بۇ يازمىنى ئاخىرىدا marip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-22 06:56
دۆلىتىمىزنىڭ كىتاب ئوقۇش ئىيىدا...
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قىرىنداشلار، 2015-يىلى ئۇيغۇرلارئۈچۈن پىكىرىدە تەۋرىنىش،تەپەككۇرىدا مىدىرلاش بولغان تولىمۇ خاسىيەتكە ئىگە بىريىل بولدى.دەل مۇشۇنداق خەيرلىك دەملەردە بىز يەنە بىر خاسىيەتلىك ئاينى كۈتىۋىلىش ئالدىدا تۇرماقتىمىز.ئۇ بولسىمۇ دۆلىتىمىزنىڭ 15-قېتىملىق كىتاب ئوقۇش ئىيى.ئارقاكۆرنىشى مۇنداق : 1997-يىلى تەشۋىقات مىنىستىرلىگى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىگى، دۆلەتمائارىپ كومتىتى، رادىئو مىنىستىرلىگى، ئاخبارات نەشىرىيات باش مەھكىمسى،مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئويۇشمىسى، ئىتپاق مەركىزىي كومتىتى، مەملىكەتلىكئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق توققۇز ئورۇن بىرلىكتە «مەملىكەت بويىچە بىلىمقورلۇشى» نى تەشكىللەپ يولغا قويۇش ھەققىدە ئۇختۇرۇش» نى تارقىتىپ «ئومۇمى خەلقنىڭكىتاب ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلىپ ئوقۇشچان جەمئىيەت قورۇش» نى مەقسەت قىلغان «بىلىم قۇرۇلۇش»نى تەشەببۇس قىلدى. 2000-يىلدىن باشلاپ مەملىكەتلىك بىلىم قورلشى رەھبەرلىك گۇرپپىسىھەر يىلى 12-ئاينى ئېلمىزنىڭ «ئومۇمى خەلق كىتاب ئوقۇش ئېيى» قىلىپ بىكىتتى.شۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى 12-ئايدا ئېلمىزدە ھەر قايسى جايلاردا كىتاب ئوقۇپ بىلىم تارقىتىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان كۆپ خىل شەكلىدىكى پائالىيەتلەر ئۆتكۈزلۈپكېلىنمەكتە. مەملىكىتمىزنىڭ جاي-جايلىرىدا ئۆگۈنۈش تىپىدىكى جەمئىيەت قورۇش،ئۆگۈنۈش تىپىدىكى ئورگان-تەشكىلات قۇرۇش، ئۆگۈنۈش تىپىدىكى ئائىلە قورش قىزغىنلىقى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرلۈپ دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈننىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ بېيتىلدى ۋەچوڭقۇرلاشتۇردى. قاراڭ بۇ سانلارنىڭ ئۇلۇغلىقىغا - 2015-يىلى دۆلىتىمىزنىڭ15-قىتىملىق كىتاب ئوقۇش ئىيىنى كۈتۈۋاپتۇق ،يەنە كىلىپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزقۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبىرىكلەش پائالىيىتىگە قوشۇلۇپ كىتاب ئوقۇش يىلى تەشەببۇسىنى مەركەز قىلغان نادىر كىتابلارنى نەشىر قىلىش،قايتا نەشىر قىلىش، كىتاب ئوقۇش،كىتاب سىتىۋىلىش، تەسىرات سۆزلەش ،كىتاب مەشرىپى ،كىتاب ئىئانە قىلىش،توي-تۆكۈنلەردە كىتاب سوۋغا قىلىشتەك بىر قاتار ئەقىلىي ساخاۋەت پائالىيەتلىرىمودا بولۇپ يارقىنلىق دەرجىسىگە كۆتۈرۈلدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2015-يىلى مارت ئىيىنىڭ بىشىدا پۈتكۈل جۇڭگۇدا كىتاب ئوقۇشچان جەمئىيەت بارپا قىلىش توغرىسىدىكى چاقىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ جۇڭگۇ خەلقىنى كىتاب ئوقۇشقا سەپەرۋەر قىلىدى.لىكىچىياڭ مۇنداق دىدى : - «كىتاب ئوقۇشنى جۇڭگۇ خەلقى ئۆز ئادىتىگە ئايلاندۇرۇش كىرەك!» دىمەك مانا مۇشۇنداق ياخشى سىياسەت ،ياخشى ۋەزىيەت ئاسىتىدا بىز كىتاب ئوقۇشىنى، بىلىم ئارقىلىق قۇراللىشىنى كۆپلەپ تەشۋىق قىلىپ خەلقىمىزنىڭ ئىلغارمەدەنىيەت، ئىلغار ئىدىيە توپىغا كىرىشى ئۈچۈن بەدەل تۆلىگۈچىلەردىن بولىدىغاندەۋىرىگە كىرمىسەك بولمايدىغان ۋەزىيەتكە يۈز تۇتتۇق! 12-ئايدا ئىلىپ بىرلىدىغان پائالىيەتلەر ھەققىدە مەن ئۆزۈمنىڭ ئازىراق پىكىرىمىنى ئوتتۇرغا قوياي: 2015-يىل دۆلىتىمىزنىڭ 15-قىتىملىق كىتاب ئوقۇش ئىيى، مەن مۇشۇ ئايدا كىتابيىلىمىزدىن ئەمەلىي خۇلاسە چىقسا دەپ ئارزۇ قىلىمەن.مەخسەتكە يەتمەك ئۈچۈن رايۇنىمىزدىكىبارلىق تارتقۇلار مەخسۇس كىتاب ھەققىدە پىروگىراممائىشلەپ، كىتابخانىلارنىڭ ساھىبخانلىقىدا كىتاب مەشىرىپى تەشكىللىسە ، تاراتقۇلار كىتاب ھەققىدە جامائەت پاراۋانلىقئىلانلىرىنى ئىشلىسە،ئاخبارات نەشىرىيات ئورۇنلىرى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ ھازىرغىچەخەلقىمىز ئىھتىياجلىق كىتابلانى نەشىر قىلىش،تەقەززا بولىۋاتقان كىتابلارنى قايتانەشىر قىلىشقا كۈچ چىقارسا.(چۈنكى تىخى ياشلىرىمىز بىلمەيدىغان نۇرغۇن كىتابلاربار). ئۇنىڭدىن باشقا نۇپۇزلۇق تور تاراتقۇللىرى ، چ چ توپ ،ئۈندىدار توپ،ئۈندىدار سالون،مىكرو بىلوگ قاتارلىقلار زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ كىتابھەققىدە سەھىپە ئىچىشى،نادىر كىتابلارنى تۇنۇشتۇرشى ،تورداشلار ئارسىدا كىتابئوقۇش پائالىيتى،بۇ ھەقتە زىھىن سىناش،تىپىشماق تېپىش قاتارلىق ئۇسۇلارنى قوللىنىشئارقىلىق مەزكۇر تورنى زىيارەت قىلغۇچىلارنى جەلىپ قىلىسا.گىزىت -ژورناللارغايىزلىدىغان ۋاقىت كەلدى،قولىمىزدىن كەلسە باللىرىمىز، قىرىنىداشلىرىمىز ۋە گىزىت -ژورناللارغايىزىلالمايدىغان كىشللىرىمىز ئۈچۈن بىر قانچە سان گىزىت ۋە ژورناللىرىمىزغايىزىلىپ بىرىپ ئۇلارنىڭ ئۇچۇرلاردىن بالدۇراق خەۋەردار بولۇشىغا ۋە ئۇيغۇرچە تىليىزىقتىكى گىزىت–ژورناللارنىڭ تەرەققىياتىغا ئاز-تولا تۆھپە قوشساق.رەھبەرلىرىمىزمۇقول ئاستىمىزدىكلەرگە كۆپرەك كىتاب ئوقۇش ھەققىدە ئۈلگە بولۇپ نادىر كىتابلارنىتەۋسىيە قىلىپ ۋە ياخشى ژورناللارغا يىزىلدۇرۇپ ئۇلارغا ئىلھام بەرسەك.ئۈنۈملۈكئۇسۇللارنى قوللىنىپ،تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ خەلىقىنىڭ كىتاب ئوقۇشقىزغىنلىقىنى شۇ ئارقىلىق ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈنھەممىمىز كۈچ چىقارساق،بولسا يىل ئاخىردا بىرەر شىركەت ياكى ئورۇن كىتاب يىلىنىڭ نەتىجىللىرىنى خۇلاسلەش خاراكتىرىدە پائالىيەت تەشكىللىسە ... دۇنيا ئۈزۈكسىز ئۆزگىرىۋاتىدۇ، 2015-يىلدىكى دۆلىتىمىزنىڭكىتاب ئوقۇش ئىيى بىز ئۈچۈن تولىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە ! بۇ ئايىنى ھەرگىزنەتىجىسىز ئۆتكۈزىۋەتمەيلى ، يىللاردىن بۇيان خەلقىمىز بۇنداق ئەھمىيەتلىكئايلارغا ئانچە ئىرىنىشىپ كەتمىگەن ،بۇ يىل دۇنيا كىتاب ئوقۇش ئىيى قاتارلىقخاتىرە كۈنلەر ئالاھىدە داغدۇغا بىلەن ئۆتكۈزلدى.ھەممىمىز تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپمۇشۇ بىر ئايىنى نەتىجىلەر بىلەن بىزەش ئۈچۈن كۈچ چىقرايلى ! چۈنكى ئىسىمىزدەبولسۇن :«ئەنجانباي»دىگەن روماننىڭ ئاپتۇرى كىم دىسە ئابدۇقادىر داموللام دىگەن قىرىنداشلىرىمىز تىخىچە مەۋجۇت،تەپسىلاتنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ : http://m.subat.cn/index.php?a=track&id=10005 2015-يىل ئوغلاق ئىيىنىڭ20-كۈنى file:///C:/Users/ADMINI~1/AppData/Local/Temp/msohtml1/01/clip_image002.jpg
قۇشۇمچە : "ئۇنتۇلىۋاتقان ئەنئەنىمىز-- كىتاب مەدەنىيىتى"
ئۇيغۇرلار قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئىنسانىيەت مەدەنىيەتخەزىنىسىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى، مىڭئۆي بۇدداسەنئىتى ۋە خەلق مەشرەپلىرى… ئەجدادلىرىمىز ياراتقان قىممەتلىك مەدەنىيەتبايلىقلىرىدۇر.
ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرىنىڭ قىزىقارلىق ئويۇن تۈرلىرىدىن باشقا يەنە ئۆز ئالدىغابىر يۈرۈش تەرتىپ–ئىنتىزاملىرى بولۇپ، ئۇنىڭغا كەڭ دائىرىدىكى ئەدەپ–ئەخلاق ۋەئىلىم–مەرىپەت تەربىيەسى سىڭدۈرۈلگەن. ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرىنىڭ تۈرى ۋە مەزمۇنىئىنتايىن مول بولۇپ «گۈلخان مەشرىپى»، «قوغۇن مەشرىپى»، «توي مەشرىپى»،«ناماقۇللۇق مەشرىپى»، «قۇم سەيلىسى مەشرىپى»، «جۇۋان توي مەشرىپى»، «قارلىقمەشرىپى»، «نورۇز مەشرىپى»، «كىتاب مەشرىپى» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.بولۇپمۇ يۇقىرىقى مەشرەپلەر ئىچىدە «كىتاب مەشرىپى» بىر قىسىم كىشىلەرگە غەلىتەتۇيۇلۇشى مۇمكىن. ئەجدادلىرىمىز سەنئەتنىلا ئەمەس، ئىلىم–پەننىمۇ قىزغىن سۆيۈپكەلگەچكە، ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەردىن بېرى «كىتاب مەشرىپى»نى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپكەلگەن. بىراق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «كىتاب مەشرىپى» باشقا مەشرەپلەرگەقارىغاندا، ئانچە تىلغا ئېلىنمايدىغان بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەبكىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىمىزنىڭ تۆۋەنلىكىدىن بولدى. ماھىيەت جەھەتتىن ئالغاندا،ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ ئىچىدە «كىتاب مەشرىپى»نىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭبولۇپ، ئۇ بىزنىڭ روھىي دۇنيايىمىزغا ئۇسسۇزلۇق بېرىدىغان ئەزىم دەريا.
كىتاب مەشرىپى ھەر قىشلىقى كىشىلەر بىكار بولۇپ قالغان چاغلاردا كۆپرەكئۆتكۈزۈلىدۇ. ئەمما بارات ئېيى بىلەن رەببىيەل ئەۋۋەل ئېيىدا چوقۇم ئۆتكۈزۈلىدۇ.مەشرەپتە ئەرلەر بىر ئۆيگە يىغىلىدۇ، ئاياللار ئەرلەر يىغىلغان ئۆينىڭ يېنىدىكىئۆيدە ئىشىكنى ئوچۇق قويۇپ ئولتۇرىدۇ. بىلىملىك كىشىلەر كىتاب ئوقۇپ، مەنىسىنىيېشىپ بېرىدۇ. كۆپىنچە ھالدا ئەدەپ–ئەخلاق توغرىسىدىكى كىتابلارنى ئوقۇيدۇ.بالىلارمۇ كىتاب مەشرىپىگە قاتنىشىدۇ. بالىلارغا قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى ئوقۇپبېرىپ، ئۇلارنىڭ كىتابقا بولغان ھېرىسمەنلىكىنى ئاشۇرىدۇ. بەزىدە مەشرەپتە سازچېلىنىپ، تارىخىي ناخشىلار ئېيتىلىدۇ. بەزىلەر مەشرەپ دېسە، ساز چېلىپ، ئۇسسۇلئويناپ، قىزىقارلىق ئويۇنلارنى ئورۇندايدىغان ئۇنىۋېرسال كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى،دەپ بىلىدۇ. بىراق، قەشقەردە «قەشقەر كىتابخانلىق مەشرىپى»، قومۇل، ئاقسۇدا «كىتابمەشرىپى»، دولانلىقلاردا «بېيىت–قوشاق ئېيتىشىش مەشرىپى» ئۇزاقتىن بۇيانداۋاملىشىپ كەلگەن. بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ بىلىمگە ئىنتىلىش قىزغىنلىقى يۇقىرىكۆتۈرۈلگەن، كىتابنى ئۇلۇغلاش ئىدىيەسى بارغانسېرى كۈچەيگەن. كىتاب بۇرۇنقىلارنىڭئەقىل–پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، بىلگە–دانىشمەنلەرنىڭ كېيىنكىلەرگە قالدۇرغانقىممەتلىك مەنىۋى مىراسى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن–مەدەنىيەت ئورگىنى 1972– يىلى دۇنياغا«ئوقۇشچان جەمئىيەتكە يۈزلىنىش» چاقىرىقىنى چىقىرىپ، كىشىلەردىن كىتاب ئوقۇشنىتەلەپ قىلدى. كىتاب، گېزىت–ژۇرناللار تۇرمۇشنىڭ زۆرۈر بۇيۇمىغا، كىتاب ئوقۇش ھەربىر كىشىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمىغا ئايلاندى.1995– يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن–مەدەنىيەت ئورگىنى 4–ئاينىڭ 23– كۈنىنى «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» دەپ جاكارلىدى. بۇ كۈن دەلئىسپانىيەلىك بۈيۈك يازغۇچى سېرۋانتېس بىلەن ئەنگلىيەلىك مەشھۇر يازغۇچىشېكىسپىرنىڭ ۋاپات بولغان كۈنىدۇر. «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» جاكارلانغاندىنبۇيان، 100 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايون بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى.
بىر قىسىم ئەللەر ئۆزىدە يوق نەرسىلەرنى ئۆزىگە پايدىلىق بولسىلا، باشقا مىللەت ۋەباشقا ئەللەردىن ئۆگىنىۋاتىدۇ. ئۆزىدە بار ياخشى ئادەت، ئۆزگىچىلىكلەرنىپائالىيەت، مۇراسىم ۋە بايرام شەكىللىرىدە قوللىنىۋاتىدۇ. بىز نېمە ئۈچۈنئۆزىمىزدە بار بولغان، ئىجابىي قىممىتى زور مەنىۋى بايلىقلىرىمىزنىڭ بىرى بولغان«كىتاب مەشرىپى»مىزنى داۋاملاشتۇرمايمىز؟
يېقىنقى يىللاردا نۇرغۇن مەشرەپ ئۆتكۈزۈلدى. ئەمما، بىرەر قېتىممۇ كىتاب مەشرىپىئۆتكۈزۈلمىدى. بۇ نېمىنىڭ مۇھىملىقىنى، شۇنداقلا بايلىقىمىز بىلەن بارلىقىمىزنىڭپەرقىنى ئېنىق بىلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن شۇنداق بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا، كىتاب مەشرىپىگەھەرگىز سەل قارىماسلىقىمىز، كىتاب مەشرىپىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتقارىشىنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئۆگىنىشچان جەمئىيەت قۇرۇش دولقۇنىغا ئاكتىپماسلاشتۇرۇپ، كىتاب مەشرىپىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىشىمىز لازىم.
"ئۇنتۇلىۋاتقانئەنئەنىمىز-- كىتاب مەدەنىيىتى"ناملىق بۇ ماقالە باغداش تورىدىن ئېلىندى . ./forum.php?mod=viewthread&tid=24495&highlight=دۇنيا%2Bكىتاب file:///C:/Users/ADMINI~1/AppData/Local/Temp/msohtml1/01/clip_image004.jpg
file:///c:/users/administrator/appdata/roaming/360se6/User Data/temp/forum_mod=attachment&aid=MjE2NTZ8YjZlNTgwODB8MTQ0ODE0NjExNnwyMzIyMXwzMDU1Nw%3D%3.png
|