قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 3308|ئىنكاس: 33

ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت زۆرۈر ئۇيغۇرچە ئەسەرلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

2

دوست

6377

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   27.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28327
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 2162
توردىكى ۋاقتى: 365
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-21 16:55:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت زۆرۈر ئۇيغۇرچە ئەسەرلەر

ئەخمەت مۆمىن تارىمى
(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى، نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوكتۇرانتى)

  ئۇيغۇر تارىخى دېگەندە ، كەڭ مەنىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ تارىخى ،تار مەنىدە پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ سەھنىسىگە چىققاندىن كېيىنكى تارىخى كۆزدەتۇتۇلىدۇ. بۇ بىر ئۇزاق ھەم مۇرەككەپ جەريان بولۇپ، بۇنىڭدا ئاۋال ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىغا ، ھەرقايسى تارىخىي تەرەققىيات باسقۇچىغا نەزەر ئاغدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
   نۆۋەتتەمەملىكەت ئىچىدىكى تارىخشۇناسلارنىڭ ئاساسەن بىرلىككە كەلگەن قارىشى بۇيىچەئېيتقاندا ، ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ قەدىمكى خەنزۇچە تارىخنامىلەردە خاتىرىلەنگەن دىلار،دﯨﯖﻠﯩڭلار، ﺗﯧﻠﯩلار ، ﻗﺎﻧﻘﯩللار (ﺋﯧﮕﯩﺰ ﮬﺎرۋﯨﻠﯩﻘلار) ﺑﯩﻠﻪن ﭼﻮﯕﻘﯘر ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲﻳﯩﻠﺘﯩﺰداﺷﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ بۇلۇپ، دﯨلارﻧﯩﯔ بىر تارمىقى بولغان ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ دﯨلارمىلادﯨﻴﻪدﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ 2000 - ﻳﯩﻠلاردا ﻏﻪرﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﺪا ﺋﻮردوس يايلىقىنى ﻣﻪرﻛﻪزﻗﯩﻠﯩﭗ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪت ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎرﻏﺎن . مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردە  ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ دﯨلار ﺷﻪرﻗﯩﻲ دﯨﯖﻠﯩﯖلار دﯦﮕﻪن ﻧﺎمﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷلاپ، ﺑﺎﻳﻘﺎل ﻛﯚﻟﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻏلا دەرﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲﺗﻪرەﭘﻠﯩﺮﯨﺪە دﯨﯖﻠﯩﯔ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮى ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﻣﯩلادﯨﻴﻪ 3 - ﺋﻪﺳﯩﺮدﯨﻦﻛﯧﻴﯩﻦ تېلېلار،  ﻗﺎﻧﻘﯩللار دەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎن.ﺑﯘ ﻧﺎﻣلار ﮔﻪرﭼﻪ ﮬﻪرﺧﯩﻞ بولسىمۇ، ﺑﯩﺮاق ﺋﺎﮬﺎڭ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ، ﻳﻪﻧﻰﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪت ﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﺋﺎﮬﺎڭ ﺗﻪرﺟﯩﻤﯩﺴﻰ بولۇپ، ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ «ﺗﯜرك» دﯦﮕﻪنﻧﺎﻣﻨﯩﯔ ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺋﺎﮬﺎڭ ﺗﻪرﺟﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت(1). ئۇلار ﮬﯘن ئىمپېراتۇرلۇقى دەۋرىدە ھۇنلارنىڭ تەركىبىدە بولغان. 4 - ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪەﻗﺎﻧﻘﯩﻠلار (ﻳﻪﻧﻰ تېلېلار) ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﻗﺎﻧﻘﯩﻠلار ۋە ﻏﻪرﺑﯩﻲ ﻗﺎﻧﻘﯩﻠلار دەپ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎن، 4 ـــ 5 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪردە تېلېلار ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎﻧﻘﯩﻠلارﻧﯩﯔ ﻏﻪرﺑﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﻰﺗﻪﯕﺮﯨﺘﯧﻐﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ۋە ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ، ﺋﺎﻟﺘﺎي ﺗﯧﻐﻰ، ﺟﯘﯕﻐﺎرﯨﻴﻪ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﻳﻪﺗﺘﻪﺳﯘۋادىسىغا ﻣﺎﻛﺎﻧﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺑﯘ ﻳﻪردﯨﻜﻰ ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪر (ئاساسلىقى ساكلار ،تۇخرىلار)  ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻮﺷﯘﻟﯘپ ﻳﺎﺷﺎپ، ﺗﻪدرﯨﺠﯩﻲﺗﯩﻞ - ﻳﯧﺰﯨﻖ، ﺋﯚرپ - ﺋﺎدەت، ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ۋە ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺗﯜرﻛﻠﯩﺸﯩﺶ ۋەزﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰﻛﻪﻟﺘﯜرۈپ ﭼﯩﻘﺎرﻏﺎن.بۇ ﻗﺎﻧﻘﯩﻠلارﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ۋە ﻳﻮﻟﺒﺎﺷﭽﯩﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘرلار بولغان.
    مىلادىيە6-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، تېلېلار ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎﻧﻘﯩﻠلارغا مەنسۇپ بولغانﺋﺎﺷﯩﻨﺎ قەبىلىسى ﺑﺎش ﻛﯚﺗﯜرۈپ ﭼﯩﻘﯩﭗ، جۇرجان خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ﻣﯩلادﯨﻴﻪ 552 - ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ ﻳﺎﻳﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺗﯜﻛﻪن ﺗﯧﻐﯩﻨﻰ ﻣﻪرﻛﻪز ﻗﯩﻠﯩﭗ،داﯕﻠﯩﻖ ﻛﯚﻛﺘﯜرك ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯘرۇپ چىققان. «ﻛﯚﻛﺘﯜرك ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﺮرﯨﺘﻮرﯨﻴﻪﺳﻰ ﺷﻪرﻗﺘﻪﻟﻴﺎۋﺧﻪي دﯦﯖﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﻏﻪرﺑﺘﻪ ﺋﺎرال دﯦﯖﯩﺰﯨﻐﯩﭽﻪ، ﺟﻪﻧﯘﺑﺘﺎ ﭼﻮڭ ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﺘﯩﻦ ﺷﯩﻤﺎﻟﺪاﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ دﯦﯖﯩﺰﻏﯩﭽﻪ(بايقال كۆلىگىچە) يەتكەن»(2). ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪە ﺑﺎرﻟﯩﻖ تېلېﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮى، جۈملىدىن ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻣﯘ ﻛﯚﻛﺘﯜرك ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪرﻛﯩﺒﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮگەن. ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻛﯚﻛﺘﯜرك ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ دەۋرﯨﺪە ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ،ﺑﯘ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ۋە ﻗﯘدرەت ﺗﯧﭙﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯚز ﮬﻪﺳﺴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮشقان ھەم ﺋﯘﻳﻐﯘر دﯦﮕﻪن ﻧﺎم ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪر ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳلاﻧﻐﺎن.
   تەخمىنەن مىلادىيە   744  -يىلى ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقى كۈچىيىپ، تۈرك خانلىقىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قولغا كىرگۈزۈپ ، يەنىلا ئۆتۈكەن تېغى باغرىنى مەركەز قىلىپ ئورقۇن ئۇيغۇرخانلىقىنى قۇرغان.بۇ خانلىق  كۈچەيگەن مەزگىلدە زېمىنى بۇرۇنقى ھۇنلار ،تۈركلەرنىڭ زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن سىرت، يەنىمۇ كېڭەيگەن . جۈملىدىن شەرقتە ھىنگان تاغلىرىغا، غەربتە ئوتتۇرا ئاسىياغا، شىمالدابايقال كۆلىگە ، جەنۇبتا ھازىرقى گەنسۇغا يەتكەن. ھازىرقى شىنجاڭ رايونى يەنىلا ئۇلارنىڭ مۇھىم پائالىيەت رايونى بولغان (3). بۇخانلىق ئۆزىدىن ئىلگىرىكى تۈرك خانلىقىغا ۋارسلىق قىلىپ، نىسبەتەن مۇقىم فېئودال ھاكىمىيەت بەرپا قىلىش ۋە تەرەققىي قىلغان يايلاق مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىشتامۇھىم رول ئوينىغان.
     مىلادىيە 840 -يىلى ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى تەبىئىي ئاپەت، ئىچكى نىزا ۋە قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇمى تۈپەيلىدىن يىمىرىلىپ، ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئىككى تارماققا بۈلىنىپ جەنۇبقا (ھازىرقى سەددىچىن بويلىرىغا) ۋە غەربكە (ھازىرقى تەڭرىتېغى ئەتراپلىرىغاۋە يەتتىسۇ، ئىسسىقكۆل،  پامىر ئەتراپلىرىغا ) كۆچكەن،بىرقىسمى ئەسلى ماكانىدا قېلىپ كېيىنچە باشقا خەلقلەرگە قوشۇلۇپ كەتكەن. ئورقۇن ئۇيغۇرلىرى غەربكە كۆچكەندىن كېيىن ، شىنجاڭ رايونى تەدرىجى ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق ماكانىغا ئايلانغان.بۇنىڭ بىلەن بۇ رايوندا  ئۇيغۇرلىشىش ۋەزىيىتى كېلىپ چىققان.ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪە بۇيەردە ﻳﺎﺷﯩﻐﺎن خەلقلەرمۇ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘلارﻏﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘپ، ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﻨﯩﻚ ﻣﻪﻧﺒﻪسىنىﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪردﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎن.
  ئۇيغۇرلار ئىككى تارماققا بۈلىنىپ كۆچكەندىن كېيىن غەرىبكە كۆچكەن تارامى دەسلەپتە ئالتاي تېغىدىن ئۈتۈپ ئۇيەردىكى قارلۇقلار بىلەن ئۇچراشقان. كېيىن ئۇلارنىڭ بىرقىسمى ھازىرقى گەنسۇدىكى خېشى كارىدورى ئەتراپلىرىغا كەلگەن. بىرقىسمى  ئاۋال تۇرپان، بەشبالىققا(جىمىسار ئەتراپىغا)،ئاندىن كۈسەن(كۇچا)، قاراشەھەر ئەتراپىغا كەلگەن. يەنە بىر قىسمى داۋاملىق غەرىپكەمېڭىپ، يەتتىسۇ ، سوياپ دەرياسى ۋە پامىر ئەتراپلىرىغا كەلگەن. كېيىنچە خېشى كارىدورى ئەتراپلىرىغا كەلگەن ئۇيغۇرلار ۋەجەنۇبقا كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرقىسمى بۇيەردە بۇرۇندىن ياشاپ كېلىۋاتقان قېرىنداش خەلقلەر بىلەن بىرلىشىپ تەخمىنەن مىلادىيە 870-يىلى ئەتراپىدا گەنجۇنى ( ھازىرقى گەنسۇنىڭ جاڭيې ئەتراپى ) مەركەز قىلغان گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان ، بۇخانلىق كۈچەيگەن مەزگىللەردە زېمىنى شەرىقتە ھازىرقى گەنسۇدىكى تيەنشۈيگە،غەربتە قۇمۇلنىڭ شەرقىگە، شىمالدا ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلنىڭ غەربىگە، جەنۇبتاخېلەنشەن، چىلەنشەن تاغلىرىغىچە يەتكەن بولۇپ(4)، كېيىن ئۇلارتاڭغۇتلار تەرىپىدىن يىمىرىلگەن. تۇرپان،بەشبالىققا، ئاندىن كۈسەن(كۇچا)، قاراشەھەر ئەتراپىغا كەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ بۇيەردە بۇرۇندىن ياشاپ كېلىۋاتقان قېرىنداش قەبىلىلەر بىلەن بىرلىشىپ تەخمىنەن مىلادىيە 866 – يىلى ئەتراپىدا تۇرپان ،بەشبالىقنى مەركەز قىلغان ئىدىقۇت ئۇيغۇرخانلىقىنى قۇرۇپ چىققان ، بۇ خانلىق كۈچەيگەن مەزگىللەردەزېمىنى شەرىقتە شاجۇ (گەنسۇدىكى دۇنخۇاڭ ) غىچە، غەربتە كۇچانىڭ غەربىگىچە، شىمالدا جۇڭغارئويمانلىقىغىچە، جەنۇبتا خوتەننىڭ شىمالىغىچە يەتكەن بولۇپ(5) ، بۇخانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا ناھايىتى چوڭ رول ئوينىغان. بۇ خانلىق ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك سۇلالىلىرى بىلەن زىچ ئىقتىساد ،مەدەنىيەت ئالاقىسى قىلغان بولۇپ، دەل مۇشۇ خانلىق دائىرىسىدە بۇددا ۋە مانى دىنلىرىنىڭ تەسىرىدىكى گۈللەنگەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بارلىققا كەلگەن. كېيىن ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ئاۋال قارا قىتانلارغا ، ئارقىدىن موڭغۇللارغا قارام بولغان.
    يەتتىسۇ ، سوياپ دەرياسى ۋەپامىر ئەتراپلىرىغا كەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ بۇيەردەبۇرۇندىن ياشاۋاتقان بىلەن قېرىنداش خەلقلەر بىلەن  قوشۇلۇپ، تەخمىنەن مىلادىيە 850 - يىلى ئەتراپىدا بالاساغۇن (ھازىرقى قىرغىزىستاندا) ۋە قەشقەرنى مەركەز قىلغان قاراخانىلار خانلىقىنى قۇرغان ، بۇ خانلىق كۈچەيگەن مەزگىللەردە زېمىنى شەرىقتەكۇچاغىچە، غەربتە ماۋەرائۈننەھىر(ئامۇ، سىر دەريالىرى ۋادىسى)گىچە، شىمالدا ئىلى ۋادىسىغىچە، جەنۇبتا خوتەنگىچە بولغان جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان  بولۇپ(6)،10-ئەسىردە قاراخانىلارنىڭ ئىسلام دىنىنى رەسمىي قۇبۇل قىلىپ دۆلەت دىنىغا ئايلاندۇرۇشى بىلەن بۇ خانلىق دائىرىسىدە تەدرىجىي ھالدا ئەسلىدىكى ئۇيغۇرمەدەنىيىتى ئەنئەنىسىنى ئاساس قىلغان، ئىسلام دىنى ۋە ئەرەپ- پارس مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئۆزگىچە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى شەكىللىنىپ چىققان.  كېيىن قارا خانىلار خانلىقىنىمۇ ئاۋال قاراقىتانلار، ئارقىدىن موڭغۇللار بويسۇندۇرغان.
   ئەلۋەتتە ،مىلادىيە 9-ئەسىردىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي –ئىجتىمائىي ھاياتىدا يۈز بەرگەن زور ئۆزگىرىشلەر ئۇلارنىڭ مەدەنىي ھاياتىدىمۇ مۇرەككەپ  بىر ئەھۋالنى شەكىللەندۈرگەن. جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ تەركىبىگە كىرگەن خەلقلەرنىڭ9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن نىسبىي مۇستەقىل ئۈچ خانلىققا بۆلۈنۈپ كېتىشى ۋەبۇلارنىڭ تارىخىي ، ئىجتىمائىي شارائىتلىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلىدىن ئوخشاشمىغان تەرەققىيات يولىغا مېڭىشى بۇ مەزگىلدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىككى خىل ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن، يەنى بۇددا ۋە مانى دىنلىرى ھەم ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدىكى ئىدىقۇت ئۇيغۇر مەدەنىيىتى(شۇنداقلا گەنجۇ ئۇيغۇرمەدەنىيىتى) بىلەن ئىسلام دىنى ۋە ئەرەپ- پارس مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدىكى قاراخانىلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تامامەن ئايرىم تەرەققىيات يولىغا ماڭغان. ئەمما ،مەيلى ئىدىقۇت ئۇيغۇر مەدەنىيىتى(شۇنداقلا گەنجۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى) بولسۇن ياكى قاراخانىلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بولسۇن ئەسلىدىكى مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدىن ،جۈملىدىن قەدىمقى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەنئەنىسىدىن تايماي تەرەققىي قىلغان.
  ئۇيغۇرلارمىلادىيە 12-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا قارا قىتانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ، 13-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا موڭغۇللارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەندىن كېيىن تەخمىنەن ئۈچ ئەسىرگىچە  موڭغۇللارنىڭ( جۈملىدىن تۈركلەشكەن  موڭغۇللارنىڭ ـــ موغۇللارنىڭ) ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تۇرغان . بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تەركىبىدە ۋە مەدەنىي ھاياتىدا يەنە يېڭى ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەن.  ئۇيغۇرلار بۇرۇنقى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قارا خانىلار خانلىقى دەۋرىدىكى كەسكىن ھاكىمىيەت چېگرىسىنى يوقىتىپ، ئۆزئارا ئايرىلىپ تۇرىدىغان ھالەتكە خاتىمە بېرىپ، دىنىي ئېتىقاد  جەھەتتە ئىسلام دىنىغا ئومۇمىيۈزلۈك ئېتىقادقىلىشقا باشلاپ، كەڭ زېمىن ئىچىدە پەيدىنپەي مەدەنىيەت بىرلىكىنىمۇ ئىشقا ئاشۇرۇپ،بىرقەدەر ئورتاق بولغان مەدەنىيەتنى شەكىللەندۈرگەن . مۇشۇنداق تارىخىي شارائىتتا،  مىلادىيە 1514 - يىلى سەئىدخان يەركەننى پايتەخت قىلغان  سەئىدىيەخانلىقىنى قۇرۇپ چىققان. بۇ خانلىق كۈچەيگەن مەزگىللەردە ئەمەلىي باشقۇرغان زېمىنى شەرىقتە قۇمۇلغىچە، غەرىبتە پامىرغىچە، شىمالدا بالقاش كۆلىگىچە، جەنۇبتاكەشمىرگىچە بولغان جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان(7). مانا مۇشۇ سەئىدىيەخانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلار  بىر گەۋدە بولۇپ ئۇيۇشۇپ(8) ھەم ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە زور يۈكسىلىشنى بارلىققا كەلتۈرگەن . كېيىن بۇ خانلىقنى ئاپاق خوجا جۇڭغارلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئاغدۇرۇپ ، ئۆزى قورچاق خان بولغان. جۈملىدىن سەئىدىيە خانلىقى ئاخىرقى ھېسابتا جۇڭغارخانلىقىغا قارام بولغان.
  مىلادىيە18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا چىڭ سۇلالىسى جۇڭغارلارنى ۋە خوجىلارنى تىنچىتىپ، پۈتۈن شىنجاڭنى ئۆز ئىدارىسى ئاستىغائالغان. شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇرلار چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغائۆتكەن ۋە يېڭى بىر  ۋەزىيەت ئاستىدا ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى كۈتۈۋالغان.
    ئۇيغۇر تارىخىنىڭ مانا مۇشۇنداق بىرپۈتۈن جەريانىنى ئۇمۇمىي نۇقتىدىن ھەم ھەرقايسى دەۋرلەر نۇقتىسىدىن چۈشىنىش ئەلۋەتتە كۆپ زېھىن تەلەپ قىلىدۇ. گەرچە بۇخۇسۇستا ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ئۆز تارىخچىلىرىمىز ۋە باشقا مىللەت (ياكى دۆلەت)تارىخچىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ۋە باشقا تىل –يېزىقلاردا يېزىلغان ئەسەرلەر كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار تەتقىقاتتىكى يېتەكچى ئىدىيەسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلىدىن ، ئەينى بىر تارىخىي پاكىتتىن پەرىقلىق يەكۈن چىقىرىپ، ئوخشاش بولمىغان قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قارىغان. گەرچە بۇنداق مەسىلىلەر ئىلىم ھەمكارلىقىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن تۈزىتىلىپ مېڭىۋاتقان بولسىمۇ ، لېكىن نۇرغۇن زور مەسىلىلەرئۈستىدە يەنىلا ئىنتايىن پەرىقلىق قاراشلار ساقلىنىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرتارىخىغا قىزىققۇچىلاردا تولىمۇ قايمۇقۇش، گاڭگىراش پەيدا قىلىپ ، ئۇيغۇر تارىخىنى ھەقىقەتكە ئۇيغۇنراق كېلىدىغان بىر ئەھۋالدا چۈشىنىشىگە قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇۋاتىدۇ.بۇنداق ئەھۋالدا ، ئۆز تارىخچىلىرىمىز ۋە باشقا مىللەت (ياكى دۆلەت) تارىخچىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ۋە باشقا تىل –يېزىقلاردا يېزىلغان ئەسەرلەرنى ئىمكانىيەت يار بەرگەن دائىرىدە ئىنچىكە سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشكە ، ئاندىن مەلۇم بىرتارىخىي مەسىلە ئۈسىتىدە ئىلمىي يەكۈن چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ.
    مەن يۇقىرىدىكى ئەھۋالنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۆز تارىخىمىزغا قىزىققۇچى كۆپچىلىك  قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئويلىشىپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئۆز تارىخچىلىرىمىز تەرىپىدىن ئۇيغۇرتىل-يېزىقىدا يېزىلغان ۋە باشقا مىللەت (ياكى دۆلەت) تارىخچىلىرى تەرىپىدىن باشقاتىل – يېزىقلاردا يېزىلىپ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان (قىسمەن خەنزۇ تىلىدايېزىلغان ياكى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان) ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەرئىچىدىكى بىرقەدەر ئىلمىي پوزىتسىيەدە يېزىلغان دەپ قارالغان ئەسەرلەرنىڭ تىزىمىنى تۇرغۇزۇپ چىقتىم. بۇيەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتىمەنكى، بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئىچىگە تارىخىي رومانلار كىرگۈزۈلمىدى. چۈنكى، تارىخىي رومانلار رومان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەدەبىي ئەسەرلەرگە مەنسۇپكى، گەرچە ئۇلارنىڭ ئەكىس ئەتتۈرىدىغىنى تارىخىي ۋەقەلەربولسىمۇ، ئەمما ئۇلارغا يازغۇچىنىڭ مۇئەييەن ھېسسىياتى، بەدىئىي توقۇلمىسى قۇشۇلۇپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ھەقىقىي ئىلمىي تارىخ ئەسىرى بولۇش سۈپىتىنى ھازىرلىيالمايدۇ، ئۇلارنى پەقەت تارىخنى بەدىئىي ۋاسىتە بىلەن ئوبرازلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن ئەدەبىي ئەسەر دەپلا قاراشقا بولىدۇ.

بىرىنچى،  ئومۇمىي ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەر :
1. «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»نى يېزىش گۇرۇپپىسى يازغان: «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2006-يىلى ئۇيغۇرچە 2-نەشرى.
3. لىن گەن ، گاۋزىخۇ :« قەدىمكى ئۇيغۇرلار تارىخى » ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2000- يىلى 12 – ئاي ئۇيغۇرچە 1 – نەشىرى.
4. ليۇ زىشياۋ:«ئۇيغۇر تارىخى»، ئىككى قىسىم (جەمئىي تۆت كىتاب)، مىللەتلەر نەشرىياتى 1987- يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى(1-قىسىم ئىككى كىتاپ)؛ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى(2-قىسىم ئىككى كىتاپ).
5. ياڭ شېڭمىن :« قەدىمكى ئۇيغۇرلار»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1998 – يىل ئۇيغۇرچە 1- نەشىرى.
6. قازاقىستان پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات  ئورنى تۇزگەن: «ئۇيغۇرلار ۋە غەربى يۇرتتىكى باشقا تۇركىي خەلقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى»،  شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىل ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.
  7. ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنسا سىدىق: « شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى » ، مىللەتلەر نەشرىياتى 1991 – يىل ئۇيغۇرچە1-نەشرى.
8.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر، تارىخ تەتقىقات ئورنى تۈزگەن:« شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى»، جەمئىي ئۈچ قىسىم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2008-يىل ئۇيغۇرچە يېڭى نەشرى.
9. جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى-مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتى تۈزگەن:«جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى-مەدەنىيىتى تەتقىقاتى(مەجمۇئەسى)»، جەمئىي 6قىسىم،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1998 -2013-يىللار نەشرى.
10. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنى نەشىرگە تەييارلىغان:«24 تارىختىكى غەربىي يۇرت تارىخىغا دائىرماتېرىياللار»(«تارىخىي خاتىرىلەر»دىن «مىڭ سۇلالىسى تارىخى» غىچە ، جەمئىي توققۇزكىتاپ)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2012-يىلى ئۇيغۇرچە يېڭى نەشرى.
11. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تەرىپىدىن تۈزۈلگەن :«شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى»، جەمئىي 54 قىسىم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇرچە نەشرى.
12. قۇربان ۋەلى: «بىزنىڭ تارىخى يېزىقلىرىمىز»، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۇرلەر نەشرىياتى 1986-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.
13. خانىدا تورۇ :«غەربى يۇرت مەدىنىيەت تارىخى»،  شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1985-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.
14. توختى مۇزارت:«ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ئۈستىدەتەتقىقات»، مىللەتلەر نەشرىياتى 1995-يىلى خەنزۇچە 1-نەشرى.
15. ھاجى نۇرھاجى، چېن گوگۇاڭ:«شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىنىڭ قىسقىچە تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.
16. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن:«ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.
17. غەيرەتجان ئوسمان:« ئۇيغۇرلار شەرقتە ۋە غەربتە»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.
18. ئەخمەت مۆمىن تارىمى:«ئۇيغۇرتارىخشۇناسلىق تارىخىدىن بايان»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2014-يىل ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.
19.رېن يىفېي ، ياسىن ھوشۇر:«ئۇيغۇرلار»، مىللەتلەر نەشرىياتى 2014-يىلى ئۇيغۇرچە1-نەشرى.

ئىككىنچى، ھۇن تەڭرىقۇتلۇقى، تۈرك خانلىقى ، ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەر(تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردىن مىلادىيە 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە):
1. تۇرغۇن ئالماس:«ھۇنلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»، قەشقەر ئۇيغۇر  نەشرىياتى 1986-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى
2. لىن گەن: « ھۇنلارنىڭ ئۇمۇمىي تارىخى»،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2004– يىلى ئۇيغۇرچە 1– نەشىرى.
3. لىن گەن:«تۈرك تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2001-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.
4.ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق:«ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2006-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.
5. بېرنىشتام:« 6 ـــ 8-ئەسىرلەرىدىكى ئۇرخۇن – يېنىسەي تۈركلىرىنىڭ ئىجتىمائىي – ئىقتىسادىي تۈزۈمى »، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1997-يىلى خەنزۇچە 1-نەشرى.
6. ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن: «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002 - يىل  ئۇيغۇرچە 1- نەشرى.
7. ئابدۇقەييۇم خوجا: «غەربىي يۇرت ۋە قەدىمكى مەدەنىيەت»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1995 - يىل ئۇيغۇرچە 1 - نەشرى.
8.ئابلىز مۇھەممەت سايرامى:«سۈي،تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخىي شەخسلەر»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1999 - يىل ئۇيغۇرچە 1 - نەشرى.
9. ۋىلىيام مونتىگومېرى ماكگوۋېرىن:«ئوتتۇرائاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەتلەر تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2013 - يىل ئۇيغۇرچە 1 - نەشرى.
10.ۋ.ۋ. بارتولىد:«يەتتىسۇ تارىخى ئوچېرىكلىرى »، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىلى ئۇيغۇرچە 1 - نەشرى.
11.  ۋ.ۋ. بارتولىد:«ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك تارىخىدىن12 لېكسىيە »، مىللەتلەر نەشرىياتى 2012-يىلى ئۇيغۇرچە 1 - نەشرى.

ئۈچىنچى،قاراخانىيلار خانلىقى تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەر(تەخمىنەن مىلادىيە 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن مىلادىيە 13-ئەسىرنىڭ بېشىغىچە):
1. ھاجى نورھاجى:« قاراخانىيلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى1983 – يىلى  ئۇيغۇرچە 1– نەشىرى.
2.  ھاجى نورھاجى :«قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋەقاراخانىيلار»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2001 – يىلى  ئۇيغۇرچە 1 – نەشىرى.
3. موللا ھاجى:«تەزكىرەتۇل بۇغراخان»، ئابدۇرېھىم سابىت نەشىرگە تەييارلىغان، قەشقەر ئۇيغۇرنەشرىياتى 1988- يىلى ئۇيغۇرچە 1- نەشرى.
4. ۋېي لياڭتاۋ: «قاراخانىيلار تارىخىدىن بايان»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1998- يىلى ئۇيغۇرچە 1- نەشرى.
5. خۇا تاۋ: «غەربىي يۇرت تارىخى ھەققىدە تەتقىقات» ،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002 – يىلى ئۇيغۇرچە 1 – نەشىرى.
6. رىشات گەنچ:«قاراخانىيلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى1990-يىل ئۇيغۇرچە1-نەشرى.
7.  مەھمۇد كاشىغەرى:«دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»1-،2،-3-توم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى1980-1984-يىللار ئۇيغۇرچە 1-نەشرى..
8. يۈسۈپ خاس ھاجىپ:«قۇتادغۇبىلىك»،مىللەتلەر نەشرىياتى 1984-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.

تۆتىنچى،ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ۋە گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەر(تەخمىنەن مىلادىيە 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن مىلادىيە 13-ئەسىرنىڭ بېشىغىچە):
1. د.ئى. تىخونوف:«ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تۈزۈمى»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2000- يىلى ئۇيغۇرچە 1 – نەشىرى.
2. ئا.گ. مالىياۋكىن:«9ـــــ 12-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى1993- يىلى ئۇيغۇرچە 1 – نەشىرى.
3. تيەن ۋېيجياڭ : « ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخىدىن بايان»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2006-يىلى 4-ئاي خەنزۇچە 1-نەشرى.

بەشىنچى،چاغاتاي خانلىقى ۋە يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئائىتئەسەرلەر(تەخمىنەن مىلادىيە 13-ئەسىرنىڭ بېشىدىن مىلادىيە 16-ئەسىرنىڭ بېشىغىچە):
1. ليۇ يىنشېڭ:« چاغاتاي خانلىقى تارىخى ئۈستىدە تەتقىقات»، شاڭخەي قەدىمكى ئەسەرلەر نەشرىياتى2011-يىلى خەنزۇچە 1-نەشرى.
2. شاڭ يەنبىڭ:« يۇەن سۇلالىسىدىكى ئۇيغۇرلار» ، مىللەتلەرنەشرىياتى 2008-يىلى ئۇيغۇرچە1-نەشرى.
3. ئابلىز مۇھەممەت سايرامى، ئابدۇرازاق توختى: «يۇەن سولالىسىدە ئۆتكەن مەشھور ئۇيغۇر شەخسلەر»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1991-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.

ئالتىنچى،يەركەن سەئىدىيە خانلىقى تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەر(تەخمىنەن مىلادىيە 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن مىلادىيە 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە):
1. مىرزامۇھەممەد ھەيدەر كوراگان:«تارىخى رەشىدى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2007-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى..
.2. شاھ مەھمۇد جۇراس:«سەئىدىيە خاندانلىقى تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى1988-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.
3.  موللامىرسالىھ كاشىغەرى: « چىڭگىزنامە » ،قەشقەر  ئۇيغۇر نەشرىياتى 1985 – يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.
4. ھاجى نۇر ھاجى:«يەركەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1993-يىلى ئۇيغۇرچە 1- نەشرى.
5. ۋېي لياڭتاۋ: « يەركەن خانلىقىنىڭ تارىخىدىن بايان»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1998-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.
6. توختى مۇزارت:«ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر جەمئىيىتى»، خەلق نەشرىياتى(بېيجىڭ) 2013-يىلى خەنزۇچە 1-نەشرى.
7. توختى مۇزارت:«ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تارىخى»، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2015-يىلى خەنزۇچە 1-نەشرى.

يەتتىنچى، خوجىلاردەۋرىدىكى ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەر(تەخمىنەن مىلادىيە 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن مىلادىيە 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە):
1. مۇھەممەد سادىق كاشغەرى:«تەزكىرەئى ئەزىزان»، نىجات مۇخلىس، شەمسىدىن ئەمەت نەشىرگە تەييارلىغان، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1988- يىلى ئۇيغۇرچە 1- نەشرى.
2. يۈنۈسجان ئېلى :«17-18-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن جۇڭغارلارنىڭ مۇناسىۋىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.

سەككىزىنچى ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەر(تەخمىنەن مىلادىيە 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن مىلادىيە 20-ئەسىرنىڭ بېشىغىچە):
1. مۇللا بىلال نازىمى : « غازات دەر مۈلكى چىن »، ئۇيغۇرچە «شىنجاڭ تەزكىرىسى» ژورنىلىنىڭ1995-يىللىق سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان نۇسخىسى.
2. موللا شاكىر:«زەپەرنامە»، ئۇيغۇرچە «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ1981-،-1982 يىللىق سانلىرىدا ئېلان قىلىنغاننۇسخىسى.
3. موللا موسا سايرامى: «تارىخى ئەمىنىيە»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى1988-يىلى ئۇيغۇرچە 1- نەشرى.

  4. موللا موسا سايرامى: «تارىخى ھەمىدى»،مىللەتلەر نەشرىياتى1986-يىلى ئۇيغۇرچە 1- نەشرى.

5.ئا. ن. كىروپاتكىن: «قەشقەرىيە»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى1983-يىلى ئۇيغۇرچە 1- نەشرى.
   6. چارلىز بولگېر : «ياقۇپبەگنىڭ تەرجىمىھالى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1987-يىلى ئۇيغۇرچە1- نەشرى.
  7. سۇبېيخەي ، خۇاڭ جيەنخۇا:«قۇمۇل، تۇرپان ئۇيغۇر ۋاڭلىرىنىڭ تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2001-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.

توققۇزىنچى، جۇڭخۇا مىنگو دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەر(مىلادىيە1912-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە):
1. بۇرھان شەھىدى:«شىنجاڭدىكى 50 يىلىم»، مىللەتلەرنەشرىياتى  ئۇيغۇرچە  نەشرى.
   2. چېن خۇيشېڭ قاتارلىقلار يازغان:«مىنگو دەۋرىدىكى شىنجاڭ تارىخى»، مىللەتلەر نەشرىياتى ئۇيغۇرچە نەشرى.
  3. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى  تارىخىنى يېزىش گۇرۇپپىسى يازغان:«شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخى» ، مىللەتلەرنەشرىياتى  ئۇيغۇرچە نەشرى.
4. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى  تارىخىنى يېزىش گۇرۇپپىسى يازغان:«شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلارخاتىرىسى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇرچە نەشرى.
5. سەيپىدىن ئەزىزى:«ئۆمۈر داستانلىرى»، مىللەتلەر نەشرىياتى ئۇيغۇرچە نەشرى.                                                                                                                                                                                                                                                                                    
6. ساۋدانوپ زاھىر:«5-كورپۇسنىڭ بېسىپ ئۆتكەن ئىنقىلابىي مۇساپىسى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇرچە نەشرى.
7. سۇپاخۇن سوۋۇروپ:«مەن كەچكەن كېچىكلەر» ،مىللەتلەر نەشرىياتى ئۇيغۇرچە نەشرى.

پايدىلانمىلار:
(1)(8) ياڭ شېڭمىن : « قەدىمكى ئۇيغۇرلار»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1998 – يىل 8 – ئاي ئۇيغۇرچە 1- نەشىرى.
(2)فەن ۋېنلەن : «جۇڭگو ئومۇمىي تارىخى» 4-قىسىم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2009 - يىلى 10 -ئاي  ئۇيغۇرچە 1 - نەشرى.
(3) ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق:«ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچەتارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2006-يىلى 5-ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.
(4)ليۇزىشياۋ: «ئۇيغۇر تارىخى»، بىرىنچى قىسىم 2 -كىتاب، مىللەتلەر نەشرىياتى 1987- يىلى10-ئاي ئۇيغۇرچە1-نەشرى.
(5)(6) ھاجى نورھاجى :«قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانىيلار»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2001 – يىلى 8– ئاي  ئۇيغۇرچە 1 – نەشىرى.
  (7) لىن گەن، گاۋ زىخۇ: « قەدىمكى ئۇيغۇرلارتارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2000– يىلى 12 – ئاي ئۇيغۇرچە 1 – نەشىرى.

   (ئەسكەرتىش: ماقالىدا كۆرسىتىلگەن ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەر 1980-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇرتىل-يېزىقىدا ۋە قىسمەن خەنزۇ تىل-يېزىقىدا نەشىردىن چىققان ئەسەرلەر ئىچىدىكى مەن ئۆزۈم مۇھىم ھەم زۆرۈر دەپ قارىغان ئەسەرلەر بولۇپ، بۇ پەقەت مېنىڭلا قارىشىمغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئىمكانىيىتىمنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيلى يەنە بەزى مۇھىم ئەسەرلەرنى كۆرەلمىگەن بولۇشۇم ، بۇسەۋەبتىن ئۇلارنى بۇيەردە كۆرسىتەلمىگەن بولۇشۇم مۇمكىن.شۇڭا قېرىنداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ۋە ئىمكانىيىتى بولسا تولۇقلاپ قۇيۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. يەنە كېلىپ ئۆزۈم ھازىر نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا بولغانلىقىمدىن ،يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەسەرلەرنىڭ بەزىلىرى يېنىمدا بولمىغاچقا، ئۇلارنىڭ ناملىرى، نەشىر قىلغان نەشرىيات ۋە نەشىر قىلىنغان ۋاقتى توغرىسىدا سەۋەنلىكلەر كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا بۇنىمۇ قېرىنداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ۋەئىمكانىيىتى بولسا توغرىلىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن).  

uyghuray

0

تېما

0

دوست

457

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   78.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33381
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 156
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2015-6-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-21 19:41:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلميىلىق ئۆلچىمىگە چۈشمەيدىغان، قىزىل يىپ ھەر ۋاقىت چېگىلگەن بىر قانچە ئەخلەتنىمۇ تەتقىقات دەپ تىزىۋاپسىز. بىر تەتقىقاتچىدا بىلىمنى كىم ئۈچۈن ئشىلتىشىنى بىلىدىغان، دان بىلەن ساماننى ئايريىدىغان روھ بولۇشى كېرەكقۇ دەيمەن. بىر قانچە ئەخلەتنى تىزۋالغىنىڭىزنى ياقتۇرمىدىم ئەپەندىم.

14

تېما

2

دوست

6377

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   27.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28327
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 2162
توردىكى ۋاقتى: 365
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-21 19:51:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ahmatjantarimi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-6-21 19:52  

«يۇرۇڭقاش 1» ئىسىملىك تورداش، ئاۋال تۆۋەندىكى قۇرلارنى تەپسىلىي ئوقۇپ، ئوبدان مۇلاھىزە قىلىپ، ئاندىن ئۆز پىكرىڭىز ئۈستىدە قايتا ئويلىنىپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. بىرنەرسىنىڭ ياخشى -يامانلىقى ، توغرا -خاتالىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇنى ھېچبولمىغاندا شۇ خىلدىكى باشقا نەرسىگە سېلىشتۇرۇپ كۆرۈش كېرەك. ھەممىلا گەپنى ئوچۇق ئېيتمىدىم. ئاقىل سانىلىدىغان كىشىگە بۇ بىھاجەت.

     «ئۇيغۇر تارىخىنىڭ مانا مۇشۇنداق بىرپۈتۈن جەريانىنى ئۇمۇمىي نۇقتىدىن ھەم ھەرقايسى دەۋرلەر نۇقتىسىدىن چۈشىنىش ئەلۋەتتە كۆپ زېھىن تەلەپ قىلىدۇ. گەرچە بۇخۇسۇستا ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ئۆز تارىخچىلىرىمىز ۋە باشقا مىللەت (ياكى دۆلەت)تارىخچىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ۋە باشقا تىل –يېزىقلاردا يېزىلغان ئەسەرلەر كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار تەتقىقاتتىكى يېتەكچى ئىدىيەسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلىدىن ، ئەينى بىر تارىخىي پاكىتتىن پەرىقلىق يەكۈن چىقىرىپ، ئوخشاش بولمىغان قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. گەرچە بۇنداق مەسىلىلەر ئىلىم ھەمكارلىقىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن تۈزىتىلىپ مېڭىۋاتقان بولسىمۇ ، لېكىن نۇرغۇن زور مەسىلىلەرئۈستىدە يەنىلا ئىنتايىن پەرىقلىق قاراشلار ساقلىنىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرتارىخىغا قىزىققۇچىلاردا تولىمۇ قايمۇقۇش، گاڭگىراش پەيدا قىلىپ ، ئۇيغۇر تارىخىنى ھەقىقەتكە ئۇيغۇنراق كېلىدىغان بىر ئەھۋالدا چۈشىنىشىگە قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇۋاتىدۇ.بۇنداق ئەھۋالدا ، ئۆز تارىخچىلىرىمىز ۋە باشقا مىللەت (ياكى دۆلەت) تارىخچىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ۋە باشقا تىل –يېزىقلاردا يېزىلغان ئەسەرلەرنى ئىمكانىيەت يار بەرگەن دائىرىدە ئىنچىكە سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشكە ، ئاندىن مەلۇم بىرتارىخىي مەسىلە ئۈسىتىدە ئىلمىي يەكۈن چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ.»

0

تېما

0

دوست

170

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   56.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34190
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 56
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2016-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-21 21:13:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخمەتجان تارىمى ئەپەندىمنىڭ بۇ ئەمگىكىگە رەھمەت، ئىنكاستا قىلغان بايانلىرىمۇ تولىمۇ توغرا بوپتۇ!  

ئۇيغۇرلارنىڭ  ھەقىقىي مەنىدىكى ئۇمۇمىي تارىخى تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن تېخىچە يېزىلماي كەلدى. لۇغەتنىڭ قېلىنلىقىدىكى ئەڭ ئاز 40-50 توملۇق «ئۇيغۇر تارىخى»نى يېزىپ چىقىش كېرەك. بەلكى بۇنى تۈرلۈك چەكلىمە ۋە ئىدىيە مونوپوللىغىدىن خالىي دىئوسپرادىكى ئۇيغۇرلاردىن  قىلالىشى مۇمكىن. بۇنىڭ مىللىي كرزىسقا تاقابىل تۇرۇشتا كۆپ پايدىسى بار دەپ قارايمەن.   
uyghuray

0

تېما

0

دوست

204

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36646
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 48
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2015-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-21 21:16:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                     
         دىمەك ئۇيغۇرلار بارلىق تۈركى قەۋىملەرنىڭ ، تۈركى خەلىقلىرنىڭ يۇغۇرۇلمىسى ، بېرلەشمىسى دىگەن گەپما !
   
                           قىتانلارنىڭ ھۇجۇمىدىن چېچىلغان تۈركى قەۋىملەر ئەزەربەيجان ، تۈركمەنىستان ، ئوزبېكىستان  بالقان كولى ئەتراپلىرغا كوچۇپ
              ئايرىم خانلىق قۇرغان دىيىلگەن قاراش توغرىمۇ ؟

             كوكتۇرۇك خانلىقى ، قارخانىيلار خانلىقى ،  ئىدىقۇت ئۇيغۇر  خانلىقى  قاتارلىقلار نىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خانلىقىمۇ ؟
           بۇ توغۇرلۇق نۇرغۇن تىمىلارنى كورگەن ،  يەنە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن قاراخانىيلار خانلىقى توغرىسىدا تالاش -تارتىش كوپ
    بولۇنغان !
                         ئون ئۇيغۇر  ،  ھون ئۇيغۇر دىگەندىن ئوزگىرىپ كەلگەنمۇ ؟
        ئوتتۇر ئاسيا ئەزەربەيجان مىللىتى تۈركى قەۋىممۇ ياكى موڭغۇللارنىڭ ئەجدادىمۇ ؟

             ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرۇكلەرگە قارىغاندا ھونلار بىلەن كوپرەك قانداشلىقى بارمۇ ياكى جانداشلىقىمۇ ؟  
               تارىخ بىلدىغان قېرىنداشلىرىم بېر تەلىم بېرىڭلار !
      يۇقىردىكى قېرىندىشىمىز دىگەندەك ، نۇرغۇن جايلاردا كاللام چىگىش ھاسېل پەيدا بولماقتا !
      

1

تېما

0

دوست

2138

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9843
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 55
تۆھپە : 661
توردىكى ۋاقتى: 86
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-21 21:21:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە ناھايىتى يىغىنچاق ۋە ئاممىباب پايدىلىنىش ماقالىسى بوپتۇ. ئۇيغۇر تارىخىنى سېستىمىلىق ئۆگەنگۈچىلەرگە كۆرسەتمىلىك رولى چوڭ، دەپ قارايمەن. ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر. لېكىن بىر يەنە بىر قىسىم تارىخى ماتىرىياللار كەم بولۇپ قاپتۇ. مەسىلەن: شىنجاڭ تارىخى ماتىرىياللىرىنىڭ 55- قىسمىمۇ نەشىردىن چىقىپ بولدى. بۇنىڭدىن باشقا بابۇرنامە، ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى تىزىسلىرى، خوجىلار جەمەتى ھەققىدە، شىنجاڭدا ئۆتكەن ئىسلام خانلىقلىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى، دىڭلىڭلار قاڭقىللار تۇرالار،مىللىي ئارمىيەنىڭ جەڭگىۋار مۇساپىسى، جەڭگاھ خاتىرلىرى، شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخىسلەر، ئۇيغۇرلار ۋە غەربىي يۇرتتىكى تۈركى خەلقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى، سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى، مەركىزى ئاسىيا كۆچمەنلىرىنىڭ قورال-ياراغ ۋە ئۇرۇش سەنئىتى، شىنجاڭ ئارخىئولوگىيەسى، كىروراننىڭ سىرى، ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى، خۇنەن ئۇيغۇرلىرى، 18-19 ئەسىرلەردىكى شىنجاڭ جەمىيەت تارىخى ھەققىدە تەتقىقات (خەنزۇچە، ياپۇنيەلىكنىڭ كىتابى) قاتارلىقلارمۇ بار. مەن ئېسىمگە كەلگەنلىرىنى يېزىپ قويدۇم. چۈشۈپ قالغانلىرى بولسا، باشقىلارمۇ تولۇقلاپ قويسۇن.

14

تېما

2

دوست

6377

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   27.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28327
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 2162
توردىكى ۋاقتى: 365
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-21 21:35:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئۇيغۇرلار ۋە غەربىي يۇرتتىكى تۈركى خەلقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى» نى كىرگۈزگەن ئىدىمغۇ؟ سىزگە رەخمەت. سىز ئېيتقان بۇ كىتابلارنىمۇ كىرگۈزۈشنى ئويلىغان ئىدىم، ئەمما قولۇمدا نەق بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئاپتۇرى، نەشرىيات ۋە نەشىر قىلىنغان ۋاقتىنى بېكىتەلمىگەنلىكىمدىن ھازىرچە كىرگۈزمىدىم. بۇلارنى ئېنىق قىلغاندىن كېيىن چۇقۇم كىرگۈزىمەن ۋە يەنىمۇ تولۇقلايمەن. شۇنداقلا ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى ھەرقايسى ساھەرلەرگە ئائىت ئەسەرلەرنىمۇ ئايرىم تىزىپ كۆرسىتىش ئويوم بار.  بۇ تىزىملىك ئاساسلىقى مەخسۇس تارىخ كەسپىدە ئوقۇمىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت بىلىملەرنى سىستېمىلىقراق ھالدا چۈشىنىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن تۈزۈلدى.

0

تېما

0

دوست

1078

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   7.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34157
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 330
توردىكى ۋاقتى: 52
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-22 09:26:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )