- تىزىملاتقان
- 2015-6-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 941
- نادىر
- 0
- يازما
- 24
ئۆسۈش
88.2%
|
ئانا يۈرىكىم سىنى سىغىندى
ئانا يۈرىكىم سىنى سىغىندى.قەدەملىرىمنى ئىغىر ئىلىپ يوللاردا كىتىپ بارمەن،مەنزىلىمنىڭ قەيەر ئىكەنلىكىنى بىلمەن. ئۇشتۇمتىت كىلىپ بىرەسىنىڭ قولۇمدىن تۇتۇپ مەنزىلگە باشلىشنى ،ئازغان يولۇمدىن قايتۇرۇپ كىلىشىنى ئۈمىد قىلمەن،ئانا سىنى يۈرىكىم سىغىندى،شۇ ئادەمنىڭ سەن بولۇپ قىلىشىڭنى ئۈمىد قىلاتتىم،مىڭ ئەپسۇس ئانا قولۇڭنى ،ھىدىڭنى تاپالمىدى. كۆڭلۈم بۈگۈن شۇنداق يىرىم، بۇنى بىلەمسەن ئانا سىنى سىغىندىم.
بىر ئائىلنىڭ ئىغىرچىلىقىنى يىنىكلىتەي دەپ جاپاغا قالدىڭ،بىزدەك پەرزەنتىڭنى دەپ ئاچچىق تەر تۆكۈپ يۈرىكىمنى ئاچچىق ئۆكۈنىشكە سالدىڭ،مەن بىر ئوغۇل ئەسلىدە بىر دانەم بولغان ئانامنى بۇ جاپا سالماي دەيمەن،ۋەلىكىن ئانام ئۇنىمايدۇ.
ئەڭ ئوغلۇم سەن دىگەن ئوقۇشۇڭ كىرەك،بىزدەك جاپاغا قالما.بىز يىگەن قاتتىق ناننى يەپ قالما دەپ ئۇنىمايدۇ. يۈرىكىمنىڭ بارى بولغان، ئىنسانىيەتنىڭ ئانىللىرى بولغان ئانىلار سىلەرگە ئوتلۇق سالام .
ئىككى كۈن بولدى ئانا،تۇيۇقسىز چۈشۈمگە كىرىپ قالدىڭ،سىنى ئويلاپ،سىنى سىغىنىپ يۈرىكىم تالقان بولۇپ كەتتى. ئانا ئاۋازىڭنى ئاڭلىمىغىنى خىلى بوپتۇ،كەچۈر مىنى ساڭا تىلفۇن قىلمىغىننى،يىقىملىق ئاۋازىڭنى ئاڭلىمىغىنى مانا يەتتە كۈن بولۇپتۇ. ئانا…ئانا…كەچۈر مىنى، سىنىڭ ئاۋازىڭنى ئاڭلاي دەپ شۇنچە تەشنا بولدۇم،لىكىن سەندە مەن ئاۋازىڭنى ئاڭلىغىدەك ئالاقىلشىدىغان نەرسە يوق. بىلىمەن نۇمۇرىمنى يادىغا بىلىسەن،لىكىن باشقىلارنىڭ ئىشىنى قىلغاچقا ئەيمىنىپ تىلفۇن سورىيالمىدىڭ.
كەچۈرۈڭ ،ئوغلۇمغا تىلفۇن قىلۋاسام دەپ ئويلىدىڭ بىلمەن ئانا،خەقنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىسە نىمە بولدىغىننى. ھە راسىت ئانا مىنى ئۇنتۇپ قالمىغانسە، تاتلىق تاماقلىرىڭنى -ئانا تاماقتىن ئاز بەر قورسىقىم سەل توق تۇردۇ دەپ تاماقنى دۆش قىلىپ يىمىگەن كۈنللىرىمنى ئويلاپ قالدىم. مەكتەپ تامىقىنى يەپ بەك زىرىكتىم. ھەي ئانا تاماقتىن كۆپىرەك بىرە ،تامىقىڭنى سىغىندىم.
ئانا تاماقلىرىڭنى ۋاقتىدا يەۋاتقانسەن، ماڭا تاتلىققىنە كۈلۈپ بىرە خۇشال بولۇپ كىتەي… يۈرىكىم ئانا سىنى سىغىندىم،قوللىرىڭغا سۆيگۈم ،ھىدىڭنى ھىدلىغۇم كىلۋاتىدۇ. چاچلىرىڭدىكى ئاق چاچلار يەنە كۆپەيدىمۇ ئانا، چىلان رەڭدە چىرايلىق قىلىپ قويغۇم كىلىۋاتىدۇ جىنىم ئانا.
ئانا…ئانا…سىنى يۈرىكىمدىن سىغىندىم، ئانا …ئانا يۈرىكىم ئانا دەپ يىغلاۋاتىدۇ.
ئانا…ئانا … |
|