- تىزىملاتقان
- 2012-8-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-9-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3552
- نادىر
- 0
- يازما
- 201
ئۆسۈش
51.73%
|
ئاجىزلار توپى مۇشۇنداق جار سالىدۇ ،ئاساسسىز شۇئارلار ،ھازىر ئىختىدارى بارلارغا ئىشىك ئوچۇقلا تۇرمامدۇ ،ئىمتىھانلارمۇ بەك كوپ ، شۇ نىمىشقا ئوتەلمەيسىلەر ،ئوتەلمەسلىكتىكى باھانەڭلار نىمە ؟
مەن مۇتلەق كوپ ساندىكى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نەپرەتلىنىمەن چۇنكى
1- ئالى مەكتەپ قوينىغا كىرىپلا ئويلايدىغىنى مۇھەببەتلىشىش ، ئاتا -ئانىڭىز سىزنى مۇھەببەتلىشىش ئۇچۇن مەكتەپكە ئەۋەتكەنمۇ ؟ھەپتە ئاخىرىدا ياتاقلاردا ئادەم قالمايدۇ ،دىبا ،جۇبا ،ۋاڭبا دىگەنلەر ك ت ۋ لار توشۇپ كەتكەن ،ئاتا -ئانىسى ئەۋەتكەن پۇللارغا ئىچى ئاغرىماي بۇزۇپ چىچىۋاتقان ،شۇنداق تۇرۇقلۇق سىزدەك ئادەملەر ئوقۇش پۇتتۇرگەندىن كىيىنلا ئىشسىز قالمىسا ،كىم ئىشسىز قالاتتى ئەمىسە
2- مۇئەللىم دەرس سوزلەۋاتسا دىققىتىڭىز باشقا يەردە ،مۇزاكىرە ۋاختىدا ئالدىڭىزدا كىتاپ ئەمما كوزىڭىز ۋە قولىڭىز ئۇندىداردا ، كىتاپلار غىرىپسىنىپ ،تىلفۇنلىرىڭىز شۇنداق قىززق نوختا ،شۇنداق تۇرۇقلۇق سىزدەك ئادەملەر ئوقۇش پۇتتۇرگەندىن كىيىنلا ئىشسىز قالمىسا ،كىم ئىشسىز قالاتتى ئەمىسە
3-كوپپىيوتىر كەسپىدە ئوقۇغانلار ئوڭلاپ بىر ئاددى سىستىما تۇزەلمەيسەن ،ئەدەبىياتتا ئوقۇغانلىرىڭ ئاددى بىر رۇخسەت سوراش خىتىنى ئولچەملىك يازالمايسەن ،بوغالتىرلىقتا ئوقۇغانلار سالاھىيەت كىنىشكاڭ يوق ،بولغان ھالەتتىمۇ ئەڭ ئاددى بىر ئىنتىرىيە تۇزەلمەيسەن ،شۇنداق تۇرۇقلۇق سىزدەك ئادەملەر ئوقۇش پۇتتۇرگەندىن كىيىنلا ئىشسىز قالمىسا ،كىم ئىشسىز قالاتتى ئەمىسە
4-ئوز ئارا بىر بىرىنى ئالداش ۋە رەزىللىكتە ئۇچىغا چىققان ، شەخسىيەتچىلىكتە شەيتان بىر يەردە قالىدۇ ،كەچتە قايسى قىزنى قانداق ئالدىغانلىغىڭ ،ئەتە يەنە قايسى قىزنى ئالداش كويىشىدا خىيال بىلەن ئۇخلاپ قالىسەن ،ئىمتىھاندا كوچۇرمىكەشلىكتە كەشپىياتىڭ بەك تولا ،رۇخسەت سوراشتا ئوقۇتقۇچى ۋە فاكولتىتتىكىلەرنى ئاجايىپ ئالدىيالايسەن ،پۇل لازىم بولغاندا ئاتا ئاناڭنى ئالداشتا ئەشەددى قويمۇچى ،رەزىللىكتە شۇنداق ئۇچىغا چىققان تۇرساڭ شۇنداق تۇرۇقلۇق سىزدەك ئادەملەر ئوقۇش پۇتتۇرگەندىن كىيىنلا ئىشسىز قالمىسا ،كىم ئىشسىز قالاتتى ئەمىسە
4-ئالى مەكتەپ ھاياتىڭدا كەلگۇسىدە بالىلىرىڭغا پەخىرلىنىپ سوزلەپ بەرگۇدەك بىر ئىزىڭ يوق ،ۋۇجۇتقا چىقارغان ئەھمىيەتلىك بىر پائالىيتىڭ يوق ،ئىپپىتىڭنى يوقاتساڭ بىرتال تازىلىق قەزىنى يوقاتقانچىلىكمۇ ئىچىڭ ئىچىشمىسا ،شۇنداق تۇرۇقلۇق سىزدەك ئادەملەر ئوقۇش پۇتتۇرگەندىن كىيىنلا ئىشسىز قالمىسا ،كىم ئىشسىز قالاتتى ئەمىسە
5-جەمىيتىمىز سىزدەك ۋىجدانسىز ،كىرەكسىز ،ئىختىدارسىز داشقاللارغا ھاجەت ئەمەس ،قازانغا نىمە سالساڭ چومۇچكە شۇ چىقىدۇ ،ئەھۋالىڭ شۇنچىلىك تۇرسا جەمىيەتتىن -ھوكۇمەتتىن ئاغرىنىشقا نىمە ھەققىڭ ،تىخى سىلەردەكلارغا خىزمەت چىقىپ قىلىۋاتقىنىغا ئەقلىم ھەيران
يۇقارقى ئىنكاسىم پەقەت ئالى مەكتەپنى شۇنداق پۇتتۇرگەنلەرگىلا قارىتىلغان ،ئاتا-ئانىسىغا ۋە جەمىيەتكە يۇز كىلەلىگىدەك ئوقۇغانلار ئوزۇڭلارغا ئالماڭلار |
|