- تىزىملاتقان
- 2015-10-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-6-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6367
- نادىر
- 0
- يازما
- 375
ئۆسۈش
27.34%
|
、ئىچكىرىنىڭ بەي دىئەنجىڭ دەيدىغان رەڭسىز، پۇراقسىز بىر سۈركىمىسى بار ئۇنى يەرلىك ئورۇنغا سۈركەيدۇ، قەشقەر مىللىي تىبابەت دوختۇرخانىسى ياسىغان ھەب كالىزىرى دەيدىغان ماياقتەك بىر خىل كۇمۇلاچ دورىسى بار شۇنى ئىستىمال قىلىدۇ. ئاندىن خوتەن ۋىلايەتلىك مىللىي تىبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ سىيادان ئوكۇلى بار شۇ ئۈچىنىڭ ئۈنۈمى بىرقەدەر يۇقۇرى. خوتەننىڭ ئوكۇلىنى زاۋۇت بىلەن ئالاقە قىلىپ تاپمىسا سەل تەس، چۈنكى ئۇ زاۋۇتتىن بىۋاستە بەزى جايلارغا ئاقىدۇ. مۇشۇ ئۈچ خىل دورا بىلەن ئالتە ئايغا بېرىپ-بارماي ساقىيىدۇ. ئەمما يىمەكلىكتىن قاتتىق پەرھىز تۇتۇش كېرەك. يەيدىغىنى ئاساسلىغى كۆتات تۈرىدىن يېسىۋىلەك. قوي گۆشى ۋە تەركىۋىدە ۋىتامىن س بولمىغان يىمەكلىكلەر. ھەر ئەتىيازدا ھېلىقى ئوكۇلنى چوقۇم ئۇرغۇزۇش كېرەك. شۇنىڭدىلا قايتا قوزغالمايدۇ. بۇ مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن ئەمەلىي تەجرىبە ئەمما ھەر ئادەمنىڭ بەدەن تەبىئىتى ئوخشاش بولمىغاچقا بۇنى ئومۇمىي ئۇسۇل قىلىپ تاللاشنى تەۋسىيە قىلمايمەن. مەنمۇ ئۇزۇن يىل پەرزەنتىمنى داۋالاتقان. كۆپىنچە داۋالايدىغانلارنىڭ سۈركەش مەلھىمى بار بولۇپ سۈركىگەندىن كىيىن ئاپتاپقا قاخلايمىز دەيدىكەن، ئەمما بۇ ئۇسۇلدا بىرى ئون بولۇپ يامرايدۇ. ھەرگىز ھۆددىگە ئېلىپ سەللىمازا ساقايتىۋېتىمەن دەيدىغانلارغا ئىشەنمەڭ.
ئىككىنچى رىتسىپ: دەشتەنجىر دەيدىغان دورا بار بولۇپ، ئۇنىڭ يىلتىزى بىلەن باباچى دەيدىغان ئۆسۈملۈك سورىنى سەككىزدە ئىككى نىسبەت ئارىلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىنىدۇ. بۇ دورىلارنى بىرقەدەر پىشقەدەم دورىگەرلەر بىلىدۇ. ئىزلىگەندە سەمىمىي ئادەمنى تېپىش كېرەك
ناھايتى ئەتراپلىق داۋالاش ئۇسۇلى بۇپتۇ ! مەنمۇ بىلمەيدىكەنمەن بۇنداق جوڭيى دورا ئارقىلىق داۋالاشنى ! |
|