شۈ جىلىن
تۈنيۇقۇق تەرجىمىسى
نۆۋەتتىكى جوڭگونىڭ زىيالىي مەسلىسى 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا ئوتتورغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇ كۆزئالدىمىزدىكى ئىدىيە ئازاتلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر.1989-يىل جوڭگودا بىرپاسىل سىزىق بولۇپ، 90-يىللاردىن كېيىن سىرتقى مۇھىت ۋە زىيالىلار قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن زىيالىيلار ئۈچ تەرەپتىن خىرسقا دۇچ كەلدى. بىرىنچىدىن زىيالىيلارنىڭ ئاممىۋىيلىقلىقى يوقالدى. 90-يىللارنىڭ دەسلىپىدىن باشلاپ بىر قىسىم زىيالىيلاردا بىر خىل ئىلم ئاڭلىقلىقى پەيدا بولۇشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇلارچە زىيالىيلارپەقەت سىياسىي سېستىمىدىن ئايرىلىپ چىقىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، يەنە بىرخىل ئىلىم ئىقتىدارنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق بولۇپ، بىلىمدىن پايدىلىنىپ مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ ئاساسىي نەرسىلىرىنى تۇرغۇزۇش كېرەك دەپ قارىدى. بۇنىڭ بىلەن نورغۇن زىيالىيلار ئاممىۋىلىقلىققا ئىگە بولماي پەقەت مەلۇم ساھەنىڭ مۇتەخەسسى ھەتتا ئادىمىيلىك قارنى-كۆكسى تار بولغان تېخنىك مۇتەخەسسلا بولدى. ئىككىنچى تەرەپتىن زىيالىيلار قايتا-قايتا ئىجتىمائىي نوپۇزدىن چەتلىشىپ باردى. 1992-يىلدىن كېيىن ئىجتىمائىي قاتلامدا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بولدى. ھەقىقىي مەندىكى كۆپ قۇتۇپلىشش ئىشقا ئېشىپ، سىياسەت ۋە ئاڭ فورماتسىيسى بىرىنچى قېتىم ئىجتىمائىي مەركەزلىك ئورنىدىن ئايرىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىقتىساد مەركەزلىك مەسىلە ئورنىغا كۆتۈرۈلدى،بۇ ۋاقىتتا زىيالىيلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ھەقىقىي ھالدا چەتتە قالدى. ئۈچىنچى خىرىس نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا تېخىمۇ ئەجەللىك بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ «كېيىنكى زامانىۋىيلىق»(后现代) نىڭ باش كۆتۈرۈشى. بەزىلەر غەربنىڭ كېيىنكى مودىرنىزىم (后现代主义) نەزەرىيەسىدىن پايدىلىنىپ، جوڭگو كېيىنكى زامانىۋىيلىق دەۋرىگە كىردى، زىيالىيلار ئۆلدى، زىيالىيلار چەتتە قالدى، ئەنئەنىۋى مەندىكى زىيالىيلىق ئۆزىنىڭ قانۇنىيلىقلىقىنى، مەۋجۇتلۇق ئەھمىيتىنى يوقاتتى دەپ جاكارلىدى. زىيالىيلار راستىنلا ئۆلدىمۇ؟ زىيالىي ئۇ ئالدى بىلەن ئەخلاق بىلەن زىيالىي ئەمەس بەلكى بىلىم بىلەن زىيالىيدۇر، بىلىم ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاساسى، ئۆزىنى ئىسپاتلاشتىكى ئەڭ ھالقىلىق سەۋەب بولۇپ، بۇنى باشقا غەيرىي زىيالىيلار ھازىرلىمىغان. ئەنئەنىۋى زىيالىيلىق ئۆلدى. ئەمما، زىيالىيلىق روھى ئۆلگىنى يوق. گەرچە ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇق شەكلى ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا ئۆزگىرىپ بارىسمۇ، بىراق، پەقەت مۇشۇنداق ئەركىن، تەنقىدچان، ھالقىشچان روھ ئۆلمىسىلا، زىيالىيلىق ئەبەدىيلىككە ئېرىشىدۇ.
شۈ جىلىن قەلىمىدىكى بۇ ماقالە «جەۋھەرلەر» ژورنىلىغا بېسىلغان. |