ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋاپاتىنىڭ 20- يىللىقى خاتىرىلىنىدۇ
ئا.ئاقھۇن يەنە 22 كۈندىن كېيىن ئىستىداتلىق تەتقىقاتچى، مول– ھۇسۇللۇق يازغۇچى، مېھنەتكەش شائىر ئابدۇرېھىم تىلەشۇپ ئۆتكۈرنىڭ ۋاپات بولغىنىغا دەل 20 يىل بولىدۇ. 20- ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ سەركە قەلەمكەشلىرىنىڭ بىرى، پىروفېسسور ھۈليا قاساپئوغلۇ چەنگەلنىڭ تەبىرى بويىچە ‹20 –ئەسىرنىڭ مەھمۇد كاشىغەرىسى› ھېسابلىدىغان ئۆتكۈر ئەپەندى ۋاپاتىنىڭ 20- يىللىقىنىڭ دىيارىمىز تەۋەلىكىدەخاتىرىلىنىدىغان ياكى خاتىرىلەنمەيدىغانلىقى ھەققىدە ھازىرغىچە بىرەر مەلۇماتقا ئىگە بولالمىغانلىقىم ئىچىمنى ئاچچىق قىلماقتا. مۇشۇ يىلى 13 – فېۋرالدا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەتقىقاتچىسى، ئەنقەرە غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى ھۈليا قاساپئوغلۇ چەنگەل خانىم «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ۋاپاتىنىڭ 20 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئابدۇرېھىم تىلەشۇپ ئۆتكۈرنى خاتىرىلەش» دېگەن تېمىدا تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە لېكسىيە بەرگەندە، 2015- يىلى 5- ئۆكتەبىردە يەنى ئۆتكۈر ئەپەندى ۋاپات بولغان كۈندە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋاپاتىنىڭ 20 – يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى قەيت قىلغانىكەن. ئۆتكۈر ئەپەندىگە بولغان ھۆرمىتىمنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن بولغان بولسا كېرەك، بۇ ئۇچۇرنى ئاڭلاپ ئىنتايىن سۆيۈنگەنىدىم. بۈگۈن (يەكشەنبە) بۇ يىغىننىڭ پىلانلانغىنى بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان ياكى ئۆتكۈزۈلمەيدىغانلىقىنى بىلىش ئىستىكىمنىڭ تۈرتكىسىدە ھۈليا خانىم بىلەن تېلېفون ئارقىلىق ئالاقىلىشىش ۋە بۇ ھەقتە قىسقىچە بولسىمۇ سۆزلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. ھۈليا خانىمنىڭ دېيىشىچە، «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ۋاپاتىنىڭ 20 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئابدۇرېھىم تىلەشۇپ ئۆتكۈرنى خاتىرىلەش»تېمىلىق يىغىن ھۈليا خانىمنىڭ ئاتىسىنىڭ ۋاپاتى (ئاللاھ ماكانىنى جەننەت قىلغاي)،ئاپىسىنىڭ ھېلىھەم بالنىستتا بولۇشى (كېسىلىگە شىپالىق تىلەيمەن) دەك سەۋەبلەر تۈپەيلى كېچىكتۈرۈلۈپتۇ. ھۈليا خانىم، «مۇشۇ يىل چىقىپ كېتىشتىن ئىلگىرى ـ دېكابىر ئايلىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا بولسىمۇ - تۈركىيەدە ‹قۇتادغۇ بىلىك، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئابدۇرېھىم تىلەشۇپ ئۆتكۈر ۋاپاتىنىڭ 20 – يىللىقىنى خاتىرىلەش› ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزىغانلىقى» نى تەكىتلىدى. مەن پۈتۈن ھاياتىنى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەسەرلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بېغىشلىغان بۇ مېھنەتكەش ئۇستازغا ئېھتىرامىمنى بىلدۈرىمەن شۇنداقلا ھەممە ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن. ھۈليا خانىم ئۆتكۈر ئەپەندى ۋاپات بولغان 5 –ئۆكتەبىردە پىلانلىغان مۇھاكىمە يىغىنىنى ۋاقتىدا ئۆتكۈزەلمىگەنلىكىدىن ئۈكۈنگەن بولسىمۇ، بېلىنى قويىۋەتمەستىن ‹يىل ئاخىرىغىچە بولسىمۇ ئۆتكۈزىمەن› دىۋېدى. تەسىرلەنمەي تۇرالمىدىم. مەندەك قولىدىن قەلبىنى ياشقا چىلاپ تۇرۇپ دۇئا قىلىشتىن باشقا ئىش كەلمەيدىغانلارنىڭ قىلالايدىغان بىرلا ئىشى بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆتكۈرگە جانابى ئاللاھتىن رەھمەت ۋە مەغپىرەت تەلەپ قىلىش، ھۈليا خانىملارغا ھەممىدە ئۇتۇق ۋەسالامەتلىك تىلەشتۇر.
مەرھۇم شائىرىمىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ھايات ھېكايىسى، كۈرەش مۇساپىلىرى ھەممەيلەنگەئايان بولسىمۇ، مەلۇماتلىرىمىزنى يېڭىلاش يۈزىسىدىن تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنىمۇ ئىلاۋە قىلىپ قويدۇم: 1923-يىلى قۇمۇلدا دۇنياغا كەلگەن. 1931-يىلى ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە گەنسۇغا كەتكەن. 1936-يىلى ئۈرۈمچىگە قايتىپ تولۇق ئوتتۇرىغا كىرگەن. 1939-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرگەن ۋە رۇس ئەدەبىياتى بىلەن تونوشۇشقا باشلىغان. 1939،1940- يىللاردا ئەدەبىيات –سەنئەت ساھەسىدە مېۋە بېرىشكە باشلىغان. 1942-يىلى ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتكۈزگەن. 1942،1943- يىلى ‹ئىيۇل بورانلىرى› دېگەندەك شېئىرلىرىنى يازغان. 1948-يىلى ‹تارىم بويلىرى› ناملىق شېئىرلار توپلىمى ئېلان قىلىنغان. 1985-يىلى ‹ئىز› رومانى نەشىر قىلىنغان. 1988-يىلى ‹ئۆمۈر مەنزىللىرى› ناملىق شېئىرلار توپلىمى ئېلان قىلىنغان. 1989-يىلى ‹ئويغانغان زېمىن› ناملىق رومانىنى نەشىر قىلدۇرغان. 1995- يىلى 5- ئۆكتەبىردە ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان.
|