﯩﺪﯨﻨﺪﯗﺭ ﺋﯘﺯﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻧﺪﻩﻙ .
ﺧﯩﺰﯨﺮ ﻳﯜﺭﻩﺭﻣﯩﺶ ﭼﻪﺕ – ﻳﺎﻗﯩﺪﺍ ،
ﻛﯚﻣﻪﺭﻣﯩﺶ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺯﯦﻤﯩﻦ .
ﺗﯜﻟﻜﻪ ﺗﯚﺷﯜﻛﻰ ﺑﻮﭘﻜﻪﺗﻤﯩﺴﯘﻥ ﺩﻩﭖ ،
ﺳﻪﻫﻪﺭ – ﺗﺎﯕﻼﺭﺩﺍ ﻗﯩﻼﺭﻣﯩﺶ ﺋﺎﻣﯩﻦ .
ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﺪﯨﻦ ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﮕﻪ ،
ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ ﻳﯩﻼﻧﻼﺭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﭖ .
ﮔﯜﻟﺪﯛﺭﻟﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﯞﺍﺯﻻﺭ ،
ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﺩﺍﺳﻰ ،
ﻟﻪﺭﺯﯨﺪﻩ ﺯﯦﻤﯩﻦ – ﺯﺍﻣﺎﻧﻪ ،
ﻣﺎﻛﺎﻥ – ﻣﺎﻛﺎﻧﻪ ،
ﻗﻮﺭﻗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺩﻩﺭﻩﺧﺘﻪ ،
ﺗﺎﯓ ﻗﯧﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺷﻘﺎﻥ ﺳﻪﻫﻪﺭﻟﻪﭖ ،
ﺋﯘﺯﺍﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺷﯘ ﻳﻮﺳﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ،
ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﻫﻪﻣﻤﻪ – ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ .
ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﻳﯘﻧﺴﯩﺰ ﻗﯘﻳﯘﻥ ،
ﯞﺍﻗﯩﺖ – ﺳﺎﺋﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺑﯩﻠﯩﭗ .
ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﯞﻫﯘﻡ ﺗﺎﺭﺩﻩﻙ ،
ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ﺋﻪﻳﺘﺎﯞﯗﺭ
ﺗﻪﯕﺸﻪﻛﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﻪﯕﺸﯩﻠﯩﭗ .
4
ﺗﯜﻥ ﺑﻮﻳﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﻳﯧﻐﯩﭗ ﺗﯘﺭﺩﻯ ﻗﯘﻡ ،
( ﺗﻮﺷﻘﺎﻥ ﻳﯩﻠﻰ ﺩﻩﺭ ﺑﯘﻧﻰ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ . )
ﻛﯧﺘﯩﻚ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ ، ﺳﯧﭙﯩﻞ ، ﻗﻪﻟﺌﻪﻟﻪﺭ ،
ﺭﻩﺳﯩﺘﯩﻠﻪﺭ ، ﺧﻪﺯﯨﻨﻪ ، ﺑﺎﻏﯟﺍﺭﺍﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ ،
ﻗﺎﻟﺪﻯ ﯞﻩﻳﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ، ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻗﺘﺎ ،
ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻠﻪﺭ ، ﻣﯘﻧﺎﺭﻻﺭ ، ﮔﯜﻣﺒﻪﺯﻟﻪﺭ .
ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯚﻟﯜﻛﻠﻪﺭ ﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﻏﺎﺭﺍﻳﯩﭗ ،
( ﺷﺎﻣﺎﻟﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻼﺭ ﺑﻪﺯﻩﻥ – ﺑﻪﺯﻩﻧﻠﻪﺭ )
ﻗﯘﺷﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﻪﺟﻪﻝ ،
ﭼﯚﻛﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻫﺎﻳﺎﺕ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﺍ .
ﺋﺎﻣﺎﻥ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﻛﯚﭼﺘﻰ ﺟﺎﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ،
ﺗﺎﻏﻼﺭ ﻛﻪﻝ – ﻛﻪﻝ ﺩﻩﭖ ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﺍ .
ﻧﯧﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﮔﯜﺭﯛﻟﺪﻩﻳﺪﯗ ﻗﯘﻡ ،
ﺧﯩﻴﺎﻝ ﻳﻪﺗﻤﻪﺱ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﻠﺴﯩﻤﺎﺕ .
ﻗﺎﻧﭽﻪ ﭼﯜﺷﻠﻪﺭ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ ،
ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﻗﻮﻳﯘﺷﺎﺭ ﭘﺎﺕ – ﭘﺎﺕ .
ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﺘﻪ ﻣﯩﻨﮕﯩﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ،
ﺯﻩﺩﯨﯟﺍﻝ ﺗﺎﻍ ، ﺗﺎﺵ ﻗﻮﯞﯗﻕ ﺗﯧﻐﻰ ،
ﻧﺎﻣﺴﯩﺰ ﺋﻮﺗﻼﺭ ﻛﻪﭺ ﻛﯜﺯﮔﻪ ﻫﯚﺳﻦ .
ﺗﯘﻟﭙﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﺍﺭ ﺗﯘﯞﯨﻘﻰ ،
ﺳﯘ ﺋﯩﻼﻫﻰ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ،
ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ ﻓﯩﺮﻭﺯﻩﺳﯩﻤﺎﻥ .
ﻻﭼﯩﻦ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺋﯚﺳﻪﺭ ﻗﯩﻴﺎﺩﺍ ،
ﻗﺎﻧﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯚﻟﻪﻳﺪﯗ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ .
5
ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻥ _ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻳﺎﯞﺍﻳﻰ ﺋﯘﻗﯘﻡ ،
ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺳﯩﯖﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ ﺳﯘ ﺗﺎﻣﭽﯩﺴﯩﺪﻩﻙ .
ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻳﺎﺭﺍﺷﻘﺎﻥ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺗﺎﺟﯩﺪﻩﻙ
ﯞﻩ ﻳﺎ ﺯﻩﺭ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ ﺩﻭﭘﭙﯩﺪﻩﻙ .
ﻗﯘﻡ ﭼﯧﭙﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻳﺎﯞﺍﻳﻰ ﺗﯚﮔﻪ ،
ﺗﯚﮔﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﻟﻐﺎ ﺗﯧﺸﻰ ،
ﺑﯘ ﻳﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭼﯜﺷﯜﺷﻰ ،
ﺑﯘ ﻳﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﻳﯜﭖ – ﭘﯩﺸﯩﺸﻰ .
ﺋﯘﺗﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺯﯗﯞﺍﻧﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻰ ،
ﭼﯚﻟﺪﻩ ﻳﯜﺭﮔﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻏﺎﭘﯩﻠﻠﯩﻘﻰ .
ﺋﯩﺰﯨﻨﻰ ﻛﯚﻣﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﻳﺪﯗ ﺷﺎﻣﺎﻟﻼﺭ ،
ﺑﺎﺗﯘﺭﻟﯘﻗﻰ _ ﺟﺎﻫﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ،
ﺋﯘ ﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺪﯗ ﺩﻩﺷﺘﺘﯩﻦ ،
ﺋﺎﺕ ﺗﯩﺮﯨﻠﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺷﺎﻣﺎﻟﺪﯨﻦ ،
ﻛﺎﻻ ﺗﯩﺮﯨﻠﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺳﯘﺩﯨﻦ ،
ﻗﻮﻱ ﺗﯩﺮﯨﻠﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺷﻮﺭﺩﯨﻦ .
ﻛﯚﺯ ﻧﯘﺭﻯ ﺗﻮﺷﻘﺎﻥ ﻳﯘﯕﯩﺪﻩﻙ ،
ﺋﺎﺗﻪﺵ ﻗﯘﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﮔﻪﯞﺩﻩ .
ﺋﯘ ﺑﺎﻏﺮﯨﻨﯩﯔ ﻫﯧﻜﺎﻳﯩﺴﯩﺪﻩﻙ ،
ﺗﺎﺭﺍﻟﻐﯘﺳﻰ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻫﻪﻡ ﺋﻪﺗﻪ .
ﺑﯩﺰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ، ﺑﯩﺰ ﻛﯩﺒﯩﺮ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ،
ﺭﻭﻫﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ ﺋﯧﺘﯩﺸﯩﭗ .
ﻛﯩﻢ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﯩﻚ ﺳﯚﺯﻟﯩﺴﯘﻥ ﺯﺍﻣﺎﻥ ،
ﺋﯘ ﺋﻪﺭﺷﺘﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ ﺗﻪﯕﺸﯩﻠﯩﭗ ،
ﺋﯘ ﺑﯜﮔﯜﻧﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﻢ ،
ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺩﯦﯖﯩﺰﻏﯩﭽﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ، ﺭﺍﺳﺖ .
ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﯘﺧﻼﻕ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻏﺎ
ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﯧﭙﯩﻨﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ، ﺭﺍﺳﺖ .
ﻫﻮﻣﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯜﻳﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻧﺎﺗﻮﻧﯘﺵ ،
ﺋﻪﭘﻼﺗﻮﻧﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯘ ،
ﺳﻮﺭﯗﻧﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﻗﺎ ﺗﯘﺗﺘﯘﺭﯗﭖ ،
ﺳﯘﻧﻤﺎﺱ ﻛﯚﯞﺭﯛﻙ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯘ .
ﺋﺎﯕﺎ ﺋﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻳﯜﻛﯩﻨﻰ ،
ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﻠﺘﯩﺠﺎ .
ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺋﺎﺗﻼﭖ ﺩﯦﯖﯩﺰﻏﺎ ﭼﯚﻛﻜﻪﻥ ،
ﺑﯧﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ ﺋﺎﻫ .
ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺳﯚﯕﻪﻙ ، ﻏﯧﺮﯨﺐ ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﻪﺭ ،
ﺑﯘ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﻧﯧﺮﯨﻘﻰ ﭼﯧﺘﯩﺪﻩ .
ﺑﺎﺭﺳﺎ ﻛﻪﻟﻤﻪﺱ ﻳﻮﻟﻼﺭ ، ﮔﯘﻧﺎﻫﻰ
ﺋﺎﻧﯩﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﻪﻣﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﻩ .
ﺋﺎﻳﯩﻐﯩﺪﺍ ﭼﯚﺭﮔﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﻟﻪﻡ ،
ﺭﻩﻧﺠﯩﺶ – ﺭﻩﻧﺠﯩﺘﯩﺶ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎ .
ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭ ﺗﻪﮔﻜﻪﻥ ﭼﯩﺸﯩﻐﺎ ﺑﻪﻟﻜﻰ ،
<< ﺋﺎﻝ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ! . . . >> ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﮔﻮﻳﺎ .
ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺷﯧﺮﯨﻜﺴﯩﺰ ﺗﺎﻛﻰ ،
ﺩﯗﻧﻴﺎ ﭘﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﮔﯘﻧﺎﻫﻘﺎ ،
ﺷﯘ ﯞﻩﺟﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﯞﺍ – ﺋﯩﺴﺘﯩﻐﭙﺎﺭ
ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﯘﻳﯘﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﺍﺭ ،
ﺋﯘ ﺳﺎﻗﯩﺘﺘﯘﺭ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ ﯞﻩ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ .
ﺋﻪﻱ ﺑﺎﺑﺎ ﺗﯚﮔﻪ ،
ﺳﺎﯕﺎ ﺗﻮﻧﯘﺵ ﻫﻪﻣﻤﻪ – ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ .
ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﯘ ﺳﯧﻨﻰ ﭼﯚﻝ ﻛﯧﻤﯩﺴﻰ ،
ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﯖﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻣﯘ ﭘﻪﻟﻠﯩﺴﻰ .
ﺳﻪﻥ ﻛﯚﻣﯜﻟﮕﻪﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻫﻪﻳﻜﻪﻟﭽﺎﻕ ،
ﻗﯘﻡ ﺗﯧﮕﯩﺪﻩ ﭘﻪﺭﻳﺎﺩﻟﯩﺮﯨﯔ ﺑﺎﺭ .
ﺟﯜﭖ ﺋﯚﺭﻛﯩﺸﯩﯔ ﻧﻮﻣﯘﺱ ﻛﯜﭼﯜﯕﻤﯘ ؟
ﺗﺎﭘﯩﻨﯩﯖﺪﺍ ﺋﺎﻕ ﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﯔ ﺑﺎﺭ .
ﺗﯩﻜﯩﻠﯩﺴﻪﻥ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﯞﻩ ﺋﯜﻧﺴﯩﺰ ،
ﻏﺎﻳﯩﺐ ﺋﺎﯞﺍﺯﻻﺭ ﻫﻪﻣﺮﺍﻫﯩﯖﻤﯩﺪﯗ ؟
ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻗﺎﻳﺎﺱ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ ،
ﻛﯩﻢ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ ﺑﺎﺭﮔﺎﻫﯩﯖﻤﯩﺪﯗ .
ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﯖﺪﺍ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺷﺎﯞﻗﯘﻧﻰ ،
ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﭘﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻘﯘﻏﺎ .
ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺳﯩﻠﺠﯩﻐﯘﯓ ﻛﻪﻟﻤﻪﺱ ،
ﻳﺎﺭﺩﺍﯕﻠﯩﻘﻘﺎ ، ﺗﻮﻗﺎﻳﻠﯩﻘﻘﺎ
ﻫﺎﻳﺎﺗﺒﻪﺧﺶ ﺷﺎﻣﺎﻟﻨﻰ ﭼﯩﻠﻼﭖ
ﻫﻪﻡ ﻣﻪﺳﺖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯜﻧﺪﻩ ،
ﻳﺎﺷﺎﯞﻩﺭﮔﯩﻦ ﺋﺎﻗﻘﺎﻥ ﻳﻮﻟﯘﯕﺪﺍ
ﺳﯧﻨﯩﯖﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺧﯘﺩﺍﻳﯩﯔ ﺑﺎﺭ – ﺩﻩ !
6
ﭼﯚﻝ ﻳﺎﺗﯩﺪﯗ ﻫﻪﺳﻪﺗﺴﯩﺰ ،
ﻣﯩﯔ ﺗﺎﯞﻟﯩﻨﯩﭗ ﺗﺎﯞﯗﺳﺘﻪﻙ ،
ﻣﻪﺳﺘﺨﯘﺷﻠﯘﻗﻰ ﺳﻮﺋﺎﻟﺴﯩﺰ ، ﺟﺎﯞﺍﺑﺴﯩﺰ ،
ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﻟﻪﻫﻪﯓ ﻗﯘﻳﺮﯗﻗﯩﺪﻩﻙ .
ﺑﯘ ﺗﺎﺭﯨﻢ
ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺗﯧﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﯜﺳﻠﻪﺗﻜﻪﻥ ،
ﺑﯘ ﻳﻪﺭ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﻗﻪﻟﻪﻣﭽﯩﻨﻰ ﺗﺎ
ﺳﺎﻧﺠﯩﭗ ﻗﻮﻳﺴﺎ ﻛﯚﻛﻠﻪﺗﻜﻪﻥ !
ﺋﺎﺑﯩﻬﺎﻳﺎﺕ ﺗﺎﻣﻐﺎﻥ ﺗﻮﻏﺮﺍﻗﻼﺭﻏﺎ
ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻞ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ ﺗﯩﻚ ﺗﯘﺭﯗﭖ ،
ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻞ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ ﻳﺎﻧﭽﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ،
ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻞ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ ﻗﯩﻐﻰ ، ﺗﯚﺭﯨﻠﯩﭗ . . .
ﺗﻮﻏﺮﺍﻕ ، ﺗﻮﻏﺮﺍﻕ ﻳﯧﺸﯩﻞ ﺭﻭﻫﻤﯩﻜﯩﻦ ،
ﻟﻪﻳﻠﻪﺷﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﻛﻪﻡ ﻫﻪﻡ ﻧﺎﺯﯗﻙ ،
ﺋﯘ ﺗﯚﻟﯩﺪﻯ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﻪﺩﻩﻝ ،
ﻳﯧﺸﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ ﺧﯩﻴﺎﻝ ﻫﯧﭻ ﺗﯜﺯﯛﻙ .
ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺑﯩﺮﻯ ﻳﻪﺭ ﺑﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻐﺎﻥ ،
ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﺷﻨﻰ ،
ﺋﺎﻧﺎ ﺩﻩﺭﻩﺧﻨﯩﯔ ﺗﻮﻟﻐﯩﻘﻰ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ،
ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺋﺎﻟﯩﻘﯩﻨﯩﺪﺍ ﺟﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻳﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ،
ﻫﻪﺭ ﻫﺎﺳﯩﺮﺍﺷﻨﯩﯔ ﺗﯩﻜﻪﻧﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ،
ﺑﯘﮊ – ﺑﯘﮊ ﺗﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺋﯧﺮﻩﻥ .
ﭼﻪﻛﭽﻪﻳﮕﻪﻥ ﻛﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﭼﺎﻧﺎﻗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ
ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ – ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ ﺳﯜﺭﻩﻥ . . .
ﺗﻪﻗﺪﯨﺮ ﻛﯧﻤﯩﺴﯩﺪﻩ ﮔﯩﻴﺎﻫ ﻫﻪﻡ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ،
ﺗﺎﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ﻫﺎﻣﺎﻥ .
ﻗﯩﺴﻤﻪﺕ ﯞﻩﻫﯩﻤﯩﺴﻰ : ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﺎﺩﯨﻤﻰ ،
ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺑﺎﻻﻏﯩﺘﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﻟﯟﯨﺴﯩﻤﺎﻥ .
ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﺎﻗﻼﺭﻏﺎ ﻧﻪ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﻛﺎﻧﺎﺭ ،
ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻚ ، ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﺘﻪ .
ﺳﺎﺩﺩﺍ ﺑﯩﺮ ﻫﺎﻳﺎﺕ ﺗﺎﻛﺎﻣﯘﻝ ،
ﺟﯧﻨﻰ ﺗﯩﺮﯨﻠﻤﻪﻳﺪﯗ ﺗﯜﯕﻠﯜﻛﺘﻪ .
ﺳﯧﺨﯩﻴﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﯩﻨﻰ ،
ﻣﺎﻱ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ ﺑﯚﺭﻩﻛﻜﻪ .
ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺵ ﺗﺎﺭﺗﺴﺎﯓ ﻟﯧﮕﻪﻥ ﺋﺎﻝ ،
ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻫﯧﭻ ﺯﻭﺭﻟﯩﻤﺎ ﻛﻮﻣﺰﻩﻛﻜﻪ .
ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﻗﺎﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ،
ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻚ ﺋﯩﻼﻫﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﭘﺎﻕ – ﻗﺎﺷﻠﯩﺮﻯ .
ﻗﻮﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﺗﯚﻛﯜﻟﯜﭖ ﺗﯘﺭﺍﺭ ﺩﯗﺭﺩﺍﻧﻪ ،
ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺧﯘﻧﯜﻛﻠﯜﻛﻨﯩﯔ ﺩﺍﺷﻘﺎﻟﻠﯩﺮﻯ .
ﺋﺎﻓﯩﻨﺎ ﻗﯩﺰﯨﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﮔﺮﯦﻚ ،
ﮔﯜﻟﻴﺎﻧﯩﺪﺍ ﺟﺎﻧﺎﻥ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ .
ﻗﯘﻡ ﺋﺎﺭﺍ ﻳﻪﻟﻜﻪﻥ ﭼﯩﻘﺎﺭﺳﺎ ﻛﯧﻤﻪ ،
ﺑﺎﻳﺮﻭﻥ ﺩﺍﯕﻘﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻻﺗﺘﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭ .
ﻗﯩﺰ _ ﺗﺎﺭﯨﻤﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻗﻘﯘﺳﯩﻤﺎﻥ ،
ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ _ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ .
ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ _ ﻳﯘﻟﻐﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚﻛﻠﻪﺭ ،
ﻗﺎﻧﺎﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻜﻪﻥ ﻫﻪﺭ ﻳﺎﻥ . . .
ﺑﺎﺑﺎﻻﺭ ﺑﯩﻠﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﻤﻪ ،
ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﭘﺎﻧﺎﻫﻠﯩﻨﯩﭗ .
ﺋﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻕ ،
ﻳﯜﺭﻣﻪﭘﺘﯩﻜﻪﻥ ﺧﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ .
ﺭﻭﻫﻰ ﺭﻩﻫﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ ﺗﻪﻣﻪ ،
ﻛﻪﺗﺘﻰ ﺗﺎﻣﺎﻡ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻘﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ .
ﭼﺎﯓ ﺯﻩﺭﺭﯨﺴﻰ ﺑﺎﺵ ﺋﯜﺳﺘﯜﯕﺪﻩ ﺗﺎﺝ ،
ﻛﻪﺑﯩﺘﯘﻟﻼ ﺑﯩﻞ ، ﺳﻪﺟﺪﯨﮕﺎﻫ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،
ﺋﯩﺰﺩﯨﺸﻪﺭ ، ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﻯ ،
ﻗﻮﭼﻘﺎﺭﻏﯩﻤﯘ ﺷﻪﺭﻩﭖ ﻣﯜﯕﮕﯜﺯﻯ .
ﻣﯘﻧﺎﺭﻧﯩﯔ ﺗﯜﯞﻯ ﻳﻮﻕ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﺍ ،
ﺋﯘﭼﻰ ﺋﯘﭺ ، ﺗﯜﯞﯨﺪﻩ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﻯ .
ﺑﻮﻳﯘﻥ ﺋﺎﺳﻘﯘﻣﯘ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﯩﻨﯩﻼ ،
ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﻤﯘ ﻳﻪﺗﺴﻪﻡ ﺩﻩﭖ ﺗﻪﻟﭙﯜﻧﮕﯩﻨﯩﻼ ،
ﭼﯚﻝ ﻣﯩﺠﻪﺯﻯ ﺟﯩﻤﺠﯩﺖ ﺩﻩﺭﻳﺎﺩﻩﻙ ،
ﺑﯩﻠﯩﺴﻪﻥ ﺷﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯚﺭﻩﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻼ .
ﻣﯧﯟﯨﺴﻰ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ، ﻳﺎﭘﺮﯨﻘﻰ ﻛﯜﻣﯜﺵ
ﺟﯩﮕﺪﻩ ﺩﻩﺭﯨﺨﻰ ﮔﯜﭘﯜﻟﺪﯨﺴﻪ ،
<< ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻢ >> ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ﻫﺎﻳﺎﺕ ،
ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﻣﻪﺷﺌﯩﻠﯩﻨﻰ ﺗﻪﯞﺭﻩﺗﻤﯩﺴﻪ .
ﻗﯘﺭﻣﯩﺶ ﺋﺎﺗﺎ ، ﺗﯚﻟﻪﻣﯩﺶ ﺋﺎﺗﺎ ،
ﭘﺎﻟﯟﺍﻥ ﺋﺎﺗﺎ _ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻕ ﻛﯧﻤﻪ ﻣﺎﻟﯩﺨﺎﻱ .
ﺋﯘﺭﯗﻟﺪﻯ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﻴﺎﻏﺎ ،
ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻤﯘ ﺟﯩﻴﻪﻛﺘﻪ ﺋﯧﺘﻪﻙ ﺑﻮﻟﯘﻧﻤﺎﻱ ؟ !
ﭼﯚﭼﯜﻳﺪﯗ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮ ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ،
ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﮔﯘﻧﺎﻫ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
ﺋﻮﻏﻼﻧﻼﺭﻏﺎ ﺑﯚﺭﻩ ﺋﻮﺷﯘﻗﻰ ﺗﯘﻣﺎﺭ ،
ﺩﺍﯞﺍﻥ ﺩﺍﯞﯨﺴﺎ ﻫﻪﻣﺮﺍﻫ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
7
ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﺪﺍ ﺑﺎﺭﺧﺎﻥ – ﺑﺎﺭﺧﺎﻥ ﻗﯘﻡ ،
ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺪﯗ ﺑﻪﻙ ﻏﯘﯞﺍ ، ﺳﻮﻏﯘﻕ .
ﻏﺎﺭﻻﺭﺩﺍ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻣﯘﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﺎﻣﺎﻝ ،
ﺋﺎﻫﺎﯕﻼﺭ ﺋﯧﻨﯩﻖ ، ﺋﯩﻼﻫﯩﻲ ، ﺗﻮﻟﯘﻕ :
ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻗﻮﯕﻐﯘﺭﺍﻗﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺘﯩﭗ ،
ﭼﯩﺮﯨﺴﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﭼﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺘﯩﭗ ،
ﻣﻪﺭﯞﺍﻳﯩﺖ ﻧﯘﺭﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺘﯩﭗ ،
ﻫﺎﯞﺍ ﺭﻩﯓ ﺑﻮﻳﺎﻗﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺘﯩﭗ ،
ﺗﺎﺭﺳﯩﺰﻟﯩﻘﻰ ﻣﯚﺟﯩﺰﯨﺪﻩﻙ ،
ﻗﺎﺭﺍﺭﺳﯩﺰﻟﯩﻘﻰ ﻣﯚﺟﯩﺰﯨﺪﻩﻙ ،
ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ﺋﯘ ﺳﯘﻏﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ،
ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ﺋﯘ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﻏﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ،
ﺋﯘ ﻧﯩﻴﻪﺕ ،
ﺋﯘ ﺗﻮﺯﯗﻣﺎﺱ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ.

ئۆيدىن چىقىپ كېتىش
رىسالەت مەردان

ئۆيدىن چىقىپ كېتەي
ماڭا كېرەك ئەمەس ھېچنىمە
ئائىلە ۋە تۈگىمەس ئىشلار.
ياشاپ باقاي بىر قېتىم تەنھا
بازارلارنى ئارىلاپ كۈندە
ئورمانلىققا باراي بۇ قېتىم
سايراپ تۇرغان بولسا- ھە، قۇشلار؟
سېتىۋالاي بىر تال ئاتكرىتكا
يازاي ئۆزۈمگە:
- مۇبارەك بولسۇن،
- تەبرىكلەيمەن تەنھالىقىڭنى.
خىيالىمنى قىلاي بەھۇزۇر
ھېچكىم ماڭا قىلمىسۇن دەخلى
يازماي باقاي بىر رەت شېئىرنى.
ئاڭلانغان نېمە؟
يۈرىكىمنىڭ ئوتلۇق تىترىشى،
تىترىمەكتە ھەر بىر قېتىمدا
سان- ساناقسىز مەنىنى ئېلىپ.
مۇزىكىغا ئايلانغان
يۈرىكىمنىڭ نازۇك سىرلىرى
چېكىلمەكتە ئۈن- تىنسىز مۇڭلۇق.
قايرىلماقچى بولساممۇ گەرچە،
جۈرئەت مەندىن قاچتى يىراققا.
قان تامچىغان ئەسلىمە ئەمەس،
سەن ئەمەسسەن كەلگۈسى ماڭا.
مەن ئىزدىگەن مۇھەببەت ئەمەس،
سۆيگىنىمنىڭ ئوتلۇق خەتلىرى.
دۇنيا كېزىپ يۈرگەن شامالنىڭ،
ئەڭ يېقىملىق ھەسرىتى، دەردى.
ئاڭلانغان نېمە؟
ئۆز-ئۆزۈمنىڭ ئۇھ تارتىشلىرى.

يۈرىگىمنى تۇتىمەن ساڭا
ئوسمانجان ساۋۇت

بەختىيار ئوغلۇڭمەن پەقەت ساڭا خاس،
سەن مېنى بىر ئۇيۇل زەررەم دەپ سانا .
بەرگىڭمەن، قەترەڭمەن ۋەسلىڭگە تۇتاش،
كۆرسىتەي يۈرۈگۈم قولۇمدا، مانا .
سەن ئۈچۈن جۇش ئۇرغان قايناق ئەقىدەم،
زىھنىمنى ئۇچلايدۇ، بولىمەن دانا .
ياشايمەن سۆيگۈ ۋە پەخىر ئىلكىدە،
خىسلىتىم، سۆيگۈمگە سەن بولدۇڭ ئانا !
يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا !
سايىدەك خىياللار قوزغىغان ھەۋەس،
بىر قىيا قاراتسا گەر مېنى ياتقا .
بىقارار جاپالار سەۋرىمنى يىڭىپ،
قىستىسا ئوكۇنۇش ، نالە – پەرياتقا ؛
گۇزەردە قارىسام تەئەجقۇپ ئىچرە،
زەر لىباس ئەجنەبى ياكى سەيياھقا .
قۇيۇلغاي كۆزلىرىم بولۇپ گۇناكار،
ئىنسانلىق سۈپىتىم چىقسۇن بەرباتقا!
يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا !
چىگرىسىز ئۆيۈمنىڭ چېگرىسى پولات،
غەيرىي ئۆي ئۇرۇلسا بولۇر ئۇ تالقان .
ئېزىتقۇ جىلۋىلەر ئۈزگەن ئوقلارغا،
سەن بەرگەن مۇھەببەت بولىدۇ قالقان .
بەلگىسىز يۇتكۈچى ئۆمرۈمگە بەلگە،
سىنىڭدە ئاققان تەر،قاپار غان ئالىقان .
سەندىكى ھەر تاڭغا پۈتۈلگەن بەختىم،
ھاياتى نۇرلارنى ۋەسلىگە تاڭغان !
يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا !
تاج – تىللا گۈل قىلىپ ئىگەلمەس مېنى،
ئۆمرۈمنىڭ ۋەزنى ھەم جىلاسى سەندە .
قۇللۇقنى سۆكسەممۇ قاغاپ، قارىلاپ،
قۇلۇڭمەن ئەبەدىي، بىرساڭا بەندە .
تەبەسسۇم تارىتاي يۈلتۇزلارغا مەن،
يالاڭ گۈل كەبىمەن قىلىمەن خەندە .
نەپىسىم ئايرىلماس ئىپار ھاۋاڭدىن،
دىمەككى تاغدەك زور قۇدرەت بار مەندە .
يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا !
بەختىچۈن مىزان بار ھەركىمدە تەھقىق،
بۇچىگىش، مىڭ پۇتاق، تالاي خىل بىراق .
ئىشرەتتە ئۆلچەيدۇ بەزىلەر ئۇنى،
بەختتىن قىقىلىپ ئاسمانچە يىراق .
بەزىلەر دەيدۇكى، بەخت دېگەن شۇ،
ئاينىمۇ لەت قىلغان ئاي تەن، ئاي سىياق .
ئالەمنىڭ ھىكمىتى ئالەمنى ئېمىش،
ئۆزگىسى تاڭلايغا تاشلايدۇ قىياق .
مەن دەيمەن بەخت دەپ سىنىڭ ۋەسلىڭنى ،
ئىشقىمنى تاۋلايدۇ سەن سالغان پىراق .
بەختتۇر كىچىلەر باسقاندا سىنى،
جىسمىمنى پىلىك قىپ ياندۇرسام چىراغ .
يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا !
مەڭگۈلۈك رىزقى بار سەندە ئەۋلادنىڭ،
ھاۋا، سۇ باغرىڭدا ياتقان، پاك پەۋەس .
مېشىمدە كۆمۈر ئەمەس يانار يۈرىكىم،
ھەتتاكى ئاۋايلاپ ئالىمەن نەپەس .
بىھۇدە تۆككەنلەر تامچە سۈيۈئۇڭنى،
بىلىمەن، ۋاپادار پەرزەنتىڭ ئەمەس .
كۆرەلمەس سەندىكى چىن گۈزەللىكنى،
نەپسىنىڭ كويىدا يۈرگەن مەست – ئەلەس .
يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا !
ئېھتىياج تۇغۇلسا، ئامانلىغىڭچۈن
بەرمىنى قازاغا، بەرگىن خەيرىگە .
ئوغلۈڭمەن تۇغۇلغان بەختىڭچۈن جەڭگە،
خېرىدار ئەمەسمەن بەزمە، سەيلىگە .
ئاق يوللۇق قەسەمبۇ ئاق نىيەت تۇغقان،
ئوخشايدۇ قاردىكى ئاپپاق لەيلىگە .
ئازارلار يىسەممۇ پەي مىجەزلەردىن،
پۈكمەسمەن قەددىمنى باقماي مەيلىگە .
يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا !
ئېرىمەس قەھرىمنى ئالار پەقەتلا
يات ئىقلىم ئىشقىدا ئۆرتەنگەن ساياق .
ئۆلگىنى ھەركىمنىڭ ياقا يەرلەرگە
سىنىڭدىن قول ئۈزۈپ تاشلىسا ئاياق .
كەلگىندى ئاتىلىپ كەلگىندىلىكتە،
تاپقان زەر، جەزمەنكى، باشقا دەرد – تاياق .
مىڭ ئەلا توزىدىن خەقنىڭ، سەندىكى
قۇشقاچلار شاخلارغا تاشلىغان ماياق .
يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا !
شۇ مىنىڭ ئەقىدەم، ئۆتەر ئىلكىدە،
ئۆمرۈمنىڭ ھەر بەرگى – دەقىقەم ، سوتكام .
مىڭ جەننەت راھىتىدىن بېرىدۇ ماڭا،
لاي سۇۋاق ئۆيۈم ۋە قىيشايغان بوتكام .
بايلىقىم – دىلدىكى ساڭا مۇھەببەت،
ۋە سادىق ھەمرايىم قەلەم، چىش چوتكام .
خەقلەرنىڭ مىننەتلىك ئېشىدىن ئەلا،
ئۆزۈمنىڭ قازىنى بەرگەن ئاش، بوتقام .
يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا .

ﺋﺎﺕ ﺟﯘﯞﺍﺯﺩﺍ ،ﻛﺎﻻ ﻣﻪﭘﯩﺪﻩ
ﻣﺎﻣﯘﺕ ﺯﺍﻳﯩﺖ

ﻛﯩﭽﯩﻚ ﯞﺍﻗﺘﯩﻢ، ﻛﻪﻟﺪﻯ ﭼﻮﯓ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻱ،
ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﯲﻳﮕﻪ ﻫﯧﺘﺘﺎ ﭘﻪﺗﯩﮕﻪ .
ﻫﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ، ﯮﺭﯗﻕ ﻛﺎﻟﯩﻨﻰ
ﻗﯧﺘﯩﯟﺍﭘﺘﯘ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻣﻪﭘﯩﮕﻪ .
ﻫﻮﺭﺍﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺩﺍﺩﺍﻡ :
ﻏﻪﻟﯩﺘﯩﻐﯘ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮﯪﺯ؟…
ﺳﯚﺯﻟﯩﺪﻯ ﺑﺎﻱ :
ﻫﻪ، ﯰﯲﻳﺪﻩ ﻫﻪﻳﺪﻩﻳﺪﯗ ﺟﯘﯞﺍﺯ .
ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺑﻪﻙ ﯪﺩﺩﻯ ﺑﯘﺋﯩﺸﻨﯩﯔ،
ﯬﻣﻪﺱ ﯪﻧﭽﻪ ﯮﻳﻼﭖ ﻛﯩﺘﻪﺭﻟﯩﻚ .
ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﭼﺴﺎ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﻤﺎﻕ ﻗﯩﻴﯩﻦ،
ﺷﻮﺥ، ﯬﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﯘﻟﭙﺎﺭ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ
ﺩﯨﺪﻯ – ﺩﻩ، ﺑﺎﻱ، ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﻫﯩﺠﺎﻳﺪﻯ :
«ﺷﯘﯕﺎ ﯪﺗﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻢ ﺟﯘﯞﺍﺯﻏﺎ،
ﻳﺎﯞﺍﺵ ﻛﺎﻻ ﻻﻳﯩﻖ ﻣﻪﭘﯩﮕﻪ …»
ﺑﺎﻱ .ﯰﺯﯨﺪﻯ، ﺳﯚﺯﻟﯩﺪﻯ ﺩﺍﺩﺍﻡ:
ﺑﯘ – ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺟﺎﻫﺎﻥ .
ﺳﯚﯕﻪﻙ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎ ﻧﺎﺩﺍﻧﻼﺭ،
ﺋﯩﺖ ﯪﻟﺪﯨﻐﺎ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯗ ﺳﺎﻣﺎﻥ…

بىلىم ئىشقىدا
نىمشېھىت

جاھان رەنالىرى ئىچرە بىلىمدەك بىر گۈزەل يار
بىلىمدىن ئۆزگە تۇتقان يار بولۇر ئۇ گاھىدا بار-يوق.
قارا قاشلىق ، تولۇن ئايلار ساڭا بىر نەچچە كۈن يولداش،
ئەگەر سەن پۇلدىن ئايرىلساڭ ،سېنى تاشلايدۇ ،ھېچ ئار يوق.
كىرىپ نەپسىڭنىڭ كەينىگە بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتساڭ،
بىشىڭغا چۈشسە بر كۈنلەر يوق ئۇ چاغدا سەن كەبى خاريوق.
قۇلاق سالساڭ مۇھەببەت ئەھلىنىڭ پەريادۇ ئاھىغا،
يۇتۇپ زەرداپ، پىراقتىن داد دېمەكتىن باشقىچە زار يوق.
تەپەككۇر ئەيلىسەڭ ئىشقىي ئەسەرلەرنى ئوقۇپ ھەر دەم،
قاراڭغۇ دەر يورۇق دۇنيانى ھەم ئالەم كەبى تار يوق.
يۈرۈپ مەنمۇ گۈزەل ئىزلەپ جاھالەتكە ئەسىر بولغان،
خالايىق ئالدىدا يۈرسەم، مېنىڭدەك بەلكى ئەغيار يوق.
پاراغەت ئىزلىسەڭ ، ئەسلا بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتما،
سېنىڭ قەدىرىڭنى ساقلاشتا بىلىمدەك ياخشى ھەمكار يوق.
ھاياتلىقتا بىلىم قانداق كىشىنىڭ يولدىشى بولسا،
قەيەرگە بارسا باش قاتماس،بىلىمدەك ئاڭا غەمخار يوق.
بىلىمسىز ساق تىنىڭ مەجرۇھ، ھەمىشە نالە-پەريادتا،
جاھان ئىچرە بىلىمسىزنىڭ دىلىدەك ئەسكى بىمار يوق.
بىلىمگە ئاشنا بولساڭ، ئوقۇش ئىشقىدا بۇلبۇل بول،،
ئۆگەنمەككە مائارىپ باغچىسىدەك ياخشى گۈلزار يوق.
جاھاننىڭ قايسى يوچۇق ، پۇچمىقىغا باش تىقىپ ياتساڭ ،
بىلىم تارتىپ چىقار مەيدانغا، ھېچبىر كىمگە ئەخبار يوق.
بىلىم روھىي ئوزۇق ئىنسان ھاياتىغا ، ئەگەر بىلسەڭ،
بىلىمنىڭ قەدرىنى بىلگۈچى ئۆلمەس، بۇڭا ئىنكار يوق.
چاپان ھۆرمەتلىرى ھېچ چاغ چاپاندىن ئايرىلىپ قالماس،
كېتەر پۇلدىن يىغىلغان ھۆرمىتىڭ پۇل بىرلە، ئەسرار يوق.
چاپان بىرلە ئۆزۈڭنى پاقىراتساڭ بىر بوياقچى سەن،
بىلىم ئەسرى بۈگۈن، سىرلىق چاپانلارغا خېرىدار يوق.
بۇلاردىن قولغا كەلگەن ئابرۇي جىنىنىڭ چۈشى ئوخشاش،
خىيالىي بۇ تىلەكتە سەن كەبى باخىشىغا جىنىدار يوق.
ئۈمىد قىلما ، پەلەك ھەرگىز سېنىڭ بەختىڭگە چۆرگۈلمەس،
بۈگۈن باي، ئەتە سەندەك ھېچ گاداي يوق، بەلكى قەرزدار يوق.
بىلىمدىن چەتتە كۆرگەن دۆلىتىڭ جاننىڭ جاپاسىدۇر،
جېنىغا جەبرى قىلماققا بىلىمسىزدەك سىتەمكار يوق.
بىلىمدىن ھەممە ئىش روياپقا چىققان بىر ئەسىردۇر بۇ،
بىلىش لازىمكى بۇ كۈندە بىلىمسىزلەرگە خۇشتار يوق.
بىلىمدىن باتىنىڭ نۇرلانمىسا، كۆڭلۈڭ قاراڭغۇ تۈن،
قۇياش نۇرىغا مۇنكىر شەپىرەڭلەرگە مەدەتكار يوق.
زېمىنىنى توپ قىلىپ ئويناشنى سەن چاقچاق ، گۇمان قىلما،
ھەقىقەتتۇر بۈگۈن ھەر ئىش ، كەمەكتەك جادۇ-ئەييار يوق.
ئەجەبلەنمە ، بىلىم نۇرىدا نۇرلانسا ھەر كىشى كۆڭلى،
ئۇنىڭغا كۆكتە ، سۇدا، تاغ، دېڭىزدا يۈرسە دىشىۋار يوق.
بىلىملىك تاغنى باغ ئەيلەشتە ھېچقانچە جاپا كۆرمەس،
بىلمسىز قان يۇتار، نادان كىشلەردەك جاپاكار يوق.
ئۆزۈڭنى ، نىم شېھىت، ئۇشبۇ پىكىرگە ئەيلىگىن قۇربان،
بىلىمدىن رىشتە ئۈزگەنلەر كەبى قاتتىق گۇناھكار يوق.

ﺳﯘﻻﻳﻤﺎﻥ ﮔﯘﯞﺍﮬ
ﺗﺎﮬﯩﺮ ﺗﺎﻟﯩﭗ

ﻣﯧﮭﻤﺎﻥ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺩﯨﺪﻯ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ،
ﺧﻮﺵ ﻛﯧﻠﯩﭙﺴﯩﺰ ﺩﯨﺪﯨﻢ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﮬﻪﻡ.
ﺩﻩﺳﺘﺨﺎﻧﻨﻰ ﻛﻪﯓ ﺳﺎﻟﺪﯨﻢ ﺋﺎﯕﺎ,
ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﻳﻪﻧﻪ، ﺩﻩﻣﻤﯘ – ﺩﻩﻡ
ﭼﯜﺷﯜﺭﻣﯩﺪﯨﻢ ﺗﯚﺭﯨﺪﯨﻦ ﮬﯩﭽﻘﺎﭼﺎﻥ.
ﮬﻪﻡ ﻳﯩﮕﯘﺯﺩﯗﻡ ﺗﻮﻳﯘﭖ ﻳﺎﻧﻐﯘﭼﻪ،
ﺑﺎﻍ-ﯞﺍﺭﺍﻧﺪﺍ ﺋﻮﻳﻨﺎﺗﺘﯩﻢ ﻛﯘﺗﺘﯘﻡ،
ﺋﯘ ﻳﺎﻳﺮﯨﺪﻯ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻗﺎﻧﻐﯘﭼﻪ.
ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﺳﯧﻠﭗ،ﺳﻪﻣﯩﺮﯨﭙﻤﯘ ﻛﻪﺗﺘﻰ،
ﭘﻮﻟﻮ-ﮔﯚﺵ ﻳﻪﭖ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻟﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ.
ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﯧﮭﻤﺎﻥ ﺗﻪﯞﺭﯨﻤﻪﺱ ﻳﻪﻧﻪ،
ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﺎﭼﻤﺎﺱ ﻗﺎﻳﺘﯩﺶ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪىن
ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﯧﮭﻤﺎﻥ ﺑﯘ،
ﻛﯚﺭﻣﯩﮕﻪﻧﻤﻪﻥ ﻛﻪﺗﻤﻪﺱ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻨﻰ
ﺑﯘ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺧﯘﻟﻖ ﻣﯩﺠﻪﺯﻯ،
ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﺗﺎﻣﺎﻣﻰ ﺟﺎﻧﻨﻰ .
ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻗﺴﺎﻡ ﺋﺎﻛﺎﻡ ﺋﯩﻜﻪﻥ ﺋﯘ،:
ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﮬﻪﺟﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ.
ﻗﯘﭼﺎﻗﻼﺷﺘﯘﻕ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﺯﺍﻕ،
ﺋﯧﭽﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺳﯩﺮﻧﻰ ﺋﯘﻗﻘﺎﻧﺪﺍ.
ﺋﯚﮔﻪﻱ ﺋﺎﻧﺎﻡ-ﻳﻮﻟﻼﭘﺘﯘ ﺋﯘﻧﻰ،
ﺋﺎﺗﺎﯓ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻥ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﭼﺎﭘﻘﯩﻦ ﺩﻩﭖ.
ﺋﺎﺑﻰ ﺯﻩﻣﺰﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻮﺯﯨﻐﺎ،’
ﺋﯩﻨﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﯩﻦ ﺩﻩﭖ.
ﺋﯘﻣﯘ ﺗﯚﺭﺩﯨﻦ ﭼﯘﺷﻤﯩﺪﻯ ﻛﯩﻴﯩﻦ،
ﻣﻪﻥ ﻳﻪﺗﻜﯘﺯﺩﯗﻡ ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻨﻰ،
ﺗﺎﭘﺎ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﻏﯩﯔ-ﭘﯩﯔ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ،
ﺳﯩﺮ ﺗﯘﺗﻤﯘﺩﯗﻡ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﺗﯧﺮﯨﻘﻨﻰ
ﻣﺎﻧﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻣﻪﻥ ﺋﺎﯕﺎ ﻣﯩﮭﻤﺎﻥ،
ﻗﻮﺭﯗﻧﯩﻤﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﺋﯚﻳﯘﻣﺪﯨﻨﻤﯘ
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺮﻯ ﻛﯚﭘﺘﻪﻙ ﺑﯩﻠﯩﻨﻪﺭ،
ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﯩﭽﻜﻪﻥ ﭼﺎﻱ-ﺳﯜﻳﯩﻤﺪﯨﻨﻤﯘ
ﮔﺎﮬﻰ ﻓﺎﺭﺱ،ﮔﺎﮬﻰ ﺋﻪﺭﻩﺑﻰ،
ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯗ ﺋﯘ ﻛﯘﻧﺪﻩ ﻣﺎﯕﺎ ﮬﻪﻡ.
ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ،ﭘﯘﺕ-ﻗﻮﻝ ﻣﯧﻨﯩﯖﺪﯨﻦ،
ﺧﻮﺵ-ﺧﻮﺵ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ ﺋﺎﯕﺎ ﺩﻩﻣﻤﯘ-ﺩﻩﻡ.
ﻣﻪﻥ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﺋﯩﻜﻪﻧﻤﻪﻥ،
كۆڭلۈممۇﺋﺎﻕ، ﺑﺎﻏﺮﯨﻤﻤﯘ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ
ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﯩﺴﻪﯓ ﺳﯘﻻﻳﻤﺎﻥ ﮔﯘﯞﺍﮬ ،
ﻗﯘﺷﻼﺭﻏﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ ﻗﻮﻧﺪﺍﻕ.

تەتۈر چېقىن
چىمەنگۈل ئاۋۇت
(باللادا)

مۇقەددىمە
خۇش پۇراق لالىنىڭ يۇمران كۆكسىدىن،
سۈبھىدە تۆكۈلدى ئاداققى شەبنەم.
ئۆكسۈشلەر سۆيگۈدىن ئىزلەر تەسەللى،
تۇپراقنىڭ تەنلىرى ئاتەش نۇردا نەم.
مەجنۇننى يەلپۇتەر تىتىرىگەن مەيىن،
بۇلۇتلار قولىدا شارابسىز قەدەھ.
نىلۇپەر تۇماندا چايقىلار لەرزان،
پەقەت شۇ ھاياتلىق كۈلىدۇ قەھ – قەھ.
چوغسىمان شەپەققە تاشلايدۇ سايە،
مۇجۇلغان يۈرەكنىڭ ئاجىز رېتىمى.
ئاھاڭسىز ناخشىلار ئوينايدۇ پۈۋلەپ،
ئۈمىدنىڭ رەڭ ئۆچكەن بىرلا بېتىنى.
پاك ھىجران ۋىسالنى يۈرەر قۇچاقلاپ،
مەسۈمە روھلارنى تاپقۇزماي ئارام.
تەقدىرنىڭ قولىدا يىگانە چېچەك،
چېقىلغان ئىستەككە ئاققۇزار تارام …
1
خىياللار كۆزىدىن ئوخچىغان لاۋا،
پۇچۇلار پەرىشتە سۈپەت بىر قىزنى.
لال بولغان ھېسلىرى قىلىدۇ سەيلى،
كۈمۈشرەڭ قۇڭغۇراق قالدۇرغان ئىزنى.
غۇبارسىز بەتلەرگە چىرماشقان قايغۇ،
گىرىمسەن ئىقبالغا ئاچىدۇ قۇچاق.
ئاھ تىلسىز مۇھەببەت ئېيتقان لىرىكا،
تەلمۈرۈپ يىراققا قارايدۇ ئۇزاق.
دەرد تۆكەر قەلەمنىڭ قايرىلغان ئۇچى،
سۈتتەك ئاق بارماققا سالغانچە گىرە.
قوي كۆزلەر چايقىلار قىزنىڭ ئويىدا،
يالقۇنرەڭ مۇڭلارغا چېلىنىپ بىرە.
شۇ سەھەر ـ شۇ مىنۇت كۆڭلىدە ئايان ـ
بولغاندا گۈزەل قىز كۈلىدۇ ئوماق.
قانغاندا ئانىسىنىڭ تاتلىق سۈتىگە ـ
بۆشۈكتە ۋىلىقلاپ كۈلگەندەك بوۋاق. . .
**********
تۆشەكتە سىلكىنىپ ناتىۋان قۇياش،
كىرپىكى سۆيگەندە تۇپراق يۈزىنى.
ھاياتلىق دېڭىزى بىر خىل رىتىمدا،
دولقۇنلاپ ئۇيقۇدىن ئاچتى كۆزىنى.
ھە، بۈگۈن باشلاندى ئوخشاشلا يەنە،
كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ھەر بىر كۈنىدەك.
بۇ ئۆمۈر قىسسىسى تۈگىمەس ئەسلا،
تارىمنىڭ ئۈزۈلمەي ئاققان سۈيىدەك.
قايناملار ئىلكىدىن ئىزلەپ چىن بەخت،
كىشلەر يولىغا بولۇشار راۋان.
بىر ئەما يىگىتمۇ يۈرەر ئاۋايلاپ،
ئۈمىدتە يولىنى قىلىدۇ داۋام.
نە ئامال گاھىدا قالار تەمتىرەپ،
مۈدۈرۈپ، يىقىلىپ كېتەر ھەم تېخى.
ۋەلېكىن ۋايسىماي يۈرۈيدۇ مەغرۇر،
ئارمانى ئۈمىدى بىلەن ھەركۈنى.
**********
ئالدىدىن جىرىڭلاپ كەلگەن ۋېلىسپىت،
يىگىتنى توختىتىپ قويدى جايىدا.
(قاياققا مېڭشنى بىلەلمەي شۇئان،
تىڭىرقاپ تۇرۇپلا قالدى ئورنىدا.)
قورقتىمۇ چىرايى تاتىرىپ بىر قىز،
قالغاچتەك پەر سىلكىپ تېز قوندى يەرگە.
ـ كەچۈرۈڭ، ـ دەپ يىگىت سورىدى ئەپۇ،
ئىزادىن چۆمۈلدى ھەم قارا تەرگە.
ھەيرانلىق ئىلكىدە تۇرۇپ قالدى قىز،
يىگىتنىڭ بۇلاقتەك كۆزىگە قاراپ.
مەنىسىز تىكىپ تۇرغان قاراقلار،
قىزچاقنىڭ ئويىغا بېرەتتى جاۋاب.
«ئىشىنەر كىممۇ ھە ئاشۇ كۆزلەرنى،
قۇياشنىڭ نۇرىنى كۆرمەيدۇ دېسە …»
دەپ ئويلاپ يۈرىكى ئېزىلدى قىزنىڭ،
ئىسسىق ياش كۆزىنى ئەيلىدى خىرە.
يىگىتنىڭ قولىنى تۇتتى تارتىنىپ،
ئىزتىراپ ئىلكىدە كېلىپ قېشىغا.
ئۆتكۈزدى ۋە ئۇنى يولنىڭ چېتىگە،
«توۋا» دەپ قالدى ئۇ قىلغان ئىشىغا.
«مۈكۈنگەن بولغىيتتى ۋۇجۇدۇمغا پاھ،
بۇنچىلىك جاسارەت قاچاندىن بېرى…!»
ئويغا ندى دىلىدا كۈچلۈك بىر سادا،
قانلىرى كۈۋەجەپ قىزىدى تېنى.
يىگىتمۇ تەمتىرەپ قالدى شۇ مەھەل،
ئاھ، يۇمران بارماقلار تەگسە جىسمىگە.
ساباغا سىڭىشكەن يېڭىچە شادلىق،
بىر ئىللىق ھارارەت بەردى كۆڭلىگە.
گەرچە جۈپ كۆزلىرى كۆرەلمىسىمۇ،
قىزچاقنىڭ ھىدىنى سەزدى يۈرىكى.
ــ ئىسىمىڭىز نېمىكىن؟ ــ دېدى تۇيۇقسىز،
ۋە لېكىن جاۋاپسىز قالدى تىلىكى.
ئىپارنىڭ خۇشبۇيى كەتتى يىراقلاپ،
يىگىتنىڭ تەنلىرى قالدى بوشىشىپ.
كىشلەر يەنىلا يولىغا راۋان،
يىگىتكە پەرۋاسىز قاراپ قويۇشۇپ.
*********
دەرد تۆكەر قەلەمنىڭ قايرىلغان ئۇچى،
سۈتتەك ئاق بارماققا سالغانچە گىرە،
قوي كۆزلەر چايقىلار قىزنىڭ ئويىدا،
يالقۇنرەك مۇڭلارغا چېلىنىپ بىرە….
2
ئۇچقۇنلار بىگىدە غېرىب پەرۋانە،
تىپىرلاپ ئازابقا گۈل چېكەر ھامان.
جىمجىتلىق ئىچىدە كۆكلەم قانىتى ــ
يېيىلار چاڭقىغان قۇملار تامان.
ياتىدۇ تولغىنىپ شاۋقۇنسىز دەريا،
يۇلتۇزنىڭ جىلۋىسى يوقالغان كېچە.
ياش بىلەن سۇغۇرۇپ چاچىدۇ ئايغا ــ
ھېسىنى، ئۇنىڭدىن كۈتەركىن نېمە؟
كائىنات ئۆكسۈيدۇ ئۈنسىز، ئۈمىدسىز،
تەسەللى تاپمىغان ئاجىز يۈرەكتەك.
رىتىمسىز كۈيلىرى تىترەيدۇ ھالسىز،
شەبنەمگە كۆمۈلگەن بەرگى قىياقتەك…
3
ئولتۇرار بىر يىگىت دەردلىك ئاھ ئۇرۇپ،
چېھرىدىن تەپچىرەر ئاشىقلىق نۇرى.
گاھىدا لېۋىگە كېتەر سىڭىشىپ،
پاناھسىز ياپراقتەك تىترىگەن قولى.
ھىدلايدۇ شۇ قەدەر ئۇزاقتىىن ئۇزاق،
رۇجەكتىن نازلىنىپ كىرگەن شامالنى.
قاراقلار قېتىشىغا كىرپىكلىرى نەم،
تەلپۈنەر كۆرۈشكە ئۇشبۇ ناھارنى.
پايانسىز كۆكنىمۇ سالار لەرزىگە،
روھىدىن چاچرىغان مۇڭلۇق بىر نىدا.
قىيلىنار سوئاللار ئىلىكىدە پىنھان،
خىياللار پەرىسى باققاندا قىيا.
« ئەدەپسىز ئىكەن دەپ قالغاندىمۇ يا،
نە ئۈچۈن بىر ئېغىز بەرمەيدۇ جاۋاپ؟
ھەي ئېسىت! مەنمۇ ھەم ئالدىراپ شۇنچە،
ئەجەپ بىر سوئالنى قاپتىمەن سوراپ.
ماڭىمۇ نە ئامال؟ بەڭباش تىللىرىم،
شۇ مىنۇت بويسۇنماي قويدى ئۆزۈمگە.
ۋە ياكى … بولدىلا … بولدىلا ئەمدى،
بار گۇناھ ھەي مېنىڭ ئەما كۆزۈمدە! »
يىگىتنىڭ دىلىغا سىغمىدى ئاھى،
يوشۇرۇن ئازابنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ.
ئاھ، بىراق يېشىل رەڭ ئورمانلار شۇدەم،
ئۇپۇقنى مېھرىدە قويىدۇ سۆيۈپ…
خاتىمە
ھەتتاكى يالقۇنمۇ قالار يېتىرقاپ،
مۇھەببەت شۇ قەدەر ئوتلۇق بىر تۇيغۇ.
گاھىدا كۈلدۈرۈپ گاھى يىغلىتار،
گىرىمسەن شولىلار باغرىدا قايغۇ.
***********
بىلسە گەر قىزچاقنىڭ تىلسىزلىقىنى،
يىگىتنىڭ ئوتلىرى قالارمۇ ئۆچۈپ؟
بىلمەيمەن، يۈرەرمۇ ياكى ھاياتتا،
گۈزەللىك ئىلاھى قۇياشنى يۈدۈپ؟

ﺗۆﻣۈﺭﭼﻰ ﺩﯗﻛﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ
ئابدۇرېھىم ئابدۇللا

رەستىدىن بىر سادا قۇچار پەلەكنى،
تىترىتىپ قەلبىمنى، سېلىپ لەرزىگە.
شۇنچىلىك ئاچچىق ئۇ، شۇنچىلىك ياڭراق،
ئوخشايدۇ تۇتقۇننىڭ نالەشلىرىگە.
بۇرۇلدۇم شۇ ئاۋاز چىققان تەرەپكە،
كۆردۈمكى بىر ئىشنى، قالدىم تىكىلىپ.
ئاۋازمۇ توختىدى،
تۇرمامدۇ ئەنە،
ئوچاقتا بىر تۆمۈر چوغدەك قىزىرىپ.
ئوخشايتتى بىر سىرلىق دۇنياغا گويا
ئەسۋاپقا لىق تولغان قاپقارا دۇككان.
ئۇچقۇنلار چاچرىدى بۇلۇڭ- بۇلۇڭغا،
غالىپ ۋە مەھكۇملار كۆتەردى چوقان…
بىر قىسقاچ تومۇرنى تۇتتى سەندەلگە،
كۈچتۈڭگۈر بازانچى ئۇردى ئاياۋسىز.
سەندەلمۇ بازغانغا بەرمەكتە مەدەت،
يەنچىلدى ئازاپتا تۆمۈر ھاياسىز.
بىلدىمكى،
تۆمۈرنى ئوتتا يۇمشۇتۇپ،
ئىتائەت ئىلىكىدە قىسقانمۇ تۆمۈر.
قىسقاچقۇ تۆمۈركەن بازغانغا سادىق،
دەھشىتى، سەندەل ھەم بازغانمۇ تۆمۈر.
چۈشەندىم،
ھاياتنىڭ شۇنداق سىرىنى،
كارسىزكەن زەربىسى مەرتكە ئۆزگىنىڭ.
ئۆتەركەن ئازاۋى سۆڭەك- سۆڭەككە،
بولغاندا ئۇرغان قول ئەگەر ئۆزىنىڭ.
ئىنساپقا چىللايسەن دوستلىرىمنى مەن
بىز باركى، باغلارغا ئۈنمىسۇن ئازغان.
ئۇرمايلى ئورۇنسىز بىر- بىرىمىزنى،
بىرسىمىز سەندەل بوپ، بىرسىمىز بازغان.

ﺗﻪﻧﻬﺎ ﻗﯧﻴﯩﻖ
ﻣﯘﺧﺘﺎﺭ ﻣﻪﺧﺴﯘﺕ

ﺳﺎﻫﯩﻠﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ﺗﻪﻧﻬﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﻴﯩﻖ.
ﺩﺍﺗﻼﺷﻘﺎﻥ ﻗﯘﺯﯗﻗﻘﺎ ﺑﺎﻏﻼﻗﻠﯩﻖ ﻣﻪﻫﻜﻪﻡ
ﯰ ﺑﯘﻧﺪﺍ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﺗﻘﯩﻠﻰ ﻧﯩﻜﻪﻡ،
ﯪﺳﺘﯩﺪﺍ ﻻﺗﻘﯩﻼﺭ ﺑﻮﻏﯩﺪﯗ ﺩﯨﻤﯩﻖ.
ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﺎ ﺯﻩﯕﮕﻪﺭﺭﻩﯓ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﻳﯜﺯﯨﺪﻩ
ﻳﻪﻟﻜﻪﻧﻠﯩﻚ ﻛﯧﻤﯩﻠﻪﺭ ﺳﻮﻳﻼﻳﺪﯗ ﯬﺭﻛﯩﻦ.
ﻳﯩﮕﺎﻧﻪ ﺷﯘ ﻗﯧﻴﯩﻖ ﺗﻪﻟﻤﯜﺭﻩﺭ ﻏﻪﻣﻜﯩﻦ،
ﯲﻛﯜﻧﯜﺵ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﻯ ﯬﮔﯩﭗ ﻛﯚﺯﯨﺪﻩ.
ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻼﺭ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ﯸﻴﺘﯩﭗ ﯪﺭﯨﻴﻪ،
ﻳﯩﺘﻪﻛﻠﻪﭖ ﺑﺎﺭﻏﯩﻠﻰ ﯰﻧﻰ ﺩﯦﯖﯩﺰﻏﺎ.
ﻧﻪ ﯪﻣﺎﻝ ﭼﺎﺭﻩ ﺑﯘ <<ﺗﯘﺗﻘﯘﻥ ﻗﯩﺰﻏﺎ>>،
ﻏﯩﭽﯩﺮﻻﭖ ﺑﯩﺮ ﯪﭼﭽﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﻧﺎﻟﻪ.
ﻛﯧﻤﯩﻠﻪﺭ ﯰﭘﯘﻗﻘﺎ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﭖ،
ﯰ ﺗﯘﺭﺍﺭ ﺷﺎﯞﻗﯘﻧﺴﯩﺰ ﺳﺎﻫﯩﻠﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ.

قىسمەتلىرىم
ئابدۇرېھىم ئابدۇللا

1.
كائىناتتا رەڭدار جۇلالار،
نىگاھىمدا شەيتان جىلۋىسى .
چۈمۈلىلەر پىل بولدى بەزەن ،
مۈشۈكتىمۇ يولۋاس ھەيۋىسى .
لېكىن مىڭ يىل ياشىغۇم كىلەر،
ھەر لەھزىدە ھايات بەزمىسى .
جان سۆيۈنگەن چاغلارمۇ بولدى ،
يىغلىغىنىم ئۇندىن زىيادە .
رەستىلەردە ياۋداق ئات مىنىپ،
باياۋاندا قالدىم پىيادە.
خىزىر سۈپەت ئاتامغا رەھمەت،
بەرگەنكەن سۇنماس ئىرادە .
سەيلە قىلسام بېغىمىنى تاڭدا ،
ۋۇجۇدۇمنى گۈللەر پۇرايدۇ.
بۇلبۇل خىجىل بولۇپ ئالدىمدا،
دۇدۇقلاپراق ئېتىم سورايدۇ.
مەڭدەپ قالسام ئەگەر،ماڭدامدا-
يوللىرىمىنى يىلان تورايدۇ.
ئىنتىزاردۇر ماڭا لەيلىدەك،
كىرپىكلىرى بەرگى قىياقلار.
زارقىدۇ سامادا زۆھرە ،
يان-يېنىمدا چولپان سىياقلار.
بىر قارىسام ھەممىسى جاللات ،
يەڭلىرىدە خەنجەر –پىچاقلار.
بىر قارىسام سۆيگۈ دىلبىرى ،
كۆزلىرىدە ناز بىلەن كۈلكە.
بىر قارىسام جاننىڭ خۇمپىرى،
ھەر كۈلكىسى بىر قىزىل تۈلكە.
ئاھلىرىمنىڭ ئالتۇن ئوقىنى،
ئېتىپتىمەن بوشقا،كۆپۈككە.
بىر قارىسام كۆزلەردە ھەۋەس ،
بىر قارىسام ھەسەت يالقۇنى.
بىر ئادەمگە يەتمەمدۇ بىر يۈز.
ئىككى يۈزلۈك ئىكەن قالقىنى .
ئىككى يۈزنىڭ يولىمۇ ئىككى ،
بىر يۈزۈكنىڭ ھالال تاپقىنى .
دوستىلىرىمنى سېخى دەپتىمەن ،
ئۆزى ئىشلەپ مېنى ئويناتقان.
ئاشىقلىقتا بىھوش بوپتىمەن ،
چايان چىقتى باغرىمدا ياتقان .
‹‹ئەييۇھەنناس››دېدىم بەزىدە ،
پاياندازنىڭ ئاستىدا قاپقان.
2.
تۇلۇن ئايدەك رىزقى –نېسىۋەم ،
ھىلال ئايدەك بولۇپ قىيىلغاچ.
ئۆزۈم تېخى نەۋقىران تۇرۇپ،
تىلەكلىرىم بېشىدا ئاق چاچ .
ئارمانلىرىم مېنىڭدىن ئون يىل –
ياق،ئەللىك يىل بۇرۇن تۇغۇلغاچ .
قىيامىغا يەتكەندە سۆيگۈ ،
ساداقەتتىن مەجنۇن تۇغىدۇ.
رەشىك بىلەن قارىيىپ قۇياش،
ئالەمگە بىر ۋەيلۇن تۇغىدۇ.
ۋەيلۇندىكى بەزى مەھكۇملار ،
ماڭا ئاتاپ مەلئۇن تۇغىدۇ.
باھارىممۇ بۇرنۇمدا يانتاق ،
پۇرايدىغان قىزىل گۈلۈمدەك .
يۇلتۇزلارغا باقسام ھەۋەستە،
كۆزلىرىمگە تۆكۈلدى قۇمدەك .
ئارزۇلىرىم ئاقتى ياش بولۇپ،
يىغلاش ماڭا خۇددى ئۇدۇمدەك.
ئىشەنگەندە قۇملار تاغ ماڭا ،
يۆلەنگەندە پايەمدە تالقان ،
چۈشلىرىمدە كۆرگەن ھەقىقەت ،
ئويغا نساملا قىپقىزىل يالغان .
كەچمىشىمدىن ئۆزۈم ئۇيالدىم ،
تەقدىر قاچان ، كىمدىن ئۇيالغان ؟
پال ئاچقۇزماي تالاي چەك تارتتىم ،
ھەممىسىدە دەرد-ئەلەم تەگىدى.
ھۆكۈملەرمۇ بويۇمنى ئەگمەي ،
خىيانەتلەر قەددىمنى ئەگدى .
رەقىبلەرنىڭ ئۆزىدىن كۆزى-
يامان ئىكەن ماڭ كۆز تەگىدى.
ۋاپاسىزغا ئاشىق ئەيلىدى،
بىر بېشىمغا دەردنى ئاز كۆرۈپ .
شاپاق دوپپا بەردى ياز كۆرۈپ .
سۇدىن چىقىپ ئوتقا كىردىم مەن .
ئازاب پىنھانى تەگسىزدۇر، ھالاۋەت دەمى لەيلەكلىك،
چېقىندەك بىر تەبەسسۇمغا ئازاب ئوقياسى بەتلەكلىك.
خىزىلەر يولنى بەرگەندە ھامان غەپلەتتە ئالۋاسىنى،
چىچەكلەر تاپسا كۆكلەمنى بەزىم ئىلپەتى سەپلەكلىك.
دىۋەيلەپ كەلسە قىيناقلار ئازابلار خانىسى تەنھا،
غازاڭ بەختىڭگە ھەمدەمدۇر، ئازاب ئورتاقلىقى چەكلىك.
قۇسۇرسىز بولسا باتۇرلار رىۋايەتتىن ئىبارەت ئۇ،
قىيامەت بەلكى مەدداغا غېرىب شەكلىگە كىمەكلىك.
ئازابىڭ قامچىسىدىن ئوينات، قۇيۇچ كۈلمكتە مەشقاۋۇل،
قېچىشتىن مەڭگۈ مۇستەنا تالاشقان شەنى بەرمەكلىك.
ئازابلار قوينىدىن چىقساڭ قەلەمنى تاشلىغىن پىنھان،
ئەمەس غەيۋەتتىكى شاتلىق قەسەمنى تاشقا چەكمەكلىك.
2
تەبەسسۇم چاقمىقى سۇڭرە گۈرۈلدەپ ئاينىدى دەرت- ياش،
بىھىش ئاپتابى كۆرمەيلا تولۇق كەتنى چاناققا تاش.
قېتىپ مۆلدۈرگە ئايلاندى قەسەمەلر لىۋىدە ۋولقان،
********
نېپىز دوستلار شامالدىن بىر ئۇچۇر ئالغاندا يىرتىلدى،
قەسەملەر سۇسلۇقى ۋىجدان كامارىغا ئەجەللىك پاش.
يۈرەكلەر چڭقىقى سەلگە بوشاتتى تۆرىنى گاھى- گاھ،
يەنە چاقماق كۈتۈپ خىلۋەتتە شەبنەملەر ياسار بەرداش.
قەسەمەلەر نەكىرەك باغرىڭ ئېچىپ كەل دىلرەبا پات – پات،
سۈكۈت نامايىشى زۇلمەتنى يارغاندا كۈلەر چاقناش.
قەسەملەر داغىدىن پىنھان قولىدا قالدى كۆپ ئەپسۇس،
پەقەت باغرىڭدا زەمزەمگە يېتىشكەي سوڭغى دەم چاڭقاش.
3
مىسلى شەيتان پەنتلىرىنى دەپئىلەپ، ئازغاشتۇرۇپ،
مىسلى چاققان پەيتىنى مىسلى ئەترىگە ئالماشتۇرۇپ.
نەگە ھەيدەپ شۇم بۇلۇتنى، قاي ئوپۇقتىن ئۆرلىدىڭ،
كۈللى ئالەم بەتلىرىگە تكشى سۈبھى چاچتۇرۇپ؟!
ئەسلىدە تاڭ شۇ كەبى ئاق، شۇ كەبى قوۋناقمىدى،
ياق بۇ توينى باشلىغان سەن، تەپ بېرىپ قامالاشتۇرۇپ!
…… چۈشكە ئوخشاش بىر يوقالدىڭ جەننىتىمدىن دىلرەبا،
يۈرگىنىمچۇ كوچىلاردا كۈلكىلىك پال ئاچتۇرۇپ……….
كەتتى ئىكران بەتلىرىمدىن تەقدىرىي قىسمەت قارا،
ھىممىتىڭنى ماڭلىيىمغا نۇر قىلىپ ئورناشتۇرۇپ.
يانغىنىڭدىن بار ھارارەت كۆرسىتىپ پىنھان تۈزۈك،
ئۆتمىسەڭ كەسمەمدۇ ئار سوۋۇماس ئوتقاش تۇرۇپ.
4
نىگار ئىنئامى ئاپتاپتىن بۈيۈك ھىكمەت ئايان ئەتتى.
گادانىڭ ئەقلى لال بولدى نېمەت تەقلەپ جاھان ئەتتى.
ۋىسال ھىجران يېزىپ چىقتى سەھەر – كەچكە تۇتۇق شەرھى،
كەچۈرمىش مىسلى ئىقبالنى قۇياشقا يانمۇ يان ئەتتى.
شەرىھكى كۆيدۈرۈپ – ئۆرتەپ، زامان سۈرئەتى ئىلداملىق،
بولالماي گاھىدا چاپساق يېتەر يولنى داۋان ئەتتى.
شەرىھىكى كەڭتاشا يولدىن خۇدۇڭ تىنەتتى كۈندۈزدە،
چىغىردىن ھەم نىشان بېرىپ يۈرەكنى ئىمتىھان ئەتتى.
تىنىپ قالدى ئۇنىڭ جىلۋە بىلەن تەپتى بۇلاقلاردا،
جۇلاسى لەيلى – شىرىننى ئىشىق پەزلىرىدە تاڭ ئەتتى.
نىقاپ – چۈمبەل بىلەن ئاتەشنى ياپماڭكى ئۆرتەيدۇ،
كۆڭۈللەر رايى ھۆرلەرگە ئېقىمنى تۈز – راۋان ئەتتى.
شۇ دەم تۇتقۇسى پىنھان ئۆمەر ھەييامغا بىر جام مەي،
نىگار ئىنئام بىلەن رەڭگى ساماننى رەڭگى قان ئەتتى.
5
يېتىپ ۋاقتىكى تاغ بىرلە قۇياشنىڭ باغرى چاپلاشتى،
چېقىپ ئۆكتە بېخىل ھىسلار نۆۋەر چاغ بىرلە چاچلاشتى.
چىقىن سۈرئەتلىرىنى ئەپكەتسە باش كۆكلەمدە مامكاپنى،
چېلىپ بۇلبۇل يېقىملىق كۈي دالادا ئىشتىياق چاچتى.
بېرىپ قان مەڭزىگە لەيلى جۇنۇن چۆللەردە زار ئەتسە،
ئىشىق بازارىدا قەللاپ؛ ھېسابتا قەرنە تۇرقاشتى.
خۇدانىڭ ھەر كۈنىدە قۇت دېگەن ئاقىلغا مىڭ رەھمەت،
سائادەت بۇسۇغۇسىدىن لالىلەر ئاتەش چىراي ئاچتى.
قىيامغا يەتتى ئىستەكنىڭ ئاداققى مەۋجىسى بۇ دەم،
قىياملار مەرغولى مىڭلاپ تىلەك بىرلە تۇراقلاشتى.
قىياملار مەۋجىدە سەن يوق، ھەسەت تۇغ ئالمىسۇن پىنھان،
باياۋان چاڭقىقى ۋاھكى مەھەلىسىزلەۋگە ياماشتى.
6
(تەقلىد)
ئىقتىدا دەپ ئىختىيارنى مۇڭ سېلىگە بەردى پەي،
چۈشتى لەيلەپ يەرگە بەلكى شىر كەيىپ قىلغاندۇ مەي.
قىش تۈنىدەك بىر ئۇزۇن سالتاڭ غېرىبلىق ئاستىدا،
بەستى چىركىن لايغا مەھكۇم، كۆزىدە قان، ئاھ نىتەي؟!
********
بىرلىرى تاش بىرلە دەرتنى ئاۋۇتۇپ تۇرغاي ئەتەي.
قۇش تېنىدىن ئەتتى ھىجرەت نە سەۋەبتىن، بىلمىدىم،
مىڭ تەسەللى بىرلە قالدى ھەسرىتى دەرت پەسلىمەي.
سەن تەسەللى بىرلە تاپتىڭ قاي قانائەت پەللىنى،
تاش بېسىپ پىنھان دىلىنى ئىزلىرىدا ئەزدى، ھەي …
7
(سۈبھىدەم تاك – تاك قاچۇردى) جەننەتۇل – رىزۋان قېنى؟
ئويغىنىپ چۈشتۈم راۋاقتىن تەسۋىرى بوستان قېنى؟
كەتتى ئالەم چەتلىرىگە دام – جاكاسى ناغرىنىڭ،
ئوت بولۇپ چۈشسەم ئۇسسۇلغان تەزەيۇ – داستان قېنى؟
********
ئويغىنىپ چۈشتۈم راۋاقتىن تەسۋىرى بوستان قېنى؟
كەتتى ئالەم چەتلىرىگە دام – جاكاسى ناغرىنىڭ،
ئوت بولۇپ چۈشسەم ئۇسسۇلغان تەزەيۇ – داستان قېنى؟
چوققا – جىلغا خورىكىدىن قالدى ياش ئىچرە ساتار،
توشتى جام قان نۇرلىرىدىن ساقىمىز ھەييام قېنى؟
ئارغىماق ئەللەي بىلەن چاپچىماس ھەم كىشنىمەس،
زەخمىناك زۆھرە ۋاپاسى، ھەزرىتى لوقمان قېنى؟
بائىسى جىنىدىن ئەمەس تىترىشى پىر چەڭگىنىڭ،
«يار سېنىڭ دەردىڭ … » دېسەم يار قېنى، جانان قېنى؟
ئىزدىسەڭ بەلكىم چىغىردىن قول بىرەر داغدام سادا،
ياش كۆمۈپ كەتتى – يېقىندا سورىماڭ «پىنھان قېنى؟»
8
چىراقلار ئەسنىگەن دەمدە ئىشىقلار رەڭ تۈزۈپ باردى،
تۇمانلار تىنجىدى جىمجىت پاراغەت زەر سۈزۈپ باردى.
ئاجايىپ سەيلىدە سەلكىن كىرىپ ئەركىن قەسىرلەرگە،
يۈرەكلەر كويىدىن مىسلى جاۋاھىرات تىزىپ باردى.
زۇۋانلار خەندىسى تىنجىپ، يۈرەكلەر سىردىشار تېز – تېز،
نازاكەت بەھرىدە ئۇزلۇق غۇلاچ تاشلاپ ئۇزۇپ باردى.
قىياملار ئەۋجىدە دۇنيا يىقىلدى توچكىغا بىر پەس،
پەرىشتە بەزمىسى ئاتەش سىماسىدا قىزىپ باردى.
تىنىقلار تېز، يۈرەكلەر قوش، تىلەكلەر بىر، كۈرەكلەر ئوت،
مىسال ئادەم ئاتا بىزنى بېھىشكە كىرگۈزۈپ باردى …
چىكىت ئورما ھارارەتسىز قەلەمدە مەركىگە پىنھان،
ئىشىق جەۋلانىنى ئىمكان قىيامغا يەتكۈزۈپ باردى.
9
ۋىسال شەربىتىدىن جىقلاپ قانائەتسىز پىيالەمنى،
ئەۋەتتىڭ تەقدىرىم مەلھەم ئۈچۈن ئاداققى لالەمنى.
ئۇسسۇل جەۋلانى يۈكسەككە ئېلىپ پەرىشتىنى جۈپ – جۈپ،
بەلەن چاغدا كامالەتتە بىجف ئەتتى ھاۋالەمنى.
چىكىت ئۇردۇم ئەلەملەر مەرسىيىسىگە سەھەر كۈلدى،
شەپەق رەڭلەتتى جان بېرىپ مېنىڭ سالقىن رىسالەمنى.
نامايىش پەيتى بۇ بىلسەڭ، مۇلاقات پەيتى بۇ بىلسەڭ،
باياۋانلارغا قالدۇردۇم دېڭىزلىق ئاھۇ – لالەمنى.
زەخىم پىنھان تەشەككۈر سۇندى لوقمانغا، ئەيىب ئەتمەڭ،
بۇلۇتلار ئاستىدا ئۆتكەچ سۆيەر نۇ ۋەسلى ئالەمنى.
10
ھىجىر قىيناقلىرى يازدى يۈزۈمگە يىلسېرى نامە،
ئىنايەت ئۆچىتىغۇ سەندىن رىزىقسىز قالدى دىۋانە.
سىرىم ئەشئارلىرىم بىرلە تارالدى ئۆزگىگە ياڭراق،
جاكار جانسىزمىكىن ئىنكاستا يوق قەلبىمدىكى خاتە.
رەشىك تىرنا سېلىپ ئۆتسە زىمسىتان باشلىنار تەندە،
سېنىڭ تەركىڭدە بولغۇم بارچىمەن دەشتىگە پەرۋانە.

ﯪﻧﺎ
(ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ)
ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﺒﺎﺳﯩﺖ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺍﻫﻤﺎﻥ

ﺋﺎﻧﺎ ﺟﻪﻧﯘﺑﺘﯩﻜﻰ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻳﯧﺰﯨﻐﺎ
ﺑﻮﻳﯘﻥ ﻗﯩﺴﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺧﯧﺘﯩﯔ
ﭘﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﻮﺑﺪﺍﻧﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ
ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺴﻪ ﻫﻪ!
ﺗﻮﭘﺎ ﭼﯩﺮﺍﻱ ﭘﻮﭼﺘﺎﻟﯩﻴﻮﻧﺪﯨﻦ.
ﺋﺎﻧﺎ,
ﻫﯧﻠﯩﻬﻪﻡ ﺋﯩﺴﯩﻤﺪﻩ،
ﻣﯧﻨﻰ ﻳﯜﺩﯛﭖ ﺟﯩﮕﺪﯨﻠﯩﻜﻠﻪﺭﺩﻩ،
ﺋﻮﺗﯘﻥ ﺗﯧﺮﻩﺗﺘﯩﯔ.
ﻳﯜﺭﻩﻛﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﭼﻮﻍ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ،
ﻣﺎﯕﺎ ﻛﯚﻣﻪﭺ ﻛﯚﻣﯜﭖ ﺑﯧﺮﻩﺗﺘﯩﯔ.
ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻚ ﺋﺎﻧﺎ،
ﺳﯧﻐﯩﻨﺴﺎﻡ ﺳﯧﻨﻰ،
ﺧﻪﺕ ﻳﺎﺯﯨﻤﻪﻥ ﻳﯩﺮﺗﯩﻖ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﮕﻪ.
ﻳﺎﺷﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﯔ،
ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺩﻩﻡ ﺋﺎﻟﻐﯩﻦ،
ﻛﯚﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﺎ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﻮﻏﻠﯘﯕﻨﻰ،
ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺷﯧﺌﯩﺮﻏﺎ ﻧﺎﻥ ﻛﻪﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ،
ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﻤﮕﻪ ﻛﯚﭖ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ.
ﺋﺎﻧﺎ،
يىرتىق ﭼﺎﭘﺎﻥ, ﻛﯩﺮﻻﺵ ﺭﻭﻣﯩﻠﯩﯔ،
ﻳﯧﺮﯨﻖ ﺗﺎﭘﺎﻥ،ﻗﻮﺗﯘﺭ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﯔ.
ﺩﯦﻤﯩﺪﯨﻐﯘ ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ،
ﻗﺎﭘﺎﻗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﺳﯘﻟﯩﺮﯨﯔ.
ﺋﺎﻫ! ﺑﯩﭽﺎﺭﯨﻤﻪﻥ،
ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﺘﻪﻙ ﺳﻪﻫﺮﺍﺩﺍ ﻗﺎﻟﺪﯨﯔ.
ﺋﯩﭽﯩﻤﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﺭﺩﻟﯩﻚ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﺑﺎﺭ:
ﺗﻪﻟﻤﯜﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﺧﯧﺘﯩﻢ،
ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﻪﻳﺴﻪﻥ ﺑﯘﻗﯘﻟﺪﯨﺸﯩﻨﻰ،
ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﯚﺯﯨﯖﮕﻪ ﺳﯜﺭﺗﯜﭖ،
ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪﻧﺴﻪﻥ ﺳﺎﺩﺩﺍ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﻰ،
ﺳﯧﻴﯩﺖ ﻧﻮﭼﯩﻨﻰ،
ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻫﺎﻻﻛﯩﺘﯩﻨﻰ،
ﺋﺎﻫ! ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻖ ﺋﺎﻫ! ﺳﺎﯞﺍﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ.
ﺗﯜﻥ ﻗﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﻳﯧﺰﯨﻘﻠﯩﻖ ﺧﯧﺘﯩﻢ.
ﺷﯘ ﺗﺎﭘﺘﺎ،
ﺋﻮﻣﺎ ﺋﻮﺭﯗﭖ ﭼﺎﺭﭼﺎﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺴﻪﻥ،
ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﺘﺎ ﻫﻪﻡ ﭼﺎﯕﻘﺎﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺴﻪﻥ.
ﺳﯘ ﺑﯧﺮﻩﺗﺘﯩﻢ
ﻳﯧﻨﯩﯖﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ،
ﺋﻮﻣﺎ ﺋﻮﺭﯗﭖ ﺑﯧﺮﻩﺗﺘﯩﻢ ﻳﻪﻧﻪ،
ﻗﻪﻟﻪﻡ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ.:
ﺋﺎﻧﺎ،
ﺗﻮﻗﯘﻣﻰ ﻫﻪﻡ ﻟﯩﯖﮕﯩﻠﭽﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭ
ﺋﯧﺸﯩﻜﯩﻤﯩﺰ ﻫﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟
ﺗﻮﻗﯘﻧﯩﻘﻰ، ﺋﺎﻏﺎﻣﭽﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ
ﻳﺎﺭﯨﻴﺎﺭ ﻫﺎﺭﯞﺍ ﻫﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟ّّ
ﭼﺎ ﻗﯘﻳﺮﯗﻗﻠﯩﻖ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺋﯜﻛﯚﺯﻧﯩﯔ
ﺋﯚﻟﯩﺸﯩﮕﻪ ﺳﻪﯞﻩﭘﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ
ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﻫﻪﻡ ﺯﻩﻱ ﺟﯘﯞﺍﺯﺧﺎﻧﺎ
ﻫﯧﻠﯩﻬﻪﻡ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟
ﺑﯘﯞﺍﻡ ﺋﯚﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ
ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻏﯩﭽﯩﺮﻟﯩﺸﯩﻤﯘ،
ﺋﺎﻫ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻚ ﺟﺎﻧﯩﺠﺎﻥ ﺋﺎﻧﺎ،
ﺋﯘﻏﯘ
ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﺋﻪﻣﻪﺱ،ﭼﯩﺮﻛﺎﯞﻣﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ،
ﺧﺎﻧﻘﺎ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻳﺎ ﺗﯜﻧﻪﻙ ﺧﺎﻧﺎ،
ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﺨﺎﻧﺎ.
ﺑﯘ ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻐﯘ ﻳﻮﻕ ﻣﻮﺯﯦﻴﺨﺎﻧﺎ،
ﺋﯘ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺑﯩﺮ ﺟﯘﯞﺍﺯﺧﺎﻧﺎ.
ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻕ ﺑﻪﺧﺸﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﯕﺎ.-
ﻳﺎﻍ ﭘﯘﺭﺍﻳﺪﯗ ﺋﻪﺭﯞﺍﻫﻼﺭ ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ،
ﺋﯚﻣﯜﭼﯜﻛﻠﻪﺭ ﺳﺎﻳﻼﻡ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﻩﺭ.
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺗﻮﯕﻠﯘﻛﭽﯩﺴﯩﺪﯨﻦ
ﻛﯚﺭﯨﻨﯩﺪﯗ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﻏﯘﯞﺍ.
<<ﺋﻮﻫ>> ﺩﻩﯞﺍﻟﻐﯩﻦ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﺋﺎﻧﺎ،
ﻫﯧﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﺘﯩﻦ.
ﺋﺎﻧﺎ،
ﺗﯧﻠﯩﻔﯘﻥ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺷﻪﻫﻪﺭﺩﯨﻦ،
ﺋﯘﻻﻧﻤﺎﻳﺪﯗ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﻪﻫﺮﺍﻏﺎ.
ﺋﯘﻣﺎﭺ ﭼﺎﻟﻐﯘﭺ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﻗﻮﻟﯘﯕﺪﺍ
ﺗﯩﯖﺸﯩﻐﯘﭼﻨﻰ ﺗﯘﺗﺎﻟﻤﺎﻳﺴﻪﻥ،
ﺋﻪﺗﺠﻪﺥ ﺧﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﺴﻰ ﺑﯩﻜﺎﺭ،
ﻟﯩﭙﺎﭘﯩﺪﻩﻙ ﻳﯧﭙﯩﻖ ﺳﻪﻫﺮﺍﻏﺎ.
ﻧﯘﺭ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺟﺎﻧﯩﺠﺎﻥ ﺋﺎﻧﺎ،
ﺟﯩﻨﭽﯩﺮﺍﻕ ﺑﺎﺭ ﻣﻮﺭﺍ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ.
ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻛﯚﻟﺪﯨﻦ ﺳﻪﻫﺮﺍ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﻯ
ﺷﯘ ﺗﻮﺷﯘﻳﺪﯗ ﻳﯜﺩﯛﭖ ﻗﺎﭘﺎﻗﺘﺎ.
ﺋﺎﻧﺎ، ﺳﻪﻧﻤﯘ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﭼﯧﻐﯩﯖﻨﻰ
ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﻩﺗﺘﯩﯔ
ﻣﯘﺷﯘ ﺳﯩﻴﺎﻗﺘﺎ.
ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﺎﺭﺩﯗﺭ ﻗﺎﭘﺎﻗﺘﺎ.
ﻳﺎﻛﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﺎﺷﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﭘﺎﻕ.
ﭘﯘﺭﺍﻕ ﭼﺎﭼﺎﺭ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﯧﺴﯩﻖ ﻛﯚﻝ،
ﭘﺎﻗﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﯕﺮﻯ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ.
***********
ﻳﺎﻣﺎﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ ﻛﻮﻧﺎ ﺭﻭﻣﯩﻠﯩﯔ،
ﻛﺎﻟﯩﭽﯩﯖﺪﻩﻙ ﻳﯩﺮﺗﯩﻖ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﮕﻪ.
ﺟﯘﻝ ﻛﯚﯕﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﺑﻰ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻖ
ﺩﻩﺭﺩ ﻗﻮﺷﯩﺪﯗ ﻫﻪﺳﺮﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻤﮕﻪ.
***********
ﺋﺎﻧﺎ،
ﺳﻪﻥ ﺑﯩﻠﯩﺴﻪﻥ،
ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﻪﻫﺮﺍﻏﺎ
ﺭﺍﻏﺮﺍ ﻧﺎﻧﺪﻩﻙ ﻣﯩﺴﻜﯩﻦ ﻗﻮﻳﺎﺷﻨﯩﯔ
ﭼﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯗ ﺳﯧﺮﯨﻘﺘﺎﻝ ﻧﯘﺭﻯ،
ﻛﯩﺴﻪﻟﻤﻪﻧﺪﻩﻙ ﺩﯛﻣﭽﻪﻙ ﺩﺍﻟﯩﻐﺎ.
ﺩﺍﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﺘﺎﻧﺴﯩﺰ ﺑﺎﻻ،
ﻳﯜﺩﯛﯞﯦﻠﯩﭗ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﺯﺍﻏﺮﯨﻨﻰ،
ﭘﺎﺩﺍ ﻫﻪﻳﺪﻩﺭ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺟﺎﯕﮕﺎﻟﻐﺎ.
ﺋﺎﺷﯘ ﺟﺎﯕﮕﺎﻟﺪﺍ:
ﺋﺎﻕ ﺟﯘﯞﯨﻠﯩﻖ ﺧﯩﺰﯨﺮﻣﯘ ﺑﺎﺭﻣﯩﺶ،
ﻏﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺷﻪﻫﻪﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭﻣﯩﺶ،
ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻳﯩﺮﺗﻘﯘﭺ ﺋﯧﻴﯩﻘﻤﯘ ﺑﺎﺭﻣﯩﺶ،
ﺩﯙﯞﻩ- ﺩﯙﯞﻩ ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﻼﺭ ﺋﺎﺭﺍ،
ﺑﯘﺭﯗﻧﻼﺭﺩﺍ
ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﺟﻪﯕﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻤﯩﺶ،
ﻣﯘﻣﺎﻡ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ
ﺩﻩﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻣﺎﯕﺎ.
ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺋﯩﭽﯩﻢ ﺋﺎﻏﺮﯨﻴﺪﯗ ﺳﺎﯕﺎ،
ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﻳﯩﻐﺎ ﺗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ…
***********
ﺋﯩﯟﺭﯨﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻫﺎﺭﻩﺕ ﺋﺎﻟﺴﺎﯓ،
ﭘﺎﻛﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﯩﺰ،
ﭘﺎﻛﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺳﻪﻫﺮﺍ
ﭘﺎﻛﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﻯ،
ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻣﻪﻛﻜﯩﺪﻩﻙ.
ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯜﺩﯛﭖ ﺑﺎﺭﺍﺭﻣﻪﻥ،
ﺳﯧﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻣﻪﻛﻜﯩﮕﻪ،
ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﺷﯘ ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﺮﯨﯖﻐﺎ.
ﻣﻪﻛﻜﻪ-
ﺩﻩﺭﻩﺧﺴﯩﺰ ﻣﺎﻛﺎﻥ،
ﻟﻪﻳﻠﻪﭖ ﻳﯜﺭﻩﺭ ﻧﯧﻔﯩﺖ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ.
ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﻪﻫﺮﺍ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﺱ ﺋﺎﯕﺎ،
ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻥ.
***********
ﺋﺎﻧﺎ،
ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﻪﻫﺮﺍﺩﺍ
ﺗﯩﻨﭻ ﺋﻮﻛﻴﺎﻧﺪﻩﻙ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﻳﻮﻕ.
ﻧﯩﻞ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﻛﯧﻠﻪﻟﻤﻪﺱ ﺋﯧﻘﯩﭗ.
ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﯩﺮﻻ ﺋﯚﺳﺘﻪﯓ ﺑﺎﺭ،
ﻣﻪﺧﺘﯘﻣﺴﯘﻻ ﭼﯧﭽﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ.
ﺟﺎﯕﮕﺎﻟﻤﯘ ﺑﺎﺭ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺑﯩﭙﺎﻳﺎﻥ،
ﭼﯩﻦ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺋﻮﯞ ﺋﻮﯞﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ.
ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻳﺎﻟﻤﺎﯞﯗﺯﻣﯘ بار،
ﻣﻪﺧﺘﯘﻣﺴﯘﻻﻧﻰ ﺑﻮﻻﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﭼﻘﺎﻥ،
ﺗﺎﭘﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻥ ﺷﯘﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ.
ﺟﺎﯕﮕﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﻣﯘﺷﻠﯘﻗﻼﺭﺩﺍ
ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻍ ﺋﯩﺰﻯ ﺑﺎﺭ.’
***********
ﺋﺎﻧﺎ،
ﻏﯘﺭﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯘﻧﺪﺍ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺮﺍﻥ،
ﻗﻮﻧﺎﻕ ﻳﯧﺮﯨﭗ ﻳﺎﻏﯘﻧﭽﯩﻘﯩﯖﺪﺍ،
ﻛﯚﻙ ﭼﺎﻣﻐﯘﺭﻧﻰ ﻗﻮﻻﻗﻼﭖ ﺳﯧﻠﯩﭗ،
ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮﻩﺗﺘﯩﯔ ﻳﺎﻣﺎ ﺋﺎﺵ ﺑﯩﺰﮔﻪ.
ﻗﯘﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﻩﺗﺘﯩﯔ ﺋﯚﭘﻜﻪ ﻫﯧﺴﯩﭙﻤﯘ،
ﻳﻪﻳﺘﺘﯘﻕ ﺑﯩﺰ ﻛﯧﻜﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ،
ﻫﯧﻴﯩﺖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ.
ﺋﺎﻧﺎ،
ﭼﻪﻛﺘﯩﯔ ﺭﯨﻴﺎﺯﻩﺕ،
ﺑﯜﺑﻰ ﻣﻪﺭﻳﻪﻣﺪﻩﻙ.
ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﺪﻯ ﺑﯘ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﻮﻏﻠﯘﯓ،
ﺋﻪﻳﺴﺎﺩﻩﻙ.
ﻛﺮﯦﺴﺘﻤﯘ ﻳﻮﻕ ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﺘﺎ،
ﻣﻪﻥ ﻣﯩﺨﻼﻧﻐﯘﺩﻩﻙ،
ﻛﯚﭖ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﻣﺎﺑﻪﻳﻨﯩﺪﻩ
ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺗﯩﻼﯞﻩﺕ،
ﺑﯘﻗﯘﺳﯩﻨﯩﯔ ﺩﻭﻗﻤﺎﻝ ﺗﯩﻐﯩﺪﻩﻙ.
ﺋﻪﻳﺴﺎ ﻗﺎﭼﺘﻰ ﺳﯜﺯﯛﻙ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻐﺎ،
ﻣﻪﻥ ﻗﺎﭼﺎﻳﻤﯘ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﻐﺎ.
ﺷﯘﻧﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ
ﻗﻮﻏﻼﭖ ﺑﺎﺭﺳﺎ ﺭﻭﺩﯨﭙﺎﻱ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭ،
ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻗﻮﻳﺎﺭ ﻣﯧﻨﻰ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻖ.
ﻣﻪﻥ ﻳﺎﺗﺎﺭﻣﻪﻥ ﭼﺎﻛﯩﻠﺪﯨﺘﯩﭗ ﺋﺎﻏﺰﯨﻤﻨﻰ،
ﻳﯘﻧﯘﺳﻨﻰ ﻳﯘﺗﻘﺎﻥ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﺑﯧﻠﯩﻘﺘﻪﻙ.
ﺩﻩﺷﺖ ﭼﯚﻟﺪﻩ ﺳﻪﻛﺮﺍﺗﺘﺎ ﻳﺎﺗﺴﺎﻡ،
ﻳﯜﺩﯛﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻛﻮﺯﺍ ﺳﯘﻧﻰ.
ﺗﯩﻤﺘﺎﻣﺴﻪﻥ ﭼﺎﻛﺎ- ﭼﺎﻙ ﺋﺎﻏﺰﯨﻤﻐﺎ،
ﺋﺎﺷﯘ ﭘﯘﭼﯘﻕ ﻧﻮﮔﯩﻴﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ.
ﻗﺎﻥ – ﻳﺎﺵ ﻳﯩﻐﻼﻳﺴﻪﻥ،
ﻳﺎﻗﺎﯕﻨﻰ ﻳﯩﺮﺗﯩﭗ،
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﻪﻥ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﺪﺍ ﻛﻪﺗﺴﻪﻡ.
ﺋﯧﯖﻜﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﺳﻪﻥ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ،.
ﺋﯚﯕﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﻕ ﺭﻭﻣﯩﻠﯩﯖﺪﺍ.
ﻳﯘﻣﺪﯗﺭﺍﺭﺳﻪﻥ ﻛﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ،
ﺋﺎﺷﯘ ﻳﯩﺮﯨﻚ ﺋﯩﺸﭽﺎﻥ ﻗﻮﻟﯘﯕﺪﺍ.
ﭘﻪﺭﻳﺎﺩ ﺋﻮﺭﻭﭖ ﺳﻪﻧﻼ ﻳﯩﻐﻼﻳﺴﻪﻥ.
ﻳﯩﻐﻠﯩﻤﺎﻳﺪﯗ ﺑﯩﯟﺍﭘﺎ ﺩﯗﻧﻴﺎ
ﺋﺎﺭﺍﻥ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺳﻪﻥ ﻣﯧﻨﻰ،
ﺑﯘﻟﯩﻤﺎﻕ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺗﯧﺮﯨﻖ ﺋﯘﻧﯩﺪﺍ.
ﺋﯚﺯﻩﯓ ﻳﯩﮕﻪﻥ ﻗﻮﺭﯗﭖ ﻛﯩﭙﻪﻛﻨﻰ،
ﻣﺎﯕﺎ ﭼﺎﻱ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺯﺍﻏﺮﺍ ﻧﯧﻨﯩﺪﺍ.
ﻗﺎﻻﭖ ﻗﻮﻣﯘﺵ، ﭘﺎﺧﺎﻝ ﻛﯧﭙﻪﻛﻨﻰ.
ﻳﯩﻐﻠﯩﻤﺎ ﺋﺎﻧﺎ،
ﻫﺎﻳﺎﺕ ﻣﻪﻥ ﺗﯧﺨﻰ،
ﺋﻪﻳﺴﺎﻣﯘ ﻫﺎﻳﺎﺕ ﺑﺎﺭﻣﯩﺶ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﺍ
ﻣﻪﻧﻤﯘ ﻫﺎﻳﺎﺕ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﺪﺍ.
ﺋﺎﻧﺎ
ﺋﻪﻟﻠﻪﻱ ﻧﺎﺧﺸﺎﯕﺪﺍ
ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﺧﺎﺭﺍﺑﻰ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ،
ﻣﯩﯔ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ،
ﻗﻮﭼﯘﻧﯩﯔ،
ﻗﺎﺭﺍ ﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭﻧﯩﯔ،
ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ،
ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﻮﻝ،
ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﺩﻩﻙ.
ﺟﯩﺮﯨﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻮﻟﺪﺍ،
ﺑﯘﻏﺮﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﯕﻐﯘﺭﺍﻗﻠﯩﺮﻯ.
ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﺎﻧﺘﻰ ﻳﯩﺮﺍﻕ – ﻳﯩﺮﺍﻗﻘﺎ،
ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺟﻪﯞﻫﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ.
ﺋﻪﻣﺪﯨﻠﯩﻜﺘﻪ،
ﺋﺎﻫ! ﺟﯧﻨﯩﻢ ﺋﺎﻧﺎ،
ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻫﻪﻳﺪﻩﭖ ﻛﯧﻠﯩﺴﻪﻥ،
ﻛﺎﻻ ﻗﯧﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﺭﯨﻴﺎﺭ ﻫﺎﺭﯞﯨﻨﻰ،
ﻛﯚﻙ ﻳﺎﻧﺘﺎﻕ ﺑﯧﺴﯩﯔ.
ﺋﺎﻧﺎ،
ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩﺗﺘﯩﯔ،
ﺑﺎﻏﺪﺍﺕ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ،
<ﻣﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﻪ > ﭼﯚﭼﻪﻛﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ.
ﺗﯩﯖﺸﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ ﮔﯜﺩﻩﻙ ﺷﺎﺋﯩﺮﯨﯔ،
ﺋﺎﻕ ﺳﯜﺗﯜﯕﻨﯩﯔ ﻟﻪﺯﺯﯨﺘﻰ ﻛﻪﺑﻰ.
ﺑﺎﻏﺪﺍﺕ،
ﭼﯚﭼﻪﻛﺘﯩﻜﻰ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﻫﻪﺭ.
ﺩﺍﯞﺍﻣﻰ ﺑﺎﺭ ﻏﻪﻣﻜﯩﻦ ﭼﯚﭼﻪﻛﻨﯩﯔ،
ﺗﯜﮔﯩﺘﻪﻟﻤﻪﻱ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺷﻪﻫﺮﯨﺰﺍﺩ،
ﺋﻪﻣﺪﯨﻠﯩﻜﺘﻪ،
ﺑﺎﻏﺪﺍﺗﺘﯩﻜﻰ ﭼﯚﭼﻪﻛﭽﻰ ﻣﻮﻣﺎﻱ،
ﭼﯚﭼﻪﻙ ﺋﯧﻴﺘﺎﺭ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﯖﻰ،
ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻗﻮﻳﺪﻯ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺗﻮﭘﻼﻡ.
ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﺭﺱ ﻗﻮﻟﺘﯘﻗﻰ،
ﻗﺎﻏﺠﯩﺮﺍﻳﺪﯗ ﺳﯘﺳﯩﺰ ﻛﻪﺭ ﺑﺎﻻ.
ﺯﻩﺭ ﻗﺎﻗﺸﺎﻳﺪﯗ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﺰ ﺋﺎﻧﺎ.
ﻳﯜﮔﯜﺭﻩﻳﺪﯗ ﺋﯘﻳﺎﻕ ﺑﯘﻳﺎﻗﻘﺎ،
ﻳﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﯔ ﺑﺎﻻ،
ﺑﺎﻏﺪﺍﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺑﺎﺷﻼﺭﻧﯩﯔ
ﭼﯚﭼﻪﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯘﺷﻰ ﻳﻮﻕ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ.
ﻗﺎﻥ ﻳﺎﺵ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﭼﯚﭼﻪﻛﭽﻰ ﻣﻮﻣﺎﻱ،
ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﻳﯜﺭﻩﺭ ﻫﻪﺳﻪﻥ- ﻫﯚﺳﻪﻧﺪﻩﻙ-
ﻏﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ،
ﭼﯚﭼﻪﻛﺘﯩﻜﻰ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺑﺎﻏﺪﺍﺗﻨﻰ،
ﺋﯩﺲ – ﺗﯜﺗﻪﻛﺘﻪ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﯨﻦ،
ﺋﯧﻬ! ﻗﺎﻳﺪﯨﺴﻪﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ،
ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﻐﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﯩﯟﺍﭘﺎ.
ﺑﺎﻏﺪﺍﺕ،
ﺑﯘﺭﯗﺥ ﺋﯩﺴﻰ ﻗﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﺯﯦﻤﯩﻦ،
ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﯩﻦ ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ،
ﻗﺎﻳﺘﺎﻟﻤﺎﻳﺴﻪﻥ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﭼﯚﭼﻪﻛﻜﻪ.
***********
ﺋﺎﻧﺎ
ﺑﻪﻛﻤﯘ ﭼﯩﮕﯩﺶ
ﺑﯘ ﻗﻪﻟﺒﯩﻢ ﻣﯧﻨﯩﯔ،
ﻛﺮﯨﺰﯨﺴﺘﻪﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺷﻪﺭﻗﻨﯩﯔ،
ﭘﻪﻟﻪﺳﺘﯩﻨﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺑﻪﯕﺒﺎﺵ ﻳﯩﮕﯩﺖ،
ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ،
ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ
ﺋﯚﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ،
ﻧﯧﻤﯩﺪﯨﮕﻪﻥ ﺗﺎﺵ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺋﯘ ﻫﻪ،
ﻳﯩﻐﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯗ ﻏﯧﺮﯨﭗ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ،
ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﻳﯘﺭﻩﻙ ﭘﺎﺭﯨﺴﻰ.
ﻣﯩﯖﻼﭖ ﺋﺎﻧﺎ ﻗﺎﻥ ﻳﺎﺵ ﻳﯩﻐﻠﯩﺸﺎﺭ،
ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ،
ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻫﺸﻪﺗﻠﯩﻚ.
***********
ﺋﺎﻧﺎ-
ﺋﺎﻧﺎ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻻ،
ﺑﺎﻻ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻧﺎ،
ﺷﯘﯕﺎ ﺩﻩﻳﻤﯩﺰ ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ ﻳﺎﺧﺸﻰ.
ﻫﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩتىنى ﺑﻮﻟﺴﺎ،
ﺋﯘﻧﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯘﭼﺎﻏﻼﭖ ﺳﯚﻳﺴﻪ،.
ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﺩﯗﺭ ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ ﺩﯦﮕﻪﻥ،
ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﺩﯗﺭ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻫﻪﻡ،
ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﺩﯗﺭ ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ دىگەن.
ﺷﯘﺩﯗﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺋﻮﻏﻼﻧﻰ.
ﯞﻩﺗﻪﻥ،
ﺋﺎﻧﺎ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻏﻪﻣﺨﺎﻧﯩﯔ،
ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻧﺪﻩ ﺩﻩﺭﻣﺎﻧﯩﯔ،
ﻣﻪﻥ ﺳﯧﻨﯩﯖﻜﻰ ﺋﻮﻣﺎﻕ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﯔ،
ﻣﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﻤﻪﻥ
ﭼﯚﭼﯩﻜﯩﯖﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ،
ﺳﻪﻥ ﺋﯩﺰﺩﻩﻳﺴﻪﻥ ﭼﯚﭼﻪﻛﻠﯩﺮﯨﯖﺪﯨﻦ،
ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﻮﻣﺎﻕ ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﻰ.
ﯞﻩﺗﻪﻥ،
ﻛﯩﺮﭘﯩﻜﯩﯖﮕﻪ ﺗﯜﻧﻪﻳﺪﯗ،
ﻗﯘﺵ ﭼﯘﺟﯩﺴﯩﯩﺪﻩﻙ.
ﺋﺎﻧﺎ،
ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺷﺎﻣﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ،
ﭼﯩﯔ ﺗﺎﻗﯩﻐﯩﻦ ﺋﯩﺸﯩﻜﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ،
ﻳﻮﻏﺎﻥ ﺩﻩﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ.
ﻫﯘﺷﻴﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﯩﻦ ﻗﻮﺗﺎﻧﻠﯩﺮﯨﯖﻐﺎ،
ﺋﯧﺸﻪﻙ ﻫﺎﺭﯞﺍ، ﺗﻮﻗﯘﻣﻠﯩﺮﯨﯖﻐﺎ،)
ﭘﺎﻟﺘﺎ،ﻛﻪﻛﻪ،ﺋﻮﺗﯘﻧﻠﯩﺮﯨﯖﻐﺎ،
ﺋﯚﺷﻜﻪ، ﺋﻮﻏﻼﻕ، ﭘﺎﺧﻼﻧﯩﻠﯩﺮﯨﯖﻐﺎ.
ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯘﺭﺗﺘﺎ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ،
ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﻳﻮﻗﺴﯘﺯﻟﯘﻕ.
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺩﯦﻠﻮ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﺳﻪ،
ﺳﺎﻗﭽﻰ ﻛﯧﻠﻪﺭ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻛﯧﭽﯩﻜﯩﭗ.
<ﺗﻮﯞﺍ> ﺩﻩﻳﻠﻰ،
ﺋﺎﻫ! ﻳﻮﻗﺴﯘﺯﻟﯘﻕ ﻛﯚﻣﻪﭺ ﻧﺎﻥ ﻛﻪﺑﯩﻲ،
ﻳﯘﺭﯨﻜﯩﻤﻨﻰ ﭘﯘﭼﯩﻼﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ.
ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ،
ﻳﯧﻘﯩﻦ جايداﺷﯩﭙﺎﺧﺎﻧﺎ ﻳﻮﻕ،
ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮﻻ ﻛﻮﻧﺎ ﺩﺍﺧﺎﻥ ﺑﺎﺭ
ﺩﯛﺱ ﻗﺎﭼﯩﺴﻰ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻛﯚﭖ،
ﺩﺍﯞﺍﻻﻳﺪﯗ ﺩﯨﺌﺎﮔﻨﻮﺯﺳﯩﺰ،
ﺭﯦﺘﺴﯩﭙﻰ ﻳﻮﻕ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ.
***********
ﺋﺎﻧﺎ،
ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻥ-
ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺋﯩﮕﯩﺰ ﺑﯩﻨﺎﺩﯨﻦ،
ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ.
ﺋﻪﮔﯩﭗ ﻳﯜﺭﻩﺭ ﻗﺎﺗﻤﺎﻝ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻖ،
ﺷﺎﺩﻟﯩﻘﻰ ﻳﻮﻕ ﺗﻮﭘﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﯨﻦ.
ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﻭﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﻪﺱ ﺋﻪﺳﻼ،
ﻟﻪﯕﭙﯘﯕﭽﻨﯩﯔ ﺋﻪﺑﺠﻪﻕ ﻫﺎﺭﯞﯨﺴﻰ،
ﺗﻮﻗﺴﻪﻥ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺩﻭﯕﻐﺎﻕ ﻣﯘﻣﺎﻳﻨﯩﯔ،
ﺟﯩﮕﺪﻩ ﺷﯧﺨﯩﺪﺍ ﺋﻪﺗﻜﻪﻥ ﻫﺎﺳﯩﺴﻰ.
ﻳﯜﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺲ ﺋﻮﺭﻧﺎﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ
ﻛﺎﯞﺍﺑﭽﯩﻨﯩﯔ ﭼﺎﺭ ﻗﯩﺮﺍﺷﻠﯩﺮﻯ،
ﻏﯩﺮﯨﺒﺎﻧﻪ ﭘﯘﻟﺴﯩﺰ ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﺍ،
ﺩﯙﯞﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺳﯧﺘﯩﻼﺭ ﺋﺎﺩﻩﻡ،
ﺧﯘﭘﯩﻴﺎﻧﻪ ﺳﯧﺘﯩﻼﺭ ﺋﯩﻤﺎﻥ.
ﭼﯧﺮﯨﺪﺍﺭﺳﯩﺰ ﺳﺎﯞﺍﺗﺴﯩﺰ ﺑﺎﻗﻘﺎﻝ
ﺑﺎﺝ ﻫﻪﻗﻘﯩﮕﻪ ﭘﯘﻝ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﺴﺎ،
ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ﻣﯧﻠﻰ ﻣﯘﺳﺎﺩﯨﺮ.
ﺧﯩﻠﯟﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻳﺎﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﯞﺍﻱ،
ﭼﻪﻡ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ ﻛﻮﻧﺎ ﺋﯚﺗﯜﻛﻜﻪ،
ﻳﺎﺭﯨﻤﺎﻳﺪﯗ ﻓﯘﺗﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﻜﻪ.
ﺑﯘﻳﺎﻗﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ ﻫﯧﭽﺒﯩﺮ،
ﺑﻮﭘﻜﯩﺴﯩﺪﺍ ﺭﺍﺳﺖ – ﻳﺎﻟﻐﯩﻨﻰ ﺑﺎﺭ،
ﺑﻪﻙ ﺳﯩﭙﺎﻳﻪ ﺋﯩﺸﻘﯩﯟﺍﺯ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮ.
***********
ﺋﺎﻧﺎ،
ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯘﺭﺗﺘﺎ-ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﺪﺍ،
ﻫﺎﻟﺴﯩﺮﺍﻳﺪﯗ ﻗﻮﺷﺘﯩﻜﻰ ﻛﺎﻻ،
ﻗﯩﺮﻗﯩﺮﺍﻳﺪﯗ ﺑﯚﺷﯜﻛﺘﻪ ﺑﺎﻻ.
پىتىرﯨﺸﯩﺪﯗ ﺗﻪﺭﻩﭖ – ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ،
ﻏﺎﻟﺠﯩﺮ ﺋﯩﺘﺘﯩﻦ ﻫﯚﺭﻛﯩﮕﻪﻥ ﭘﺎﺩﺍ.
ﻗﻮﺭﯗﻧﯩﺪﯗ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺋﯘﻳﺎﺗﭽﺎﻥ
ﻗﯩﺰ ﺑﺎﻟﯩﺪﻩﻙ ﻳﯜﺭﻩﻛﺴﯩﺰ ﺩﺍﻻ.
ﺑﯘ ﺩﺍﻟﯩﺪﺍ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﻙ ﺗﻮﻻ.
ﻏﯩﭽﯩﺮﻻﻳﺪﯗ ﺗﻮﭘﯩﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﺪﺍ،
ﻣﺎﻳﺴﯩﺮﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻏﺎﭺ ﻫﺎﺭﯨﯟﺍ.
ﺋﯩﺸﺘﺎﻥ ﺑﯧﻐﻰ ﺳﺎﯕﮕﯩﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ
ﺗﯩﺰﻯ ﻳﯩﺮﺗﯩﻖ ﻳﯧﻠﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻍ ﺑﺎﻻ:
ﻳﯜﺩﯨﯟﯦﻠﯩﭗ ﻛﻮﻧﺎ ﭘﻮﺧﭽﯩﻨﻰ،
ﺋﯘﻗﯘﻣﺎﻗﺘﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﺳﻪﻫﺮﺍﺩﺍ،بەرقى مۇنبىرى.
ﻣﻮﻣﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭼﯚﭼﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ
ﺋﯘ ﺗﯩﯖﺸﺎﻳﺪﯗ ﻛﻮﻟﯘﭖ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ.
ﺗﯩﯖﺸﺎﭖ- ﺗﯩﯖﺸﺎﭖ ﺋﯘﺧﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ،
ﻛﯚﺭﻩﺭ ﺗﯧﺨﻰ ﺷﯩﺮﯨﻦ ﭼﯜﺷﻠﻪﺭﻧﻰ.
ﭼﯩﻘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺋﯘﭼﺎﺭ ﮔﯩﻠﻪﻣﮕﻪ،
ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻛﯧﻠﻪﺭ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺷﻪﻫﻪﺭﻧﻰ،
ﺗﯧﭙﯩﯟﺍﻻﺭ ﮔﺎﻫﯩﺪﺍ ﺗﯧﺨﻰ،
ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ <ﺋﻮﺭ ﺗﻮﻗﻤﺎﻕ>ﻧﯩﻤﯘ،
ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻦ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺑﺎﺗﯘﺭ،
ﺑﯧﺮﻩﺭ ﺋﺎﯕﺎ <ﻣﯩﺴﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﯩﭻ>ﻧﻰ
ﺋﺎﻧﺎ,
ﺳﯧﻴﺖ ﻧﻮﭼﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ،
ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺗﻮﻻ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﺴﻪﻥ،
ﺋﻪﭘﺴﯘﺱ, ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺴﻪﻥ
ﺳﯩﭙﺎﺭﺗﺎﻙ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ.
ﺳﭙﺎﺭﺗﺎﻙ،
ﮔﯧﻼﺩﯨﻴﺎﺗﻮﺭ،
ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺷﻪﺧﺲ.
ﻗﻮﻟﻠﯘﻕ ﻛﯩﺸﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ -
ﭼﯧﻘﯩﭗ ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ.
ﺋﯧﺰﯨﻠﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ
ﻫﯚﺭﻟﯜﻛﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ.
ﻗﯘﻟﺪﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﺎﻣﭽﯩﺴﻰ،
ﻗﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻗﺎﻧﻠﯩﺮﻯ،
ﺋﻪﯓ ﯞﻩﻫﺸﯩﻲ ﮔﯧﻼﺩﯨﻴﺎﺗﻮﺭﻻﺭ ﺳﻪﻫﻨﯩﺴﻰ،
ﺳﭙﺎﺭﺗﺎﻛﻨﻰ ﺗﺎﯞﻟﯩﻐﺎﻥ،
ﻗﺎﻥ، ﻗﺎﻣﭽﺎ،ﻳﺎﺵ، ﻫﯚﺭﻟﯜﻙ ﻧﺎﺧﺸﯩﺴﻰ،
ﺋﺎﺯﺍﺏ، ﺋﯚﻟﯜﻡ ﻳﺎﻧﺪﯨﺸﯩﭗ ﻛﯧﻠﻪﺭ،
ﺋﻪﺭﻙ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻪﺩﻩﻟﺪﯗﺭ ﺷﯘﻻﺭ.
ﺋﺎﻫ! ﺟﯧﻨﯩﻢ ﺋﺎﻧﺎ،
ﺑﻮﻳﯘﻥ ﻗﯩﺴﯩﭗ ﻗﯘﻟﻠﯘﻕ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺳﻪ،
ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﺘﻪ ﻛﯩﻤﻤﯘ ﺋﻪﺯﻣﯩﮕﻪﻥ ﺩﻩﻳﺴﻪ.
ﺭﻭﻫﯩﻲ ﻗﻮﻟﻠﯘﻕ ﺋﻪﯓ ﺑﯩﭽﺎﺭﯨﻠﯩﻖ،
ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻘﺘﯘﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺯﻩﻧﺠﯩﺮﻯ،
ﺳﭙﺎﺭﺗﺎﻙ -
ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺷﻪﺧﺲ،
ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ
ﺳﯧﻴﺖ ﻧﻮﭼﯩﻐﺎ.
***********
ﺋﺎﻧﺎ،
ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻥ
ﺟﺎﻳﻨﺎﻣﯩﺰﯨﯖﺪﻩﻙ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺑﯩﺮ ﺯﯦﻤﯩﻦ.
ﺳﯜﻛﯜﻧﺎﺗﺘﺎ ﺩﯗﺭﯗﺕ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯗ،
ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﭼﻪ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﺎﺕ.
ﻗﯘﻡ ﺑﺎﻏﺮﯨﺪﺍ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻛﻪﭘﻪﯓ،
ﻛﻪﭘﻪﯕﺪﻩ ﺑﺎﺭ ﻗﺎﺯﺍﻥ- ﻗﯘﻣﯘﭼﯘﯓ،
ﺳﺎﭘﺎﻝ ﻗﺎﭼﺎﯓ، ﻳﺎﻏﺎﭺ ﻗﻮﺷﯘﻗﯘﯓ،
ﺋﯩﺴﻠﯩﻖ ﻣﻮﺭﺍ، ﻗﯩﻴﺴﯩﻖ ﺋﻮﭼﯘﻗﯘﯓ،
ﻣﻮﺭﺍ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺳﺎﭘﺎﻝ ﭼﯩﺮﯨﻐﯩﯔ،
ﺳﺎﯕﺎ ﻫﻪﻣﺮﺍ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻏﯘﻧﭽﯩﻘﯩﯔ،
ﺳﯘﭘﯘﺭﺍﯕﺪﺍ ﺗﺎﺧﺘﺎ- ﻧﻮﻏﯘﭼﻨﯩﯔ،
ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻛﯩﯔ ﻳﯘﯞﺍﺵ ﻣﯜﺷﯜﻛﯩﯔ،
ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﻛﻮﻧﺎ ﺑﯚﺷﯜﻛﯩﯔ،
ﺋﯚﯕﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﺋﯚﺗﯜﻛﯩﯔ،
ﻗﻮﺯﯗﻗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯚﺭﭘﻪ ﺗﯘﻣﯩﻘﯩﯔ،
ﺋﻮﭼﺎﻗﺘﯩﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﭼﯚﮔﯜﻧﯩﯔ.
ﺗﻪﻛﭽﻪﯕﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﻻ ﭼﻪﻳﻨﯩﻜﯩﯔ،
ﺋﺎﻫ!
ﻏﯧﺮﯨﭗ ﺋﺎﻧﺎ-
ﺷﯘﺩﯗﺭ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺑﯘﻳﯘﻣﯩﯔ.
ﺩﻭﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﻣﺮﯛﯕﺪﻩ
ﺷﯘﺩﯗﺭ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ – ﺗﻪﺭﮔﯩﻨﯩﯔ.
ﺋﻮﻳﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺮﻭﺭﻩﻥ ﺧﺎﻧﯩﺶ
ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻤﯩﺪﯗ ﺳﯧﻨﻰ ﭼﯘﺷﯩﺪﻩ.
***********
ﺋﺎﻧﺎ،
ﺗﻮﻛﻴﻮ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﺪﯨﻦ.
ﺋﯘ- ﻳﺎﻻﯕﺒﺎﺵ ﺷﻪﻫﻪﺭ،
ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ ﭼﯩﻤﻪﻥ ﺩﻭﭘﭙﯩﺪﻩك
ﺳﺎﺩﺩﺍ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ.
ﺗﯚﺕ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻛﯩﺮﻭﺭﻩﻥ ﺧﺎﻧﯩﺶ
ﺗﻮﻛﻴﻮﺩﯨﻜﻰ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻣﯘﺯﯦﯩﻴﯩﺪﺍ
ﺗﻮﻧﯘﺷﯘﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ ﻳﺎﭘﯘﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ.
ﻧﯩﻴﻪﺩﯨﻜﻰ ﺧﺎﺭﺍﺑﻪ ﺷﻪﻫﻪﺭ-
ﻗﯘﻡ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻗﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻥ ﺋﻪﺟﻪﭖ!
ﺗﺎﺭﯨﺦ،
ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺭﻩﻫﯩﻤﺴﯩﺰ.
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﻮﻏﺎﻥ،ﻛﺎﻻﻣﭙﺎﻱ ﭼﺎﻗﻰ،
ﻳﺎﻧﭽﯩﯟﻩﺗﺘﻰ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ،
ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ، ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺷﻪﻫﻪﺭﻧﻰ،
ﺗﯩﻨﭻ ﭼﯚﻟﻨﻰ – ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﻰ.
ﺋﺎﻧﺎ،
ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺑﯜبى ﻣﻪﺭﻳﻪﻣﺪﻩﻙ،
ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺑﺎﺭ ﺳﺎﭼﯩﺮ ﺧﺎﻧﯩﻤﺪﻩﻙ،
ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯜﻟﮕﻪ ﻛﻴﻮﺭﻯ ﺧﺎﻧﯩﻢ،
ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﻧﯩﻴﻮﺗﻮﻧﻨﯩﯖﻤﯘ،
ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﺪﯗﺭ ﺑﺎﻻ،
ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﺪﯗﺭ ﻫﺎﯞﺍ ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ.
ﻫﺎﯞﺍ ﺋﺎﻧﺎ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﻗﻮﻳﻨﯩﺪﺍ
ﺗﯘﻏﯘﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ،
<ﻣﺎﻧﺎ ﻣﻪﻥ> ﺩﻩﭖ ﺟﺎﭘﺎ- ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺕ،
ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ﺋﺎﻧﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ.
ﺋﺎﻧﺎ،
ﺳﺎﭼﯩﺮ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ -
ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺩﺍﭼﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﻣﯩﺶ،
ﺳﯧﻨﯩﯖﻤﯘ ﺑﺎﺭ ﺩﺍﭼﯩﺪﻩﻙ ﻛﻪﭘﻪﯓ.
ﺑﺎﺭﻣﯩﺶ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﺎﻫﺰﺍﺩﻩ ﺋﻮﻏﻠﻰ،
ﺳﯧﻨﯩﯖﻤﯘ ﺑﺎﺭ ﺑﯩﺮ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﻮﻏﻠﯘﯓ،
ﺳﺎﭼﯩﺮ ﺧﺎﻧﯩﻤﻤﯘ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﻧﯩﺶ،
ﺳﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﺸﻰ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ،
ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎﯓ ﻛﯩﺮﻭﺭﻩﻥ ﺧﺎﻧﯩﺶ.
ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺳﻪﻥ-
ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﺪﯛﺭﺩﯛﯓ ﻣﯜﺷﯜ ﺩﯨﻴﺎﺭﻧﻰ،:
ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺘﯩﯔ – ﺗﯩﺮﻣﺎﺷﺘﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ،
ﻗﺎﻏﺠﯩﺮﺍﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﺍ.
ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﻳﺎﻍ ﻗﯩﺰﯨﻖ ﻗﻮﻣﻼﺭﺩﺍ،
ﭼﯧﭙﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﻳﺎﻧﺘﺎﻗﻠﯩﻘﻼﺭﺩﺍ.
ﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﯨﯖﺪﻩ-
ﺳﯘ ﺋﯩﭽﻜﻪﻥ ﺯﯦﻤﯩﻦ.
ﻣﻪﻥ-
ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﻪ، ﺋﻮﻣﺎﻕ ﺷﺎﻫﺰﺍﺩﻩﯓ.
ﺋﺎﻧﺎ،
ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯜﻛﺘﻪ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺗﻮﯞﻟﯘﺩﯗﻡ،
ﺟﻪﻧﯘﺑﺘﯩﻜﻰ ﻛﻮﻧﺎ ﺭﻩﺳﺘﯩﺪﻩ.
ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ ﺋﯩﻜﻪﻥ ﺭﻭﻫ ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﻤﯩﺴﺎ،
ﺑﺎﺭﻏﯘ ﺗﯧﺨﻰ ﺩﻭﻗﻤﺎﻝ ﺑﻮﻗﯘﺳﺎ.
ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ-
ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺶ-
ﭼﯧﻘﯩﭗ ﺗﺎﺷﻼﺭ
ﺋﺎﺧﺮ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻖ ﺯﻩﻧﺠﯩﺮﯨﻨﻰ.
ﺳﯩﻠﻜﯩﻨﮕﻪﻧﺪﻩ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺯﯦﻤﯩﻦ،
ﺗﻪﺑﯩﺮ ﺑﯧﺮﻩﺭ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ
ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﯩﺪﻩ ﭼﯚﭼﯜﭖ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﭗ.!
ﺋﺎﻧﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﻳﺴﻪﻥ،-
ﭘﯧﺸﺎﻧﻪﻣﮕﻪ ﺳﯚﻳﯜﭖ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ
ﻣﻪﻥ ﻛﯧﻠﯩﻤﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﻐﺎ،
ﻳﯧﭙﯩﻨﭽﺎﻗﻼﭖ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻤﯩﻨﻰ،
ﺳﻪﻥ ﻛﯚﺭﯨﺴﻪﻥ ﻫﻪﺳﺮﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ،
ﻗﯘﭼﯩﻘﯩﯖﺪﺍ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﻛﯧﺘﯩﻤﻪﻥ،-
ﻣﻪﻥ ﺋﺎﯕﻼﻳﻤﻪﻥ،
ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﯖﻨﯩﯔ ﺑﻮﻗﯘﻟﺪﯨﺸﯩﻨﻰ,
ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﯔ
ﻫﯚﺗﻤﻪ ﺗﯚﺷﯜﻙ-
ﺟﯘﻝ ﺑﻮﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺑﯧﺘﯩﺪﻩﻙ.
ﺋﻪﻟﻠﻪﻱ ﻧﺎﺧﺸﺎﯓ-
ﺳﯧﻬﯩﺮﻟﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻱ،
ﻗﺎﭘﻼﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﻨﻰ.
ﺗﻮﻻ ﺗﯩﯖﺸﺎﭖ ﺋﺎﺷﯘ ﻧﺎﺧﺸﯩﻨﻰ،
ﺑﯘﯞﺍﻕ ﺑﻮﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﯘﻕ ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ.
ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻚ ﺋﺎﻧﺎ،
ﻣﻪﻥ ﺳﯧﻨﯩﯖﻜﻰ ﺋﻮﻣﺎﻕ ﺑﻮﯞﯨﻘﯩﻨﯩﯔ.
ﺋﺎﻧﺎ،
ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺑﯘ ﺋﺎﻟﻪﻡ،:
ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻛﯧﻠﻪﭼﻪﻙ،
ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﻛﯚﭖ،
ﻳﻪﺗﺴﻪﻡ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ،
ﺑﺎﺭ ﻫﻪﻡ ﻣﻪﻧﺪﻩ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺕ.
ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﯩﺪﺍ ﻧﯧﮕﯩﺮ ﺋﺎﻧﯩﻤﯘ،
ﺳﯚﻳﯜﻧﯩﺪﯗ ﻗﺎﺑﯩﻞ ﺑﺎﻟﯩﺪﯨﻦ.
ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭ ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﻲ ﺋﺎﻧﺎ،
ﺑﯩﻠﻢ ﺑﯧﺮﻩﺭ ﺋﻮﻏﻼﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ.!
ﺋﻪﺩﻩﭘﻠﯩﻜﯩﺘﯘﺭ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ،
ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺑﯧﺮﻩﺭ ﺑﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ.
ﺑﻪﻙ ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻥ ﻳﺎﭘﻮﻥ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ.
ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺩﯦﻤﻪﻙ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ.
ﺋﺎﻧﺎ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ،
ﺑﺎﺗﯘﺭﻟﯘﻗﻨﻰ، ﺟﻪﻧﮕﯩﯟﺍﺭﻟﯩﻘﻨﻰ،
ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻛﯚﭖ
ﻣﺎﯕﺎ ﺑﻪﺭﮔﯩﻦ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭﻟﯩﻘﻨﻰ،
ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﻤﻨﻰ – ﺭﻭﻫﯩﻤﻨﻰ ﭘﺎﻛﻼﭖ
ﺟﺎﻛﺎ ﻗﯩﻼﻱ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﻜﯩﻤﻨﻰ.
ﺋﺎﻫ! ﺟﯧﻨﯩﻢ ﺋﺎﻧﺎ
ﺋﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻝ ﺋﺎﻧﺎ
ﻣﻪﻥ ﺳﯧﻨﯩﯖﻜﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ ﺋﻮﻏﻠﯘﯓ.
« ئىت ئۈرەر، كارۋان يۈرەر »
******************************
« ئىت ئۈرەر، كارۋان يۈرەر، قايتماس ئىزىدىن ئارسلان »
بىلسە ئادەم، بۇ ئۆمۈرنىڭ ھەر كۈنى بىر ئىمتىھان.
مەيلى ئىتلار ھاۋشىسۇن، چاقسۇن يەنە ھەرە، پاشا،
بول ۋاپا، ۋىجدان بېغىدا مەڭگۈ بىدار باغىبان.
تەنە – تۆھمەتتىن خالىي بولماي ئۆتتى تا لوقمان ھېكىم،
ھەممىسى بىتتى، لېكىن قالدى ھېكىمدىن نام – نىشان.
بىر ماقال باردۇر « كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس » ئىمىش،
يولچىغا مەنزىل توشامدۇ بولسا يۈزلەپ مۇز داۋان.
مەيلى چىقسۇن بورىنى، ياغسۇن ۋە ھەتتا مۆلدۈرى،
كەل نىگار، ۋەتەن بېغىغا تەڭ بولايلى پاسىبان!
1969 – يىل 20 – ئىيۇن. ئۈرۈمچى

سەككىز سۈرىتىم
تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماس
(ساتىرىك داستان)

ياشاش ئۈچۈن كۆنگەن شۇ ئىللىتىمنى،
بىر كۆرسىتەي يېرىپ يۈرەك قېتىمنى.
سورىماڭلار نامىمىم مىنىڭ ئىتىمنى
تەقدىم قىلدىم بۇ سەككىز سۆرىتىمنى،
مەن ئەشۇنداق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
1
ئېسى- يادىم ھوقۇقۇمنى ساقلاشتا،
چىڭ تۇرىمەن شۇڭا چوڭنى يوقلاشتا.
كۈنۈم ئۆتەر تازىم بىلەن ماختاشتا،
ئۇ ئاقمىسا داستىخاندا باپلاشتا،
ئىش توغرىلاپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ھوقۇق ئۈچۈن مەن ھەممىنى گوللايمەن،
يۇقىرىغا ساننى يالغان يوللايمەن.
تەكشۈرسە گەر سومكىسىنى توملايمەن،
شۇنداق قىلىپ ئۆز- ئۆزۈمنى قوللايمەن،
مەن “قوللاپلا” كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
“پىچاق” بەرسە قورقماي دادىل كەسمەيمەن،
مۇزاكىرە قىپ بولالماي ئەسنەيمەن.
شۇنداق قىلىپ قوساقنى ھېچ ئەسمەيمەن،
ئىرادەم چىڭ بەلنى ھەرگىز يەشمەيمەن،
شۇ “ئۇسۇلغا” كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
پاكلىق دېسە سۆزلەپ- سۆزلەپ ھارمايمەن،
كەلسە- كەلمەس سوغا سالام ئالمايمەن.
نەپ چىقمىغان يەرگە ئەمما بارمايمەن،
يەڭ ئىچىدە بەرسە ھەرگىز يانمايمەن،
“سودىلىشىپ” كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
بەزى ياتتىم بالنىستلاردا تەن ئۈچۈن،
خەق بىلمىسۇن ئىككى بولاق قەنت ئۈچۈن.
دېسەممۇ گەر ئاغزىمدا “ۋەتەن ئۈچۈن”،
ھوقۇق ئەلا مىللەتتىنمۇ مەن ئۈچۈن،
“ھوقۇققىلا” كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
نېمە؟ ساڭا مىڭلاپ لەنەت دەيلىغۇ؟
مەن بىر مەجنۇن ھوقۇق خۇددى لەيلىغۇ!
مەن ئۆسسەملا خەق نېمە بولسا مەيلىغۇ،
مانا بۇ سۆز مەندەكلەرنىڭ پەيلىغۇ،
“پەيلىم” شۇنداق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ھېچ غېمىم يوق جاھاننى سۇ باسسىمۇ،
ئاپەتلەردىن ئەلنىڭ بېشى قاتسىمۇ.
كۆن ئالالماي يۇرتنى تاشلاپ قاچسىمۇ،
ماڭا ئۇلار قانچە گۇناھ ئارتسىمۇ،
“ھېچ غېمىم” يوق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
چۇجاڭ، ھاكىم، ۋالىيلىقتا تۇرغۇچە،
ئۆسسەم دەيمەن تاكى داھىي بولغۇچە،
ئۆتەرمەنمۇ شۇ ئارماندا ئۆلگۈچە،
“ئاھ چۈشۈمگە بىر كىرسىچۇ بۇ كېچە”
تەمە قىلىپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
2
چوڭ مەسچىتنىڭ بىقىنىدا ئۈيۈم بار،
كىشى كۆرسە ئەيمەنگۈدەك سەللەم بار.
شۇڭا دائىم قولتۇقۇمدا زەللەم بار،
چاپقۇزۇشقا ئاتلارنى ھەم چەنلەم بار،
“زەللىلەرگە” كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
قويىۋېلىپ كۆركەم ساقال- بۇرۇتنى،
كەم قىلماستىن تىلدا دائىم دۇرۇتنى.
مەن توپلىدىم كۆپ ئىخلاسمەن مۇرىتنى،
خەق بىلمىسۇن دىلىمدىكى قۇرۇتنى،
شۇ “قۇرۇت” قا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
سورۇن بولسا چىقسام دەيمەن تۆرىگە،
گۆش كەلمەيدۇ قۇرۇق ئايەت، سۈرىگە.
راست گەپ قىلسام نەپسىم ئوخشار بۆرىگە،
نىچۈن باغاق بەردىكىن پەس چۆرىگە،
قىزغىنىپلا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
“خۇدا” مېنىڭ مۇھاپىزەت قالقىنىم،
بىلىنمەيدۇ شۇڭا جەبرى سالغىنىم.
ماڭا لازىم شۇ باھانىدا ئالغىنىم،
ئېچىلمايدۇ سىرتقا ھېچبىر ئالقىنىم،
ئېلىشقىلا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
“يامان”، “گۇناھ” دەپ چىتلايمەن يوللارنى،
رام قىلىمەن شۇ ئۇسۇلدا گوللارنى.
چۆشۆرمەستىن دۇئادىن ھېچ قوللارنى،
يىغىۋالدىم “ھەجگە” دەپ كۆپ دوللارنى،
شۇ دوللارغا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
داۋالايمەن دەپ كېسەلنى، ئاپەتنى،
ساتتىم پۇلغا ئەرەبچە كۆپ ئايەتنى.
خەقلەر مېڭىپ ئۇ دۇنيانى “راھەتنى”،
سۆيدۈم ئۆزۈم پانىي نەق ھالاۋەتنى،
ھالاۋەتكە كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
مەسچىتلەردە ساۋابلىقنى سۆزلەيمەن،
لېكىن ئۆزۈم “نەپ” بولسا دەپ كۆزلەيمەن.
بېرەر ئۆزى، “ھېچ كىشىنى ئەزمەيمەن”،
شۇڭا مۇشۇ يولدىن پەقەت بەزمەيمەن،
شۇ يولۇمغا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
3
چىن ئەركەكتەك مەي ئىچىمەن تاۋاقتا،
ئۆيدە ئەمەس كوچىلاردا، قاۋاقتا.
بەزى قونۇپ قالىمەن شۇ “راۋاق” تا،
كېتىپ بولاي ئەمدى ئۆيگە نەۋاقتا،
“راۋاق” لارغا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
خەق نېمە دېسە دەۋەرمەمدۇ كارىم يوق،
مەيدىن ئۆزگە ئامرىقىم يوق، يارىم يوق.
ئىچمىسەم ھېچ تۇرالمايمەن، چارەم يوق،
ئىچىۋېلىپ چالدىم گىتار، تارىم يوق،
مەن كارىم يوق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
كۈندە بېرىپ سەجدە قىلىپ تاۋاققا،
تېگىشىمەن ئىقبالىمنى ھاراققا.
ئۇرۇشىمەن ئۆيدە تارتسا سوراققا،
قورقمايمەن ئېلىنساممۇ قاماققا،
شۇنداق قورقماي كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
دەيدۇ تېخى “ئېسىت سېنىڭ مەستلىكىڭ”،
ھاراقتىندۇر بىلسەڭ سېنىڭ پەسلىكىڭ،
ئوڭشىلارمۇ شۇ ئادەم ئەمەسلىكىڭ،
قاچان تۆگەر بالا-قازا، نەسلىكىڭ،
مەستلىكىمگە كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
مەن دەيمەنكى بەختىم مېنىڭ شارابتا،
نېمە لەززەت مەيسىز مىڭ جىڭ كاۋاپتا،
قەدەھ ياساپ چېلىپ تەمبۆر، راۋاپتا،
مەي ئىچىمەن بارسام ھەجگە، تاۋاپتا،
ئىچىشكىلا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
بىر ئىجادىم ئويۇم بارتى، قېنى دەي،
تومۇرۇمدا قېنىم ئەمەس ئاقسا مەي.
ئەنە شۇ چاغ، قىلماس ئىدىم زادى قەي،
يېمەس ئىدىم زاكوسكىغا گۆشۇ-سەي،
مەن ئىجادكار كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
مەي دېگەنلىك مېنىڭ قېنىم، يىلىكىم،
مەي ئىچمىسەم مېنىڭ نېمە كېرىكىم.
ھېساب ئەمەس چىلاشمىسا يۈرىكىم،
شۇڭا مەستتۇر ھەتتا ئارزۇ-تىلىكىم،
مەست تىلەككە كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
مەي تۈپەيلى بولسام مەيلى ئۆيسىز، تۇل،
مەيلى بولسۇن كىيىم-كېچىكىم جۇل-جۇل،
قەرز ئېلىپ ئىچىمەن بولمىسا پۇل،
مەن ياشايمەن بولۇپ شۇنداق مەيگە قۇل،
قۇللۇقۇمغا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
4
جاھان ئاشۇ دەيمەن قۇدۇق ئاغزىنى،
چىڭ تاقايمەن شۇڭا ئىشىك داۋزىنى،
ئايرىمايمەن لەززەت بىلەن لاۋزىنى،
ياقتۇرمايمەن چىگىش بىلەن ھاۋزىنى،
قۇدۇققىلا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
بەزىلەر تاڭ غايە-پايە دەيدىكەن،
ئۆزلىرىچە ئەل غېمىنى يەيدىكەن،
(ئىككى پۇتى بىر ئۆتۆكتە، خەيدىكەن)،
توۋا دەيمەن دۆت ئىكەن، بىلمەيدىكەن،
مەن ئەقىللىق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
پۆرسەت تاپسام تىرىكلەرنى قەستلەيمەن،
يىقىتسام گەر پاتىڭىغا دەسسەيمەن.
ئۆلگەنلەرنى رەھمەتلىك دەپ ئەسلەيمەن،
بەلدىن ئاقنى ئۇزۇنغىچە يەشمەيمەن،
قەستلەپ، ئەسلەپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ئىشىم بەك كۆپ زادى بىكار ياتمايمەن،
يېغىر تاپسام كوچىلايمەن، تاتىلايمەن،
ئەل دېگەننىڭ گەجگىسىدىن ئاتلايمەن،
باشلىق كۆرسەم بەلنى پۈكلەپ قاتلايمەن،
قاتلىنىشقا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
بەك ئاقلارغا قار-قۇرا چاپلايمەن،
“قارا” لارنى پات-پات ئوتقا قاقلايمەن،
“يېشىل”، “سېرىق” لارنىمۇ ھەم باپلايمەن،
شۇنداق قىلىپ بىر ئۆزۈملا چاقنايمەن،
ئۆزۈم چاقناپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ياراتمايمەن كىچىك ئىشقا زوقۇم يوق،
ئەنقا ئاتاي دېسەم، ئەمما ئوقۇم يوق.
مىنەي دېسەم ئېشىكىمدە توقۇم يوق،
ئىسمىم جاھان بازارىدا چوقۇم يوق،
مەن بازارسىز كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ئاقمۇ كىردى تولا ئويلاپ بېشىمگە،
شۇنچىلىك تار قىل پاتمايدۇ ئىچىمگە،
ئامەت كەلسە ئەگەر يېقىن كىشىمگە،
غۇچۇرلاشتىن ئاغرىق كىرەر چىشىمگە،
چىش ئاغرىققا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
كۆرمەيمەن ھېچقانداق ئىشنى ئۆزۈمدىن،
يامانلايمەن قانۇنىيەت، تۈزۈمدىن،
كىم ئۇ چاتاق تاپقان مېنىڭ سۆزۈمدىن،
سەت كۆرۈنمەي تېز يوقالسۇن كۆزۈمدىن،
يامانلاپلا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
چۈشتە دېسە كەچتە ئاران بارىمەن،
باھانە توقۇپ گۇناھىمدىن تانىمەن،
شۇ بىر ئەمەس تەكرارلايمەن يانىمەن،
شۇڭا جاھان ئالدىدا كۆپ چانىمەن،
چېنىۋېرىپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ياتقا شاتۇر، ئۆزىمىزگە ئاقسايمەن،
ئۆزگە باتۇر، ياتقا سالسا ئاقمايمەن،
پەلسەپەم شۇ جان بېقىشنى ياقلايمەن،
ئاشۇ يولدا تىنىم تاپماي قاتنايمەن،
قاتناۋېرىپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
بىكار بولسام ھاڭۋاقتىمەن كوچىدا،
بولاي مەيلى قەشقەر، تۇرپان، غۇلجىدا،
بۇ پەقەتلا بولۇر مەندەك نوچىدا،
نېمىش قىلسۇن ئىشقا بەند پوچىدا،
نوچىلىققا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ياراتمايمەن ئىلىلىقنى لاپچى دەپ،
خوتەنلىكنى دىۋانە، راۋابچى دەپ،
قەشقەرلىقنى ئالدامچى، ساپ-ساپچى دەپ،
كورلىلىقنى ئاغزى نەس، كاپ-كاپچى دەپ،
يۇرت ياراتماي كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
دەيمەن يەنە ئاقسۇلۇقنى كاۋىچى،
دولانلىقنى پوجاڭ تۇماق يامىچى،
ئالتاي، قۇمۇل، قىزىلسۇنى چارۋىچى،
ئۈرۈمچىلىك جىڭ قىزىل كۆز پىۋىچى،
تىللاۋېرىپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
مەن تىللىماس بىرمۇ يۇرت يوق ئۆلكەمدە،
دېمەك شۇنداق ئېغىر يۆك بار يەلكەمدە،
ئۇنى ئادا قىپ بولارمەن نەكەمدە،
قورۇق تولا شۇڭا مېنىڭ چېكەمدە،
ئېغىر يۆككە كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ئەجدادىمنى كۈندە مىڭ رەت داڭلايمەن،
ئەمما ئۆزۆم بىر غېرىچچە ماڭمايمەن،
ماختاش بولسا ھوزۇرلىنىپ ئاڭلايمەن،
ئاڭلاپ-ئاڭلاپ سۆيۈنىمەن، قانمايمەن،
ماختاشقىلا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ماختاپ تۇرسا قىن-قىنىمغا پاتمايمەن،
ئۇچىمەنكى كۆكتە… يەردە ياتمايمەن،
(قانىتىم يوق) ئەمما موللاق ئاتمايمەن،
ھاي! دېگەننى يېنىمغا يولاتمايمەن،
مەن ئۇچۇشقا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
تەنقىد دېسە شۇ ھامانلا باتنايمەن،
ھېچ قاچاندا ئەينەككىمۇ باقمايمەن،
جەھلىم بىلەن ئۆز-ئۆزۈمنى ئاقلايمەن،
بۇ ئادەتتى تا مەڭگۈگە ساقلايمەن،
شۇ ئادەتكە كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
5
داشۆگىمۇ ئۆتتۈم بولدى پۈتتى ئىش،
خىزمەت تەييار ئۆتسە ئەمدى تۆتلا قىش.
لازىم ئىكەن نېمىگە ئۇ ئۆگىنىش،
(بىلىم ئەمەس دىپلومغىلا قارارمىش)،
جان قىينىماي كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
قىزىقمايمەن دەرس دېگەن نېمىگە،
ئاھ! ئاشىقمەن ئولتۇرۇشقا، پىۋىگە،
تەگكۆزمىسەم ئىچمەيمەن قىز لېۋىگە،
ئىچىۋالسام ئايلىنىمەن دېۋىگە،
دېۋىلىككە كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ئاتا-ئانا يۇرتتىن ئىزا تارتمايمەن،
ھەممە گۇناھ ئۆزۆڭدە دەپ ئارتىمەن،
ئاھ! نيۇ-يورك، پارىژلارنى يارىتىمەن،
سۆزلىسەم كۆپ ئادەملەرنى قارىتىمەن،
ئىلغارلىققا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ئۆيدىن كەلگەن پۇل پۇلغا ئۇلاشمايدۇ،
پۇل بولمىسا سورۇن قايناپ تاشمايدۇ،
يېڭى چىققان مودا مەندىن ئاشمايدۇ،
ئۆز كىيىمىم ماڭا ھېچ ياراشمايدۇ،
مودا قوغلاپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
داشۆسىڭلار ھەر چاغ ئۇلۇغ ئاتالغان،
مەدەنىيەت داشۆسىڭدىن تارالغان،
بىلىڭلاركى دۇنيا ماڭا يارالغان،
(“تۆت توم” دىمۇ دەل ئاشۇنداق قارالغان)،
شۇ قاراشقا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ئىسىت دەيمەن بەزى ئەخمەق بالىلارغا،
ئىشىنىدۇ ئەجدادىغا، ئاللاغا،
داغ چۈشۈرمەي غورۇرلۇق ساپ قانلارغا،
ئۇل قۇرارمىش كەلگۈسى ئىقباللارغا،
مەن ئەكسىچە كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
قىينايدىكەن ئۇلار شۇنچە جېنىنى،
ئۇنتۇپ قالار ھەتتا ئاش ۋە نېنىنى،
ئويلار ئىمىش ئەل-يۇرتىنى، ۋەتىنىنى،
تۆكەر ئىمىش شۇ يولدا ھەم قېنىنى،
مەن قان تۆكمەي كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
بۇ دۇنيادا ۋەتەن دېگەن تولا گەپ،
مىللەتمۇ ھەم يۈرۈشمەمدۇ تۈركۈملەپ،
ۋەتىنىم شۇ چىقسا ماڭا نەدە نەپ،
(بۇ سۆزۈمنى خەق بىلمىسۇن بولدى خەپ)،
نەپ كۆزلەپلا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
6
پۇل تاپىمەن شەمۇ شەرنى ئارىلاپ،
يول-ياتاقتا قۇرۇق ناننى غاجىلاپ،
تىنىم تاپماي زاۋۇت، دۇكان ئارىلاپ،
بەزى چاغدا ھەمراھىمنى قارىلاپ،
دىل يارىلاپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
جىڭ گېپىم شۇ پۇلدىن ئۆزگە دوستۇم يوق،
سىنت چاغلىق زىيان بىلەن خوشۇم يوق.
پۇلۇم مىڭ جىڭ، ئۇچامدا بىر كاستۇم يوق،
شۇڭىمىكىن ئابروي-يۆزۈم، پۇشۇم يوق،
ئابرويسىزراق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
يۇرتداش، تۇغقان نېمە، پايدا ئالدىدا،
توغرىلايمەن ئىشنى تېزدىن دالدىدا،
مىڭ بىر ھىيلە-چارە باردۇر كاللىدا،
ئۇنىڭ بىرى بارمىكىن تاڭ داھىيدا،
شۇنداق دانا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
توۋا دەيمەن بەزى ئەخمەق بايلارغا،
قىپتۇ ياردەم يۇرتى نامرات جايلاغا،
مەكتەپ ساپتۇ مەرىپەت دەپ سايلارغا،
نېمە ياردەم ئۇ كۆكتۆش، گادايلارغا،
مەن ياردەمسىز كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
پۇل تېپىشتا تارتقان تالاي جەبرەمگە،
قالدۇرغۇم يوق بىر سىنتمۇ نەۋرەمگە،
ئۆلسەم ئەگەر پۇلنى تېڭىپ مەيدەمگە،
ئەكېتىمەن جەزمەن ياتقان قەبرەمگە،
پۇلغا شۇنداق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
نېمىشقا؟ دەپ سورىسا گەر كىمدە-كىم،
كېسىلگەندۇر پۇلدا مېنىڭ كىندىكىم،
دەپ بەرگىنىم چوڭ ئۇچۇر ھەم ئەمگىكىم،
بەرمىسە ھەق يوق مېنىڭ دەپ بەرمىكىم،
شۇ مىراسقا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
7
ھەر يىل تۆلەپ ئوتتۇز بەش خىل سېلىقنى،
لەڭگە بەردىم بۇغداي، قوناق، تېرىقنى،
دېمەي قوياي تاپاندىكى يېرىقنى،
شۇ ھالەتتە قىلدىم دېھقانچىلىقنى،
سېلىقلارغا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
تۇغۇلغاندەك مەڭگۈ كەتمەن چاپارغا،
تولا باردىم قارا قىشتا ھاشارغا،
تولۇپ كەتتى ئالىقىنىمغا قاپارغا،
ئادەم دېگەن ئۆلمەيدىكەن جاپاغا،
جاپاغىلا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
بىر نېنىم بار ئىككى گۆدەك تويۇشقا،
بىر قويۇم بار قۇربانلىققا سويۇشقا،
نەدە چولا بەدىنىمنى يۇيۇشقا،
مەن رازىمەن ئاشۇ مۇقىم تۇرمۇشقا،
شۇ تۇرمۇشقا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
باش كۆتۆرمەي ھۆددە يەرنى تېرىيمەن،
ئېتىزلىقتىن چىقماي شۇنداق قېرىيمەن،
بۇ دەۋردىن نەچچە ئەسىر نېرىمەن،
ياۋاش، نادان، بىچارىلەر پىرىمەن،
شۇ “پىر” لىققا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ھەپتىدە تۆت جەرىمانە تۆلەيمەن،
شۇ پۇل بىلەن سېكرىتارنى يۆلەيمەن،
بالام يالىڭاچ… بۆشۈككىلا بۆلەيمەن،
ئىش ئالدىراش، نەدە يۈدۈپ يۈرىمەن،
بۆشۈككىلا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ياراتمايمەن ئۆز ئېتىمنى، ئىسمىمنى،
تونۇمايمەن ھەتتا ئۆلۈم خېتىمنى،
“ئۇرغۇي” دەيمەن سورىسا مىللىتىمنى،
چۈشەنمەيمەن دەۋردىكى رېتىمنى،
مەن رېتىمسىز كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
سۆنئىي ئوغۇت مول ھوسۇل دەپ سانايمەن،
شۇ ھوسۇلدىن ئەمدى قانداق تانايمەن،
سۇ تالاشسام قوشنىلارنى چانايمەن،
دېمەيمەن ھېچ بۇ پەيلىمدىن يانايمەن،
مول ھوسۇلغا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ئىش دېگەننىڭ مەن ئۈچۈن ھېچ سانى يوق،
مىدىرلايمەن پۇت-قولۇمنىڭ جانى يوق،
بەزى-بەزى بالىلىرىمنىڭ نانى يوق،
سېكرىتاردىن باشقا قەدىردانىم يوق،
قەدىردانغا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
يىل ئاخىرى پۇل ئالساممۇ تۇلۇمدا،
“قەرزىڭ تۆلە” دەيدۇ ئوڭۇ-سولۇمدا،
سىنت قالماي ئاخىرىدا قولۇمدا،
دېيەلمەيمەن شۇڭا ھەرگىز پۇلۇم بار،
پۇلغا ئامراق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ئېتىزلىقنىڭ نېرىسىنى كۆرمەيمەن،
بەختىم ئۆچۆن قىلچە خىيال سۆرمەيمەن،
تىل-دەشنامغا دەۋا قىلىپ يۈرمەيمەن،
رەنجىمەيمەن، ھەتتا قاپاق تۈرمەيمەن،
كۆتۈرۈشلۈك كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ۋاز كەچكەنمەن ئاللىبۇرۇن ئالەمدىن،
پەرقىم يوقتۇر ھېچ ماشىنا ئادەمدىن،
ھەممە ئىشنى كۆرىمەن پىشانەمدىن،
بولدى شۇنداق ئۆتۈپ كېتەي ئالەمدىن،
مەن نالىسىز كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
بۇ دۇنيادا بەلكىم مەندەك بىر كىم يوق،
تا ئۆلگۈچە ئىشلىمەك شۇ گېپىم يوق،
قاتتىق ئىشتىن باشقىغا كېرىكىم يوق،
تەنۇ-جىسمىم بارۇ لېكىن يۈرىكىم يوق،
مەن يۈرەكسىز كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
8
تارتالمايدۇ ئات ھارۋىسى ھالىمنى،
كۆردىڭىزمۇ يارىشىملىق خالىمنى،
قويۇۋالغانمەن ساپ كۈمۈشتىن نالىمنى،
ياراتمايمەن شۇڭا ھەتتا ئالىمنى،
ھال تارتىشقا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
كىيىم دېسە “مىڭ تەسەددۇق” جان دەيمەن،
بۇ مەن ئۈچۈن كاتتا شەرەپ-شان دەيمەن،
كىيىم ھەتتا يۈرىكىمگە قان دەيمەن،
توشمايدىغۇ كەيگىنىمگە سان دەيمەن،
مەن سانىماي كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
پارقىرايدۇ ئۈستىبېشىم زىننەتتىن،
خەق ئەيمىنەر تۇرقۇمدىكى ھەيۋەتتىن،
ھېچ بىلمەيمەن بىر يوشۇرۇن غەيرەتتىن،
ئاغزىم بىكار بولماس سۆزدىن غەيۋەتتىن،
غەيۋەتخۇمار كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
بىلىم دېگەن نېمىكىن تاڭ ئۇقمايمەن،
كىتاب-پىتاپ دېگەننىمۇ ئۇقمايمەن،
ۋاقىت تاپسام لەززەتلىنىپ ئۇخلايمەن،
مەندىن ئېسىللارنى كۆرسەم پۇتلايمەن،
پۇتلاۋېرىپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
نېمە پايدا كەپتۇ قۇرۇق بىلىمدىن،
ھېچنېمەم يوق مېنىڭ ئارتۇق گېلىمدىن،
شۇڭا كۆركەم تۇرىمەن ئۆز خىلىمدىن،
ياقتۇرىمەن ئۆز ئىشىمنى دىلىمدىن،
كۆركەم يۈرۈپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
گۆش قاينايدۇ كەلسە ئەگەر ئاتا-ئانام،
دەيدۇ ئۇلار بەكمۇ باقتىڭ جان بالام،
ئاغرار بېشىم كېلىپ قالسا قېينانام،
“ۋاي بېشىم” دەپ ياتىمەن شۇ ئىش تامام،
باش ئاغرىققا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
بەك ئاسرايمەن، گۈلدەك، ئالتۇن بويۇمنى،
ئۇپراتمايمەن ھەتتا بىر تال مويۇمنى،
ئويلىمايمەن بالىلىرىمنى، ئۆيۈمنى،
قىلسام دەيمەن قايتا ئىسىت! تويۇمنى،
تويغا ئامراق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ياشىرىمەن يىگىرمە ياش، توي دېسە،
چۆشتى گىلەم، نەق پۇل يەنە قوي دېسە،
خەجلىنىپتۇ تويدا ئون مىڭ كوي دېسە،
قانچە ئابروي خەقلەر ئاڭلاپ ھوي دېسە،
مەن ئابرويلۇق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ياشاپ نېمە بار ئابروي-ئاتاق دېمىسەم،
بەرسە خۇدا خانىشلىقنى تىلىسەم،
ھېچكىشىنىڭ گېپىگىمۇ كىرمىسەم،
كۆڭلۆم نېمە تارتسا كىيسەم ھەم يېسەم،
گەپكە كىرمەي كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ئائىلىنى دەركەن مىكرو جەمئىيەت،
گۆللىنەرمىش بولسا بىر دىل، بىر نىيەت،
ماڭا لازىم ئەمەس سوكال تەربىيەت،
ئۆز يولۇم بار ماڭىدىغان تا ئەبەد،
تەربىيىسىز كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
خاتىمە
يۈگەنلىنىپ مىنىلىدۇ كۆنسە ئات،
بۇ ئاز كېلىپ دەيدۇ تېخى ھارۋا تارت،
كۆنۈش شۇنداق چوڭقۇرلىشار قاتمۇ قات،
ئاقماس ھەرگىز كۆنۈپ بولۇپ دېسە دات،
ئەمما مەن بەك كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
كۆنۈش شەيتان، كۆنۈش بەكمۇ خەتەرلىك،
پاكىت سانسىز شۇنچە قايىل ئېتەرلىك،
بولار ئەمدى شۇ كۆنگىنىم يېتەرلىك،
ئەڭ ئاخىر بىر ۋارقىراي جىگەرلىك،
كۆنمەسلىككە كۆنسەم ئاندىن ياشايمەن.

ئابدىرىشىت سۇلايمان( جاللات)

غربة العرب !!
للشاعر الأيغوري عبد الرشيد سليمان جلاد
أصل القصيدة كتبت باللغة الأيغورية.
الشاعر من قومية الأيغور بشنجانغ بالصين.
غربة العرب !!
الله أكبر!!
أرسل الذئب الأزرق إليكم
ليدلكم إلى الطريق يا عربْ.
أهدي فؤادي إليكم
به ترهبون عدوكم يا عربْ.
تقطر عن صدر الأسد الدمْ
أريد إقامة صلاة المغرب
فأتوضأ مرة عن ذاك الدمْ.
كل الطرق في العرب قد تجمدتْ
لاأومن: قد مات العربْ.
اليوم أراضيه قد مزقتْ
في الآفاق أصوات دموية.
كالضباب تطير أجسام العربْ.
كالسيف المكسور أقيمت الصلاة.
شعب في الفجر يصير يتيماً
يجئ النداء من الأماني المتجمدة:
- يا شعبي لايوجد فيكم الضحك والبسمات
أعلم أن هذه الدنيا بالآلآم مملؤة.
“يا شعبي إصنعوا السيوف”
هكذا ينادي في المحشر
ياسر عرفات.
مترجم إلى العربية: محزون
ئەرەپلەرنىڭ تەنھالىقى
ئاللاھۇ ئەكپەر!!!
كۆك بۆرىنى ئوۋلىتىپ بىرەي
يول باشلىسۇن سىلەرگە ئەرەپ.
ياۋلار كەتسۇن غال-غال تىترەپ.
شىر كۆكسىدىن ئىقىپ تۇرغان قان
شام نامىزىنى ئوقاي دىگەنتىم
تاھارەت ئالاي قاندا بىر نۆۋەت.
ئەرەپتە يوللار كىتىپتۇ مۇزلاپ
ئىشەنگۇم كەلمەيدۇ ئۆلۇپتۇ ئەرەپ.
ئەقىلدە نە قوياش، قوياش نۇرلىرى-
شۇ قانلىق ئاۋازدا تۇرىدۇ تەۋرەپ.
تۇماندەك لەيلەيدۇ ئەرەپنىڭ تىنى
بىر سۇنۇق قىلىچتەك ئۇقۇلدى ناماز.
بىر خەلىق سەھەردە قالماقتا يىتىم
مۇزلىغان ئۇمۇتتىن كەلمەكتە ئاۋاز.
-ئەي خەلىق! سىلەردە كۈلكە بارمۇ-يوق؟
بىلىمەن بۇ دۇنيا تولغان ئازاپقا.
ئەرەفات مەشھەردە ۋارقىراپ تۇرۇپ
دىمەكتە! ئەي خەلقىم يىغلاپ يۇرمەڭلار!
2004 11.14

ئەرەپلەرنىڭ قىنى مۇزلىدى!
مىسىريازغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باشقۇرىشىدىكى ئەرەپ دۇنياسى گىزىتىدە 2004-يىلى ئىلان قىلىنغان.
ئەرەپلەرنىڭ قىنى مۇزلىدى!
(ئەرەفاتنىڭ ۋاپاتىغا)

توزىۋاتقان روھىمغا قاراپ
ۋارقىراپ تاشلىدىم بۇگۇن توساتتىن.
يۇركۇمدە بىر نۇر ئۆلۇپتۇ
ئۇچۇپ كەتتى بىر كەپتەر…
تىنىمدىن…جىنىمدىن…قىنىمدىن…
بۇ دۇنياغا مۇقام ئىيتماڭلار!
يىرتىلدى سەھەردە ئەرەپنىڭ قىنى.
تۇپراقتا بىر يىلان يۇرەر ئۆمىلەپ
بۇغداي يىمەدىسەم ئۇنىماي…
مەڭگۇلۇك پارتىلاشتا بەزلەپ ئۆلۇمنى…
سەرسان قىلىپ نازۇك تىنىڭنى..
يۇرگىنىڭدە ئەي ئىنسان!
چىچەكلىتەي غەمكىن ئىزىڭنى…
يامغۇز ياققان كۈنى مۇزلىما
يىراقتىن توۋلىدى سىنى بىر ئاۋاز.
بۇبۇن كىچە چىللىغان قاغا
خەۋەر بەردى مۇشۇ دۇنياغا…
-بايراق تۇتقان بىر يۇرەك
چىچەكلىتىپ غەمكىن ئىزىڭنى
كەتتى بۇگۇن ئەشۇ دۇنياغا..
ۋادەرىخ!
بۇ دۇنيا بىزگە ئامانەت
سىيرىلىپ چۇشۇمىز زامان سۇيىدىن.
جان ۋاقىتتۇر، قانمۇ ۋاقىتتۇر
قارسام قان تىمىپ تۇرار ئىزىڭدىن.
دۇنيا سەندىن ئايرىلغان جەسەت
بىز سىنىڭدىن قالدۇق ئايرىلىپ.
تۇز چىچىلغان تاۋۇتقا قاراپ
بۇگۇن كەچ…
بىر ئۇلۇغلۇق كەتتى ئىزىڭدىن.
ئۇچۇپ چىقتى قىنىڭدىن كەپتەر
مەسچىت سەرسان تەڭرى سوتىدا.
بۇگۇن دۇنيا گۇمران بولىدۇ
ئەرەپلەرنىڭ سۇزۇك قىنىدا.
2004.11.11

ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

مۇقەددىمە
بىر زامانلاردا مەنمۇ سىزدەك ياش ئىدىم ،
ياشلىقىم غۇرۇرىدىن بەڭباش ئىدىم .
گاھ يۈگەنسىز شوخ- ئاساۋ بىر تاي كەبى ،
گاھ بۇلۇتلار ئىچرە ئۈزگەن ئاي كەبى .
تەلپۈنەتتىم ھەرنەپەس مۇشتاق بولۇپ ،
ئارزۇ دەرياسىغا قانماق بولۇپ .
بىر زامان تەكلىماكانغا ئىشتىياق –
قوزغىلىپ ، قويدۇم ئاڭا دادىل ئاياق .
تەلىيىمگە ھەمراھىممۇ بار ئىدى _
كى ، خوتەن كارۋانلىرى تەييار ئىدى .
قالدۇرۇپ چۆللەردە ئىز ماڭدۇق ئۇزاق ،
گاھى ئاتلىق ، گاھ ئىشەكلىك، گاھ ياياق .
بىزگە يول باشلار ئىدى ھېچ تېنىمەي ،
كۆپنى كۆرگەن ،كۆپنى بىلگەن بىر بوۋاي .
ئاخشىمى سۆكسۆك قالاپ ، گۈلخان يېقىپ ،
سوزۇلۇپ ئارام ئېلىپ چۆلدە يېتىپ ،
گاھ ھىكايەت ئاڭلىشاتتۇق ، گاھ راۋاپ ،
ئۇچرىسا چۆلدە كىيىك يەيتتۇق كاۋاپ …
بىر كۈنى تۈشكۈن قىلىپ قونغاندا بىز ،
بەك قىززىق بىر چۆچەكنى ئېيتتى بوۋىمىز .
بەلكى بۇ چۆچەكنى سىزمۇ ئاڭلىغان ،
ياكى بىر مەلۇم كىتاپتىن ئوقىغان .
كونىراپ قالماس لېكىن ھەق گەپ پەقەت ،
گەرچە تەكرار بولسىمۇ بىر نەچچە رەت ،
چۈنكى كۆپ سۈرتكەنسېرى ئەينەكنى بىز
شۇنچە روشەن بولغۇسى ئۆز ئەكسىمىز .
يەنە ھەر گۈلنىڭ پۇراقى ئۆزگىدۇر ،
گۈل خۇمارلار دىماغى ھەم ئۆزگىدۇر .
شۇڭا ، ئۇ چۆچەك مېنىڭدە كەتمىگەي ،
ئاڭلىغاننى باشقىلارمۇ ئاڭلىغاي _
دەپ بۈگۈن تۈزدۈم بايانىغا قوشاق ،
بولسىمۇ نۇقسانى گەرچە بىر قۇچاق .
1
بار ئىكەن تەكلىماكاندا بىر شەھەر ،
بۇ شەھەرنى دەر ئىكەن شەھرى قەمەر.
تا قەدىم <<يىپەك يولى >> دا كۈن ۋە تۈن
شەرق بىلەن مەغرىپ ئارا بولغاچ تۈگۈن .
پۇر كېتىپ داڭقى جاھانغا دەممۇ دەم ،
بولۇپتۇ ئەلنىڭ نەزىرىدە مۆھتىرەم .
ھەيۋىتى ھەم قەسرىدەك كاشانىسى
شۇ زامان بازارىنىڭ يىگانىسى .
كوچىلارغا سايىۋەن چىنارلىرى ،
بويلىشىپ بۇلۇت بىلەن مۇنارلىرى ،
چېلىنار كۈن ئالدىدا بوم قوڭغىراق ،
تارقىلار ئارچا ئىسىدىن خۇشپۇراق .
چۆرىسى خۇددى ئۇنىڭ باغى ئەرەم ،
باغ ئارا رەيھان پۇرايدۇ سۈبھى دەم .
تاغلىرىدا قاشتېشى ھەم كەھرىۋا ،
سۈپسۈزۈك مەرمەر بىلەن ياقۇت تولا .
سۈلىرى ئاندىن شىپالىق ، جىلۋىگەر ،
زەر چاچار ھەر مەۋجۇدە شامۇ سەھەر .
ئوتلىشار بۇغا – مارال پادا – پادا ،
قۇشلىرى پەرۋاز قىلار كەڭ دالادا .
خەلقى كۆپ مەشھۇر ئىكەن ھۈنەر بىلەن ،
قىز جۇۋانلار بەسلىشەر ئەرلەر بىلەن .
شايى – ئەتلەس ، زىلچىسىدىن دەممۇ دەم
رەشك بىلەن ھەيران ئىكەن ھىندۇ ،ئەجەم
شاھىمۇ ئۆز تەختىدە مەسرۇر ئىكەن ،
ئامىتى ، ئىقبالىدىن مەغرۇر ئىكەن .
ئۆزىمۇ تاۋغاچقا تەۋە شاھ ئىكەن ،
بولسا تاۋغاچ بىر دەرەخ ، ئۇ شاخ ئىكەن.
ھەممىدىن تاۋغاچ خانىغا كۈيئوغۇل –
بولغىنى ئۈچۈن ، سۇ ئىچىپ ئاندىن كۆڭۈل ،
ئۆتكۈزەركەن ئۆمرىنى بىدەرت بىغەم
لىك تولا قىينايدىكەن بىرلا ئەلەم .
چۈنكى بىر ئوغۇل يۈزىنى كۆرمەي ھۇنۇر ،
باشلىنىپ قاپتۇ ئۆمۈر باغىدا كۈز .
ئاھ چېكىپ ، ھەسرەت چېكىپ ، ئەپغان بىلەن ،
ئۇزۇتۇپ يىللارنى شۇ ئارمان بىلەن ،
ئاخىرى يالغۇز قىزىنى پادىشاھ –
تەختىنىڭ ۋارىسى دەپ قىپتۇ جاكار .
شاھ قىزى ھۆسنى جامالدا ھۆر ئىكەن ،
بەلكى كۆپ ئەللەر ئارا مەشھۇر ئىكەن .
بىر كۆرۈپ قالغان كىشى بوپتۇ ئادا ،
ئىككى كۆرسە قىلغۇسى جاننى پىدا .
كۈن بىلەن ئاي تەڭلا چىققاندەك شۇدەم،
ھۆسنىگە ئەمدى قوشۇلغاچ تاجى ھەم .
بىر بىرىدىن قىزغىنىپ بەگزادىلەر ،
ئەڭ يىراق ئەللەردىكى شەھزادىلەر –
ئەلچىسى بىرلە تولۇپ كەتكەچ شەھەر ،
پادىشاھقا ھەم يېتىپتۇ بۇ خەۋەر .
قارىسا بىر – بىرىدىن ئالىي مۇقام،
ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق گەپنى تامام ؟
ئاخىرى قىزىغا بېرىپ ئەركىنى شاھ ،
قىپتۇ خىلۋەتخانىنى باشقا پاناھ .
رازىلىق بىلدۈرمىگەچكە قىز بىراق ،
تارقىلىپتۇ بەزى بەگلەر ھەر قاياق .
بەزىلەر ئاڭلاپ بۇ قىز جاۋابىنى
باشلىشىپتۇ ئۆچ – ئاداۋەت بابىنى .
بەزىلەر ئۈزمەي ئۈمۈد قىپتۇ داۋام ،
شاھ قىزىغا ھەر كۈنى يوللاپ سالام .
شۇ يوسۇن بىر نەچچە ۋاق ئۆتكەن ئىمىش ،
ئاقىۋەتتە يۈز بېرىپتۇ غەيرىي ئىش .
2
شۇ شەھەرنىڭ چېتىدە بىر تۇل ئايال –
كۈن كۆرەركەن ئوغلى بىرلە قەدرى – ھال .
ئوغلى بىر پالۋان يىگىت بوپتۇ ئۆسۈپ،
ئەل ئىچىدە ئاتىسىغا ئىز بېسىپ .
گاھىدا يەر باغرىنى تىلغايدىكەن ،
گاھىدا چۆلدە كىيىك ئوۋلايدىكەن .
بىر كۈنى قاچقان كىيىككە دۇچ كېلىپ ،
يىقىتىپ تۇرغان ئىكەن ئوقيا ئېتىپ ،
دەل شۇ چاغدا چۆل تەرەپتىن بىر پەرى ،
بىر پەرىكىم ، بارچە گۈللەر دىلبىرى ،
قولدا ئوقيا ، بەلدە خەنجەر پارقىراق ،
ئاستىدا چىلان تورۇق شوخ ئارغىماق ،
قوغلىشىپ كەپتۇ كىيىكنى بىتۇيۇق ،
بۇ يىگىتنىڭ ئاتقىنىدىن خەۋىرى يوق ،
ئۇ پەرى بىلگەچ كېلىپ ئىشنىڭ سىرىن ،
ئاتقۇچىغا دەپتۇ دەرھال ئاپىرىن .
ئۇ يىگىت ، ئاتلىق پەرىگە بىر قاراپ ،
تېڭىرقاپ قاپتۇ گوياكى كۆز قاماپ ،
“نىمە بۇ ، ئادەممۇ ياكى ئۆزگە سىر ؟
ياكى كۈندۈز ئۇچرىغان شىۋىقەدىر ؟
ئادىمى بولسا ئەگەرچە ، ئېھتىمال ،
شاھ قىزىدۇر “دەپ يىگىت قىپتۇ خىيال .
شۇ مەھەلدە ئارقىسىدىن ئات قويۇپ ،
بىپايان چۆللەر ئارا چاڭ توزدۇرۇپ ،
يېتىشىپ كەپتۇ يەنە بىر توپ پەرى ،
خۇددى باغنىڭ گۈللىرى ئىكەن ھەر بىرى .
ھەممىسى ئاتتىن چۈشۈپ نىزان بىلەن ،
شاھ قىزىغا باش ئېگىپ ئېكرام بىلەن ،
قوشتۇرۇپ قول تۇرغۇدەك قاتار – قاتار ،
بويلىرى گويا يېڭى ئۆسكەن چىنار .
دەل شۇ چاغ ئۆلگەن كىيىكنىڭ جۆرىسى –
كۆرۈنۈپ قاپتۇ يىراقتىن قارىسى .
شاھ قىزى ھەم كېنىزەكلەر شادىمان ،
ئات قويۇپتۇ تۇشمۇتۇشتىن شۇ تامان .
ئەلقىسسە ، شۇ بايىقى مەرگەن يىگىت ،
ئەمدىلەتتىن ھۇشىغا كەلگەن يىگىت
باشقىچە ھالغا چۈشۈپ ناگىھان ،
خۇددى ئەمدى قالمىغاندەك تەندە جان .
بىر تۇرۇپ ئاھ دەيدىكەن مىڭ تولغۇنۇپ ،
بىر تۇرۇپ پاھ دەيدىكەن باغرى كۆيۈپ ،
ئۆزىمۇ بىلمەيدىكەن نىمە بولغىنىن ،
نىمە دەرت ، نىمە بالاغا قالغىنىن .
بىرلا دەرت قىينايدىكەن بارغانسېرى ،
شاھ قىزىنىڭ سۈرىتى كەتمەي نېرى .
ئۆرۈلۈپمۇ شۇ خىيال ، شۇ ۋەسۋەسە ،
چۆرۈلۈپمۇ شۇ خىيال ، شۇ تەلۋەسە .
شۇ ئىكەن جاننى قىسىپ ئىسكەنجىدەك
ھەم غىدىقلاپ قىينىغان تىلسىز تىلەك .
قىسقىسى مەرگەن يىگىت شۇندىن بۇيان –
مۇپتىلالىق ئوقىغا بوپتۇ نىشان ،
نە شىكار ، ئېتىز ئىشى ، نە كالىسى
يادىغا كەلمەيدىكەن نە ئانىسى .
كۈنبويى ئاھ دەپ يۈرۈپ ، ۋاھ دەپ يۈرۈپ ،
تۈن بويى پەريات بىلەن پاھ دەپ يۈرۈپ ،
سارغىيىپ چىرايىمۇ بوپتۇ سامان .
راست ئەمەسمۇ” ھەممىدىن كۆيۈك يامان “،
3
نە تىۋىپ ، نە پرىخون ، نە بىر دۇئا –
بولمىغاچ بۇ غەلىتە دەردكە داۋا،
ئانسىسى مىڭ يالۋۇرۇپ ، مىڭبىر سوراپ ،
ئاڭلىماققا بوپتۇ ئوغۇلدىن بىر جاۋاپ ،
ئاخىرى يىغلاپ ئوغۇلمۇ زارۇزار،
قىپتۇ سىرنى ئانىسىغا ئاشىكار.
ئانسى كۆز ياش تۆكۈپ تارام – تارام ،
دەپتۇ :” جان باغرىم ، جىگەر پارەم بالام ،
شۇنچە دەركە قالغىنىڭغا مەن سەۋەپ ،
چۈنكى سەندىن سورىمىدىم ھالىڭ نە دەپ .
نە قىلايكى ، تۇل خوتۇن بىچارىمەن،
كاج پەلەك رەپتارىدىن ئاۋارىمەن .
ھەر يىلى بەك قىسقا كەلدى قولىمىز ،
ھىچ ئېچىلماي ياخشى ئىشقا يولىمىز .
گەر ھايات بولسا داداڭ ئۇ رەھىمىتى
( چوڭ ئىدى ھەر ئىشتا ھىممەت غەيرىتى ).
ھالىمىز بولماس ئىدى مۇنچە يامان .
ھەم سېنى ئۆيلەر ئىدۇق ئاللىقاچان .
ھېلىمۇ بولساق ئامان ، بۇ كۈز چۇقۇم ،
سادىغاڭ بولسۇن بالام بارۇ يوقۇم .
شەھىرىمىزدە قىز تولا گۈل غۇنچىدەك ،
تېگى – تەكتى پاكىزە ھەم ئۈنچىدەك .
ئەتىلا ئۈمىد بىلەن ئۆيدىن چىقاي ،
تەلىيىڭنى بىر سىناپ كۆرۈپ باقاي .
شاھ قىزىنى ئويلىما ئوغلۇم لىكىن ،
ئاينى ئالماقتىنمۇ بۇ بىزگە قىيىن .
ھەر كىشىنىڭ ئۆز خىلى ، ئۆز جورى بار ،
كونا تۈگمەن چېغىدا ئۆز نورى بار .
شاھ قىزى بولماس ساڭا ھەرگىز قاياش .
تاڭسىمۇ تۇرماس ياغاچقا چۈنكى تاش .”
شۇ يۇسۇن قىلسا نەسىھەرلەر ئانا ،
ھىچ پىسەنىت بولماپتۇمىش لىكىن ئاڭا .
ئەكسىچە ، ئەزۋەلىشىپ بارغانسىرى ،
يەر قۇچاقلاپ ، باش كۆتۈرمەي ، ئاخىرى –
دەپتۇكى :” گەر شاھ قىزى بولماس نىسىپ ،
ئۇشبۇ دەردتە ئۆلسەم ئەمدى نە ئەجىپ ،
ياخشىسى مەندىن رىزا بولغىن ئانا ،
قىسمىتىم شۇ بولسا ئەمدى ، ئەلۋىدا !”
ئاقىۋەت بىچارە مەزلۇم باغرى خۇن ،
شۇ نادان ، تەرسا ئوغۇلنىڭ كۆڭلىچۈن ،
تا ئۆلۈمگە ھەم تەۋەككۈل ئەيلىبان ،
ئوردىغا دادىل قەدەم بوپتۇ راۋان .
4
ئەلقىسسە ، ئۈچ كۈن ئۇدا ئوردا ئالدىنى -
سۈپۈرۈپ قىلغاندا ئىزھار دادىنى .
شاھقا يەتكەچ بۇ خەۋەر ، قىپتۇ قۇبۇل ،
بولسىمۇ بۇ ئەلچىدىن كۆڭلى مەلۇل .
مەيلىى دەپ ئۇ شاھمۇ بۇزماي ۋەدىسىن ،
چىللىتىپتۇ ئالدىغا مەلىكىسىن .
شاھ قىزى ھەيران بولۇپ قىپتۇ سۇئال :
” كىم تەرەپتىن كەلدىڭىز ، بۇ نىمە ھال ؟”
شۇندا ئۇ بىچارە مەزلۇم ناتىۋان ،
شاھ قىزىغا ھەممىنى قىپتۇ بايان .
شاھ قىزى مەرگەن يىگىتىنى ئەسلىگەچ ،
قەھقەھە بىرلە كۈلۈپ مەسخىرلىگەچ .
دەپتۇ كىم : شۇ ئوغلىڭىز كەلسۇن كۆرەي ،
ھەم جاۋابىنى ئۆزىگە روشەن بېرەي .
ئوردىدىن قايتقاچ ئانا مىڭ غەم بىلەن ،
نەملىشىپ كىرپىكلىرى شەبنەم بىلەن .
شاھ قىزىنىڭ گەپلىرىن قىپتۇ بايان،
ھەم ھاقارەت قىلغىنىن تۇتماي نىھان .
شۇندىمۇ گەپكە پىسەنىت قىلماي يىگىت ،
ئانىنىڭ كۆز يېشىغا باقماي ، ئىسىت ،
خۇددى مەسىت پىلدەك چىقىپ ئۆيدىن گاراڭ ،
ئوردىغا ئۈمىد بىلەن بوپتۇ راۋان .
شاھ قىزى كۆرگەچ يىگىتنىڭ ھالىنى ،
ھىچ تاپالماي قايتۇرۇش ئامالىنى ،
ئويلىنىپ بىردەم ، ئاڭا دەپتۇ كېيىن :
” تويلۇقۇمغا كۈچىڭىز يەتمەسمىكىن ؟”
” قېنى ، – دەپتۇ ئۇ يىگىت ، – ئاڭلاپ كۆرەي ،
گەر كېرەك بولسا بۇ جاننى ھەم بىرەي .”
” ياخشىسى ،- دەپتۇ ئۇ قىز ، – سىز سورىماڭ،
مەنمۇ ئېيتماي ، جېنىڭىزنى قىينىماڭ .
سىز ئەمەس ، مەنمەن دىگەن بەگ چېغىدا ،
ئاڭلىسا ، قالغاي پۇشايمان دېغىدا .”
” مەيلى ، – دەپتۇ ئۇ يەنە ، – ئاڭلاپ كۆرەي ،
نىمە بولسا ھەم ئۆزۈمنىڭ شورى دەي .”
شاھ قىزى دەپتۇ ئاخىر :” ئۆز مەيلىڭىز ،
خۇن تۆلەشكە بولسا شۇنچە رەيىڭىز .
ئانىڭىزنى ئۆلتۈرۈپ ھازىرغىنا ،
يۈرىكىنى ئەپكىلىڭ ئىسسققىنا .
تويلۇقۇم شۇلدۇر مىنىڭ ، بۇ سۆز تامام ،
پائىلاتۇن ، پائىلاتۇن ، ۋەسسالام !”
5
ئوردىدىن قايتقاچ ئوغۇل ھالى خاراپ ،
“نىمە گەپ ؟” دەپتۇ ئانا ئەھۋال سوراپ .
ئوغلى دەپتۇ : جان ئانا كۆپ قىينىماڭ ،
تويلۇقى ئېغىر ئىكەن، گەپ سورىماڭ .
” قېنى ئېيت، ئاڭلاپ باقاي ،- دەپتۇ ئانا
-مۈشكۈلۈڭنى ھەل قىلار قادىر خۇدا .”
شۇندا ئۇ تەرسا يىگىت كۆپ ئويلىماي ،
ھەممىنى ئېيتقان ئىمىش گەپ ئايىماي …
” جان بالام غەم يىمىگىن ، – دەپتۇ ئانا ، -
سەن ئۈچۈن ھەممە نېمەم تەييار مانا .
گەر مۇرادىڭ مەن بىلەن ھەل بولسا ، تا -
بۇ مىنىڭ ئىسسىق جېنىم بولسۇن پىدا .
بىر ئەمەس ، مىڭ بىر يۈرەك بولسا بېرەي ،
ئال بالام ، تەسەددۇقۇڭ مەن بولاي!”
شۇندا بارچە يەر – جاھان ، بارچە ھايات ،
تاكى ئۇ چەكسىز سامادا كائىنات .
نېمى قىلاركىن بۇ يىگىت ئەمدى دىيان ،
كۈتكىنىدە ئاقىۋەتنى ، ناگىھان .
ئەقلىدىن ئازغان يىگىت قولدا پىچاق –
ئانىنىڭ ئالدىغا تىز كەپتۇ… بىراق ،
شۇ زامان بوران چىقىپ ، يەر سىلكىنىپ ،
كۆكتە گۈلدۈر ھەمدە چاقماق چېقىلىپ ،
ياغسىمۇ دەھشەتتە يامغۇر كەينىدىن ،
شۇندا ھەم يانماي ئۇ قاتىل پەيلىدىن ،
ئاخىرى قانلىق يۈرەكنى سۇغۇرۇپ ،
ئوردىغا ئوقتەك ئۇچۇپتۇ يۈگۈرۈپ …
دۈم چۈشۈپتۇ پۇتلىشىپ يولدا بىراق
ھەم يۈرەك ئىرغىپ چۈشۈپتۇ نېرىراق .
شۇندا چوغدەك قىزىرىپ ھەم نۇر چېچىپ ،
پارقىراپ تۇرغان يۈرەك ئېغىز ئېچىپ ،
دەپتۇ :” جان باغرىم ، جېنىم ، ئالتۇن قوزام ،
بىر يېرىڭ ئاغرىدىمۇ جېنىم بالام ؟”
بۇ يۈرەكتىن ئۇرغۇغان ئۇشبۇ سادا –
دىن شۇئان تەسىرلىنىپ ھەتتا خۇدا ،
ئانىلىق مېھرى ئۈچۈن رەھمەت قىلىپ ،
شۇم ئەجەلنىڭ نۆۋەتىن ھەم رەت قىلىپ ،
ئورنىغا سالغاچ يۈرەكنى قايتىدىن ،
ئانا ھەم دەرھال تۇرۇپتۇ جايىدىن .
يوق ئىمىش ئوغلى قېشىدا قارىسا ،
ھېچ كىشى بىلمەس ئىمىش ھەم سورىسا .
شۇڭا كۆپ ئىزلەپ ئۇنى سەرسان بولۇپ ،
شۇ جۇدالىق دەردىدە ۋەيران بولۇپ ،
ئاخىرى ھالىدىن كىتىپ قالغان كېزى ،
قايتىدىن ئىش باشلاپتۇ ئاسمان گۈمبىزى .
6
بايىقى قاتىل چۆچۈپ ھەق قەھرىدىن ،
باشقا بىر ئەلگە كېتىپتۇ شەھرىدىن .
ئۇندىمۇ بىر پادىشاھلىق بار ئىكەن ،
ئەل ئۇنى تاغلار دىيارى دەيدىكەن .
ئۇ شۇ يۇرتتا بىر مۇساپىر ھالىدا ،
كۈن كۆرۈپتۇ نەچچە كۈنلەر خالىدا .
بىر كۈنى مىرشەپ تېپىپ ئۇندىن خەۋەر ،
تۇتقىلى نۆكەر بىلەن كەپتۇ سەھەر .
شۇندا ئۇ بىر نەچچىسىنى تاش بىلەن ،
بەزىسىنى مۇشىت ۋە پەشۋا ، باش بىلەن
يىقىتىپ ، قىلغاچ تامام زىرۇ زەۋەر ،
پادىشاھقا ھەم يېتىپتۇ بۇ خەۋەر .
بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھسى ھەم نۇقۇل ،
ھېلىقى مەلىكىگە باغلاپ كۆڭۈل ،
ھەر قېتىم يانغاچ جاۋاپسىز ئەلچىلەر ،
ئۇخلىماي ھەتتا ئۇ ئەمدى كېچىلەر ،
گاھى پۇل ، گاھى زۇلۇم قىلماق بىلەن
بەند ئىكەن بىر چوڭ قۇشۇن يىغماق بىلەن .
بايىقى تەرسا يىگىت پالۋانلىقى
خۇددى شۇ كۈنلەرگە دەل كەلگەن چېغى ؛
شۇ سەۋەپتىن پادىشاھمۇ شۇ كۈنى
” بىر كۆرەي ” دەپ ، تۇتقۇزۇپ كەپتۇ ئۇنى ،
قارىسا ، بەستى يوغان بولغان بىلەن ،
گەپ – سۆزىدىن تولىمۇ نادان ئىكەن .
شۇندىقى لازىم ئىدى دەپ خۇش بولۇپ ،
كۆڭلىگە پۈككەن ئۈمىدى قوش بولۇپ .
دەپتۇكىم :” قىلساڭ ئەگەر خىزمەت ماڭا ،
كۈلگۈسى دۆلەت گۈلى جەزمەن ساڭا ،
چۈنكى ئۇ شەھرى قەمەر قىلدى نىزا ،
بەرمىكىم لازىم بولۇپ قالدى جازا .
شۇندا مەن دارغا ئېسىپ پاشاسىنى ،
يەتكۈزەي مەلىكىگە جەزمەن سېنى .
شەرت شۇكى ، پالۋانلىقىڭنى ئايىما ،
ئۆز دىيارىم دەپ ئاڭا يۈز قارىما !”
شۇندا ئۇ ئەقلى بۇزۇق ئازغىن نادان ،
نە نادانكىم ، لەنىتى تۇزكور قاۋان ،
باغلىبان دۈشمەنگە خىزمەت كەمىرىدىن ،
نەچچە ۋاغ تەلىم ئېلىپ جەڭ ھۈنىرىن ،
بىر كۈنى باشلاپتۇ ياۋ لەشكىرىنى ،
قانغا غەرق قىلماق ئۈچۈن ئۆز شەھىرىنى .
ياۋ تەرەپ پاشاسىمى دەل شۇ كۈنى
قىچقىرىپ خاس مەھرىمىدىن بىرسىنى ،
دەپتۇكى :” بىزگە زەپەر كۈلگەن ھامان ،
قويما بۇ ئەبلەخنى ھەرگىز تىنىچ -ئامان .
ئارقىسىدىن ئوق ئېتىپ جايلا ئۇنى ،
تۇيمىسۇن ھەم چىقمىسۇن ھەرگىز ئۈنى .
چۈنكى ئۇ ئۆز ئىلىگە سالدى جاپا ،
ئەمدى قانداق كۈتكۈلۈك ئۇندىن ۋاپا !”
ئەلقىسسە ، ئۇ ياۋنى باشلاپ كىرگەن شۇ كۈن ،
قوزغىلىپ چۆللەر ئارا دەھشەت قۇيۇن ،
سىلكىنىپ يەرۇ زىمىن ، تىتىرەپتۇ تاغ ،
دومىلاپ تاشلار چۈشەرمىش ھەر قاياق .
ئۇرۇلۇپ قىرغاققا دەريا تاشقۇدەك ،
ۋادىدا جەرەن – كىيىكلەر قاچقۇدەك ،
ئۈركۈشۈپ بارچە ئۇچار قۇشلارمۇ تەڭ ،
تىنىچ ياتالماي قاپتۇ ھەتتا شەپىرەڭ .
شۇندا بىر بۆرە ئېگىز دۆڭدە تۇرۇپ ،
دەر ئىمىش ھۇۋلاپ ئاڭا لەنەت ئوقۇپ :
“ئەي رەزىل ئەبلەخ ، سېنىڭ ھالىڭغا ۋاي ،
ئادىمىدىن سەندىكى ھېچ چىقمىغاي .
مەن چېغىمدا ئۆڭكۈرۈم – ئىنىم سايان
باشلىمايمەن دۈشمىنىمنى ھېچقاچان .
گەرچە قان ئىچمەي تاپالماسمەن ئارام ،
ئۆز قېرىنداشىم قېنى مۇتلەق ھارام .
شۇمىدى سەندە ئادەملىك خىسلىتى ؟
ياغسۇن ئەمدى مەڭگۈلۈك ھەقنىڭ لەنىتى !”
7
شۇ يۇسۇندا تا يەتكۈچە ياۋدىن خەتەر ،
ئۇيقۇ ئىچرە غەرق ئىكەن شەھرى قەمەر .
سەلتەنەت تەختىدە شەھ غەپلەت بىلەن ،
مەست ئىكەن ھەر كۈنلۈكى ئىشرەت بىلەن .
بولسىمۇ مەلۇم قۇشۇن – لەشكەرلىرى ،
بولمىغانكەن ئېھتىيات تەدبىرلىرى .
چۈنكى نە ھاجەت ئۇرۇش دەپ ئويلىغان ،
باشقىلارنى ھەم ئۆزىدەك چاغلىغان .
دەل شۇ چاغدا ياندۇرۇپ دەھشەت ئالاۋ
باستۇرۇپ كىرگەچكە ئەلگە ۋەھشىي ياۋ ،
ئاندا يانغىن ، مۇندا قىرغىن – قەتلىئام
ھەم تالان – تاراج بىلەن خامان تامام .
ياۋ كېزەر پىتىراپ گويا چېكەتكىدەك ،
يەر – جاھاننى توزىتىپ يەپ كەتكۈدەك ،
قارشىلىق كۆرسەتسىمۇ يۇرت ئەرلىرى ،
كۆپ ئىكەن ھەم زور ئىكەن ياۋ لەشكىرى .
ئاخىرى شەھرى قەمەر بوپتۇ قامال ،
ھەم قامالدىن يوق ئىكەن ئۆزگە ئامال .
گەرچە خانغا كەتسىمۇ دەرھال چاپار ،
يول يىراق ، تاغلار ئېگىز ، قاچان بارار ؟
بەختىگە قورغان تېمى بەكمۇ ئېگىز ،
تاش بىلەن پۇختا سېلىنغان دەخلىسىز ،
ياۋ كىرەلمەي قاپتۇ سىرتتا خېلى كۈن ،
تۇمشۇقى تاغقا تېگىپ ، ھالى زابۇن ،
قىلسىمۇ ياۋ كۆپ ھۇجۇم دەھشەت بىلەن ،
قايتۇرار قورغان ئۇنى شىددەت بىلەن .
چۈنكى ئەمدى ئويغىنىپ شەھرى قەمەر ،
ياش – قېرى ، ئەرۇ ئايال باغلاپ كەمەر ،
قوغدىماققا يۇرتىنى يادلاپ قەسەم ،
ھەممىسى قويغان ئىدى دادىل قەدەم .
قىلسىمۇ شۇنچە جاسارەتلەر ، بىراق ،
تەس ئىدى ياۋنى بوسۇغتىن قوغلىماق .
چۈنكى ياۋنىڭ سېپىدە بىر پەھلىۋان –
بار ئىدى ، خۇددى بىر غالجىر قاۋان .
ھىچ كىشى بەرداش بىرەلمەي زەربىگە ،
” خەپ سىنى ” دەپ ئاستا قايتار كەينىگە .
قانچىلارنى شۇ قاۋان قىلغاچ ھالاك ،
ئەھلى قورغان ياقىسى كۆپ بولدى چاك .
ئۇ ئىدى شۇ بايىقى ئازغىن نادان ،
ئۇ نادان كىم ، بايىقى خائىن يۇھان
خەلق ئۇنى دەرھال تونالماي نەچچە كۈن ،
شۇ يۇسۇن ئۇ ئەلگە ساپتۇ قارا كۈن .
ئاخىرىدا بەزىلەر يەتكەچ تونۇپ ،
قارغىشىپتۇ تۇشمۇ تۇش لەنەت ئوقۇپ .
بەزىلەر ” ئەمەستۇ دەپ ” تالاشقۇدەك ،
بەزىلەر ئانىغا يات قاراشقۇدەك .
8
بىر كۈنى قورغان بېشىدا بەند ئانا ،
جەڭ ئىشىغا جان بىلەن پەيۋەنت ئانا .
بىر قاراپ مەيدان ئارا ھاڭ – تاڭ بولۇپ ،
ھېچ ئىشەنمەي كۆزىگە ھەيران بولۇپ ،
توۋا دەپ تۇتۇپ ياقا غەزەپ بىلەن
ئاھ ئۇرۇپتۇ مىسلى يوق بىر دەرد بىلەن :
” ۋاي ئىسىت ، نېىمىدەپ سېنى تۇغقاندىمەن !؟
نېمىدەپ ئاق سۈت بېرىپ باققاندىمەن !؟
شۇمىدى سەندىن يېتەر ئەلگە ۋاپا ؟
بالىمەس ، بولدۇڭغۇ يۇرتقا بىر بالا !”
دەپتۇ – دە ، ئوتتەك يېنىپ غەمكىن كۆزى ،
تاشقىرى چىققان ئىمىش تەنھا ئۆزى .
قولدا تىغ ، ئات ئوينىتىپ تۇرغان قاۋان
تونۇغاچ ھەم ئانىنى كۆرگەن ھامان ،
ئېتىدىن دەرھال چۈشۈپ، رەڭگى ئۆچۈپ ،
يۈگۈرۈپتۇ ئالدىغا ئوقتەك ئۇچۇپ .
كەپتۇ – دە ، قۇچاق ئېچىپتۇ ئانىغا ،
تاش كەبى قاتقان ئىكەن لېكىن ئانا .
ئانىنىڭ ئۆتكۈر نىگاھى نەيزىدەك –
سانجىلىپ تۇرغاچقا كۆزگە يەكمۇ يەك ،
تىزلىنىپتۇ ئاخىرى ئۇ شۇم قاۋان
تىترە – تىترە بار ۋۇجۇدى ، باش تۆۋەن .
شۇ مىنۇت جىم بوپتۇ بارچە يەر – جاھان ،
نە جاھان ، جىم بوپتۇ ھەتتا ئاسمان .
مۇندا قورغان ئەھلى جىم ھەيرەت بىلەن ،
ئاندا دۈشمەن تىترىشەر دەھشەت بىلەن .
شۇ سۈكۈنات ئىچىرە ئۇ قەيسەر ئانا
بۇرچىنى نومۇس بىلەن ئەيلەپ ئادا ،
تىغ ئۇرۇپتۇ ياۋغا قايناپ نەپرىتى ،
دۈم چۈشۈپتۇ شۇ زامان ئۇ لەنىتى .
كۆز يۇمۇپ ئاچقۇنچە ئىش بوپتۇ تامام ،
ياش تۆكۈپتۇ ئانا ھەم تارام – تارام .
نە ئۈچۈن ياش تۆككىنىن بىلمەس ئىكەن ،
كۆز يېشىنى ئۆزىمۇ سەزمەس ئىكەن .
بىر چىگىش تۇيغۇ بىلەن بىھۇش كەبى
يادىغا ھېچ نەرسىمۇ كەلمەس ئىكەن .
دەل شۇ چاغ ۋولقان كەبى پارتىلاپ شەھەر
ئېتىلىپتۇ ياۋغا قارشى سەرمۇ سەر .
ئانىمۇ شەمشەر بىلەن جەڭگە كىرىپ ،
ئەل بىلەن ئالغا مېڭىپتۇ سەپ يېرىپ .
پىترىشىپ ياۋ ھەر قاياققا ئۇرۇنار ،
خۇددى بىر باشسىز يىلاندەك تولغىنار .
باستۇرۇپ قوغلار ئۇنى تاشقىن قىيان ،
ياۋ قاچار پىتىراپ پەرىشان ھەر تامان .
خاتىمە
سۆز تامام بولدى مانا ، چۆچەك تامام ،
ئەمدى نە ھاجەت ئىزاھات ، ۋەسسالام .
ھەر كىشى قىلسا تەپەككۈرنى ھەۋەس ،
بۇ جاھاندا ھېچنىمەرسە سىر ئەمەس .
جان نېمە ، جانان نېمە ، ۋەتەن نېمە ؟
ھەر كىشىنى ئادىمى ئەتكەن نېمە ؟
يانمىسا كۆڭۈل ئۆيىدە بىر چىراغ ،
گۆش – تېرە ، سۆڭەك بىلەن بۇ تەن نېمە ؟
شول ئىرۇر بۇ چۆچىكىمنىڭ خاتىمى ،
مەنىسىگە يەتسە گەر ھەر ئادىمى .

قەلەمگە
( ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر )

بەس قەلەم ، كۆرگەن مۇقامغا يورغىلاشتىن توختا سەن ،
بارنى سۆزلە ، ھەقنى كۈيلە ، سەپسەتىلەر ساتما سەن .
نە كېرەك يوق نەرسىلەردىن باش قاتۇرماق شۇنچىلىك ،
ساپلىغىڭنى بۇلغىتىپ ، ياشلار ئاققۇزماق شۇنچىلىك .
مەن سېنى كۈرەش ئۈچۈن قىيدىم بوۋامنىڭ تىغىدا ،
بول ماڭا ئۆتكۈر قىلىچ ، ياتما مەزلۇملىق قېنىدا .
قەغىزىم ئۈستىدە ماڭساڭ كۈتكىنىمدىن ئىز ياسا ،
ھەر چېكىتتە ھۆرىيەت _ ئىقبالىغا نېگىز ياسا .
كۈيلە تاغ باشىدا بولساڭ ، تاغۇ _ تاشلار تىتىرىسۇن ،
ھەيۋىتىڭدىن ئەزگۈچى ھاكىم سىنىپ قان يىغلىسۇن .
قەغىزىم ئۈستىگە ئەمدى چۈشمىگەي ياش ئىزلىرىڭ ،
خوش _ خوش ئېيتىپ ، كەتسۇن ئەمدى بۇ يىغىچان گەزلىرىڭ .
مەن سېنى ماۋزۇ قىلىپ چوڭ جەڭ ئۈچۈن ئاتىدىم ،
بىر كېچە گويا خىيالدا ياۋ كۆزىگە قادىدىم .
جەڭدە يەڭگەچ قەبرىمە « لەۋھە » بولۇپ ياتماقچىسەن ،
تۈنلىرىمنى كۈن ياساپ ، گۆھەر كەبى يانماقچىسەن .
قېنى ئەمدى كۈيلىگىن ئەسىرىمگە لايىق ناخشىنى ،
مەنمۇ تاللاپ يۈرمىدىم سەندىن بۆلەك بىر ياخشىنى .

ئىنساننىڭ ئاجىزلىقى……
ئا.ئۆتكۈر

ئىلاھ ھىممەتىڭ كۆپتۇر بىلەي دەپمۇ بىلەلمەيمەن،
ئۆزۈڭدىن بولمىسا رەھمەت ئۆزۈم يىغلاپ كۈلەلمەيمەن،
كۈلەرمەن دەپ ئۈمىد قىلسام قالۇرمەن گاھىدا يىغلاپ،
تۇرۇپ بىردەم بولۇر ئىشنى ماراپ تۇرسام كۆرەلمەيمەن.
ئۆزۈم قىلدىم ئۆزۈم بىلدىم دىگەن بىرلا جاھالەتتە،
ئۆزۈڭدىن بولمىسا رەھمەت بازاردىنمۇ كىلەلمەيمەن،
بىرىپ كەلدىم دىگەن بىرلا ھەرەم ،مەككە ،مەدىنەمگە،
ئۆزۈڭ بىلدۈرمىسەڭ يارەب ئۆزۈمنى ھەم بىلەلمەيمەن.
ئەجەپ ئاجىز ئىكەن بەندە، جىنى بولغان بىلەن تەندە،
ئۆزۈڭ يەتكۈزمىسەڭ يارەب باراي دەپمۇ بارالمايمەن.،
تىنىمنىڭ ساقلىقى بىلسەم سىنىڭ پەزلىي كەرىمىڭدۇر،
ئۆزۈڭدىن بولمىسا ساقلىق ،تىنىمنى ساق ئىتەلمەيمەن،.
ئۆزۈڭنىڭ قۇدرىتى بىلەن كۆزۈم ئاچتىم بۇئالەمگە،
ئۆزۈڭ ئەپكەتمىسەڭ يارەب كىتەي دەپمۇ كىتەلمەيمەن.

قانىغان لەۋلىرىڭنى بۇلبۇلدا كۆردۈم
چىمەنگۈل ئاۋۇت

كىيىك كېندىكىدىن ئىپار ئالغاندەك ،
دەردىڭنى ئاۋايلاپ باغرىمغا ئالدىم .
كۆزۈمنىڭ قارىسىدىن باشلاندى دەريا ،
يىگانە قىلىچسەن تۈنلەرنى ياردىم .
چىدامىڭ چەرخىدە كۆيىدۇ بىر ئوت،
ئوت ئىچرە مىڭ پارە بولىدۇ بىرجان .
دۇئاغا قولۇمنى كۆتۈرسەم ئۆكسۈپ،
تۆكۈلدى مىھرىمگە مىڭ يىللىق ھېجران .
جۇدالىق تېمىغا ئۇرۇلغان بوران ،
ھەسرەت توپىسىنى تۇپراققا قوشتى .
ئاسماندا لەيلەيدۇ ئاينىڭ يېرىمى
بۇلۇتلار سۇ بولدى پەيمانى توشتى !
كۈلپەتلەر ئىگەلمىگەن قەددىڭنى جېنىم،
بىر قەۋرە ئىگىدۇ بىلىمەن بۇنى .
ئىشىق تاغلىرىنىڭ ھەقدارى ئۆزۈڭ،
سىزىمەن قەدرىڭنى سۈيىمەن سېنى.
قانىغان لەۋلىرىڭنى بۇلبۇلدا كۆردۈم،
بۇ يەردە بىر گۈل بار بىزگىلا تونۇش .
يانمۇ يان تىز پۈكۈپ يۈكۈنگۈم كەلدى ،
مانا بۇ مۇھەببەت،مانا بۇ تۇرمۇش…

ئۆز يارصڭ
(مۇھةممةتجان راشصدصن)

ئۆزگە باغقا كۆز سالما ، ئۆز بېغىڭدا گۈلزارىڭ ،
نېمە تەشۋىش ئالەمدىن ، تۇرسا ياندا ئۆز يارىڭ .
ئاشناڭ ساڭا ئاش بەرمەس قازىنىدا ۋاپانىڭ ،
ئاغرىپ قالساڭ ئاشلايدۇ ئاپئاق ناندا ئۆز يارىڭ .
يار ئۈستىگە تۇتقان يار بەڭگە ئوخشار بىر چىلىم ،
لەززەت يوقتۇر تەكتىدە تاۋۇز كەبى بىر تېلىم .
مۇڭداشقانسەن مۇڭداشساڭ تۈگىگىچە بىر فېلىم ،
مىڭ سۆيگۈ بار ئۇ يەڭلىغ ، ئاچقان پالدا ئۆز يارىڭ .
پىچاق كەسسە قولۇڭنى ھېچكىم ئۇنداق تاڭالماس ،
تىكەن كىرسە پۇتۇڭغا ، ھېچكىم ئۇنداق ئالالماس .
يۆلەپ يۈرەر ئۆمۈرلۈك بولۇپ قالساڭ ماڭالماس ،
نىجاتلىق بار سەن ئۈچۈن ياققان شامدا ئۆز يارىڭ .
يۈگۈرۈپ چىقار ئالدىڭغا قايتىپ كەلسەڭ سەپەردىن ،
ئېسىلىدۇ بوينۇڭغا يارىڭ ، ئامان چىقساڭ خەتەردىن .
يامان كۈن يوق ئالەمدە يارسىز يالغۇز ئۆتەردىن ،
تۈنەپ چىقار سەن بىلەن ئەسكى تامدا ئۆز يارىڭ .
جۇدالىققا دۇچ كەلسە ، ئاۋۋال سېنى ئەسلەيدۇ ،
سەن بولمىساڭ ، سۇ تۇتۇپ ، ئۆزى خامان چەشلەيدۇ .
بىلىندۈرمەي يوقۇڭنى ، ئۆزى ئوتۇن كەسلەيدۇ ،
راھەت دېگەن ئەسلىدە ئەتكەن خامدا ئۆز يارىڭ .
چىنىسىدىن ئىلغايدۇ قىيمىسىنى چىنەڭگە ،
ئاش ئۇسقاندا ، بىچارە بىللە چىقىپ بىنەمگە .
باي بولغاندا ياتقۇزار ئاۋۋال سېنى گىلەمگە ،
تولغىنىسەن راھەتتە ، ئويغاتقاندا ئۆز يارىڭ .
كۆكلىتىدۇ تەر تۆكۈپ ، تۇرمۇش ئاتلىق باراڭنى ،
سەن تالانى ئويلىساڭ ، ئۆيدىن باشلار پاراڭنى .
دۈشمىنىڭگە كۆرسەتمەس يىرتىقىڭنى ، ياراڭنى ،
سۆيگۈڭ كېلەر سەن ئۈچۈن ئۇھ تارتقاندا ئۆز يارىڭ .
جاھان قىلغان جاھاننى شۇلاردىكى ساداقەت ،
چېچىلغاندۇر شۇلاردىن يەر – زېمىنغا سائادەت .
باھار قەلب ، ياز چىراي ، ئۆز يار دېگەن گۈل قامەت ،
كەلمەكتىدۇر ئات چېپىپ ، شەرەپشاندا ئۆز يارىڭ.

قەدىمكى كىچە
بوغدا ئابدۇللا

توزغار، پىرقىرار ، قوغلىشار ،
بىلىق قاسرىقىدەك يالتىراپ .
ھۆر پەرىلەر ئۆتمەكچىمىدۇ ،
بۇ كىچىدە زىمىننى پاكلاپ .
ھەۋۋا ئانا ئىسرىقدانىدىن ،
ئۆرلىدىمۇ سەندەل تۈتۈنى.
ئۇ چاقىرىمدىن مۇزدەك خۇش پۇراق ،
كۆرەرمىزمۇ مەنزىل چىكىنى .
بىزنىڭمۇ ياشىغىنىمىز ھاياتتۇر قېرىندىشىم
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان
بىزنىڭمۇ ياشىغىنىمىز ھاياتتۇر قېرىندىشىم
بىزمۇ نەپەس ئېلىپ بەرمەكتىمىز
يەنى ھەر ئىنسان كەبى سۆيمەكتىمىز، سۆيۈلگۈدەك شەيئىلەرنى
بىر قېر چىچىكىنى، چىمەننى، تۇپراقنى، قۇرت – قوڭغۇزنى
قۇربان بايراملىرىدا خېنە يېقىلغان قوچقارلارنى
باشلىرى كەشتىلىك رومالى بىلەن ئورالغان
ئاپئاق ساچلىق، قورۇق – قورۇق چىرايلىق،
پەنجىرە تۈۋىدە ئوغۇللىرىنى ساقلىغان ئانىلارنى
قەلبىم ئاغرىسىمۇ قېرىندىشىم
كۆڭلۈم ئېلىشسىمۇ
راھەتسىز بولسام، شۈبھىلەنسەم
قېلىن كىتابلارنىڭ يازغىنىغا باقساڭ
گۇناھكار بولسام
ھاۋادا ئىھانەت، تاشقىرىدا ئىسسىق
تاملاردا خەتلەر
قەلبىمدە ئاغرىقلار بولسىمۇ
بىزنىڭمۇ ياشىغىنىمىز ھاياتتۇر قېرىندىشىم
مەكتۇبىڭ كەلدى، بۈگۈن باھار
ھىچكىملەرگە كۆرسەتمىگىنىڭ ئاق ساچلىرىڭنىڭ بۇجۇغۇرلىرىدىن
خەۋىرىڭ كەلدى
ئىككى تامچە كۆز يېشىڭ سېرىق قەغەزدە
كۆپ باقارسەن يامغۇر ياققاندا
نەم ۋە ھورلاشقان ئەينەكلەرنىڭ ئارقىسىدىن، بىلىمەن
بىلىمەن، ئاچچىق
قانداق ئولتۇرار ئادەم يۈرىكىگە
نىمىسى بار يەنى
مەن ياخشى دەۋاتىمەن يا
ئىشەن مەيلى مەن ياخشى ئانا
ئىنسان ھەقىقەتەن ياخشىلىنار، ياخشى دىگەنسىرى
ياق، قايغۇرما
يېزىۋاتىمەن بىر قېتىم يەنە
ھىچ قايغۇرما
قايغۇرماس ئانىلار
ئوغۇللىرى قايغۇرما دېسىلا
بىزنىڭمۇ ياشىغىنىمىز ھاياتتۇر قېرىندىشىم
بىزمۇ نەپەس ئېلىپ بەرمەكتىمىز
يەنى ھەر ئىنسان كەبى سۆيمەكتىمىز، سۆيۈلگۈدەك شەيئىلەرنى
بىر قېر چىچىكىنى، چىمەننى، تۇپراقنى، قۇرت – قوڭغۇزنى
قۇربان بايراملىرىدا خېنە يېقىلغان قوچقارلارنى
باشلىرى كەشتىلىك رومالى بىلەن ئورالغان
ئاپئاق ساچلىق، قورۇق – قورۇق چىرايلىق،
پەنجىرە تۈۋىدە ئوغۇللىرىنى ساقلىغان ئانىلارنى .
مېنى ئاسراب قالغۇچى پاسىبانىم يوق
رەنا يەرەشىۋا
ھىجران ناملىق سەلتەنەتتە قۇل بولدۇم مەن،
بۇلبۇلىدىن ئۈمىد كۈتكەن گۈل بولدۇم مەن،
رەقىبلىرىم بېسىب ئۆتتى، يول بولدۇم مەن،
بۇ قانداق بىر سەرھەد، باغۇ – بوستانى يوق،
ئەرزىم ئېيتىب يىغلاي دىسەم سۇلتانىم يوق.
ئاھۇ كەبى قۇغلىدىلەر، قېچىۋەردىم،
تاغ – دالاغا ئاق مارجانلار چېچىۋەردىم،
ئاراملاردىن كېچىب، غەمنى قۇچىۋەردىم،
بۇ قانداق بىر قارا كۈندۇر، ئىمكانىم يوق،
مېنى ئاسراب قالغۇچى بىر پاسىبانىم يوق
ئازابلارغا چىدىيالماي قۇش بولدۇم مەن،
سەن ئۇنۇتتۇڭ -بىر كېچىلىك چۈش بولدۇم مەن،
سەمەندەرگە ئايلاندىميۇ، خۇش بولدۇم مەن،
مەنزىل بولدى ماڭا تاغلار، ئاسمانلار ھەم،
كىرەك ئەمەس سۇلتانلار ھەم، پاسىبانلار ھەم.
سۇلتان سەئىد قىلىچ مازىرى
بىر تۆپلىكتە
تۇرۇپتۇ يادىگار قەبرە
تەن ئورنىدا ياتقان قىلىچ بۇ
ياۋغا دەككە بەرگەن يىلىسى .
تۇلۇن ئاي دەريانىڭ ئۈستىدە ،
دۇبۇلغا چاقنىشى بەستىدە .
2006-يىلى كېرىيە – پولۇ
دۇلدۇل
بۇ تاغلاردا غايىب ئات بارمىش ،
ئۇيۇل تاشتا دۇلدۇلنىڭ ئىزى .
كىم بىلىدۇ
روھاناتنى تۇرغاندۇ يوقلاپ
ئىنسانغا تەنبىھمۇ پەرۋازى .
كېرىيە – پولۇ
كېرىيە دەرياسى
راۋىي ئېيتار : بىر زاماندا ،
ھاۋا ياغقان توپان بالاسى .
يەر ئۇيۇلغان يىلان باغرىدەك ،
گۇگۇم ۋە ھاڭلار قالمىش ئىزناسى .
مىڭ ئۇرۇلۇپ بوزارغان دەريا ،
باش ئۈستىدە ئەركەكلىك تاجى .
ئادەمزاتقا بەرسەم دەيدۇ نەپ ،
شۇ بىر غەمدە ئامال ئىلاجى .
كېرىيە – پولۇ .
ئاللىچى راۋاب
سۈكۈنات ئىچىدە ئەرش تاغلىرى ،
زەخمەكتىن ئەۋجىدە ئاللىچى راۋاپ.
كۇراپ سۇلىرى ئۈزۈلگەنمىدۇر ،
مۇڭ تەگسە قالماسمۇ مۇڭسىراپ .
ۋاقىت قانىتىدا قەدىمىي غەزەل ،
نەگە ئالدىراپ ئۇقۇيدۇ ھاپىز .
ئەتىكى كاللىنىڭ سۆڭەكلىرىدىن ،
كىچىكىپ قانداقمۇ ئۇنى ئىزدەرسىز .
2006 – كېرىيە پولۇ .
ئوقا بۇيان
ئوقا بۇيان زاتىڭ قەيەردىن ،
بىز ئۇچراشتۇق ئۆتكەنكى بىر ياز .
سەن بىر ئۇچقۇر ، نازىم جەمەتى ،
شۇ ۋەجىدىن سادا ھەم پەرۋاز .
بىر پەسىلدە قاناتمۇ ئاجىز ،
قەھرىتاندا كەچتى نە ھالىڭ .
گەر ئۇۋاڭدىن بولساڭ تاشقىرى ،
تارتىشقاندۇر غېرىپ زىل تارىڭ .
سۇغۇق ئارا چۈشكە ئۇلىنىپ ،
نە نەلەرگە باردىڭ پەرىزات .
ئۇنتۇش ئۈچۈن بۇيرۇلغانمۇسەن ،
مۇڭداش كۆكتە خىيالىم پات – پات .
2005 – يىلى 4 – ئاي كېرىيە

بوغدا ئابدۇللا
ئەي ۋەتىنىم،يىراق سۈرگۈنگاھ…!
ئەخمەتجان ئوسمان

1
مەن قانچە رەت پاناھلاندىم ئۆزۈمدە
بېشىمغا بۇ بالدۇر كەلگەن تەنھالىقتا..
ھەمدە كۆزۈم، بەزى چاغلاردا،
ھەسرەتلىرىم جىمىققان ھامان
يۇمۇلار تېزلا،
ھېچ قالدۇرماي ماڭا «مەن تەنھا»
دەيدىغان پۇرسەت
2
ئېسىمنىڭ زېمىنىدىكى
شۇ قەدىمىي ئۆينىڭ بۇلۇڭ – پۇشقىغىدا
ئۆچۈپ قالغان جىنچىراق توغرىسىدا
بىر دەملىك خىيالدىن كېيىن،
ئويغا تماقتا مېنى يوچۇن بىر تۇيغۇ
زاۋال تاپقان كىتاپلارنىڭ قۇرلىرى ئارا
سەرسانلىق پەرىشتىسى سېھرىدە
.«ئەي، ۋەتىنىم… يىراق سۈرگۈنگاھ!»
دەپ!
ئېغىز ئاچقان قۇشلارنى ئىزدەش
پەيتى ئەمدى كەلدى، دېگەندەك.
3
ئىستەيمەن بۇدەم
ئۇنۇتسام دەپ قۇشلار قىلغان سۆزلەرنى،
تاپسام دەيمەن
قەدەملىرىم قانىغان شۇ تۈن زېمىنىنى
قانداقسىگە ئويلىماي ئۇزاقتىن بۇيان ئاڭلىغانلار ھەققىدە؟!
چۈنكى ئاۋاز بۇرار مەندە يۆنۈلۈشىنى
مەن كۆرۈندۈم شۇڭا ئۆزۈمگە:
گوياكى مەن قۇشلار قىلغان ئاشۇ شۆزلەر.
4
بۇ يەردە،
شۇڭغۇماقتا مۈجىمەل ئاي
كۆزلىرىمنى باسقان كەچكى شەپەقتە،
تەجەللىيەت بۇلىقىدا باغاشلىغاندەك
سەرسان ئىدىيەمنى.
«قەدەم تاشلا مەن تامان!…»
خىتاپ قىلار ماڭا جىنچىراق،
«زاۋال تاپقان زېمىنىمدىن چىق ئەمدى،
شۇنچە يارقىن ئاۋاز بىلەن ئېغىز ئاچقىن
ئەركىن ھالدا:
ۋەتىنىم! – دەپ»
5
سۆز ھالىتى ئىچرە مەن
كەلتۈرمەكتە ئىدىم كونا قۇياشىمنى ئەسلىگە،
بارئىدى ھەم بەلكى زاماننىڭ
كۈندۈزدىنمۇ باشقا نەقىل كەلتۈرىشى،
ئايان بولدى، شۇڭلاشقا،
چۈشەنگىلى بولمايدىغان، سەۋەپسىز بىر بۆرىدەك،
ھەمدە بىر خىل گۇڭگالىق كەبى
بىز بۇ يەرگە كەلگەندىن بۇيان.
مەن سورايمەن ئۆزۈمدىن شۇ لەھزە ھەققىدە
قانداق زېمىن بولۇشى مۈمكىن؟!
قۇلاق سالىمەن: ئۇندا ئازاپ چاقىرماقتا،
شۇنچە يىراق بىر جايدا،
ئويغىتىدۇ مەندە ھەتتا مۇساپىنىڭ ئىشتىياقىنى،
قەبرىلەردە قاغجىرىغان شاخلارغا قونغان
قاغا ئۈنىدەك…
ئويلاندۇرۇپ مېنى دېڭىز كەڭلىكىنى،
سۈرگۈنگاھنىڭ مابەينىدە.
ئۇندا يەنە ماڭا ھامى شۇ قۇشلار
كەلگۈسى ئاراللاردىن بېرەر بىشارەت.
6
بەلكى قېتىپ قېلىشى شاماللارنىڭ
ئەتراپىڭلاردا،
ئەي، ئۇزاقلاپ كەتكۈچىلەر،
تەقدىردۇر تېرەن ئۆلۈمنىڭ كارسىزلىقىغا -
ئائىت بولغان ئېتىقادنىڭ تۈپەيلىدىن،
ھەمدە مەن ئۆزگە شەيئى ئەمەس،
پەقەت
ئۆزۈملا بولۇپ كەلگەن سەۋەبىدىن
شۇنداقتىمۇ،
بۈيۈك قۇشلار پەرۋاز ئەيلىگەن
سامالاردىن قەتئىينەزەر،
مەن يەنە تونۇش كۈينىڭ قاناتلىرى ئاستىدا
ئويغا نغان دەمدە،
تەلتۆكۈس سۈكۈتۈمدە مەن تۇرغان زېمىن
ئىزتىراپقا چۈشكەن دەمدە،
كۆرمەكتىمەن
پۈتكۈل شەيئىلەر
ئايلانماقتا ئەتراپىمدا زۇلمەتتە…
7
ئىزلەيدۇ تەن، شۇنداقلا،
كۆك تۇماندا تېمىسقىلاپ يۈرۈپ ئەرۋاھتەك،
خۇلاسىلاش ئۈچۈن ئازاپ شەكلىدىن
ئاشكارىلانغان شەيئىلەرنىڭ يۆنۈلۈشىنى،
ھەم قايتىدىن تۈزەپ چىقىش ئۈچۈن چۈشنى،
ئىستەپ ئۇندا ئولتۇراقلىشىپ قېلىشنى،
ئاڭا ئىسىم ئاتا قىلىشنى…
8
قۇشلار شۇنچە پاناھلاندى قەلبىمدە
ۋۇجۇدىنى سۈر باسقان يىراق زاۋالدا…
ھەم كۆزلىرى، بەزى چاغلاردا،
خىياللىرىم جىمىققان ھامان،
يۇمۇلار تېزلا-
ھېچ قالدۇرماي ئاڭا ئوي – خىياللىرىنى
دەيدىغان پۇرسەت:
«گۈزەل ئىدى كۈندۈز تولىمۇ…
نېمىدېگەن قاباھەت – ھە، بۇ
چېقىلماقتا قەدەملىرىڭ كولدۇرمىلىرى
پاسىللىرىدا يۇرتلارنىڭ،
ھەمدە ئايال ئەمچەكلىرى شورلىشىۋاتقان
رۇجەكتىكى قۇياشنىڭ ئەكس ساداسى
ئەتراپىڭدا ئۈزلىكسىز ياڭرىماقتا:
ئەي…
ۋەتىنىم….
يىراق سۈرگۈنگاھ…!
1996-يىل

ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻘﯩﻤﺪﺍ
غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت

ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻘﯩﻤﺪﺍ
ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﮔﺰﯨﺪﻩ ﺋﯩﺪﻯ .
ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﯞﺍﻗﻼﺭ
ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ﻧﯘﺭﯨﻨﻰ ﺋﯧﻤﯩﭗ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ .
ﺋﯩﺸﺘﺎﻥ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻣﺎﺧﺘﯩﻨﺎﺗﺘﯩﻢ
ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﻐﺎ ﺳﻪﯞﺯﻩ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﺎﺗﺘﯩﻢ .
ﺋﺎﻧﺎﻣﻨﯩﯔ ” ﺋﻪﺳﻜﻰ ” ﺩﻩﭖ ﺗﯩﻠﻼﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﻪﺗﺘﯩﻢ .
ﻳﯧﺰﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻪﺑﯩﻲ ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﺍ
ﻣﯘﺷﺘﻠﯩﺸﺎﺗﺘﻰ ﺗﻪﻟﭙﻪﻙ ﻛﯩﻴﮕﻪﻧﻠﻪﺭ
ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ
ﮬﯘﺯﯗﺭﻟﯩﻨﺎﺗﺘﯩﻢ ﻛﻪﻣﭙﯜﺕ ﻳﯧﮕﻪﻧﺪﻩﻙ .
ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﯚﺭﻩ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺳﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻢ
ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯧﺸﻪﻛﻠﻪﺭ ﻣﯧﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﻳﺘﺘﻰ .
ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﺷﻠﯩﺮﻯ
ﺋﻮﻳﻐﺎﺗﺘﻰ ﻣﻪﻧﺪﻩ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﺴﺘﻪﻛﻨﻰ .
ﮬﻪﯞﻩﺱ ﻗﯩﻼﺗﺘﯩﻢ
ﮬﯧﭽﻜﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﻤﺎﻱ ﻛﯚﺯﯨﮕﻪ
ﺩﻩﻟﺪﻩﯕﻠﻪﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻣﻪﺳﺘﻠﻪﺭﮔﻪ .
ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ
ﭼﻮﻗﯘﻡ
ﻣﻪﻧﻤﯘ ﮬﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﻳﺘﺘﯩﻢ .
ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺘﺘﻰ ،
ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ
ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ
ﺗﯜﺭﻣﯩﺪﯨﻦ ﻗﯧﭽﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﺎﺵ ﻗﺎﺗﯘﺭﺍﺗﺘﯩﻢ .
ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺩﺍﺋﯩﻢ
ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺗﯜﺭﻣﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ ﺩﻩﻳﺘﺘﻰ .
. . . . . .
ﻣﻪﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻳﺎﯞﺍﺵ ﭘﯘﻗﺮﺍ
ﺋﻪﻗﻠﯩﻤﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ
ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺷﺘﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ .
ﺋﯘﺭﯗﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ
ﺗﺎﻳﺎﻕ ﻳﻪﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ
ﺗﯜﺭﻣﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺋﯚﻟﮕﯜﺩﻩﻙ ﻗﻮﺭﻗﯩﻤﻪﻥ . . .
ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ
ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ
ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻘﯩﻤﺪﺍ ﺋﯚﻟﯜﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﻢ
ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯚﻟﯜﯞﺍﻻﺗﺘﯩﻢ .
ﮬﺎ ، ﮬﺎ ، ﮬﺎ ! ! ! . . . . . .
ئايغا قاراپ بولدۇم يالىڭاچ
خوجا مۇھەممەت مۇھەممەت
كۆزلىرىمدىن ئارمانىمنى كۆر ،
كىرپىكىمدىن كارۋانىمنى كۆر .
ئاڭلاپ ھايات قوشاقلىرىنى ،
مۇزلاپ قالغان گۈلخانىمنى كۆر .
ناماز ئوقۇر جېنىم تېنىمدە ،
ئىمان ئېيتقان شەيتانىمنى كۆر .
قايتار ھەممە ھەقكە ، رەھىمگە ،
قايتىۋاتقان جەريانىمنى كۆر .
(2)
بىنالارنىڭ قورسىقى ئاچتى ،
ئۇسساپ كەتتى كوچا-رەستىلەر .
قوللىرىنى سوزار «گۇناھ» قا ،
يۈرەكتىكى گۈللەر ، كەشتىلەر .
ھۇررا توۋلاپ ئۆتەر كۆلەڭگە ،
ئەگەشتۈرۈپ جىنلارنى پات-پات .
ئادەملەرنىڭ بىلىمى ئاشتى ،
ساۋادسىز بوپ قالدى ئېتىقاد .
(3)
ئايغا قاراپ بولدۇم يالىڭاچ ،
كۈنگە قاراپ قالدىم نائىلاج .
گۈلگە قاراپ يارىمنى كۆردۈم ،
تاقىۋاپتۇ خازانلاردىن تاج .
داپتا بوران ، تەمبۇردا ئىسيان ،
دۇتار چېلىپ قالدىم بالادا .
كىيىپ جۇل-جۇل جەندە-كۇلانى ،
ناخشا ئېيتار كۆڭلۈم تالادا .
(4)
تۇرار جايىم بولمىسا مېنىڭ ،
بارار جايىم باردۇر ئەلۋەتتە .
ياشار جايىم بولمىسا مېنىڭ ،
ئۆلەر جايىم باردۇر خىلۋەتتە .
ياماشقاندەك ئايغا مەجنۇنتال ،
ياماشارمەن يارغا يا دارغا .
تاڭلا باھارىم بولمىسا مېنىڭ ،
قانداق دەسسەي گۇناھسىز قارغا ؟!
تارىخ
ۋاراقلىدىم تەن گۈلخانلىرىنى
قۇياش مۇزلاپ ياتقان ئاسماننى كۆردۈم
ۋاراقلىدىم چۆل بارخانلىرىنى
يىلتىزى سارغىيىپ كەتكەن ئىماننى كۆردۈم
ۋاراقلىدىم روھ ئىسيانلىرىنى
مەشرەپ دارغا ئېسىلغان جەرياننى كۆردۈم.
شەھەر سەھرالاردىن كەتتى يىراقلاپ،
تاشلار سايدا ياتار يېلىڭ، يانچىلاپ،
دەريالار ئاقار ئۈنسىز، قىرغاق قاغجىراپ…
بىر سىقىم توپىنى ئالسام قولۇمغا،
ئاتلار كىشنەپ كەتتى شۇئان جېنىمدا.
ئېچىپ كۆكسۈمنى
ئۆتمە – تۆشۈك بوپ كەتكەن قالقاننى كۆردۈم.
ئېلىپ قالقاننى
خۇدا ئۇخلاپ ياتقان ئايۋاننى كۆردۈم.
شەھەردە ياشايمەن
دەريا – كۆللەرنى ئۆيۈمگە باشلاپ
دەرەخلەرنى شېشىگە قاچىلاپ يەيمەن.
ئون قەۋەت بىنانىڭ پەلەمپىيىدە
قاراپ سەدىقە تىلەۋاتقان ئىككى ئادەمگە
ئۇيغۇر چۆلىدە
تۆگىسىگە مىنەلمەيۋاتقان كارۋاننى كۆردۈم.

غېرىبلىق
ئادىل تۇنىياز

غازاڭلار تۆكۈلەمدۇ
تۆكۈلگەنمىدۇ؟
دەرەخلەر مېنىڭدەك يالغۇز قالامدۇ؟
ھاياتنىڭ مەن سالغان چىغىر يولىدا
مەن ئۆزۈم ماڭمىسام ئادەم ماڭامدۇ؟
ئۆمۈچۈك تورىدەك غېرىبسىنىشنى
قاراڭغۇ ئۆيلەردەك يالغۇز قېلىشنى
ئۈمىدىسىز شېئردەك يىغلامسىراشنى
ئۆگەنگۈم يوق ئىدى ، يوق ئىدى زادى.
يەپ كېتەرمۇ تاملار توساتتىن
تاۋۇتقا ئايلىنىپ قالارمۇ كارىۋات؟
جان كىرىپ قالارمۇ رەسىملەرگە
ھەممىسى دۈشمىنىم كۆزىتەر پات-پات.
كۆرگۈم بار
كۆزلەرنى ، يۈزلەرنى ، ئىسسىق قوللارنى
يالغۇزلۇق ئەزدى بۇ يۈرەكنى ئۇزاق.
كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ دېرىزەمدىن ئېھ
جۇل-جۇل تۇمانغا يۆگەنگەن گۇگۇم
سەدىقە بەرمىدى ھېچكىم ئۇنىڭغا….
-1990يىل 11 – ئاي

شەھەرنىڭ سىرى
ئادىل تۇنىياز

بېرىلمىدى بىزگە ئىزاھات.
سېلىنماقتا رەت-رەت ئىمارەت.
ئېگىزلىگەن تەنھالىقىمىز.
ۋاقىت بىر چوڭ شەيتان ئەينىكى،
قېرى مۈشۈك تىكىپ كۆزىنى
كۆرەلمەيدۇ ئۇندا ئۆزىنى.
خالتا كوچا،ئادەم،سامانيول
بۇ شەھەردە كېسىشكەن بىر نۇر.
چېقىلماقتا كونا بىنالار
ئۆز تىلىدا سۆزلەيدۇ ئۇيغۇر.
چاقناپ ئۆچەر توزان ئىچىدە
لوم تۆمۈرلەر،سەرسان يىگىتلەر
تام ئادەمنى قوغلايدۇ دەيدۇ،
لېكىن قارام تام چاققۇچىلار
قاراملىقى قۇترىغان بۇقا.
بالياتقۇ ئۆي ئۇلار ئۈچۈن
تىكىشىدۇ جېنىنى دوغا.
بىز گويا ئوت سۇ ئىچىدىكى،
بىز غايىبقا سېلىنغان بىنا.
ئۆرۈلدى بىر بىنا نەم، قىزىل
يىگىتلەر تام چېقىۋاتقاندا،
ۋاقىتتىن قان ئېقىۋاتقاندا…..
يات بىر تىلدا سۆزلەيدۇ تۇرمۇش
ئۆزگەرمەكتە شەھەرلەر پوزۇر.
يېڭى بىنا پۈتەر ناتونۇش
كونا تامنى چاققۇچى ئۇيغۇر.
ئەي يىگىتلەر، قاراپ بېقىڭلار
شەيتان ئەينەك ئەمەسمۇ شەھەر؟
كۆرۈنمەيمىز قارىساق ئەگەر.

ئانا
بۇغدا ئابدۇللا

ﺗﻮﻗﺴﺎﻧﻐﺎ ﺋﯘﻻﺷﺘﻰ ،
ﻛﯚﺯﻯ ﺧﯩﺮﻩﻟﻪﺷﺘﻰ .
ﺗﻮﻧﯘﻣﺎﻳﺪﯗ ﮔﺎﻫﯩﺪﺍ سىنى ،
ﺳﯩﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،
ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺪﯗ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ،
ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﻏﺎﻧﺪﻩﻙ .
ﺗﻮﻗﺴﺎﻥ ﻳﺎﺯ ،
ﺗﻮﻗﺴﺎﻥ ﻛﯜﺯ ،
ﺗﻮﻗﺴﺎﻥ ﻗﯩﺶ ،
ﺗﻮﻗﺴﺎﻥ ﺋﻪﺗﯩﻴﺎﺯ،
ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ
ﻣﺎﯕﻠﯩﻴﯩﻐﺎ ﺋﯩﺰ ﺳﯩﻠﯩﭗ ،
ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﺳﯘﺩﻩﻙ
ﺋﻪﻣﺪﻯ ،
ﺗﯧﺘﯩﻜﻠﯩﻜﻰ ﻳﻮﻕ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﺪﻩﻙ.
ﻛﯚﺭﭘﯩﺪﻩ ﻳﺎﺗﺎﺭ ،
ﺋﯩﺸﺸﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﺭ.
ﺳﻪﻥ ﻛﻪﻟﻤﯩﺴﻪﯓ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ
ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺑﻮﻻﺭ ،
ﻛﯚﺯﯨﮕﻪ ﻳﺎﺵ ﺋﺎﻻﺭ ،
ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﺪﻩﻙ .
ﻫﻪﻱ !
ﺟﺎﻫﺎﻧﻨﻰ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﻯ ،
ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﺪﻩﻙ !
ﻛﯚﯕﯜﻝ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﻧﻪﺭﺳﻪ ،
ﻛﯚﺗﯜﺭﻩﻟﻤﻪﺱ ﮔﻪﭘﻨﻰ
ﺳﯘ ﻣﯩﺴﻘﺎﻝ ﺗﯚﻣﯜﺭﻧﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﻩﻟﻤﯩﮕﻪﻧﺪﻩﻙ .
ﺷﯘﯕﺎ
ﺗﺎﺷﻠﯩﻤﺎ ﺋﯘﻧﻰ ،
ﺋﯘﻧﯘﺗﻤﺎ ﺋﯘﻧﻰ .
ﻳﻮﻗﻼ !
ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ !
ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ – ﭼﯜﭼﯜﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ !
ﻫﺎﻟﺪﺍﺵ ،
ﻣﯘﯕﺪﺍﺵ ،
ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺑﻮﻝ !
ﻗﯩﺰﻯ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻗﯩﺰﻯ ﺑﻮﻝ !
ﻳﯘﻳﯘﭖ ﻗﻮﻱ ،
ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﺍﭖ ﻗﻮﻱ .
ﺩﯛﻣﺒﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﯩﻼﭖ ﻗﻮﻱ ،
ﭘﯘﺗﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻗﻮﻱ ،
ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﺴﺎﯕﻤﯘ
ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺳﯜﺗﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﻨﻰ
ﺗﯚﻟﯩﻴﻪﻟﻤﻪﻳﺴﻪﻥ ،
ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭘﺎﻳﭙﯩﺘﻪﻙ !
ﺋﯘ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ
ﺳﻪﻥ ﻗﯧﻨﻰ ؟!
ﻣﻪﻥ ﻗﯧﻨﻰ ؟!
ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﺎﻱ
ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻛﯜﻥ
ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺳﺎﺋﻪﺕ
ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺩﻩﻗﯩﻘﻪ
ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﯩﺪﺍ.
ﺋﺎﺵ ﺋﯧﺘﯩﭗ ،
ﻧﺎﻥ ﻳﯧﻘﯩﭗ
ﻛﯩﺮ ﻳﯘﻳﯘﭖ …
ﻳﻮﻝ ﻳﯜﺭﯛﭖ ،
ﺟﺎﻫﺎﻥ ﻟﻪﺭﺯﯨﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺗﻮﻟﻐﯩﻘﯩﺪﺍ …
ﭼﺎﻗﻤﺎﻕ ﭼﺎﻗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ، ﺑﻮﺭﺍﻥ ﮔﯜﺭﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩﻙ !
ﺑﯩﺰ
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﻪﺧﺘﻰ ،
ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﻰ ﺋﯩﺪﯗﻕ .
ﺑﯜﮔﯜﻧﻰ ،
ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺋﯩﺪﯗﻕ .
ﺑﯩﺰ !
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﯘﻏﯘﻟﯩﺸﻰ ﺋﯩﺪﯗﻕ .
ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،
ﻗﯩﺰﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،
ﺑﯩﺰ !
ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﺪﯗﻕ ؛
ﻛﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺭ ،
ﻗﯧﺸﯩﻤﯩﺰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺭ ،
ﺑﯘﺭﻧﯩﻤﯩﺰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺭ ،
ﺋﺎﻏﺰﯨﻤﯩﺰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺭ ،
ﮔﯜﻝ ﮔﯜﻟﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ .
ﻛﯚﺯ ﻧﯘﺭﯨﻤﯩﺰ ،
ﻗﺎﺭﺍ ﭼﯧﭽﯩﻤﯩﺰ ،
ﻗﯧﻨﯩﻤﯩﺰ
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺪﻯ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ …
ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺳﯘﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﻰ بولغېنىدەك .
ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ
ﻫﻪﻡ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﻮﻻﺭ ،
ﻫﻪﻡ ﻧﺎﺩﺍﻥ .
ﻛﯚﻳﻪﺭ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﯚﻳﻤﻪﺱ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ،
ﺋﺎﻧﺎ ﻛﯚﻳﻪﺭ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻐﯩﻼ :
ﺳﯧﻨﻰ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﭼﺴﺎ ﺩﻩﻳﺪﯗ ،
ﺩﯦﯖﯩﺰﻏﺎ ﺷﯘﯕﻐﯩﺴﺎ ﺩﻩﻳﺪﯗ .
ﺗﯚﻫﭙﻪﯕﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﺷﻨﻰ ﺗﯩﻠﻪﻳﺪﯗ
ﺷﻪﻳﺦ ﺟﺎﻳﻨﺎﻣﺎﺯﺩﺍ ﺗﯩﻠﯩﮕﻪﻧﺪﻩﻙ .
ﺗﺎﭘﺴﺎ
ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﻛﻪﻣﭙﯜﺕ ،
ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﺋﺎﻟﻤﺎ ،
ﮔﯧﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻤﻪﺱ ،
ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻳﯩﮕﯜﺳﻰ ﻛﻪﻟﻤﻪﺱ
ﺳﯧﻨﻰ يىۋﺍﻟﺴﯘﻥ ﺩﻩﻳﺪﯗ ،
ﺳﯧﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻗﻼﭖ ﻗﺎﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﺩﻩﻳﺪﯗ ،
ﻛﻪﭘﺘﻪﺭ ﺑﺎﭼﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ .
ﺗﻮﻗﺴﺎﻧﻐﺎ ﺋﯘﻻﺷﺘﻰ ،
ﻗﯘﻟﯩﻘﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮﻻﺷﺘﻰ ،
ﭼﯩﺸﻰ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ،
بىلى ئىگىلگەن ،
ﺑﯧﺸﻰ ﺋﺎﻏﺮﯨﻴﺪﯗ
ﭘﯘﺗﻰ ﺳﯩﺮﻗﯩﺮﺍﻳﺪﯗ …
ﻟﯧﻜﯩﻦ ،
ﺗﯘﺭﻏﯘﺳﻰ كىلەر ،
ﻳﯜﺭﮔﯜﺳﻰ كىلەر ،
ﻫﺎﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﯘﺳﻰ كىلەر ،
ﻳﯜﺭﮔﯜﺳﻰ كىلەر، ﻳﺎﺵ – ﻗﯩﺮﺍﻧﻼﺭﺩﻩﻙ .
ﻳﻪﺭ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﺎﺭ ،
ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯘﭼﺎﺭ .
ﺑﯜﮔﯜﻧﻨﯩﯔ ﺑﻮﺳﯘﻏﯩﺴﯩﺪﺍ
ﺋﻪﺗﻪ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﺍﺭ .
ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ
ﻗﯧﺮﯨﻴﺪﯗ ﺑﺎﺭﭼﻪ :
ﺋﺎﺩﻩﻣﻤﯘ ،
ﺩﻩﺭﻩﺧﻤﯘ
ﻗﯘﺷﻼﺭﻣﯘ …
1983-ﻳﯩﻞ ، ﻓﯧﯟﺭﺍﻝ

كىچەلمەيمەن،سىنىڭدىن ۋەتەن
<راخمانجان ئاۋۇت ئۇزھال>

ئۆتتى سەندە سەبى چاغلىرىم
گۈلگە تولدى سەندە باغلىرىم
ئىزىلسە دەرت ئەلەمدىن باغرىم،
كىچىلمەيمەن،سىنىڭدىن ۋەتەن.
مەيلى خۈۋلۈق كۆرمەي سىنىڭدە،
بىھۈدە دەرىت تارتاي سىنىڭدە .
ئەجەل شارابى ئىچەي سىنىڭدە،
كىچەلمەيمەن سىنىڭدىن ۋەتەن.
راھەت كۆرمەي قالاي جاپادا
مەيلى سەرسان بولاي تالادا
مەيلى دۇچار بولاي بالاغا
كىچەلمەيمەن ،سىنىڭدىن ۋەتەن
توختار سەندە ئاخىرقى نەپەس
ئۆزگە يۇرتقا قىلمايمەن ھەۋەس
ئۆزيۇرتىدىن كەچكەن ئەر ئەمەس
كىچەلمەيمەن ،سىنىڭدىن ۋەتەن.

ۋەتەن ۋە ئىمان
( ئابدۇقادىر جالالىدىن )

ۋەتەن دەپ توۋلىدىڭ ئىمانىڭ قېنى ؟
قەلەملەر تەۋرەتتىڭ ، ۋىجدانىڭ قېنى ؟
تاڭلارنىڭ ئىشقىدا گۈلخانمەن دېدىڭ،
كۆڭلۈڭ ئاسمىنىدا چولپانىڭ قېنى ؟
قەلەمنى مەشئەل قىپ مۈدۈرۈپ ئۆتتۈڭ،
ئۆپكەڭمۇ يوغىناپ ، يۆتىلىپ ئۆتتۈڭ .
ۋەتەنگە ئىخلاستا باقساڭ ئېڭىشىپ،
قۇۋمىڭنىڭ يىلتىزى ياتار چىرمىشىپ،
چاقنايدۇ مازاردا فوسفور يالقۇنى،
كۆكتىكى يۇلتۇزلاربىلەن سىردىشىپ.
بۇ يەردە بۇغرا ھەم ئوغۇز ياتىدۇ،
قوقاسقا ئايلانغان يۇلتۇز ياتىدۇ.
سەپ تۈزۈپ ھەررەڭدە پەسىللەر ئۆتتى ،
«ۋەتەن » دەپ باھادىر نەسىللەر ئۆتتى .
ئەۋلادقا پەقەتلا ۋەتەن قالىدۇ
باشلاردىن نى ئەقىل
نەقىللەر ئۆتتى .
ۋەتەن چۆچەك ئەمەس، سەجدىگاھىڭدۇر،
ۋەيا ئەرمەك ئەمەس، باشپاناھىڭدۇر.
«ۋەتەن __ جانان » دېدىڭ ، جانان تېپىلار ،
ۋەتىنىڭ بولسىلا ھامان تېپىلار،
غۇربەتتە تېنىگەن ساياقلارغىمۇ ،
شاھانە قەسىر ھەم ئايۋان تېپىلار .
بەزىدە ۋەتەنسىز سۇلتان بولىدۇ،
ئۆزىنىڭ گۆشىگە ئوتۇن بولىدۇ .
ۋەتەن ئەسقاتىدۇئۆلگەنلەرگىمۇ،
نەپسىنىڭ ئوتىدا كۆيگەنلەرگىمۇ ،
ھەتتا ئوسمىسىنى سېتىپ خوتۇنىنىڭ ،
بىر ئۆمۈر تاماشا كۆرگەنلەرگىمۇ .
لېكىن ھاقارەتتە قالدى قەبرىسى،
تالاي ئاھانەتتە قالدى نەۋرىسى.
ۋەتەن ئىمان بىلەن بىر تەن ئەمەسمۇ؟
ۋەتەن ئىمانسىزغا ماتەم ئەمەسمۇ؟
1999-يىلى ، ئۈرۈمچى

نىمە ئۈچۈن موما؟؟

بەلكىم
نەچچە يىللار ئۆتكەن بۈگۈندە،
سوراپ قالار مىنىڭدىن نەۋرەم
بۈگۈندە
بۇلۇتلارغا قوشۇلغان كۈلنى،
توزانلاردا چاچراپ ئېچىلغان
سانسىز چىچەكتەك
سەبىيلەردىن تۆكۈلگەن قاننى..
ئۇ ئېيتارمۇ:
*****************
نىمە ئۈچۈن مۇما؟؟
شۇنچە گۈللەر قىلىندى ۋەيران؟؟
گازا كوچىسى
قۇشخانىدەك قانغا بويالغان؟؟!!
نىمە ئۈچۈن موما؟؟!!
ئاۋۇ گۈدەكنىڭ
كۆز ياشلىرى دەريا ياسىغان..
پارچىلانغان كىچىك تەنلىرى
قارچۇقلىرى سۇنغان قەھرىدە
پىغانلىرى “ئاھ!!”دەپ توۋلىسا
ياردەم سوراپ قوللار تەڭلىسە
دەريا سۈيى توختاپ،تاراملا-
سۈكۈتلەرگە دەپن قىلىنغان….
*****************
نىمە ئۈچۈن موما؟؟!!
يىغىسىنى بەزلەر كىشى يوق؟
ئازابىدەك رەڭسىز بۇ دۇنيا،
تۆكىدۇخۇن،تۆكىدۇ ئازاپ؟؟
خۇددى ئاسماندىن-
سىنارەتلەر چۈشكەندەك توراپ؟؟
چۆچەك ئېيتقان مومىسى قېنى؟
كەتكەنمىدۇ جەڭگە ئاتىسى؟؟
گۈمۈرۈلگەن ئۆيى ئاستىدا،
كۆز يۇمۇپتۇ تاتلىق ئاپىسى؟؟…
جېنىم بالام دەپ ،
ئۆچكەنمىدۇ ئاخىرقى ئۈنى؟؟…
*****************
نىمە ئۈچۈن مۇما؟؟
شۇ كۈندە،
سەن بارمىدىڭ ئۇنىڭ قېشىغا؟؟
كۆز يېشىنى سۇرتۈپ قويمىدىڭ؟؟
قانلىرىنى يۇيۇپ ،تازىلاپ،
قوللىرىنى تېڭىپ قويمىدىڭ؟؟
مىنى باققاندەك
مىھرىڭ بىلەن باخاشلاپ ئۇنى،
جەننەت بىلەن خوش خەۋەر بىرىپ،
سەرسان چىھرىگە
كۈلكىلەرنى ئويۇپ قويمىدىڭ؟؟؟
قارا باسسا ئۇنى چۈشىدە ،
سۈرىلەرنى ھۈرۈپ قويمىدىڭ؟؟
ۋەھىمىدە تاتارسا يۈزى
خاتىرجەم قىپ ئەللىيىڭ بىلەن،
تەسەللىيگە كۆمۈپ قويمىدىڭ؟؟؟
*****************
نىمە ئۈچۈن موما؟؟
بارمىغانسەن ئۇنىڭ قېشىغا؟؟
يا كىراغا پۇلۇڭ يوقمىدى؟؟
يا بارغۇدەك يولۇڭ يوقمىدى؟؟
يا قوقتۇڭمۇ ئەجەل ئوقىدىن؟؟
ياكى سەنمۇ مەختۇمسۇلادەك
يالماۋۇزغا قالغاچ تۇتۇلۇپ؟؟
قاچالمىدىڭ ئۇنىڭ قولىدىن؟؟
……………….
*****************
بوۋامچۇ موما؟؟
كەتكەنمىدى ئوۋ ئوۋلىغىلى؟؟
چىن تۆمۈردەك يىراق چۆللەردە؟؟
ياكى….
قالغانمىدى تاڭسىز كۈنلەردە؟؟
ياكى يوقمۇ كاپ-كاپ كۈچىگى،
قەدەملەرگە ئاگاھ بولغىلى؟؟
يا يوقمىدى ئۇچقۇر تۇلپىرى؟؟
داۋانلاردىن تىزراق ئاشقىلى؟؟
يا يوقمىتى مىسران قىلىچى،
يالماۋۇزنى تۇتۇپ چاپقىلى،
يا يوقمىتى ساڭا ھەمرا بوپ
كۈلكىلەرنى يوقاتقان يۇرتقا
ئاتلانغۇدەك ئەرلىك جۈرئىتى؟؟؟!!!
…………………
نىمە ئۈچۈن موما؟؟؟؟؟؟.

ئالدىدا
نىمشىھىت ئىلى ئارمىيە داموللا

ۋەسلىدىن ئۆزگە كېرەكمەس ماڭا جانان ئالدىدا ،
ئارزويۇم سەن ئېرۇرسەن تەن بىلەن جان ئالدىدا .
بىر گۈلى رەنا ئېرۇرسەن باغۇ بوستان ئالدىدا،
تا زىيارەت قىلمىسام مەن سېنى ئىمكان ئالدىدا،
يۈزلىرىم شەرمەندە بولسۇن تاڭلا سۇبھان ئالدىدا .
دۇنياغا تەڭ ئەيلىمەيمەن تاغلىرىڭنىڭ تېشىنى ،
سېنى دەپ تاشقا قوشارمەن دۈشمىنىڭنىڭ بېشىنى ،
سەن ئۈچۈن دەريا ئېقىتسام شۇم رەقىبلەر يېشىنى
مۇمكىن بولغايمۇ كۆرۈشكە ئايغا ئوخشاش قېشىنى ؟!
قارا بەختىم ئاق بولاردى شۇندا رەھمان ئالدىدا .
سەن ئىدىڭ دۇنيادا بىر ھۆسنى گۈزەل نازۇك بەدەن ،
ئىككىمىزدە باغلىنىش گوياكى ئەردى جانۇ- تەن ،
ئاھ!…گۈزەل يار ئوينىغان قەشقەر، كۇچا، يەكەن، خوتەن ،
نېمىلەر بولدى ئىكىن ئىپلاس ئاياغدا پاك ۋەتەن ؟!
سەن ئۈچۈن كۆزگە كۆرۈنمەس قانچە قۇربان ئالدىدا.
سۇلىرىڭى ئابىھاياتتۇر ،ئەي گۈزەل يارىم،سېنىڭ ،
تۇتىيادۇر تۇپرىقىڭ كۆزۈمگە ،دىلدارىم ،سېنىڭ ،
جانغا جاندۇ ئۇندا ئۆسكەن پارچە غەمخارنىم سېنىڭ ،
ئايرىلىش تىلدى يۈرەكنى ،كۆزى خۇمارىم ،سېنىڭ ،
ئۆرتەنۇر كويىڭغا قەلبىم جەرخى كەيۋان ئالدىدا.
ئاۋۋالىدا سەن ئىدىڭ جەننەتتە ئوخشاش بىر ماكان ،
ئەركە ئويناپ ئۆسكەن ئەردىم قىسمىغان بۇ كەڭ جاھان ،
خۇش پۇراقلىق گۈل – چىچەك تاللاپ ئۈزەردى باغبان ،
ئابرويۇڭنى ساقلار ئەردىم مەن بولۇبان پاسىبان ،
دۈشمىنىڭ كۆز تىكمەس ئەردى شىرى غىرران ئالدىدا.
باغا گۈل ،شېخىدا بۇلبۇل ،نېمىتىڭ شۈكرىن ئوقۇر ،
تاڭ سەھەر تورغايلىرىڭ تەسۋى سېرىپ قانات قاقۇر ،
بەلكى قۇشلار بارچىسى مەدھىيىڭ بىلەن يەرنى چوقۇر ،
چۈنكى خەۋپسىز يەر ، ھاۋا،تاغ، چۆل ۋە سۇ ،دۆڭ ھەم چوڭقۇر ،
ئەركىلەپ ئۆسكەن ئىدىم شاھزادىدەك خان ئالدىدا .
مەن ئۇ چاغدا سەندىن ئايرىلماقنى ئەسلا كۈتمىگەن ،
“ئىېھتىيات قىلغىن رەقىپتىن ” دېسە ، ھەرگىز پۈتمىگەن ،
چۈنكى ئۇ كۈندە بېشىمدىن ئىسسىق-سوغۇق ئۆتمىگەن ،
ئارغىمىقىمنى ئەپەندى قەبرىدە ئۈركۈتمىگەن ،
باشقا قامچا تەگمىگەنتى يولدا كارۋان ئالدىدا .
بال -شېكەردىن بەلكى شېرىندۇر كۈمۈش رەڭ سۇلىرىڭ ،
تاغلىرىڭدا يايرىشىپ ئەركىن ئۆسەر ئاھۇلىرىڭ ،
چېنىقىپ ئەردى رەقىبكە قارشى قول-بازۇلىرىڭ ،
ساڭا تەسىر يەتكۈزەلمەس ئەردى ھېچ جادۇلىرىڭ ،
سەلتەنەتلىك شەۋكىتىڭ بولغاچقا ئىنسان ئالدىدا .
ماختىناردىم سەن كەبى بىر نازىنىننىڭ يارى دەپ ،
يارنىڭ كۆكرىگىگە تەككەن بىر سازىنىڭ تارى دەپ ،
ساڭا باغلانغان مۇھەببەت ھەممىدىن يۇقارى دەپ ،
خاھ گۈلۈم ..خاھ بۇلبۇلۇمغا قىش ۋە ياز باھارى دەپ ،
كوكۇلۇڭ بويىن ئۆپەردىم لالە- رەيھان ئالدىدا .
دىلبىرىم ،ئاھۇ كۆزۈم ،خۇرشىد يۈزۈم ،شېرىن سۆزۈم ،
ھۆسنى ئەپلاكىڭدا تۇغقان ئەردى تەلەي يۇلتۇزۇم ،
لەۋلىرىڭدىن قىزغانۇردى باغدا پىشقان تال ئۈزۈم ،
قاشلىرىڭ مىھراب قىلىپ سەجدە قىلاي تەنھا ئۆزۈم ،
چوڭ گۇناھكار بولسىمۇ دىن بىرلە ئىمان ئالدىدا.
ۋادەرىخا ،قايسى كۈندۈز ، شۇم رەقىب باستى ئاياق ،
سەن كەبى ھۆر نازىنىنلەر ئۈستىگە سالدى تاياق ،
مەن قۇچاقىڭدا تۇرۇپ تارتتىم ئەجەب دەردى پىراق ،
نېمىتىڭ لەززەتلىرىدىن ئايرىلىپ قالدىم يىراق ،
بىر تىلەمچىدەك قىسىلدىم كۈزدە خامان ئالدىدا .
يىغلىدىن شۇندىن بۇيان تۈن -كېچىلەر بىدار بولۇپ ،
رەھىمسىز ئۆگەيگە قالغان قىز يېتىمدەك خار بولۇپ ،
ھەۋزىكەۋسەرنى كېچىبان تامچە سۇغا زار بولۇپ ،
تارلىشىپ كەتكەن جاھانغا سىغمايىن بىمار بولۇپ ،
بوينى باغلانغان مۈشۈكتەك داڭدا ساچقان ئالدىدا .
شۇنداق ئۆمرۈم ئۆتكەنىدى ئۆرتىنىپ ھەم كۈل بولۇپ ،
ئات ،ئېشەكلەر ئورنىدا دۈشمەنلىرىڭگە قۇل بولۇپ ،
“ئاللا ئەمرى شۇمىكىن؟” دەپ ، ساتسا بەلكى پۇل بولۇپ ،
ئۆتكەن ئۆمرۈم ئەسلىسەم يېشىم تۆكۈلەر كۆل بولۇپ ،
موللىنىڭ ئىمانى بولدۇم خۇددى شەيتان ئالدىدا .
ئاقىۋەت قوغلاندى بولدۇم ، بىر يولى تارتتىم پىراق ،
شۇم رەقىبنىڭ تەلىيى ئوڭ كەلدى ، مەن بولدۇن يىراق ،
جانغا تويغان خۇددى بىر پەرۋانىدەك ، سەن بىر چىراغ،
كۈنمۇ كۈن ئارتتى ساڭا كۆڭۈلدە بولغان ئىشتىياق ،
تامچە سۇغا زار بولدۇم بەھرى ئۇممان ئالدىدا .
مەيلى مەن بارغۇنچە يىرتقۇچلۇق بىلەن خەلقىمنى ئارت ،
مەيلى مەھبۇم بېشىدا قانلىق قىلىچىق پارقىراق ،
مايلى ۋەھشىيلىك بىلەن ئادەمچىلىك ئاڭنى يوقات ،
ئىنتىقام ئالغۇم سېنىڭدىن تا جېنىم تەندە ھايات ،
ھېچقاچان ئادەم يېڭىلمەس ۋەھشىي ھايۋان ئالدىدا .
ئۆلگىنىم ياخشى نىگارىمدىن تىرىك ئايرىلغۇچە ،
ئۇچىمەن ساڭا بېقىپ تاكى قانات قايرىلغۇچە،
كۈرىشىم قايتماس رەقىب جېنى تېنىدىن ئايرىلغۇچە ،
بولدى ئەمدى سەۋرى يوق ياتتىم مانا بىر يىلغىچە ،
ئورما ئورماق ئانچە تەس بولمايدۇ دېھقان ئالدىدا .
تارت قولۇڭنى ۋەھشى دۈشمەن ،تېخى جېنىم تەندە بار ،
ئىنشائاللا ،پات يېقىندا سېنى قىلغۇم تارماي ،
ئەي پەلىد، چاپسان يوقال! گۈزەل يېرىمنى قىلما خار ،
سەن قارا زۇلمەتنى يوقاتسام ،سائادەت تاڭ ئاتار،
كۈن نۇرىن كۆرسەتمىگەن سەن پەردە ئاسمان ئالدىدا.
كۈرىشىم ھېچ توختىماس تا قەترە قانىم قالغىچە ،
تەسىرىڭنى يوق قىلۇرمەن قەلبىم ئارام ئالغىچە ،
ئەزرائىل «پۈتتى ئىشىڭ»دەپ تاكى جانىم ئالغىچە ،
تەن سوۋۇپ يۈرەك ، تومۇر ،قان ، ھەرىكەت توختالغىچە ،
شۇندا ئەۋلادىم تۇرار دەۋاغا سۇلتان ئالدىدا .
مەن بارۇرمەن ئەي نىگارىم سەن ئۈمۈدنى ئۈزمىگىن ،
دۈشمىنىڭنى ئۇر !پەقەت ئەركىنغىنا يۈرمىگىن ،
ئالدىنىپ دۈشمەن بىلەن سەن ئەيشى-ئىشرەت تۈزمىگىن ،
شۈم رەقىبكە باغلىرىمدىن مىۋىسىنى ئۈزمىگىن ،
پات يېقىندا تېپىشارمىز گۈل-گۈلىستان ئالدىدا .
ئەر ئەمەسمەن تاكى دۈشمەننىڭ قېنىن ئاققۇزمىسام ،
دۇنيادا خائىنلىق ئەيبىن كۆكسىگە تاققۇزمىسام ،
ئوت زەھەرلىك نەشتەرىلە ئۆزىنى چاققۇزمىسام ،
«ئەللەي ئېتىپ» يەر بۆشۈكتە ھەممىسىن ياتقۇزمىسام ،
شۇندا” مەرد ” نامىنى ئالغۇم شاھىمەردان ئالدىدا .
ئەي سەنەم ، ئەتراپقا باق ، خەلقىممۇ ھەم تېنچ ياتمىسۇن ،
“تاشلىۋەتتى ، سۆيگىدىن كەچتىمۇ ؟” دەپ باش قاتمىسۇن ،
جىم يېتىپ ،ھەسرەت چېكىپ ،قانلار يۇتۇپ ،دەرد تارتمىسۇن ،
ھىلىگەر مەككار رەقىبكە ئابرويىنى ساتمىسۇن ،
ئەيلىسۇن خار بولغۇنۇمنى ئۇندا زىنداق ئالدىدا .
دەردلى دىل ھېچ توختىماس، سىرلىق قەلەم قايناپ يازار ،
مۇڭلۇق دادىمنى ئىشىتسە خىزرى تەسىبىھدىن ئازار ،
چۈنكى ئول بەتبەخت رەقىبلەر نىمشېھىتكە گۆر قازار ،
مەيلى ئۆلسەم سۆيگۈ يولىدا ،تېنىم بولغاي مازار ،
كۆز يېشىم ئارتار تېخىمۇ قىز ۋە ئوغلان ئالدىدا .
1946-يىل ئاۋغۇست ،غۇلجا

نە بولۇردى
مەمتىلى ئەپەندى

نە بولۇردى رەخمەت قىلساڭ بۇ خەلققە پەرۋەردىگار،
ھۆر بولسا ئىدى مىللەت چىقار ئىدى مىڭ بىر خۇمار.
نە گۇناھ قىلدۇق ساڭا بۇنچە زار–خار بولغىلى،
باش كۆتۈرمەي ئۆتتى كۈنلەر تۇردۇق ئەمدى كۆز يۇمغىلى.
باستى زۇلمەت، باستى قىسمەت يۇرتتا ئېھسان قالمىدى،
باستى كۈلپەت، باستى غەپلەت، دىلدا ئىمان يانمىدى.
قىش كېتىپ كەلدى باھار، باھاردا قۇشلار مۇزلىغان،
نەگە باقسام سوغ چىراي، كۆڭۈل قەلىبلەر توڭلىغان.
ئېھ، مېنىڭ پەرۋەردىگارىم – پۈتكۈل ئالەمگە خۇدا،
بىر قىلىچ بەر ماڭا، دۈشمەن جانىدىن قىلاي جۇدا.
1935– يىلى

41

تېما

0

دوست

4862

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   95.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  349
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى: 1171
تۆھپە : 704
توردىكى ۋاقتى: 1955
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-5 23:22:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىرلارنى ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى تورىدىن ئالغان ئوخشايسىز. مېنىڭ شېئىرىمنى كىم شۇنداق يوللىغان بىلمىدىم. مىسرالارنى ئېگىز پەس ئالماشتۇرۇپ يوللاپ، باشقىچىلا بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇپتۇ. بۇ ھەقتە شۇ تور بەتكە ئىنكاسمۇ قالدۇرغان ئىدىم.
بۇ شېئىرىمنىڭ ئەسلىسى مۇنداق:

ھېچكىمگە تىنىمىدىم بۇ كەلگۈلۈكنى،
بىر قەبرە كولانغان بوسۇغامدىلا.
چىن مۇدەن،مەردەننى ساقلىدى باغداش،
سۆيگۈ بۇ قۇمۇللۇق قىلغان ئىختىرا.

بۇغدايدەك ئورۇلغان66جان،
ئۆمەرنىڭ تېغىغا بەرگەن جاسارەت.
چېرىكنى ھەرياندىن سوقىدۇ ياچى،
شېھىتنىڭ قېنىدىن كەتمەس ھارارەت.

سۇغۇرۇپ ئالغاندا يۈرەك باغرىنى،
مىت قىلىپ قويمىغان كۆزىنى راجى.
بىر ئەرۋاھ سۆزلەيدۇ ئاقچۇق سېيدا:
<<ياچىنى ساتقىنى خائىن سامانچى>>.

رەڭ بەردى قەبرىگە،يېشىل گۇمبەزگە،
پالۋاننىڭ ئارمىنى،يۇلغۇن گۈللىرى.
زىنداندا چۈمۈلە بىلەن گەپلەشكەن،
توختىنىڭ يولىدا قاۋان كۆپ ئىدى.

چۈش كۆرەر يۇلغۇنى ئارا يۇلتۇزنىڭ،
ھاشاردىن يوللارنىڭ سۇنغان دۈمبىسى.
<<شىڭشىڭشيا>>تۇغۇلغان شېرىن ئازابتىن،
ناخشىدىن ئاۋۇغان ۋاڭنىڭ قايغۇسى.

ھەسرىتا،تەڭگىدىن ئوقنى ئۆتكۈزگەن،
پالگاننىڭ قەبرىسى مەستلەرگە ئۇۋا.
كىم سېنى بەختىسىز ،دەيدۇ قۇمۇللۇق،
ھەر تۈكۈڭ يۈز يىللىق كەچمىشكە گۇۋاھ.
چ چ:1272497571
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

10

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   3.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2855
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2012-12-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-12 14:33:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« ئىت ئۈرەر، كارۋان يۈرەر، قايتماس ئىزىدىن ئارسلان »

2

تېما

0

دوست

1296

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   29.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1811
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 348
تۆھپە : 202
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2012-11-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-12 17:16:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئېرنىڭغۇ قاتىللىرىنى يوللاپسىز لىكىن بەك كۆپ بوپ كىتىپتۇ ، بولسا 2 كىگە بۆلۈپ يوللىغان بولسىڭىز ، كۆچۈرۈشكە قولايلىق بولىدىكەن ، ئەڭ ئاستىدىكى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ شىئېرى
مەن ئەڭ ئامراق شىئېر ، رەخمەت سىزگە      

3

تېما

0

دوست

125

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   41.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1508
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 120
تۆھپە : 70
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-12 17:34:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
<<ئەرنىڭ ئىپپىتى>> بۇ شېئىرنى بەكلا ياخشى كۆرىمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )