دورىنىڭ ئۇنۇمى ۋە خىيىم -خەتىرى دىگەن نىمە ؟
.جاۋاپ:ئۇنۇم دىگىنىمىز دورىنىڭ داۋالاش ئۇنۇمىنى كۆرسىتىدۇ ، خىيىم خەتەر دىگىنىمىز دورىنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسىنى كۆرسىتىدۇ (ئاساسلىقى دورىنىڭ ئەكىس تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ )سىتىش تەستىقلانغان ھەر قانداق دورىنىڭ داۋالاش ئۇنۇمى بولىدۇ . شۇنىڭ ئۇچۇن داۋالاش ئۇنىمىنىڭ ياخشى -يامان بولىشى ھەمدە ئەكىس تەسىرنىڭ ئىغىر يىنىكلىكىگە قاراپ ،دورىنىڭ ياخشى ناچارلىقى ئۆلچىنىدۇ . ئۇنۇم ۋە خىيىم -خەتەر نىسبىتى يۇقۇرى دورا -ئۇنۇمى ۋە خىيىم -خەتەر نىسبىتى تۆۋەن دورىدىن ئەۋزەل ئورۇندا تۇرىدۇ . دورىنىڭ داۋالاش ئۇنۇمى بىلەن ئەكىس تەسىرىنى سان بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ . ئۇنۇم خىيىم خەتەر نىسبىتى قايسى دەرىجىگە يەتكەندە كىلىنكىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ دەپ كونكىرىت قىلىپ بەلگىلىمۇ بولمايدۇ . ئوخشاش بىر خىل دورىنىڭ ئوخشىمىغان كىشىلەر توپىدىكى ئۇنۇم ۋە خىيىم -خەتىرى نىسبىتىدە پەرق كۆرلىشى مۇمكىن . دوختۇر كىسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن بىمارغا دورا تاللاپ بىرىدۇ .شۇنىڭ ئۇچۇن ھاياتىغا خەۋىپ يەتكۇزدىغان كىسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش بىرىنجى ئورۇندا تۇردۇ ، ئۇنۇم ۋە خىيىم -خەتەر نىسبىتى تۆۋەن دورىنى ئىشلەتكەندە مۇۋاپىق بولىشى ناتايىن ئەكسىچە ، بىمارنىڭ كىسىلى يىنىك بولسا ، ئۇنۇم ۋە خىيىم خەتەر نىسبىتى تۆۋەن دورىنى ئىشلىتىش مۇۋاپىق ئەمەس .
.دورا چۇشەندۇرمىسىدىن قانداق قىلغاندا ئۇنۇملۇك پايدىلانغىلى بولىدۇ ؟
.دورا چۇشەندۇرمىسىدە ئادەتتە مۇشۇ دورىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرى ئاددىي تۇنۇشتۇرلىدۇ . بىمار دورىنى ئىچىشتىن بۇرۇن ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشى ، بولۇپمۇ مۇشۇ دورا ماس كىلدىغان كىسەللىك ، پەرھىز تۇتىدىغان كىسەللىك، ئىشلىىتىش ئۇسۇلى ،ئىشلىتىش مىقدارى ئەكىس تەسىرى ، دورىنىڭ ئۆز ئارا تەسىرى ، دىققەت قىلدىغان ئىشلار قاتارلىقلارنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىش ، دورىنى ئىچكەندە چوقۇم دورا چۇشەندۇرمىسىدە بەلگىلەنگىنى بويىچە ئىچىش كىرەك . ئەمما ھازىر دورا چۇشەندۇرمىسىدىكى مۇشىنىڭغا ئائىت مەزمۇنلار ئادەتتە ناھايتى ئاددىي بولىدۇ . مەسلەن ئەكىس تەسىرنى ئىلىپ ئىيىتساق ، پەقەت مۇشۇ دورىنىڭ ئاساسلىق مەلۇم بولۇپ بولغان ئەكىس تەسىرى يىزلىدۇ ، بەزىدە پەقەت ئاز ساندىكى ، ئايرىم كىشىلەردە يۇز بىردىغان ئەكىس تەسىر كونكرېت يىزىلىشى ناتايىن . بازارغا سىلىنغىنىغا بىر قانچە يىل بولغان بەزى كونا دورىلار بەزىدە يىڭى ، ئىغىر ئەكىس تەسىرلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ .
.دورا چۇشەندۇرمىسىگە مۇسكۇلغا ئۇكۇل قىلىش ، ۋىناغا ئۇكۇل قىلىش ، بىر كۇندە قانچە قىتىم ئىشلىتىش دىگەندەك دورا ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى يىزىلغان بولىدۇ ، چوقۇم شۇ بۇيىچە ئىشلىتىش كىرەك :بىر قىتىم ئىشلىتىدىغان دورا مىقدارى دىگىنىمىز ، كۆپلىگەن كىشىلەرگە ماس كىلدىغان بىخەتەر ئۇنۇملۇك دورا مىقدارىنى كۆرسىتىدۇ ، بەزى كىشىلەرنىڭ بەدىنىدە يەككە پەرىق مەۋجۇت بولغانلىقتىن ، دورىغا ناھايتى سەزگۇر كىلىدۇ . ناھايتى ئاز دورا مىقدارىمۇ ئەكىس تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن . بۇ خىل ئەھۋال دورا بازارغا بازارغا سىلىنىشتىن بۇرۇن بايقالمايدۇ . شۇنىڭ ئۇچۇن دورىنى ئىشتىلىتىشتىن بۇرۇن دورا چۇشەندۇرمىسىدە بەلگىلەنگىنى بۇيىچە ئىشلەتكەن تەقدىردىمۇ ، دورىنىڭ ئەكىس تەسىرىگە دىققەت قىلىش كىرەك .
|