قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1533|ئىنكاس: 17

ئىزدىنىش كىتابخانسىدىن 4-ئايدا تارتۇقلانغانلار تىزىملىكى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

1

دوست

6747

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   34.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6345
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 386
تۆھپە : 1873
توردىكى ۋاقتى: 277
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-5 12:20:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4-ئايلىق تاللانغان ئوقۇرمەنلەر تىزىملىكى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز ئوقۇرمەنلەر2015 -يىللىق كىتاب ئوقۇش يىلىنى مۇبارەكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان كىتاب ئوقۇش،تەسىرات يېزىش ۋە كىتاب سوۋغا قىلىش پائالىيتىمىز ناھايتى ياخشى داۋاملىشۋاتىدۇ.كەڭ دوستلارنىڭ قىزغىنلىق بىلەن قاتنىششىنى ئۆمۈت قىلىمىز.
تۆۋەندە ئىسمى چىققان ئوقۇرمەنلەرنىڭ كىتابخانىمىزغا كىرىپ ئۆزى خالىغان كىتابنى تاللىۋېلىشىنى ئۆمۈت قىلىمىز.
ئادرىسىمىز:http://izdinix.taobao.com
1.كىتابنىڭ نامى: ئالتە شەھەر مەكتۈپلىرى
ئاپتۇرى: نوشىرۋان يائوشىف
نەشىر ۋاقتى: 2013-يىلى8-ئاي
ئوقۇرمەن: ئىلھامجان ئابلىمىت
ئادرىسى: قارا شەھەر ناھىيسى
ئالاقە نۇمۇر: 15****18999
2.كىتابنىڭ نامى: «يىگىت دىگەن شۇنداق بولسا»،« ئۇلۇغبەگ خەزىنىسى »
ئاپتۇرى: ئىھسان ئابدۇقۇدۇس
نەشىر ۋاقتى:
ئوقۇرمەن: قاھىرە
ئادرىسى: شىنجاڭ ئونۋېرسىستى ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: 748***13079
3.كىتابنىڭ نامى: ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى
ئاپتۇرى: ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
نەشىر ۋاقتى: 2002-يىلى 2-ئاي
ئوقۇرمەن: ئەخمەتجان مەمتىمىن
ئادرىسى: بۈگۈر ناھىيىلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: 370***13779
4.كىتابنىڭ نامى: ئادەت كۈچى ۋە تەپەككۈردىن ياتلىشىش
ئاپتۇرى: تۇرسۇنمۇھەممەت توختى
نەشىر ۋاقتى: 2013-يىل 6-ئاي
ئوقۇرمەن: ئارزۇگۈل ئابلىز
ئادرىسى: بۈگۈر ناھىيىلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: 493***15309
5.كىتابنىڭ نامى: يىراقتىكى كىشىلەر
ئاپتۇرى: ئابدۇراخمان قاھار
نەشىر ۋاقتى: 2013-يىل 7-ئاي 1-نەشرى
ئوقۇرمەن: ئادىل ئابدۇراخمان
ئادرىسى: ئاۋات ناھىيىلىك  سۇ  ئىشلىرى  ئىدارىسى
ئالاقە نۇمۇر: 393***18099
6.كىتابنىڭ نامى: پوزىتسىيە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ
ئاپتۇرى: رومان پېيىر
نەشىر ۋاقتى:
ئوقۇرمەن: مەرھابا ئابلىمىت
ئادرىسى: تۇرپان شەھەرلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر:
7.كىتابنىڭ نامى: قۇم باسقان شەھەر
ئاپتۇرى: مەمتىمىن ھۇشۇر
نەشىر ۋاقتى: 2003- يىلى 3-ئاي 2- نەشرى
ئوقۇرمەن: مەرھابا قۇربان
ئادرىسى: چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: تەمىنلەنمىگەن
8.كىتابنىڭ نامى: لەگلەك قوغلىغۇچى بالا
ئاپتۇرى: خالىد ھۈسەيىن ( ئامېرىكا)
نەشىر ۋاقتى: 2014  – يىلى9-ئاي 2- نەشرى
ئوقۇرمەن: مەنزىرىگۈل راخمان يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: ئەخمەتجان قۇربان
ئادرىسى: چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر:
9.كىتابنىڭ نامى: دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى
ئاپتۇرى: ئوگ ماندىنو (ئامېرىكا)
نەشىر ۋاقتى:2003-يىل4-ئاي1-نەشىرى
ئوقۇرمەن: مۇنىرە ياسىن يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: ئەخمەتجان قۇربان
ئادرىسى: چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر:
10.كىتابنىڭ نامى: ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغۇسىدا
ئاپتۇرى: ئابدۇقادىر جالالىدىن
نەشىر ۋاقتى: 2012-يىل4–ئاي1-نەشرى
ئوقۇرمەن: رېجەپ تۇرسۇن يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: ئەخمەتجان قۇربان
ئادرىسى: چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر:
11.كىتابنىڭ نامى: ئامەت ۋە ئاپەت
ئاپتۇرى: جالالدىن بەھرام
نەشىر ۋاقتى: 2006  – يىلى4  -ئاي 1- نەشرى
ئوقۇرمەن: گۈلنىساخان تۇرسۇن يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: ئەخمەتجان قۇربان
ئادرىسى: چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر:
12.كىتابنىڭ نامى: جۇدۇن سوققان ياپراقلار
ئاپتۇرى: ئابدۇقادىر سادىر
نەشىر ۋاقتى: 2006  – يىلى4  -ئاي 1- نەشرى
ئوقۇرمەن: رىزۋانگۈل ئىمىن يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: ئەخمەتجان قۇربان
ئادرىسى: چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر:
13.كىتابنىڭ نامى: تاشقا ئايلانغان كۆز يېشى
ئاپتۇرى: ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت
نەشىر ۋاقتى: 2000-يىل 1-نەشىرى
ئوقۇرمەن:گۈلجەننەت ياسىن  (يىتەكچى ئوقۇتقۇچى زەينۇللا مۇئەللىم)
ئادرىسى: قەشقەر شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر:
14.كىتابنىڭ نامى: ئۇنتۇلغان كىشىلەر
ئاپتۇرى: ئەخەت تۇردى
نەشىر ۋاقتى:2009-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
ئوقۇرمەن:تۇرسۇنئاي قېيۇم (زەينۇللا مۇئەللىم)
ئادرىسى: قەشقەر شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر:
15.كىتابنىڭ نامى: يىگانە ئارال
ئاپتۇرى: ئەختەم ئۆمەر
نەشىر ۋاقتى:2000-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى
ئوقۇرمەن:لەيلىگۈل ئابلىمىت(زەينۇللا مۇئەللىم)
ئادرىسى: قەشقەر شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر:
16.كىتابنىڭ نامى: دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچىنىڭ داۋامى
ئاپتۇرى: مورس لول (يېڭى زىلاندىيە)
نەشىر ۋاقتى:2006-يىل5-ئاي1-نەشىرى
ئوقۇرمەن:گۈلمىھرە ئابدۇرېھىم (زەينۇللا مۇئەللىم)
ئادرىسى: قەشقەر شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر:
17.كىتابنىڭ نامى: سوفىيەنىڭ دۇنياسى
ئاپتۇرى: جوستېئىن گاردېر (نورۋېگىيە)
نەشىر ۋاقتى: 2003-يىل 9-ئ‍اي 1-بېسىلىشى
ئوقۇرمەن: ئ‍ائىشە قۇتلۇق
ئادرىسى: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: 948***13070

پائالىيەتنىڭ تەپسىلى مەزمۇنى:./forum.php?m ... 7576&highlight=ئىزدىنىش
ئالدىنقى ئايدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرنىڭ تىزىملىكى:./forum.php?m ... 9228&highlight=ئىزدىنىش


uyghuray

14

تېما

1

دوست

6747

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   34.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6345
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 386
تۆھپە : 1873
توردىكى ۋاقتى: 277
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-5 12:32:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تەسىرات ماقاللىرىدىن پارچە

ئالتەشەھەر مەكتۇپلىرى›› ناملىق كىتاب توغىرسىدا ئويلىغانلىرىم
          بۇ ئايدا نوشىرۋان يائوشىفنىڭ ‹‹ئالتەشەھەر مەكتۇپلىرى›› دىگەن كىتاپنى ئوقىدىم،ئوقىغانلىرىم توغىرسىدا سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق تاپتىم.بىز ئاۋۋال بۇ كىتاپنىڭ يازغۇچىسى نوشىرۋان يائوشىف بىلەن تۇنۇشۇپ چىقايلى،يازغۇچى نوشىرۋان يائوشىف 1880-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ھازىرقى باشقىرتىستان جۇمھۇرىيتى ئۇفا ۋىلايىتىنىڭ بەرىبەي ناھىيە بوغادى يېزا مىڭتال كەنتىدىكى ئوتۇن كۆمۈرى ساتىدىغان شىر يەزدان ئەخمەت ئوغلى يائوشىف ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.1914-يىلى ئوسمان ئېمپىرىيسىنىڭ ‹‹ئىتتىھات ۋە تەرەقىيات ھەيئىتى››قەشقەرگە ئۇسۇلى جىدىت ئارقىلىق پانتۈركىزىم،پانئىسلامىزىمنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن بىر قىسىم كىشىلەرنى ئەۋەتكەن،يازغۇچىمۇ شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.يائوشىف 1914-يىلى4-ئاينىڭ23-كۈنى سەھەردە پويىز ئارقىلىق سەمەرقەنىتدىن قوقانغا بارغان،ئارقىدىن ئېلى ئارقىلىق چىن تەۋەلىكىگە كىرىپ رۇزا ھېيىتتا(1914-يىلى8-ئاينىڭ23-كۈنىدىن25-كۈنىگىچە) تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شىخو ئارقىلىق ماناس ئارلىقىدىكى كەنىتلەردىن ئۆتۈپ قۇربان ھېيىتتا (1914-يىلى10-ئاينىڭ30-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ2-كۈنىگىچە)كۇچاغا يىتىپ كەلگەن،ھەمدە ئورنبۇرگدا نەشر قىلىنىۋاتقان‹‹ۋاقىت››گېزىتىنىڭ مۇخبىرى بۇلۇش سالاھىيتى بىلەن مۇخبىرلىق پائالىيتىنى باشلىغان،يەنى ئالتەشەھەردىكى ساياھەت پائالىيتىنى باشلىغان.‹‹ۋاقىت گېزىتى››ئىدارىسى تەرىپىدىن ئايدا ئىككى سان چىققىدىغان ‹‹شۇرا››ژورنىلىدىمۇ ھەرساندا دىگۈدەك ماقالە ۋە سەپەر خاتىرسى ئېلان قىلىپ تۇرغان.بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان ئالتەشەھەر ھازىرقى جەنۇبى شىنجاڭدىكى ئالتە يۇرىتنى كۆرسىتىدۇ.
كىتاپ قۇرۇلمىسىغا قارايدىغان بولساق بۇ كىتاپتا نوشرىۋان يائوشىفنىڭ ‹‹شۇرا››ژورنىلىغا ۋە ‹‹ۋاقىت گېزىتى››گە ئەۋەتكەن ئالتەشەھەردىكى ساياھىتىگە مۇناسىۋەتلىك 91پارچە مەكتۇپى شۇ چاغدا ئېلان قىلىنغان ۋاقىت تەرتىپىگە ئاساسەن رەتلىنىپ بۇ كىتاپقا كىرگۈزۈلگەن.
بۇ كىتاپتا يازغۇچى ئۆزىنىڭ كۇچا،قەشقەر،ياركەنت،خوتەن قاتارلىق يۇرتلاردا ئېلىپ بارغان ساياھىتىنى،بۇلۇپمۇ بۇ يۇرتلاردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تۇرمۇشىنى،دىننىي ئېتىقاتىنى،تارىخىنى،مىللىي ئۆرۈپ ئادەتلىرىنى ھەتتا كىيىنىشلىرىگىچە بولغان قاراشلىرىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەھۋالىنى كۆرگەندىن كىيىنكى ئىچكى ھېسىياتىنى ئېنىق تەسۋىرلىگەن.ھەم ئۆزىنى ئۇيغۇرلار بىلەن بىر تۈرك ھېساپلىغان نوشىرۋان يائوشىف ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىغا قارىتا مەسخىرە قىلىش ئەمەس بەلكى ھېسداشلىق قىلىش،ئېچىنىش ھېسىياتىدا تۇرۇپ بايان قىلغان.
كىتاپ مەزمۇنىدىن ئۈزىندىلەر:
1.(13-بەت) بۇ يەردە دىۋانە ۋە قەلەندەربەك تولا.تەپسە تۈمۈر ئۈزگىدەك ،ئۇرۇشسا بەش كىشىنى بىردىن سېلىپ يىغىشتۇرغىدەك تېنى تازا ياش ياش يىگىتلەردىۋانىلىككە بىرىلىپ ،كوچا كويلاردا تىلەمچىلىك قىلىپ تۇرىدۇ.بۇ دىۋانىلەر ئارىسىدا بەك ئوساللىرىمۇ بار،بىر كىشىگە ئاچچىقى كەلسە كوچىدىكى ئۇششاق بالىلارنى قىينايدۇ،نان ساتقۇچى ئاياللارنىڭ نانلىرىنى بۇلاپ يەيدۇ،سۈتچى خوتۇنلارنىڭ سۈتىنى ئىچىۋالىدۇ.ئوتۇنچىلارنىڭ ئوتۇنىنى تارتىۋىلىپ قالايدۇ.بۇيەرنىڭ ئادەملىرى دىۋانىلەرنىڭ قارغىشىدىن بەكلا قورقۇيدۇ،شۇڭا ئۇلارغا ھېچنىمە دىيەلمەيدۇ،ئۇلاېنى ھەققىقىي مەجنۇن دەپ ئويلايدۇ،بىراق .ئۇلار مەجنۇنمۇ ئەمەس دىۋانىمۇ ئەمەس،        پەقەتلا ھورۇنلۇق ۋە بىكار تەلەپلىكىدىن ئىشتىن قورىققانلىقىدىن شۇنداق قىياپەتكە كىرىۋىلىپ يۈرىدۇ،ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پۈتۈنلەي ئانىدىن تۇغما يالىڭاچ پېتى يۈرىدۇ.
2.(14-بەت)ئالتەشەھەر مۇسۇلمانلىرى ئۆزلىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ،‹‹سىز كىم بۇلىسىز؟››دەپ سورىسا ‹‹چەنتو بۇلىمىز››دەپ جاۋاپ بىرىدۇ.چەنتو-چىنلىقلار تەرىپىدىن بىرىلگەن ئات بۇلۇپ،‹‹يۆگىمە باش››دىگەن مەنىدە.چىنچە‹‹چەن››-ئورالغان،‹‹تو››-باش دىگەن سۆزدۇر.بۇ يەردە مىللىي تارىخ،ئانا تىل ۋە مىللىي ئەدەبىيات ئوقۇتىدىغان مەكتەپ –مۇدەرىسلەريوق،بولسىمۇ بۇخارا ئۇسۇلىدا مانا مۇشۇ سەۋەپلىك ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنى بىلمەي يۈرىشىدۇ.بۇ يەردە ئۆز ئانا تىلىدا توغرا يازالايدىغان ۋە ئوقۇيالايدىغان ۋە مىللىي تارىختىن خەۋەردار بىرمۇ كىشى يوق،پەقەت كاشغەرلىك داموللا ئابدۇقادىر ئەپەندى بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر.
-سىز كىم؟
-ئەلھەمدۇللىلا چەنتو
مانا جاھالەت دىگەن.
3.(26-بەت)ئالتەشەھەردە ئومۇمنىڭ پايدىسىغا ئىش قىلىدىغان بىرمۇ ئادەم يوق.
4.(429-بەت)خوتەن شەھىرىدە چۇما بىلەن ئاغرىپ ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانى كۈندىن كۈنگە ئاۋاپ كەتكەچكە،شەھەرنىڭ ئۆلىما ۋە مۆتىۋەرلىرى مازارلارغا چىقىپ دۇئا تەلەپ قىلدى،يەتتە كۈن تۇتاش قەبرە بېشىدا نەزىر قۇربانلىقى قىلدى،مەشھۇر،ئۇلۇغ دىۋانە ۋە ئەۋلىيالارنى چاقىرىپ دۇئا قىلدى.ئەمما ۋابا دۇئالىرى نىشانغا تەگمەي ئۇچۇپ كەتتى،بۇنداق دۇئا ۋە پائالىيەتلەرنىڭ ھېچقانداق پايدىسى كۆرۈلمىدى،خەلىق:‹‹دىۋانە ۋە ئەۋلىيالارنىڭ دۇئالىرى قۇبۇل بولمايساتسا كېرەك ››دىگەن پىكىرگە كىلىپ قالدى.شۇڭا،كاشغەردىكى ئىگەرچى ئىشاننىڭ ئوغلىنى دەۋەت قىلىپ ئېلىپ كىلىپ،شۇ زاتنى دۇئا قىلدۇرۇش پىكرىگە كىلىۋاتىدۇ،ئەگەر بۇنىڭۇ دۇئاسى قۇبۇل بولمىسا ،بارغىدەك يەر قالمىغانلىقى ۋە باشقا دۇئاسى قۇبۇل بۇلىدىغان تاپالمايدىغانلىقىنى ئويلاپ،خەلىق بەك تىت-تىت بۇلۇۋاتىدۇ،ئۇنداقتا يىراقراق بولسىمۇ،بۇخارايى شەرىفتىن بىرەر ئەۋلىيانى چاقىرمىسا ۋابانى تۇسۇغىلى بولمىغىدەك...
بۈگۈنگىچە دۇئا ۋە كارامەتلىرى بىلەن داڭ چىقارغان مەشھۇر دىۋانە ۋە ئەۋلىيالارنىڭ دۇئالىرى قۇبۇل بولمايدىغانلىقى خۇسۇسىدا خوتەن ئۆلىمالىرى ئارىسىدا مەخسۇس بىر مەجلىس بۇلۇپ ئۆتتى،مەجلىسكە شەھەرنىڭ باي ۋە مۆتىۋەرلىرىمۇ قاتناشتى.خوتەن ئۆلىمالىرى بۇ ھەقتە كىتاپ كۆرمەكچى بۇلۇپ،بىر نەچچە كۈن كىتاپ مۇتالىئە قىلدى.نىھايەت،ئىزلەۋاتقان دۇئانى ماڭدۇرغۇزمايدىغان سەۋەپ تېپىلدى،بۈگۈنگىچە تىلىگەن تىلەكلەرنىڭ خۇداغا يىتىشىگە توسالغا بۇلىۋاتقان نەرسە-ئات ئىكەن.ئات بار يەردە دۇئا قۇبۇل بولماسمىش.شۇ سەۋەبتىن شەھەردىكى ھەممە ئاتلارنى ئۆلتۈرۈپ تۈگىتىش قارار قىلىندى.
كىتاپتا يۇقارقىدەك بايانلارنى ماڭدامدا بىر ئۇچرىتىپ تۇرىمىز.لىكىن ھەممسىىنى كىرگۈزۈشكە شارائىت ياربەرمىگەنلىكى ئۈچۈن بىر قىسىمىنى كىرگۈزدىم.تۆۋەندە ئۆزەمنىڭ قىسقىچە تەسىراتىمنى سۆزلىمەكچىمەن.
پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا قارايدىغان بولساق،خەلىق ناھايىتى نامراتلاشقان،كەيگىدەك كىيىمى يوق،يىگىدەك نېنى يوق،ئۆمرى باشقىلارغا مۇھتاجلىق بىلەن ئۆتۈپ كىتىپ بارغان،ھېچقانداق بىر كىشىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشكە كۈزى يەتمەيدۇ.ھەتتا تۇرمۇش قىيىنچىلىقىدىن ئۆز باللىرىنى باشقىلارغا سېتىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلەيمىز.دىنىي ئېتىقات جەھەتتىن خەلىق بەكمۇ خۇراپىي،ھەققىقى ئىسلامىنىڭ يۇلىنى سۆزلەيدىغان كىشى يوق دىيەرلىك،بۇ يۇرىتتا قەبرىدىن مەددەت تىلەش بەك ئېغىر، تاپقان تەرگىنىنى مازا ماشايىقلارغا بېرىپ زاكات بىرىپ قەبرىدىن ئۆز تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىنى كۈتىدىغان كىشىلەر بەك كۆپ.بۇنىڭدىن باشقائېسىل كىيىنىپ باي باياشات تۇرمۇش كەچۈسەك،ئاللاھنىڭ ئالدىدا كبىرلىك قىلغان بۇلىمىز دەيدىغان قاراشنىڭ يىلتىزى بەك چوڭقۇر بولغاچقا ئىشلىگىدەك كۈچ قۇدرىتى بار كىشىلەردىمۇ ئەسكى كىيىملەرنى كىيىم تىلەمچىلىك قىلىدىغان ئىش بىر قەدەر ئېغىر بولغان.داۋالاش ئىشلىرى بەكلا ئارقىدا قالغان،سوۋىتنىڭ بىر نەچچە يەرلىرىدىكى دوختۇرخانىلىرىنى ھېساپقا ئالمىغاندا پۈتۈن ئالتەشەھەردە مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ھەتتا خوتەندە ۋابا تارقالغاندا ھېچقانداق بىر كىشى ۋابانىڭ سەۋەبىنى ئىزدىمەي ‹‹ئەۋلىيا››لاردىن دۇئا تەلەپ قىلدىغان ئىشلار ئاددەتكە ئايلانغان.پۇقرالارنىڭ كىيىنىشىنى سۆزلىسەك مەيلى بايلار بولسۇن ياكى نامراتلار بولسۇن ھېچقايسىسى بۇ يۇرىتتا ئىشلەپچىقىرىلغان كىيىمنى كىيەلمەيدۇ،قىسقىسى بۇ يۇرىتتا ئۆزىنىڭ كىيىم كىچەكلىرىمىزنى ئىشلەپچىقارغىدەك سەۋىيە يوق،خام ئەشىيا بۇ يۇرىتتىن چىققان بىلەن ئۇنى ئىشلەپچىقىرىپ كىيىپ كىچەك تىككىدەك زاۋۇتلاريوق.شۇڭا بۇ يۇرىتنىڭ كىيىم كىچەك مەدەنىيتى ئاساسەن يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان.بۇ يۇرىتنىڭ مائارىپ ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق ،مائارىپتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ،پۈتۈن ئالتەشەھەردە ئۆز ئانا تىللىدا يازالايدىغان،ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان ئادەم تېپىلمايدۇ دىگەن گەپلەردىنلار مائارىپنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز،پۈتۈن كىتاپ مەزمۇنىدىن پەقەت بىر مەزمۇنلا كۆڭلۈمنى سۈيۈنىدۇ،ئۇ بولسىمۇ يازغۇچىنىڭ بايانى:بۇلار ئۆزىنىڭ ساپ ئانا تىللىدا سۆزلەيدۇ،پۈتۈن تۈرىك مىللەتلىرى ئىچىدە بۇلاردەك ساپ ئانا تىلىدا سۆزلەيدىغان ئادەملەر بولمىسا كېرەك.كىتاپنى ئوقاۋىتىپ بۇ مەكتۇپلار يېزىلغاندىن يۈز يىل كىيىنكى ھازىرقى ۋاقتىمىزغا خىيالىم ئاقتى.
شۇ دەۋىر بىلەن سېلىشتۇرغاندا تۇرمۇشىمىزدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى،تۇرمۇش سەۋىيىمىز ئاشتى،تۇمۇشىمىز بىرقەدەر ياخشىلاندى،لىكىن بىزنىڭ بىر قىسىم كىشىلىرىمىز يەنىلا خۇراپارلىقتىن قۇتۇلالماي تۇرىدۇ،قەبرىدىن مەددەت تىلەش ھازىرمۇ خېلى ئېغىر،مائارىپ ئەھۋالىمىزغا قارايدىغان بولساق يۇرتىمىزدا نۇرغۇن ئالىي بىلىم يۇرىتلىرى قۇرۇلدى،يەسلى مائارىپىدىن ئالىي مائارىپغىچە كۆپ تەرەقىي قىلدى،لىكىن بىر قىسىم خەلىقىمىز ئوقۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تېخىچە چۈشەنمەي قېلىۋاتىدۇ،نۇرغۇن ياشلىرىمىزنىڭ ياخشى ئوقۇپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى بىلمەيۋاتىدۇ.كىتاپتا  بۇ يۇرتتا بىرمۇ نەشىريات يوق،ھەتتا ئۇلارنىڭ گېزىت ۋە ژورنال ئوقىغىدەك سەۋىيسى يوق دىگەندەك مەزمۇنلارنى ئۇچرىتىپ قالىمىز.لىكىن ھازىرغا قارايدىغان بولساق نەشىريات ئىشلىرى بىر قەدەر مۇنتىزىملاشتى،نۇرغۇن نۇرغۇن كىتاپ ژورناللار نەشىردىن چىقتى،كىتاپخانىلار يۇرىت يۇرىتلاردا ئېچىلدى،لىكىن كىتاپلارنىڭ قەدرىگە يىتىپ ئوقۇۋاتقان ئادەملىرىمىز يەنىلا ئاز.بىز ئەمدى ئوقىمىساق بولمايدۇ.قانداق ئوقۇيمىز؟قۇدرىتى يەتكەنلەر ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئوقۇيمىز،قۇدرىتى يەتمىگەنلەر خۇددى زۇلپىقاربارات ئۆزباش :‹‹دۇنيادىكى ئەڭ ئالىي مائارىپ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش مائارىپى ››دىگەندەك كىتاپلارنى سېتىۋىلىپ ئۆزلىگىمىزدىن ئوقۇيمىز.ئۆگىنىمىز.پەقەت ئۆگنىشلا تۇرمۇشىمىزنى  ئۆزگەرتەلەيدۇ.ھاياتنىڭ ھەققىي مەنىسىنى بىلدۈرەلەيدۇ.
   
                                                                                          
                                                    ئىلھامجان ئابلىمىت
                                               2015-يىلى4-ئاينىڭ21-كۈنى


ئەسكەرتىش:
بۇ كىتاپنى 2015-يىلى4-ئاينىڭ10-كۈنىدىن باشلاپ4-ئاينىڭ18-كۈنىگىچە قاراشەھەردە ئوقىدىم.
كىتاپ نامى:ئالتەشەھەر مەكتۇپلىرى
ئاپتورى: نوشىرۋان يائوشىف                                                                                 
نەشىر قىلىنغان ۋاقتى:2013-يىلى8-ئاي

0

تېما

3

دوست

4948

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   98.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35417
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1504
توردىكى ۋاقتى: 440
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-5 14:28:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ھەقىقەتەن كاتتا ئىش قىلىۋاتىسىلەر، بولسا مۇشۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يازغان تەسراتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىنكاس ئارقىلىق چىقىرىپ تۇرغان بولساڭلار، بىزمۇ بىللە ھوزۇرلانساق، يەنە بۇلارنىڭ تەسراتلىرىنى ئوقۇساق شۇ كىتاپقا بولغان چۈشەنچىمىز شەكىللىنىدىكەن، قىزىقىشمۇ تۇغۇلىدىكەن. ئالتە شەھەر مەكتۇپلىرى دىگەن كىتاپنى كۆپ ئاڭلىغان بولساممۇ بۇنداق قىممەتلىك كىتاپ ئىكەنلىكىنى ئويلىماپتىكەنمەن دېسە...

1

تېما

8

دوست

4734

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   91.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31651
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1500
توردىكى ۋاقتى: 498
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-5 16:03:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇلىمۇ ئەھمىيەتلىك قەدەملەر بىسىلىۋاتىدۇ، ئىزدىنىش كىتاپخانىسىغا تەشەككۈر !
uyghuray

16

تېما

9

دوست

5321

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   6.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7463
يازما سانى: 483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 45
تۆھپە : 1578
توردىكى ۋاقتى: 202
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-5 19:01:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ياخشى ئىشىڭلارغا كۆز تەگمىسۇن ! ياخشى ئىش يەردە قالمايدۇ...
مەن بىر پارچە تەسىرات ماقالىسى ئىۋەتكەن ئىدىم .كەچمىش رومانى توغرىسىدا ،بىلمىدىم تاپشۇرۇپ ئالالىدىڭلارمۇ يوق ؟ رەنجىمەي خەۋىرىنى بەرگەن بولسىڭىز...

0

تېما

2

دوست

4887

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   96.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28208
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1548
توردىكى ۋاقتى: 298
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-5 20:37:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ئەجرىڭلەرنى بەرسۇن . ناھايىتى كاتتا ئىش قىلىۋاتىسىلەر .

14

تېما

1

دوست

6747

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   34.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6345
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 386
تۆھپە : 1873
توردىكى ۋاقتى: 277
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-5 23:37:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
samawar يوللىغان ۋاقتى  2015-5-5 19:01
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ياخشى ئىشىڭلارغا كۆز تەگمىسۇن ! ياخ ...

قاچان قايسى ئادىرسقا ئېۋەتكەن بولغىدىڭىز،ئىۋەرتكۈچىنىڭ نامىچۇ؟چۈنكى بىر خىل كىتابتىن بىر نەچچە تەسىرات كىلدىغان ئىشلارمۇ بار.

0

تېما

0

دوست

1199

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   19.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21359
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3
تۆھپە : 374
توردىكى ۋاقتى: 89
سائەت
ئاخىرقى: 2015-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-6 09:22:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناھايىتى ياخشى ئىش بۇلۇپتۇ.
مەن ئارتۇق ئويلىۋالدىممۇ بىلمىدىم، تارتۇقلىنىش دىگەن گەپ يۇقىرى ئۇرۇندا تۇرىدىغان ئادەم تۆۋەندىكىلەر بەرگەن مۇكاپاتنى تارتۇق قىلىش دەيمىز، مەسىلەن پادىشاھ قىلغان تارتۇق. شۇڭا تېمىنىڭ مەنىسدىن كىتابخانا ئۇقۇرمەنلەرنىڭ بەك ئۈستىگە قۇيۇۋېتىلگەندەك تەسىر بېرىدىكەن. ئىزدىنىش كىتابخانىسىدىن مۇكاپاتلانغانلار تىزىملىكى دەپ قۇيۇلسا ناھايىتى نورمال بولىدۇ دەپ قارايمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )