قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1806|ئىنكاس: 29

ئەدەبى تەنقىتچىلىكمىزنىمۇ قانۇنچىلىق ئىزىغا سېلىش كېرەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

26

تېما

35

دوست

400 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8883
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 800063
تۆھپە : 802415
توردىكى ۋاقتى: 2768
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-21 17:39:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبى تەنقىتچىلىكمىزنىمۇ قانۇنچىلىق ئىزىغا سېلىش كېرەك
كۆرەش ھاشىم
شىنجاڭ راۋان ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ مۇدىر ئادۋۇكاتى

    تارىختا «قىسسەسۇل ئەنبىيا»ۋە«جانبەگنىڭ كەچۈرمىشلىرى»دىن باشقا رومانى بولمىغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يېقىدنىن بۇيان نەچچە ئونلىغان رومانلار يېزىلىپ،ئەدەبى ژانىرلارنىڭ سەركىسى ھېسابلانغان بۇ بىرلىك ژانىرلار ئىجادىيتىدە خەلقىمىزنى خۇشال قىلدىغان زور مەنىۋىي بايلىق يارتىلدى.بۇنداق خۇشاللىنارلىق ۋەزىيەتتە شىددەت بىلەن ئىلگىرلەۋاتقان ئەدەبىيات قوشۇنىدىن ئىبارەت بۇ ھارۋىنى ئىچ ئات بولۇپ سۆرەۋاتقان ئاز ساندىكى تالانىت ئىگلىرىنى كۆز قارچۇقمىزدەك ئاسراش ھەممىمىزنىڭ ۋىجدانى بۇرچى ئەلۋەتتە.بىراق،بىزدە ئۇزاقتىن بۇيان تارازىسى ئىزچىل تۈردە قىيپاش بولۇپ كەلگەن ئەدەبىي تەنقىتچىلىك ئۆز ئەدەبىياتىغا بولغان مۇھاببەتتىن كۆرە،ئورۇنسىز چۆكۈرۈش ۋە ئىنكار قىلىش بەكرەك ئەتۋارلاپ،گېزى كەلسە قانۇننىمۇ بىر چەتكە قايرىپ قويۇپلا تالانىت ئىگلىرىنىڭ ئىززەت-غورورىنى دەپسەندە قىلدىغان نامۇۋاپىق ئىللەتلەرنى سادىر قىلماقتا.بۇ خىل ئىللەت «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى»نىڭ 2001-يىلى 4-ئاينىڭ14-كۈندىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان«ساختا مەھسۇلات _ پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر »ناملىق ماقالىدا ئادەم چىداپ تۇرغۇسىز تىل-ھاقارەتلەردە گەۋدىلىك ئىپادىلەندى.توغرا تارازىغا ئىگە ھالال ئوبزورچى ئالىم نىياز ئاكا«قۇمۇل ئەدەبىياتى»ژورنىلنىڭ 2001-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان«پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر،راستىنلا ساختا مەھسۇلاتمۇ؟»دېگەن ماقالىسىدا يۇقارقى ماقالىدىكى سەۋەنلىكلەرنى دەل ۋاقتىدا ،ئىلمى ۋە ھەققانىي تەلەپپۇزدا ئېچىپ كۆرسىتىپ بەرگەن بولسىمۇ،«ئىقتىساد گېزىتى»تەھرىر بۆلۈمى ئالىم نىيازنىڭ مەزكۇر ماقالىسىنى باسماي قايتۇرۋەتكەننىڭ ئۈستىگە،داۋاملىق ئىلگىركى ماقالىلەردىكى سەۋەنلىكلەرگە قارغۇلاچە گوپپاڭچىلىق قىلدىغان ماقالىلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ بېسىپ،ئۆز سەۋەنلىكلىرىنى تۈزتىشنىڭ ئورنىغا،ئەكىسچە ئېغىرلاشتۇرۇپ قويدى.شۇڭا قانۇن خادىمى بولۇش سۈپتىم بىلەن ھەم ئەخلاقىي-ھەم قانۇنىي نۇقتىدىن ئېغىر سەۋەنلىكلەرگە يول قويۇلغان «ساختا مەھسۇلات-پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر»ناملىق ماقالە ھەققىدە ئاز-تولا پىكىر بايان قىلىپ قويۇشنى زۆرۈر تاپتىم.

    ھېچقانداق ئەلنىڭ ئەدەبىي تەنقىتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا ئەدەبىي تەنقىتچىلىك نىقابى ئاستىدا ئاپتورلارنىڭ كىشلىك ھوقوقىنى دەپسەندە قىلىشقا ئىجازەت بېرىلمىگەن.ۋاھالەنكى ،ماقالە ئاپتورى«پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر» روماندىكى روس يازغۇچىسى دوستويۋىسكىنىڭ جۈمىلىلەرگە تاسادىپەن ئوخشاپ قالغان ئون نەچچە جۈمىلە پاكىتىنى دەستەك قىلىپ كۆتۈرۈپ چىقىپ،پۈتۈن بىر رومانغا «ساختا مەھسۇلات»دەپ تۆھمەت قىلغاندن باشقا ،رومان ئاپتورىنى« بىر كۆچۈرمىچى»،«ھارامتاماق ئوغىرى»،«يۈزى قېلىن ۋە پەزىلەتسىز»،«قورساق باقتى »،«ئالدامچى»،«ئىشان ۋە دىۋانىگە چوقۇنغۇچى»ۋەھاكاز دەپ ئېغىر دەرىجىدە ھاقارەتلىگەن.باتۇر روزىنىڭ زىيادە كەڭقورساقلىق بىلەن بۇ تىل-ھاقارەت ۋە تۆھمەتلەرگە ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرماي جىم بولۋېلىشى مېنى ئاپتورنىڭ ماقالىسىدىكى قانۇن سەۋەنلىكلىردىنمۇ بەكرەك ئەپسۇسلاندۇردى.چۈنكى كۆپ ھاللاردا زىيادە كەڭ قورساقلىق جەمئىيەتتە جىنايى قىلمىشلارنىڭ يامراپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ.بۇ خۇددى پارا ئالغۇچىلار پارا بەرگۈچىلەرنىڭ،ھاكاۋۇر ئەمەلدارلار خۇشامەتچىلەرنىڭ كەشپىياتى بولۇپ قالغاندەكلا ئىش.شۇڭا باتۇر روزىنىڭ بۇ زڭيادە كەڭ قورساقلىقى ئۇنىڭ تالاي كىتابلار قەلبىدىكى ۋىجدانلىق ئەدىبكە خاس ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈپ قويىشىدىنمۇ ئەنسىرمەي تۇرالمىدىم.چۈنكى،بۇ ئىش باتۇر روزىنىڭ ئۆزى بىلەنلا كەتسىغۇ مەيلى ئىدى،بىراق بۇ خىل خاھىش جەمئىيەتتە ناچار ئىجتىمائىي كەيپىيات پەيدا قىلىپ قويىدۇ.جەمئىيەت ھەرگىزمۇ ئاز ساندىكى بىشەملەرنىڭ خالىغانچە پېتىغداپ ئوينايدىغان ئازگىلى ئەمەس.كوچا-كويلىرمىزدا :«مەدەنيەتلىك شەھەر ئاھالىسى»بولۇش ھەەققىدىكى تەشۋىقاتلار ماڭدامدا بىر ئۇچىراپ تۇرۋاتمامدۇ؟گۈزەل ۋە ساغلام جەمئىيەت بەرپا قىلىش ھەربىر جەمئىيەت ئەزاسىنىڭ باش تارتىپ بولماس مەجبۇريىتى.جامائەتنىڭ«داشقازىنى»ھېسابلانغان مەتبۇئاتلارمۇ تەشۋىقات ۋاستىسى سۈپتىدە بۇ خىل مەجبۇرىيەتنى تۇنۇپ يېتىشتە جەمئىيەتكە ئۈلگە بولۇش كېرەككى،ئەكىسچە ئاز ساندىكى قانۇندىن قىلچىمۇ ساۋادى يوق،جەمئىيەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيتىنى ئۇنتىغان ۋىجدانسىز تەھرىرلەرنىڭ يامانغا يانتاياق بولىدىغان ئۆكتىچىلىك بازىسىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك.ئۇمۇمغا تەۋە بولغان تەشۋىقات ۋاستىسىدىن خۇسۇسى مۈلىكى ئورنىدا كەلسە-كەلمەس پايدىلنىپ ،ئۇنى جەمئىيەتكە بۇس-بۇخىناق تارقىتىدىغان ئىسىرىقدانغا ئايلاندۇرۋېلىشقا ئۇلارنىڭمۇ ھەققە يوق!مەتنۇئەتلاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەر ھېچ بولمىغاندا قانۇنى تەلەپلەرگە خىلاپلىق قىلماسلىقنى ئالدىنقى شەرت قىلىشى لازىم.ئۇنداق بولمىغاندا ئۇلارمۇ قانۇننىڭ ئادىل جازاسىغا ئۇچىرايدۇ،ئەلۋەتتە.
     ئون نەچچە جۈمىلە ئوخشاشلىق بەش مىڭدىن ئارتۇق تىرىك جۈمىلە بار زور ھەجىملىك بىر روماننىڭ پۈتۈنلەي«ساختا مەھسۇلات»ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشنىڭ ھۆددىسىدىن قانداقمۇ چىقالىسۇن؟ئەگەر بىرەر ئەسەرنى«كۆچۈرۈلمە»دەپ ئىسپاتلاشقا توغىرا كەلسە «جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇريىت ئەسەر ھوقوقى قانۇنى»نىڭ 45-،46- ماددىلىرنىڭ يېشىمىدىكى بەلگىلمە بويىچە :« ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى،مەزمۇنى،ئىپادىلەش شەكىلى،يېزىپ چىققان ۋاقىت ،ئېلان قىلىنغان ۋاقىت قاتارلىق ئونۋېرسال تەرەپلەردىن ئوخشىغان ئەھۋالدىلا كۆچۈرۈلگەن دەپ قارىلشى كېرەك».ئەپسۇسكى،بۇنداق ئونۋېرسال سېلىشتۇرۇشقا توغرا كەلسە،«پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر» رومانى مەيلى قۇرۇلما مەيلى مەزمۇن»مەيلى سىيۇژىت تۈگۈنى،مەيلى پىسخىك ھالەت تەسۋىرى،مەيلى پېرسوناژلار ئوبرازى،مەيلى پەلسەپۋىي مۇھاكىمە،مەيلى تىل ئۇسلۇبى،مەيلى مىللى خاسلىق ۋە مىللىي ئۆرۈپ ئادەتلەر قاتارلىقلار جەھەتتىن زىغىرلاپ سېلىشتۇرۇلشىدىن قەتئىينەزەر «جىنايەت ۋە جازا»روماندىن ئاسمان-زېمىن پەرىقىلىلىندۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە ماقالە ئاپتورىنىڭ قولىدا ئاخبارات-نەشىريات مەھكىمىسى چىقىرىپ بەرگەن روماننىڭ « ساختا »ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق دەلىل-ئىسپاتمۇ يوق .« جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇريىتى جىنايى ئشلار قانۇنى» دا «تۆھمەت قىلىش جىنايىتى- مەلۇم يالغان پاكىتلارنى قەستەن ئويدۇرۇپ ھەمدە تارقىتىپ،باشقىلارنىڭ نام-ئابرويىنى بۇلغاش قىلمىشى بولۇپ ھېسابلىندۇ.بۇ خىل جىنايەت شەكىللىنىشتە : (1) ئوبىيىكتىپ جەھەتتە مەلۇم يالغان پاكىتنى ئويدۇرۇپ ھەمدە تارقىتىپ،باشقىلارنىڭ نام ئابرويىنى بۇلغاش قىلمىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.(2) سۇبىكتىپ جەھەتتە قەستەنلىك بولۇش شەرت»دەپ بەلگىلەنگەن.كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى ،ئىككى رومان بىر-بىرىدىن ئاسمان-زېمىن پەرىقلەنگەن ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ روماننىڭ ساختا ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئىسپاتى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا باتۇر روزىنىڭ جاپالىق ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى بولغان «پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر» رومانىنى ساىتا مەھسۇلاتقا چىقىرۋېتىشنىڭ ئۆزى سېپى ئۆزىدىن تۆھمەت قىلىش جىنايىتى شەكىللەندۈرىدۇ.ھېلىغۇ روماندىكى ئالتە سېلىشتۇرما ئوخشاپ قاپتۇ،پۈتۈن بىر رومان تولۇق ئوخشاپ كەتكەن ۋە ئاخپارات-نەشىريات مەھكىملىرى بۇ ھەقتە ئېنىق ئىسپات چىقىرىپ بەرگەن تەقدىردىمۇ،ماقالە ئاپتورنىڭ باشقىلارنى قەستەن سېتىش ،ھاقارەتلىشىگە قانۇن قەتتىي يول قويمايدۇ.ئالىم نىياز ئاكىنىڭ «قۇمۇل ئەدەبىياتى » ژورنىلغا بېسىلغان ماقالىسى ھەققانىي،ئادىل مەۋقەدە تۇرۇپ يېزىلغاچقا،كەڭ كىتاپخانىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.ئالىم نىياز ئاكا ماقالىسىدا باتۇر روزىنىڭ ئىجادى ھاياتى ۋە«پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر»رومانىغا ئوبىيىكتىپ باھا بەردى.ئەدەبىي تەنقىدچىدە بولۇشقا تېگىشلىك كەسپى ئەخلاقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۆز ئەمىليىتى بىلەن كۆرسىتىپ بەردى.ئۆز ماقالىسىدە « ئۇيغۇر ئوبروزچىلىقى شەكىللەنمىدى» دەپ جۆيلىگەن«قازىكالانلار مىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە قەلغان بىلەن بەرىبىر خەلقىمىز « تالانتلىق ياش شائىر ۋە يازغۇچى ،مۇھاكىمە كۈچىگە باي ئوبزورچى ۋە ئىقتىدارلىق ئەدەبىي» تەرجىمان « پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر» رومانىنىڭ بېشىدىكى (مۇھەرىرنىڭ سۆزىگە قارالسۇن») دەپ تونۇيدىغان باتۇر روزىنىڭ رومانىنى، ئۇنىڭ ئىجادى ھاياتىنى،ئۇ ۋەكىللىك قىلغان يېڭى شېئىريەت ھادىسسىنى ھەرگىز ئىنكار قىلىپ تاشلىيالمىغاچقا،پاكىتنى بۇرمىلاپ تۆھمەت توقۇش ۋە ئاغىزىنى بۇزۇپ ئادەم تىللاشتىن ئىبارەت قانۇنسىزلىق يولىغا قەستەن كىرۋالغان .ئالىم نمىياز ئاكىنىڭ ماقالىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مەن بۇ « قازىكالان»نى ۋە «شىنقاڭ ئىقتىساد گېزىتى»نى ئۆز سەۋەنلىكىنى ئېتراپ قىلىپ ،باتۇر روزىدىن گېزىت يۈزىدە ئوچۇق-ئاشكارە ئەپۇ سورايدۇ دەپ ئۇزاق كۈتكەن بولساممۇ،ئۇلردىن شۇنداق سادا چىقمىدى.شۇڭا ئامالسىز بۇ ماقالىنى يېزىشقا مەجبۇر بولدۇم.قارىغاندا ئۇلاردىن سەۋەنلىكلىرىنى ئېتراپ قىلىشنى كۈتۈش ئابدالدىن قەرىز سورىغان بىلەن باراۋەر ئوخشايدۇ.لېكىن قانۇن ئۇلارغا ئۆز سەۋەنلىكلىرىنى ئېتىراپ قىدۇرۇشقا قادىر.«جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇريىتى ئاساسى قانۇنى»نىڭ 38-ماددىسىدا:«جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇريىتى پۇقرالىرنىڭ كىشلىك ئىززەت-ھۆرمىتى دەخىلسىزدۇر.پۇقرالارغا ھەرقانداق يول بىلەن ھاقارەت كەلتۈرۈش،تۆھمەت قىلىش،قارا چاپلاش،زىيانكەشلىك قىلىش مەنئىي قىلىندۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. تۆھمەت قىلىش جىنايىتىگە قارىتا«جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 246-ماددىسىدا:«تۆھمەت قىلىش جىنيايىتى سادىر قىلغۇچىلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى،تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى،رىجىم جازاسى ياكى سىياسى ھوقوقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.بۇ پەقەت جىنايەت ئۈستدە دەۋا قىلغاندىلا»سورىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.
     «جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇريىتى ھەق-تەلەپ قانۇنى ئۇمۇمى قائىدىسى»نىڭ 120-ماددىسىدا :«ئىسىم-فامىلە ھوقوقى،سۈرەت ھوقوقى،نام-شۆھرەت ھوقوقى،پەخىرى نام ھوقوقى دەخلى-تەررۇزغا ئۇچىرغان پۇقرالار،دەخلى-تەررۇز قىلغۇچىنىڭ دەخلى-تەررۇزىنى توختىتىشنى،نام-شۆھرىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىشنى،تەسىرىنى تۈگىتىشنىي،ناماقۇل بولۇشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقوقلۇق،ھەمدە شۇ تۈپەيلى كېلىپ چىققان زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ»دەپ بەلگىلەنگەن.يۇقارقى قانۇن بەلگىلىملىرىگە ئاساسلانغاندا ماقالە ئاپتورى پاتىگۈل ئابلىمىت ئاخپارات ۋاستىسى ئارقىلىق ئۆز ماقالىسىدە ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئاساسىي قانۇن ۋە باشقا قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلىپ،باشقىلارنىڭ كىشلىك ئىززىتىنى،دەخلى-تەررۇزغا ئۇچىرىتىپ «جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»دا بەلگىلەنگەن ھاقارەتلەش جىنايىتى بىلەن تۆھمەت قىلىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەندىن باشقا،رومان ئاپتورىغا ئېغىر روھى زىيان كەلتۈرگەنلىكى ئېنىق.بۇ خىل قىلمىشلارنى چەكلەش ،قانۇن ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش نۆۋەتتىكى ئىستىلى توغرا بولمىغان«ھارامتاماق»،«قازىكالان»لارنى لايىقىدا ئەدەپلەپ قويۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى،شۇنداقلا سوتسىيالىستىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ساغلام راۋاجلاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ تۈپ ئاساسى.
     «جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»دا ھاقارەتلەش جىنايىتىگە قارتا: «ھاقارەتلەش جىنايىتى» زورلۇق ئىشلىتىش ئۇسۇلى ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن باشقىلارنىڭ نام-ئابرويىنى ئوچۇقتىن-ئوچۇق بۇلغىغان ئېغىر قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.بۇ خىل جىنايەت شەكىللىنىشتە: (1) ئوبىكتى،باشقىلارنىڭ نام-ئابرويى بولىدۇ.(2) ئوبىكتىپ جەھەتتە زورلۇق ئىشلىتىش ئۇسۇلى ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن باشقىلارنىڭ نام-ئابرويىنى ئوچۇقتىن-ئوچۇق بۇلغىغان قىلمىشتا ئىپادىلىنىدۇ.(3) سوبىكتىپ جەھەتتە قەستەنلىك بولىدۇ،يەنى قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئۆزىنىڭ ھاقارەتلەش قىلمىشىنىڭ نام-ئابروينى بۇلغاشتەك خەۋىپلىك ئاقىۋەت پەيدا قىلدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ،بۇ خىل ئاقىۋەتنىڭ پەيدا بولۇشنى ئۈمۈد قىلغان بولىدۇ»دەپ تەبىر بېرىلگەن.«قازىكالان» سانالمىش پاتىگۈل ئابلىمىت ماقالىسىدا باتۇر روزىنى «بىر كۆچۈرمىچى»،«ھارامتاماق ئوغىرى»،«يۈزى قېلىن ۋە پەزىلەتسىز »،«قورساق باقتى»،«ئوغۇرلۇق بىلەن خەقنى ئالداپ جان بېقىپ كېلىۋاتىدۇ»،«ئىنسان ۋە دىۋانىگە چوقىنىدۇ»،«ئالدامچى»،«پارازىت» دەپ گېزىت يۈزىدە ئوچۇق-ئاشكارە ھاقارەتلىگەن.ماقالىدە ئون نەچچە ھاقارەت سۆزلىرى ئارقا-ئارقىدىن تىلغا ئېلىنىپ،باتۇر روزىنىڭ كىشلىك ئىززەت-ئابرويى ئېغىر دەرىجىدە دەخلى-تەررۇزغا ئۇچىرىغان.شەك سۈبىھسىزكى،بۇيەردە ئېغىر ھالدا ھاقارەتلەش جىنايىتى شەكىللەنگەن.تۆھمەت قىلىش جىنايىتى ۋە ھاقارەتلەش جىنايىتى تەڭ شەكىللەنگەن ئەھۋال ئاستىدا «قازىكالان»پاتىگۈل ئابلىمىتتا ئۆزىنى جازالىغۇدەك ۋىجدان بولمىغان تەقدىردىمۇ،قانۇن ئۇنى قانداق جازالاشنى بىلىدۇ.
   «پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر» رومانىنىڭ ئاپتورى باتۇر روزى «جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇريىتى ئاپتورلۇق ھوقوقى قانۇنى»نىڭ10-ماددا 4-بەلگىلمە بويىچە«ئەسەرنىڭ بىر پۈتۈنلىكىنى ساقلاش ھوقوقى،ئەسەرنى بۇرمۇلنىشتىن ۋە ئۆزگەرتىلىشتىن ساقلاش ھوقوقى»نى يۈرگۈزۈشكە،شۇنداقلا «جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇريىتى ھەق-تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى »نىڭ 134-ماددىسىدىكى بەلگىلمىلەرگە ئاساسەن « زىيانكەشلىكنى توختىتىش،تەسىرىنى تۈگىتىش،ئاشكارا ناماقۇل بولۇش،زىياننى تۆلەپ] بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە...» قوشۇمچە ھەق-تەلەپ تۆلىمى تەلەپ قىلىشقا تامامەن ھوقوقلۇق.
« ئالىي خەلىق سوت مەھكىمسىنىڭ نام-شۆھرەت ھوقوقى دىلولىرىنى سوت قىلىشتىكى بىر قانچە مەسىلە توغىرسىدا ئىزاھاتى»نىڭ 6-تارماقتىكى بەلگىلمىسىدە: « ئاخبارات خەۋەرلىرى ياكى باشقا ئەسەرلەر تۈپەيلى كېلىپ چىققان نام-شۆھرەت ھوقوقى ماجىرالىرىدا جاۋابكار دەۋاگەرنىڭ دەۋاسىغا ئاساسەن بىكىتىلىدۇ.ئاپتور ئۈستىدىنلا دەۋا قىلىنسا،ئاپتور جاۋابكار بولىدۇ.ئاخبارات –نەشىريات ئۈستىدىن دەۋا قىلىنسا،ئاخبارات-نەشىريات ئورۇنلىرى جاۋابكار بولىدۇ.ئاپتور ئۈسىدىنمۇ،ئاخبارات-نەشىريات ئورۇنلىرى ئۈستىدىنمۇ دەۋا قىلىنسا،ھەم ئاپتور،ھەم ئاخبارات-نەشىريات ئورنى تەڭ جاۋابكار بولىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن .پاتىگۈل ئابلىمىتنىڭ ھاقارەتنامىسىنى ئېلان قىلغان ئورۇن بۇ ماجىرادا چاتما جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالامدۇ-يوق؟بۇ مەسىلە ھازىر پۈتۈنلەي باتۇر روزىنىڭ ئىنسابىغا باغلىق بولۇپ قالدى خالاس!
     كېسىپ ئېيتالايمەنكى،كىمكى يامان غەرەزلىك كىشلەرنىڭ دەيدەيگە سېلىشى بىلەن باشقىلارنى ھاقارەتلەپ،نام-ئابرۇيىنى،دەخلى-تەررۇزغا ئۇچىرتىپ،تۇتيا تالانىت ئىگلىرىنىڭ مەنىۋى قاتىلى بولۇپ قالسا،تالانىت ئىگلىرى زىيادە كەڭقورساقلىق بىلەن پەرۋايىغا ئالماي ئۆتكۈزۋەتمىسلا،ئۇ چوقۇم قانۇننىڭ شەپقەتسىز جازاسىغا ئۇچىرىماي قالمايدۇ.بىراق،جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇريىتىنىڭ قانۇن-نىزاملىرى زىيادە كەڭقورساقلىق ئۈچۈن تۈزۈلگەن ئەمەس.چۈنكى قانۇن قانۇننى كۆزگە ئىلمىغۇچىلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچىلارنىڭ زىيادە كەڭقورساقلىقىدىن پايدىلنىپ خالىغانچە دەپسەندە قىلىپ ئوينايدىغان ئويۇنچىقى ئەمەس.تالانىت ئىگلىرى مىللەتنىڭ زامانمىزدىكى ئەڭ يۇقىرى پەپ-تېخنىكىسى بىلەنمۇ ئىشلەپ چىقىرۋالغىلى بولمايدىغان بىباھا بايلىقى.تالانىت ئىگىلىرىدىن ئايرىلغان خەلىقنىلا ھەقىقى بەختى قارا دېسە بولىدۇ.تالانىت ئىگلىرىنىڭ مەنىۋىي قاتىلى بولۇش مىللەتكە خائىنلىق قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.قايسى ئەلدە تالانىت ئىگلىرى ئۆزىنىڭ كەڭقورساقلىقى تۈپەيلى كىم يەل قويۋەتسە شۇ ئۇرۇپ ئوينايدىغان كىچىك بالىغا ئايلىنىپ قالسا،شۇ ئەلنىڭ بېشىغا چۈشكەن جاھالەتنىڭ ئۆمىرى ھەسسىلەپ ئۇزىرايدۇ.بىز تارىختا بۇنداق ئەخمىقانە قىلمىشلارنى يەتكۈچە تەكرارلىغان،ئەمدى نېمىمىزگە نېمە يەتمەي بۇ بولمىغۇر ئىللەتلىرمىزنى ئىت يىلدىن-ئېشەك يىلغىچە سۆرەۋەرگۈدەكمىز؟بولدى بەس!

ئاپتورنىڭ رۇخسىتى بىلەن باغداشقا يوللاندى .

باغداش تورىغىلا خاس ،رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ!

uyghuray
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

1

تېما

0

دوست

1731

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   73.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36006
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 534
توردىكى ۋاقتى: 90
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-21 18:40:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالە قاچان يېزىلغان؟پاتىگۈل ئابلىمىت كىم بوپ كەتتى؟
-----
پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر رومانى قانداقراق يېزىلغانكەن؟ئوقۇغانلار تەسراتىڭلارنى دەپ باقساڭلار؟

1

تېما

0

دوست

1731

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   73.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36006
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 534
توردىكى ۋاقتى: 90
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-21 18:41:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«قىسسەسۇل ئەنبىيا»ۋە«جانبەگنىڭ كەچۈرمىشلىرى»دىن باشقا رومانى بولمىغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ----- بۇلار راست رومانما؟
«جانبەگنىڭ كەچۈرمىشلىرى» بۇ قايسى ئەسەر ؟

0

تېما

0

دوست

666

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   33.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36030
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 208
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-21 19:13:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر دىگەن رومان باتۇر رۇزى يازغان،ئۇيغۇرلارنىڭ دارۋازچىلىق مەدىنىيىتى تەسۋىرلەنگەن رومان.

0

تېما

0

دوست

146

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   48.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35880
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 44
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2015-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-21 19:25:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز قانۇن توغرۇلۇق گەپ قىلىشتىن بۇرۇن، ئەقلىمىز، ۋىجدانىمىز، ئومۇمىيەت قارىشىمىز بىلەن شەخسىيەتچىلىك قارىشىمىزنى ئوپراتسىيە قىلىپ بىقىشىمىز كېرەك...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )