بۇ يازمىنى ئاخىرىدا muhbirjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-5-7 18:06
غايىدىن باشلانغان، كەلگۈسىگە تۇتاشقان ئۇلۇغ بايقاش – پېپتىد
تەتقىقاتچىلار ئاقسىلنى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، ئاممونىي كىسلاتادىن تۈزۈلگەن، ئاقسىلغا ئوخشىمايدىغان بىر خىل ماددىنى بايقىغان. ئاقسىللىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بۇ ماددىغا «پېپتىد» دېگەن نام بېرىلگەن. پېپتىد ئورگانىزىمنىڭ فىزىئولوگىيەلىك فۇنكىسىيەسىنى تەڭشەش ۋە ئورگانىزىمنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەشتەك قوش ئۈنۈملۈك رول ئۆتەيدۇ. ئۇ كىشىلىك ھاياتتىكى بارلىق مىتابولىزىم جەريانىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. پېپتىد جانلىقلاردىكى ھەر تۈرلۈك ھۈجەيرە فۇنكسىيەسىدىكى بىيو ئاكتىپچان ماددا؛ بىيوخىمىيە ئالىملىرى پېپتىدنى سۈنئىي ئۇسۇلدا بېرىكتۈرۈپ چىققان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، مولېكولا بىيولوگىيەسى ۋە بىيوخىمىيە تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، پېپتىد تەتقىقاتىدىمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك، دەۋر بۆلگۈچ ئىلگىرلەش مەيدانغا كەلدى. ئىنسانىيەتنىڭ پېپتىدنى تەتقىق قىلىۋاتقىنىغا 100 يىلدىن ئاشتى. ئاز دېگەندىمۇ بەش تۈرلۈك پېپتىد تەتقىقات نەتىجىسى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 1902 يىلى، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى مىدىتسىنا فاكولتېتىدىكى فىزىئولوگىيە ئالىملىرىدىن بايلىس بىلەن سىتەرلىڭ جانلىقلار تېنىدىن بىر تۈرلۈك ئاجايىپ ماددىنى بايقاشتى ۋە ئۇنى سىكرۇتىن، دەپ ئاتىدى. بۇ ئىنسانلارنىڭ پېپتىدنى تۇنجى قېتىملىق بايقىشى بولۇپ، پېپتىدنىڭ ئاقسىل ۋە ئاممۇنىي كىسلاتادىنمۇ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى پەرەز قىلىنغان ئىدى. بۇ بايقاش پېپتىدنىڭ ھاياتلىق ئىلمىدىكى تۈرلۈك فۇنكىسيەلىك تەتقىق قىلىنىشىغا يول ئاچتى، نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتى بۇ ئىككى ئالىمغا نوبېل بىيولوگىيە مۇكاپاتى بەردى.
شۇنىڭدىن كېيىنكى 100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا، ئالىملار ئىلگىركېيىن بولۇپ، 100 خىلغا يېقىن پېپتىدنى بايقىدى. ئورگانىزىمدىكى نېرۋا، قان تومۇر، ئىچكى ئەزا، سۆڭەك، تېرە قاتارلىقلار بىلەن ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بىرخىل كۆپ ئىقتىدارلىق پېپتىد بولغان كوللاگېنلىق پېپتىدنى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بۇ خىل ماددىنىڭ «ئورگانىزىمدىكى كۆپ تەرەپلىك رولى»، «ئورگانىزىم بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىلىرىدىكى مۇھىم ماددا»لىقى، «كىشىنىڭ روھىي ھالىتى، بەدەن قۇۋۋىتى، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى، ئىممونىتىت سىستېمىسى قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك» ئىكەنلىكى، «ھاياتلىق سۈپىتىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىملىقى»، «كوللاگېنلىق پېپتىد ئارقىلىق ھەر قانداق كېسەلنى ساقايتقىلى بولۇش مۇمكىنچىلىكى بارلىقى ۋە ئۇنى باشقا دورىلارغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغانلىقى»، «كوللاگېنلىق پېپتىدنىڭ ساغلام ھالدا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتىكى يېڭى مەخپىيەتلىك» ئىكەنلىكى، خەلقئارا ئىلىم پەن ساھەسىدىكى سەرخىل ئالىملار تەرىپىدىن ئىسپاتلاندى. نۆۋەتتە، كوللاگېنلىق پېپتىد تەيئەيتەي گۇرۇھىنىڭ مۇستەقىل پاتېنت تېخنىكىسى قالقان قىلغان ھالدا، ئىلىم پەن بىلەن ھاياتلىقنىڭ مۇكەممەل بىرىكىشىدىكى ئۈلگىگە ئايلاندى. كىشىلەرنىڭ «ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش» ئارزۇسىنىڭ رىئاللىققا ئايلىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ۋە پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. ھاياتلىق ئەمدى غۇلاچلىرىنى كەڭ ئېچىپ يېپيېڭى بولغان «پېپتىدلىق كۈتۈنۈش دەۋرى»نى كۈتۈۋالغۇسى! |