- تىزىملاتقان
- 2014-3-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4984
- نادىر
- 0
- يازما
- 85
ئۆسۈش
99.47%
|
ئىزدىدىم
ئۇرۇق-تۇغقان قېرىنداشلارنى،
دوست-بۇرادەر، ساۋاقداشلارنى،
مۆكۈۋاپتۇ تۇرمۇش قوينىغا.
تونۇمىدىم
بۇرۇنقىغا ئوخشىماس ئۇلار،
ئوخشىمايمەن مەن ھەم بۇرۇنغا.
قىلىشقىلى تېپىلمايدۇ گەپ،
ئەنسىرەيمىز «قۇلاق» بارمۇ دەپ.
رېئاللىقتىن قېچىپ ھەممىمىز،
مەۋھۇملۇقتىن تەسەللى ئىزدەپ.
گەر كۆڭلىمىز خالاپ تۇرسىمۇ،
قايتالمىدۇق بۇرۇنقى ھېسقا،
ئاللىقاچان بولغاچ ناتونۇش.
چېقىلدى
بوۋام سالغان خام خىشلىق ئۆيلەر،
دادام سالغان ۋاسىلىق ئۆيلەر،
كۆچۈۋالدۇق بىنا ئۆيلەرگە.
تاپالمىدۇق
بوۋام ئۆيىدىكى خۇشال كۈلكىنى،
دادام ئۆيىدىكى ھۇزۇر پاراڭنى.
تاپقىنىمىز قاقشاشلار بولدى،
بۇ تۇرمۇشتىن ۋايساشلار بولدى.
تۇتقۇن بولۇپ ساختا كۈلكىگە،
ئىچىمىزدە باتناشلار بولدى.
ئاش سۇنمايمەن ئۇدۇل قوشنامغا،
تونۇمايمەن يان قوشنامنىمۇ،
چۈنكى بىزلەر بولغاچ ناتونۇش.
كۆرمىدى
چىن تۆمۈرنىڭ چاپقۇر ئېتىنى،
نۇزۇگۇمنىڭ تال-تال چېچىنى،
«خاپان باش» قا ئامراقكەن بالام.
بىلمەيدىكەن
ئېلىپبەنى قانداق ئوقۇشنى،
«ئەپچىلەم» گە قوشاق توقۇشنى.
مەكتىپىدە سۆزلىمەيدىكەن،
بىلدىڭمۇ دەپ سورىمايدىكەن.
چۈشەنمەستىن يىغلىسا بالام،
ئۇنى ھېچكىم بەزلىمەيدىكەن.
ئالدىراشنى باھانە قىلىپ،
مەكتىپىنى مەدەتكار بىلىپ.
ئۆگەنگەننى ئۆگەتمەپتىمەن،
ئەجداد روھى سۆزلىمەپتىمەن.
ئەمدى رەنجىپ يۈرەي كىملەردىن،
ئوغرىلانغان بالامنىڭ قەلبى،
چۈنكى بىزگە بولغاچ ناتونۇش.
ئۆز قەلىمىم
|
|