قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 2703|ئىنكاس: 9

ئىسلامىيەتتىكى ئاياللار ۋە 21 - ئەسىردىكى ئاياللىرىمىزنىڭ تەقدىرى (2)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

5

دوست

1062

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   6.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34753
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 12
تۆھپە : 342
توردىكى ۋاقتى: 622
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-27 20:09:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسلامىيەتتىكى ئاياللار ۋە 21 - ئەسىردىكى خوتۇن - قىزلىرىمىزنىڭ تەقدىرى
يۈسۈپجان ئېلى ئىسلامى



                                                                              3


   غەرب مەدەنىيىتىنىڭ زەربىسى ۋە تۈرتكىسىدە مۇسۇلمان ئالىملىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس شەرىف»لەرنى قايتىدىن شەرھلەپ، ئىسلام دۇنياسىغا يېڭى روھ ئاتا قىلىشى بىلەن ھەممىدىن بۇرۇن ۋە ھەممىدىن بەك ئويغىتىلغان مىسىر ئاياللىرى ئۆتمۈشتىكى بېكىنمىچىلىكتىن  قۇتۇلۇپ چىقىپ جەمئىيەتكە يۈزلەندى. جەمئىيەتتىكى يۇقىرى تەبىقە ئاياللىرى ئالدى بىلەن مىسىر ئاقسۆڭەك بۇرژۇئازىيىسى رەھبەرلىك قىلغان 1919- يىلدىكى ئەل-ۋافد پارتىيىسى ئىنقىلابىغا قاتناشتى. ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ ئوتتۇرا قاتلامدىكى ئاياللارنى ئويغاتتى. ئايال ئەدىب ئەشرەۋى (1879 — 1947) بىلەن مەلىكە خافۇنى نەسەب (1886 — 1918) لەر شۇ دەۋردىكى ئويغانغان ئاياللارنىڭ ئەڭ بالدۇرقى نادىر ۋەكىللىرى ئىدى. ئۇلار يازغان ئاياللارنىڭ ئورنى ۋە ھوقۇق مەنپەئەتلىرى توغرىسىدىكى ماقالىلەر ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. ئۇلارنىڭ ماقالىلىرى ئىسلامىيەتنىڭ ئەنئەنىۋى پرىنسىپلىرىغا ئاساسلانغان بولۇپ، شەرىئەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ھەددى-ھېسابسىز كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش ھەم كەلسە-كەلمەس تالاق قىلىش، ئاياللارنى ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىپ ئۆيگە بەند قىلىپ قويۇش، جەمئىيەتكە ئارىلاشتۇرماسلىق قاتارلىق بەزى ئىجتىمائىي ئادەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، ئاياللارنىڭ مائارىپتىن ئەرلەر بىلەن ئورتاق تەربىيىلىنىش ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلدى. 1923- يىلى ئۇ يۈزىدىكى چۈمبەلنى ئېلىپ تاشلاپ، ئاياللار ئازادلىقى ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ «ئەرەب ئاياللىرى ئىتتىپاقداشلار جەمئىيىتى»نى قۇردى. بۇ جەمئىيەت ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت تەرەپلىرىدىكى ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارغا سىياسىي ھوقۇق بېرىشنى، ئۇلارنى سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈشنى، قىزلارنىڭ نىكاھلىنىش يېشىنىڭ ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. 1924- يىلى ھۆكۈمەت قانۇن ماقۇللاپ، قىزلارنىڭ نىكاھلىنىش يېشىنىڭ ئۆلچىمىنى 16 ياش قىلىپ بېكىتتى. نىكاھ ئىشلىرىنىڭ قانۇنلاشتۇرۇلۇشى كۆپلىگەن ئالىم، جەمئىيەتشۇناس ۋە دىنىي زاتلارنىڭ نەزىرىدە شەرىئەتنىڭ ئىشى بولۇپ، «قۇرئان كەرىم»نىڭ 65-سۈرە 4-ئايىتىدىكى ياش قۇرامىغا يەتمىگەن ئاياللارنىڭ نىكاھلىنىش ھەققىدىكى بايانلارغا ئاساسەن نىكاھنىڭ ئەڭ تۆۋەن يېشى بېكىتىلمىدى. بۇ جەمئىيەت كۆپ خوتۇنلۇققا چەك قويۇش ۋە ئۇنى تەلتۆكۈس ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. 1930-، 1940- يىللىرى مىسىردا يەنە بەزى ئاياللار تەرىپىدىن بەزى تەشكىلاتلار قۇرۇلۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقى، خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى قاتارلىق ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلدى. ئەمما، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ئۈستىگە ئالغان ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر بولغانلىقتىن، ئۇلار بيۇروكراتلىق قىلىپ، ھەقىقىي مەسىلە سادىر بولۇۋاتقان ئەمگەكچى ئاياللارنىڭ ئارىسىغا بارمىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پائالىيىتى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان چوڭ-چوڭ شەھەرلەر بىلەنلا چەكلىنىپ، كەڭ يېزا-قىشلاقلارغا كېڭىيەلمىدى. ئۇلار خوتۇن-قىزلار مەسىلىسى گەۋدىلىك بولغان، ئاھالىنىڭ كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان يېزا-قىشلاقلار بىلەن قالاق رايونلارغا سەل قارىدى. 1949-يىلى دەريا شەفىق خانىم «نىل دەرياسى قىزلىرى جەمئىيىتى» دېگەن جەمئىيەتنى قۇردى. بۇ شۇ چاغدىكى ئەرەب ئاياللىرى ئۈچۈن سىياسىي ھوقۇق تەلەپ قىلغان بىردىنبىر جەمئىيەت ئىدى. ئۇلار ناھايىتى ھېسسىياتچان ۋە ئاسان ھاياجانلىنىدىغان كىشىلەر بولغاچقا، پائالىيىتى ناھايىتى رادىكال تۈس ئالغان ئىدى. ئۇلار پارلامېنتقا باستۇرۇپ كىرىپ، مەجلىسنىڭ ئېچىلىشىغا كاشىلا سالدى. ھەتتا ئاچلىق كۈرىشى ئېلان قىلدى. ئاياللار تەشكىلاتلىرى ۋە جەمئىيەتلىرىنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان پائالىيەتلىرى قىسمەن ئىسلاھاتچىلار، جەمئىيەتشۇناسلار، سىياسىيون ھەم دىنى ئالىملارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، ئاياللارغا بولغان مائارىپ تەربىيىسىنى ئىلگىرى سۈردى. 1873-يىلى ئىسلاھاتچى تەقتەۋى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئېلى بارك دېگەن زات بىلەن ئىككى جايدا قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى قۇرغان بولسىمۇ، شۇ ۋاقىتتىكى كىشىلەرنىڭ ئاڭ سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن ئۇ مەكتەپنى داۋاملاشتۇرالمىغان ئىدى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئاياللارنىڭ بىلىم ئېلىشىغا قارىتا ئىنسانلارنىڭ تونۇشىدا زور ئىلگىرىلەش ھاسىل بولدى. بولۇپمۇ جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئىلىم تەھسىل قىلىشتىن ئىپتىخارلىنىدىغان ۋە ئالىيجانابلىق ھېس قىلىدىغان بولدى. ئاياللارنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىشى مىسىر ھۆكۈمران دائىرىلىرى ۋە غەيرىي مىسىر ھۆكۈمران دائىرىلىرىنىڭ بىردەك دىققىتىنى قوزغىدى. شۇ چاغدىكى قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەھمەد رەفىق ئەپەندى تولغىما قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كونسېرۋاتىپلار ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ بۇ ئىشقا كاشىلا سېلىشنى توسۇپ قالدى. 1928- يىلى مىسىر ئۆزىنىڭ تۇنجى قىز سىتودىنتلىرىنى كۆردى. مېدىتسىنا ئىنستىتۇتىغا قىزلاردىن تۇنجى تۈركۈم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى. ئىلگىرى مىسىر ئاياللىرى ئاغرىپ ئۆلۈشكە رازى ئىدىكى، ھەرگىز ئەر دوختۇرلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ كېسىلىنى كۆرسەتمەيتتى. ئەمدى ئايال دوختۇرلار مەخسۇس ئاياللارنىڭ كېسىلىنى كۆرىدىغان بولدى. شۇنىڭدىن باشلاپ مىسىردىكى تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى كۈنسايىن كۆپەيدى. ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق ئايرىم ئىنستىتۇت ۋە مەكتەپلەرمۇ قىز ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى. بۇ تارىختىن بۇيانقى ئىسلام ئەنئەنىچى كۈچلىرىنىڭ قورغىنى بولغان ئەزھەرگە ئوخشاش مۇشۇنداق ئىلاھىي جايدا ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، كېيىنچە بارا-بارا شەرق مۇسۇلمانلىرىنىڭ سىياسىي مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا يېڭى قان بولۇپ كىردى.
     1923    - يىلى تۈركىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى غەلىبە قىلدى. بۇنىڭ رەھبىرى غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك (1881 — 1938) ئىدى. ياش تۈركلەر پارتىيىسى ھاكىمىيەت ئۈستىدە تۇرغان مەزگىلدە قىلىش پىلانغا ئېلىنغان، ئەمما ئۇرۇش تۈپەيلىدىن قىلىنماي قالغان ئىسلام شەرىئىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئۇنىڭ ئورنىغا دىندىن خالىي سوتنى دەسسىتىش، بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، ئاياللارنىڭ تېببىي مەكتەپ ۋە سەنئەت مەكتەپلىرىگە كىرىپ ئوقۇشىغا ۋە ئاياللار ئازادلىقىغا ئائىت كىتابلارنى نەشر قىلىشقا رۇخسەت قىلىش، پەننىي مەكتەپ ئېچىش قاتارلىق ئىشلار مۇستاپا كامال دەۋرىدە ئىشقا ئاشتى. مۇستاپا كامال سۇلتانلىق ۋە خەلىپىلىكنى ئەمەلدىن قالدۇردى. ئارقىدىنلا ئەدلىيە ۋە مائارىپنى دىندىن ئايرىۋېتىشكە قارىتا قەتئىي چارە قوللاندى. دىن ۋە ۋەخپە ئىشلىرى ۋازارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، مەدرىسىلەرنى پېچەتلىدى. شەرىئەت ۋە «شەرئى مەھكىمە»لەرنى، كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش تۈزۈمى، شۇنداقلا تالاق تۈزۈمىنى بىكار قىلدى. ئۇ تۈركىيە جەمئىيىتىدە ساقلىنىۋاتقان نادانلىق، خۇراپاتلىق، شۇنداقلا تالاق تۈزۈمىنى بىكار قىلدى. ئۇ تۈركىيە جەمئىيىتىدە ساقلىنىۋاتقان نادانلىق، خۇراپاتلىق، ئاياللارنى كەمسىتىش قاتارلىق ئىللەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، مىللەتنى تەرەققىياتقا باشلاش ئۈچۈن، جەمئىيەتنىڭ مۇھىم ئەزالىرىدىن بولغان ئاياللارنى ئاۋۋال نادانلىقنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپ، ئۇلارغا ھوقۇق بېرىش، ئۇلارنى ئۇيغىتىش، ئۇلارنى تەربىيىلەش ۋە ئۇلارغا ھۆرمەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇ: «ئەگەر دۆلەتتە نادانلىق ھۆكۈم سۈرسە، ئالدى بىلەن ئوخشاشمىغان دەرىجىدە ئەر-ئاياللار ئارىسىدا ئەۋج ئالىدۇ. ئاياللىرىمىز ئەرلىرىمىزگە قارىغاندا بەكرەك ئويغىتىلىشى، تېخىمۇ مەدەنىي بولۇشى، تېخىمۇ ياخشى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىنىشى كېرەك. ناۋادا ئاياللار بىز بىلەن تەڭ ياشاپ دۆلەتنىڭ ئىلىم-پەن ۋە سەنئەت ئىشلىرىغا قاتنىشالىسا ھەم ئۆزى قاتنىشىۋاتقان پائالىيەتلەر ئىچىدىن ئۆزى رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئەخلاق ئۆلچىمىنى تاپالىسا، ئۇنداقتا مۇتلەق تەرىقەتچىلىك يولىغا ماڭغانلارمۇ ئۇلارنى ھۆرمەتلەيدۇ»، «ئەگەر بىر جەمئىيەت ئۆزىنىڭ كۆزلىگەن نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئەر-ئاياللىرىنى ئورتاق ئاتلاندۇرمىسا، بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ. ئىلمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئېرىشىشى ھەمدە مەدەنىي بولۇشى مۇمكىن ئەمەس»، «چوقۇم ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، بىز يەر شارىدا كۆرگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاياللارنىڭ ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن مەھسۇلاتى. ناۋادا بىر دۆلەت پەقەت بىرلا جىنىسنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ھازىرقى زامان مەدەنىيلىك دەرىجىسىگە يەتمەكچى بولىدىكەن، بۇ ھالدا ئۇ زور دەرىجىدە ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ»، «ئانىلىق بۇرچى ئاياللارنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتى. بىر ئانىنىڭ قورسىقى بىر ئادەمنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تەربىيە سورۇنى ئىكەنلىكى ئەسكە ئېلىنغاندا، يۇقىرىقى مەسئۇلىيەتنىڭ مۇھىملىقىغا ئاپىرىن ئوقۇماي بولمايدۇ» دەپ قارىدى.
      مۇستاپا كامال ئائىلىۋى تۇرمۇشقا ۋە ئۇنى تەشكىل قىلغۇچى ئەر-ئاياللارنىڭ مەجبۇرىيەت-ھۇقۇقلىرىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بەردى. ئۇ «ئائىلىۋى تۇرمۇش مەدەنىي بولۇشنىڭ ئاساسى، تەرەققىيپەرۋەرلىك بىلەن ھوقۇقنىڭ ئۇلى. ناچار ئائىلىۋى تۇرمۇش چوقۇم ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىكى زەئىپلىككە ئېلىپ بارىدۇ. ئائىلىنى تەشكىل قىلىدىغان ئەر-ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ تەبىئىي ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ، ئائىلىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى كېرەك» دەپ ھېسابلىدى. 1925- يىلى «ئائىلە قانۇنى» ماقۇللىنىپ، مەملىكەت بويىچە ئاياللار ئازادلىقى تەكىتلەندى ۋە كۆپ خوتۇنلۇق، تالاق شۇنىڭدەك خوتۇن-قىزلارنىڭ ئەركىنىلىكىنى بوغىدىغان، غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىدىغان كونا ئەمرىمەرۇپلار بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. مۇستاپا كامال ئاياللارنىڭ چۈمبەل ئارتىشىنى ياقىلىمايتتى. ئەكسىچە، ئۇنداق قىلىشنى مەدەنىي دۆلەتتىكى ئانىلار ۋە قىزلارنىڭ غەلىتە، ياۋايى قىلىقلىرى دەپ قارايتتى. ئەمما، بۇ داڭلىق ئىسلاھاتچى تۈركىيە جەمئىيىتىدىكى ئەنئەنىۋى شەرىئەتچىلەرنىڭ قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىشى ھەم ئاۋام خەلقنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بۇ ئەنئەنىدىن چەك ئايرىماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، دەسلىپىدە قولىدا «ئامانلىق ساقلاش قانۇنى» ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىدىغان «مۇستەقىل سوت»تەك كۈچلۈك قورال تۇرغان ئەھۋال ئاسىتىدىمۇ، مەخسۇس قانۇن چىقىرىپ چۈمبەل ئارتماسلىقنى قاتتىق تەكىتلىيەلمىدى. ئاياللارنىڭ مەستۇرە بولماسلىقى ھەققىدىكى ئىسلاھات چوڭ شەھەرلەردىكى بىلىملىك ئادەملەر تەرىپىدىن تېز قوبۇل قىلىندى، ئەمما يېزا قىشلاقلاردا بولسا، ئۇنىڭ قوبۇل قىلىنىشى بەك ئاستا بولدى. كېيىن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كۆتۈرۈلگەن غەربلەشتۈرۈش شامىلىدا ئاياللارنىڭ چۈمبەل ئارتماسلىقى زورلۇق ۋاسىتىسى بىلەن قاتتىق تۈزۈم قىلىپ بېكىتىلدى. مۇستاپا كامالنىڭ ئىسلام دىنىنى «تۈركىيىنىڭ دۆلەت دىنى»لىك ئورنىدىن چىقىرىپ تاشلىشى ئارقىسىدا بارلىققا كەلگەن غەربچە كىيىنىش، ياسىنىش، دورامچىلىق شامىلىدا زىيالىيلار غەربلەشتى، ئەمما كەڭ خەلق ئاممىسى يەنىلا ئىسلامىيەت ئەنئەنىسىدە قېلىۋەردى. گەرچە تۈركىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى ۋە ئۇ ئېلىپ بارغان ئىسلاھات پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسى بويىچە بىرقەدەر مۇۋەپپەقىيەتلىك  ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھات دېيىلسىمۇ، ئەمما غەرب دۇنياسىنىڭ ئەندىزىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلغانلىقى، ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس دەستۇرى بولغان ئۇلۇغ «قۇرئان كەرىم» بىلەن كېلىشەلمەيدىغان جايلىرىنىڭ بولغانلىقى سەۋەبلىك، ئۇ پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىدا يېرىم ئابرۇيغا ئىگە ئىدى. ئۇنىڭ يولباشچىسى مۇستاپا كامال بولسا خۇددى مۇھەممەد رەشىد رىزا ھەزرەتلىرىنىڭ ئېيتقىنىدەك، «بىر ئۇلۇغ ئادەمنىڭ بەختسىز بولۇپ قالغىنى ئۇنىڭ ئىسلام دىنى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىنىڭ بەك ئازلىقىدا. ناۋادا ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ چىن مەنالىرىنى ئوبدان بىلگەن بولسا ئىدى، ئۇنداقتا خەلققە كېرەكلىك، خەلق سۆيىدىغان ئادەمگە ئايلانغا بولاتتى».
      مۇستاپا كامالنىڭ ئىسلاھاتى دىندىن خالىيلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى گەرچە تۈزۈم جەھەتتىن ھەل قىلغان بولسىمۇ، ئالتە يۈز يىلدىن بۇيان كىشىلەرنىڭ ئىدىيە قارىشى، قىممەت قارىشى ۋە تۇرمۇش شەكلىگە ئايلانغان ئىسلام ئەنئەنىسىنى ئۆزگەرتەلمىدى. تۈركىيىدىكى باي-كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈشنىڭ تېزلشىشى، غەرپچە تۇرمۇش شەكلى ۋە قىممەت قارىشىنىڭ ئەۋج ئېلىشى، ئىجتىمائىي چىرىكلىشىشنىڭ كۈچىيىشى، جىنايەت (مۇقەددەس دىنىي قانۇنغا قارشى جىنايەت ۋە دىندىن خالىيلاشتۇرۇلغان ئۆرپ-ئادەت ھاكىمىيىتىنىڭ قانۇنىغا قارشى جىنايەت) ئۆتكۈزۈش سالمىقىنىڭ ئېشىشىغا ئوخشاش بىر قاتار ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئالدىدا كىشىلەر بارغانسېرى غەربلىشىش يولى تۈركىيىگە ماس كېلەمدۇ-يوق، زامانىۋىلىشىشتا ئىسلام دىنىنى قۇربان قىلىش كېرەكمۇ-يوق، ئىسلام دىنى زامانىۋىلىشىش تەرەققىياتىغا ماسلىشالامدۇ-ماسلىشالمامدۇ؟ دېگەن مەسىلىلەر ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلىدى. نەتىجىدە مەھمۇد ياشارنىڭ ئېيتقىنىدەك، تۈركىيىنىڭ ئەھۋالى «كاپىتالىستىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى تەرىپىدىن بۇزۇۋېتىلگەن كۈندىن باشلاپ، دىن تۆۋەن قاتلامدىكىلەرنىڭ ئادىل ئىجتىمائىي تەرتىپ ئىزدەشتەك ئىلغار تۇيغۇسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلۈك ئىپادىسىنى تاپتى». 1946- يىلىغا كەلگەندە مۇستاپا كامالچىلارنىڭ زورلۇق بىلەن كۈچەپ يولغا قويغان غەربلەشتۈرۈش سىياسىتىگە قارىتا تۆۋەن تەبىقىدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ نارازىلىقى كۈچىيىپ كەتكەنلىكتىن، شۇ ۋاقىتتىكى ھاكىمىيەت ئۈستىدە تۇرغان پارتىيە خەلقنىڭ بېسىمى ئاستىدا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە دىنىي دەرسلىكلەرنىڭ ئۆتۈلۈشىگە يول قويدى ھەم ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا دىنىي فاكۇلتېت تەسىس قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئىمام ۋە خاتىپ تەربىيىلەيدىغان مەكتەپلەرمۇ قۇرۇلدى. 1950- يىلى ئەرەب تىلىدا ناماز ئوقۇشقا رۇخسەت قىلىندى. ئۇلاپلا ھاكىمىيەت ئورگانلىرىدا «دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى مۇستاپا كامال ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئىنقىلابقا باغلاپ قويۇش توغرا ئەمەس، دۆلەتنى چوقۇم ئىسلام دىنىغا تايىنىپ قۇتۇلدۇرۇش كېرەك» دەيدىغانلار چىقتى. 1970- يىللاردىن بۇيان ئىسلام دۇنياسىدا ئىسلام ھەرىكىتى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندى. ئىران ئىسلام ئىنقىلابىدىن كېيىن تۈركىيىلىكلەرنىڭ دىنىي تۇيغۇسى روشەن دەرىجىدە كۈچەيدى. تۈركىيىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى مىسىر زۇلھۇم كىتابخانىسىدا ھۆمەينىنىڭ ئەسەرلىرى كۆپ مىقداردا سېتىلدى. 1982- يىلى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇندا «دىنىي دەرس چوقۇم مەكتەپلەرنىڭ مەجبۇرىي ئوقۇيدىغان دەرسى بولۇشى كېرەك» دەپ ئوچۇق بەلگىلەندى. 1983- يىلىدىن باشلاپ ئەرباقان رەھبەرلىكىدىكى گۈللىنىش پارتىيىسى «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس شەرىف» — ئىسلام قائىدىسى بويىچە دۆلەت باشقۇرۇشنى، ئىسلام ئەللىرى بىلەن بىرلىشىپ ئامېرىكا ۋە غەربكە تاقابىل تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى. 1987- يىلى ئەنقەرە، ئىستانبۇل قاتارلىق شەھەرلەردىكى قىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بېشىغا ياغلىق ئارتىپ دەرسخانىغا كىرىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزگەندە ئۇلارنى ئىران پارلامېنتى قوللىدى. تۈركىيىدە يۈز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى مۇسۇلمانلار ئىسلام دىنىنى غەرب تاجاۋۇزچىلىرى بىلەن غەرب كۆز قاراشلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى تۇرۇشتا قورال قىلغان ئىدى. مۇستاپا كامال ئىسلاھاتىدىن كېيىن دىنغا بولغان ئېتىبارسىز سىياسەت بۇ دۆلەتنى غەربكە يېقىنلاشتۇرغان، تۈركىيە ئۆزىمۇ ئۆزىنى غەرب دۇنياسىنىڭ بىر قىسمى، دېگەن بولسىمۇ، ئەمما غەربتىن ئۆگىنىپ كۈچىيىپ بېرىۋاتقان بۇ دۆلەتنى نۇرغۇن غەربلىكلەر ئۆگەيلەپ ئارىغا ئالمىدى. ھازىر تۈركىيە سىياسىتىنى ئەرەب ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا ھەم دىننى ئۆزلىرىگە روھىي تەسەللى قىلىش تەرىپىگە يۈزلەندۈرمەكتە.
1926- يىلى ئىران شاھى رىزاخان تەرەققىياتنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىنىڭ نادانلىق، خۇراپاتلىق، قالاقلىق، قاتماللىق ۋە كوناپەرەسلىك بىلەن ئاياللارنى كەمسىتىش ئىكەنلىكىنى بايقىدى. رىزاخان بىلەن مۇستاپا كامالنىڭ ئوخشاشلىقى كۆپ ئىدى. ئۇ 1934- يىلى مۇستاپا كامال بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ ئەنقەرەنى زىيارەت قىلدى. بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن چۈمبەلنى ئەمەلدىن قالدۇردى. شۇ يىلى مەلىكە شەمسە پەھلىۋى تۇنجى ئاياللار كۇلۇبى قۇرۇپ قىزلاردىن ئىزچىلار تەشكىللىدى. قىزلارنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇشى، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىدا خىزمەت قىلىشى تۈزۈملەشتۈرۈلدى. قىزلار ۋە قىز-ئوغۇللار ئارىلاش ئوقۇيدىغان مەكتەپلەر بارلىققا كەلدى. ئەمما، ئاياللارغا سايلاش-سايلىنىش ھوقۇقى بېرىلمىدى. يېڭى نىكاھ قانۇنى ماقۇللىنىپ قىزلارنىڭ نىكاھ يېشىنىڭ تۆۋەن چېكى ئون بەش ياش قىلىپ بېكىتىلدى. نىكاھتىن بۇرۇنقى سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ۋە نىكاھتىن ئاجرىشىشقا ئوخشاش يانداشما تۈزۈملەرمۇ ئورنىتىلدى. رىزاخان موللا-ئىشانلارنىڭ دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي تۇرمۇشىدىكى ئىمتىيازلىرىغا چەك قويۇپ، موللىلارنىڭ شەرىئەتتە دەۋا سورىشىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، مائارىپقا ئارىلىشىشى چەكلەندى. 1941- يىلى رىزاخاننىڭ چوڭ ئوغلى مۇھەممەد رىزا پەھلىۋى ئاتىسىنىڭ ئورنىغا تەخت ۋارىسى قىلىپ بەلگىلەندى. ئۇ تەختتە ئولتۇرغان 37 يىل داۋامىدا ئاتىسىنىڭ ئىزىدىن ماڭدى ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئاشۇرۇۋەتتى. 1970- يىللاردىن باشلاپ ئىراندىكى دىنىي كۈچلەر ۋە سىياسىي پارتىيىلەر ئۇنىڭ غەربلىشىش سىياسىتىگە قارشى كۈرەش قىلىپ ئاخىر 1979- يىلى ئۇنى ئاغدۇرۇۋەتتى. ئاياتۇللاھ روھۇللاھ ھۇمەينى تەختكە چىقتى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت ئۆزىنىڭ ئاۋۋالقى ئىزىغا قايتتى.
       ئافغانىستان شەرىئەتنى ئاساس قىلغان ئىسلام دۆلىتى بولۇپ، ئۇنىڭ قانۇنىغا كۆرە، ئاياللار ئېرى ئۆلسە ئۆزىنىڭ رازى بولۇش-بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر ئېرىنىڭ توغقانلىرىنىڭ بىرىگە مەجبۇرى ھالدا خوتۇنلۇققا بېرىلەتتى. بۇ ئۇلارنىڭ تارىخى ئۇزاق بولغان ئادىتى ئىدى. كابۇل ئەمىرى ئابدۇرەھمانخان (1944-1901) زامانىسىدا بۇ ئادەت ئۆزگەرتىلدى ۋە يېڭى قانۇن ماقۇللىنىپ، ئاياللارنىڭ كىمگە تېگىش-تەگمەسلىكى ئۇلارنىڭ ئىختىيارلىقىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى. ئۇ مائارىپ ۋە سەھىيە ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىپ فېئودال كۈچلەر بىلەن خۇراپىي موللا، ئىشانلارنىڭ ھوقۇق-ئىمتىيازلىرىنى چەكلىدى. ھەبىبۇللاخان زامانىسىدا ئىش ئۇنىڭ ئەكسىچە بولدى. 1919- يىلى ئامانۇللاخان تەختكە چىققاندىن كېيىن  1924- يىلى تۈركىيىلىك مەسلىھەتچىلەرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يېڭى «مەمۇرىي ئىشلار قانۇنى»نى يولغا قويدى. ئەمما، نادان-قالاق، خۇراپىي، مۇتەئەسسىپ موللىلار تەرىپىدىن رەت قىلىندى.1927- يىلى ئامانۇللاخان خۇتۇنى سۈرەييە بىلەن بىللە ھىندىستان، مىسىر، ئىتالىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئاپتوموبىل بىلەن زىيارەت قىلدى. ئۇ يەتتە ئاي داۋاملاشقان بۇ خەلقئارالىق سەپىرىدە تەرەققىي قىلغان ياۋروپا ئەللىرىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىكى ئۆزگىرىشلەردىن ھاڭ-تاڭ قالدى. خانىش سۈرەييە ئىلگىرى سۈرىيىدە ئىلىم تەھسىل قىلغان ئالىي مەلۇماتلىق ئايال بولۇپ، ئافغانىستان ئاياللىرىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كۆپ خىزمەت كۆرسەتكەن ئايال داھىي ئىدى. ئامانۇللاخان 1928- يىلى سىۋاستىپولدا قۇرۇقلۇققا چىقتى ۋە تۈركىيە ھەربىي پاراخوت، ئايروپىلانلىرىنىڭ ھىمايىسىدە ئىستانبولغا كەلدى. ئۇ ھەيدەر پاشادا تۈركىيە ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنىڭ، شۇنداقلا تۈركىيە ھەربىي ئىنستىتۇتىدا ئۇقۇۋاتقان ئافغانىستانلىق ياش ئوفېتسىرلارنىڭ پاراتىنى قوبۇل قىلدى. ئەنقەرەگە كەلگەندە غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ئالدىغا چىقىپ قارشى ئالدى ۋە ئامانۇللاخاننىڭ تەرەققىياتقا يۈزلەنگەن بۇ غەلىبىلىرىگە تەنتەنە قىلدى. لېكىن، ئامانۇللاخاننىڭ ياۋروپا، مىسىر، تۈركىيە، ئىران قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلىشى ۋە خۇتۇنى سۈرەييەنىڭ بېشىغا ياغلىق ئارتمىغان ھالدىكى كۆرۈنۈشلىرى ئافغانىستان موللىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئامانۇللاخان ئافغانىستانغا قايتىپ كېلىپ ئۇدا 15 كۈن نۇتۇق سۆزلىدى. سۈرەييە بېشىغا ياغلىق ئارتماي جامائەت سورۇنلىرىغا چىقتى، زىياپەتلەرگە قاتناشتى. ئامانۇللاخان دۆلىتىگە قايتقان چېغىدا موللىلار ئۇنى سوراق قىلىشنىڭ تەييارلىقىنى پۈتكۈزۈپ بولغان ئىدى. ئۇلار خانىش، خېنىملارنىڭ ئاۋام ئارىسىدا ياغلىق ئارتماي ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. 1928- يىلى ئامانۇللاخان دىنىي كۈچلەر تەرىپىدىن كېلىۋاتقان قارشىلىقلارغا پىسەنت قىلماي پارلامېنت تەشكىللەپ، كۆپ خوتۇنلۇققا چەك قويدى. ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ئىچىدىن ئىككى خوتۇنلۇق بولغانلىرى سېزىلسە خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگۈزۈپ بوشىتىۋېتىلدى. گەرچە پارلامېنت قىزلار 18 ياشتا، ئوغۇللار 22 ياشتا نىكاھلىنىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ، دېگەن قانۇن تەكلىپ لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ماقۇللانماي بىردەك قارشىلىققا ئۇچرىدى. ئامانۇللاخان مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش جەھەتتە يېڭى پەننىي مەكتەپلەرنى ئېچىش، زامانىۋى بىلىملەرنى ئوقۇتۇش، ئوقۇش پۇلى ئەرزان بولۇش، كەمبەغەللەرنىڭ بالىلىرىدىن ئوقۇش پولى ئالماسلىق قاتارلىق سىياسەتلەرنى بەلگىلىدى. خۇتۇنى سۈرەييە سەككىز يۈز نەپەر قىز ئوقۇغۇچى ئوقۇيدىغان قىزلار مەكتىپى قۇردى. ئەمما، ياۋروپانىڭ «ئۇسۇلى جەدىد»لىرى بويىچە قىزلارنى تەربىيىلەش دېگەن سۆز دەرھال قارشىلىققا ئۇچرىدى. موللىلار ئامانۇللاخاننىڭ چۈمبەلنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، خوتۇن-قىزلارنى ياۋروپانىڭ ئۇسۇلى بويىچ ئوقۇتۇش دېگەن سىياسىتىنى رەت قىلدى. ئەكسىچە ئۇنى «كاپىر» ۋە «دەھر»لىكتە ئەيبلەپ تەنقىد ئاستىغا ئالدى. 1929- يىلى ئامانۇللاخان ئامالسىزلىقتىن بايانات ئېلان قىلىپ ئىسلاھاتتىن ۋاز كەچتى ۋە ئافغانىستاندا تۇرالماي ياۋروپاغا كەتتى.
      1953   - يىلى 9- ئايدا مۇھەممەد داۋۇدخان سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ئافغانىستاغا باش ۋەزىر بولدى. ئۇ تەختكە چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا «ئىسلام ئۇلەمالىرى جەمئىيىتى»نىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش مەقسىتىدە شۇ چاغدا قوللىنىپ كېلىۋاتقان ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا دىنىي ئالىملاردىن تاللاپ ئادەم قويۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، كابۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىسلام فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ خادىملىرىنى تولۇقلىدى. ئۇنىڭ دىنىي ئىسلاھاتى ئاياللارنى ئازاد قىلىش، ئاياللارنى ئۆيدىن تالاغا چىقىپ، كەسپىي تەلىم-تەربىيە ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ھەرخىل ئىجتىمائىي خىزمەتلەرگە قاتناشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى. ھۆكۈمەتنىڭ تەشەببۇسى ۋە رىغبىتى ئاستىدا بىر تۈركۈم يېڭى زامانچە كىيىم كىيگەن مۇسۇلمان قىزلار ئايروپىلان ۋە تېلېفۇنخانىلاردا پەيدا بولدى. 1958- يىلى 8- ئاينىڭ 25- كۈن دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە خوتۇن-قىزلار چۈمبەللىرىنى ئېلىۋېتىپ، تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى. ئەمما بۇ ئىش دىنىي ساھەدىكىلەرنىڭ قاتتىق قارشىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بىراق، قارشىلىق داۋۇدخان تەرىپىدىن باستۇرۇلدى. قارشىلىق باستۇرۇشتىنمۇ قاتتىق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن 1963- يىلى داۋۇدخان خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ چەتئەلگە قاچتى. 1973- يىلى، يەنى 10 يىلدىن كېيىن داۋۇدخان سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، پادىشاھلىق تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇۋېتىپ جۇمھۇرىيەت قۇرغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇ تەختكە چىقىپلا ئىسلامنى گۈللەندۈرۈش نامى بىلەن ھوقۇق تۇتتى، ئەمما غەربلىشىشنى بىر كۈنمۇ توختاتمىدى. 1978- يىلى مۇھەممەت تەلئەت سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، دۆلەت نامىنى ئافغانىستان دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتىدى. داۋۇدخان بۇ سىياسىي ئۆزگىرىشتىكى ساراي ئېتىشۋازلىقىدا ئوق يەپ ئۆلدى.
      1927   - يىلى تۈركىيە، 1956- يىلى تۇنىس ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىپ كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنى چەكلىگەندىن سىرت، سۈرىيە، مىسىر، ماراكەش، ئىراق، پاكىستان، ئىران قاتارلىق ئىسلام ئەللىرىدە 1950- يىللاردىن بۇيان ئېلان قىلىنغان قانۇنلاردا بىر خوتۇنلۇق بولۇشنى تەشەببۇس قىلىش، كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشقا چەك قويۇش، شارائىتى بارلىرىنىڭ كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشىغا رۇخسەت قىلىش بەلگىلەندى. ئىراننىڭ سابىق رەئىس جۇمھۇرى راپسان جانى 1989- يىلى تېھراندا ئېچىلغان دۇنيا ئاياللىرى قۇرۇلتىيىدا «كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش مەسىلىسىنى قانۇن ئارقىلىق قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ ھېچبىر زۆرۈرىيىتىي يۇق. شەرىئەت ۋە قەدىمكى كلاسسىك ئەسەرلەردە ئۇنىڭغا قارىتا ئېنىق بەلگىلىمە بار. ئادەتتىكى ئەھۋالدا ھېچكىم كۆپ خوتۇن ساقلاشنى خالىمايدۇ. گەرچە ئۇ قانۇندا يول قويۇلغان ئىش بولسىمۇ، بىز نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتە كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنى تەشەببۇس قىلمايمىز ھەم خالىمايمىز» دېدى. دەرۋەقە ئىسلامىيەتتىكى ئاياللار مەسىلىسى ۋە ئۇنىڭ مۇھىم بىر شاخچىسى بولغان كۆپ خوتۇنلۇق ھادىسىسى يالغۇز ئىسلامىيەتنىڭلا مەسىلىسى بولۇپ قالماستىن، ئادەمزات دۇنياسى ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان قەدىمكى ئادەت ئىدى. ئىبرايلارنىڭ ئەجدادى بولغان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى خوتۇنى بولغان، ياقۇپ ئەلەيھىسسالام ئىككى خوتۇن ساقلىغان، داۋۇد ئەلەيھىسسالام ۋە سۇلايمان ئەلەيھىسسالاملارنىڭمۇ نۇرغۇن خوتۇنلىرى بولغان. نەقىل كەلتۈرۈلۈشىچە، كاتولىك دىنى كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنى چەكلىمەيدۇ، ئىنكارمۇ قىلمايدۇ. ئۇلار 17- ئەسىرگە كەلگەندە ئاندىن كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشقا چەك قويۇشقا باشلىدى. ئىسلام دىنى كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنى تەشەببۇس قىلمايدۇ، بەلكى ئالدىنقى شەرت ئاستىدا كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشقا يول قويىدۇ. خوتۇنلارنىڭ سانىنى تۆت ئىچىدە كونترول قىلىدۇ ھەم ئۇلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. قەيتلەرگە كۆرە، ئىسلام دىنى ئەمدىلا مەيدانغا كەلگەن چاغدا بەزى ئەرەبلەرنىڭ خوتۇنلىرى ئونغا يەتكەن بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنى تۆتكە ئازايتقان. ئىسلام دىنى كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان تۇنجى دىن ئەمەس، بەلكى كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ ئۇنى ئىنسانلار قوبۇل قىلالىغۇدەك دەرىجىدە قېلىپلاشتۇرغان تۇنجى دىن. كۆپ خوتۇنلۇق مەسىلىسى «قۇرئان كەرىم»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولغاچقا، فىقھى ئالىملىرى «قۇرئان كەرىم» تەلىماتىدا قەتئىي چىڭ تۇرىدۇ. ئۇنى چەكلەش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدە بىۋاسىتە، ئاشكارا ھېچنېمە دېمەيدۇ. پەقەت جەمئىيەتشۇناسلار بىلەن پسىخولوگىيە ئالىملىرىلا ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ياكى تەكشۈرگەن ئەھۋاللىرى بويىچە كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش بىلەن كۆپ خوتۇنلارنى بېقىپ تەربىيىلەشنىڭ ئىنسانلارغا ئەپكىېلىدىغان ئاقىۋىتى، زىيىنى ۋە خەتىرى ئۈستىدە پىكىر قىلىشىدۇ. شۇڭلاشقا، كۆپ خوتۇنلۇق ھادىسىسى يۇقىرىقى سەۋەبلەرگە يەنە غەربكە ئېچىۋەتكەنلىك سەۋەبىنىمۇ قوشۇپ، زىيالىيلار ۋە ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمايدۇ. 19- ئەسىردىن باشلانغان ئىسلام گۈللىنىش ھەرىكىتىدىن بۇيان بەزى ئالىملار، يازغۇچىلار ۋە ئاياللار ھەرىكىتى داھىيلىرى كۆپ خوتۇنلۇققا چەك قويۇشنى، چەكلەشنى مۇراجىئەت قىلدى. دىنىي زاتلاردىن خېلى كۆپ ساندىكىلەرمۇ بۇ مەسىلىنى تەرەققىيپەرۋەرلىك بىلەن زامانغا لايىق شەرھلىدى. ئەمما، ئەنئەنىچى مۇسۇلمان ئالىملىرى «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس شەرىف»لەردىن كۆپ خوتۇنلۇققا يول قويۇلۇش ھەققىدە سەۋەب ۋە ئاساسلارنى تېپىپ چىقىپ كۆرسەتمەكتە.
      1979 - يىلى ماقۇللانغان مىسىرنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلىرىدە ئەرلەر ئىككى-ئۈچ، ياكى تۆت خوتۇن ئالسا، بىرىنچى خوتۇنىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يېتىدۇ، شۇڭلاشقا بىرىنچى خوتۇن نىكاھتىن ئاجرىشىشىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ئەرلەرنىڭ قوشۇلۇش-قوشۇلماسلىقىدىن قەتئىينەزەر قازى بىرىنچى خوتۇنىنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش تەلىپىنى تەستىقلىشى كېرەك، دەپ بېكىتىلدى. ئەمما، بۇ قانۇن ئەنئەنىچى دىنىي ئالىملارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ قاتتىق بېسىمى ئاستىدا پارلامېنت 1984- يىلى ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزدى. بۇ پۈتكۈل ئەرەب ئىسلام جەمئىيىتىدە ئومۇميۈزلۈك ئىش بولۇپ، ھەرقايسى ئەللەرنىڭ قانۇن تۈزۈش تارماقلىرى ھەرقانچە كۈچىگەن بىلەنمۇ بۇ چەكلەنگەن رايونغا كىرەلمىدى. ئەكسىچە كىرگەنلىرى ۋە كىرىشكە ئۇرۇنغانلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ئىسلاھات-مۇۋەپپەقىيەت، ئىسلاھات-مەغلۇبىيەت، يەنە ئىسلاھات يەنە مۇۋەپپەقىيەت، يەنە ئىسلاھات يەنە مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى.

4
   ئىسلام دىنى ئاياللارنىڭ ئاساسىي مەسئۇلىيىتى ۋە ھەممىدىن مۇھىم مەجبۇرىيىتى ئائىلىدە بولۇشى لازىم. پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەش ئاللانىڭ ئاياللارغا ئاتا قىلغان ئالىي، مۇقەددەس ۋەزىپىسى؛ ئۇلار ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىنى يارىتىدۇ. مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرنى يېتەكلەيدۇ؛ بۇ شەرەپلىك، مۇقەددەس ۋەزىپىنى ھېچكىم ئۇلارغا ۋاكالىتەن ئۆتەپ قويالمايدۇ. ئەمما، بۇ ئاياللارنى ئائىلىگە بەند قىلىپ قويۇشتىن دېرەك بەرمەيدۇ؛ ئۇلار ئائىلىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن بوش ۋاقىتلىرىدا ياكى ئىقتىدارى يار بەرگەن ئەھۋالدا ئەرلىرىنىڭ رۇخسىتى بىلەن جەمئىيەتكە چىقىپ خىزمەت قىلسا بولىدۇ، ئەرلەر قىلغانلىكى ئىشنى ئاياللار قىلالايدۇ، بەلكى ئەرلەر قىلالمىغان ئىشلارنىمۇ ئاياللار قىلالايدۇ، دېيىش ئاڭلىماققا ناھايىتى دانادەك تۇرسىمۇ، ئەمما تازا مۇكەممەل پىكىر ھېسابلانمايدۇ؛ ئاياللار چوقۇم فىزىئولوگىيىلىك ۋە پسىخولوگىيىلىك شارائىت بىلەن ھېسابلىشىش لازىم؛ ئاياللار ئەرلەر بىلەن ئارىلىشىپ ئىشلىگەندە ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلىشى، شەرمى ھايانى بۇزۇپ، ناشايان ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك، دەپ قارايدۇ.
    ئاياللارنىڭ خىزمەت قىلىش مەسىلىسىدە مۇسۇلمان ئالىملىرى ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىنى بۇزىدىغان ياكى قاتتىق كۈچ ۋە ئىرادە تەلەپ قىلىدىغان خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانماسلىقى، مەسىلەن، ئارمىيە، ساقچى، ئەدلىيە قاتارلىق ساھەلەردە خىزمەت قىلماسلىقى كېرەك. ئاياللار نازۇك ۋە تەۋازۇ كېلىدۇ. ئۇلار بۇ ئىشلارنى قىلسا روھىي يۈكى ۋە بېسىمى ئارتىپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ رەئىس جۇمھۇر ۋە ئەدلىيە ھوقۇقىدەك ئىشلارنى قىلماسلىق كېرەك، بۇنداق ئىشلار ئۇلارنىڭ قىلىشىغا باب كەلمەيدۇ، دېيىشىدۇ. ھەدىستە دېيىلىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىرانلىقلارنىڭ ئۆزلىرىگە كىسرانىڭ قىزىنى پادىشاھ قىلىۋالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغاندا: «ئايال كىشىنى ئۆزلىرىگە ھۆكۈمران قىلغان خەلق مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ» دېگەن. بەزى مۇسۇلمان ئالىملىرى جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئاياللارنىڭ خىزمەتكە قاتنىشىش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بىرقانچە ئەسرنىڭ ئالدىدا ئاياللار ئائىلىدە گىلەم توقۇش، كەشتە ئىشلەش قاتارلىق ئىشلارنى قىلاتتى. ھازىر ئىسلام دۇنياسى سانائەت تەرەققىياتىغا ھەم تەبىئىي بايلىقلارنى ئېچىش يۆنىلىشىگە قاراپ ماڭدى. بۇنىڭغا زور تۈركۈمدىكى ئىقتىدارلىق تالانتلىقلار كېرەك. ئاياللارنى تەربىيىلەش، ئوقۇتۇش لازىم، ئۇلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. شارائىتى بار بەزى ئاياللار ئائىلىدىن چىقىپ جەمئىيەتكە يۈزلەنسە، تېخىمۇ كۆپ ياش قىزلار ئالىي مەكتەپلەرگە كىرسە، مەدەنىيەت سەۋىيىسى ۋە ئاڭ سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ ئاياللار سايلاش-سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە بولسا، مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن، سىياسىي ساھەلەردە ھەرخىل ۋەزىپىلەررنى ئۈستىگە ئالالايدۇ. ئەمما، ئاياللار قانداق قىلىپ ھەم ئائىلىدىكى، ھەم جەمئىيەتتىكى ۋەزىپىلىرىنى تەڭ ئادا قىلالايدۇ؟ بۇ مەسىلىدە ئالىملار يەنىلا ئەنئەنىۋى قاراشنى ئاساس قىلىدۇ.
    ئالىملار ئاياللارنىڭ مائارىپتا تەربىيىلىنىشىنىڭ مۇھىملىقىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ. ئەمما، ئاياللارنىڭ مائارىپ سەۋىيىسى، مەدەنىيەت سەۋىيىسى بىلەن خىزمەتكە قاتنىشىش، ۋەزىپە ئۆتەش ئوتتۇرىسىغا تەڭلىك بەلگىسى قويۇشقا بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. چۈنكى، ئاياللار تەربىيىسىنىڭ  ئاساسلىق نىشانى ئۆز ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، بالىلىرىنى تەربىيىلەشتە: ئاياللارنىڭ خىزمەت قىلىشى ئائىلە ۋە جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتىدۇ. بەزى ئاياللار دەسلىپىدە جەمئىيەتكە چىققاندا جان بېقىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. لېكىن، توي قىلغاندىن كېيىن ئەرلىرى ناھايىتى باي بولۇپ، خىزمەت قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئەھۋالدىمۇ ئەرلىرىدىن تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇپ قالماسلىق ئۈچۈن خىزمىتىدىن ۋاز كەچمەيدۇ. ئالىملار بۇنداق ئەھۋالنى ئەر-ئاياللىق ئوتتۇرىسىدىكى ئىشىنىش ۋە چۈشىنىشنىڭ كەملىكىدىن دەپ قارايدۇ. بۇنداق ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ ئەرلىرى ئالدىدىكى ئىقتىسادىي مۇستەقىللىقى ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلىدۇ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم قوغلىشىدۇ. ئايلىق ئىش ھەققى ۋە مال-دۇنيادىنمۇ مۇھىم تۇرىدىغان ئەر-ئاياللىق تۇرمۇش، پەرزەنت تەربىيىسى ۋە ئائىلە ئىللىقلىقىغا سەل قارايدۇ ياكى ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىدۇ. ئالىملارنىڭ قارىشىچە، مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ئائىلىلەردىن چىقىپ جەمئىيەتكە يۈزلىنىشى غەربنى دورىغانلىقنىڭ نەتىجىسى. ئەمەلىيەتتە، شەرق ئاياللىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قەدىمدىن تارتىپ ئەمەل قىلىپ كەلگەن ئەنئەنىسىدىن ياتلىشىۋاتقان ۋاقتى دەل غەرب ئاياللىرىنىڭ خىزمەت دېگەن نەرسىدىن ۋاز كېچىپ، ئائىلىلىرىگە قايتىشنىڭ تازا تەرەققىي قىلىۋاتقان دەۋرى بولىدۇ. ھازىر غەربتىكى بەزى ئالىملار ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي خىزمەتلەرگە قاتنىشىشنى ئۇلاردىكى ئىقتىسادىي مۇستەقىللىق ئېڭىنىڭ ئىنكاسى، ئۇ ئائىلىنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ، دەپ تەنقىدلەيدۇ. شۇڭلاشقا، ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى بەزى ئالىملار ئاياللار يېرىم كۈن ئىشلىسە، سەھەر تۇرۇپ كەچ قايتمىسا (گەرچە مائاشى بۇنىڭلىق بىلەن ئازلاپ كەتسىمۇ)، ئاياللار ئايال ئىشچىلار كۆپرەك بولغان جايلاردا بالىلار باغچىسىغا ئوخشاش ئەسلىھەلەرنى قۇرۇپ، ئەمگەكچى ئاياللارنىڭ غېمىنى يەڭگىللەتسە، قىرىق ياشتىن ئاشقان ئاياللار دەم ئېلىشقا چىقسا، مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئاياللار ئائىلىلىرىگە قايتىشقا رىغبەتلەندۈرۈلسە، دېگەنگە ئوخشاش تەكلىپلەرنى بېرىدۇ. ئالىملار ئاياللارنىڭ خەيرى-ساخاۋەت ئورۇنلىرىدا، بالىلار باغچىلىرىدا ئىشلىشىنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ. ئەنئەنىچى فىقھى ئالىملىرى ئاياللارنىڭ قەھۋەخانىلاردا، ناخشا-ئۇسسۇل سورۇنلىرىدا ئىشلىشىنى، ئەرلەرگە كاتىب بولۇشىنى قەتئىي راۋا كۆرمەيدۇ. بەزى دىنىي ئالىملار ئاياللارنىڭ جامائەت سورۇنلىرىدا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىشىنى رەت قىلمايدۇ، بەلكى رەسۋا، ناشايان قىلىقلارنىڭ سادىر بولماسلىقى شەرتى ئاستىدا ئۇنى رۇخسەت قىلىنغان ئىش دەپ قارايدۇ. ئالىملارنىڭ بۇ مەسىلىنى قانداق مۇھاكىمە قىلىشىدىن قەتئىينەزەر ھەم ئائىلىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش، ھەم جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەت مۇشەققەتلىك بىر ۋەزىپە ئاياللارنىڭ ئالدىغا قويۇلماقتا. بۇ يالغۇز مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ ئالدىغىلا قويۇلغان مەسىلە بولماستىن، بەلكى پۈتۈن دۇنيا ئاياللىرىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مەسىلە. زاماننىڭ تەرەققىياتى ئاياللاردىن ئۆزىنىڭ ساپاسىنى قاتتىق ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلماقتا. «ئاياللار ۋە ئىران ئىنقىلابى» دېگەن كىتابتا نەقىل كەلتۈرۈلۈشىچە، ئىراننىڭ سابىق رەئىس جۇمھۇرى راپسان جانى: «ئاياللار تېخىمۇ كۆپ ۋە تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىدە مائارىپ تەربىيىسى ئېلىشى كېرەك. دارۇلمۇئەللىمىن، داۋالاش، ئەدەبىيات-سەنئەت، مەدەنىيەتتىن ئىبارەت ھەرقايسى ساھەلەر تەقۋادار ئاياللارنىڭ قاتنىشىشىغا ۋە خىزمەت قىلىشىغا موھتاج»، «ئاياللار بىرقەدەر يۇقىرى بولغان مەدەنىيەت سەۋىيىسى ۋە ساپاسىغا ئىگە بولغاندىن كېيىن ھەرخىل ۋەزىپىلەرنى ئۆتسە بولىدۇ، مەسىلەن، مىنىستىر، ھاكىم، ئادۋوكات، مەسلىھەتچى، مىنىستىر ياردەمچىسى، زاۋۇت باشلىقى، مەكتەپ مۇدىرى دېگەنگە ئوخشاش. بۇ جەھەتتە شەرىئەتنىڭ ھېچقانداق بولمايدۇ دەيدىغان بەلگىلىمىسى يوق»، «ئاياللار سايلامغا قاتنىشىشى، ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشى، ھەرقايسى پارتىيە، گۇرۇھلار ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە قوللىشى، تېخىمۇ كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر خادىملارنى تاللاپ ئۆستۈرۈشى لازىم» دەيدۇ. ئادەتتە ئەرلەر بىلەن ئارىلىشىپ يۈرۈپ خىزمەت قىلىدىغان ئاياللارغا قارىتا مۇسۇلمان ئالىملىرى ۋە ئۇلەمالەر ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ. راپسانجانى مۇنداق دېگەن: «ئاياللار جەمئىيەتكە چىقىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنى پاك تۇتۇشى، جەمئىيەتكە چىرىكلىك ياكى يامان تەسىر ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلار ۋە ئامىللاردىن ساقلىنىشى، ئۆزى دۇرۇس، شەرمى ھايا بىلەن پاك تۇرۇشى، جەمئىيەتنى سۈزۈلدۈرۈپ پاكلاشتۇرۇشى، بۇ جەھەتتە جەمئىيەتكە باشلامچىلىق قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك». شۇنداق بولغاندىلا ھېچكىمنىڭ پىكرى چىقمايدۇ.
     بۈگۈنكى شەرق ئاياللارنىڭ ئاياللىق ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىش ۋە ئەرلەر بىلەن باراۋەر بولۇش چۇقان سادالىرى ئىچىدە تۇرماقتا. بۇ چوقاننى كۆتۈرگۈچىلەر ئەرلەر ۋە ئاياللار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىسلام نامى ئاستىدا ئىسلامىيەت دۇنياسىدا ئەر-ئاياللارنىڭ ھوقۇقتا باراۋەر بولۇشى ئاللىقاچان ئىشقا ئاشتى، دەپ نادان ۋە ئەخمەقلەرچە ۋەز-نەسىھەت قىلماقتا. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يامان نىيەتلىك كىشىلەر، بەزىلىرى بولسا ئىسلام دىنىدىن بىخەۋەر ئادەملەر بولۇپ، يەنە بېزىلەر ئىسلامىيەت ئاياللارنىڭ دۈشمىنى، ئىسلام دىنى ئاياللارنى ھايۋاندەك پەس كۆرىدۇ، ئاياللارنى ئەرلەرنىڭ ھاۋايى ھەۋىسىنى قاندۇرىدىغان ئويۇنچۇقى دەيدۇ، دېيىشىدۇ. بۇ ياۋروپالىقلارنىڭ يامان نىيەت بىلەن قىلغان ھۇجۇملىرىدىن ئىبارەت، خالاس.
ئىسلامىيەت ئارقىلىق بەرپا قىلىنغان ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن تەڭ ھوقۇقتا باراۋەر بولۇشى 18- ئەسىرگە كەلگەندە ئاندىن ياۋروپا ئاياللىرى ئارىسىدا ئىشقا ئاشتى. فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئاياللار «ئەركىنلىك»، «باراۋەرلىك» دېگەن ئىدىيىنىڭ تەسىرىدە «تالادىكى ئىشلارغا ئەرلەر، ئۆي ئىشلىرىغا ئاياللار خوجايىن» دېگەن كونا ئەنئەنىۋى قاراشنى بۇزۇپ تاشلاپ، جەمئىيەتكە چىقىپ ئىنقىلابقا قاتناشتى. بولۇپمۇ 1789- يىلى 5- ئۆكتەبىردىكى ۋىرسالغا ھۇجۇم قىلىشتا ئاياللارتېخىمۇ زور رول ئوينىدى. كىشىلەر ئادەتتە ئاياللار ھوقۇقى ھەرىكىتى 19- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئامېرىكىدا باشلانغان دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ مۇقەددىمىسى ياۋروپا ئەدەبىيات-سەنئەت ئويغىنىش ھەرىكىتى ۋاقتىدىلا ئېچىلغان ئىدى. بۇ ھەرىكەتتە ئاياللار گۈزەللىك بىلەن ئەقىل-پاراسەتنىڭ سمۋولى بولغان مۇقەددەس ئانا بۈۋى مەريەم دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ قايتىدىن ئولۇغلاندى. دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتى تۇنجى بولۇپ ئاياللار مەسىلىسىنى ناھايىتى مۇھىم بىر ئىجتىمائىي مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يالغۇز باستىر (چېركاۋدىكى دىنىي خادىملار)نىڭ نىكاھلىنىشىنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن بەس-مۇنازىرە پەيدا قىلىپلا قالماستىن، ئۇ يەنە ئەنئەنىۋى نىكاھ كۆز قارىشىغا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ تىغ ئۇچىنى بىۋاسىتە ئۆرپ-ئادەت جەمئىيىتىگە قاراتتى. ئاقارتىش ھەرىكىتى بۇرژۇئازىيىگە ئىلاھىي ھوقۇقلار ئىچىدىن ئاياللار ھوقۇقىنى بايقاتقۇزدى. غەربنىڭ بۇرژۇئا ئاياللىرى كىشىلىك ھوقۇق ئىچىدىن ئاياللار ھوقۇقىنى بايقىدى. شۇڭا، بۇرژۇئازىيە «كىشىلىك ھوقۇقى»نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن غەربتىكى ئاياللار ئازادلىقى ھەرىكىتىنىڭ داھىيلىرى «ئاياللار ھوقۇقى خىتابنامىسى»نى جاكارلىدى، بۇنىڭ بىلەن 18- ئەسرنىڭ ئاخىرىدا ئاياللار ھوقۇقى ھەرىكىتىنىڭ بىرىنچى دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.
      ئىنقىلابنىڭ دەسلىپىدە بەزى يۈرەكلىك ئاياللار «ئۆتۈنۈشنامە» يېزىپ، ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا سالغان زۇلۇمى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ: «سىلەر بەزى چىرىك كۆز قاراشلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىدىڭلار، ئەمما ئەڭ قەدىمكى ۋە ئەڭ ئومۇملىشىپ كەتكەن بىر تەرەپلىمىلىكلەرنى ساقلاپ قېلىپ، پادىشاھلىقنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلىدىغان ئاھالىنى تېگىشلىك ئورۇن، غۇرۇر ۋە شان-شەرەپنىڭ سىرتىدا قالدۇردۇڭلار، ھەتتا ئۇلارنىڭ سىلەر بىلەن تەڭ تۇرىدىغان ھوقۇقلىرىنى تارتىۋالدىڭلار ... سىلەر مۇستەبىتلىكنى بىتچىت قىلدىڭلار ... ئەمما 13 مىليون قۇلنىڭ بوينىغا 13 مىليون ئىستىبدات تەرىپىدىن سېلىنغان تۆمۈر زەنجىرلەرنى ئەسلىگە كەلتۈردىڭلار» دېدى. ئاياللار تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بەزى گېزىت، كىتابچىلار ئاياللار ھوقۇقى مەسىلىسىنى چۆرىدەپ تەكلىپ ۋە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. لېكىن، 1791- يىلىدا جاكارلانغان ئاساسىي قانۇندا يىگىرمە بەش ياشتىن يۇقىرى ئەرلەرنىڭلا گىراژدانلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولالايدىغانلىقى بەلگىلىنىپ، ئاياللارنىڭ گىراژدانلىق ھوقۇقىدىن بەھرىمەنلىنىش دېگەن ئارزۇسى كۆپۈككە ئايلاندى. ئاياللار بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمىدى. 1791- يىلى 9- ئايدا داڭلىق ئاياللار ھوقۇقى ھەرىكىتى داھىيىسى ئورنفو . د . گورېي مەشھۇر «ئاياللار ھوقۇقى خىتابنامىسى»نى ئېلان قىلدى. 1792- يىلى 3- ئايدا ئۇلار «كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى»غا ئاساسەن 319 ئايالنىڭ ئىمزالىشىدا قانۇن پالاتاسىغا نامە سۇنۇپ، ئاياللاردىن قوغدىنىش ئارمىيىسى قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. 4- ئايدا «جىنسىي زوراۋانلىق»قا قارشى كۆتۈرۈلۈپ چىققان ئايال پائالىيەتچى ئاتافارمۇ ئاياللارنىڭ ئۇزۇندىن بېرى تارتىۋېلىنغان تەبىئىي ھوقۇقىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىش توغرىسىدا قانۇن پالاتاسىغا بېرىپ نۇتۇق سۆزلەپ، «ئاياللارمۇ ئەرلەرگە ئوخشاشلا ئىنقىلابنىڭ خەتىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان تۇرۇقلۇق نېمىشقا ئىنقىلاب مېۋىسىدىن ئەرلەرگە ئوخشاش بەھرلەنمەيدۇ؟ ئەرلەر ئازادلىققا ئېرىشىپ، ئاياللار نەچچە مىڭ خىل بىر تەرەپلىمە مۇئامىلىگە ئۇچرايدىغان قۇل پېتى قالىدۇ؟» دېدى. 1793- يىلى 5- ئۆكتەبىر كۈنى «ئىنقىلابىي جۇمھۇرىيەتچىلەر ئاياللار كۇلۇبى» قۇرۇلۇپ «يېڭى ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەرلەرنىڭ سايلام ھوقۇقى ھەققىدىكى شەرتلەر ئاياللارغىچە كېڭەيتىلىشى كېرەك» دېگەننى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى 1793- يىلى 6- ئايدا جاكارلانغان يېڭى ئاساسىي قانۇندا قېپيالىڭاچ ھالدا: «ئاياللار، گۇناھكارلار ۋە مېيىپلار گىراژدان ھېسابلانمايدۇ. ئۇلار ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن گىراژدانلارنىڭ ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرىدىن بەھرىمەن بولمايدۇ» دېيىلدى. 7- ئاينىڭ 13- كۈنى ئاساسىي قانۇنچىلارنىڭ كاتتىۋېشى مارا قەستلەپ ئۆلتۈرۈلدى. گورېي ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى «ئاياللارنىڭ جامائەت تۇرمۇشىغا ئارىلىشىشىنى توسقانلىقىنىڭ نەتىجىسى» دەپ ئاتىدى ھەم «ئاياللاردىكى شان-شەرەپ ئىشىكى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىشىكى، پۇرسەت ئىشىكى يېپىۋېتىلگەندىن كېيىن سىلەر ئاياللار ئۈچۈن گۇناھ ئىشىكىنى ئاچتىڭلار» دېدى. ئۇنىڭ دېگەنلىرى يوللۇق ئىدى. ئەمما ئاساسىي قانۇنچىلار مارانى ئۆلتۈرگەن قاتىل بىلەن ئاياللارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى بىرلەشتۈرۈۋېلىپ، خەلقنىڭ قاتىلغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى بارلىق ئاياللارغا كېڭەيتتى. شۇنداق قىلىپ 10- ئايدا پارىژدىكى بارلىق ئاياللار كۇلۇبلىرى پۈتۈنلەي تاقىۋېتىلدى. كۇلۇب رەھبەرلىرى قولغا ئېلىندى. 11- ئايدا بىر تۈركۈم ئايال سىياسىيون ۋە ئاياللار ھوقۇقى ھەرىكىتىنى تەشكىللىگەن پائالىيەتچىلەر ئۆلتۈرۈلدى. ئاياللارنى چەكلەش، بېسىش بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمىدى.جۇمھۇرىيەتنىڭ 3- يىلى 4-، 5- ئايلاردا «ئاياللار ئەرلىرىنىڭ رۇخسىتىسىز سرتقا چىقمىسۇن» دەپ جاكارلاندى. 20- مايكۈنى خەلق كوممۇنىسى ئاياللارنىڭ گېزىت-ژۇرنال چىقىرىشىنى مەنئى قىلدى. 24- كۈنى بەشتىن ئارتۇق ئايالنىڭ بىر يەرگە كېلىپ يىغىلىش ئۆتكۈزۈشى چەكلەندى. شۇنىڭ بىلەن كوچىغا چىقىپ كەتكەن ئاياللار قايتىدىن ئائىلىگە قايتۇرۇپ كېلىندى. «ئاياللار ھوقۇق خىتابنامىسى» ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكىنى تەلەپ قىلغان تۇنجى مۇكەممەل خىتابنامە دەپ قارالدى. ئەمما، بۇ ئەسلىدىنلا مۇكەممەل بولمىغان بىر قاراش بولۇپ، ئىنسانچىلىقتىكى مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا يېتەرلىك ئەمەس ئىدى.
      ئاياللارنىڭ بۇ ئىنقىلاب ئارقىلىق ئېرىشكىنى نېمە بولدى؟ ئۇلار نەچچە سائەتلەپ ئارتۇق ئىشلەيدىغان بولدى. ئاياللىق غۇرۇرى ئوخشاشلا دەپسەندە قىلىنىۋەردى. ئۇلار ئائىلىنىڭ شادلىقىدىن مەھرۇم قالدى. ئاياللار ئائىلىدە ئائىلە ئىشلىرىنى باشقۇرسا، بالا تۇغسا، بالا تەربىيىلىسە، پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن بىللە باياشات، خۇشال-خۇرام ھالدا تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزسە بولاتتى. شۇ چاغدا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قەدىر-قىممىتىنى ھېس قىلغان بولاتتى. بۇلار ئىشقا ئاشمىدى. ئەكسىچە ئىشقا ئاشقىنى ئەرلەرگە ئوخشاش كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ زاۋۇتلاردا ئىشلەش بولدى. بۇ ئاياللار ئىنىقىلابىنىڭ غەلىبىسى ئىدى.
سانائەت ئىنقىلابىغا ئەگىشىپ يېزىلاردىكى ئۆزگىرىشمۇ شەھەرلەردىن قېلىشمىدى، ئائىلە پارچىلىنىشقا باشلىدى. ئائىلىنى باغلاپ تۇرغان مۇناسىۋەت ئۈزۈلدى. سانائەت ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىدە ئەمگەكچى خەلق ئۆزئارا ھەمكارلىق ئاساسىدا بەرپا قىلغان يېزا-سەھرا تۇرمۇشىنى تاشلاپ، شەھەرلەرگە كۆچۈپ كىرىپ، ھەركىم ئۆزئالدىغا تىرىكچىلىك قىلىدىغان شەھەر تۇرمۇشىنى كەچۈرۈشكە باشلىدى. شەھەردە ھېچكىمنىڭ ھېچكىم بىلەن كارى يوق ئىدى. پۇل تېپىشتىن بۆلەك ھېچكىم ھېچكىمگىمۇ كۆڭۈل بۆلمەيتتى. شۇنداق قىلىپ ئەخلاق مىزانلىرىغا ئەمەل قىلىدىغان ئادەم قالمىدى. ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئۇچرىشىش پۇرسىتى بولغانلىكى يەردە جىنسىي تەلەپلىرىنى قاندۇرۇشاتتى. ئۇلارنىڭ ئەخلاق دېگەنلەر بىلەن كارى يوق ئىدى. سانائەت ئىنقىلابى ئاياللار ۋە بالىلارغا ئۆزىنىڭ جىسمانىي ئىقتىدارى قوبۇل قىلالمايدىغان دەرىجىدىكى ئېغىر ئەمگەك مەجبۇرىيەتلىرىنى يۈكلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئاياللار ناھايىتى چوڭ بەدەل تۆلىدى ۋە ئاياللىق شۆھرىتىدىن مەھرۇم قالدى. پىسىخىكا ۋە ماددىي جەھەتتىكى بەھرىمەنلىنىشلەرگە ئېرىشەلمىدى. ئەرلەر ئۆزلىرىنىڭ ئاياللىرىنى پەرۋىش قىلىدىغان، تەربىيىلەيدىغان ۋە قامدايدىغان مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۈرىيەتلىرىنىمۇ يوقاتتى. قاۋۇل، كۈچتۈڭگۈر ئەركەكلەر نومۇس قىلماي، ھەتتا ئاياللىرى، ئانىلىرىنى ئۆزىلىرىنى بېقىشقا زورلىدى.
      بىز نېمىشقا بۇنداق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ؟ دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ ئولتۇرمايمىز. چۈنكى، ھەممىگە ئايدىڭكى، ياۋروپالىقلار ناھايىتى ئاچكۆز، جاھىل، ياخشىلىققا يامانلىق قايتۇرىدىغان كىشىلەر ئىدى. ئۇلار ئەزەلدىن ئادەمنى ئادەم قاتارىدا كۆرۈپ ھۆرمەتلىمەيتتى. باشقىلارنىڭ ئەيب-نۇقسانلىرىنى رەھىمدىللىك بىلەن ئەپۇ قىلىشنى بىلمەيتتى. ئالىيجاناب ئەمەس ئىدى. كۆز يۇممايمىزكى، قەدىمكى يۇنان ۋە رىم ئىمپېرىسى دەۋرىدە ئاياللارنىڭ ئورنى ناھايىتى قىسقا بىرمەزگىل ياخشىلاندى. ئەمما، مۆجىزە خاراكتېرلىك بۇ ئىش ئاياللارنىڭ ئورنىنىڭ ھەقىقىي ياخشىلانغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيتتى. شۇ ۋاقىتتا چوڭ-چوڭ شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشقان بىرنەچچىلا ئايال ئۆزلىرىنىڭ  ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ، ئىجتىمائىي جەمئىيەتتە بەلگىلىك ئورۇنغا ئېرىشكەن ئىدى. چاكىنا شەھۋانىي بايۋەچچىلەر ئۇلارنى ئويناپ كۆڭلىنى ئېچىش، جىنسىي لەززەتنىڭ تەمىنى تېتىش ئۈچۈن، ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۇلارغا چاۋاك چالدى. بۇ ئاياللار چاكىنا، سۆلەتۋاز، ئالدامچى، مەسخىرىۋازلارنىڭ دامىغا چۈشكەن ئىدى. بۇ ئاياللارنىڭ تېگىشلىك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغانلىقىنىڭ ئەمەس، ئەكسىچە تاسادىپىيلىقنىڭ، ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا مەدەنىي كەمسىتىش، مەدەنىي خورلۇقنىڭ نەق ئۆزى ئىدى.
تارىخ، جۇغراپىيە، ئىقتىساد، ئىدىيە، قانۇن جەھەتلەردىكى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىسلامىيەت دۇنياسىدىكى ئاياللارنىڭ ياۋروپا ئاياللىرىدەك قولىغا قورال ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟ ئۇلارنىڭ شەرق ئاياللىرى ھوقۇقى ھەرىكىتىنى قوزغاپ، غەربكە ئەگىشىپ كوچىغا چىقىپ چوقان-سۈرەن سېلىشنىڭ ھاجىتىچۇ؟ ئاياللار ھەرىكىتى قانداق تەرەققىي قىلىدۇ؟ ئىسلاھات نەگە بارىدۇ؟ مانا بۇ بۈگۈنكى كۈندىكى ئىسلامىيەت دۇنياسىدا قاتتىق مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقان مەسىلە. ئوخشاشمىغان ئىجتىمائىي تۈزۈمدىكى ئاياللاردا ئوخشاشمىغان مەسىلىلەر بولىدۇ. ئاياللار ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تۇرىدىغان يېگانە شەخس ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەت گەۋدىسىنىڭ تېخىمۇ ئالىيجاناب بولغان مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ مەۋجۇت بولغانىكەن، ئۇلار مۇشۇ گەۋدىگە بويسۇنىدۇ. ئىسلام دۇنياسىدىكى ئاياللار ئۆزىگە خاس ئائىلە ۋە خۇسۇسىي تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. ھازىر غەرب ئاياللىرى كۆپىنچە زامانىۋىلىششنىڭ ئۈلگىسى، ئۇلار ھۆر ۋە مۇستەقىل ياشايدۇ، دەپ قارىلىدۇ. ئەمما، غەرب ئاياللىرىنىڭ بۇ ئۆلچىمى كۆپ ساندىكى مۇسۇلمان ئەر-ئاياللىرىنىڭ نەزىرىدە بىر خىل خەتەر ۋە ئاپەت ھېسابلىنىدۇ.
       مەلۇمكى، 19- ئەسىردە ياۋروپا «ھايۋانلار ئىنسانىيەتكە يېقىن»دۇر دېگەن تەلىماتنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۇنىڭ ھەقىقەتلىرىنى ئىلمىي ھالدا شەرھلىدى. گەرچە دارۋىننىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى ئىنسانىيەتنى قورقۇنچلۇق ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا ئەسلىدىنلا ياۋايىلىق دەۋرىدە بەك ئۇزاق ياشاپ كەتكەن غەربلىكلەرنىڭ مېڭىسىدە تېز چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىنى بۇ ئەخمىقانە كۆز قاراشنى قوبۇل قىلالايدىغان ھالەتكە كەلتۈردى. ھازىرقى غەرب دۇنياسىدىكى «تەبىئەتكە قايتىش» ھەرىكىتى دەل مانا مۇشۇ «ئادەم تەدرىجىي تەرەققىي قىلغان ھايۋان»دۇر دېگەن كۆز قاراشنىڭ مەھسۇلى. ھازىرقى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ قانۇنى رەزىللىكنى تىزگىنلەشكە مەسئۇل، ئەمما رەزىللىكنى ئۆزگەرتمەيدۇ. پاھىشىۋازلىق ئۇ يەرلەردە بىر خىل قانۇنلۇق كەسىپ دەپ قارىلىدۇ، ھۆكۈمەت جازانە ئۈچۈن پۇل تارقىتىدۇ، قىمارغا يول قويىدۇ، ھاراق چەكلەنمەيدۇ، بۈگۈنكى كىنو ئىشلىرى رەزىللىكنىڭ ئانىسى، ئۇ تېخى دۆلەت بايلىقىنىڭ مەنبەسى دەپ قارىلىدۇ. سېرىق ئەدەبىيات ۋە باشقا بۇيۇملار ئاممىنى زەھەرلەپ تۇرىدۇ، ئەمما دۆلەت ھۆكۈمرانلىق ئورۇنلىرى بولسا بۇ ئىشلارنى ئىنتايىن ئاز سۈرۈشتە قىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زامان مەشھۇر تارىخ ئالىمى ل. س. كىچاۋرىنوك (ل.س.چتاۋرىانوچ) ئۆزىنىڭ «دۇنيا ئومۇمىي تارىخى» دېگەن كىتابىدا: «باي، سېھرىي كۈچكە ئىگە ئامېرىكىدا بىز قۇياشنىڭ يورۇق ئەمەسلىكىنى، خەلقنىڭمۇ بەختلىك ئەمەسلىكىنى بايقىدۇق. ئەكسىچە، بۈگۈنكى ئامېرىكا داۋالغۇش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان دۆلەت بولۇپ، نۇرغۇن ئېغىر مەسىلىلەر كۈنسايىن چوڭقۇرلاشماقتا. ئۆتكەن بىرقانچە يىلدا ئۇ دۇنيادىكى 1- ھەقدار دۆلەتتىن 1- قەرزدار دۆلەتكە ئايلاندى. ئىشچىلار ئىشسىز قالدى. دېھقانلار ئېكىنزارلىقلىرىدىن ئايرىلدى. مۇساپىرلار كوچىلارنى ماكان تۇتتى. ئوزۇقنىڭ يېتىشمەسلىكى سەۋەبىدىن ئاچارچىلىق پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىدى. ھاراق بىلەن زەھەرلىنىش، زەھەر چېكىش، بويىغا يەتمىگەن قىزلارنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قېلىش، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش نىسبىتى كۈنسايىن ئۆرلىدى» دەپ يازىدۇ. ئۇ دۆلەتلەردە ئەخلاق پەسلىشىپ رەزىللىكلەر دائىم ئۆسۈپ تۇرىدۇ. بازارلاردا جىنسىي تۇرمۇشقا ئائىت ياسالما كۆرۈنۈشلەر، جىنسى ھەۋەسنى قوزغاتقۇچى پىچكۇپمە لەر، ياشلىقنى ئۇرغۇتقۇچى ۋە گۈزەللەشتۈرگۈچى دورا دېگەندەك بىر نېمىلەر كەڭتاشا سېتىلىدۇ، بۇنداق نەرسىلەرنى ياسايدىغان دورا زاۋۇتلىرى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا نۇرغۇن پارا بېرىدۇ ياكى ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى پارتىيىگە نۇرغۇن مال-دۇنيا ھەدىيە قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار جەرىمانە تۆلەشتىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. غەرب دۇنياسى دۇچ كېلىۋاتقان ئەخلاق ۋە روھىي كرىزىس بىر قىسىم كىشىلەرنى قايتىدىن يەنە باشقا بىر خىل تۇرمۇش شەكلى ئۈستىدە پىكىر قىلىشقا، ئەر-ئاياللارنىڭ روھىي دۇنياسى ياكى جەمئىيەتتىن باشقا بىر مۇناسىۋەتلەرنى ئىزدەشكە، ئائىلە، شەخس، تۈزۈم قاتارلىقلاردىن يېڭى ئۈمىدلەرنى كۈتۈشكە ئۇرۇندۇرماقتا. ئىسلام ئەنئەنىچىلىرىنىڭ ئىرادىسىنى ئاساس قىلغان بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئىسلامىيەتنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى ئۆز دۆلەتلىرىدىكى ھۆكۈمرانلار قاتلىمىنىڭ غەربلىشىشكە بەك ئەھمىيەت بېرىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن قەتئىي چەك- چېگرا ئاجرىتىپ، غەربنىڭ نەرسىلىرىنى چىرىكلىك ۋە شۇملۇق دەپ قارىماقتا.
      زامانىمىزدىكى ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ قارىشىچە، ھازىرقى ئەھۋال تارىختىكى ئىلگىرى ئاللاھ تەرىپىدىن جازالانغان قەۋملەرنىڭ ئەھۋالى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، بۈگۈنكى ئىنسانلار ئېتىقاد، ئىش- ئەمەل، غايە، ئەخلاق جەھەتتە ئاللاھتىن يىراقلاشتى. ناۋادا ئىنسانلار توغرا يولغا قايتىپ كەلمەيدىكەن ئاللانىڭ جازاسى ھامان كېلىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيادا غەرب مەدەنىيىتى ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز، ناچار نەرسە ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇشىدۇر. ھازىر ئەخلاق، يەنى ھەرقايسى دىن ۋە ئۇلارنىڭ ئەلچىلىرى (پەيغەمبەرلىرى) چىڭ تۇرغان نىشان ۋە ۋەزىپىلەر تەلتۆكۈس يوقىتىلدى. ئەكسىچە، ئەخلاقسىزلىق غەربنىڭ ماددىچىلىق ۋە مەنپەئەتپەرەسلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان مەينەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتتى. ئۇ ئالىيجاناب ئەخلاقنى بارلىققا كەلتۈرەلمەيدۇ، «تۆت كوچا ئاغزىدا تۇرۇۋاتقان ئىسلامىيەت» دېگەن ئەسەرنىڭ ئاپتورى مۇھەممەد ئەسەد مۇنداق دەيدۇ: «غەربنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدىكى بىر ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش مەنپەئەتپەرەسلىك ئاساسىغا قۇرۇلغان يېڭى ئەخلاق كۆز قارىشىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئىجتىمائىي ماددىي باياشاتلىق بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىدار بولغان بەزى قىلمىش ۋە ئۇقۇملار، مەسىلەن، تېخنىكا قابىلىيىتى، مىللىي ھېسسىيات دېگەنلەر ئېتىبارغا ۋە ماختاشقا سازاۋەر بولۇپ، ئۇنىڭ قىممىتى مۇۋاپىق دەپ ھېسابلاندى. لېكىن، ساپ ئەخلاق كاتېگورىيىسىگە ياتىدىغان قىممەت قارىشى مەسىلەن، كۆيۈمچانلىق، ھېسداشلىق بولسا تېز نابۇت بولماقتا. چۈنكى، ئۇ جەمئىيەتكە كۆزگە كۆرۈنگۈدەك ماددىي مەنپەئەت ئەكەلمەيدۇ دەپ قارالدى»، «شەرم-ھايا، ئىپپەت-نومۇس، ئەدەپ-ئەخلاق، دىيانەت، ۋاپادارلىقلار رىۋايەتكە ئايلىنىپ، پەقەت مىللىي ماددىي باياشاتلىق بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بولمىغان ئەخلاق ئۇقۇمىدىنلا ئىبارەت بولۇپ قالدى. دىن تەشەببۇس قىلغان گۈزەل ئەخلاق تەدرىجىي ھالدا غەربلىكلەر تەشەببۇس قىلغان شەخسىي ئەركىنلىككە يول بوشاتتى. ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ھەم جىنسىي ھەۋەسنى تىزگىنلەپ، ئۆز مەيلىگە بېرىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئوخشاش ئىشلار ئانچە مۇھىم ئەمەس بولۇپ قالدى». خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى رىچارد روجىستۇن «ئازغۇنلۇق دۇنياسىدىكى مائارىپ» دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: «ناۋادا مۇۋاپىق بىر قانچە سۆز تېپىپ بىزنىڭ بۇ دەۋرىمىزنى سۈرەتلەپ بېرىمىز دېسەك، پەن-تېخنىكا دەۋرى، ئىجتىمائىي ئىنقىلاب دەۋرى، ئەخلاق نورمىسى يوقالغان دەۋر دېگەندەك ناھايىتى نۇرغۇن سۆزلەر بار. بۇ ئىسىملار ئىچىدە ھېچبىرى دەۋرنىڭ ماھىيىتىنى ھەقىقىي يوسۇندا ئېچىپ بېرەلمەيدۇ ھەم شەرھلەپمۇ بېرەلمەيدۇ. پەقەت ‹ئەخلاق نورمىسى يوقالغان دەۋر› دېگەن ئۇقۇملا بۈگۈنكى رېئاللىققا سەل-پەل يېقىن تۇرىدۇ»، «21- ئەسىرنىڭ قىلمىشلىرى بۇرۇنقى بارلىق ئەنئەنىۋى كۆز قاراشلارنىڭ مۇستەھكەم ھۈلىنى بۇزىدۇ، بۇنداق زەربە ئالدىدا دىنىي ئېتىقاد سۇسلىشىدۇ، ئالىي تۇرمۇش نىشانى تۈگىشىدۇ، ئەھۋال بارغانسېرى ناچارلىشىدۇ». ئالىملارنىڭ قارىشىچە، غەرب دۇنياسىدىكى ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇشى ياشلاردىكى ئالىي غايە ۋە نىشانلارنىڭ يوقىلىشىدا، يەپ-ئىچىپ، ئويناپ يۈرۈشنى تۇرمۇش پرىنسىپى قىلغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. بۇ خىل تۇرمۇش شەكلى (ئۇسۇلى) دىن بىلەن مائارىپقا سەل قارايدۇ، ئائىلە مۇناسىۋىتى ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت دېگەنلەرگە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. ئۈمىدسىزلىك ۋە ئاچكۆزلۈك ئىچىدە شەخسىي ئارزۇ-ئارمانلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن جان تىكىپ ئېلىشىدۇ. نىكاھتىن بۇرۇنقى جىنسىي تۇرمۇش، نىكاھلىق تۇرۇپ ئاشنا ئويناش قاتارلىقلار نورمال ئىش دەپ قارىلىدۇ. پاھىشە ۋە كوللېكتىپ پاھىشىۋازلىق قىلىش، كوللېكتىپ نىكاھلىنىش ئەۋج ئالىدۇ. جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى نوپۇسىنىڭ ئاۋۇشىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئاتىسىز تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ نىسبىتى ئۆرلەيدۇ. بەچچىۋازلىق يامراپ ئەيدىز كېسىلى ئىنسانىيەتكە تەھدىت سالىدۇ. ھاراقكەشلىك، زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چېكىش، سېرىق كىتاب ژۇرناللار ھەردائىم ياشلارنىڭ ئىدىيىسى ۋە ئىرادىسىنى چىرىتىپ كاردىن چىقىرىپ تۇرىدۇ. پۈتكۈل غەرب دۇنياسى ئومۇميۈزلۈك چىرىكلىشىشكە يۈزلىنىدۇ. بۇ ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي جەھەتتە غەربلىشىشكە قارىتا قاتتىق چەك قويۇشتىكى بىردىنبىر مۇھىم سەۋەب بولۇپ، ئۇ دائىم بۇ ئىككى مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدا كېلىشەلمەسلىك، زىددىيەت ۋە كۈرەشلەرنى پەيدا قىلىپ تۇرىدۇ. مىللىي گۈزەل ئەخلاقنىڭ كۈندىن-كۈنگە بۇزۇلۇپ يوقىلىشى ئىنسانلارنىڭ سۈزۈك سۇدەك ساپ ۋە مىللىي، دىنىي ھىېسسىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ساپ ھېسسىيات ماددا تەرىپىدىن بۇلغانغاندا ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچىلىك چىقىدۇ. ئائىلە مۇناسىۋىتى بۇزۇۋېتىلسە، ئەر-ئاياللار، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللار ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلار ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق، مېھرى-شەپقەت تۈگەپ، مەنپەئەت ئالماشتۇرۇش بىلەن ھاۋايى-ھەۋەسنى قاندۇرۇش ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى بەلۋاغقا ئايلىنىدۇ. خۇددى بىر غەرب سىياسىيونىنىڭ ئېيتقىنىدەك، ئۇلارنىڭ ئۆمۈرلۈك دوستى بولمايدۇ، ئۆمۈرلۈك دۈشمىنىمۇ بولمايدۇ، پەقەت ئۆمۈرلۈك مەنپەئەتىلا بولىدۇ.
      نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكە فرانسىيىلىك يازغۇچى ۋە تاشقى كېسەل دوختۇرى ئالىكسى كاررىل ئەپەندى جانسىز ئىلىمنىڭ جانلىق ھاياتلىقلارغا زور مەنپەئەت ئېلىپ كەلگەنلىكى ۋە ھەم بۇ ئارقىلىق ئېغىر پاجىئەلەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «ھازىرقى زامان تۇرمۇشى ئىنسانلارنى بەكمۇ ئۆز ئىختىيارىغا قويۇۋەتتى. ئۇ ئىنسانلارنى ۋاسىتە تاللىماي پۇل تېپىشقا چاقىرماقتا. بۇ ۋاسىتىلەر بولىدىكەن ئۇلارنىڭ دوزاختىن قۇتۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇ ئىنسانلارنى دائىم غىدىقلايدىغان نەرسىلەرنى ئىزدەپ تېپىشقا، خىيالىغا كەلگەننى قىلىشقا، شەھۋانىي ھەۋەسلىرىنى قاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. ئۇ زورلۇق، ئىنتىزام، جاپا-مۇشەققەت، شۇنىڭدەك قىيىنچىلىق ۋە ھېرىش-چارچاش دېگەنلەرنىڭ چەكلىمىلىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ»، «ھازىرقى دۇنيا قانچىلىك تەرەققىي قىلىشىدىن قەتئىينەزەر مەنىۋى جەھەتتە زاۋاللىققا يۈزلىنىپ، ياۋايىلىققا قاراپ ماڭماقتا. ئېچىنىشلىقى شۇكى، ئۇلار ئىلىم-پەننىڭ ئۆزىنىڭ بىقىنىدىلا ھۇجۇم ئىستھكاملىرىنى قۇرۇپ بولغانلىقىنى بىلىشمەيدۇ. ئۇلار ئازراقمۇ مۇداپىئەلىنىش تەييارلىقىنى كۆرمىگەن. ئەمەلىيەتتە، بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز ئىلگىرىكى مەدەنىيەتكە ئوخشاشلا بەزى ياشاش شارائىتلىرىمىزنى ئىجاد قىلدى. ئەمما، تېخى ھازىرغىچە چۈشىنىپ بولالمىغانلىقىمىز سەۋەبىدىن ئۇ تۇرمۇشنىڭ نەق ئۆزىنى ھالاك قىلماقتا. شۇ سەۋەبتىن بىز ئىجتىمائىي پەننىڭ ماددىي ئىلىمىدىن كۆپ ئارقىدا قېلىشىدەك بىر پاجىئەنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتتۇق». ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ھازىرقى مەدەنىيەت ئاساسەن دېگۈدەك  غايىلىك، ئەقىل-پاراسەتلىك، باتور ئادەملەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقالمايدۇ، ھەممىلا دۆلەتتە دېگۈدەك ئومۇمنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇۋاتقان رەھبەرلىك قىلغۇچىلاردا ئىقتىدار ۋە ئەخلاقتا كۈندىن-كۈنگە بوشىشىپ كېتىش مەۋجۇت. دۆلەتنىڭ مالىيىسى، سانائەت ۋە سودا ئاپپاراتلىرى كۈندىن-كۈنگە زورايماقتا. بۇ ئاپپاراتلار يالغۇز ئۆز دۆلىتىنىڭ شارائىتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپلا قالماستىن، بەلكى يەنە قوشنا ئەللەر ۋە پۈتۈن دۇنيانىڭ تەسىرىگىمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ. دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋالىدا ھازىر تېز سۈرئەتلىك ئۆزگىرىش بارلىققا كەلدى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھۆكۈمەت شەكىللىرىنىڭ ھەممىسىدە بىردەك مەسىلە مەۋجۇت. بەزى كۈچلۈك دېموكراتىك دۆلەتلەرمۇ دائىم ھايات-ماماتلىققا مۇناسىۋەتلىك بولغان چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىپ تۇرىدۇ ھەم ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. بىز شۇنى بىلدۇقكى، گەرچە ئىنسانىيەت بارلىق ئۈمىدىنى ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىدىن كۈتكەن بولسىمۇ، ئەمما  بۇ مەدەنىيەت ئۇلارغا ئەقىل-پاراسەتكە باي باتۇر رەھبەرلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، ئازغان ئىنسانلارنى خەتەرلىك يولدىن قايتۇرۇپ كېلىپ ھىدايەتكە يېتەكلەتكۈزەلمىدى ... شۇڭا ھازىرقى زامان دۆلەتلىرىگە ئېغىر تەھدىت سېلىۋاتقان نەرسە ئۇلارنىڭ سىياسىي داھىيلىرىدا ئەقىل-پاراسەت، ئەخلاقنىڭ كەملىكى، شۇنىڭدەك نادان ۋە بىلىمسىزلىكى بولۇپ تۇرماقتا».
نوبېل ئىلىم-پەن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن رېنېي دوب ئۆزىنىڭ «ئىنسانلاردىكى ئادىمىيلىك» دېگەن كىتابىدا ئىنسانىيەتنىڭ تۇرمۇشى بىلەن پىسىخىكىسىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ئەكس ئەتكەن كرزىس ئامىللىرى ھەققىدە توختىلىپ، يېڭىچە بىر ئۈمىدسىزلىكنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ كلاسسىك دەۋر ئېتىقاد، ئەقىل-پاراسەت ۋە رومانتىك دەۋرى بولۇپ، ئىنسانلار ئۇ دەۋردە ئاشۇنداق تۇرمۇشنى قوغلىشاتتى ۋە ئۇنىڭغا ئىنتىلەتتى. بۈگۈنكى دەۋر بولسا ئاتوم دەۋرى، ئالەم بوشلۇقى دەۋرى، ئىلىم-پەن دەۋرى، شۇنداقلا يەنە غەم-ئەندىشە، تەشۋىش دەۋرى. بۇ دەۋردە ماددىي تۇرمۇشنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىپ، تۇرمۇشنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى تونۇتمىدى. نۇرغۇنلىغان تەرەققىي تاپقان ئەللەردە خېلى كۆپ مەسىلىلەر، يەنى ئىرقىي كەمسىتىش بىلەن كۈرەش، شەھەر مەدەنىيىتىدىكى بىدئەتچلىك، ئادىمىيلىكنىڭ ياتلىشىشى، ئادىللىقنىڭ ئىنسان قەلبىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى، ئاتوم ئۇرۇشى تەھدىتى قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت. ھازىرقى زاماندىكى ئەندىشىنىڭ مەنبەسى ھەربىر جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ كۆڭلىگە ئايدىڭ. دىنىي ھېسسىيات بىلەن ئەنئەنىۋى جەمئىيەت قارىشى ئاللىقاچان مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتتى. ئۆرپ-ئادەت ۋە دىندىن ئىبارەت ئىككى ساھە ئادەملىرى بىردەك ئاللا ئۆلدى دەپ ۋارقىراشماقتا. ئىنسانلار خۇددى پالاقسىز كېمىدەك ئۆزىنى باشقۇرالماي قالدى، دەيدۇ. پسىخولوگلار، ئېتنىكشۇناسلار ۋە جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، پسىخىكا كرزىسى كىشىلەر بىلەن كىشىلەر، ئادەم بىلەن تەبىئەت كۈچىلىرى ئارىسىنى يىراقلاشتۇرۇپ مۇناسىۋەتنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى. ھازىرقى ئادەملەر ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى ھايۋانلارغا ئوخشايدۇ. گەرچە كىيىم كىيىپ غىزالانسىمۇ، ئەمما ھايۋانلاردا ئەسلىدە بار بولغان ئەڭ ئەقەللىي قابىلىيەت ۋە ئالاھىدىلىكتىنمۇ مەھرۇم قالدى، ئىنسانلار بارغانسېرى ئۆزىنى بىلمەيدىغان بولۇپ قالدى.
ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ماددا ۋە روھتىن ئىبارەت ئۇنىڭ ئىككى چاقنىڭ ئىلگىرىلىشىنىڭ نەتىجىسى. ئۇنداق بولمايدىكەن بۇ جەمئىيەت كېسەل تەككەن، ساغلام بولمىغان جەمئىيەت ھېسابلىنىدۇ. ئىسلام مەدەنىيىتى مانا مۇشۇ ئىللەتنى بايقىغاندىن كېيىن چىقىش يولى ئىسلامىيەتتە دەپ ھېسابلايدۇ. تارىخشۇناس، پەيلاسوپ ۋە سىياسىيونلار دۇنيادىكى ئازغۇنلۇقلار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ چىقىش يولىنى ئىزدىمەكتە. چىقىش يولى نەدە؟ قانداق قىلىپ ئىنسانىيەتنى ھازىرقى زامان ماددىي مەدەنىيىتىنىڭ ئازغۇنلۇقلىرى ئىچىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ؟ جىنس كىلەيىر دېگەن ئادەم ئۆزىنىڭ «نادان ئادەملەر» دېگەن كىتابىدا ئىنسانشۇناسلىقنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىش، ھەيكەل ياسىغاندەك ئادەمنى قايتىدىن ياساش، ئىنسانلارنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئۆزىنى چۈشىنىدىغان قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھازىرقى زامان ئىسلام ئالىمى سەئىد قۇتۇبىنىڭ قارىشىچە، يالغۇز ئىنسانشۇناسلىقنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئۆزى كۇپايە قىلمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان قەلبىنىڭ مەنىۋى پائالىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان بىر يول تېپىش لازىم، ئادەم ئۈچۈن ئېيتقاندا، نېمىنى قىلسا بولىدىغانلىقى، نېمىنى قىلسا بولمايدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، قانۇنلۇق ۋە قانۇنسىز نەرسىلەرنى پەرقلەندۈرۈشتە بىر قېلىپ (ئۆلچەم) بولۇشى كېرەك. ئۇ سانائەت ئارقىلىق بەرپا ئېتىلگەن ماددىي مەدەنىيەت بارلىق گۈزەل ھېسسىيات، تۇيغۇ، سەزگۈنى نابۇت قىلىپ، سەنئەتلىك، دىنلىق بولغان مەنىۋى پائالىيەتنى بوغۇپ قويدى. شۇڭا، روھىي ئېتىقادلىق ئورنى بولغان بىرخىل تۇرمۇشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك، ئۇ بولسىمۇ دىن. دىن — روھىنىڭ ھەرىكىتى، ئەخلاقنىڭ مەشىقى بولۇپ، ئاخىرەتلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ. زامانىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم مۇتەپەككۇر پاكىستانلىق ئالىم مەۋلانا ئەبۇئەلا مەۋدۇدى (1903 — 1979) ئۆزىنىڭ «بىز ۋە غەرب مەدەنىيىتى» دېگەن كىتابىدا ئەنگلىيىلىك ئالىم راۋىد روسىننىڭ كۆز قارىشىنى ئىستاتا كەلتۈرىدۇ. راۋىد روسىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدا ھىندىستاندىكى  كالكوتتا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا ئىلىم-پەن ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى. ئەمما، ئەنئەنىۋى دىنلارنىڭ بىرقانچە ئەۋلاد كىشىلەرگە بولغان تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇردى. ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بارلىق چىرىكلىك ۋە چۈشكۈنلۈكلەرنىڭ   يېرىمىنى مۇشۇ سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىي قىلىىشى بىلەن دىننىڭ سۇسلىشىشى كۆپىنچە ھاللاردا ئىلىم-پەننىڭ قۇدرىتى ۋە رولىغا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن ئەخلاققا سەل قاراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەتتا بەزى چاغلاردا ئىلىم-پەن ئىنسانىيەتكە بەخت ئاتا قىلمايلا قالماستىن، بەلكى ئۇنى يوقىتىدۇ. مەدەنىيەت ئېلىپ كەلگەن ئىللەتلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلاشنىڭ چىقىش يولى يەنىلا دىندا. ئەمما، ھازىرقى ئادەملەر تەجرىبە ئارقىلىق ھەقىقەتنى ئۆلچەشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، يەنى دىنىي ئېتىقادى خېلى كۈچلۈك ئادەملەرمۇ دىننىڭ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىدىغانلىقىنى شەرھلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. دىن ئۆزىنىڭ دىنلىق يۇقىرى ئورنىنى ۋە تەسىرىنى ساقلىشى، روھىي ھال جەھەتتىن ھازىر مەۋجۇت بولۇۋاتقان بارلىق مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتكەنىدى. مەۋدۇدى ئۇنىڭغا باھا بېرىپ: «بۇ يالغۇز رۇسىندىن ئىبارەت بىرلا ئادەمنىڭ بايقىغىنى ئەمەس، بەلكى ياۋروپا، ئامېرىكا شۇنىڭدەك غەربتىكى بارلىق تەرەققىي تاپقان ئەل خەلقلىرىنىڭ ئورتاق بايقىغىنى. بۇنىڭغا بۇددا دىنى، كاتولىك دىنى ۋە ھىندى دىنلىرىنىڭ ئامالى يوق. پەقەت ئىسلام دىنىلا كەلگۈسىنىڭ مەدەنىيىتى» دەيدۇ.


داۋامى بار


مەنبە: «بۇلاق» ژۇرنىلى 2001- يىللىق 5-، 6- سان.
uyghuray

0

تېما

5

دوست

2172

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16795
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 686
توردىكى ۋاقتى: 195
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-28 16:46:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى كۈتىمەن .
بەزى ئىنتايىن ياخشى بولغان تەشەببۇسلار  زامان ۋە ماكاننىڭ ئوخشىماسلىقىغا بىقىپ ئۇنىڭ خاراكتىرىمۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ . تورداشلىرىمنىڭ ئىلمى ھالدا پىكىرلىششىنى ئۈمىد قىلىمەن .          ‹قارىغۇ›

4

تېما

9

دوست

4458

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   81.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26563
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى: 38
تۆھپە : 1502
توردىكى ۋاقتى: 300
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-28 18:21:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىما ...

4

تېما

9

دوست

4458

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   81.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26563
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى: 38
تۆھپە : 1502
توردىكى ۋاقتى: 300
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-28 18:49:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى قىسمىنى تولۇقى بىلەن ئوقۇپ چىقتىم، مانا بۇنى بىز ئەتراپلىق ئىلمىي تەھلىل ھەم ئىلىمگە بولغان مەسئۇلىيەت دەيمىز .
داۋامىنى كۈتىمەن ...
uyghuray

4

تېما

10

دوست

8670

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   73.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35433
يازما سانى: 757
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 2620
توردىكى ۋاقتى: 684
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-28 19:39:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما ئىگىسىگە رەھمەت.

0

تېما

1

دوست

2051

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   1.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33477
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 628
توردىكى ۋاقتى: 119
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-28 21:03:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەڭ ياخشىسى  داۋامىنى كۆرۇپ باقايلى

1

تېما

22

دوست

7619

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   52.38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35011
يازما سانى: 660
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 2304
توردىكى ۋاقتى: 425
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-28 21:16:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن  ئەتراپلىق دەلىل پاكىتلارغا تۇيۇنغان ،ياخشى يېزىلغان يازمىكەن.......
ئاخىرىنى كۈتىمىز.....

0

تېما

0

دوست

822

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   64.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34696
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 246
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-7
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-28 21:48:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nirwana تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-28 22:05  

ئىسل تېما ،تما ئىگىسىگە رەخمەت ،ئۇزۇندىن بېرى مۇشۇ ھەقتە بىرەر نەرسە يېزىشنى ئويلاشقان ئىدىم لېكىن تەپەككۇرۇمنىڭ تېيىزلىقى،بىلىمىمنىڭ يىتەرسىزلىكى سەۋەىىدىن يازمىغان ئىدىم،تېما ئىگىسى ھەقىقەتەن ئەتراپلىق پىكىرلەرنى بېرىپتۇ ،ھوقوقتا باراۋەر بولۇش ئۈچۈن مەجبۇرىيەتنى تەڭ ئادا قىلىش كېرەك،ئاياللار بىزدىن ئۈستۈنلۈك تالاشمىغان بوسا ئىدى ،چوقۇم ھازىر ئېرىشىۋاتقالىرىدىن كۆپ نەرسىلەرگە ئېرىشكەن بولار ئىدى.كىمدۇر بىرى دىققەت قىلىڭلار !ئاياللار پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولماقچى دەپتىكەن .يېقىندا ئەردۇغان ئاياللارنىڭ ھوقوقىنى چەكلەيدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويغانمىش .‹‹قىسەسۇل ئەنبىيا››ناملىق كىتاپتا بايان قىلىىشىچە ھەۋا ئانا ئادەم ئاتىنى بۇغداينى يىيىشكە قزىقتۇرغانلىقى ئۈچۈن شۇ چاغدىن باشلاپ ئايال زاتىلىرىغا ئون تۈرلۈك جازا بېرىلگەن ئىكەن.لېكىن ھازىر زامانىمىزدىكى  نۇرغۇن ئاياللار جۈملىدىن مۇسۇلمان ئاياللارمۇ ئون تۈرلۈك جازاغا پۈتۈنلەي قارشى ھالدا باش كۆتۈردى...كەنتىمىزدە يىلدا ئاياللار بايرىمى ئۆتكۈزگەندە ئاياللاردىن رەھبەرلەربۇبايرامنىڭ ئەھمىيىتىنى سورىغاندا ئېلپنىڭ سۇنۇقىنى بىلمەيدىغان ئاياللار ئېغىزلىرىدىن تۈكۈرۈكلىنى چاچرىتىپ تۇرۇپ<<ئاتالمىش>>ئاياللارنىڭ ئەركىنلىكى ۋە باراۋارلىكى دەپ جاۋاپ بېرەتتى،لېكىن ئۇ بىچارىلەر بۇنىڭ نمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئەسلا چۈشەنمەيتتى.ئۆتكەندە ياپۇن تەرەپتە ئازران ماجرا بولىۋىدى چاۋشەننىڭمۇ -كورىيەنىڭمۇ ئىشقىلىپ بىر يەرنىڭ ئاتالمىش ھوقوقتا باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ زۇڭتۇڭ بولغان ئايال نەچچە قېتىم كۆزىدىن سۈيىنى ئېقىتىپ دۆلىتىنىڭ بوزەك بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن تىلۋىزوردا خەلق ئاممىسىدىن كەچۈرۈم سورىدى .يېڭىنى شىمايلاپ چىقالايدىغان بىر ئەركەك بولسىدى ئىسىت !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )