ئۇيغۇرنى سۆيمەيدىغان ئۇيغۇرلار
«ھەر كاللىدا ھەر خىيال، تاز كاللىدا مىڭ خىيال» دەپتىكەن، تاز بولغاچ باشقىلاردىن خىيالنى كۆپرەك سۈرسەم كېرەك. مۇشۇ يېقىندىن بۇيان ئانا تىل جىنى چاپلاشتى دېسە. بۇ جىن مەندىلا تۇرماي ياتاقداشلىرىمغىمۇ چاپلاشسا بولىدۇ. بۇرۇن يانفون نومۇرى ۋە ياتاق نومۇرلىرىمىزنى خەنزۇچە دەيدىغان ئادەم ئۇيغۇرچە دېيىشىپ، ئوقۇيدىغان دەرسلىرىمىزنىڭ ئىسمىنىڭ ئۆلچەملىك ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى بىلىۋېلىپ شۇ بويىچە دەپ يۈردۇق. كېيىن ئويۇن چىقىرىپ ئېنىق تەرجىمىسى يوق سۆزلەردىن باشقا سۆزنى ئارىمىزدىن بىرەرسى خەنزۇچە دەپ سالسا نومۇر تارتىپ، تارتقان نومۇر ئونغا يەتسە ياتاقتىكىلەرنى مېھمان قىلىدىغان بولۇشتۇق. بۇ ئىش قىزىق تۇيۇلدىمۇ ياكى تەسىرلەندىمۇ سىنىپتىمۇ ئانا تىل قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. بەزى شەكىلۋازلىقتىن قارا يۇمۇرلارمۇ يۈز بېرىپ تۇردى ئەلۋەتتە.
دۇنيا ئانا تىل كۈنى مۇڭداشقۇ، چەمبىرەك، بوشلۇق، مىكرو بلوگلارنى ھەر خىل شەكىلدىكى تەبرىكلەشلەر بىر ئالدى. سىنىپىمىزدا بىر قانچە خەنزۇۋان (مىنكاۋخەن) بالىلار بار ئىدى. قاتاردىن قالمايلى دېدىمۇ ئېلىپبە تۇتۇپ تۇرغان قولنىڭ سۈرىتى بار، ئانا تىل دەپ يېزىلغان سۈرەتكە قوشۇپ، 世界母语日快乐 (دۇنيا ئانا تىل كۈنىگە مۇبارەك) دەپ يېزىپ يوللاپ قويۇپتۇ. بۇنى كۆرۈپ نېمە دېيىشىمنى بىلەلمىدىم.
يەنە بار دەيمەن. ئادەتتە سىنىپتىكى بالىلارنىڭ ئوننىڭ توققۇزى بىلەن پاراڭلاشسام مۇشۇنداق گەپ-سۆزلەر چىقاتتى.
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
- wa alaykum assalam
- قانداق ئەھۋالىڭ؟
- 好,你呢 (ياخشى، سەنچۇ؟)
- خۇداغا شۈكرى، كەچتە ۋاقتىڭ بارمۇ؟
- 大概几点? (قانچىلەر ئەتراپىدا؟)
- تاماقتىن كېيىن، ئەتە تاپشۇرىدىغان دوكلاتنى يېزىۋېتەيلى.
- 好的,那七点在教室见面 (ماقۇل، ئەمىسە يەتتىدە سىنىپتا كۆرۈشەيلى)
- ئاللاھقا ئامانەت.
- allaga amanat 嗯,
«ئۇيغۇرچە يازساڭلار بولمامدۇ؟» دېسەم، ھەممىسى دېگۈدەك «قولايسىزكەن، بەك ئاستىكەن، كۆنەلمەيدىكەنمىز» دېيىشەتتى. «ھۇ گەلدەمىلەر، كىچىكىڭدىن خەنزۇچە ئوقۇغان بولساڭ نېمە دەي. مەھەللىمىزدىكى خەلچىخان ئاچاممۇ رەھمەتلىك ئېرى كېرەم ساراڭنىڭ مۇش-پەشۋاسىغا كۆنۈپ ياشاپ كەپتىكەن. مانا ھازىر ‹ئەسكى بولسىمۇ، ئۇرۇپ-تەپسىمۇ بولسا بوپتىكەن› دەپ يىغلاپ ئولتۇرمامدۇ؟ ئادەم دېگەن نېمىگە كۆنمەيدۇ دەيمەن» دەپ قوياتتىم ئىچىمدە. لېكىن راست ئاچچىقىم كېلەتتى بەزىدە. ماۋۇ كومپيۇتېرچىلار كومپيۇتېر سىستېمىسى، تور بەت، كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە ئۇيغۇرچە تونۇتۇپ، يەرلىكلەشتۈرۈپ خەلققە قولاي قىلىپ بولالماي ئاۋارە. بىزدەك ئالىي ئوقۇلدا ئوقۇۋاتقان ئاتالمىش «كەلگۈسىنىڭ ئەۋلادلىرى» قولايسىزكەن، كۆنەلمىدۇق دېگەننى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرچىدىن قېچىپ بولالماي ئاۋارە. بىز مۇشۇنداق قىلىۋاتساق كېيىنكى بالا-نەۋرىلىرىمىز قانداق قىلاركىن تاڭ.
يەنە بىر كۈنى ياتاقدىشىمىزدىن بىرسى سالپايغىنىچە كىرىپ كەلدى. نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىساق ئېغىر تىنىۋىتىپ سۆزلەپ كەتتى. ئەسلىدە تۈنۈگۈن كەچ ئۇنىڭ باشقا مەكتەپتىكى بىر دوستى qq دا 300 يۈەن بېرىپ تۇرۇشنى، ئۇزۇنغا قالماي قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى دەپتۇ. بۇرۇنمۇ ئىككىسى پات-پات پۇل ئېلىم-بىرىم قىلىپ تۇرىدىكەن. ئۇ ماقۇل دەپلا توردا 300 يۈەن يۆتكەپ بېرىپتۇ. بۈگۈن ئەتىگەن قارىسا ئۇ دوستى بوشلۇقىغا «qq نومۇرۇمنى ئوغرى ئالدى، يوللىغان ھەر قانداق ئۇچۇرغا ئىشەنمەڭلار» دەپ يوللاپ قويغان گەپ. تېلېفون قىلىپ پۇل سېلىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتسا، تۈنۈگۈن qq نومۇرىنى بىر خەنزۇنىڭ ئوغرىلاپ كەتكەنلىكىنى، كېچىچە ھەپىلىشىپ ئاران قايتۇرۇۋالغانلىقىنى، يەنە ئاۋۇ بانكا كارتىسىنىڭ ئىگىسىنى تەكشۈرۈپ بېقىشىنى ئېيتىپتۇ. تەكشۈرسە راست دېگەندەك بىر خەنزۇنىڭ ئىسمى چىققان گەپ. بۇنى ئاڭلاپ بالىلار يەنە مۇنازىرە قىلىشىپ كەتتۇق.
- پۇل يۆتكىگەندە ئىسمىغا قاراپمۇ قويمىدىڭمۇ ھەي؟
- ھېچ بولمىسا ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ بېقىپ، جاۋاب قايتۇرالمىسا بەرمىسەڭ بولمامدۇ؟
ياتاقدىشىمىز ئۇ دوستى بىلەن ئادەتتە خەنزۇچە پاراڭلىشىدىغانلىقىنى، ئانچە-مۇنچە ئېلىم-بىرىم قىلىپ تۇرغاچقا جىق ئويلىمايلا پۇل سېلىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.
- خەنزۇچە يېزىپ پۇل سورىسا بېرىدىغان شاپائەتچى جىگۇڭ بولساڭ بىزمۇ پۇل تۈگىسە سىناپ باقايلى -، دېيىشىپ خېلى جىلە قىلدۇق ئۇنى.
بىر ئارام كۈنى كەچ ئولتۇرسام يانفونۇم سايراپ قالدى. ئالسام نەۋرە ئۇكامكەن. بىر قۇر ئەھۋال سوراپ گەپ باشلىدى.
- بانكا كارتاڭدا بەش-ئون كوي پارچە پۇل بارمۇ؟ يېنىمدا پۇل تۈگەپتى جىددىي پۇل لازىم بولۇپ كارتىغا قارىسام 95 يۈەن بار ئىكەن. بەش يۈەن يۆتكەپ بەرسەڭ ئېلىۋالاي.
- قايسى بانكا؟
- يېزا ئىگىلىك.
- يېزا ئىگىلىك بانكا كارتامنىڭ تور كەسپى ئوچۇق ئەمەس. مەكتەپ ئەتراپىدا ئۇ بانكا يوق. ماڭسام يىگىرمە مىنۇت، ۋەلسىپىتتە ئون مىنۇتتا بارىمەن ئەڭ يېقىن يېزا ئىگىلىك بانكىسىغا. ياتاقتىكىلەرمۇ يوق ھازىر، بەك جىددىي لازىم بولسا مېڭىپ بېرىپ يۆتكەپ بېرەي.
- شۇ جىددىي لازىمتى.
- ئەمىسە كارتا نومۇرۇڭنى دەپ بېرە.
- لىيۇ ئېر...
- ئۇيغۇرچە دېسەڭ بولمامدۇ ھەي.
- ساننى خەنزۇچە دەپ كۆنۈپ قاپتىمەن، يازالمىساڭ خەنزۇچە دەپ بېرەي.
- قانداق دېسەڭ دېگىنە، ھىندىچە دېسەڭمۇ مەيلى.
شۇنداق قىلىپ خەنزۇچە دەپ بەرگەن نومۇرلارنى يېزىۋېلىپ پىيادە بانكىغا ماڭدىم. پۇلدانغا كارتامنى سېلىپ پۇل يۆتكەيدىغان چاغدا ئىسمىغا قارىسام ھېچ نەۋرە ئىنىمنىڭ ئىسمىغا ئوخشىمايدۇ. تېلېفون قىلىپ سوراپ باقاي دەپ ئاختۇرسام يانفونۇم يوق. جىلە بولۇپ پالاقشىپ ياتاققا كېلىپ تېلېفون قىلدىم. «قۇشقاچ گۆشىمۇ گۆش» دەپ ئون كويمۇ پۇلدە، بىكار خەقكە سېلىۋەتمەي دەپ.
- كىمنىڭ بانكا كارتا نومۇرى ئۇ؟
- مېنىڭغۇ؟ نېمە بولدى؟
- باشقا ئادەمنىڭ ئىسمى چىقتىغۇ؟ قايتا دېگىنە نومۇرنى.
- لىيۇ ئېر...
- ھەي بېيجىڭنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەيدىغان، بىر ئۇيغۇرچە دېگىنە نومۇرنى.
شۇنداق قارىسام بىر ئالتە بىلەن توققۇزنى ئالماشتۇرۇپ قويۇپتىمەن. يەنى خەنزۇچىدا ئالتىنى لىيۇ، توققۇزنى جىيۇ دەيدىغان بولغاچ تېز دېگەندە پەرق قىلالماي ئالتىنى توققۇز دەپ يېزىۋاپتىمەن. ئاچچىقىمنى نەۋرە ئىنىمدىن چىقىرىپ تازا قايناپتىمەن.
- ئېلىپبەنى تەتۈر تۇتۇپ ئوقۇيدىغان ھالىڭغا كىم قويۇپتۇ ساڭا ساننى خەنزۇچە دېيىشنى. ئىچكىرىگە بارساڭ ئەر-ئايال خالاسىنى ئايرىيالمايدىغان گەلدەمە.
قاقشاپ بولۇپ پۇلنى يۆتكەپ بەردىم. لېكىن ئويلاپ قالدىم. مۇشۇنداق خەنزۇچە بىلمەيدىغان لېكىن سان-سىپىرنى خەنزۇچە دەپ كۆنۈپ قالغانلار مەندەك خاتا ئاڭلاپ بىرىگە پۇل يۆتكەيدىغان ئىش بولۇپ قالسا چاتاق چىققۇدەك.
يەنە شۇ تەتىلدە ئۆيگە قايتقان چاغلار ئىدى. ھۇجرامدا ئولتۇرسام ئاكامنىڭ بۇ يىل باشلانغۇچ بىرىنچى يىللىقنى تۈگەتكەن بالىسى دەپتەر-قەلىمىنى كۆتۈرۈپ كىرىپتۇ. قارىسام ماتېماتىكا تەتىللىك تاپشۇرۇق ئىكەن. ماۋۇ مەسىلىلەرنى تەرجىمە قىلىپ بەر دەيدۇ.
- ھەي، ماۋۇ سان-سىپىر، قوشۇش-ئېلىشلارنى ئىشلەپسەنغۇ، مەسىلىلەرنى نېمىشقا ئىشلىمىدىڭ؟
- ئۇ خەتلەرنى ئوقۇيالمىسام.
- بەزىلىرىنى ئىشلەپسەنغۇ مانا؟
- شۇ پاتىگۈل لاۋشىدىن قورقۇپ كەينىدىكى جاۋابىدىن كۆچۈرۈپ يازغان.
- نېمە دېدىڭ؟ كىم ئۇ پاتىگۈل لاۋشى دېگەن؟
- بىزگە ماتېماتىكا ئۆتىدىغان خانىم.
- پاتىگۈل خانىم دېسەڭ بولمامدا؟
- شۇ خانىم پاتىگۈل لاۋشى دەڭلا دېگەنتى.
- مەكتەپتە ماتېماتىكىدىن ئىمتىھان ئالسا قانداق قىلىسىلەر؟ مەسىلىلەرنى قانداق ئىشلەيسىلەر؟
- شۇ بىرەر مۇئەللىم ياكى خانىم كىرىپ تەرجىمە قىلىپ بېرىدۇ، ئاندىن ئىشلەيمىز.
- ئۇ پاتىگۈل خانىمىڭ سىلەرنىڭ سىنىپ مەسئۇلىڭلارما؟
- ياق، يۆلىياڭ بەننىڭ.
- نېمە گەپ ئۇ؟
- 1-يىللىق 1-سىنىپ تەيياڭ بەن، ماندا قۇياش سىنىپ. 1-يىللىق 2-سىنىپ يۆلىياڭ بەن، ئاي سىنىپ. 1-يىللىق 3-سىنىپ خەنزۇ سىنىپ، خوجىيەن بەن، راكېتا سىنىپ. 1-يىللىق 1-سىنىپ بىلەن 1-يىللىق 2-سىنىپ قوش تىل سىنىپ.
ئىچىم ئاچچىق بولدى. بالىلىرىمنىڭ تىلىنىڭ شالغۇتلاشقىنىغا بولدىمۇ ياكى ئوقۇتقۇچىسىغا ئاچچىقىم كەلدىمۇ ۋە ياكى باشقا سەۋەبلەر بارمۇ بىلمىدىم. ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىپ يەنە سورىدىم.
- نېمە دەرسلەرنى ئۆتىدۇ؟ ھەممە دەرسىڭلار خەنزۇچىما؟
- بىز قوش تىل سىنىپنىڭ ئېلىپبە دەرسى ئۇيغۇرچە، قالغانلىرى خەنزۇچە. ئېلىپبە، ماتېماتىكا، خەنزۇتىلى يەنە ناخشا ئۆگىتىدۇ.
- نېمە ناخشىلارنى ئۆگەتتى؟
- لىياڭ جى لاۋخۇ ئىككى يولۋاسنى، ۋو زەي مالۇ بىيەن دېگەن ناخشىنى، يەنە بىر مۇنچە ئۆگەتتى.
كۆزۈم قىزاردى. بىرىنچى يىللىقنى تۈگەتكەندە سادىر پالۋاننىڭ رەسىمى بار ئېلىپبەنىڭ ۋارىقىدا پىرقىرىغۇچ، ئايروپىلان ياساپ ئوينىغانلىرىم، ئۆردەك چۈجىسى تۇتۇپ تۇرغان بالىنىڭ رەسىمى بار ماتېماتىكا كىتابنىڭ ۋارىقىدا پاخپاق ياساپ ئوينىغانلىرىم يادىمغا كەلدى. «جىمىرلايدۇ يۇلتۇزلار»، «مەن يۇلغۇننى ياخشى كۆرىمەن»، «دادام بەردى بەش موچەن»، «مەن ئوقۇيمەن شاد-خۇرام» دېگەندەك ناخشىلارنى قوي باققاچ غىڭشىغانلىرىم يادىمغا كەلدى. يەڭگەمنىڭ تاماققا چاقىرىشى بىلەن گەپ ئۈزۈلدى. كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇپ بىردەم تۇرۇۋېلىپ سىرتقا ماڭدىم.
1- قىسىم تۈگىدى. 1- قىسىمدىكى تۆت بۆلەك:
1. شەھەرگە كەلگەن قۇۋان تاز
2. چەتئەللىككە ئۆزگەرگەن پەرى
3. خەنزۇچە بىلمەيدىغان قۇۋان تاز
4. ئۇيغۇرنى سۆيمەيدىغان ئۇيغۇرلار
2- قىسىم بىرىنچى بۆلەك – قۇۋان تازنىڭ لايىق ئىزدىشى يېزىلىۋاتىدۇ.
|