- تىزىملاتقان
- 2014-4-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4306
- نادىر
- 1
- يازما
- 199
ئۆسۈش
76.87%
|
«داۋانچىڭنىڭ يېرى قاتتىق، تاۋۇزى تاتلىق،
داۋانچڭدا بىر يارىم بار قەمبەرخان ئاتلىق».
بۇرۇندىن تارتىپ ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان بۇ خەلق ناخشىسى ھېلىمۇ كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتىرىلىپ كەتمىگەن بولسا كېرەك. بۇ ناخشىدا تىلغا ئېلىنغان داۋانچىڭ تەڭرى تېغىنىڭ غەربى بۆلىكىدىكى ئەڭ ئىگىز چوققا بولغان بوغدا چوققىسىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، يايلاقلىرى بىپايان، سۈيى ئەلۋەك، كان بايلىقلىرى مول، ھاۋاسى سالقىن بىر ياخشى ماكان. تارىختا بۇ جاي قەدىمىي يىپەك يولىدىكى بىر مەرۋايىت، شىمال بىلەن جەنۇب قاتنىشىدىكى بىر مۇھىم ئۆتەڭ، دەپ قارىلىپ كەلگەن.
داۋانچڭنىڭ ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارىلىقى 86 كىلومېتىر كېلىدىكەن. ھازىر بۇ جاي ئۈرۈمچى شەھرىگە قاراشلىق داۋانچىڭ رايونى بولۇپ قۇرۇلۇپ، تەۋەسىدە ئۈچ يېزا، بىر بازار، 4 كوچا ئىش باشقارمىسى، 8 ئاھالىلار كومىتېتى، 21 كەنت كومىتېتى بار ئىكەن. يەنە ئاپتونۇم رايونغا بىۋاستە قاراشلىق شامال ئېلىكتىر ئىستانسىسى، شىنجاڭ يەنخۇ تۇزچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ شىنخۇا خېمىيىۋىي ئوغۇت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق چوڭ كارخانىلارمۇ داۋانچىڭ رايونىنىڭ تەۋەسىگە جايلاشقان ئىكەن. لەنجو-شىنجاڭ تۆمۈر يولى، جەنۇبىي شىنجاڭغا قاتنايدىغان 312-دۆلەت يولى ۋە تۇرپان-ئۈرۈمچى-تاقىرتاغ ئالىي تاشيولى داۋانچىڭ رايونىنىڭ تەۋەسىدىن ئۆتىدىكەن. داۋانچىڭ بازىرىدىكى ئاھالىلار كېلىۋاتقان، كېتىۋاتقان پويىزلارنىڭ گۆرۈلدىگەن ئاۋازىنى ھەرقاچان ئاڭلاپ تۇرىدىكەن.
داۋانچىڭ مەشھۇر شامال ئېغىزى بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ بۇيىچە شامال ئېنىرگىيەسى مول رايونلارنىڭ بىرى ھىسابلىنىدىكەن. ئەڭ دەسلەپكى تۇنجى شامال ئېلىكتىر ئىستانسىسىمۇ مانا مۇشۇ جايدا بەرپا قىلىنغان ئىكەن. ھازىر بۇ ئەتراپتا شامال ئېلىكتىر ئىستانسىلىرى بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىپتۇ. يازدىكى قۇياش پارلاپ تۇرغان، ئاسمان كۆپكۆك رەڭگە كىرگەن ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرىدىمۇ بۇ يەردە غۇر-غۇر شامال چىقىپ، تۇمۇز ئىسسىقتا كىشىگە ھۇزۇر ئاتا قىلىدىكەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، يازنىڭ تۇمۇز ئىسسىق كۈنلىرىدە بىرقىسىم تۇرپانلىقلار داۋانچىڭغا كېلىپ سالقىنلاپ كېتىدىكەن.
داۋانچىڭ بازىرى ئەتراپىدىكى ئېتىز قىرلىرىدا، چېغىر يوللاردا ئاجايىپ-غارايىپ ئۆسكەن قەدىمىي دەل-دەرەخلەر بۇ يەرنىڭ تارىخى ئۇزۇن بىر قەدىمىي يۇرت ئىكەنلىكىگە گوۋاھلىق بېرىپ تۇرىدىكەن. ياپيېشىل تۈسكە كىرگەن ئېتىزلار، ساپسېرىق ئېچىلىپ كەتكەن قىچا چىچەكلىرى، شىلدىرلاپ سۇ ئېقىپ تۇرغان ئېرىقلار بۇ يەرنىڭ قويۇق يېزا پۇرىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن بولسا، ئىككى تەرىپى غۇچچىدە ئورمان بىلەن قاپلانغان ، تەرەپ-تەرەپكە سوزۇلغان تۈپتۈز ئاسفالت يوللار، قاتار-قاتار كەتكەن يول چىراقلىرى، ئاھالىلارنىڭ دەم ئېلىشى، سەيلە قىلىشى ئۈچۈن بەرپا قىلىنغان باغچىلار، يېڭىدىن سېلىنغان ۋە سېلىنىۋاتقان بىنالار شىمالدىكى قارلىق تاغ بىلەن جەنۇبتىكى تاقىرتاغ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بۇ جاينىڭ زامانىۋىيلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى ۋە ئاجايىپ سېھرى كۈچىنى نامايەن قىلىپ بېرىدىكەن.
داۋانچىڭ بازىرىدىكى چوڭ يولنىڭ شىمال تەرىپىدە بىر چوڭ مىۋىلىك باغ بولۇپ، باغدىكى شاخلىرىنى كۆتۈرەلمەي مەي باغلاپ پىشىپ كەتكەن ئۈرۈك، ئالما، ئەينۇلا قاتارلىق مىۋىلەرنىڭ خۇشپورىقى دىماققا ئورۇلۇپ تۇرىدىكەن. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ باغلىرىغا قارىغاندا سەل كېيىنرەك پىشىدىغان بۇ مىۋىلەر بۇيىل كۆرۈلگەن يوقۇرى تىمپىراتۇرنىڭ بېسىمى بىلەن بالدۇر پىشىپ يەرگە تۆكۈلۈپ كېتىپتۇ. بۇ شامال ئېغىزى رايونىدىمۇ جەنۇپنىڭ باغلىرىدىن قېلىشمايدىغان مۇشۇنداق بىر باغنىڭ بولغانلىقى بۇ قەدىمىي ئۆتەڭگە يېڭى ھۈسېن قوشۇپتۇ.
بۇيىل روزا ھېيت ھارپىسىدا مەن قاتتىق ئىسسىق بولىۋاتقان ئۈرۈمچىدىن داۋانچىڭغا كېلىپ سالقىنلىغاچ، ئىككى تاغنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بۇ قەدىمىي يۇرتنىڭ قويۇق تەبىئىي مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندىم. ئەشۇ چاغدا تارتىلغان بىرقىسىم سۈرەتلەرنى تورداشلارنىڭ ھۇزۇرلىنىشىغا سۇندۇم.
*
*
*
* menbe: ozum
|
-
|