بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yultuzbeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-6-18 15:58
ئائىلە ۋە بالىلار
بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئائىلە مۇھىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. تۆۋەندىكىدەك ئائىلىلەردە چوڭ بولغان بالىلارنىڭ ئىستىقبالى ئانچە چوڭ بولمايدۇ: 【1】 قاتتىق تەرتىپ-تۈزۈمدىكى ئائىلىلەر. بەزى ئاتا-ئانىلار «تاياق بالىلارنى ئەقىدىلىك قىلىدۇ» دەپ قاراپ، بالىلارنى ھەددىدىن زىيادە قاتتىق باشقۇرىدۇ. كىچىككىنە ئىشلارسەۋەبلىك بالىلارنى ئۇرۇپ، تىللايدۇ، بۇنداق مۇھىتتىكى بالىلار جاھىل، قورقۇنچاق،بىپەرۋا بولۇپ قالىدۇ. بەزىلەر «زالىمدىن ئالىم چىقىدۇ» دېگەن تەربىيە ئەقىدىسىگە قارىغۇلارچە ئېسىلىۋېلىپ بالىلارغا ھەددىدىن زىيادە قاتتىق تەلەپ قويىدۇ، ھەتتا بالىلارنىڭ يېشىغا ماس كەلمەيدىغان تەرتىپ-تۈزۈملەرنى سۆز-ھەرىكەت رامكىسى سۈپىتىدە بېكىتىپ بېرىدۇ. بۇ خىل قاتتىق قوللۇق ئائىلە باشلىقلىرى ئويلىغاندەك ئىجابىي ئۈنۈم بەرمەستىن ئەكسىچە بالىلارنىڭ پىسخىكىسىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. بالىلارنى ياراملىق، تۇغۇچلۇق قىلىپ تەربىيەلەشتە، تەلەپنى ھەددىدىن زىيادە قويۇۋېلىشمۇ، بولۇشىغا رايىغا قويۇۋېتىشمۇ ئاقىلانىلىك ئەمەس. ھەممە ئىشنىڭ نورمال بولغىنى ياخشى. 【2】 پۇلنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇۋالىدىغان ئائىلىلەر.«پۇل ھەممىنى ھەل قىلىدۇ» دېگەن قاراش ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان ئائىلىلەردە چوڭ بولغان بالىلار پۇلخۇمار، پۇل ئۈچۈن يامان ئىشلارنى قىلىشتىن يانمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ھەر قانداق ئائىلە ۋە يەسلىدە «ئىقتىساد تەربىيەسى» ئىنتايىن مۇھىم. بۇجەھەتتە ئازراقلا بىخەستەلىك قىلىنسا بالىلارنىڭ پىسخىكىسىدا بۇرۇلۇش، ھەتتا بۇزۇلۇش كۆرۈلۈپ ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلىدىغان، گەپ ئاڭلىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا بالىلارنى ئىقتىسادتا بەكمۇ قىسىۋەتمىگەن ھەم ئىختىيارىغا قويۇۋەتمىگەن ئەھۋالدا ئۇلارغا ئىقتىساد تەربىيەسى بېرىش كېرەك. 【3】 جېدەل-ماجرا تۈگىمەيدىغان ئائىلىلەر. بۇنداق ئائىلىلەر بالىلارنىڭ پىسخىكىسىدا يامان خاھىشلارنى يىلتىزلاندۇرىدۇ، بۇنداق مۇھىتتا چوڭ بولغان بالىلار خۇدۇكچان، يۈرەكسىز بولۇپ قالىدۇ. جېدەل-ماجرا ھەرقانداق ئائىلىدە بولۇپ تۇرىدىغان ئائىلىۋى ھادىسە. ئائىلە مۇھىم بىر تەربىيە بازىسى بولغاچقا ، ئامال بار بالىلارغا ئائىلە زىددىيىتى، جېدەل-ماجرانى بىلدۈرمەسلىك كېرەك. جېدەل-ماجرا كۆپ يۈز بېرىدىغان ئائىلىلەردە ئۆسۈپ يېتىلگەن بالىلار چېچىلغاق، يالغانچى، غەرەز ئۇقمايدىغان، ئۆزەمچىل بولۇپ قالىدۇ. بۇ خىل خاراكتېر ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىپ كۈتۈلمىگەن كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ مەنبەسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار ئامال بار جېدەل-ماجرادىن ساقلىنىشى كېرەك. 【4】 ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كېتىشى ياكى ئالەمدىن ئۆتۈش سەۋەبلىك ۋەيران بولغان ئائىلىلەر. بۇنداق ئائىلە مۇھىتىدا چوڭ بولغان بالىلار چېچىلاڭغۇ، چۈشكۈن، جۈرئەتسىز بولۇپ قالىدۇ. بۇ خىل ئائىلە مۇھىتىدىكى بالىلار باشقا بالىلارغا قارىغاندا تەسەللىگە، كۆيۈنۈشكە بەكرەك مۇھتاج بولىدۇ. شۇڭا ئۇلارغا بولغان ئائىلە تەربىيەسىدە كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك. ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ باشپاناھى، پاسىبانى، شۇنداق ئىكەن ھەر بىر ئاتا-ئانا بالىلارنىڭ روھىي، جىسمانىي جەھەتتە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئىچىدە بىمالال، ئەركىن ئۆسۈپ، نورمال پىسخىك ساپا ھازىرلىشىغا يېقىندىن ياردەم بېرىشى، ئۇلارنى ئەتراپلىق يېتەكلىشى كېرەك. مەنبە: قومۇل گېزىتى
قەلەمدە: ئامىنىگۈل جېلىل
2015-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى
|