بۇ يازمىنى ئاخىرىدا eltugh-yarkant تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-13 14:43
پاتنېت ئىلتىماسىمغا ياردەم قىلساڭلار!
ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى، مەن يەكەن ناھىيەسى ئالامەت يېزا چىڭگىلىك كەنتىدىن ئېلى تۇرسۇن. كەسپىم دېھقان. مەن يەكەن ناھىيەلىك كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ توكچىلىق كەسپىدە ئوقۇپ، 2001-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن. شۇنىڭدىن بۇيان بىر تەرەپتىن توكچىلىق قىلسام، بىر تەرەپتىن دېھقانچىلىق قىلىپ تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمەن.
مەن بۇ جەرياندا كۆپ قېتىم ئىزدىنىپ، ھازىرغىچە تۆۋەندىكىدەك كەشپىياتلارنى روياپقا چىقاردىم.
1. يۇقىرى، تۆۋەن بېسىملىق توك يوللىرىنى يانفۇن ئارقىلىق يىراقتىن كونتىروللاش سىستېمىسى؛
2. موتسىكىلىت، ماشىنىلارنى تېزگىنەك ئارقىلىق ئوغرىلىقتىن ساقلاش سىستېمىسى؛
3.ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان توك مەنبەلىرىنى يانفۇن ئارقىلىق يىراقتىن كونترول قىلىش سىستېمىسى؛
مېنىڭ يۇقىرىقى كەشپىياتلىرىمنىڭ ئىشلىتىلىش نېسبىتى ۋە دائىرىسى ھەقىقەتەن كۆپ، قوللىنىش ئاسان، تەننەرقى تۆۋەن، ئىشەنچىلىك ۋە بىخەتەر، ئىشلىتىلىشى كۆپ ساھەگە ماس كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەكرار تەجرىبىدىن ئۆتۈپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. مەن بۇ كەشپىياتلىرىمغا پاتنېت ئىلتىماس قىلاي دېسەم، رەسمىيەت يوللىرى بەك مۇرەككەپ ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە رەسمىيەتلەرنى خەنزۇچە تەييارلاش كېرەك بولغاچقا، بۇ جەھەتتە خېلى كۆپ قىينىلىپ قالدىم.
شۇڭا، ماڭا پاتنېت ئىلتىماس قىلىشنىڭ باسقۇچلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى، ئىلگىرى پاتنېتقا يوللانغان كەشپىياتلارنىڭ يازما ئىلتىماس ماتېرىياللىرىدىن تەمىنلەپ بەرگەن بولساڭلار، مۇشۇ كەشپىياتلىرىمغا پاتېنىت ئالغان بولسام، ئالەمچە خۇشاللىققا چۆمگەن بولاتتىم.
مەن تەتقىق قىلىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىشەنچىم بولغان يەنە 4-5تۈرلۈك كەشپىيات لايىھەم بار. پەقەت يۇقۇرىقىلاردىن بىرەرسىگە پاتنېت ھوقۇقى ئالالىسام، باشقا تۈرلەر ئۈستىدە يەنە داۋاملىق ئىزدىنىپ بىر باشقا ئېلىپ چىقىشقا ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشقان بولاتتى. شۇڭا، ياردىمىڭلارنى ئايىماسلىقىڭلارنى، مەندەك بىر ئاددىي دېھقان كەشپىياتچىنى يېقىندىن قوللاپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
ھازىردىن باشلاپ يەكەن ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى، «كومپيۇتېر ۋە مائارىپ» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى، يەكەن ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ئېلېكترلەشكەن ئوقۇتۇش مەركىزىنىڭ خادىمى ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ مۇشۇ كەشپىياتلىرىمنى تونۇشتۇرۇش، ئېلان قىلىش، پاتنېتقا ئىلتىماس قىلىش ۋە يوللاشقىچە بولغان جەريانلارنى تولۇق ھوقۇقلۇق ئۈستىگە ئالىدۇ. تورغا چىقىش ئىمكانىيىتىم يوق دېيەرلىك بولغاچقا، ياردەم ماتېرىياللىرىنى ۋاكالەتچىم ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغقا يەتكۈزۈپ بەرسەڭلار بولىدۇ.
ھۆرمەت بىلەن: يەكەن ناھىيەسى ئالامەت يېزا چىڭگىلىك كەنتى 2-مەھەللىدىن: ئېلى تۇرسۇن.
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ: تېلېفۇن: 18699822106، ئىلخەت: nurluk2007@126.com چ چ: 1310776672
|