ئات قوشۇش — ئۇيغۇر بالىلار ئويۇنلىرىدا كۆپ قوللىنىلىدىغان گورۇپپىغا بۆلۈش قائىدىسى بولۇپ، ئومۇمەن تەڭدىن ئىككى گورۇپپىغا بۆلۈنۈپ ئوينىلىدىغان ئويۇنلاردا (مەسىلەن ۋاللەي، قوغلاشماق، مۆكۈ-مۆكۈلەڭ، ھەر خىل توپ ئويۇنلىرى قاتارلىقلار) ئويۇن باشلىنىپ بولغاندىن كېيىن كەلگەن بالىلارنى ئويۇنغا قوشۇۋېلىش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ.
بۇ قائىدىدە، ئويۇن باشلىنىپ بولغاندىن كېيىن كەلگەن بالا ئويۇنغا قاتناشماقچى بولسا ئالدى بىلەن ئويۇن بېشى (ئادەتتە ئويۇنچۇقنىڭ ئىگىسى ياكى ھەممە بالىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بىر بالا) غا ئۆزىنى ئويۇنغا قوشۇۋېلىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ، ئويۇن بېشى ئەگەر كەلگەن بالا يالغۇز بولسا بىردەم ساقلاپ تۇرۇشنى، ياكى ھەمراھ تېپىپ كېلىشنى ئېيتىدۇ؛ بىر جۈپ بالا كەلگەن بولسا ئويۇن بېشى ئۇلارنى ئات قوشۇپ كېلىشكە بۇيرۇيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ بىر جۈپ بالا يىراققىراق بېرىپ باشقىلارغا ئاڭلاتماي «ئات قوشۇپ» كېلىدۇ.
ئات قوشۇشنىڭ بىر قانچە خىل شەكلى بولۇپ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان شەكلى مۇنداق: ئات قوشقۇچى بىر جۈپ بالا «سەن پالانى مەن پوكۇنى» شەكلىدە ئۆزلىرىگە بىردىن يېڭى ئىسىم قويۇشىدۇ. بۇ ئىسىملار ئادەتتە 1) قاپىيىلىك سۆزلەر (‹سەن تانكا، مەن بانكا› دېگەندەك)، 2) قارىمۇ-قارشى سۆزلەر (‹سەن ئاق، مەن قارا›، ‹سەن ئورۇق، مەن سېمىز› دېگەندەك) ياكى 3) كۆپ ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئىسىملىرى (‹سەن داس، مەن چېلەك›، ‹سەن نوگاي، مەن چۆمۈچ› دېگەندەك) بولىدۇ. بالىلار بۇ شەكىلدە ئات قوشۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئويۇن بېشى ۋە ئويۇنغا قاتنىشىۋاتقان ئىككى گورۇپپىنىڭ باشلىقلىرىغا «تانكىمۇ بانكىمۇ؟» دېگەندەك شەكىلدە يېڭى ئىسىملىرىنى مەلۇم قىلىشىدۇ، مەلۇم بىر گورۇپپا باشلىقى بۇ يېڭى ئىسىملاردىن بىرنى تاللىۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ يېڭى ئىسىمدىكى بالا شۇ گورۇپقا، ھەمراھى بولسا يەنە بىر گورۇپقا تەۋە بولىدۇ.
ئات قوشۇشنىڭ يەنە بىر خىل شەكلىدە ئات قوشقۇچى بىر جۈپ بالىدىن بىرى قولىغا كىچىك تاش پارچىسى، ياغاچ پارچىسى دېگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىۋالىدۇ، ھەمراھى ئالمايدۇ، ئۇلار قايتىپ كېلىپ قوللىرىنى يۇمۇشۇپ «قايسىمىزنىڭ قولىدا نەرسە بار؟» دېيىشىدۇ ۋە گورۇپپا باشلىقلىرىنىڭ تاللىشى بويىچە گورۇپپىلارغا بۆلۈنىدۇ.
ئات قوشۇش ئۇسۇلى بالىلار ئارىسىدا ياخشى بىر باراۋەرلىك ۋە ئادىللىق تەربىيىسى بولۇپ بۇ ئارقىلىق ھەر بىر بالا ئوخشاش ئويۇنغا قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئات قوشۇش ۋە گورۇپپىغا بۆلۈنۈش جەريانىدا ئويۇن بېشى، گورۇپپا باشلىقلىرى ۋە يېڭى كەلگۈچى ھەر بىر بالىنىڭ ۋەزىپىسى ئېنىق، خىزمەت تەقسىماتى ئادىل، ۋە خىزمەت جەريانى ئاشكارا بولۇپ، بۇ جەرياندا بالىلار ۋەزىپە ئېڭى، دېموكراتىيە ئېڭى ۋە ئىنتىزام ئېڭى جەھەتتە ناھايىتى ياخشى بىر ئەمەلىي دەرس پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ. ئات قوشقاندا بالىلار يەنە چىرايلىق، يېقىملىق ۋە قاپىيىلىك، يېڭى سۆزلەرنى ئويلاپ تېپىشقا تىرىشىدۇ، بۇ بالىلارنىڭ ئۆز-ئارا دوستلۇقىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي يەنە بالىلارنىڭ ئىجادچانلىقى ۋە ئەدەبىي قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق.
- كىچىك ۋاقتىمىزدا بىللە ئوينىغان، مەن تانكا بولسام ئامالسىز بانكا بولغان، مەن يولۋاس بولۇۋالسام ئامال يوق توشقان بولغان بارلىق ئاغىينىلەرگە بېغىشلايمەن.
كەمىنە ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەت كىتابلىرىغا چوقۇم كىرىشكە تېگىشلىك بۇ مەزمۇننى شۇ خىل كىتابلاردىن تاپالماي (بەلكىم بولۇشىمۇ مۇمكىن، خەۋىرىنى بەرگۈچىلەرنى قارشى ئالىمەن) ساقلىنىپ قالسۇن دەپ كىچىك ۋاقىتلىرىمنى ئەسلەپ يازدىم. تولۇقلايدىغان، تېمىغا مۇۋاپىق، بىر جۈپ بالىنىڭ ئات قوشۇپ تۇرغان رەسىمىنى تەمىنلەپ بېرەلەيدىغان ئاغىينىلەر بولسا قارشى ئالىمەن.