- تىزىملاتقان
- 2013-2-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5270
- نادىر
- 0
- يازما
- 564
ئۆسۈش
5.4%
|
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار مەن كەمىنە بابۇردىن سىلەرگە سالام !
مەقسەتكە كەلسەم مەن تۇغۇلۇپ تەمتىلەپ ماڭغاندا دادام بىلەن ئانام ئاجىرىشىپ كىتىپتىكەن ، مەن دادامغا ھەدەم ئانامغا قاپتىكەن ، مەن كىچىك بولغاچقا دادىسى باقالمايدۇ دەپ بۇۋام بىلەن چوڭ ئانام منى بىقىپ چوڭ قىپتىكەن ، مەن چوڭ بۇلۇپ توي قىلىش يىشىمغا كەلگۆچە بۇۋام ئالەمدىن ئۆتتى ، چوڭ ئانام ياشىنىپ قالغاچقا كىرىم مەنبەسى بولمىغاندىكىن مەن ئىشلەپ يۈرۇپ پۇل يىغىپ توي قىلدىم ، چوڭ ئانام ئالەمدىن ئۆتكەن چاغدا مەن تىكەندەكلا يالغۇز قالدىم ، تاغىلىرىم ھاممىلىرىم مىراس بۈلۈشكەندە ماڭا ھىچنىمە بەرمەستىن < نەۋرىگە مىراس تەگمەيدۇ ، بۇ بالا دادىسىغا قالغان ، دادىسى ھايات بولغاندىكىن دادىسى بەرسۇن > دەپ ماڭا ھىچنىمە بەرمەستىن دەشنام بىلەن ھەيدەپ چىقاردى ، ئانامنىڭمۇ قول ئىلىكىدە بولمىغاچقا ئانامغا تەگكەن بىر ئىغىزلىق ئۆيدىن باشقا ھىچنىمە تەگمىدى ،
كىين تۇرمۇشتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىراپ ئازراق قەرىز بوپ قىلىپ دادامنىڭ قىشىغا بارسام ئۆگەي ئاكام < سىز دادامنى بىركۈن باقتىڭىزمۇ ، ھالىدىن خەۋەر ئالدىڭىزمۇ > دەپ مىنى يىقىن يۇلاتمىدى ، ( ئادەتتە دادامنى يىنىدا تۇرۇپ باقالمىساممۇ كىرىمىمگە قاراپ كىيم-كىچەك ، پۇل بىرىپ تۇراتتىم ) كىين دادام مىنى ئىزلەپ كىلىپ < مەن ھايات ۋاقتىمدا مىراسنى بۈلۈپ بىرەي> دىگەندە يەنە ئۆگەي ئاكام قارىشى چىقىپ يەر زىمىننى بەرگىلى قويمىدى ، مەنمۇ ئاكامنىڭ قۇلىدىن بىرتال كالتەك چاغلىق نەرسە ئالمىدىم ، داداممۇ ماڭا 10 يۈەن بىرىپ باقمىدى ،
مەن بۇۋامنىڭ ئالدىدا تۇرۋاتقان مەزگىللەردە نۇپۇس ئىنىقلايدىغان ۋاقىت كىلىپ قىلىپ نۇپۇس دەپتىرىنى ئاساس قىلىپ مىنىڭ پامىلەمگە بۇۋامنىڭ ئىسمىنى يوللاپ قۇيۇپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن كىين سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بىجىرگەندىمۇ نۇپۇس دەپتىرىگە ئاساسلىنىپ بۇۋامنىڭ ئىسمى بىجىرلىپ قالدى ، مەن ئۇنىڭغا بەك دىققەت قىلماپتىمەن ،
بۇ يىل يازدا دادام ماشىنا ۋەقەسىدە قازا قىلدى ، قارىشى تەرەپ بىلەن كىلشىپ تۆلەم پۇلنى بىرىدىغان چاغدا دادامنىڭ تۇققانلىرى < سىز دادىڭىزدىن تۇلۇق خەۋەر ئالمىغان ، بىزنىڭ ئۈي يىقىن بولغاندىكىن بىز تاماق بىرىپ باقتۇق ، سىزنىڭ كىملىكىڭىزدىمۇ دادىڭىزنىڭ پامىلىسى يوق > دەپ تۆلەم پۇلنى ئالغىلى قويمىدى ، ئۇلارنىڭ دىيشىچە پۇلنى ئۇلار ئىلىپ قۇيۇپ بانكىغا ئامانەت قۇيىۋىتىپ ئۆگەي ئاكام تۈرمىدىن چىققاندا قۇلىغا تۇتقۇزارمىش ، < ئۆگەي ئاكام مەلۇم ئىشلار بىلەن 6يىل كىسىلىپ كەتكەن >
تورداشلار سىلەر ئويلاپ بىقىڭلار ! بۇلارنىڭ دىگەنلىرى قانۇندا ، دىندا توغرا دەپ قارىلامدۇ ،،،،،،،،،،،،
مەن ھوقوق مەنپەئەتىمنى قانداق قوغدايمەن ، قانۇن بىلدىغان دوسلار ماڭا سەمىمى مەسلەھەت بەرگەن بولساڭلار .
|
|