بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-9-18 17:37
مائارىپ ئادىللىقى توغرىسىدا لاڭ شىيەنپىڭ دولان تەرجىمىسى
9-ئاي ئوقۇش باشلاش پەسلى، مەملىكىتىمىزدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر 2015-يىللىق يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى كۆتۈۋالدىدۇ، تۈمەنلىگەن ئوقۇتقۇچى، مىليۇنلىغان ئوقۇغۇچىلار يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا جۇڭگو مائارىپ سىستېمىسدا ساقلانىۋاتقان ھەرخىل مەسىللەرگەداۋاملىق يۈزلەنمەكتە، تىلغا ئېلىشقا تىگىشلىكى شۇكى، مائارىپ ئادىللىقى مەسىلىسىدە 2015-يىلى ماھايەتلىك ئىلگىرىلەش بولامدۇ-يوق، دېگەن مەسىلە دىققەتكەسازاۋەردۇر. مائارىپ ئىسلاھاتىدىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە مائارىپنىڭ ئادىللىقى مەسىلىسى توغرىسىدا، پېقىرنىڭ يېڭىدىن نەشىر قىلغان « بەخت بىزدىن قانچىلىك يىراق» دېگەن كىتابىمدا، چوڭقۇر تەھلىل ئېلىپ بارغان ئىدىم، ھازىر كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچى. 2014-يىلى12-ئاينىڭ 16-كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقى « ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ سەۋىيە ئىمتىھاننى يولغا قويۇش پىكرى » نى ئېلان قىلىپ،ئىلگىركى « بىرلا ئىمتىھان بىلەن ئۆمۈرلىك تەقدىرىنى بەلگۈلەش » نى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئوقۇش پۈتتۈرىش ئىمتىھانىغا بىرتۇتاش تەشكىللەپ، تولۇق ئوتتۇرائوقۇغۇچىللىرىدىن تولۇق 1-يىللىقتا ئىككى پەندىن، تولۇق 2-يىللىق ۋە 3-يىللىقتائايرىم-ئايرىم ئالتە پەندىن ئىمتىھان ئېلىشنى ئۈمىد قىلدى. ئىمتىھان ئېلىندىغان پەنلەرنى ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپنىڭ ئىمتىھان تەلىپى ۋە ئۆزئارتۇقچىلىقى بۇيىچە،سىياسىي-ئىددىيە، تارىخ، جۇغراپىيە، فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە قاتارلىق پەنلەرئىچىدىن ئۆزى تاللاش ھوقۇقى بېرىلدى. ئىمتىھان نەتىجىسى كونكىرىتنى نومۇر قويۇپ ئايرىلماي، بەلكى ABCDE دەپ بەش دەرىجىگە ئايرىلغان بولۇپ، بۇ نەتىجە سىزنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش تارىخىڭىزنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ ۋە ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشتاپايدىلىنىدۇ،قانچىلىك سالماقنى ئىگەللەيدىغانلىقىغا كەلسەك، ھەرقايسى ئۆلكە ۋەئالىي مەكتەپلەر ئۆزئالدىغا بەلگۈلەيدۇ؛ ئەلۋەتتە بۇ ئىسلاھاتنى يولغا قويسا،ئوقۇغۇچىلار پۈتۈن زىھنىنى ئۈگۈنىشكە مەركەزلەشتۈرەلەيدۇ؛ بىراق بۇبىر تېخنىكىلىق ئىسلاھات بولۇپ، يەنىلا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھاندىكى ئادالەتسىزلىكنىڭ مەنبەسىگەتىگەلمىگەن ئىدى. مانىبۇ رەھبەرلەرنىڭ « مائارىپ ئادىللىقى » نى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن بولسىمۇ، بىراق ئەمەلىيلەشتۈرىتە قارشىلىقنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىپ بېرىدۇ. مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ تۇنجى قەدىمى، مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنى كەسپلەشتۈرىش بولماستىن بەلكى مائارىپ ئادىللىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتۇر، مائارىپ ئادىللىقى جەمئىيەت ئادىللىقىنىڭ ئاساسىدۇر؛ <985> دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپ نامىداقوللىنىلىدۇ، بېجىڭ ئونىۋېرسىتېتى، چىڭخۇا ئونىۋېرستېتى، فۇدەن ئونۋېرسىتېتى ۋەجېجىياڭ ئونۋېرسىتېتى قاتارلىق داڭلىق مەكتەپلەر مۇشۇنىڭ ئىچىدە؛ بۇنىڭغا كىرگەن39 ئالىي مەكتەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپ خىراجىتىنىڭ %52.7 ئىشلىتىدۇ،<985> كىرگەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇلقىلىشىنىڭ ئادىل بولغان-بولمىغانلىقىغا قاراپ باقايلى، بىزيەنىلا سانلىق مەلۇماتنى ئاساس قىلىمىز،ئالدىبىلەن <985> كىرگەن ئالىي مەكتەپنىڭ مەملىكىتىمىزدىكى تارقىلىشىغاقاراپ باقايلى، <985> كىرگەن 39 ئالىي مەكتەپ ئىچىدە، بېيجىڭدا 8 ئى،شاڭخەيدە 4 ئى بولۇپ، ئىككى جايدىكى مەكتەپ %31 ئىگەللىگەن،باشقا 8 ئۆلكىدە بىرىمۇيوق، بەش ئازسانلىق مىللەت ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ ھېچقايسىسىدايوق؛ ئەلۋەتتە، داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قايەرگە قورۇلىشىدا تارىخىي سەۋەپلەرمۇبار، دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر دۆلەت ئالىي مەكتەپنىڭ تارقىلىشىدا جۇغراپىيەلىك تەڭپۇڭلىققا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ، مەسىلەن ئامېرىكىنىڭ شەرقىي-شىمالىدىكى بوستون رايۇنى ۋە ماسساچۇستېس شىتاتىغا داڭلىق مەكتەپلەر توپلاشقان. بۇيەردىكى مەسىلىنىڭ نىگىزى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى زادى قانداق قوبۇل قىلغانلىقى، تەكشۈرىشتىن شۇنى بايقايمىزكى، <985> كىرگەن ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ %36.18 نىڭ شۇيەرلىك ئوقۇغۇچىلار ئىكەنلىكىنى بايقايسىز، ئۇندىن باشقا چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتىدىكى %25 ئوقۇغۇچىنىڭ بېيجىڭلىق، توڭجى ئونۋېرسىتېتىدىكى %40 ئوقۇغۇچىنىڭ شاڭخەيلىك، فۇدەن ئونۋېرسىتېتىدىكى %49 ئوقۇغۇچىنىڭ شاڭخەيلىك، جېجىياڭ ئونۋېرسىتېتىدىكى %62 ئوقۇغۇچىنىڭ جېجىياڭلىق ئىكەنلىكىنى بايقايسىز، بۇخىل ئەھۋالدا بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق ئالىي مەكتەپ كۆپ جايلار تەبىئىلا كۆپ نەپ ئالغان، مانىبۇ ئەڭچوڭ ئادالەتسىزلىكتۇر! بىز يەنەقوبۇل قىلىش نىسبېتىگە قاراپ باقايلى، كۆپچىلىك تەڭسىزلىكنىڭ قانچىلىك چوڭ ئىكەنلىگىنى ئېنىق كۆرۈۋالالايدۇ، خېنەنلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ <985> ئالىي مەكتەپكە قوبۇلقىلىنىش نىسبېتى %0.7 بولۇپ، مەملىكەت بۇيىچەئارقىدىن سانىغاندا 1-بولغان، يەنى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان 100ئوقۇغۇچى ئىچىدىن 0.7 ئوقۇغۇچى <985> ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپكە كېرەلىگەن،ئەكسىچە قوبۇل قىلىنىش نىسبېتى ئەڭ يوقۇرىسى شاڭخەي بولۇپ %4.57 يېتىپ،ئىككى جاينىڭ پەرقى 6.5 ھەسسە بولغان، بۇ شاڭخەيلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ <985> ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپكە كىرىش پۇرسىتى، خېنەنلىك ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا 6.5 ھەسسە يوقۇرى بولغانلىق؛ رۇشەنكى،تۈزۈلمە لاھىلىگەن ئادالەتسىزلىككە بىرنەرسە دەپ بولمايدۇ. بېيجىڭ، شاڭخەيلىك ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەقىللىق بولمىسىمۇ، ئانچە تىرىشمىسىمۇ، تەبىئى ئەۋزەللىك نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، مانىبۇ مۇشۇ جايدىكى نوپۇسنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچە قىممەت ئىكەنلىكىنىڭ سەۋەبىدۇر؛ ئەكسىچە ئېيتقاندا، سىزنىڭ نوپۇسىڭىز سىرتنىڭ بولسا باشلىنىش نوقتىسىدىلا ئۇتتۇرۇپ قويىسىز دېگەنلىك. بەزىلەررەددىيە بېرىپ <985> كىرگەن مەكتەپلەر ئالاھىيىدە ئەھۋال، <211>كىرگەن مەكتەپلەر ھەممە ئۆلكىدە بارغۇ، سىز رايۇنلار ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيداقىلماڭ!دېيىشى مۈمكىن؛ ئۇنداقتا پېقىر سانلىق مەلۇماتلارئارقىلىق كۆپچىلىككە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، <211> مەكتەپلەردىمۇ ئوخشاشلائادالەتسىزلىك بار؛ ئەگەر <211> مەكتەپلەر شۇجايدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ساننى ئۆلچەم قىلىدۇ دېسەك، ئۇنداقتا بېيجىڭدىكى 84 ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنىڭ 24 ئى<211> كىرگەن بولۇپ %28.57 ئىگەللىگەن؛ ئەكسىچەخېنەن، خېبىيدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ 100 دىن ئاشىدۇ، ئەكسىچە <211>كىرگەن ئالىي مەكتەپ پەقەت بىردىن بولۇپ %0.83 نى ۋە %0.99 نى ئىگەللەپ، ئەڭ ئاخىردىن سانىغاندا بىرىنچى ۋە ئىككىنچى بولغان ئىدى؛ ئەگەر بىز ھەرمىليون كىشىگە توغراكىلىدىغان <211>ئالىي مەكتەپ بۇيىچە نىسبەتلەشتۈرسەك، پەرقنىڭ تېخىمۇ چوڭ ئىكەنلىكىنى بايقايمىز!، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ نوپۇسى 100 مىليوندىن ئاشسىمۇ لىكىن <211> كىرگەن ئالىي مەكتەپتىن پەقەت بىرلا جىڭجۇ ئونىۋېرسىتېتى بار بولۇپ، ھەرمىليون كىشىگە 0.01مەكتەپ توغرا كىلىدۇ؛ ئەكسىچە بېيجىڭدا ھەرمىليون كىشىگە 1.83 مەكتەپ تورا كىلىدۇ؛ئەكسىچە ئېيتقاندا بېيجىڭنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان <211> ئالىي مەكتەپ سانى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ 183 ھەسسىسىگە باراۋەر دېگەنلىك. بۇنىڭ نەتىجىسى قانداق بولىدۇ؟ ئۇبولسىمۇ،يىراق يېزا-قىشلاقلاردىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىق خادىملار تۈزۈلمە چەكلىمىسى تۇپەيلىدىن ياخشى ئالىي مەكتەپكە كېرەلمەي،ئاقىللارنىڭ شاللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىختىساسلىقلار ۋە ئىجتىمائى بايلىقنى زوردەرىجىدە ئىسراپ قىلىدۇ. 2008-يىلى 12-ئايدا، زوڭلى ۋېن جىياباۋ دۆلەت پەن-تېخنىكا، مائارىپ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىدا « ئىلگېرى بىز ئالىي مەكتەپتەئوقۇغان چاغلاردا، يېزىلىق ئوقۇغۇچىلار %80 ئاشاتتى، ھازىر بۇنىسبەت تۆۋەنلەپ كەتتى » دېگەن ئىدى. بېيجىڭ ئونىۋېرسىتېتى مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسۇرى لىۇ يۈنشەننىڭ ئىستاستىكىسىغائاساسلانغاندا، 1978—1999-يىلغىچە، بېيجىڭ ئونىۋېرسىتېتىدىكى يېزىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبېتى %30 ئىگەللىگەن بولسا،20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىكى مائارىپنى بازارلاشتۇرۇش دولقۇنى باشلانغاندىن كېيىن،يېزىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبېتى تۆۋەنلەشكە باشلىغان، 2000—2011-يىلغىچە بېيجىڭ ئونىۋېرسىتېتىغا كىرگەن يېزىلىق ئوقۇغۇچىلار %10 ئەتراپىدابولغان، بىرنەچچى يىلدىن بۇيان يېزا پەرزەنتلىرى ئىزچىل سىستېمىنىڭ يەكلىشىگەئۇچرىغان. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان ئىسلاھاتىنى زادى قانداق ئېلىپ بېرىش كېرەك؟ 1-، جۇڭگو سىياسىي-قانۇن ئونۋېرسىتېتىنىڭ ئۇسۇلىنى پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيتىپ، تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىللىرىنى قۇبۇل قىلىشتا، نۇپۇس نىسبېتى بۇيىچە تەقسىملەپ، مائارىپنىڭ ئادىللىقىنى ئىلگېرى سۈرىش لازىم؛ 2006-يىلى جۇڭگو سىياسىي-قانۇن ئونۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى شۈ شىيەنمىڭ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا « جۇڭگو سىياسىي-قانۇن ئونۋېرسىتېتى بېيجىڭنىڭ سىياسىي-قانۇن ئونۇۋېرسىتېتى ئەمەس، ئۇ پۈتكۈل جۇڭگونىڭ سىياسىي-قانۇن ئونۇۋېرسىتېتى » دېگەن بىرجۇملى سۆزى كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدۇ؛ ئەمەلىيەتتەئۇسۇل ئىنتايىن ئاددىي، ھەرقايسى ئۆلكە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش كۆرسەتكۈچىنى ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچى نىسبېتى بيىچە تەقسىم قىلىشى، غەربىي قىسىمدىكى ئازسانلىق مىللەت رايۇنىغا بەلگۈلىك ئېتىبار بېرىلىشى، ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسىدۇر. 2-،ياپونىيەنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان تۈزۈمىدىن پايدىلىنىپ، ئىمتىھان قەغىزىنى مەملىكەت بۇيىچە بىرلىككە كەلتۈرىش لازىم. ياپونىيە ھەريىلى ئىككى قېتىم ئىمتىھان ئالىدۇ، 1-قېتىملىقى ھەريىلى 1-ئايدا ئېلىندىغان مەملىكەتلىك بىرتۇتاش ئىمتىھان بۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكىت ئوقۇغۇچىللىرى بىرتۇتاش ئىمتىھان قەغىزىنى ئىشلىتىدۇ؛ئىمتىھاندىن كېيىن ھەرقايسى مەكتەپلەر ئۆزىنىڭ ئەڭ تۆۋەن نومۇر چىكىنى بېكىتىدۇ،كېيىن ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسەن ئۆزى ياخشى كۆرۇدىغان مەكتەپنىڭ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ. 2-قېتىملىق ئىمتىھاننى ئالىي مەكتەپلەر ئۆزلىرى تەشكىللەيدۇ، يېزىقچە، يۈزتۇرانە ۋە ئىلمىي ماقالە قاتارلىق كۆپخىل شەكىلدەبۇلىدۇ؛ نۇرغۇن خۇسۇسىي مەكتەپلەر مەملىكەتلىك بىرتۇتاش ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئىشلىتىدۇ، قايتا ئىمتىھان بىرىش ھاجەتسىز. مەملىكەت بۇيىچە بىرلىككە كەلگەن ئىمتىھان قەغىزى تۈزۈمى، ئادىللىققا مۇتلەق كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ نەتىجىسى ياخشى بولمىسا داڭلىق مەكتەپلەرگە كېرىش سالايىتىگە ئېرىشەلمەيلاقالماستىن بەلكى 1-تۈركۈمدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى تاللاشىغا يارىدەم قىلغان بۇلىدۇ؛ 2-تۈركۇمدىكى مەكتەپلەر ئۆزئالدىغا ئىمتىھان ئالىدىغان بولۇپ مەكتەپلەرگەبەلگۈلىك دەرىجىدە ئۆزئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ھوقۇقى بىرىلگەن؛ پۈتكۈل ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش جەريانى ئادىل، ئاشكارە بۇلىدۇ. « گۇڭجۇ گېزىتى » نىڭ خەۋېرىگە ئاساسلانغاندا، تەكشۈرىشتە كۆرسىلىشىچە %80 تورداش ئالىي مەكتەپ ئىمتىھاندا < مەملىكەت بۇيىچە بىرتۇتاش ئىمتىھان قەغىزى > ئىشلىتىشنى قوللىغان، بۇ كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى، ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسىدۇر. 2014-يىلى9-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېلان قىلغان « گوۋۇيۇەننىڭ ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قۇبۇلقىلىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى » دە< 2015-يىلدىن باشلاپ مەملىكەت بۇيىچە بىرتۇتاش ئىمتىھان قەغىزى ئىشلىتىدىغان ئۆلكىلەر كۆپەيتىلىدۇ > دېگەن بىر جۇملى بار، بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بۇلۇدۇكى،ئىسلاھات باشلاندى، بىز قەدەمنىڭ چوڭراق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. 3-،ھەرقانداق شەكىلدىكى نومۇر قۇشۇپ بېرىش، كاپالەت بىلەن ئىۋەرتىش ۋە مەكتەپ مۇدىرى تەۋسىيە قىلىش دېگەنلەرنى بىكار قىلىش لازىم، نېمە ئۈچۈن؟ جۇڭگودەك ئارقا ئىشىكتىن مېڭىشنى ياخشى كۆردىغان، ئادىمىگەرچىلىك چىرىكلىكنى ئاپىرىدە قىلىدىغان دۆلەتتە،ئازراقلا يۇچۇق بۇلىدىكەن چىرىكلىك پەيدا بۇلىدۇ، بۇنداق مىساللار ساماندەك. پېقىرمائارىپنى ئۈچ باسقۇچ ئارقىلىق ئىسلاھات قىلىپ، مائارىپتا ھەقىقى ئادىللىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ « بالىلار باشلىنىش نوقتىسىدا ئۇتتۇرۇپ قويمىسۇن » دېگەن سۆزىنىڭ ھەقىقى ئىشقا ئېشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
|