قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 51954|ئىنكاس: 194
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

‹ئەلى مۇئەللىم› گە ئادىمىيلىك تەۋسىيەسى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

36

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   15.38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20919
يازما سانى: 1772
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 28
تۆھپە : 4789
توردىكى ۋاقتى: 1012
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-2
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-7 08:34:57 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tengrikut تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-7 09:27  

ھۆرمەتلىك تورداشلار:

<ئەلى مۇئەللىم> نىڭ توردىكى لىكسىيەلىرى ۋە پىكىر قاراشلىرىنى بىرقۇر تەقىپ قىلغاندىن كىيىن كېچىكىپرەك بولسىمۇ ئۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۋاتىمەن. ئۆز قارىشىم دىگەندىمۇ شەخسى خاھىشىم شەخسىي قارىشىم ئەمەس، مەسىللەرگە يەرشارى ئىلمىي مەنتىقىسى بويۇنچە قارىلىدىغان كۆز قاراشتۇر.
مەزكۇر مەزمۇن توغرۇلۇق مۇنازىرە دەتالاشلار بىرنەچچە ئاي بۇرۇن بولۇنۇپ بولغان بولسىمۇ مەن ئالدىرماي كۈزىتىش ئارقىلىق چىقارغان يەكۈنلىرىم ۋە تەۋسىيەلىرىمنى ئۆز ئارا ئورتاقلاشماق ۋەتەۋسىيە قىلىش  مەقسىدىدە ئۇشبۇ يازمىنى دىقىتىڭىزلارغا سۇندۇم. ئۆز ئارا كەسكىن رىقابەت تەرەققىياتنىڭ بىر ئاساسى بولسا، تەنقىت ۋە تەۋسىيە ئادىمىيلىك تەرەققىياتىنىڭ بىر ئاساسىدۇر. جەمىيەتتە ھەرخىل تەبىقە ھەرخىل كەسىپ ئەھلىدىن تەركىپ تاپقان كىشىلەرنىڭ بولىشى، كەسكىن رىقابەتتە بولىشى، بىزنىڭ جەمىيتىمىزنىڭ ئۆلۈك ھالەتتە ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ بىزنىڭ بايلىقىمىزدۇر.
نۆۋەتتكى مىنىڭ ئورنۇم :  ئىلىم ۋە بىلىم، پەن ۋە تىخنىكا ئىزدەنگۈچى ئاددىي بىر پۇقرا.
ئەسلىدىنلا ھەممە كىشىنىڭ دۇنيادىكى ئورنى : بىر ئۈگەنگۈچىدۇر.
ئالدى بىلەن يەرشارى ئىلمىي مەنتىقىسى توغرۇلۇق ئۇقۇم ھاسىل قىلىش كىرەك بولسا : ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىللىرىنى مىسال ئىلىش مۇمكىن. ماقال تەمسىللەر ھەرقايسى زامان ھەرخىل ماكاندىكى ئەجداتلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەجىربە ساۋاقلىرىنىڭ يەكۈنىدۇر.نىمىشقا يەرشارى ئىلمىي مەنتىقىسى بولالايدۇ دىگەندە، ماقال تەمسىللەرنى دۇنيانىڭ نەرىگە ئاپىرىپ شۇ يەردىكى كىشىلەرگە سۆزلەپ بەرسە ئىككىلەنمەيلا دەرھال قايىل بولدۇ.ھەرخىل مىللەت ھەرخىل پىكىردىكى كىشىلەرگە چۈشىدىغان ئىلمىي مەنتىقەدۇر.
  سۆز تېمىسى بولغان <ئەلى مۇئەللىم> ئىسىملىك كىشىنىڭ توردا بىرمەزگىل قىززىق نوقتىغا ئايلىنىپ ئاخىرى دەتالاشقا  ئايلانغان تەسىرى توغرۇلۇق كۆپ نەرسە دىيىشنى خالىمايمەن، مۇنازىرە نەتىجىسى تىپىك <ئاپپاق خوجا>دەۋرىنى ئەسلىتىدۇ.ئەگەر بىزنىڭ زامانىمىز بۇرۇنقى فىئودال زامان بولغان بولسا تالاشچىلار ئۆز ئارا <ئەلىيە> <زىۋىدىيە>بولۇپ ئىككى قۇتۇپقا ئايرىلىپ بىر بىرى بىلەن جىدەللىشەرمىدى ئەيتاۋۇر. مەستانىلەرنىڭ ئىنتايىن نادانلىق ئىڭىنىڭ قالدۇقىنى كۆتۈرۈپ ھازىرغىچە يۈرۋاتقانلىقىنىڭ تىپىك ئىسپاتى بولسا : بىلىم ئىگىلىرىنىڭ بىلىمىگە چوقۇنماي، كىشىنىڭ ئۆزىگە چوقۇنىۋىلىشى، ئۆز كۆڭلىدە <قەھرىمان> قىلىۋىلىشى ھەممىدىن قىززىق.كىيىنرەك شۇ كىشىنى ئىلاھلاشتۇرۇپ ئىبادەت ئوبىكتى قىلىۋىلىشى، ياكى ھەيكەل تۇرغۇزىشىمۇ مۇمكىن بولۇپ قالامدۇ قانداق؟  <ئەلى مۇئەللىم> مۇ  مىسرانىم مۇنبىردىكى سۆھبىتىدە ئىتراپ قىپتىغۇ: ئاتۇشتىكى قىز يىغلاپتۇ....مەن ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى قەھرىمان ....!
مەلۇم دەرجىدە ھىسسىي ۋە ئەقلىي جەھەتتىن تەسىر كۆرسەتكەن كىشىنىڭ جەلىپكارلىقى، پىسخولوگىيلىك ئاجىز ھالەتتە تۇرغان كىشىنىڭ كۆڭلىگە دەرھال تەسىر قىلىپ ئۆز كۆڭلىدە چوڭايتىپ، كۆز ئالدىدا يوغىنىتىپ ئۇنىڭدا بار بولمىغان ئالاھىدىلىكنى ئۆزى يارىتىپ تۇتقۇ قىلىشى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە بولۇپ تۇردىغان پسىخولوگيەلىك ھادىسە. ئاكادىمىيە مائارىپىنى قوبۇل قىلغان كىشىلەر بۇنداق ئاددىي ھادىسىنى بىلىدۇ. ماقۇل قەھرىمانغىمۇ ئايلاندۇرۋالسۇن دەيلى، <ئەلى مۇئەللىم> مۇ ئۆزىنى "قەھرىمان " دەپ بىلەمدۇ؟نىمە ئۈچۈن "مەن قەھرىمان ئەمەس"دەپ ئىنكاس قايتۇرمايدۇ؟ قەھرىماننىڭ ئۆلچىمى مۇنبەردە پەلسەپە سۆزلەش دەرجىسىگە چۈشۈپ قالغان بولسا،مەنتىقىگە ئۇيغۇن ئەمەس. ئەسلىدىكى كۆرەشچىل قەھرىمانلار ھىچنىمە ئەمەس دىگەن گەپ بولدى. مەنتىقىلىق ئاتىساق <لىكسىيە قەھرىمانى> دىسەك بولغىدەك.

  ئاپپاق غوجىنىڭ شىھىت دۆڭدىكى <لىكسىيەسى>
" ھىدايىتۇللا ئىشان بارلىق سەزگۈلىرىنى ئىشقا سېلىپ،ئاڭلاپ ئولتۇرشقان مۇرۇتلىرىغا قاراپ نۇتقىنى داۋام قىلدى:
-ئىنسانغا بارلىق بالايىئاپەتلەر نەپسىدىن كېلۇر.مال-دۇنيا يىغماقلىق،ئىش-ئوقەت قىلمىقلىق،بۇ دۇنيانىڭ رەڭۋاز مەئىشەتلىرىگە بېرىلىش،راھەت-پاراغەت قوغلىشىش،سۆلەتلىك ئېگىن كىيىش،ياسىنىش-تارىنىش...نىڭ ھەممىسى ئىنساننى نەپسى بالاسىغا باشلاپ بارۇر.ئىنسان نەپسىنى ئۆز ئەركىگە قويۇۋەتسە گۇمراھلىقتا قالۇر،.ئۆشنىسىگە ھېسابسىز گۇناھىكەبىرلەرنى ئارتىۋالۇر.نەپسى شەيتان ئىنساننى ئىككى تۆشۈك ئارقىلىق ئازدۇرۇر.ئول ئىككى تۆشۈك ئىنسان بەدىنىنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىكى تۆشۈك بىلەن ئاستىنقى تەرىپىدىكى تۆشۈكتىن ئىبارەتتۇر.يۇقىرىقى تەرەپتىكى تەمەگەر تۆشۈك بولۇپ،ئىگىسىنى يېيىش،ئىچىش،تېتىشقا ھەر قاچان ۋەسۋەسىگە سالۇر.بۈگۈن بۇنى يىدىم،ئەتە ئۇنى يىسەم،ئۆگۈنى بۇنى يىسەم دېگەن ناشۈكۈر خىياللارغا ئەسىر قىلۇر.پىرى بۈزرۈكنى،سۈلۈك ئىرادەتلىرىنى ئۇنتۇلدۇرۇر.ئاستىنقى تەرەپتىكى بالاگەر تۆشۈك بولۇپ،ئىگەسىنى ئايال زاتىغا ساقال تاشلاشقا،خوتۇن ئېلىشقا،جىما لەززەتلىرىدىن ھوزۇر ئېلىشقا قىززىقتۇرۇپ،مۇسىقى-مۇغەننى،ئويۇن-تاماشا،بەزمە-مەشرەپلەرگە ئەسىر قىلۇر.مانابۇ سۈرەتەن جۇلالىق،باتىنەن تولىمۇ پۇچەك مەئىشەتلەرگە بالاگەر تۆشۈكنىڭ كەينىگە كىرىپ،بىقارار بولغان ئىنسانلارنىڭ ئىمانى سۇسلىشار،سۈلۈكى تەرىقەتتىن چەتلەشۇر.شۇڭە بالاگەر تۆشۈك تەلەپ قىلغان جىما لەززەتلىرىگە چەك قويماقلىقى،پەقەت ئىت يېمى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشقا مۇناسىپ تەننى ھۇزۇرلاندۇرماسلىقى،لەززەتلەندۈرمەسلىكى،بەلكى جازالىمىقى،ئازاپلىمىقى ۋاجىپتۇر.ئەگەر كىمەرسىكى ۋۇجۇدىدىكى ئەشۇ تەمەگەر تۆشۈك بىلەن بالاگەر تۆشۈك تەلەپ قىلغان لەززەتلەردىن كېچىپ،پانىي ئالەمنىڭ مەئىشەتلىرىگە كۆز قىرىنى سالماي،ئىت ئۇېىلىرى مىسالى غارلارنى،كونا تاملىقلارنى،مازارلارنى،تاشلاندۇق گۆرلەرنى،گۆلەخلەرنى ۋەتەن تۇتۇپ،سائادەتمەن سۈلۈكى ئىشقىيە يولىدا ئۆزىنى پىدا قىلسا،ھەلقە سۆھبەت،جەررە سامالارغا مەشغۇل بولسا،ھەققە يېتىپ سەككىز جەننەتنىڭ ئاچقۇچىنى قولىغا ئالغاي.بۇ ۋاپاسىز ئالەمدە تەمەگەر تۆشۈكنى چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن باقىي ئالەمدە بىر لوقمىسى بۇ ئالەمنىڭ مىڭ لوقمىسىغا باراۋەر كېلىدىغان مەئىشەتلىك غىزالارغا ئېغىز تەگكەي ۋە بىې بېلىدە بىر بۇقىنىڭ،بىر پۇتىدا ئىككى تۆگىنىڭ كۈچىگە باراۋەر كۈچ-قۇۋۋەت زاھىر بولغاي.پانىي ئالەمدە بالاگەر تۆشۈكنى چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن باقىي ئالەمدە سەككىز جەننەتتىكى ھەر تاڭلا سەھەردە بىر قېتىم قىزلىقىغا يېنىپ تۇرىدىغان چۆر-پەرىلەر بىلەن جىما لەززەتلىرىدىن ھوزۇرلانغاي،خۇلاسە كالام،ئىنساننىڭ ۋەزىپىسى نەپسىدىن كېچىپ،ھەققە يېتىپ،ئەدەبىيلىككە ئېرىشىشنى ئىستىمەكتۇر.بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن تەننى جازالىماق،جاھاننىڭ بارلىق ھۇزۇر-ھالاۋەتلىرىدىن تەننى مەھرۇم قىلماق لازىمدۇر... (جاللات خېنىم كىتابىدىن)


دىققەت: بۇ بىر ئوخشىتىش ئەمەس،  مەسىلىنىڭ مەنتىقىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئىلاۋە قىلىنغان مىسالدۇر.

                      كىشىنىڭ ئىغىزىدىن چىقىۋاتقان سۆزگە ئەمەس، قىلىۋاتقان ئىشىغا قاراپ باھا بىرىش كىرەك.(خاتىرەمدىن)

يۇقارقى روھانىي پەلسەپىۋى تەرببىيەلىك ئەھمىيتى بار سۆزلەرنى ئاڭلىغان دىندار كىشىلەرنىڭ قايىللىقى قوزغۇلۇدۇ. قايىللىقىنى قوزغاشتىكى بىردىن بىر ئاچقۇچ، دىنىي ئىلىمدىن ئىلىنغان مەنتىقەدۇر. بۇ مەنتىقىنىڭ كەينىگە كىرىپ نۇرغۇن كىشىلەر مەستانە بولۇپ ئەسلى ئىتقادتىن چەتنەپ كىشىنى ئىلاھلاشتۇرۋالغان، ئاخىرى خاتا قىلغانلىقىنى بايقىغاندا كۆپ كېچىكىپ كەتكەن ئىدى.
  بۇنى مىسال ئىلىش ئارقىلىق <ئەلى مۇئەللىم>نىڭ پىكىرنى ئاڭلاپ خاتا قىلىۋاتىسلەر دىمەكچى ئەمەسمەن.ئوقۇرمەنلەر خاتا چۈشەنمىگەي. مەنتىقىلىق پەلسەپىۋى تەربىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە سۆزلىرى كىشىلەرنىڭ قايىللىقىنى قوزغايدۇ.ئەلۋەتتە ئاڭلاش كىرەك، <ئەلىي مۇئەللىم>نى بىلىملىك كىشى قاتارىدا ھۆرمەتلەش كىرەك.بىراق بۇ ھۆرمەت چىكىدىن ئارتىپ مەستانىلىق تۇتقۇسىنىڭ ھاسىل بولۇشىنىڭ تىگىدە نىمە گەپ بار؟بىر سەنئەتكارنىڭ مەستانىسى بار دەپ بىلىمىز.بىر سىياسىيوننىڭ، بىر ئاكتيور ئوبرازىنىڭ،بىر قەھرىماننىڭ مەستانىسى بارلىقىنى بىلىمىز.ئەمما دۇنيانىڭ ھىچبىر يىرىدە بىر <پسىخولوگ>نىڭ مەستانىسى بولدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمىز.(مەنتىقىلىق ئەمەس)ئوقۇغۇچىسى، ئۈگەنگۈچىسى بولىشى كىرەك ئەمەسمىدى؟<ئەلى مۇئەللىم>لىكسىيەسىدە "مىنىڭ مەستانىلىرىم بار"دەپ ئىتراپ قىپتۇ. ئەتراپىغا مەستانە توپلاشتىكى مەقسەت نىمە؟ ئۇلار ئوقۇغۇچى بولسا ئۇنداقتا پسىخولوگىيە بىلىمىدىن نىمىلەرنى ئۈگەندى؟

پسىخولوگىيە:مۇنبەرگە چىقىپ نەزىريەگە ئايلاندۇردىغان بىلىم ئەمەس.كۈلكە چاخچاق كۆڭۈل ئىچىش سورىنىغا ئايلاندۇردىغان قىززىقچىلىقمۇ ئەمەس.
ئىجتىمائىي پەنلەر ئارىسىدا سوتسىئولوگىيە، پەلسەپە، قاتارىدا ئۆتىلىدىغان موھىم بىر پەندۇر. تىبابەتتە روھىي كىسەل داۋالايدۇ. جەمىيەتتە يەنە <كىسەل>داۋالايدۇ.مۇناسىۋەتتە ساق كاللىنى قالايمىقان قىلىۋتەلەيدۇ.ياكى قالايمىقان كاللىنى ساقايتالايدۇ. مەرىپەتتە بولسا ئوقو- ئوقۇتۇش قىلىدىغان، مۇنتىزىم ئۈگىتىم قۇرالى بولغان بىر پەن شاخچىسىدۇر.
  <ئەلى مۇئەللىم>نىڭ قانچە يىل پسىخولوگىيە ئىلمىدىن دەرس ئالغانلىقىنى بىلمەيمەن.بىراق مىنىڭ بىلىدىغىنىم، <ئەلى مۇئەللىم>ناھايىتى نازۇك بىر كەسىپنى ئىشتراك قىلىپ، سۇنۇكۇڭنىڭ، كۇڭزىنىڭ، كىرەك بولغاندا پەيغەمبەرىمىزنىڭ سۆزلىرىنى ئىلاۋە قىلىپ ،كۈلكە چاخچاقلىق، ھوزۇرلۇق موھىتتا جەمىيەتتىكى <كىسەل>نى داۋالايمەن دەۋاتىدۇ. نەتىجىسى بولسا: بىرتۈركۈم ئىشتىراكچىلار <مەستانە>گە ئايلىنىپ ئايرىم قۇتۇپ ھاسىل قىلىپ ئەكسىي پىكىردىكىلەر بىلەن ئادىمىيلىك پەزىلەتنى قايرىپ قويغان ئاساستا قارشىلىشىش يۈز بەردى.
      چالا تىۋىپ ئادەم ئۆلتۈرەر (ئۇيغۇر ماقالى)

  <ئەلى مۇئەللىم> سۆھبەتتە "مەندە غايەت زور بىلىش بولمىسا بۇ گەپلەرنى قىلمايتىم"دىگەن مەزمۇندا سۆز قىلىپ "بىلىدىغان ئادەمنىڭ كۆزى مانا مۇنداق بولۇدۇ" دەپ ئېكرانغا قاراپ ئۆتتى. يەنە "مىنى كۆرسە تۈپرىكىنى يۈتەلمەيدۇ" دەپ  تەنقىتچى تورداشلارغا پسىخولوگىيلىك ھۇجۇم قىلدى. بۇنداق كىبىرانە مەزمۇندىكى سۆز ئىبارىلەر مەنتىقىسىز بولغاننىڭ سىرتىدا ئادىمىيلىككىمۇ خىلاپ بولۇپ قالمىدىمۇ؟ ھەرقانداق بىلىملىك ئادەم ئۆزىنى "مەن بىلىملىك"دىمەيدۇ.خۇددى ئالىم ئۆزىنى ئالىم دەپ جاكارلىمىغاندەك. بىلىملىك ئادەمگە سۈپەتنى خەلىق بىلىملىك ياكى ئالىم دەپ قويۇدۇ. بىلىمنى كۆز ئارقىلىق ئىپادىلەيدىغان ئىش بەكمۇ كۈلكىلىك ئىدى.ئۇنداق قاراشنى بىر ھەيكەلدىمۇ، بىر ئاچچىقى يامان ئادەمدىمۇ ئۇچىرتىپ تۇرىمىز.بەلكىم <ئەلى مۇئەللىم> تۈپرىكىنى يۈتەلمەيدىغان تەنقىتچى تورداشلاردىن خىلى رەنجىگەن بولسا كىرەك.ئەمما "ئۇيغۇرلار ئەخمەق ئەمەس"دەپ توغرا ئىيتىدۇ.<ئەلى مۇئەللىم>نىڭ مەنتىقىلىق پىكىرلىرىنى قوبۇل قىلالمىغىدەك ئەخمەق ئەمەس.<ئەلى مۇئەللىم>نىڭ مەنتىقىسىز ھادىسلىرنى بايقىيالمىغىدەك دەرجىدە ئەخمەق ئەمەس.بۇنى "غاجىدى" دەپ رەنجىگەن بولسا يىڭلىشىۋاتىدۇ دەيمەن. "ما دەرەخ"نى كىرەك بولغاندا "غاجىۋتىدىغان "پولات چىشمۇ ئۇيغۇردا بار. بىراق ئىتتىپاقلىق ئۈچۈن غاجىمايدۇ. غاجايدۇ، بىراقلا قۇرتىۋتىدۇ. يەرشارىدىكى تۈرلۈك روھىي بىسىم ئاستىدا قەددىنى رۇسلاپ ،ئىگىلمەي تۇردىغان خەلق ئادەتتىكى خەلىق ئەمەس.
<زىۋىدە خانىم>نىڭ ماقالىسىدىن تىلغا ئالغان "ئىنسان"بىلەن "ئادەم" نىڭ پەرقىنى ئاتايىن شەرھىلىگىدەك دەرجىدە تىلغا ئالغانلىقىدىن ھەيران بولدۇم.ئۆزىمۇ "بىلىملىك ئادەم بىرمۇنچە گەپنى بىرلا گەپ بىلەن چۈشەندۈردۇ"دەپ تۇرۇپ، ئىنسان بىلەن ئادەم ئاتالغۇسىغا بىرمۇنچە گەپ قىلىپ كەتكىنىگە ھەيران بولدۇم.ئۇ مەزمۇندا قۇسۇر ئىزدىگىدەك خاتالىق يوق ئىدى بولمىسا. "ئىنسان" بىلەن "ئادەم"ئىبارىسى بىزگە ئاللىقاچان ئۆزلىشىپ ئۇقۇم مەنا ھاسىل قىلىپ بولغان يەرشارىلاشقان ئىبارە."ئادەم "دىگەندە ئادەتتە ئەر كىشىنى كۆرسەتسە،بەزىدە قىسمەن ئايالنى كۆرسەتسە، ئىنسان دىگەندە ھەم ئەر ھەم ئايالنى ،ئومومىي ئىنسان توپىنى كۆرسىتىدىغان ، ھەر ئىككىلىسى ئۇيغۇر تىلدىكى "كىشى" نى كۆرسىتىدىغان ئۇقۇم.<ئەلى مۇئەللىم> خىلى ئۇزۇن سۆزلەپتۇيۇ ، ئۇقۇم پەرقى توغرۇلۇق چۈشەنچە بەرمەپتۇ.
ئادەم - دىگەن سۆزنىڭ مەنبەسىنى سۆزلەپ كىلىپ " ئىبراي" تىلىدىن كەلگەن دەپتۇ. توغرىسى " ئىبراي تىلى"ئەمەس، "ئىبرانىي  تىلى" ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى.
"ئىنسان"بىلەن"ئادەم"دىن شۇنچىلىك قۇسۇر ئىزدىگەن يەردە، مەن مۇشۇنچىلىك قۇسۇر ئىزدەپ قويدۇم.<ئەلى مۇئەللىم>قانداق ھىسياتتا بولغاندۇ ئەجەبا.
مەشھۇر شەخسلەرنىڭ يەرشارىلاشقان ئىلمىي مەنتىقىلىق سۆزلىرىنى ، سۆزنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويماي ئۆزىنىڭ سۆزى قىلۋەتكەندەك قوللىنىشى ئادىمىلىك پەزىلەتكە خىلاپ ئىدى. كىيىن،"مەن بىل گايتىسنىڭ كارتىغا پۇل سىلىپ پاكەن تۆلەي"دىيىش بولسا جەنۇپنىڭ خۇشپۇراق گەپلىردىن بولسا كىرەك.

"ھەرقانداق نەرسىدىن ھىكمەت تاپالايدۇ، ھەرقانداق ناچار موھىتتىمۇ ئۆزەڭگە پايدىلىق شارائىت تاپالايسەن"دىگەن بويۇنچە بىر كىشىنى ھاجەتخانىغا سولاپ قويسا ئۇ كىشىزە ئۇيەردىن چىقىپ كىتىشنىڭ ئامالىنى قىلماي "ھىكمەت تىپىپ" "ئۆزىگە پايدىلىق شارائىت" تىپىشى كىرەك ئىكەندە؟ سۆز بىشىدىكى "ھەرقانداق"دىگەن سۆز، مۇشۇ مەزمۇنغىمۇ چۈشىدىغۇ دەيمەن؟

   ماڭا قالسا <ئەلى مۇئەللىم>نى پسىخولوگ دىمەيمەن. چۇڭقۇر ئويلانغۇچى دەيمەن.ئەركىن روھ ۋە مۇستەقىل پىكىرگە ئىگە دادىل ئىنىق مەيدانى بولغان تىرىشچان، بىلىمگە ئىنتىلگەن بىر چۇڭقۇر ئويلانغۇچى كىشى. چۇڭقۇر ئويلانغان مەزگىلدە كىشىلەرنىڭ قانداق ھىسياتتا بولۋاتقىنىنى ئويلاش بىلەن بىرگە قانداق تەسىر ئىلىۋاتقىنىنىمۇ قوشۇپ ئويلاشنى تەۋسىيە قىلىمەن.پەلسەپىۋىي تەربىيەۋىي ئەھمىيەتكە ئىگە مەزمۇنلارنى تارقىتىۋاتقىنىدا كىشلەرنىڭ كەيپىياتىنى كۆترۈش بىلەنلا قالماي، ئۆز ئارا ئادەمىيلىك قۇتۇپىغا مەركەزلەشتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن. قىلالىسا ئەلۋەتتە. خالىسا ئىلمىي مەنتىقە ئۈگىنىشنىمۇ تەۋسىيە قىلىمەن.
قىلالىسا ئۆزىگىمۇ ئادەمىيلىك پەزىلەتتە چىڭ تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن.بىلىم بولۇشتىن بۇرۇن ئادەمىيلىك بولۇشى موھىمدۇر.



bagdax

0

تېما

0

دوست

13

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   4.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35163
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-7
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-7 10:21:39 |ئايرىم كۆرۈش
ئەسىڭىز پەقەت ياخشى يىزىلماپتۇ؟سىزمۇ ئەلى مالىمغا چالما ئاتىدىغان ،ئەۋلاتلارغا ھىچ ئىش قىلىپ بىرەلمەيدىغان ،قۇرۇق گەپ ساتىدىغان غەيۋەتخور ئادەم ئوخشايسىز ياكى جاسۇس بۇلشىڭىز مۇنكىن ھەممە ئادەم يەنى ئەۋلارتلار ئىتراپ قىلۋاتقان ئادەمنى ئۇنداق مۇنداق دەپ نىمە قىلسىز ؟ئەلى مالىم ئەۋلاتلارنى يىتەكلەيمەن دىمىسە ئۆزىنىڭ زىھنىنى ئىسراپ قىلىپ كىتاپ كۆرۈپ ئىزدىنىپ نىمىش قىلدۇ ؟ بۇرۇن بىز دۇملەنگەن روھ ئىدۇق ئەمدى ئەلى مۇئەلىمنىڭ لىكسىيىسىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن روھ ئويغاندى،ئەلى مۇئەلىم ئىلىمدىمۇ بىلىمدىمۇ باركەن مەن بەك قائىل ،بىلىم ،ئىلىم دىگەننى ھەممىمىز ئۈگىنىۋاتىمىز ئەمما ئاللاھ دىلىنى يورۇق قىلغانلالا روھنى بىلەلەيدۇ بولمىسا ماشىلىق بۇلۇپ كىتاۋى بىلىمنى ئىشلىتەلمەي سىڭگەن نىنى يەپ ئولتۇردۇ بۇ يەردە ئاپپاق غۇجىنى تىلغا ئىلشىڭىز تىخىمۇ ھاجەتسىز  سىزدەكتىن يەنە ئىككىسى چىقسا ئاق قارىنى بىلدىغان ئەۋلاتلار يۈزىڭىزگە تۈفى دىيشى مۇنكىن شۇڭا ئەسەر يازالىسىڭىز يىزىڭ بولمىسا سەۋرچانلىق بىلەن چەتتە تۇرۇپ كۆرسىڭىزمۇ سىزنى بىرسى گاچا دىمەيدۇ ،بىڭسىڭىز بولسا سىزمۇ ئاددى سۆزلەر بىلەن ئەۋلاتلارنى ئويغۇتۇپ بىقىڭ ،زىۋىدەدەك ئۇخلىتىپ قويماي ،ئۇنىڭ بۇ قىتىملىق لىكسىيىسى پەقەتلا مەنىسى يوق ،ئايال تۇرۇپ .ئايالغا رازى بولغىدەك جاۋاپ بىرەلمىدى.

9

تېما

36

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   15.38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20919
يازما سانى: 1772
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 28
تۆھپە : 4789
توردىكى ۋاقتى: 1012
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-2
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-7 10:22:11 |ئايرىم كۆرۈش
uduni يوللىغان ۋاقتى  2015-4-7 10:14
…ئ‍اشتىن كېيىن زاغرا،ئ‍ۇسۇلدىن كېيىن ساما دەڭ…!!!
  

سىزگىمۇ ئادىمىيلىكنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئۆزىڭىزچە ئويلاپ ئۆزڭىزگە دەڭ.بۇ مۇنبەر ئۆزىچە بىرنىملەرنى ئويلاپ يۇردىغان خىيالى كىشىلەرنىڭ ئورنى ئەمەس. بىلىم- پەن مۇنبىرى .بۇنداق مۇستەبىت قاتمال ئىدىيەڭىز بىلەن نادان پىتى تۇرۋالغىنىڭىزنى ئىت كۆرۈپ قالسا ئادەم بولۇپ يارالمىغىنىغا شۈكرى قىلىدۇ.

0

تېما

0

دوست

1755

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   75.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32356
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 546
توردىكى ۋاقتى: 82
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-3
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-7 10:25:52 |ئايرىم كۆرۈش
zilala0992 يوللىغان ۋاقتى  2015-4-7 10:21
ئەسىڭىز پەقەت ياخشى يىزىلماپتۇ؟سىزمۇ ئەلى مالىمغا چال ...

ئىنكاسىڭىزدىن بىلىمىڭىز، مەدەنىيەت سەۋىيەرىڭىزنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدىكەن.
سىزچە بولسا ھەممە كىم خوش، خوش دەپ ماختىسا ھە....
تېلفوندىن باش كۆتۈرمەيدىغان، كىتاب ئوقۇمايدىغان بىلىمسىز، ساددا ياشلار ئېتىراپ قىلغان ئادەم قانچىلىك بولماقچىدى.
ئاپپاق غوجىنىڭ قوللىغىچىلىرىمۇ ساپلا ساددا ئاۋام ئىدى.
bagdax

9

تېما

36

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   15.38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20919
يازما سانى: 1772
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 28
تۆھپە : 4789
توردىكى ۋاقتى: 1012
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-2
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-7 10:28:25 |ئايرىم كۆرۈش
zilala0992 يوللىغان ۋاقتى  2015-4-7 10:21
ئەسىڭىز پەقەت ياخشى يىزىلماپتۇ؟سىزمۇ ئەلى مالىمغا چال ...

رەخمەت سىزگە.
مانا نەقلا قۇتۇپ مەيدانىڭىزدىكى ئۆرلىگەن ساپاڭىزنى ئىسپاتلاپسىز.

0

تېما

1

دوست

4868

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   95.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34855
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1466
توردىكى ۋاقتى: 441
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-1
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-7 10:32:32 |ئايرىم كۆرۈش
توۋا  مەن  نم   دەي   نادانغا  ئيتقان  ئست    سۇزۇم

2

تېما

0

دوست

1520

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8081
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 58
تۆھپە : 453
توردىكى ۋاقتى: 123
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-20
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-7 10:43:29 |ئايرىم كۆرۈش
بىزگە تارىختىن بۇيان پەندى-نەسىھەتچىلەر ئاز بولغان ئەمەس. مەزكۇر تېمىنى يېزىپ .مەززىسى قالمىغان تالاش-تارتىشنىڭ ئورنىغا باشقا ئىشلارنى قىلساقمۇ بولىدۇ.
ھىچ بولمىغاندا دۇنياۋى شۆھرەت قازىنىىپ خەلقىمىز ئۈچۈن كۆپلىگەن شان- شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرۋاتقان ئالىملىرىمىزنىڭ نادىر يازمىلىرى مۇنبەرلىرىمىزدە تۇرۇپتۇ ،شۇلارنى كۆرسەكمۇ ،دىلىمىز يۇرۇپ قالىدۇ. ((ئەلى))گە ۋە ياكى ((زىۋىدە)) نىڭ پاراڭلىرىغا مەس خۇش بولغانلارمۇ ،بىر كۈنلەردە ئويغۇنىدۇ، ئەقىل تاپىدۇ.
ھازىر ئۆزىمىزنى كۈچلەندۈرۈشنىڭ بىر دىن-بىر يوللى ئىتىپاقلىق ئىناقلىق ئاساسىدا بىلىم ئەگەللەش.

0

تېما

0

دوست

1755

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   75.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32356
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 546
توردىكى ۋاقتى: 82
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-3
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-7 10:44:04 |ئايرىم كۆرۈش
tengrikut يوللىغان ۋاقتى  2015-4-7 10:28
رەخمەت سىزگە.
مانا نەقلا قۇتۇپ مەيدانىڭىزدىكى ئۆرلىگ ...

توغرا دەيسىز، ساددا ياشلار ھازىر بۇ مەدداھنى «مەبۇد» قىلىۋاپتۇ، دېگىنى توغرىمۇ خاتامۇ قىلچە شەك كەلتۈرمەي ئاڭلايدىكەن.
پىسخلوگىيە دېگەن نېمە؟ دېگەن بۇ سوئالنى ھېلىغىچە ئويلاپ باققان بىرسىمۇ يوق.
ھېچ بولمىسا پەخرلىك قىزىمىز پەخرىيە ئەشرەپنىڭ قانداق قىلىپ شۇنداق ئۇتۇقلارنى قازانغانلىقىنى كاللىسىنى سىلكىۋېتىپ ئويلاپ باقسا بولاتتى.
بۇ مەدداھنىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلىسا، نەچچە يۈز كويغا پىلاستىنكىسىنى سېتىۋېلىپ كۆرسە خارۋاردقا ئۆتكىلى بولامتى.
ساپلا غايىپەرەس، لېكىن ئەمەلىي ھەرىكەت قوللانمايدىغان ھورۇنلار ئاڭلايدۇ، ئۇنىڭ گەپلىرىنى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )