قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1350|ئىنكاس: 10

ئۇچتۇرپاندىكى تارىخىي زىيارەتگاھ -سەيلىگاھلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

2

دوست

6377

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   27.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28327
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 2162
توردىكى ۋاقتى: 365
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-29 15:48:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇچتۇرپاندىكى تارىخىي زىيارەتگاھ -سەيلىگاھلار

ئەخمەت مۆمىن تارىمى ، ئابدۇۋاھىد مۆلجەرى

ئۇچتۇرپاندا  زىيارەتگاھ-سەيلىگاھلار كۆپ. بۇلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ياكى چوڭ تارىخىي ۋەقەلەر بىلەن، ياكى مەشھۇر شەخسلەر بىلەن ۋەياكى رىۋايەتلەر بىلەن باغلانغان. بولۇپمۇ بۇ يۇرتتا بولۇپ ئۆتكەن جەڭ-يېغىلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.شۇڭا تارىخچى موللا مۇسا سايرامىمۇ «تارىخى ھەمىدى» ناملىق ئەسىرىدە : « مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ئۇچتۇرپاننىڭ غازات ۋەجەڭلەر كۆپ بولغان بىر جاي ئىكەنلىكى مەلۇم » دەپ يازغان(1).ئۇچتۇرپان تەۋەسىدىكى مۇھىم زىيارەتگاھ –سەيلىگاھلار تۆۋەندىكىچە:

   توققۇزبۇلاق باغچىسى
    توققۇز بۇلاق باغچىسى ئۇچتۇرپان ناھىيەبازىرىنىڭ غەربىگە جايلاشقان بولۇپ،
جەنۇب تەرىپىدىكى مۆلجەر تاغ بىلەن بىر گەۋدە ھاسىل قىلغان ھالدا ئۇچتۇرپاندىكى ئەڭ گۈزەل سەيلىگاھ ھېساپلىنىدۇ. باشقا يۇرتلاردىن ئۇچتۇرپاننى سەيلى-ساياھەت قىلىش ئۈچۈن قەدەم باسقان ھەرقانداق كىشى ئالدى بىلەن توققۇز بۇلاق باغچىسىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇ باغچىنىڭ ھازىرقى يەركۆلىمى 960 مو بولۇپ، مۆلجەر تاغ، تاغ ئۈستىدىكى راۋاق، توققۇز بۇلاق،چوڭ كۆل ۋە ئوتتۇرىسىدىكى تاش كېمە، كىچىك كۆل، كۆلنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئارالچە قاتارلىق نۇرغۇن مەنزىرە نوقتىسى بار. 1918-يىلى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر 97  يىللىق تارىخقا ئىگە.

         file:///C:/DOCUME~1/Asia/LOCALS~1/Temp/msohtml1/01/clip_image002.jpg
توققۇز بۇلاق باغچىسى بۈگۈنگە كەلگۈچە ئاجايىپ قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن. 1916-يىلى تۇڭگان ما شاۋۋۇ  ئۇچتۇرپانغا ئامبال بولۇپ تۇرغاندا، بۇ جاينى كۆزدىن كەچۈرىدۇ ۋە يۇرت ئاقساقاللىرىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن بۇ يەرگە قۇرۇلۇش قىلىشنى پىلانلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، شاڭيو، يۈز بېشىلار ئارقىلىق پۇقرالارنى ھاشارغا ھەيدەپ كېلىپ، نۆۋەت بىلەن ئىشلىتىدۇ. پۇقرالار قاتمۇ-قات بېسىم ئاستىدا كېچە-كۈندۈز ئالمىشىپ ئىشلەپ،  كېمە-قېيىق ماڭالايدىغان چوڭ كۆل چېپىش، يەر تۈزلەش، تاش تىزىپ ئازادە يوللارنى ياساش، ئۆستەڭ چېپىپ ئېقىن سۇلارنى رەتلەش، چوڭ كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىغا كېمە شەكىلىدىكى ئىككى قەۋەتلىك شىپاڭ ياساش، كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىغا كىرىپ چىقىش ئۈچۈن كۆۋرۈك سېلىش، تاغنىڭ باغرىغا راۋاق-شىپاڭلارنى سېلىش... قاتارلىق ئىشلارنى ئىككى يىلدا ئاران پۈتتۈرىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ يەر گۈزەل بىر باغچىغا ئايلىنىدۇ. ئەمما باغچا پۈتكەندىن كېيىن، بۇ يەر پۈتۈنلەي ما شاۋۋۇنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇققان، يېقىنلىرىدىن باشقىلارنىڭ بۇ يەرگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
1941-يىلى بۇ باغچىدىكى 14بۇلاق رەتلىنىپ توققۇز بۇلاق قىلىنغان. 1956-يىلى بىر قېتىم رىمۇنىت قىلىنغان.1959-يىلى يەنە بىر قېتىم چوڭ ئۆزگەرتىلگەن. 1979-يىلى يەنە بىر قېتىم ئۆزگەرتىپ ياسىلىپ ۋە رىمۇنىت قىلىنىپ، ئەسلىدىكى «شادلىق باغچىسى» دېگەن نامى « توققۇزبۇلاق باغچىسى » غا ئۆزگەرتىلگەن(2).
ئىلگىرى بۇباغچىنىڭ ئىچىدىكى ئوخشاش ئارىلىقتىكى توققۇز يەردىكى بۇلاقنىڭ سۈيى گۇيا فونتاندەك ئېتىلىپ چىقىپ كىشىنى مەھلىيا قىلاتتى، ھازىر بۇ بۇلاقلارنىڭ سۈيى  توختاپ قالدى. بۇنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا كىشىلەر: «بۇ بۇلاقنىڭ خېلى نېرىسىدىكى ‹مۆلجەر تاغ سۇ ئېلىكتىر ئىستانسىسى› قۇرۇلغاندا (1986-يىلى 12-ئايدا قۇرۇلغان) شۇ يەرنىڭ ئاستىدىن ناھايىتى ئولۇغ سۇ چىقىپ كەتكەن، قۇرۇلۇش قىلغۇچىلار  بۇ سۇنى بەك تەستە يۇغۇشتۇرغان، ئېھتىمال، توققۇز بۇلاقنىڭ يەر ئاستىدىكى تۇمۇرى شۇ چاغدا ئۈزۈلۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ بۇلاقلارنىڭ سۈيى بارا-بارا ئازلاپ كەتتى» دەپ قارايدىكەن.

مۆلجەر تاغ
  مۆلجەر تاغ توققۇز بۇلاق باغچىسى بىلەن بىر گەۋدە ھاسىل قىلغان ھالدا ئۇچتۇرپاندىكى گۈزەل سەيلىگاھ ھېساپلىنىدۇ. بۇ تاغنىڭ «مۆلجەر تاغ» دەپ ئاتىلىشى ھەققىدە مۇشۇ يۇرتتىن چىققان پىشقەدەم زىيالىي تۇرسۇن بارات ئەپەندى «مۆلجەر تاغ قەلئەسى»  ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق يازغان : « ئەينى چاغدا شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرىدىغان يول مۇشۇ يەردىن ئۆتەر ئىكەن، كارۋانلار يىراقتىن مۇشۇ تاغنى مۆلچەرلەپ، تاغ تۈۋىدىكى يول بىلەن توختاۋسىز مېڭىپ بالاساغۇن، تالاس شەھەرلىرىنى بېسىپ، پەرغانە، ئافغانىستان، پاكىستان،ئارساك (ئىران)، شام (سۈرىيە)، ئىراق، ئاناتولىيە، ھەتتا ۋىزانتىيىگە كېتەر ئىكەن.شۇڭا كارۋانلار بۇ تاغقا ‹مۆلچەر تاغ› دەپ ئىسىم قويغانمىش. زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بلەن ‹مۆلچەر تاغ› دېگەن نام ئۆزگۈرۈپ ‹مۆلجەر تاغ› دەپ ئاتالغانمىش» (3). بۇ  قاراش مەزكۇر تاغنىڭ نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى بىرقەدەر ئوموملاشقان قاراش ھېسابلىنىدۇ.
                                                          clip_image002.jpg

ئەمەلىيەتتە، بۇتاغنىڭ نامى بىلەن باغلانغان ناملار كىلاسسىك ئەسەرلەردىمۇ ئۇچرايدىغان بولۇپ،ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا مۇشۇ يۇرتتا ياشاپ ۋاپات بولغان تارىخچى، شائىر موللا شاكىرنىڭ«زەپەرنامە» ناملىق داستانىدا مۇنداق مىسرالار بار :
بۇ مەنچىڭ پۈتۈن چىقتى تاغ باشىغا،
بۇ بۇتخانىسىگە سەنەمقاشىغا...
شۇتى بىرلە بىرگە يۈگۈردى تامام،
بۇ مۇلجا تەرەپتىن ھەمە خاسۇ ئام.
بۇ مەنچىڭلار مۇلجا تەرەپتىن قاچىپ،
شەھەرگە يېغى كەلدى دەپ قىچقىرىپ،
سوران بىرلە قىقاس مەغلۇبەسى،
ئوت ئالماي پىلتەدىن داراسى...
ھاۋادىن تۇشەر غارقىراپ نەچچە تاش،
ياغۇر ئاسماندىن بۇ تاش بىرلە باش ... (4)
يۇقىرىقى ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان « مۇلجا» دېگەن سۆز مەنىسىدىن قارىغاندا «ھەربىي نىشان،ئورۇن » دېگەن مەنىدە بولۇپ، بۇ «مۆلچەر» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىگىمۇ سەل يېقىن كېلىدۇ. بۇنىڭدىن بۇ تاغنىڭ مۇھىم ھەربىي ئورۇن ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىشكە بولىدۇ.
file:///C:/DOCUME~1/Asia/LOCALS~1/Temp/msohtml1/01/clip_image004.jpg
ئومۇمەن ، بۇتاغنىڭ نامىدىن قارىغاندا، بۇ تاغ مەيلى جۇغراپىيىۋى جەھەتتىن بولسۇن ياكى ھەربىي جەھەتتىن بولسۇن مۇھىم جاي بولغان بولۇپ، ئۇ كارۋانلارنىڭ سەپىرىدىكى مۇھىم نىشان(مۆلچەر)، ھۆكۈمرانلارنىڭ نەزەرىدىكى مۇھىم ھەربىي ئورۇن(مۇلجا) بولغان. بۇ تاغنىڭ نامىدىكى «مۆلجەر» دېگەن سۆز زادى «مۆلچەر»دېگەن سۆزدىن ئۆزگىرىپ كەلگەنمۇ ياكى «مۇلجا» دېگەن سۆزدىن ئۆزگىرىپ كەلگەنمۇ بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىزدىنىشكە  توغرا كېلىدۇ. بىزنىڭچە، بۇ سۆزلەرنىڭ يىلتىزى بىر بولۇپ،  دەۋرلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تەلەپپۇز ئۆزگىرىشى بولغان بولۇشى مۇمكىن.

يەتتەقىزلىرىم مەقبەرىسى
يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى ئۇچتۇرپان ناھىيە بازىرىنىڭ غەربى جەنۇپ تەرىپىدىكى ئاقتوقاي تېغىنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇچتۇرپاندىكى«جىگدە يېغىلىقى»نىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، مايسىخان باشچىلىقىدىكى 150 ئەتراپىدىكى ئەر-ئايال قوزغىلاڭچى تاغ-ئورمانلار، جىلغىلاردا يۇشۇرۇنۇپ يۈرۈپ دۈشمەنلەرگە قاخشاتقۇچ زەربە بەرگەن.بۇ «مايسىخان جېڭى» ئۈچ
file:///C:/DOCUME~1/Asia/LOCALS~1/Temp/msohtml1/01/clip_image006.jpg
ئاي داۋاملاشقان. كېيىن مايسىخان باشچىلىقدىكى يەتتە نەپەر ئايال قوزغىلاڭچى ئاقتوقايدىكى ئۇرۇشتا قورشاۋدا قېلىپ، ئاخىرى دۈشمەن قولىغا تىرىك چۈشۈپ قالغاندىن كۆرە ئۆلۈمنى ئەلا بىلىپ، نومۇسىنى ساقلاش ئۈچۈن تاغدىن ئۆزىنى ئېتىپ مەردلەرچە قۇربان بولغان. ھايات قالغان كىشىلەر قەھرىمان يەتتە قىزنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئاقتوقاي تېغىدىكى مۇشۇجايغا يەتتە قىزنىڭ قەبرىسىنى ياسىغان.

                                                                                                                               
ئۇزۇندىن بۇيان تالاي شائىرلار بۇ قەھرىمان قىزلارنىڭ شەنىگە بېغىشلاپ  ئاجايىپ يالقۇنلۇق شېئىرلارنى يازغان. مەرھۇم شائىر ئابدۇكېرىم خوجىنىڭ مۇنۇ شېئىرى بۇ ھەقتىكى بارلىق شېئىرلارنىڭ گۈلتاجىسى ھېسابلانسا كېرەك :
     يەتتە قىزلىرىم
يېتىپتۇ تىزىلىپ يەتتە قىزلىرىم،
            يەتتىسى بۆشۈككە قاتار بۆلەكلىك.
            بىر يېقى بۆشۈكنىڭ تارىمغا تۇتاش،
            بىر يېقى تىيانشانغا يېقىن يۆلەكلىك.
            ئايىغىدا بۇلاقلار ئېيتىشار ئەللەي،
            بېشىدا ئۇلارنىڭ گۈللەر بېزەكلىك.
            جىم ياتسا ئۆلۈپتۇ دەپمۇ قالماڭلار،
            ئۆلگەنگە كىرمەيدۇ ياتتى دېمەكلىك.
            ئۆلسە گەر بولامدۇ قېنىدىن پەيدا
            دەشتلەردە ئورمانلىق، يۇلغۇن چېچەكلىك!؟(5)

يەنە مەرھۇم ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنمۇ «جىگدە يېغىلىقى»نىڭ پىداكارلىرىدىن بولغان رەھمىتۇللا، ئەسمىتۇللا ۋە قەھرىمان يەتتە قىزنىڭ شەنىگە مۇنداق مەرسىيە يازغان :   
توققۇز بۈركۈت،يەتتە قەيسەر
            توققۇز ئوغۇز دەپ ئاتايمۇ توققۇز قەبرىنى،
            ياكى توققۇز ئۇيغۇر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى سىما.
            توققۇز قامۇس دەيمۇ ئۆتكەن توققۇز قەرنىنى،
            توققۇز بۇلاق سۇلىرىدا تەسۋىرى گۇيا.


            توققۇز ئارسلان، توققۇز شەمشەر،توققۇز چەۋەنداز،
            مۆلجەر تېغى چوققىلىرى ئۇلارغا ھەيكەل.
            بۈركۈت بەلكى توققۇز ئەزىمەت روھىدىن پەرۋاز،
            توققۇز پىلانېت گۇيا ئۇلار تۇتاشقان مەشئەل.


            رەھمىتۇللا، ئەسمىتۇللا، يەتتەقىز-چىچەك،
            يەتتىسىكەن يۇلتۇز كەبى ساماغا زىننەت.
            يەتتە شەمشاد، يەتتە سۇمبۇل، يەتتەئوت يۈرەك،
            ئۇيغۇرقىزى ئوبرازىدىن يەتتە قەيسەر، مەرد.


            توققۇز قامۇس، توققۇز سەنئەت ھامىيسى ئۇلار،
            ئەۋلادلارنىڭ قۇدرىتىگە ئەجدادلار ئىلھام،
            ھەربىر ئېيتقان ناخشا-كۈيدە ئۇلار نامايان،
            ھەم بەزمىدە توققۇز قەيسەر تەڭ كۆتەرگەي جام.(6)

   سويۇتقا(سوۋۇتقا) بۇلاق سەيلىگاھى
سويۇتقا(سوۋۇتقا)بۇلاق سەيلىگاھى ئۇچتۇرپان ناھىيىسى ئاقتوقاي يېزىسىنىڭ سويۇتقا كەنت ( 1-كەنىت )5-مەھەللە تەۋەسىدە بولۇپ، ناھىيە بازىرىغا ئۈچ كىلومېتىر كېلىدۇ. ئومۇمى كۈلىمى56 مىڭ 600 كۋادرات مېتىر، سۇ دائىرىسى 2860 كۋادرات مېتىر . بۇلاقنىڭ سۈيى كىچىك بىر ئۆستەڭ ھاسىل قىلىپ، بۇلاقنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارنى ئايلىنىپ يىراقلارغا كېتىدۇ.
                                                               
سوۋۇتقا ـــ«سوۋۇتماق» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئىلگىرى بۇ يەر «سوۋۇتقا مازىرى» دەپ ئاتالغان ،شۇنداقلا خۇددى ئونسۇ ناھىيەسى تەۋەسىدىكى« سۇلتان قىرمىش ئاتا مازىرى»غا ئوخشاش كىشىلەر تاۋاپ قىلىدىغان مەشھۇر جاي بولغان ( مازارنىڭ مەخسۇس تەزكىرىسىمۇ بولغان ئىكەن). بۇلاقنىڭ سۈيىمۇ ھازىرقىدىن نەچچە ھەسسە ئۇلۇغ ئىكەن. بۇ يەردە يەنە ناھايىتى يوغان بىر تۈپ سۈگەت بولۇپ، تۆت ئەرنىڭ قۇچىقى يەتمەيدىكەنمىش. ئەمەلىيەتتىمۇ بۇرۇن بۇ يەردە ناھايىتى يوغان بىر تۈپ تېرەك بولۇپ، يامانسۇ كۆۋرۈكىنى ياسىغاندا ئاشۇ كۆۋرۈككە ئىشلىتىش ئۈچۈن كېسىلگەن. موللا مۇسا سايرامىنىڭ « تارىخى ھەمىدى »ناملىق كىتابىدا بۇ ھەقتە مۇنداق بايانلار بار: « ...بۇ بىر تۈپ سۈگەت كۆكلەپ ئۆرە بولۇپ، يەنە يىقىلىپ ئۆرە بولۇپ كۆكلەپتۇ، بارغانسىرى ئەتراپىدىن بىر تاغار ئاشلىق ئۇرۇقى تېرىغۇچە بولغان زېمىن ئىچىدە يەنە يىقىلىپ، يەنە ئۆرە بولۇپ كۆكلەۋېرىپتۇ،ھېچقانداق ئادەم بۇنىڭ مەيلى قۇرۇق ياكى ھۆل شېخىنى كېسەلمەپتۇ، ھەتتا ئۇنىڭغا تېگىشكىمۇ جۈرئەت قىلالماپتۇ. بۇ سۈگەتنىڭ تۈۋىدە بىر بۇلاق بار ئىكەن، ئۇنى ئەينۇل سەئبان (يىلانلار بۇلىقى) دەپ ئاتايدىكەن. بىر زامانلاردا سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمىر-پەرمانى بويىچە بۇ بۇلاققا يىلانلار توپلانغان ئىكەن.ھەزرىتى ئەلى كەرىمۇللا ۋەجھۇنىڭ قەدەم شېرىپلىرى بۇ يەرگە يەتكەندە، ئۇ: ‹ ئەي سەئبانلار ( يىلانلار)، بۇلاق ئۈستىدىن ئۆزۈڭلارنى بىر تەرەپكە ئېلىڭىلار،پەيغەمبەر ئاخىر زامانىنىڭ بارگاھلىرىنى تىكىمىز› دېگەندە، يىلانلار بۇ بۇلاق بېشىدىن كۆچۈپتۇ، لېكىن بۇلاق سۈيى يىلانلارنىڭ زەھىرى بىلەن ئاچچىق بولۇپ قالغان ئىكەن. ئىككى شاھزادە كېرەم ئېغىز سۇلىرىنى ( تۈكۈرۈكلىرىنى) مەزكۇر بۇلاققا تاشلاپتۇ-دە، سۇ يەنە تاتلىق ۋە شېرىن بولۇپ قاپتۇ، شۇڭلاشقا بۇ جاينى ‹ ساۋۇتقى مازار› دەپ ئاتاپتۇ. خالايىق بۇ جاينى زىيارەت قىلىپ، بۇلاق سۈيىنى شەربىتى تەۋەرۈك ھېسابلاپ، تەرەپ-تەرەپكە ئېلىپ كېتىدۇ. بۇ جاينىڭ تەزكىرىسىدىمۇ مەزكۇر مازارنىڭ ئورنى ئەلى كەرىموللا  ۋەجھۇنىڭ قەدەم قويغان يېرى دەپ بايان قىلىنغان، لېكىن بەزى تارىخ كىتابلارىدا ئەلى كەرىموللا ۋەجھۇ ئىراق زېمىنىنىڭ بۇ تەرىپىگە ئۆتمىگەن دەپ بايان قىلىنغان. بۇنىڭ راست ياكى يالغانلىقىنى خۇداۋەندە ئالىمىياننىڭ ئۆزى بىلىدۇ. ئەمما بۇ ئادەتتىكى جاي ئەمەس،بەلكى ئالاھىدە كارامەتلىك بىر مازاردۇر»(7).
    file:///C:/DOCUME~1/Asia/LOCALS~1/Temp/msohtml1/01/clip_image008.jpg
تەخمىنەن بۇندىن100يىل ئىلگىرى دىۋانە ئاتا دېگەن كىشى ھەر جۈمە كۈنلۈكى  مۇشۇ بۇلاق ئەتراپىدا داشقازان ئېسىپ بۇ يۇرتتىكى غېرىپ-مۇساپىر، ئاجىز-مىسكىنلەرگە نەزىر قىلىپ بېرەتتىكەن. ئۇ بۇ ئىشنى ئۇزۇن يىل داۋاملاشتۇرغان ئىكەن. بۇ ھەقتىمۇ موللا مۇسا سايرامى« تارىخى ھەمىدى »ناملىق كىتابىدا مۇنداق يازغان : « يەنە ھىندىستانلىق دىۋانە ئاتا دىگەن قەلەندەر مىجەزلىك، لېكىن پادىشاھ سۆلەتلىك بىر قېرى، ئاجىز كىشى بار ئىدى. بۇ قادىرىيە تەرىقىتىدە رىيازەت قىلىدىغان، كەشپى كارامەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سوپىلاشقان ئادەم ئىدى»(8).
بەزى  ياشانغان كىشىلەرنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە،1765-يىلى ئۇچتۇرپاندا پارتىلغان «جىگدە يېغىلىقى» مەغلۇپ بولۇپ، ئۇچتۇرپاندىكى ئاھالە مەجبۇرى ئىلىغا كۆچۈرۈلگەن چاغدا، مۇشۇ ئەتراپتىكى كۆپنى كۆرگەن بىر كىشى سوۋۇتقا بۇلاققا ئۆزىنى تاشلاپ ئىككى كۈن سۇدا تۇرۇپ ئىلىغا كۆچۈرۈلۈشتىن قۇتۇلۇپ قالغان ئىكەن. ئۇ مۇشۇ يەردىكى بىردىنبىر يەرلىك كىشى ھېساپلىنىدىكەن.

موللا شاكىر مەقبەرىسى
    موللا شاكىرنىڭ مەقبەرىسى ئۇچتۇرپان ناھىيە ئاقتوقاي يېزا سويۇتقا كەنت ( 1-كەنىت ) 5-مەھەللە تەۋەسىدىكى سويۇتقا بۇلاقنىڭ يېنىدا  بولۇپ، ناھىيە بازىرىغا ئۈچ كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇرۇن  سويۇتقا بۇلاقنىڭ يېنىدا  بىر مەسچىت، بىر چوڭ قەبرە (موللا شاكىرنىڭ)، ئۇنىڭ يېنىدا يەنە كىچىك ئىككى قەبرە بۇلۇپ، 1994-يىلى موللا شاكىرنىڭ قەبرىسى ئەسلىدىكى ئورنىدىن 500 مېتىرچە يىراقلىقتىكى (سويۇتقا بۇلاقنىڭ جەنۇپ تەرىپىدىكى)قىيانلىق ئۆستىڭنىڭ بۇيىغا كۆچۈرۈلگەن.
     file:///C:/DOCUME~1/Asia/LOCALS~1/Temp/msohtml1/01/clip_image010.jpg

موللا شاكىرنىڭ قەبرىسى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇچتۇرپاننىڭ ھاكىمى مەمتىمىن ھاكىم دېگەن كىشىنىڭ  زور كۈچ چىقىرىشى بىلەن قايتا ياسالغان. كۆركەم رېشاتكىلىق قەبرە پۈتكەندىن كېيىن ، مەمتىمىن ھاكىم كاتتا نەزىر ئۆتكۈزۈپ يۇرت ئەھلىگە قەبرىنى تۇنۇشتۇرۇپ، ئاندىن قەبرە ئۈستىگە دۇخاۋا يۇپۇق ياپقان.(9)
                                                   
موللا شاكىر19-ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر شائىر بولۇپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە سويۇتقا بۇلاقنى ماكان تۇتۈپ ياشىغان . ئۇنىڭ بۇ يەرنى ماكان تۇتۇپ قېلىشىدىكى مۇھىم  سەۋەپلەرنىڭ بىرى ئېھتىمال بۇجاينىڭ قەدىمىي مەشھۇر جاي ئىكەنلىگى ۋە مەنزىرىسىنىڭ گۈزەل بولغانلىغى بولسا كېرەك. ئۇ ئاخىرقى ئۆمرىنى مۇشۇ يەردە ئىلىم تەھسىل قىلىش ۋە مەسچىتتە جامائەتكە ئىمامەتچىلىك قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن ئىكەن. ئۇ 1870-يىلى 63 يېشىدا مۇشۇ يەردە ۋاپات بولغان ھەم مۇشۇ يەرگە دەپىنە قىلىنغان (10).  ئۇنىڭ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن 4380 مىسرالىق «زەپەرنامە » ناملىق مەشھۇر داستانى ھىجىرىيە1283-يىلى ( 1866-يىلى ) مۇشۇ يەردە يېزىلغان ئىكەن. بۇھەقتە « زەپەرنامە » داستانىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق مىسرالار بار:
              بەش ئاي نەزمىگە ۋاقىتنى ئەيلەپ مادام،
              كىتابى زەپەرنامىگە سۈبھى شام.
              كى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئىدى سەكسەن ئۈچ،
              سوۋۇت مەۋزەئى بولدى شەھرى ئۇچ.
              جامادىيەل ئەۋۋەلدىن بولدى تامام،
              يىلى قوي، يەكشەنبە ئۇشبۇ كالام.
              قىلىپ موللا شاكىر بۇ سۆزلەردىن نەزم،
              ئوقۇتۇپ ئىشتسە نەچە ئەھلى بەزم...
              قىلىپ قىرىق يىل مەن سۇخەنۋەرلىك،
              قىلىپ ئەمرى مەرۇب، جاھانگەشتىلىك.
              يېتىب ئاتمىش بىرگە ئەمدى قارىب،
              بۇ ئۇچتۇرپاندا مۇساپىر-غەرىب.
              قالۇر دەھرىدە بىزلەردىن يادىكار،
         ھەمىشە دۇئادىن بىزلەر ئۈمۈدۋار. (11)

قەقەر جادى تېغى
      قەقەر جادى تېغى ئاچاتاغ يېزىسىنىڭ ساربەل كەنتىدە بولۇپ، ناھىيە بازىرىغا 27 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ تاغقا ناھىيە مەركىزىدىن ئۇدۇل جەنۇپقا مېڭىپ سايغا چىقىپ، ئاندىن كوڭتەي بىلەن كۈنپېتىش تەرەپكە قاراپ مېڭىپمۇ، يەنە ئوتبېشى يېزىسى  باشئاقما كەنتى ئۇدۇلىدىكى تاغ يولى ئارقىلىقمۇ (تاغ ئارىسىكى يەنە باشقا يوللار بىلەنمۇ)بارغىلى بولىدۇ.
   قەقەرجادى تېغى ئۇچتۇرپاندىكى قەدىمىي مەشھۇر جايلارنىڭ بىرى بولسىمۇ، بۇ ھەقتە ئىزدەنگۈچىلەر ئانچە كۆپ بولمىغان. پەقەت مەرھۇم تەتقىقاتچى يۈسۈپچان ئەلى ئىسلامى« قىرمىش ئاتا مازىرى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش» ناملىق ماقالىسىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېگەن :« جىيا دەننىڭ ‹يول ۋە ئەللەرخاتىرىسى› دە قەيىت قىلىنغان ‹سولۇ پوتىيى›(烽 樓 粟) ئېلىمىزنىڭ تارىخچىلىرىدىن بەي شۇيى ۋە ما تۇڭلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە دەل بۈگۈنكى ‹قەقەر جادى قەلئەسى›نىڭ ئۆزى بولۇپ،.... بۇ، جيادەننىڭ ئەينى چاغلاردا ئۇچتۇرپانغا كەلگەن ۋاقتىدا سولۇ خاقان تەرىپىدىن دۈشمەن كۆرۈنگەن ھامان ئوت يېقىپ جەڭگە بەلگە بېرىش ئۈچۈن ياسالغان ئەنە شۇنداق ... ئىگىز كۈزۈتۈش پوتەيلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىگىنى... چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.شۇڭىلاشقا ئۇ بۇ پوتەينىڭ نامىنى يازغاندا ، خەنزوچىدا ھىچقانداق مەنا ئاڭلاتمايدىغان خىيالىغا كەلگەن خەتلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى ...ئەنە شۇ جايدا ھەركەت قىلىۋاتقان سولۇ خاقاننىڭ نامىغا ئوخشايدىغان ‹樓  粟› دىگەن خەت بىلەن يازغان... بۈگۈنكى كۈنگىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ‹ قەقەر جادى قەلئەسى› ،يەنى ‹ سولۇ پوتىيى› دىكى ‹ سولۇ› خېتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان شەخس دەل تارىختىكى سولۇ خاقاننىڭ ياكى ‹سۇلتانى قىرمىش ئاتا تەزكىرىسى› دە قەيىت قىلىنغان قەقەرجادىنىڭ ئۆزىدۇر. يۈەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا، يەللىغ چۇساينىڭ سۇيئاب(توقماق) شەھرىنىڭ قەدىمقى خارابىسىغا بارغان چېغىدا شۇ يەردىكىلەرنىڭ بۇ شەھەرخارابىسىنىڭ ئىسىمىنى سۇيئاب دەپ ئاتىماي، سولۇ خاقاننىڭ نامىدا ‹ سولۇ شەھرى› دەپ ئاتىغانلىقىنى ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغانلىقىدىن ئىبارەت پاكىتمۇ  ئۇچتۇرپاندىكى ‹سولۇ پوتىيى› دەپ ئاتالغان قەلئەنىڭ دەل مۇشۇ سولۇ خاقاننىڭ نامىدا ئاتالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ»،   « ‹ سۇلتانى قىرمىش ئاتا تەزكىرىسى›دە بايان قىلىنغان  بۇ ۋەقە قۇتەيبە ئىبنى مۇسلىم ئەل باھلىنىڭ ۋارىسلىرىدىن بولغان مۇسلىم ئىبنى سەيدۇل كىلاب بىلەن تۈركەش خاقانى سولۇخاقان ئوتتۇرىسىدا ھىجىرىيىنىڭ 105 ـــ يىلى (مىلادى 724 ــ يىلى) يۈز بەرگەن ئۇرۇش بولۇپ، قىرمىش ئاتا مازىرىدا دەپىنە قىلىنغان زات دەل مۇشۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا شېھىت بولغان مۇسلىم ئىبنى سەيدۇل كىلابنىڭ ئۆزىدۇر. مۇسلىم ئىبنى سەيدۇل كىلابنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرگەنلەر ئىسلام تارىخىدا ‹ خاقانى تۈرك› دەپ مەشھۇر بولغان تۈركەش خاقانى ـــ سولۇ خاقان ۋە ئۇنىڭ شۇ جەڭگە قۇماندانلىق قىلغان ئوغلى بولۇپ،ئۇلارنىڭ قارارگاھى بۈگۈنكى كۈندە ‹قەقەر جادى قەلئەسى› دەپ ئاتىلىۋاتقان ،شۇنداقلا تا ھازىرغىچە ھېچكىم ئىچكىرىلەپ كىرىشكە جۈرئەت قىلالمايۋاتقان ‹قەقەرجادى قەلئەسى› دىكى سېھىرلىك غاردۇر»(12).
يەنە بەزىلەر بۇتاغنى ئۇبۇلقاسىم فىردەۋسىنىڭ «شاھنامە» سىدە تىلغا ئېلىنغان ئافراسىياپنىڭ ئەسكەرلىرى تۇرغان «تىلسىم شەھەر»، «ئۇ يەردە كېچىسى ئىتلارنىڭ قاۋاشلىرى،ئاتلارنىڭ كىشنەشلىرى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ، ئوقيا، نەيزە تۇتقان ئادەملەر يىراقتىن ھەيۋەت بىلەن قاراپ تۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ، يېقىن كەلسە ھەممىسى تاشقا ئايلانغان» دەپ ئېيتىشىدۇ.
شۇنى ئەسكەرتىش زۈرۈركى، « ئىسلام ئېچىش ئۈچۈن كەلگەن سۇلتان قىرمىش مۇسلىمىننىڭ باشچىلىقىدىكى ساھابىلەرنىڭ غازىتى» غا مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەم «قىرمىش ئاتا»تەزكىرىسى ئاساسىدا ئىزاھلانغان رىۋايەتلەر، يەر-جاي ناملىرىنىڭ دەلىل كۈچى ئاجىز ۋە بەلكى يوق دىيەرلىك بولۇپ، بۇنىڭ ئاساسى مۇنداق:
ئىسلام تارىخىي مەنبەلىرىدىن ئايانكى، سۇلتان قىرمىش مۇسلىمىننىڭ ساھابىلىرى ئىسلام ئېچىش ئۈچۈن كەلگەن ھىجىرىيە 30-يىلى خەلىپە ئوسمان دەۋرى بولۇپ ، بۇ چاغدا ئەرەبلەر تېخى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن چىقىپ بولالمىغان. شۇنداقلا كېيىن ئەرەبلەر ئوتتۇرائاسىياغا قىلغان يۈرۈشلىرىدە  ئامۇدەرياسىنىڭ بۇ تەرىپىگە ئۆتەلمىگەن. يەنە كېلىپ دىيارىمىزنىڭ ئىسلاملىشىشىمۇ سۇلتان سۇتۇق بوغراخان ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىنكى ئىش. تارىخچى ئالىم موللا مۇسا سايرامىمۇ«‹تارىخي ھەمىدى»دە بۇ تەزكىرە ھەققىدە توختۇلۇپ گۇمانىي بايانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ تەزكىرىنىڭ ساختا بولۇش ئىھتىماللىغىدىن ئۇچۇر بەرگەن(13).
ئاقسۇدا ياشاپ ئۆتكەن نوپۇزلۇق دىنىي زات، مۇئەررىخ باقى مەخسۇم بۇ ھەقتە توختىلىپ:بەدۆلەتنىڭ « قىرمىش ئاتا مازىرى» توغرىسىدا 60پارچە تەزكىرە يازدۇرۇپ تارقاتقانلىغىنى ، ھازىرغىچە بىر بىرىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان يەتتە خىل تەزكىرىنىڭ ساقلىنىپ قالغانلىقىنى،  قىرمىش ئاتىنىڭ قانداقتۇ ئەرەبىستاندىن كەلمەستىن ، بەلكى ئاقسۇنىڭ يەرلىك سۇلتانى ئىكەنلىگىنى، ئۇنىڭ قىلمىش، تىرمىش،تىلمىش ئىسىملىك ئۈچ ئىنىسىنىڭ بارلىغىنى ، ئۇلارنىڭ شىمالدىن باستۇرۇپ كەلگەن قەبىلىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىش داۋامىدا «قىلمىش ئاتا»نىڭ تومشۇقتا، «تىرمىش ئاتا»نىڭ سايئېرىقتا، «تىلمىش ئاتا»نىڭ ئاقيار بازىرىغا تەۋە « قۇيرۇق ئۈزۈل»دىگەن جايدا شېھىت بولغانلىغىنى ئېيتىدۇ. ئۇلارنىڭ مازارلىرى ھېلىھەم شۇلارنىڭ نامىدا مەۋجۇت بولۇپ،  تەزكىرىلىرى بولغانلىغى مەلۇم. يەرلىك كىشلەر ئۇلارنى يەنىلا «قىرمىش ئاتا»غا باغلاپ ھېكايەت قىلىشىدۇ،  ئەمما بۇ مازارلار «قىرمىش ئاتا تەزكىرىسى»دە ئەسلا تىلغا ئېلىنمىغان.
شۇڭا،  «سۇلتان قىرمىش ئاتا» بىلەن باغلىنىشلىق بولغان رىۋايەتلەر، يەر-جاي ناملىرىغا ئىلمىي مۇئامىلە قىلىش، ئۇلار ئۈستىدە تېخىمۇ چۇڭقۇر ئىزدىنىش لازىم.

پايدىلانمىلار:
(1) (7) (8) (13)موللا مۇسا سايرامى : «تارىخى ھەمىدى»،567-، 658-بەتلەر،مىللەتلەر نەشرىياتى1986-يىلى ئۇيغۇرچە 1- نەشرى.
(2) «ئۇچتۇرپان ناھىيەسى تەزكىرىسى» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2007-يىلى 10-ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشرى؛
(3)  تۇرسۇن بارات : «مۆلجەر تاغ قەلئەسى»، «شىنجاڭ تەزكىرىسى»ژورنىلى ئۇيغۇرچە 1995-يىل 3-سان.
(4) (11) موللاشاكىر:«زەپەرنامە»، «بۇلاق» مەجمۇئەسى 1980-يىل 2-سان، 328 ـ، 330-،333- بەتلەر.
(5) ئابدۇكېرىم خوجا: «باھار يامغۇرى».مىللەتلەر نەشىرياتى، 1991-يىل 6-ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشىرى.
(6)«ئاھ ، نۇرلۇق ئابىدىلەر» (مەرسىيەلەر توپلىمى) 62 ـــ 63-بەتلەر، قەشقەر ئۇيغۇرنەشىرياتى 1996-يىل ئۇيغۇرچە 1-نەشىرى.
(9)(10)  تۇرسۇن بارات، ئىبراھىم قۇربان:«تالانتلىق شائىر ۋە تارىخچى موللا شاكىرنىڭ قەبرىسى توغرىسىدىكى ئىزدىنىشىمىز»، ئۇيغۇرچە«قەدىمقى ئەسەرلەر تەتقىقاتى» 1986-يىللىق 1-سان، 164 ـــ 171-بەتلەر. ئاقسۇۋىلايەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى كىتابلىرىنى يىغىش، رەتلەش، نەشىرقىلىش ئىشخانىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان.
(12) ئۇيغۇرچە«قەدىمقى ئەسەرلەرتەتقىقاتى» 1989-يىللىق 1-سان41ـــ43-بەتلەر، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمقى كىتابلىرىنى يىغىش، رەتلەش، نەشىر قىلىش ئىشخانىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان.

clip_image002.jpg
clip_image002.jpg
clip_image002.jpg
clip_image002.jpg
uyghuray

0

تېما

0

دوست

2415

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   13.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34240
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 754
توردىكى ۋاقتى: 166
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-29 16:21:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ سەيلىگاھلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى زادى قانداقراق ؟ ئۆتكەندە بىر يەتتە قىزلىرىم مازارلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى بەك ئېغىر ، ھەتتا كىرگىلىمۇ بولمايدۇ ، مازارلىق ئىشىگىگە قۇلۇپ سېلىنغان دىگەندى ، بۇ تىمىدا ئۈچتۇرپانلىق قېرىنداشلار بولسا شۇ يەرلەرنىڭ رەسىمىنى يوللاپ قۇيساڭلار بۇ تىمىغا جان كىرگۇزىۋېتەتتى .

14

تېما

2

دوست

6377

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   27.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28327
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 2162
توردىكى ۋاقتى: 365
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-29 16:45:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالام توردىكى تەھرىرلەر، ئېغىر كۆرمەي يۇقىرىقى ماقالىدىكى رەسىملەرنى ئورنىغا كەلتۈرۈپ ، تەكرارلىرىنى چىقىرىۋېتىپ ، ئارتۇقچە ھەرپلەرنى ئېلىۋەتكەن بولساڭلار تولىمۇ ياخشى بولاتتى.

9

تېما

38

دوست

5420

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28130
يازما سانى: 494
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 18
تۆھپە : 1636
توردىكى ۋاقتى: 273
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-29 22:35:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ياخشى تېمىكەن ، تېما يوللىغۇچىنىڭ قولىغا ئاللا دەرت بەرمىسۇن ، مېنىڭ تورداشلاردىن سورايدىغىنىم ، مۇشۇ ‹‹ جىگدە يېغىلىقى ›› سەۋەبلىك بۇ مەنچىڭ دەۋرىدىكى مۇھىم ئاچچىق تارىخلارغا شاھىد بولغان بۇ قەدىمىي ‹‹ ئۇچ ›› دېگەن يۇرتتا قىرغىنچىلىققا ئۇچراش ئەھۋالى قانچىلىكتۇ ، بەزەن ماتېرىياللاردا 20 30 مىڭ دەپ ئېلىنىپتۇ ، يەنە ئاڭلىشىمچە 20 30 مىڭ بولسا ئاز بولۇپ قالارمىش ، چۈنكى ، ئېنىق تارىخىي ماتېرىياللاردا بىر ناھىيە ئادەم ئۇرۇش قىرغىنچىلىق سەۋەبلىك ئاساسەن قالمىغانىكەن ، كېيىن يوقۇرىدىن چۈشكەن بۇيرۇققا ئاساسەن تۇرپاندىن چىگرىنى قوغداش سەۋەبىدىن تۇرپان ۋاڭلىرىنىڭ بىر قىسىم ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈپ ئولتۇراقلاشتۇرغاچقا ئۇچ بىلەن تۇرپان قوشۇلۇپ يېڭى ئاتالغۇ ‹‹ ئۇچتۇرپان ›› يېڭى ئاتالغۇ ياسىلىپتىكەن .
uyghuray

14

تېما

2

دوست

6377

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   27.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28327
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 2162
توردىكى ۋاقتى: 365
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-30 12:27:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ياخشى تېمىكەن ، تېما يوللىغۇچىنىڭ قولىغا ئاللا دەرت بەرمىسۇن ، مېنىڭ تورداشلاردىن سورايدىغىنىم ، مۇشۇ ‹‹ جىگدە يېغىلىقى ›› سەۋەبلىك بۇ مەنچىڭ دەۋرىدىكى مۇھىم ئاچچىق تارىخلارغا شاھىد بولغان بۇ قەدىمىي ‹‹ ئۇچ ›› دېگەن يۇرتتا قىرغىنچىلىققا ئۇچراش ئەھۋالى قانچىلىكتۇ ، بەزەن ماتېرىياللاردا 20 30 مىڭ دەپ ئېلىنىپتۇ ، يەنە ئاڭلىشىمچە 20 30 مىڭ بولسا ئاز بولۇپ قالارمىش ، چۈنكى ، ئېنىق تارىخىي ماتېرىياللاردا بىر ناھىيە ئادەم ئۇرۇش قىرغىنچىلىق سەۋەبلىك ئاساسەن قالمىغانىكەن ، كېيىن يوقۇرىدىن چۈشكەن بۇيرۇققا ئاساسەن تۇرپاندىن چىگرىنى قوغداش سەۋەبىدىن تۇرپان ۋاڭلىرىنىڭ بىر قىسىم ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈپ ئولتۇراقلاشتۇرغاچقا ئۇچ بىلەن تۇرپان قوشۇلۇپ يېڭى ئاتالغۇ ‹‹ ئۇچتۇرپان ›› يېڭى ئاتالغۇ ياسىلىپتىكەن .

بۇ توغرىدا مۇشۇنىڭ ئالدىدا يوللانغان «ئۇچتۇرپان تارىخىدىكى قىسمەتلەر»دېگەن ماقالىگە قاراپ بېقىڭ. مەلۇم بىر تېمىنى ئوقۇغاندا، مۇشۇنىڭغا ئالاقىدار باشقا تېمىلارنىمۇ ئوقۇساق چۈشەنچە تېخىمۇ ئايدىڭلىشىدۇ.

9

تېما

38

دوست

5420

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28130
يازما سانى: 494
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 18
تۆھپە : 1636
توردىكى ۋاقتى: 273
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-30 13:46:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ahmatjantarimi يوللىغان ۋاقتى  2015-4-30 12:27
تېما ياخشى تېمىكەن ، تېما يوللىغۇچىنىڭ قولىغا ئاللا دە ...

لېكىن بۇ رەسىملەردىن قارىسام چوڭقۇر تارىخىي ئىزنا ساۋاقلارغا ئىگە بۇ مۆلجەر تاغنىڭ رەسىمى گەۋدىلىك چىقماپتىغۇ ، ياكى بولمىسا تارىخىي ئورۇنلار تاغ باغرىغا كۆپرەك جايلاشقانمۇ ؟

14

تېما

2

دوست

6377

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   27.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28327
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 2162
توردىكى ۋاقتى: 365
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-30 14:39:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۆلجەر تاغنىڭ رەسىملىرى خېلى كۆپ، مەن پەقەت ئۈستىدىن تارتىلغان كۆرۈنۈشىنىلا يوللىدىم. ھەقىقەتەن ئۇچتۇرپاندىكى نۇرغۇن تارىخىي ئورۇنلار ياكى تاغ ئۈستىدە، ياكى تاغ باغرىدا.

5

تېما

1

دوست

2194

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   6.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6259
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 185
تۆھپە : 573
توردىكى ۋاقتى: 333
سائەت
ئاخىرقى: 2015-7-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-30 16:12:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ahmatjantarimi يوللىغان ۋاقتى  2015-4-30 14:39
مۆلجەر تاغنىڭ رەسىملىرى خېلى كۆپ، مەن پەقەت ئۈستىدىن ت ...

توققۇز بۇلاق باغچىسىنىڭ رەسمى قۇرۇلغان ۋاقتى 1917- يىلى ئىدى. بىر يىل كېيىن بوپ قاپتۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )