- تىزىملاتقان
- 2014-4-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5099
- نادىر
- 0
- يازما
- 461
ئۆسۈش
1.98%
|
ھەقىقەتەن ياخشى تېمىكەن ، بەك ھوزۇرلاندىم ، خەتلىرىڭىز تولىمۇ كۆركەم چىرايلىكەن ، قولىڭىز دەرت كۆرمىسۇن ، كۆزنى ھەقىقەتەن قاماشتۇرىدىغىنى نېمىلا دېگەن بىلەن ئۆزۈمىزنىڭ ئۇيغۇر ھۆسىنىخەتلىرىدە ، بوپمۇ ئۇيغۇر ھۆسىنىخەتلىرىنىڭ كۆركەم چىرايلىق تولىمۇ سىپتا ، تۈرىنىڭ كۆپ خىللىقى ھەم يەنە مەلۇم بىر شەكىلگە چۈشۈرۈپ يازغىلى بولىدىغانلىقى كۆرگەنلا كىشىنىڭ ئالاھىدە زوقىنى كەلتۈرۈپ تولىمۇ ھاياجانلاندۇرىدۇ . لېكىن مەن باشقا مىللەت يېزىقلىرىدا ئۇنچىلىك كۆپ تەرەپلىمىلىك ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلمىدىم ، شۇڭا ئۆز تىل - يېزىقىمىزنى قوغدايلى ئاسرايلى ئۆز تىلىمىزدا تولۇق راۋان سۆزلىشەيلى . جەمئىيىتىمىزدىكى يەنە بەزىلەرگە قارىغۇدەك بولسام ، ئۇيغۇر تىل - يېزىقىمىزغا ھاقارەت قىلىپ تىل - يېزىق ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشنى ياقىلايدىغانلارنى خېلى كۆپ ئۇچراتتىم ، سەۋەبى ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىياتىنى كەينىگە تارتىۋاتقان سەۋەبلەرنىڭ بىردىنبىر سەۋەبچىسىمىش ، ئىلگىرى بىز بىر مەزگىل قوللىنىپ تاشلاپ ئەمەلدىن قالدۇرۇپ قويغان يېڭى يېزىق ئىسلاھاتى ھەممىگە ، بۇندىن كېيىنكى ئەمەلىيەتكە كونكرېت تەلەپچانلىقنى يوقۇرى قويۇپ ئەڭ مۇۋاپىق كېلىپ رولى ئىنتايىن زور بولارمىش ، بوپمۇ دۆلەت تىلىمىز بولغان خەن تىلى چەتئەل تىلى ھەم باشقا مىللەت تىللىرىنى كۆپ ئىگىلەشكە زور پايدىلىقمىش ، مىش مىش مۇشۇنداق گەپلەر .............. ئەمدى بۇ گەپلەر ھەر قانچە توغرا بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ بىز تارىختىن بۇيان ئەڭ كۆپ يېزىق ئالماشتۇرغان مىللەتلەر قاتارىدىن ، ھەر بىر يېزىق ئالماشتۇرۇپ تامامەن ئۆزلەشتۈرۈشكە كەتكەن ۋاقىت ھەم بەدەللەرنى ئويلاپ كۆرۈپ باقايلى ، ............. بۇنىسى دېمىسەممۇ ئېنىققۇ ، ھەر بىر تىل - يېزىق ئلاماشتۇرغان ۋاقىتتا ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ تەسىرى مائارىپنى ئارقىغا چېكىندۈرۈش ياكى بولمىسا مائارىپ تەرەققىياتىنى تۇرغۇن ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇشتەك بىز ئويلاپمۇ باقمىغان ناچار ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويماي قالمايدۇ . مىسالغا ئالساق ، بوپمۇ ئەڭ گەۋدىلىكى مۇشۇ ئازات بولۇپ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىكى تىل - يېزىق ئىسلاھاتى بولدى ، 60 نەچچە يىللىق ئىسلاھات تارىخىمىزدا بىز ئىككى قېتىم ئالماشتۇرغان بولدۇق ، 1- قەدەم كونا يېزىقتىن خەنچە يېزىقتىكى پىنيىچىلاشتۇرلغان سىلاۋىيانچە يېزىققا ئالماشتۇرۇش ، بۇنى بىز يېڭى يېزىق دەپ ئاتىدۇق ، 2- قەدەم ئاستا -ئاستا تونۇش ھاسىل قىلىش داۋامىدا ئۆزۈمىزگە كېلىپ خاسلىقىمىزنى يوقىتىپ قويماسلىق ھەم مىللىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نىشان مەقسىتى بويىچە دەۋرگە ماسلىشىپ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئاساسىدا يېڭى يېزىقتىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىغا ئالماشتۇرۇش ............. مانا مۇشۇنداق قىلىپ قىسقىغىنە يېرىم ئەسىردەك ۋاقىتتا بىزنى بەك مۇڭقۇي قىلىۋەتتى ، مانا ئەمدى يەنە يېڭى بىر تاللاشقا دۇچ كېلىپ تۇرۇپتىمىز ، ئەمدى بولغاندىمۇ ئۆزۈمىزنىڭكىنى قوغداپ ساقلاپ قالايلى ، مەنچە بۇندىن كېيىنكى مەۋجۇتلۇقىمىزدا بۇندىن باشقا ياخشى ئامال قەتئىي يوق ......... دېمىسىمۇ ئەڭ ئاددىيسى بۇ ھۆسىنىخەت ئەسەرلىرىدىمۇ شۇنى چوڭقۇر بىلىپ يەتمەك ھەرگىز قىيىن ئەمەس ، شۇنچە قىممەتلىك بىباھا ئالتۇننى تاشلاپ نەدىمۇ پوق ئىزدەپ يۈرەرمىز دەيمەن ............... بىر ئىشنى مىسالغا ئالسام ، ئاڭلىشىمچە شىنجاڭدىن بىر ھۆسىنىخەتنى شۇنچىلىك چىرايلىق سىپتا يازالايدىغان ھۆسىنىخەتچىدىن بىرسى چەتئەلگە ، ياۋرۇپا ئەللىرىدىن بىرگە چىقىپ چەتئەللىكلەر بىلەن ياخشى تونۇشۇپ قېلىپ ئۇيغۇرنى شۇنچە ئەتراپلىق تونۇشتۇرماقچى بولۇپ بىلىشىچە چۈشەندۈرۈپتۇ ، لېكىن قايتارشىدا چەتئەلىكتىن بىرسى ، ئۇنداقتا سەن بىزگە ئۆز تىلىڭ يېزىقىڭدا ئۆز ئىسمىڭنى يېزىپ قالدۇرۇپ كەت دەپتىكەن قەغەز يۈزىگە بىردەمنىڭ ئىچىدىلا ئۆز ئىسمىنى چىرايلىق گۈل شەكلىگە كەلتۈرۈپ ھۆسىنىخەت ھالىتىدە يېزىپ بېرىپتۇ ، ئۇ چەتئەللىك ھەيران بولۇپ مەن ساڭغا ئۆز ئىسمىڭنى يېزىپ بەر دېسەم سەن ماڭغا گۈل سىزىپ بېرىپسەنغۇ دەپ سوراپتىكەن ئۇ ئادەم مانا بۇ دەل سەن مەندىن تەلەپ قىلغان ئىسمىمنىڭ ئۆز تىلىمىز يېزىقىمىزدا يېزىلىشى دەپتۇ ، شۇنداق قىلىپ بۇ چەتئەللىك ھەيرانلىق خۇشالچىلىقىدا ۋاھ سىلەر ئالامەت خەقكەنسىلەر جىسمىڭلاردىن ئىسمىڭلاردىنمۇ گۈل چىقىپ تۇرىدىكەن ، بۇنداق تىل - يېزىق بارلىقىنى مېنىڭ ئەمدى تۇنجى بىلىشىم دەپ دەپ بەك ماختاپ كېتىپتۇ ، ئارقىدىن بۇنى ماڭغا سوۋغا قىلساڭ مەن بۇنى خاتېرە ئورنىدا ساقلاپ قويسام ، پات ئارىدا مەن چوقۇم شىنجاڭغا ساياھەتكە بارىمەن دەپتۇ . كېيىن ئۇنى بىر چوڭ مۇزىيخانىدا پالانچى كۈنى جۇڭگو شىنجاڭدىن بىر ئۇيغۇر كېلىپ ئۆز ئىسمىنى ئۆز تىلىدا يېزىپ بەرگەن دەپ ساقلاپ قويۇپتۇ ، دېمەك شۇنداق قىلىپ بىرھۆسىنىخەت سەۋەبلىك دۇنيانىڭ ئۇ چېتىدە بىز ئۇيغۇرلار گۈلگە ئامراق پاكىز ئىلمىي مەدەنىيەتلىك مىللەتكەن ، جىسمى ھەتتا ئىسمىدىنمۇ گۈل پۇراپ تۇرىدىكەن ، بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ھاياتقا بولغان چوڭقۇر قىزغىنلىق كەلگۈسىگە بولغان ئوتلۇق تەلمۈرۈش گۈزەل ئارزۇ - ئارمان ھەم تەشنالىقىنى بىلگىلى بولىدۇ دەپ تەرىپلىنىپتۇ ، لېكىن ئەكسىچە ھازىر بىز دېمەتلىك ياشلاردا خەت يازساق سەت مايماق يازىدىغان ، ھەتتا ئىملا خاتالىقى كۆپ يۈز بېرىدىغان بولۇپ قالغىلى تۇردى ، مېنىڭ كۆزىتىشىمچە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ دەرسلىكلىرى ( ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ، ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات كەسپىدىن باشقا ) خەنچە تىلدا بولغاچقا ئاستا - ئاستا بۇنداق ئەھۋاللار ئېغىرلىشىشقا قاراپ مېڭىۋېتىپتۇ ، لېكىن مېنىڭ بىر كۆزەتكىنىم ، مەن بىر مەكتەپتىكى تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتنىشىپ بىر مۇڭغۇل بالىنىڭ مۇڭغۇلچە تىل يېزىقىنى مەشىق قىلىدىغان ماتېرىيالنى سېتىۋېلىپ شۇنى بىكار ۋاقتى چىقسىلا قاتتىق بېسىپ ئولتۇرۇپ مەشىق قىلىدىغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ ھەيران بولمىدىم لېكىن بوغۇزۇمغا ئاچچىق بىر نەرسە كەپلەشتى ، چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ تىل - يېزىقى تۇرسا مەن نېمىدەپ ھەيران قالغۇدەكمەن ، ھەتتا ئاشۇ تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ دەرسىگە قاتناشقاندىمۇ ئاشۇ ماتېرىيالنى ئەكىرىپ مەشىق قىلىدۇ ، ھەتتا بەزى چاغلاردا دەرستە نېمە سۆزلەنگىنى بىلەن كارى يوقتەك كەيپىياتتا ........لېكىن ئەكسىچە كۆڭلۈمنى قاتتىق غەش قىلغىنى بولسا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردا ئالىي مەكتەپلەرغۇ ئۇ يەردە تۇرسۇن ھەتتا تولۇق ھەم تولۇقسىز مەكتەپلەردىمۇ كۆرۈلمەيدىغان بوپكېتىپتۇ ھازىر ، ئۇلارغا ناۋادا ئۇلارغا ئۇنداق تەۋسىيە قىلسىڭىز كۈلۈپ زاڭلىق قىلىشى تۇرغانلا گەپ ، چۈنكى بۇ باشلانغۇچ بالىلىرىنىڭ ئىشى دەپ ، ئەمەلىيەتتە شۇ ئاتا -ئانىلارمۇ بوشاڭلىشىپ كەتتى دەيمەن ، بەرىبىر بىزنىڭ بىكار ئىشلىتىلمەيدۇ جانغا ئەسقاتمايدۇ دەپ ، تولىراق مۇشۇنداق ئەھۋاللارنى كۆپ ئۇچراتتىم ...................
مەنمۇ ھەم بۇنىڭ ئىچىدە ، مېنىڭ گەرچە ئىملايىم توغرا بولغىنى بىلەن يازغان خەتلىرىم بەك سەت ، ئۇنىڭدىن چوڭقۇر ئۆرنەك ئالدىم ........... شۇڭا ئىملا ھەم باشقا تەرەپلەرگە قاتتىق دىققەت قىلايلى قېرىنداشلار ، بەك كۆپ نەرسىلەرنى يېزىۋەتتىم ئالدىراشچىلىقتا ئاندا - ساندا خاتا كەتكەن بولسا ئەپۇ قىلىپ ئەسكەرتىش بەرسەڭلەر بولىدۇ ، چوقۇم تۈزىتىمەن ، شۇنداقتىمۇ مەن ئالاھىدە دىققەت قىلىۋالىمەن .......... |
|