قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 3657|ئىنكاس: 35

ئەركىم: يەر-جاي نامىمۇ بىر كىملىكتۇر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

184

تېما

15

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   71.12%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1916
نادىر تېمىسى: 23
مۇنبەر پۇلى: 6650
تۆھپە : 7645
توردىكى ۋاقتى: 1686
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-10 12:36:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەر-جاي نامىمۇ بىر كىملىكتۇر

مۇجىبۇل راخمان ئەركىم

2015-يىلى 7- ئاينىڭ 9-كۈنى ئۇيغۇرغول فوتو-سۈرەت توپىدىكى بىر نەچچە نەپەر فوتو-سۈرەت ھەۋەسكارى قومۇل شەھىرى قارادۆۋە بازىرىنىڭ ئايقىدىكى خىلۋەت گۈزەل ماكان، سىرلىق ئەسكىشار يارداڭلىقىغا كىرىپ كەچكى شەپەق، يۇلتۇز ۋە تاڭ سەھەرنىڭ مەنزىرىلىرىنى تارتىپ كەلدى.



ئەسكىشار قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا قەدىمىي شەھەر دېگەنلىكنى بىلدۈرىدۇ. ( ئەسكى- ھازىرقى تىلىمىدىكى كونا، ئەبجەق بىلەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز، تۈركىيە تۈرىكلىرى بىزنى–ئەسكى تۈرك دەيدۇ. مەنىسى قەدىمىي تۈركلەردۇر. )

كىشىنىڭ غەزىپىنى قوزغايدىغىنى بەزى بىر ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە شەخىسلەر قۇرغان تور بېكەت،سالونلار قومۇل ئۇيغۇرلىرى ئەزەلدىن ئەسكىشار دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان ئورۇننى تەكشۈرۈپ ۋە ياكى سۈرۈشتۈرۈپ كۆرمەستىنلا «شەيتانكەرىش» دەپ ئاتاپ خەۋەر، ئۇچۇرلار تارقىتىۋاتىدۇ، بۇ ئۇچىغا چىققان مەسئولىيەتسىزلىك.

بۇ يەردە بىر قانچە دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىنىدىغان خارابىلىكلەر بار. بۇ قەدىمىي سىرلىق رىۋايەتلەر بىلەن تويۇنغان خىلۋەت ماكان ئۆزىنىڭ ئالاھىدەجۇغراپىيىلىك يەر تۈزىلىشى سەۋەبىدىن مەملىكەت دەرىجىلىك ساياھەت نۇقتىسى قىلىپ بېكىتىلگەن.ھەر يىلنىڭ تۆرت پەسلىدە دۇنيانىڭ ئىچى سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى ئايىقى ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرىدۇ.

بۇ سىرلىق تۇپراقتا ئاجايىپ-غارايىپ سىياقتىكى يارداڭلىقلار ۋە بۇ زىمىن ھەققىدىكى ئەل ئاىرىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن قورقۇنۇچلۇق جىن، دۆگە-پېرە رىۋايەتلىرىنى ئاڭلىغان خەنزۇلار بۇيەرگە « ئالۋاستى شەھىرى 魔鬼城 » دەپ ئىسىم قويۇۋالدى. ئىچىمنى بەك پۇشۇرىدىغىنى يەرلىك قارادۆۋىچىلەرمۇ « موگۈيچىڭ »دەيدىغان بولۇۋاپتۇ. بىر يۇرتنىڭ ئىسمىنىڭ ئۆزى بىر كىملىك ۋە يۈتمەس تارىختۇر. شۇڭا يەر-جاي ناملىرىنى توغرا، ئۆز ئەينى بىلەن ئاتاشمۇ ھەر بىرىمىزنىڭ شەرەپلىك مەجبورىيتىمىز.
ئالۋاستىغا ئوخشامدىكەن؟
مانىڭغا قاراڭ، كېچىلىرى كۆرسىڭىز تېخىمۇ قورنۇچلۇق!

ئاشىقلار

ئەسكىشاردىكى شىرتەنلىك ئادەم ھەيكىلى

يولۇڭغا قاراپ

ئەسكىشاردا سامانيولى
جۈپ مۇنار

قاراۋۇل

كۈتۈش

ئۇخلىغان تاغلار

ئەسىرلەر دولقۇنى

ئۇزۇن بويۇن دنوزاۋىر

يىللار ئىزناسى

تۇرا

يىلان

مۇجىبۇل راخمان ئەركىم فوتوسى 2015-7-10
uyghuray

0

تېما

2

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   8.89%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1149
يازما سانى: 586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2337
تۆھپە : 2667
توردىكى ۋاقتى: 657
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-10 13:11:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باغداشمۇ «八大石» دەپ تەرجىمە قىلىنىۋېتىپتۇ،،، شۇنداق كېتىۋەرسە يىللار ئۆتۈپ ئۇيغۇرچىسىنى «سەككىز تاش» دەپ بىزلەرگە قايتۇرۇپ بېرىشى ئېنىق... مەنچە ئۇيغۇر تىلىدىكى تيانشان دېگەندەك ئەبجەق سۆزلەرنى قەتئىي چىقىرىۋېتىش كېرەك..

2

تېما

11

دوست

3562

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   52.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19322
يازما سانى: 396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1040
توردىكى ۋاقتى: 194
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-10 13:33:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىلەرگە نىسبەتەن ئىسمىلارنى باشقا تىللاردا ئاتاش قانداقتۇر سەۋيەسنى بەلگىلەيدىغان يۇزيۇرانە ئىمتىھاندەك ئادەت قىلۋالغان.

2

تېما

17

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.02%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27382
يازما سانى: 1514
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 3764
توردىكى ۋاقتى: 412
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-10 13:36:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما ئىكەن . ئاتا بوۋىللىرىمىز قويغان  ناملار بىزنىڭ تارىخمىزنىڭ گۇۋاھچىسى . تىما ئىگىسى دىگەندەك ئەسلى ناملىرىنى قەدىرلىشىمىز ۋە شۇ بويىچە ئاتىشىمىز كېرەك .

ئارىمىزدا مەسئۇلىيەتسىز كىشىلەر كۆپىيىپ كىتىپ بارىدۇ .
uyghuray

0

تېما

1

دوست

874

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   74.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18341
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 264
توردىكى ۋاقتى: 77
سائەت
ئاخىرقى: 2015-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-10 13:54:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍ىزدىنىشىڭىزغا ئ‍اپىرىن...

0

تېما

0

دوست

226

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   75.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34429
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 72
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2015-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-10 13:59:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلبى بىلەن قارىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ھەر بىر نەرسىدە ئىبرەت بار دېگەننى يەنە بىر قېتىم چۈشەندىم.

12

تېما

2

دوست

5457

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34133
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 32
تۆھپە : 1714
توردىكى ۋاقتى: 436
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-10 14:36:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمەدېگەن گۈزەللىك بۇ. دۇنياۋى كۆرگەزمىگە قويۇلغىدەك قىممەتلىك تەبى سەنئەتلەر ئىكەن. پەخىرلەندىم، غۇرۇرلاندىم.

ئەمدى يەر نامىغا كەلسەك، بىزدىكى بېپەرۋالىق بەك ئېغىر. نەپرەتلىنىشكە، تەنقىتلەشكە تىگىشلىك. ئۆزىمىزنىڭ تىلىدىكى ئاتالغۇلار يېتىشمىگەندەك، دائىم قوشنىلارنىڭ تىلىدىكى، ئۆزىمىز مەناسىنى بىلمەيدىغان سۆز، ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلىۋالىمىزكەن. رادىئو، تېلىۋىزور خەۋەرلىرىدىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ بۇنداق مازلىق. مەسىلەن: رۇسىيە 《 زۇڭتڭ》 ى پۇتىن، گېرمانىيە 《زۇڭلى 》سى مېركېل -دېگەندەك سىياسى ئاتالغۇلارنى شۇنچىلىك سۈپەتسىز قوللىنىدۇ. بۇ يەردىكى زۇڭتۇڭ دېگەن سۆزگە ئۇيغۇرچە ى قوشۇمچىسىنى، زۇڭلى دېگەن سۆزگە  سى قوشۇمچىسىنى قوشۇپلا ئۇيغۇرچە قىلىۋالغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات ئورگانلىرى ئۆتكۈزىۋاتقان نۇقسانلار بۇ.

زىيالىلار ئەسلىدە مۇشۇنداق نەرسىلەرنى تەنقىتلەپ تۈزىتىشكە ھەقلىق ھەم مەجبۇر. ئەپسۇس، ئۇلار نەدىكى تۈك ئۈنمەيدىغان تۇخۇمغا ساقال ، بۇرۇت ئۆستۈرىمىز- دەپ ئاۋارە.

بەك ياخشى، مەسئۇلىيەتچان تېمىنى يوللاپسىز ئەپەندىم. قوللايمەن.

184

تېما

15

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   71.12%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1916
نادىر تېمىسى: 23
مۇنبەر پۇلى: 6650
تۆھپە : 7645
توردىكى ۋاقتى: 1686
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-10 14:47:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arkim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-7-10 14:49  
تارخان يوللىغان ۋاقتى  2015-7-10 13:11
باغداشمۇ «八大石» دەپ تەرجىمە قىلىنىۋېتىپتۇ،،، شۇنداق كې ...


باغداش دېگەن بۇ ئىسىم ماڭا ئۇچىراپ قالسا ھەرگىزمۇ八大石 دەپ ئالمايمەن. 巴格达什 دەپ ئالىمەن.
تۈركلەر- باغداشقان قورۇپ ئولتۇرۇشنى بىۋاستىلا « باغداش » دەيدىكەن. قومۇلدىكى بۇ داڭلىق تاغنىڭ يەر شەكلى دەل باغداشتەك ھالەتتە كۆرۈنىدۇ. شۇڭا بۇ يەرنىڭ ئاتىلىشى باغداش بولغان بولۇشى مۇمكىن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )