شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيەئىنىستىتۇتى «ئاسپىرانتلار مۇنبىرى»يېڭى سانى ئۆتكۈزۈلدى!
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى «ئاسپىرانتلارمۇنبىرى»نىڭ5- سانى 2015-يىل11 -ئاينىڭ 25-كۈنى(چارشەنبە) فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىدا مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. بۇ ساندا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى تىلشۇناسلىق پەنلىرى دوكتۇر ئاسپىرانىتى تۇرسۇنجان بەختى داۋاكۆل ئاۋال « چەتئەلدىكى ئۇريغۇرشۇناسلىق ۋە ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەرنىڭ تەتقىققىلىنىش ئەھۋالى»دېگەن تېمىدا، ئاندىن كېيىن شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر كىلاسسىىك ئەدەبىياتى ماگىستىر ئاسپىرانتى ئەرافات ھەسەن مۇسابايېف «ئارۇز ۋەزىنىنىڭ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىغا كىرىشى ۋەتەرەققىياتى»دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى.
بۇ قېتىمقى مۇنبەردەدوكتۇر تۇرسۇنجان بەختى داۋاكۆل تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى، شىنجاڭ رايۇنىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەن ۋەسىقىلەرنىڭ ئەھۋالى، شۇنداقلا ئىلگىرى ئاخىر بولۇپ شىنجاڭغا كەلگەن خەلىقئارادىكى ئىكىسپىدىتسىيەچىلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە توققۇز دۆلەتتىكى ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭ رايۇنىدىن مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن مۇھىمشەخىسلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى. ئىلگىرى ئاخىر بولۇپ گېرمانىيە، روسىيە، فىرانسىيە، ياپونىيە، ئەنگىلىيە، شىۋىتسىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ساقلىنىۋاتقان ۋەسىقىلەر ۋە ئىلگىرى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن تەتقىقاتچى،ئىكىسپىدىتسىيەچىلەرنىڭ ئەھۋالى ئۈستىدە توختالدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ماگىستىرئاسپىرانىىتلارنىڭ ماقالە تېمىسى تاللاش توغرىسىدا مۇشۇ ساھەدىكى بۇشلۇقلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئىككىنچى باسقۇچتا،ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ماگىستىر ئاسپىرانتى ئەرافات ھەسەن مۇسابايېف ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى مۇھىم بوشلۇق بولغان ۋەزىن تەتقىقاتى توغرىسىدا دوكلاتبەردى. ئۇ دوكلاتىدا ئارۇز ۋەزىنى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان خەلىقئارادىكى ھەرقايسى تەتقىقاتچىلار، كىلاسسىك ئەدەبىياتتىكى ئارۇز مەسىلىلىرى، پەيدا بولىشى، ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە رايۇنىمىزدا ۋەزىن توغرىسىدا يېزىلغان ماقالە ، كىتابلار توغرىسىدا توختالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ،تۈركىيە، قازاقىستان، روسىيە، تاجىكىستان، جۇڭگو ۋە شىنجاڭدىكى ئارۇز تەتقىقاتچىلىرىنىڭ كىلاسسىك ئەدەبىياتتىكى ئارۇزغا مۇناسىۋەتلىك ئىزدىنىشلىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇر كىلاسسىكلىرىنىڭ ئارۇز ماھارىتى، ئەسەرلىرىدە نەچچە خىل ۋەزىن ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە كەڭ توختالدى. ھەمدەشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كىتاب ۋەۋەسىقىلەرنى نەق مەيداندا كۆرسەتكەچ تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. مۇنبەر ئاخىرىدا كەڭ ئاسپىرانتلار بېرىلگەن دوكلاتلارغا قارىتا مۇلاھىزە ئېلىپ باردى. ئوخشىمىغان نوقتىلاردىن چۈشكەنسوئاللارغا جاۋاب بېرىپ ئۆتۈلدى. مۇنبەر ئاخىردا شىنجاڭئونىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتۇر ئاسپىرانىتلار يېتەكچىسى، پشىقەدەم فولكلۇرشۇناس ئوسمان ئىسمايىل تارىم مۇئەللىم مۇنبەرنىڭ بۈگۈنكى سانىغا قارىتا ئۆزىنڭ قارىشىنى بايان قىلىدى ۋە شەككىللەنگەن سوئاللىرىنى ئاسپىرانتلار بىلەنئورتاقلاشتى. بۇ قېتىمقى «ئاسپىرانىتلار مۇنبىرى» ئۈچ سائەت داۋاملىشىپ مۇۋاپىققىيەتلىكئاخىرلاشتى.
شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى «ئاسپىرانتلار مۇنبىرى» داۋانلىق ئۆتكۈزىلىدۇ! |