زىڭ گوفەندىن كارخانا تۈزۈمىگىچە
كارخانا باشقۇرۇش جەريانىدا قۇشۇن قۇرۇلۇشى (团队建设)ئىنتايىن مۇھىم بۇلۇپ،كارخانا قۇشۇنىنىڭ قانداق بۇلۇشى شۇ كارخانىنىڭ تەرەققىياتىنى بەلگىلەيدۇ.كارخانىنى كارخانا قىلغان ئەنە شۇ كارخانىنىڭ قۇشۇنىدۇر،كارخانىنى ۋەيران قىلىدىغىنى يەنە شۇ كارخانىنىڭ قۇشۇنىدۇر.دىمەك كارخانىنىڭ قۇشۇنى(企业团队) سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر مۇھىم ئامىل،خىزمەت قىلىدىغان ئادەملابولسا بولمايدۇ،كارخانىغا كېرىكى نەتىجە يارىتالايدىغان ،ئۆم-ئىتتپاق قۇشۇن.ئۇنداقتا خىزمەتچىلەرنى قانداق قىلغاندا كارخانىنى ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدەك كۆرۈپ،جان-دىلى بىلەن خىزمەتداشلىرى بىلەن ئىتتپاقلىشىپ ،كارخانا ئۈچۈن كۈچ بېرىدۇ؟
باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى بولسا ئۈنۈملۈك بولغان باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تۈزۈپ چىقىپ ،قول ئاستىدىكىلەرنىڭ شەخسى پايدا- مەنپەئەت ھەرىكىتىنى شىركەتكە پايدىلىق بولغان تەرەپكە يىتەكلەش بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.خۇددى زىڭ گۇفەن خۇنەن ئارمىيىسىنى باشقۇرغانغا ئۇخشاش،ئاساسى تۈزۈمنى بىكىتكەندىن كىيىن ،ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ قىلىچىنى چىقىرىشنىڭ قەتئىي زۆرۆرىيىتى قالمىغان بۇلۇپ،پەقەت ئارقىدا تۇرۇپ قول ئاستىدىكىلەرگە ئالغا ئىتىلىش،غالجىر دۈشمەنگە قارىشى ئاتاكىغا ئۈتۈش بۇيرۇقىنىلا بەرگەن ،قول ئاستىدىكىلىرى تەبئىي ھالدا ناھايىتى پىداكارلىق بىلەن بۇيرۇقنى ئىجىرا قىلغان.
زىڭ گوفەن چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىكى ئوردىنىڭ مۇھىم ۋەزىرى،خەنزۇ،1811-يىلى 11-ئاينىڭ26-كۈنى خۇنەن ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان.جۇڭگو يىقىنقى زامان سىياسىيونى ،سىتىراتىگىيىچى،ھەربىي ئالىم،ئەدىپ .1851-يىلى پارتىلىغان تەيپىڭ تىيەنگو دېھقانلار قۇزغىلىڭىنى تىنجىتىش ئۈچۈن 1853-يىلى خۇنەندە ئوردىغا قاراشلىق خۇنەن ئارمىيەسىنى تەشكىللىگەن.11يىللىق ئۇرۇش ئارقىلىق 1864-يىلى تەيپىڭ تىيەنگونىڭ پايتەختى نەنجىڭنى ئىشغال قىلىپ،تەيپىڭ تىيەنگونى ئۈزۈل- كىسىل بىتچىت قىلغان .
زىڭ گوفەن جۇڭگو يىقىنقى زامان تارىخدىكى مەشھور شەخىس بۇلۇپ،ئۇنىڭ ئائىلە ،جەمىئەت،ئەمەلدارلىق،ھەربىي،ئادىمىيلىك ،دۆلەت باشقۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئىدىيەلىرى ،كۆز قاراشلىرى ئۆزگىچىلىككە ۋە قايىل قىلارلىققا ئىگە بۇلۇپ،كىيىنكىلەرگە ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسەتكەن.زىڭ گوفەننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان داڭلىق شەخىسلەر ئىنتايىن كۆپ بۇلۇپ ،ئۇنىڭ تەسىرى جۇڭگو ۋە چەتئەللەردە ھىلھەم ناھايىتى زور.
تۈۋەندە زىڭ گوفەننىڭ« خۇنەن ئارمىيەسى»نى تەشكىللەش،باشقۇرۇش جەھەتتىكى ئۆزگىچە چارە-تەدبىرلىرىنى مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق بۇ مىسالنى كارخانا باشقۇرۇش ئەمەلىيىتى ئۈچۈن تەتبىقلايمىز.
باشقۇرۇشنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى بولسا «سۆزسىز باشقۇرۇش» بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.«سۆزسىز باشقۇرۇش» دىگىنىمىز ھىچقانداق ئادەمنىڭ ئارتۇق سۆز،بۇيرۇقىسىز خادىملارنىڭ تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنى بەجانىدىل ئىجرا قىلىدىغان ھالەتنى كۆرسىتىدۇ،بۇ ھالەت چۇقۇم «ئەتىراپلىق تۈزۈم» ئاساسىغا قۇرۇلىشى كېرەك.ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش تۈزۈمى لاھىيەلەش ئارقىلىق خادىملارنىڭ شەخسى پايدا- مەنپەئەت ھەرىكىتىنى شىركەتكە پايدىلىق بولغان تەرەپكە يىتەكلەش بولسا «سۆزسىز باشقۇرۇش»نىڭ ئاچقۇچى.
ھەربىي ئىشلار تارىخىغا قارايدىغان بولساق،زىڭ گوفەننىڭ خۇنەن ئارمىيەسى ئىسمى-جىسمىغا لايىق بىر مۆجىزە بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.خۇنەن ئارمىيەسى سىپى ئۆزىدىن بىر ياللانما قۇشۇن،يەرلىك ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن ۋاقىتلىق قۇراللىق كۈچ بۇلۇپ ھەرگىزمۇ دۆلەتنىڭ مۇنتىزىم ئارمىيەسى ئەمەس،ئەينى ۋاقىتتىكى دۆلەت مۇنتىزىم ئارمىيەسى بولسا« سەككىز توغلۇق قۇشۇن» ۋە «يىشىل توغلۇق قۇشۇن» ئىدى. ئەكسىچە زىڭ گۇفەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇشۇنداق بىر ئۇيەر-بۇيەردىن يىغىپ كىلىنگەن تېرىلما قۇشۇننى ئەينى دەۋىردىكى ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە جەڭگىۋارلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان قۇشۇنغا ئايلاندۇرۇپ،«خۇنەن ئارمىيەسى روھى»نى كىيىنكىلەرگە مىراس قالدۇردى ،«خۇنەن ئارمىيەسى روھى» بولسا «كوللىكتىۋىزىملىق روھ» نىڭ تەڭداش ئاتالغۇسىغا ئايلاندى.
ئۇنداقتا زىڭ گوفەن زادى قانداق قىلىپ «خۇنەن ئارمىيەسى»نى ئەڭ جەڭگىۋار ،ئۆنۈملۈك ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقالىدى؟
تۈزۈمدىن قول سىلىش
بۇنى ئەينى ۋاقىتتىكى زىڭ گوفەننىڭ ئۆزىدىن سورىغان بىر سۇئالىدىن باشلاشقا تۇغرا كىلىدۇ.زىڭ گوفەن ئەينى ۋاقىتتا «خۇنەن ئارمىيەسى»قانداق قىلغاندا كۈچلۈك بۇلالايدۇ دىگەننى تەتقىق قىلماستىن بەلكى «يىشىل توغلۇق قۇشۇن» نىمىشقا ئۇرۇش قىلالمايدۇ؟دىگەن مەسىلىنى ئانالىز قىلغان.بىلىشىمىز كېرەك «يىشىل توغلۇق قۇشۇن» قاتتىق تۈزۈمگە ئىگە ،قۇراللىرى خىل،تەلىم-تەربىيە ساپاسى يۇقىرى قۇشۇن بۇلۇپ،ئۇلارنىڭ رەقىبى تەيپىڭ ئارمىيەسى بولسا بىر تۈركۈم تاياق-تۇقماق بىلەن قۇراللانغان دىھقانلار بۇلۇپ،ھىچقانداق ھەربىي تەلىم-تەربىيە كۆرمىگەن ئىدى. قىزىقارلىق يېرى شۇكى مۇشۇنداق تەيپىڭ ئارمىيەسى ئالدىدا «يىشىل توغلۇق قۇشۇن» بىر پەشۋاغىمۇ يارىماي قالغان بۇلۇپ،مەنچىڭ خاندانلىقىنىڭ يېرىم زىمىنىنى تەيپىڭ تىيەنگوغا تارتقۇزۇپ قويغان ئىدى.
«يىشىل توغلۇق قۇشۇن»نىمىشقا ئۇرۇشقا يارىمايدۇ؟ زىڭ گوفەن ئانالىز قىلغاندىن كىيىن مۇنداق يەكۈن چىقىرىدۇ:يىشىل توغلۇق قۇشۇندا ئېغىر دەرىجىدە تۈزۈم كەمچىللىكى بار.
يىشىل توغلۇق قۇشۇننىڭ تۈزۈمى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا ئەسكەر بولىدىغان تۈزۈم بۇلۇپ،ئەسكەرلەرنى دۆلەت باقاتتى،ئەۋلادتىن –ئەۋلادقا ئەسكەر بۇلۇپ،ھەرقايسى يەرلىكلەرنىڭ ھەممىسىدە «يىشىل توغلۇق قۇشۇن» بار ئىدى.ئەگەر ئۇرۇش بولسا ئەسكەرلەرلەرنى يۆتكەپ ئىشلىتىش تۈزۈمى قوللىنىلغان بۇلۇپ،شەرىقتىن يۈز ئەسكەر،غەرىپتىن يۈز ئەسكەر يۆتكەپ بىر قىسىم تەشكىل قىلىناتتى،ئارقىدىن سەركەردە تەيىنلىنىپ،ئۇرۇشقا ئاتلىناتتى.بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئەسكەر ئەسكەرنى ،سەركەردە سەركەردىنى ،سەركەردە ئەسكەرنى،ئەسكەر سەركەردىنى تۇنۇمايدىغان ئەھۋال كىلىپ چىققان.
زىڭ گوفەننىڭ گىپى بۇيىچە ئېيىتقاندا بۇ خۇددى«خۇددى دەرەخ شىخى كەسكەندەك ئۇيەردىن بىر شاخ،بۇيەردىن بىر شاخ كىسىپ كىلىپ بىر يەرگە ئەكەلگەندە بىر پۈتۈن دەرەخ شەكلى ھاسىل بۇلمىغاندەك بىر ئىش».كۆپچىلىك ئۆزئارا تۇنۇشمايدىغان،ئۆزئارا مېھرى –مۇھەببىتىمۇ يوق تۇرسا،چۈشىنىشلىككى خەتەرگە ئۇچىرىغاندا باشقىلارنىڭ ياردەمگە كىلىشىنى ھىچكىم ئۆمىد قىلالمايدۇ.
ھىچكىم كىلىپ ئۆزىنى قۇتقۇزمايدىغان تۇرسا ،ئۇنداقتا جەڭ باشلانغاندا ئالغا ئىتىلىپ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشنى ھىچكىم خالىمايدۇدە.ئەكسىچە ھايات-ماماتلىق پەيتىدە ھەممە ئادەمنىڭ تەبئىي ئىنكاسى ئۆز جىنىنى ئىلىپ قىچىش بۇلىدۇ،مانا بۇ «يىشىل توغلۇق قۇشۇن» نىڭ ئالاھىدىلىكى ئىدى. زىڭ گوفەننىڭ قارىشىچە بۇنداق قۇشۇنغا جۇگىلىياڭ باش بولسىمۇ ئۇرۇش قىلىپ دۈشمەننى يىڭەلمەيتتى،«خۇنەن ئارمىيەسى» تەيپىڭ تىيەنگونى باستۇرماقچى بۇلىدىكەن چۇقۇم ئەسكىرىي تۈزۈمدە ئۈزۈل-كىسىل ئۆزگەرتىش ئىلىپ بارمىسا بولمايتتى.
شۇڭا زىڭ گوفەن «خۇنەن ئارمىيەسى»گە پۈتۈنلەي يىڭى بولغان تۈزۈم لاھىيلىدى.«يىشىل توغلۇق قۇشۇن»نىڭ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا ئەسكەر بۇلۇش تۈزۈمىگە ئۇخشىمايدىغىنى «خۇنەن ئارمىيەسى» ئەسكەر قۇبۇل قىلىش تۈزۈمىنى ،يەنى قاتلاممۇ-قاتلام قۇبۇل قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويدى.كونكىرىت شەكلى بولسا باش قۇماندان ئۆز قول ئاستىدىكى سەركەردىنى ،سەركەردە ئۆز قول ئاستىدىكى مىڭ بىشىنى،مىڭ بىشى قول ئاستىدىكى يۈز بىشىنى ،يۈز بىشى قول ئاسىتىدىكى ئون بىشىنى ،ئون بىشى ئۆزقول ئاستىدىكى لەشكەرنى قۇبۇل قىلاتتى.
«خۇنەن ئارمىيەسى»نىڭ تەمىناتى ئىنتايىن يۇقىرى بۇلۇپ،لەشكەر قۇبۇل قىلالماسلىقتىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى.پەقەت باشلىق قۇبۇل قىلغاندىلا ئاندىن لەشكەرلىككە قۇبۇل قىلىنىپ،مەنسەپكە ئېرىشىپ،بىيىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيتتى،يۈز بىشى ئۆزىنىڭ مىڭ بىشىغا مىننەتدار،مىڭ بىشى ئۆزىنىڭ سەركەردىسىگە مىننەتدار،سەركەردە ئۆز قۇماندانىغا مىننەتدار بۇلاتتى.شۇنداق قىلىپ قۇمانداندىن تارتىپ لەشكەرگىچە «خۇنەن ئارمىيەسى» گە دەرەخكە ئوخشاش «يىلتىزدىن غۇل ياشنايدۇ،غولدىن شاخ كۆكلەيدۇ،شاختىن يۇپۇرماق ياشايدۇ» ۋە «گەرچە ھۆكۈمەت تامىقىنى يەۋاتقان بولساممۇ،ئۆز باشلىقىم مىنىڭ شاپائەتچىم ،شاپائەتچىمنىڭ ماڭا قىلغان ئىلتىپاتىنى قايتۇرۇشۇم كېرەك» دەيدىغان تەشكىلىي كۆز قاراش ۋە ئومومىيلىق كۆزقارىشى سىڭىپ كىتىدۇ.
قول ئاستىدىكىلەرنىڭ شەخسى مەنپەئەت قىلمىشىنى يىتەكلەش
«ئەسكەر قۇبۇل قىلىش» تۈزۈمى بولسا زىڭ گوفەننىڭ تۈزۈم لاھىيەسىنىڭ پەقەت بىرىنچى قاتلام لاھىيەسى ئىدى،تىخىمۇ يامىنى بولسا ئىككىنچى قاتلام لاھىيە ئىدى.
ئەگەر ئۇرۇش جەريانىدا ھەرقانداق بىر دەرىجىدىكى كوماندىر ئۆلسە ،ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى بارلىق ھەربىي قىسىم تارقىتىۋىتىلىدۇ. مەسىلەن مىڭ بىشى ئۆلسە قول ئاستىدىكى پۈتكۈل قىسىم تارقىتىلىۋىتىلىپ،ئۈيىگە قايتۇرۇلاتتى بىرىمۇ قالدۇرۇلمايتتى.يۈز بىشى،ئون بىشى دىگەندەكلەرمۇ ئوخشاش ئىدى.
بۇ قىتىم قانداق نەتىجە كىلىپ چىقىدۇ؟ بۇنداق بولغاندا ھەممە ئادەم بىرئىشنى قىلىدۇ،ئۇ بولسىمۇ چۇقۇم ئۆزىنىڭ كۇماندىرىنى ساقلاپ قىلىش كېرەك.چۈنكى ئۆز كۇماندىرىنى ساقلاپ قالغاندىلا ئۆزىنىڭ داۋاملىق مەنسەپ تۇتۇپ ،مال-دۇنيا توپلاش پۇرسىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ.ئۆز كۇماندىرىنى قوغداش ئەسلى بىر ئەقەللىي ئەخلاق بولسىمۇ،خۇنەن ئارمىيەسى بۇنى تۈزۈم ئارقىلىق تۈۋەندىكىلەرنىڭ مەنپەتىگە ئۇيغۇن بولغان تۈزۈمگە ئۆزگەرتتى. ئەخلاق ئۆلچىمى بىلەن پايدا مەنپەئەت قوغلۇشۇش مۇكەممەل ھالدا ئەپچىللىك بىلەن بىرلەشتۈرۈلدى.
«يىشىل توغلۇق قۇشۇن» بىلەن «خۇنەن ئارمىيەسى»نىڭ مەقسىتى ،يەتمەكچى بولغان نىشانى ،تەۋەلىكى ئوخشاش بولسىمۇ بىرسىنىڭ جەڭگىۋارلىقى ئاجىز،بىرسىنىڭ كۈچلۈك؛بىرسى ئۇرۇشالايدۇ،بىرسى ئۇرۇشالمايدۇ.سەۋەبى نىمە؟ بۇنىڭ بارلىق سەۋەبى تۈزۈمدە. ئۇنداقتا تۈزۈم دىگەن نىمە؟ تۈزۈم دىگىنىمىز ئادەمنىڭ قىلمىشىنى بىكىتىدىغان ۋە ئۆزگەرتىدىغان مىزاندۇر. ئادەم ئىدىراكلىق كىلىدۇ، قايسى قىلمىشنىڭ ئۆزىگە ئەڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئاچقۇچلۇق ۋەزىپىسى بولسا قول ئاستىدىكىلەرنىڭ شەخسى مەنپەئەت قىلمىشىنى شىركەتكە پايدىلىق تەرەپكە يىتەكلىيەلەيدىغان ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى بىكىتىپ چىقىشتۇر.خۇددى زىڭ گوفەن خۇنەن ئارمىيەسىنى باشقۇرغانغا ئوخشاش .
تۈگىدى.
|