- تىزىملاتقان
- 2015-6-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 941
- نادىر
- 0
- يازما
- 24
ئۆسۈش
88.2%
|
توپا باسقان كىتاپ
كۆزۈمدە لىققىنە ئويقۇ تۇراتتى،بۇ ئۇيقۇنىڭ زادي قايسى غەپلەتتىن كىلۋاتقىننى ئۆزۈممۇ بىلەلمەي قالدىم.
ئۆزۈمگە سەۋىر -تاقەت ئىزدىدىم،ھىچبىر سەبىر-تاقەت تاپالايدىغاندەك ئەمەس،شۇنچە تىرشتىم تىرشچانلىقىم بەربىر نەتىجە بەرمىدى. ئەلەكمۇللاھ ئوڭشۇلاپمۇ قالاسمەن دەپ كۆزۈمنى ئۇيقۇغا قويۇپ بەردىم.
كىتىپ بارمەن چەكسىز ئۇزۇن يوللاردا،نىمە قىلشىنى ،قايسى تەرەپكە مىڭىشنى زادي بىلەلمىدىم،تۇيۇقسىزلا پۇتۇمغا نىمىدۇر بىر نەرسە قاتتىق ئۇرۇلدى،ئاھ خۇدا نىمىدۇر دەپ قاتتىق ۋاقىراپ كەتتىم،ئاستا-ئاستا ئىڭىشىپ قاردىم،ياق ،ياق ئۆزۈمگە ئىشەنمەيلا تۇرۇپ قالدىم.
شۇنچە كونا بۇ يولدا توپا باسقان ھالەتتە قۇتادغۇ بىلىك تۇراتتى،ئاستا يۈزىنى سۈرتىپ قوينىمغا سىلىپ يولۇمنى داۋام ئەتتىم.كىتىپ باراتتىم ھىچبىر كىشى ماڭا سەپەرداش بولاي دىمەيدۇ ھە ئۇلار تىخى يولغا چىقمىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ يولۇمنى داۋام قىلدىم. تۇيۇقسىز پۇتۇمنىڭ سۇنغىننى بىلدىم ، يىغلاپ كەتتىم پۇتۇمنى تۇتۇپ باقاي دىسەم قولۇم يەتمىدى،كۆزلىرىمنىڭ نۇرى ئاجىزلاپ كىتىپ باراتتى،ئۈنسىز يىغلاپ ئولتۇرۇپ تۇيۇقسىز ئويغۇنۇپ كەتتىم.
يىنىمدا ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسدا دىگەن كىتاپ تۇراتتى ،بىلدىم پۇتۇمنى نىمىشقا سۇنغىننى ،چۈنكى بىز ئۆزىمىنى يوقۇتۇپتۇق،ئەجداتلارنىڭ روھىنى ئۇنتۇپتۇم. بۈگۈندىكى مەسئۇليەتنى،ئەتىكى بۇرۇچنى ئۇنتۇپتۇق. نىمە بولغىنى ئەۋلاردلارغا نىمە قالار ئەمدى كۆزۈمنى چىڭ يۇمىۋالدىم،لىققىنە ياش زىناقلىرىمنى بويلاپ تامچىلاپ ئىقىپ كەتتى. مەيلى ئاقسۇن لىكىن بالىلارغا نىمە بىرشىمىز كىرەك ؟
ئويلىدىم ،ئەتە ئۈچۈن ئۇل ھازىرلىشىمىز،بۈگۈننى قەدىرلىشىمىز كىرەكمۇ قانداق ؟
بۇنىڭ ئاساسى زادي نىمە؟ توغرا ئەجدادىمغا بىلىم ئاساس بولغان،ئەجىبا ماڭا ئۇ نەرسە كىرەك بولماسمۇ؟ ئۇلار شۇنچە پايدىلنىپ كاتتا نەتىجىلەرنى روياتقا چىقارغان،مەنمۇ شۇ بىلىمنى قۇرال قىلاي،ئال قولغا كىتاپنى دەپ ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسدا دىگەن كىتاپنى ئالدىم ،ئۈستىنى سۈرتىپ ئاستا ئىچىنى ئاچتىم. شۈكرى يەنىلا كىتاپنى ئاچالىدىم، ئەمدى گەپ روھىيەتنى پاكلاش، قەلىبنى ئويغا سىلىش بولۇپ قالدى. قەلىممىنى ئاستا كىتاپ ئۈستىگە قويدۇم،يازسام داستان پۈتىدۇ،يازىمىسام قەلىمىم ئۆكسۈپ يىغلايدۇ… ياق توختمايدۇ قەلەملەر،شاھانە قەلەم رەڭلىرى سىزگە مىراس قالسۇن، ئاق ۋاراقنىڭ ئۈمىدلىك بەتلىرى سىزگە ئامانەت قالدى…پەقەت قۇرال بولسا جەڭ قىلغىنى بولغاندەك،كىتاپ ،ئىلىم بولمىسا ئادەم بولغىلى بولمايدۇ… |
|