قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2400|ئىنكاس: 16

ماشىنام ( نۇرى تېيىپ )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

2

دوست

2146

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12986
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 28
تۆھپە : 719
توردىكى ۋاقتى: 339
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-28 10:17:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tarim315 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-28 10:42  

                                                                 ماشىنام                       

نۇرى تېيىپ ( ئامېرىكا )

87- يىلنىڭ ج م س ، راھەت ئولتۇرغاقلىرى بار، بولكىۋاي ماشىنا.
ئۆزۋاقىتلاردا بەلكىم قول - ئىلىكىدە ئازراق پۇلى بار ئادەملەر ھەيدىگەن بولۇشى كېرەك.ماشىنىنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈش كىتاۋىنىڭ تېشىدىكى رىكلامغا چىققان ئادەملەر،خېلىلا داڭلىق ئادەملەر، داڭلىق ئارتىسلاردەكمۇ قىلىدۇ.
بۇماشىنا ناھايىتى ئاز پۇل بىلەنلا قولۇمغا چۈشۈپ قالدى. كۆپ ئادەملەر ماشىنىنىڭ تۇرقىغا، يىلىغا، ماڭغان مۇساپىسىغا قاراپ، بۇ ماشىنىنى "بىكارغا بېرىمەن"دېسىمۇ ئېلىشتىن قورقسا كېرەك. لېكىن، ئوت ئالدۇرۇپ ئانچە - مۇنچە ھەيدەپ كۆرسەم،چوڭ چاتاق سەزمىدىم. پەقەت ماشىنىدا خوت ئاپتوماتىك يۆتكەلگەندە، ئازراق سىلكىنىش بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەرلىرى ئاتتەك.
بۇچاتاق ئاپتوماتىك خوت يۆتكەش سىستېمىسىنىڭ ئاپتول سۈزگۈچىنىڭ كونىراپ كەتكەنلىكى،ۋە ياكى شۇ سۈزگۈچنىڭ زەخمىلەڭەنلىكى، ۋە ياكى شۇ يەرنىڭ مېيىنىڭ بەكلا ئازلاپ كەتكەنلىكىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان سىلكىنىشلىكى، مانا مەن دەپ بىلىنىپ تۇراتتى. لېكىن،ماشىنا ئىگىسىنىڭ دىئاگۇنوسى، مېنىڭكىدىن باشقىچە بولۇپ، ئۇ خىيالىدا "بۇماشىنىنىڭ ئۆمرى ئاخىرلاشتى. بىر ئامال قىلىپ قولدىن چىقىرىپلا قۇتۇلاي" ئىدى.
شۇڭاماشىنا خوجايىنى ماشىنىنى ئۆيۈمگىچە ھەيدەپ ئەكەپ بېرىپ، پۇلىنى ئېلىپ، رەخمەتلەرئېيتىپ، ئىتتىكلا كېتىپ قالدى. مەن ئەرزان سېتىپ ئالغىنىمغا خۇشال، ئۇ "غاچچىدە"ساتقىنىغا خۇشال.
ماشىنىنىڭ ھاۋا يولى، گاس يولى، گاس سۈزگۈچى، ماتور ئاپتوللىرى، بايىقى ئاۋۇ خوجايىننى بىئارام قىلغان ئاپتول سۈزگۈچى دېگەندەك ئۇششاق - چۈشەك زاپچاسلارئالماشتۇرىلىۋېتىلدى. بۇ ماشىناغا قايتىدىن "جان" كىردى. ماڭىمەنلا دەپتۇرىدىغان بوپلا كەتتى كاساپەت.
ئايالىم:
-- ۋاييەيبۇ ماشىنا تۈزۈكرەك ماڭالامدۇ ھۇي، نېمانداق كونا. 30 يىللىق ماشىنىنىمۇ، بىر پارچە يوغان تۆمۈرنىمۇ پۇلغا ئالغىنىنى ...، دەپ نارازىلىقىنى بىلدۈردى.
يەنەگەپ قىلماستىن 10 يىل مېڭىپ بېرىدۇ، قاراپ تۇر، دەپ جاۋاب بەردىم خېلى ئىشەنچ بىلەنلا.
ئاغزىمدىن سا چىقىپ كەتتىمۇ يا سائەت چىقىپ كەتتىمۇ، بىلمىدىم. بۇ ماشىنا ھازىرغىچە نورمال مېڭىپ بېرىۋاتىدۇ ئاينا ... مانا 7 يىلمۇ بولۇپ قاپتۇ. يە بۇنىڭدا چوڭراق بۇزۇلۇشمۇ بولمىدى. ئەمما ئەينەكلىرى چۈشۈۋالساچىقمايدىغان، چىقىۋالسا چۈشمەيدىغان بولۇپمۇ قالدى. لېكىن يەنىلا "يۈرەك - باغرىلىرى"دا چوڭ چاتاق يوق، كېتىپلاۋاتىدۇ ...
ئەممابۇ ماشىنىنى مەندىن باشقا ئادەمنىڭ نورمال ھەيدەلىشى خېلىلا تەس. "گاچچاقىزنىڭ تىلىنى ئانىسى بىلىدۇ" دەپ، بۇ ماشىنىنىڭ تىلىنى ئۆزۈملا بىلىمەن.
ئەممائاچقۇچىغا تېگىپلا كەتسىڭىز، ئوت ئالغىنى ئالغان ... ماتورىنىڭ ئاۋازلىرى شىر - شىر- شىر قىلىپ تۇرىدۇ. ماتورىنىڭ قېتىم سانىنىنى كۆرسەتكۈچ سائىتى تېخى يېڭى ماشىنىلارنىڭكىدەك 800 - 900 دىلا تۇرىدۇ جۇمۇ. ماينى كاچاتلىماي مەيلىگە قويۇپبەرسە .... ھە.
ئەممابۇ ماشىنىدا مەن ئالغان ۋاقتىدىلا بار چاتاق، سوۋۇتۇش سىستېمىسىدىكى چاتاق ئىدى. دەسلەپمەنمۇ سەل قارىغان ئىدىم بۇنىڭغا، سوۋۇتۇش گازى ئازلاپ قالغان بولسا، تولۇقلاپ قويساملا بولىدىغۇ دەپ ئويلاپتىم.
لىق تولدۇرساممۇ ئاستا - ئاستا ئازلاپ، دۇرۇس سوۋۇتالماي، سەل نېرۋامغىمۇ تەگدى. يازكۈنلىرى ماۋۇ شەھەرنىڭ ئىسسىقى ئالامەت. ئەينەكلىرى تازا نورمال چىقىپ چۈشمىگەچ،ماشىنىنىڭ ئىچى تونۇر، ئىچىدىكى ئادەم بەزىدە تاس - ماس قالىدۇ تونۇر كاۋاپ بولۇپقالغىلى. ھاۋانىڭ تازا ئىسسىق كۈنلىرى، قىزىل چىراقلاردا ئۇزۇن توختاپ قالغانۋاقىتلاردا:
-- ئالەشەرىڭنى... ئوت ئوت ئوت... . ياندا توختاپ چىراغنىڭ يېنىشىنى ساقلاپ تۇرغان ماشىنىلارغاقاراپ ھەۋىسىممۇ كېلىدۇ بەزىدە. ئۇلار ئىچى سوۋۇتۇلغان ماشىنىنىڭ ئىچىدە بەھۇزۇرئولتۇرۇشۇپ كېتىشكەن، چىراغ يانامدۇ يانمامدۇ، ئۇنىڭ تازا چاتتىقى يوق. مۇزىكىغاكەلتۈرۈپ باشلىرىنى چايقىشىپ مۇڭ مۇڭ مۇڭ. ئۇ ئەلۋەتتە سىرتنىڭ ئىسسىقىنى سەزمەيۋاتىدۇدە. ئەگەر ئۇ مېنىڭ ماشىنامدا بولۇپ قالسا، ئۇنداق ناخشا ئېيتىش بۇياقتاتۇرسۇن، ھەسىرەپ - ھۆمۈدەپ چىراغنىڭ يېشىل يېنىشىنى تۆت كۆزى بىلەنلا كۈتۈپ تۇرغانبولاتتى ...
ئادەمنى بىزار قىلىدىغان بۇ مىش - مىش ئىسسىق، مېنى ماشىنىنى مەخسۇس سوۋۇتۇش سىستېمىسىرېمونت قىلىش ئورنىغا بېرىشقا مەجبۇرلاپ قويدى.
-- مانامۇشۇنداق ئەھۋال، ياسىيالامسە ؟ دەپ سورىسام، ھېلىقى رېمونتچى:
-- مەن نەق شۇنداق چاتاقنى ياساشقا يارالغان ئادەم مەن ، نېمە دەۋاتىدۇ ماۋۇ ...، دەپ سەل ئاچچىقلىغاندەك قىلىپ ماشىنىنى جەمئىي مىڭ دوللارغا پېچەت قىلىپ ياسايدىغانغا ئېپقالدى. ماشىنا ئەسلى، ئۇنىڭدىن خېلىلا ئاز پۇلغا سېتىپ ئېلىنغان ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ بوپتۇلا دەپمۇۋەتتىم.
بۇرېمونتچى، پو گەپ ئەمەس، مەندىن چاتاق يوق ئۈچ چىقىدىغان ئادەم بولۇپ، ئۇ شۇ بەستى بىلەن ماڭا ۋەدە بەردى.
ئۇتولىمۇ سېمىز، ياش - قورامى قىرق بەش ياشلار چامىسىدىكى ئادەم. بۇنىڭ بىلەن 5-6 يىللىق تونۇشلۇقۇم بار. ئۆزىخۇش- خۇي، چاقچاقچى، خېلى دۇرۇس ئادەم. ئۇنىڭ سېمىزلىكىگە ھەيراننۇھەس قالىسىز. ئۇنىڭبىر پاچىقىنىڭ يوغانلىقىلا مېنىڭ بېلىمچىلىك باردەكمۇ قىلامدۇ ئىش قىلىپ ... ئۇغاچ - غاچ ھەرىكەت قىلالمىغاچقا، رېمونت ئىشلىرىدىكى دىئاگىنوزلارنى ۋە باھانىلائۆزى بېرىپ، ياساشنى قول ئاستىدىكى خىزمەتچىلىرىگە تاپشۇرىدۇ ئادەتتە.
شۇنداققىلىپ ماشىنام ئىككى كۈندىن كېيىن پېچەت پۈتىدىغان بولۇپ، شۇ رېمونتخانىدا قېپقالدى.
كۈنلەربولسا كۈندىن - كۈنگە ئىسسىماقتا. بالىلارنىڭ مەكتىپى تەتىل. ماشىنا پۈتسەبالىلارنى دېڭىز بويىغا ئاپىرىپ، بىر ئوينىتىپ كېلەيلى خوتۇن، دېدىم مەن ئايالىمغا.
ۋاييەي ئۇ قوتا ماشىنا ئاشۇ دېڭىز بويىغىچە ساق- سالامەت بېرىپ كېلەلەرما؟ دەيدۇ ئايالىمئۇ ماشىنىدىن ئەنسىرەپ.
ھوي... يەنە 10 يىل ماڭىدۇدېدىمغۇ، سوۋۇتۇش سىستېمىسى پۈتسىلا، بۇ ماشىنىدا چوڭ چاتاق يوق دەيمە ...
ئايالىم ماشىنا ھەققىدە ھېچنېمە بىلمىگەچ، بۇ ماشىنىغا زادىلا ئىشەنش قىلالمىدى. ئۇنىڭ كۆڭلىدە بۇ ماشىنا "غىڭ - غىڭ - غىڭ" قىپلا بىر يەرلەردە كېتىۋېتىپ توختاپلا قالىدىغاندەك ...
تەييارلىقلارپېچەت، مېۋە - چېۋە، ئىچىملىكلەر مۇز سېلىنغان سوغۇق ساقلاش ساندۇقلىرىغا سېلىنىپ،سامسا- پامسا دېگەندەكلەرمۇ تەيارلاندى.
ماشىنىمۇپېچەت بولۇپ كېتىپتۇ. ھەي، يىراق سەپەرگە چىقىپ قالساڭ، قېلىنراق پوپايكىلاردىنبىر نەچچىنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇما ... زۇكام بولۇپ قالما يەنە ... ماشىناڭنىڭ ئىچى ئالياسكا بولۇپ كەتتى ...، دەپ چاقچاق قىلغاچ، رېمونتچى ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى ماڭاقايتۇردى.
راستدېگەندەك ماشىنىنىڭ سوۋۇتۇشى ئالامەت. ئوت ئالدۇرۇپ، سوۋۇتۇش كۇنۇپكىسىنى باسسام،سوۋۇتۇش سىستېمىسى، بېجىرىم ئاۋازلىرى بىلەن ماڭا قانائەتلەڭۈدەك جاۋاب بېرىپتۇرماقتا.
ئالامەتئۇستا رېمونتچى جۇما بۇ بودەك. قارا ما ماشىنىنى ياساپ يېڭى ماشىنىدەك قىلىۋەتكىنىنى ... بالىلار بىر يايراپ ئوينىۋالىدىغان بولدى-دە .... ۋاي ۋاي ۋاي...
بولۇڭلار،بولۇڭلار، تېزرەك ماڭايلى! ئالە لۆڭگەڭنى ...، ھە سۇلارنى ئۇنتۇماڭلار ... ھە ئاۋۇئاپتاپتا بەدەدەنگە  سۈركەيدىغان مايلىرىڭلارنى ئالدىڭلارمۇ؟ ھە بولە بول ...، دېيىشىپدېڭىز تەرەپكە يۈرۈپ كەتتۇق.
توۋا....بۇ ماشىنىدىنمۇ سوغۇق ھاۋا چىقىدىكەن ھە ... دەيدۇ ئايالىم پات - پاتلا.
ماشىناماڭغانچە ئىچى سوۋۇپ، بالىلاردىن پىكىر چىقىشقا باشلىدى.
-- داداماۋۇ ئارقا تەرەپنىڭ سوۋۇتۇشىنى سەل پەسەيتكەن بولسىڭىز، مۇزلاپ كەتتۇق، دەيدۇقىزىم.
چىر-چار ۋارقىراش، ئاغىل- تاغىل ناخشا تولاشلار بىلەن دېڭىز بويىغىمۇ يېتىپ كەلدۇق. بۇكېلەڭسىز ماشىنىنى، بىكارلىق يەرلەرگە توختۇتۇشمۇ تەسكە توختاپ، ئاخىرى دېڭىزبويىغا جايلاشقان پۇللۇق ماشىنا توختىتىش ئورنىغا توختاتتۇق. بۇ يەر پۇللۇق بولغىنى بىلەن بەكلا ئەپلىك ئىكەن، "ھايت - ھۇيت" دېگۈچە نەرسىلىرىمىزنىدېڭىز ساھىلىغا يۆتكەپ بولدۇق.
بالىلاربولسا يايراپ ئوينىماقتا. بىر - بىرىگە سۇ چېچىشىپ، بىر - بىرىنى قوغلىشىپ، ھۆلقۇمدا بىرنېمىلەرنى ياسىشىپ ۋە يەنە ئۇنى بۇزۇشۇپ، بىر - بىرىنى قۇمغا كۆمۈشۈپ،دېگەندەك ... ئاۋۇ كىچىكى خۇشاللىقىدىن ئۆزىنى بايىلا ئۇنتۇپتۇ. بۇرنىدىن ئېقىپ قالغان ئاپئاق نەرسىنىمۇ سۈرتۈشكە ۋاقتى يوق، ياكى سەزمىدى .... بولغاي.
مەنمۇبالىلار بىلەن راسا ئوينىۋېتىپ، دېڭىزنىڭ پەيزىدىن ھۇزۇر ئالدىم. سۇ ئۈزۈشتە مەنمۇخېلى پو ئاتاتتىم.
"بۇ يەردىن ئىچكىرىلەپ ئۆتۈپ كەتسىڭىز بولمايدۇ"، دېگەن يەرگىچە ئۈزۈپبېرىپ، ئايالىمنى چۆچىتىۋەتتىم تېخى ...!
بالىلارچارچىدى. قۇم ئويناپ، سۇ ئويناپ، پۇتلىرىمۇ كالۋالىشىپ قۇمدا سوزۇلۇپ يېتىشتى. ئەمماتازا دېگەندەك قايتقۇسىمۇ يوق جۇما ...
"يېرىم سائەتتىن كېيىن قايتىمىز جۇمادىن" بىر نەچچىنى جاكارلاپ،ئاخىرى ئويۇنىمىزنى ئاخىرلاشتۇردۇق.
دۈملەڭەن ماشىنىنىڭ ئىچى بەئەينى تونۇرنىڭ ئۆزى. ئاران چۈشىدىغان دېرىزىلىرىنى چۈشۈرۈپ ئىچىدىكى ئىسسىق ھاۋانى ھەيدىگەنمۇ بولدۇق.
ياھ....بىسىمىللاھى راھمانۇ راھىم... ھېلى سوۋۇيدۇ. بىر دەمدىن كېيىن مۇزلاپ كەتتىم دېيىشىسە. بىر دەم چىدا ۋاي ... دېدىم، مەن ئىسسىپ كەتتۇق دەپ چۇقۇرىشىۋاتقان باللىرىمغا.
كېلەڭسىزماشىنا، دېڭىز ساھىلىنى ئارقىغا تاشلاپ، ماشىنىلار توپىغا قېتىلىپ كەتتى. سوۋۇتۇشسىستېمىسىنى "ئاتتەك" دەپ ئويلىغاچ، ماشىنىنىڭ دېرىزىلىرىنى بىرئاماللارنى قىلىپ، كۆتۈرۈپمۇۋالدىم. ئوڭ تەرىپىدىكى ئەينىكىنى يېپىشتا ئايالىم ئەينەكنى ئۈستىگە ئىتتىرىپ، ياردەممۇ بەرگەن بولدى.
دېڭىزتاماشىسىنى تۈگىتىپ قايتقانلار كۆپ بولغاچ، ئۆيىمىز تەرەپكە سوزۇلغان، يۇقىرىسۈرئەتلىك يول، لىقمۇ - لىق ماشىنا بىلەن تولغان. راۋان ماڭاي دېمەيدۇ.
ھېل ىسوۋۇيدۇ. بىر دەم چىداڭلا دەپ تۇرۇۋاتىمەن بالىلىرىمغا ...
ھاۋابولسا ئىسسىق، قۇياش ئاخىرقى ھارارىتىنى مەردلىك بىلەن ئىنسانىيەتكە بېرىپلاۋېتىپ،ئاندىن كېتەيچۇ دېگەندەك قىلىپ، ۋال - ۋۇل، گال - گۈل چاقناپ ماشىنىمىزنىئېرىتىۋەتكۈدەك ئىسسىقلىق چىقىرىپ ئاۋارە...
ماشىنىمىزنىڭ سوۋۇتۇشى نېمە بولغاندۇ؟ نورمال.... ياق، ياق ... ياق بۇدا ئىسسىق شامالچىقىرىۋاتىدۇ بۇ كاساپەت ...
مانائەمسە دەپ، ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگىچە كۆتۈرۈپمۇ تاشلىدىم شامالچىنىڭ بۇرمىسىنى.
سوۋۇيدىغاندەك ئەمەس.
يول بولسا بارغانچە قىستا - قىستاڭ، ماڭاي دېمەيدۇ بۇ ماشىنىلار. تازا ئۇزۇن كۆرۈكنىڭ ئۈستىدە قاپسىلىپلا توختاپ قالدۇق. يېرىم سائەتتىن ئوشۇق ئوچۇق تۇرغان سوۋۇتۇشسىستېمىسى، "غۇڭ" قىلغىنىچە ئىسسىق شاماللا چىقىرىپ تۇرىدۇ.
بىردەمدىن كېيىن سوۋۇپ قالار دېگەن ئۈمىدىم كۆپۈككە ئايلاندى. ماتورنىڭ ئىسسىقىمۇ،تالانىڭ ئىسسىقىمۇ، بىلمىدىم ئىش قىلىپ ئىسسىق ئىسسىق .... يەنە ئىسسىق.
ئوھ.... مانا تاماشا ... دېرىزىسىنى چۈشۈرەي دېسەم، بۇمۇ تازا ئوڭۇشلۇق بولمايقاراپلا تۇرىدۇ، مىدىر قىلماي.
ھوي،ھوي نېمە ئىش بولۇپ كېتىپ بارىدۇ ھۇي ...
بۇرۇلۇپ بالىلىرىمغا قارىدىم. شۇنچە كۆڭۈللۈك بىر كۈن ئوينىغان بالىلىرىمنىڭ چىرايىداخۇشاللىقتىن ئەسەرمۇ قالماپتۇ. خۇددى پار مونچىسىغا كىرىپ قالغاندەك، پۈتۈن يېرىتەر، پارقىراپ كېتىپتۇ، جېنىم بالىلىرىمنىڭ ....
كىچىكىنىڭ كۆزلىرى پالىلداپ :
-- نېمەبولدى دادا؟ بىر ئامالىنى قىلمامسەن؟ دەپ ماڭا مۆلۈلدەپ قاراپ ئولتۇرۇپتۇ.
قىزىم پېشانىلىرىدىن ئېقىۋاتقان تەرلىرىنى سۈرتۈپ :
-- مېنىڭدادام ھەممە ئىشنى قىلالايدۇ. ھازىرلا بىر ئامالىنى تاپىدۇ چوقۇم ... دېگەندەك قىلىپ، ئۆز ئازابىنى ئىچىگە يۇتۇپ، دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ ئولتۇرۇپتۇ.
ئاۋۇچوڭى :
ئا ...ئالامەتتت ... ئا  كارامەت ... دەپ ئۇكىلىرىغا چاقچاق قىلغاچ، ئارقا ئورۇندۇقتا سوزۇلۇپ يېتىپتۇ.
ئەممابۇ ئىسسىقتا چاقچاق خوش ياقامدۇ دەيسىز؟
يېنىمدائولتۇرغان ئايالىم. ئۇ ئەزەلدىن مۇشۇ ئىسسىققا تازا بەرداشلىق بېرەلمەي، 1- بولۇپ قاخشايدىغىنى ئىدى. ئەمما بۈگۈن ئۇ بۇ ئىسسىقتىن قاخشىمىدى.ئاندا- ساندا ئالدىغا چۈشۈپ قالغان چاچلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ قويۇپ ، بىر دەم سىرتقاقاراپ، بىردەم پالىلداپ تۇرغان بالىلارغا قاراپ:
-- سۇئىچىڭلار بالىلىرىم، ماياققاراق كېلە بالام، يەلپۈپ قوياي ... دېگىنىچە ئولتۇرىدۇ.
بەزىدەيېنىك دولقۇنلاپ تۇرغان دېڭىز سۈيىگە تىكىلىپ ئولتۇرماقتا. ئۇ ئىچىدە چوقۇم:
غەيرەت قىلايلى، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر .... غەيرەت قىل دادىسى، مەنمۇ غەيرەت قىلىمەن،  دېگەنلەرنى ئويلاۋاتسا كېرەك. پا-پا گىردە ماشىنىدا قىينىلىۋاتقان يۈرەك پارىلىرى ئۈچۈن ئازابلىنىۋاتسا كېرەك...
ماشىنىنىڭ سوۋۇشىغا بولغان ئۈمىد پۈتۈنلەي تۈگىدى ھازىرقىسى پەقەت، ئاۋۇ پەسكە چۈشمەيۋاتقان دېرىزىنى قانداق چۈشۈرۈش كېرەكئىشىدا قالدى. ماشىنا بولسا، ئۇزۇندىن - ئۇزۇنغا سوزۇلغان كۆرۈك ئۈستىدە.
ۋاي نىمانچىلا ئۇزۇن ياسىغان كۆرۈك ھۇي بۇ ...، چىدىمىدۇق. ئاچچىقىم گەز - گەسئۆرلىمەكتە. پالىلداپ ئولتۇرغان بالىلىرىمغا قاراپ يۈرىكىم تېخىمۇ ئىزىلمەكتە. ئاچچىقىمداھېلىقى بودەك رېمونتچىنى ئۇرۇپ چەيلىۋەتكۈم كېپ كېتىپمۇ بارىدۇ.
ئادەم مېڭىشىدىكى سۈرئەتتە ئاران كېتىپ بارغان ماشىنامنى توختاتتىم. سەكرەپ ماشىنىدىنچۈشتۈمدە، ماشىنىڭ ئارقىنى ئېچىپ، تازا ئوبدان بىر بولقام بار ئىدى، ئىزدەشتۈرۈپ ئۇنىمۇ تاپتىم. ئارقامدىكى ماشىنىلار بولسا، "پاپ، پاپ ... پاپ" قىلىشىپ،"ماڭمامسەن ۋا ئاداش" دېيىشمەكتە.
چاتىقىم نېمە؟ گېپىڭ بولسا كېلە، نوچى بولساڭ بىر قاققا بىر قاق ... دەيدىغان ھالەتتە مەن.
كۆتمەك،قىسقىغىنە، بار- بىلەن يوقنىڭ ئارىسىدىكى قاشلىرىم، قاپاقنىڭ تۈرۈلۈشى بىلەن، بىريەرگىلا كەپ قالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.
بولقىنى كۆتۈرۈپلا ماڭسام، ئاۋۇ ئارقامدا بايا "پاپ، پاپ" قىلغانمۇ جىمىدى. ئۇبەلكىم بولقىنى ماڭا كۆتۈردى بۇ ئاداش دەپ ئويلاپ قالغان بولسا كېرەك.
ئاۋۋال رول تەرەپتىكى ئىشىكنى ئېچىپ، دېرىزىنى بولقا بىلەن راسا بىرنى سېلىۋېدىم ئەينەككۇكۇم - تالقان بولۇپ چېقىلدى. بەزى پارچىلىرى تېخى مەن بىلەن قېرىشقاندەك "لىڭلىڭ لىڭ" قىلىپ ساڭغىلاپ تۇرىدۇ تېخى، كۈن نۇرىدا پارقىراپ. بالىلارنىڭ لۆڭگىسىنى قولۇمغا يۆگەپ، ساڭگىلاپ قالغان پارچىلىرىنى چۈشۈرۈپ، پاك - پاكىزەقىلىۋەتتىم. بۇ ۋاقىتتا بالىلىرىم بولسا، دادىسىنىڭ نېمە بولغىنىنى بىلەلمەي ھاڭ -تاڭ قېلىشماقتا. ئايالىم بۇ دادىنىڭ مىجەزىنى تازا ئوبدان بىلگەچ، بالىلارغادادىنىڭ قىلغان ۋە قىمماقچى بولغان ئىشلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۈلگۈرگەن بولسا كېرەك. بالىلارئۈن - تىنسىز ئولتۇرماقتا.
2- قېتىمدائايالىم ئولتۇرغان تەرەپنىڭ دېرىزىسىنىمۇ چېقىپ تاشلىدىم.
ۋاھ....ئىككى تەرەپنىڭ ئەينىكى چېقىلغان ھامان دېڭىز شامىلى ماشىنىمىز ئىچىنى يوقلىدى.
ئاھ.....مەيىن شامال ... راھەت، راھەت ... ما راھەتنى كۆرۈڭ.
بالىلىرىم باشلىرىنى سوزۇشۇپ دېرىزىدىن كىرىۋاتقان شامالدىن ھۇزۇرلاندى. كىچىكى لىككىدەقىلىپ ئاپىسىنىڭ قۇچىقىغا چىقىپلا ئولتۇردى. ھازىر بىزنىڭ ماشىنىدىكىلەردە، "قاتناش قائىدىسى" دېگەن ئۇقۇم، تامامەن تۈگىدى.
كۆرۈك ئېگىز قىلىپ سېلىنغان بولغاچ، ماشىنا ئانچە تېز سۈرئەتتە ماڭمىغان بىلەن، ئالامەت سوغۇق دېگىلى بولمىسىمۇ، ئىش قىلىپ بىزگە ھۇزۇر بېرىۋاتقان دېڭىز شامىلى گۈرۈلدەپ ئۆتۈشمەكتە. بالىلارنىڭ چىرايىغا ئازراق بولسىمۇ كۈلكە يۈگۈرگەندەك.
ئەممالېكىن ... مېنىڭ ئاۋۇ بودەك رېمونتچىغا بولغان غەزىۋىم ھەسسىلەپ ئاشماقتا. مەن يو لراۋانلاشسا، بۇ ئۇچىدىغان ماشىنامنى ئۇچارتىپ بېرىپ، ئاۋۇ بودەكنىڭ گېلىدىن ئالماقچى ... غۇلجا پاسون كاللا بىلەن بىرنى سالماقچى ...
بولقىنىڭ تېگىشى بىلەن قاتتىق سىلكىڭەن ئىشىكلەر، ئارقا دېرىزىلەرنىڭ ئېچىلىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ قويدىمۇ؟ "غىرلا" قىلىپ پەسكە چۈشتى.
گۈرۈلدەپ كىرىۋاتقان دېڭىز شامىلىدىن ھۇزۇرلىنىپ كۆرۈكتىن ئۆتتۇقتە، يول راۋانلاشتى. سۈرئەتنىڭ يۇقىرى كۆتۈرلۈشى بىلەن ماشىنا ئىچى، ماشىنىنىڭ غۇڭۇلدىغان ئاۋازىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، خېلىلا راھەت بولۇپ قالدى بولغاي، بالىلار بىرىنىڭ كەينىدىن بىرىئۇيقۇغا كېتىشتى. بۇلار راستلا چارچاپتۇ، بىر كۈن سۇنىڭ ئىچىدە قانغىچە ئويناپتازا ھېرىپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي كۆزلىرى يېرىم ئوچۇق، مىلىق - مىلىق ئۇخلاپ كېتىشتى.
ئايالىم ھازىر ماڭا قانداق تەسەللىلەرنى بېرىپ، ماشىنىنى رېمونتخانىغا ئەمەس، ئۇدۇل ئۆيگەھەيدەشنى ئۆتۈنۈشنىڭ يولىنى ئىزدىمەكتە. تۈرۈلگەن قاپاق، مۇشتلار ئايالىمنىڭ ئۇيقۇلىرىنى ئېچىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئوڭتەي - توڭتەي قىلىۋېتىپ بارسا كېرەك. ئۇگەپنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمەي، ماڭا قاراپ - قاراپمۇ قويۇۋاتىدۇ.
كىم توختىتالايدۇ مېنى ھازىر ھە؟ بۇ ئىسسىقتا كەلگەن ئاچچىقنى توساش بىرئاز قىيىن ...جۇما!
ماشىنام كونا بولغىنى بىلەن، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا چىقىۋالسا، ئالدىراپ بىرەر ماشىنىغائۇتتۇرۇپ قويمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ماينى باسقانچە ئۇ، ئۇچىمەنلا دەيدۇ. دادىنىڭ ئاچچىقى، ماشىنىنىڭ ماڭىمەنلا دەپ تۇرۇشى، يولدىكى ھەممە ماشىنىنى يانداپ ئۆتمەكتە...ئۆيدىن دېڭىز بويىغا بېرىشتا ئۈچ يېرىم سائەتتە باسقان يول، مانا قايتىشتاماشىنىنى غەزەپ بىلەن ئىتتىك ھەيدىگەچ ئۈچ سائەتكە قالماي تۈگەيلا دەۋاتىدۇ بۇ يول.
ھېلىقى رېمونتخانە تەرەپكە ماڭىدىغان يولغىمۇ كىردۇق.
بولدى قىلايلى دادىسى، بىر كۈن كۆڭۈللۈك ئويناپ كەلدۇق. بالىلارمۇ راسا ئوينىۋالدى. ھازىربۇ ئاچچىقتا بارغان بىلەن ھېچ ئىش ھەل بولمايدۇ. ئۇدۇل ئۆيگىلا قايتايلى. ئەتە دېيىشىۋالساقمۇ بولىدىغۇ ...
ئايالىممېنىڭ بۇ پەيلىمدە بېرىپ، تاراس - تورۇس قىلىپ، چوڭ چاتاق چىقىرىپ قويۇشۇمدىن ئەنسىرىمەكتە. بالىلار بولسا ماشىنا سەھرا يولىغا كىرىپ، كاتاڭغا چۈشۈپ،جاققاڭشىسىمۇ ئويغۇنىدىغاندەك ئەمەس. تاتلىق ئۇيقۇدا.
ئەممامېنىڭ ئاچچىقىم تېخىچە ياناي دېمەيدۇ. بايىقى بالىلارنىڭ پالىلداپ تۇرغان كۆزلىرى،چىلىق - چىلىق تەرلىرى، كۆرۈك ئۈستىدىكى قاتناش قىستىقىستاڭچىلىقلىرى، بولقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغاندىكى گۇس - گۇس قەدەملەر.... كۆز ئالدىمدىن ئۆتكەنچە ... غەزەپغەزەپ ... يەنە غەزەپ.
ئېسىمدەقېلىشىچە رېمونتخانە چۈشتىن كېيىن يەتتىدە تاقىلىدۇ. سەككىز مىنۇت ۋاقىت قاپتۇ. بەلگىلەنگەن سۈرئەت 45 مىلەلىق سەھرا يولى، مېنىڭ كاللامدىن ھازىر "چاتىقىم نېمە؟" دىن باشقا ھېچ نېمە تېپىش مۇمكىن ئەمەس.ئەگرى - بۈگرى سەھرا يولىدا، سائىتىگە 60- 65 لەردە كېتىپ بارىمەن.
تازىمۇيوغان بىر تراكتور، ئارقىدىكى كوزۇپىغا ئاسمان پەلەك مەڭگەننى بېسىپ، تاتاتلاپكېتىپ بېرىپتۇ. ئارقىدىكى كوزۇپ يوغانلىقىدا ئۇنى يانداپ ئۆتۈش مۇمكىن ئەمەستەك. ئەممائۇ تىراكتورمۇ، تىراكتورغا نىسبەتەن خېلىلا ئىتتىك مېڭىۋېتىپتۇ.
ئاناڭنى... دەۋەتتىم تىت- تىتچىلىقتا. بىرەر يان يوللارغا ئېگىلىپمۇ كېتەر بۇ دەپ، ئۇنىڭكەينىدىن ماڭدىم. لېكىن بۇمۇ خۇددى، شۇ مەن بارىدىغان رېمونتخانىغا، مەڭگەنئەكېتىپ بارغاندەك، ئۇدۇللا كېتىپ بارىدۇ بۇ كاساپەت ... يا ئاشۇ بودەك مۇشۇتىراكتورنى ھەيدەپ كېتىپ بارامدۇ؟ بىلگىلى بولمايدۇ.
شۇنداققىلىپ ماشىنامنىڭ سۈرئىتى چۈشۈپ، سائەتنى يەتتەدىن خېلىلا ئاشۇرۇۋېتىپ قاراپ ئولتۇردۇم. مەن رېمونتخانىغا يەتكىنىمدە، ئۇ ئاللىقاچان دۇكاننى تاقاپ، تاپقان پۇللىرىنى ساناپ بولۇپ، ئۆيىگە قايتىپ بولغان ئىكەن.
ئايالىم:
-- ئۇف.... رەھمەت مەڭگەن باسقان تراكتور .... دېگىنىچە ماڭا قاراپ كۈلدى. مەنمۇ ئامال يوق، زورغا ئارانلا كۈلەلىدىم.
ئەتىسى ئورنۇمدىن تۇرسام، ئاچچىقىممۇ خېلىلا يېنىپ قاپتۇ. ئايالىمنىڭ، ئۇ بۇ دېيىشلىرى بىلەن، بودەك بىلەن سوقۇشمايدىغانغا ۋەدە بەردىمدە، ماشىنىنى ھەيدەپ بېرىپ،بودەككە تاشلاپ بەردىم. ئۇ ئۇنىڭدىن كېيىن 2-3 قېتىم بۇ ماشىنىنىڭ سوۋۇتۇشسىستېمىسى بىلەن خېلى ئېيتىشىپ كۆردى. لېكىن نەتىجە ئوخشاش بولدى. ئالىياسكاغائوخشىغان ماشىنا نېمىشقىدۇر؟ ئەتىسىلا ئىسسىق بەلۋاغ رايونلىرىغا ئوخشاپ قالىدۇدېسە ...
ئاخىرى بودەكمۇ مەردلىك قىلىپ:
-- خاپابولما، بۇنىڭ چاتىقىنى تاپالمىدىم. خېلى ئىلغار ئەسۋاپلار ئىشلىتىپمۇ، گاس قاچقانتۆشۈكنى تاپالمىدىم. مۇھىم يەرلىرىنى ئالماشتۇرۇپمۇ كۆردۈم، ئوڭشالمىدى. ما پۇلۇڭنى قايتۇراي، مە. مەنمۇ چىقىم بولدۇم. بۇ كاساپەتنى ياسايمەن دەپ ....، دەپ ماڭا، پۇلۇمنى سۇندى. لېكىن، ئۇ مەردلىك قىلسا، مەنمۇ ئۇيغۇرچە مەردلىك قىلىشىم كېرەكقۇ ...
بوپتۇ،سەنمۇ كۆپ جاپا تارتىۋالدىڭ، بۇنى ياسايمەن دەپ. ئەمما خوش بولغىنىم، راست گېپىڭنى قىلدىڭ، مانا بۇ سېنىڭ مەرتلىكىڭ. ئىش ھەققىڭنى يەنىلا ئوخشاش بېرىمەن دېدىم-دە ...ئارىلىقتىكى پۈتۈن غاژ - غۇژنى تۈگىتىپ ئۇنىڭغا قول بەردىم.
مانابۇ ماشىنا ھېلى ھەممۇ بىر ئوبدان كېتىپ بارىدۇ. شىر - شىر- شىر قىلىپ .... يەنە 2-3 يىل چىدىۋەتسە بۇ ماشىنا،ئاغزىمدىن سائەت چىقىپ كەتكەندەك. مېنىڭ قولۇمدا 10 يىل ماڭغان بولىدۇ. ئەمما ھېلى ھەممۇ بۇ ماشىنىنىڭ ئىچى پا - پا گىردەبولۇپ، بۇ يىلمۇ "ياسىتىمەن"
دەپ ئاۋارە بولماي، چىشىمنى چىشلەپ ھەيدىۋېتەيمىكىن دەپ ئويلاۋاتىمەن....

bagdax

0

تېما

7

دوست

3839

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   61.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17596
يازما سانى: 300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1164
توردىكى ۋاقتى: 289
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-28 18:23:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەت شەكلى تازا نورمال ئەمەسقۇ؟

2

تېما

15

دوست

5937

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   18.74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25041
يازما سانى: 419
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1823
توردىكى ۋاقتى: 421
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-28 22:10:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇر تىيىپ ئاكىنىڭ يازمىلرىنزە ئوقۇغانسىرى ئوقۇغۇم كىلىدۇ دە،،قولىڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن ،،يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن ئاكا...................

يوق

13

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   4.69%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27688
يازما سانى: 1338
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 3488
توردىكى ۋاقتى: 910
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-28 22:18:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمىلىرىڭىزنى ساقلاپ قايتا -قايتا ئوقۇپ زىرىك مەيمەن . رەھمەت ئۇزۇلۇپ قالمىسۇن !.
bagdax

21

تېما

44

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   26.26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 47
تۆھپە : 6152
توردىكى ۋاقتى: 2536
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-28 23:41:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-28 23:45  

  مەن قارىسام نىسساننىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچى بەك ياخشىكەن، گازمۇ قاچماي 10 يىل كىتىدىكەن بەزىلېرى...

http://bbs.uycar.com/forum.php ماشىنا ھەۋەسكارلېرى مۇنبىرى

1

تېما

2

دوست

8982

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   79.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13005
يازما سانى: 567
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 306
تۆھپە : 2604
توردىكى ۋاقتى: 608
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-29 01:56:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەچەت يېزىلىپتىغۇ. ئاشۇ ماشىنىنى بەك كۆرگۈم كەلدى. رەسىمى بولسا يوللاپ قويمامسىلەر بىر.

0

تېما

2

دوست

4091

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   69.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22136
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1316
توردىكى ۋاقتى: 254
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-29 11:52:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالامەت قىزىق!  تولۇق ئوقۇپ چىقتىم. يەنە ، يەنە ، يەنە بولىسا بولىتى!

0

تېما

17

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   28.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 970
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 981
تۆھپە : 6106
توردىكى ۋاقتى: 2390
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-21

قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-10-3 21:39:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كونا ماشىنامغا بارغانچە مېھرىم چۈشۈپ يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش نېيىتىمدىن يېنىپمۇ قالدىم. لېكىن شۇ رېمونتچىلىقتىن خەۋىرىم يوق، ئۇزۇنراق يوللارغا چىقسام سەل دەككە-دۈكىچىلىكنى ھېسابقا ئالمىغاندا بۇ يىل تېخى  ئەمدىلا تۆتلا ياشقا كىرىپتۇ، بىرەر قېتىم بۇزۇلۇپ توختاپ باقمىدى. لېكىن كۆڭلۈمدىكىنى دېسەم،  پات-پات بۇزۇلۇپ تۇرىدىغان  كونا ماشىنىلارنى  ئۆزەم رېمونت قىلىپ ھەيدەشنى ياخشى كۆرىمەن.  دېمىسىمۇ يېڭىلار بىلەن تولغان بۇ تۇرمۇشنىڭمۇ لەززىتى قالمىغىلى تۇردى.  
باللىرىممۇ  يېڭى ۋىلسىپىتىنىڭ زەنجىرى چىقىپ كەتسە قانداق بولىدىغىنىنى  بىلمەيلا چوڭ بوپ قالدى.  كىچىكلىرى   يېڭىسىنى ئېپ بېرىسە دەپ جىدەل قىلىدۇ تېخى.
ئەلبەتتە بۇنى بالىلاردىنمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ.  ھەممە نەرسە  يېڭى ، ئەرزان ،ئەمما سۈپەتسىزدەك، كونىرسىلا بەكلا ئەبگالىشىپ كېتىدۇ. بۇزۇلسا رېمونت قىپ ئۆرە قىلماقمۇ تەس، سايمانلىرىنى تاپماق تەس تېپىلغىنىمۇ  ئۆلچەمسىز. ئىشقىلىپ رېمونت قىلىشنىڭ ھوزۇرىنىمۇ ئامىركىدىكىدەك سۈرمەك تەس، ئامالسىز كونىرسىلا تاشلىۋىتىش دەۋرىگە كىرىپ قېلىۋاتىمىزغۇ تاڭ..   
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )