نوبېلدا بالىلار ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقى ھەققىدە لېكسىيە
ئۆتكۈزۈلدى
2015-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى نوبېل قوش تىل بالىلار باغچىسى ئۇيۇشتۇرغان «نوبېل لېكسىيە مۇنبىرى»نىڭ 4-سانىدا «بالىلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىنى قانداق ئاسراش كېرەك؟» دېگەن تېمىدا لېكسىيە ئېلىپ بېرىلدى. لېكسىيەنى ياپونىيە چىش كېسەللىكلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چىش نېرىپ بىيولوگىيەسى دوكتورى سەلىمە ئەركىن سۆزلىدى. لېكسىيە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ سائەت ئەتراپىدا داۋاملاشتى، 200گە يېقىن ئاتا-ئانا قاتناشتى.
لېكسىيىدە ئېغىز بوشلۇقىنىڭ تۈزۈلۈشى، چىشنىڭ تۈرلىرى ۋە ئالاھىدىلىكى، ھەرقايسى ياش باسقۇچلىرىدىكى چىش تەرەققىياتى، سۈت چىش ۋە ئۆمۈرلۈك چىش، چىش ساغلاملىقىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار، كۆپ كۆرۈلىدىغان چىش كېسەللىكلىرى، سەۋەبى، داۋالاش ئۇسۇللىرى ۋە زامانىمىزدىكى ئەڭ ئىلغار داۋالاش تېخنىكىلىرى ھەققىدە تەپسىلىي ۋە سىستېمىلىق چۈشەنچە بېرىلدى. لېكسىيەدىن كىيىن دوكتور سەلىمە ئەركىن ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
لېكسىيە فىلىمى پات ئارىدا ھۇزۇرۇڭلاردا بولىدۇ!
|