يېزا مائارىپ مەسىلىسى
21-ئەسىر مائارىپ تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى
ياڭ دوڭپىڭ
دولان تەرجىمىسى
كۆپچىلىك ياخشىمۇ سىللەر! يېزىلارنىڭ مائارىپ مەسىلىسى ھەقىقەتەن بىر جىددىي مەسىلە، يېقىندا ئالەمدىن ئۆتكەن يېزا ئىسلاھاتىنىڭ ئاتىسى دۇ رۇنسشېڭ ئەپەندى1982-يىلى سۆزلىگەن تەبرىك سۆزىدە، ياشلارغا مۇنداق دېگەن ئىدى « يېزىلار باي بۇلالمىسا جۇڭگو باي بۇلالمايدۇ، يېزىلار ئازاپ تارتسا جۇڭگو ئازاپ تارتىدۇ،يېزىلار تەرەققىي قىلمىسا جۇڭگو زامانىۋىلىشالمايدۇ، دېھقانلار خاتىرجەم بولسا جۇڭگۇ تىنىچ بۇلىدۇ؛ بىز دېھقانلارغا تايىنىپ ياشايمىز، شۇڭا دېھقانلارغا باي بۇلىدىغان سوتسىيالىزىم يولنى تېپىپ بېرىشىمىز كېرەك....بىز پەقەت 800 مىليون دېھقانغا ئۆزۈمىزنى ھەقىقى بېغىشلىيالىغاندىلا، ئاندىن جۇڭگونىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۈنۈلىشىگە ۋەكىللىك قىلغان بۇلىمىز! نۇرغۇن يولداشلار يېزىغا بېرىپ باققان، دېھقانلارغامۇھەببىتى بار، بۇخىل مۇھەببەت بىزنىڭ بارلىق ئىشلارنى ياخشى ئىشلىشىمىزنىڭ ئاساسى،ئۇ ھەقىقەتنى بايقىشىمىزغا ئىلھام بېرىدۇ؛ يولداشلار، 800 مىليۇن دېھقان سىللەردىن ئۈمىد كۈتمەكتە!»
بۈگۈنكى كۈندەبۇ سۆزلەرنى ئەسلىگىنىمىزدە، ئاجايىپ ئىپتىخارلىنىمىز؛ بۇيەرگە كەلگەن كۆپچىلىكنىڭئوخشاش ھىسسىياتقا ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. پېقىر كۆپچىلىككە يېزا مائارىپىدىكى يېڭى ئەھۋال يېڭى مەسىلىلەرنى بايان قىلىمەن.
1-، يېزامائارىپىدا چوڭ ئۆزگېرىش بولدى. بىرىنچى ئوقۇش يېشىدىكى نۇپۇس سانى زوردەرىجىدەئازايدى، مەملىكەت بۇيىچە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ سانى 1999-يىلدىكى130 مىليۇن كىشىدىن 2009-يىلدىكى 100 مىليۇن كىشىگە تۆۋەنلەپ، %25.6 ئازايدى.ئىككىنچى كەڭ كۆلەملىك نۇپۇسنىڭ يۆتكىلىشى بىلەن، نۆۋەتتە شەھەر-بازارلاردىكى دائىمى نۇپۇسنىڭ ئىگەللىگەن نىسبېتى %54 يەتكەن بولسىمۇ بىراق نۇپۇسى بارلار پەقەت %38 بولۇپ، 270 مىليۇن ئاقما نۇپۇس پەيدا بولغان ئىدى. ئۈچۈنچىى ئون يىل داۋاملاشقان يېزىلاردىكى مەكتەپلەرنى قۇشۇۋېتىش شامىلدا،جىلىن، ئىچكى مۇڭغۇل، خېيلوڭجىياڭ، چىڭخەي ۋە شەنشى ئۆلكىسىدىكى ئوقۇتۇش نوقتىللىرىنىڭ %85 ئارتۇقراقى ئازىيىپ، يېزا مائارىپىدا « شەھەردىكى مەكتەپلەر كۈچلۈك، يېزىدىكى مەكتەپلەر ئاجىز، كەنتتىكى مەكتەپلەر قۇرۇق » بۇلۇشتەك ھالەت شەكىللىنىپ، يېزىلاردا مەكتەپ يىراق، مەكتەپكە بېرىش قىيىن، مەكتەپتە ئوقۇش ھەققىنىڭ قىممەت بۇلۇشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېقىپ كىتىشى ۋە ئوقۇشتىن چىكىنىشتەك يېڭى مەسىللەرنى پەيدا قىلغان ئىدى.
2-، بۇجەرياندامائارىپتىن چەتلەشكەن يېڭى ئىككى توپ پەيدا بولغان ئىدى، ئۇلار كۆچمە نۇپۇستىكى بالىلار ۋە ئۆيدە قالغان بالىلاردۇر؛ ئۇلار ئۆزگىچە بىرتوپ بولۇپ، ئىشلەمچى ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ ياشايدىغانلار كۆچمە بالىلار، يېزىدا قالدۇرۇپ قويغانلىرى ئۆيدەقالغان بالىلاردۇر، ئىككىسىنىڭ ئومۇمىي سانى 100 مىليۇن ئەتراپىدا بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئومۇمىي بالىلارنىڭ 3/1 نى ئىگەللەيدۇ؛ كۆچمە بالىلارنىڭ تەربىيەلىنىش ھوقۇقى بىلەن ئۆيدە قالغان بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكى، پىسخىك ساغلاملىقى نۆۋەتتىكى ئەڭ گەۋدىلىك بولغان مائارىپ ئادىللىقى مەسىلىسى بولۇپ قالدى، بۇنى تۈزۈم خاراكتېرلىك ھەلقىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە %20 يېقىن ئىشلەمچىلەر بالىسى 1 ياشقا توشماستا ئىشلەمچىلىككە چىقىپ كەتكەن، ئۆيدە قالغان 2ياشلىق بالىلارنىڭ نىسبېتى ئەڭ يۇقۇرى بۇلۇپ %44.1 يەتكەن؛ئۆيدە قالغان بالىلارنىڭ 3/1 قىسىمى بۇۋا-مۇمىسى بىلەن بىرگە تۇرسا، %10.7باشقىلار بىلەن بىرگە تۇرغان؛ كىشىنى بىئارام قىلىدىغىنى شۇكى يېزىدا قالغان %3.37 بالىنىڭ ھېچقانداق قارىغۇچىسى يوق بۇلۇپ، ئومۇمىي سانى 2 مىليۇن 57 مىڭغايېتىدۇ، ئۇلار « خۇداغا تاپشۇرۇلغان بالىلار » دەپ قارالماقتا، ئۇلار ئەڭ قىيىنچىلىقتاقالغان بالىلاردۇر.
كۆچمە بالىلارنىڭ ئوقۇش مەسىلىسى ئوخشاش ئەمەس، دۆلەتنىڭ سىياسەت-بەگۈلىمىسى « تۇرۇۋاتقان شەھەرئاساسىدا، ھۆكۈمەت مەكتىپىنى ئاساس قىلىپ » مەجبۇرىيەت مائارىپى بىلەن تەمىنلەشتۇر؛ ھازىر مەملىكىتىمىزنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ھۆكۈمەت باشقۇرىشىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان كۆچمە نۇپۇستىكى بالىلارنىڭ نىسبېتى %80 نىئېگەللىگەن بولسىمۇ، لىكىن تارقىلىشى تەكشىسىز، 2 مىليۇندىن ئارتۇق كۆچمەنۇپۇستىكى بالىلار ئوقۇش سۈپىتى تۆۋەن بولغان ئىشلەمچىلەر پەرزەنت مەكتىۋىدەئوقۇماقتا؛ بۇلۇپمۇ 2014-يىلدىن باشلاپ، مەركىزىي ھۆكۈمەت بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇقاتارلىق چوڭ شەھەرلەرنىڭ نوپۇس كۆلۈمىنى قاتتىق كونتۇرۇل قىلغاچقا، كۆچمەنوپۇستىكى بالىلارنىڭ مائارىپ سىياسىتىدە ئېغىر مەسىلە كۆرۈلدى، نۇرغۇن شەھەرلەربۇسۇغىسىنى ئىگىزلەتكەچكە، كۆچمە نوپۇستىكى نۇرغۇن بالىلار ئوقۇشتىن مەھرۇم قالغان ئىدى. بېيجىڭ ئونىۋېرسىتېتى مالىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەكشۈرىشىدە كۆرسىتىشىچە %84 كۆچمەنوپۇستىكى بالىلار تەلىم-تەربىيە ئېلىش پۇرسىتى بولمىغان ئەھۋالدىمۇ يەنىلا چوڭشەھەردە ياشاشنى تاللىغان، مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىز ئۇلارنى تەربىيەلىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىمەي، ھەدېگەندە يۇرتىغا قايتىشقا مەجبۇرلىساق ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.
3-، بۇ جەرياندا پەيدا بولغان يېزىلاردىكى ئۈچخىل تىتپتىكى مەكتەپلەر ئالاھىيدە دىققەتكە سازاۋەردۇر؛ بىرىنچىسى شەھەر-بازارلاردىكى كۆلۈمى چوڭ مەكتەپلەر ۋە ئوقۇغۇچى سانى نۇرمىدىن ئېشىپكەتكەن سىنىپلار، ئىككىنچىسى يېزىلاردىكى ياتاقلىق مەكتەپلەر، ئۈچۈنچىسى يېزىلاردىكى كۆلۈمى كىچىك مەكتەپلەردۇر؛ بۇ ئۈچخىل مەكتەپلەر دۇچ كەلگەن مەسىلىمۇ ئوخشىمايدۇ،ھەلقىلىش يۇلىمۇ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، ھازىرچە ھەلقىلىشنىڭ ئۈنۈملىك چارىسىمۇ يوق.
شەھەرلەردىكى ئوقۇغۇچى سانى نۇرمىدىن ئېشىپكەتكەن سىنىپلار، بەزى رايۇنلاردا كىشىنى چۇچىتىدېغان دەرىجىگە يەتكەن؛ مەسىلەن: خېنەننىڭ شېنياڭ ( 信阳 )، جۇۋكۇۋ ( 周口 ) رايۇنىدىكى بەزى باشلانغۇچ، تۇلۇقسىزئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بەزى سىنىپلىرىدا ئوقۇغۇچى سانى 150 يەتكەن بۇلۇپ، سىنىپتا پۇت قويغىدەكمۇ بوش ئورۇن قالمىغان، ھەتتا بەزى ئوقۇغۇچىلار ئۆرە تۇرۇپ دەرس ئاڭلىغان،بۇنداق سىنىپلارنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى دېمەي تۇرايلى، ئەڭ گەۋدىلىك بولغىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېخەتەرلىكمۇ بىر مەسىلە بولۇپ قالغان.
4-، يېزامائارىپى مۇھتاج بۇلىۋاتقىنى « تېگى-تەكتىدىن ھەلقىلىشتۇر »؛ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەركىزىي ھۆكۈمەت بىر قاتار سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مائارىپ ئاساسقاكاپالەتلىك قىلىپ، كەم قىسمىنى تۇلۇقلاشنى تەكىتلىدى؛ 2014-يىلدىن باشلاپ، نامرات رايۇنلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاش پىلاننى يولغا قويغان بۇلۇپ، مەركىزىي ھۆكۈمەت 200 مىليارد يۈەن، يەرلىك ھۆكۈمەت 400 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئوقۇتۇش شارائىتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەكتەپلەرنىڭ تۇرمۇش ئەسلىھەسى،پارتا-ئورۇندۇق، ئىچىملىك سۇ، ھاجەتخانا ۋە ئاشخانا قاتارلىق ئۇلئەسلىھەلىرىنى ياخشىلىماقچى.
« تېگى-تەكتىدىن ھەلقىلىش » ئوقۇمى توغرىسىدا، جۇڭگونىڭ « تېگى- تەكتى » زادى قانچىلىك ئېغىر، بۇنى ئېنىق بىلمەيمىز؛ بۇلتۇر مۇئاۋىن مىنىستىر ليۇ لىمىن مۇخبىرلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەرگەندە « ئېلىمىزنىڭ نامرات رايۇنلىرى ئالاھىيدە قىيىنچىلىقى بار رايۇنلار،چىگرا رايۇن، ئازسانلىق مىللەت رايۇنلىرىغا مەركەزلەشكەن بۇلۇپ، جەمئى 1100 ناھىيەگەيېتىدۇ، بۇ دۆلىتىمىزدىكى ناھىيەلەرنىڭ %54.7 ئىگەللەيدۇ،مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئاجىز مەكتەپلەر پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %40 نى،ئوقۇغۇچىلار پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %33 ئىگەللەيدۇ » دېدى؛ مانابۇجۇڭگۇ يېزا مائارىپىدىكى غايەت ئېغىر ۋە ئاجىز بولغان ئەمەلىي ئەھۋالىدۇر.
5-،شەھەر-بازارلىشىش جەريانىدىكى يېزا مائارىپ تەرەققياتى. نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ شەھەرلىشىش نىسبېتى تەخمىنەن %54 ئەتراپىدا بولسىمۇ،بىراق مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەھەرلىشىش دەرىجىسى %74 بولۇپ،نوپۇسنىڭ شەھەرلىشىش سەۋىيىسىدىن %20 ئېشىپكەتكەن ئىدى؛يېزىلاردىكى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار شەھەر-بازارلاردا ئوقۇۋاتىدۇ، مانابۇ شەھەردىكى مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچى ساننىڭ نۇرمىدىن ئېشىپكىتىشنىڭ سەۋەبى. بەزىلەرشەھەرلەشتۈرىش تەپەككۈرى ئارقىلىق يېزا مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى، يەنى مائارىپ بايلىقىنى بىرقەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا شەھەرلەرگە مايىل قىلىپ، شەھەردىكى مەكتەپلەرنى كۆپەيتىپ ئوقۇغۇچى سانىنىڭ نۇرمىدىن ئېشىپكىتىش مەسىلىسىنى پەسەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىراق شۇنى تەسەۋۋۇر قىلىشىمىز كېرەككى، بۇ يېڭى بىرنۆۋەتلىك كەڭكۆلەملىك مەكتەپلەرنى قۇشۇۋىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يېزىدىكى ئوقۇغۇچىلانىڭ شەھەرگە كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىدىكى مەكتەپلەر يوقۇلىدۇ؛ ئەجىبا يېزامائارىپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن، يېزا مائارىپىنى يۇقۇتىش كېرەكمۇ؟
شۇڭا بۇ مەسىلىگەقارىتا مۇنداق سۇئال قۇيىمىز: شەھەرلىشىنىڭ مائارىپقا بولغان خىرىسقا قاندق تاقابىل تۇرىش كېرەك؟ بۇنىڭ ئۈچۈن شەھەر ۋە يېزىلاردا بىرلا ۋاقىتتا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئاساسنى مۇستەھكەملەش ئارقىلىق، يېزا مەكتەپلىرىنى ياخشى قۇرۇپ، يېزىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى يېقىن جايدىكى مەكتەپتە ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، شەھەردىكى مەكتەپلەردەئوقۇغۇچىلارنىڭ نۇرمىدىن ئېشىپكىتىش مەسىلىسىنى ھەلقىلىش كېرەك؛ شەھەر-يېزامائارىپىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگېرى سۈرىش، ماھايەتتىن تۈزەشنىڭ يۇلىدۇر.
6-، ئۆيدەقالغان بالىلار ۋە كۆچمە نۇپۇستىكى بالىلار مەسىلىسىنى ھەلقىلىشتا تۈزۈلمىدەيېڭىلىق يارىتىش كېرەك. بۇنىڭدا ھۆكۈمەت ھەممىنى ئۆز قۇلىغا ئېلىۋېلىش ۋە چات كېرىۋېلىشتەك پىكىر يۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ھۆكۈمەت ۋە ھۆكۈمەت باشقۇرىشىدىكى مەكتەپ،پۇقراۋى مەكتەپ، دېھقان ئىشلەمچىلەر پەرزەنتىنىڭ ئائىلە باشلىقى، ئىجتىمائ ىتەشكىلاتلار ۋە كۆپ مەنبەلىك سۇبېكىت بىرلىكتە ئىدارە قىلىش يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش لازىم. ئىجتىمائى كۈچلەرنىڭ پايدا ئالمايدىغان مەكتەپ قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، كۆپخىل يوللار ئارقىلىق، تۈزۈلمىدە مائارىپقا ئەھمىيەت بىرىشنىڭ يوللىرىنى كېڭەيتىپ، شەھەرنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىش ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش لازىم.
شەھەرلەردىكى ھۆكۈمەت مەكتەپلىرى كۆچمە نۇپۇستىكى بالىلارنىڭ شەھەرگە سېڭىشىشىغا يارىدەم بېرىش لازىم. گەرچە بېيجىڭ، شاڭخەيدىكى ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان كۆچمە نۇپۇستىكى بالىلار 30-%40 ئېگەللىسىمۇ، بىراق ئۇلار ئاساسەن شەھەرلىك بالىلاردىن ئايرىۋېتىلگەن بولغاچقا، ئۇلاردا ئۆزلىرىنى شەھەرگە تەۋە دەيدىغان ھىسىيات يوق.
ئۆيدە قالغان بالىلارغا نىسبەتەن ئىلگىرى دۆلەتنىڭ سىياسىتى يوق ئىدى، يېقىندا دۆلەت كېڭىشىش ئارقىلىق سىياسەت چىقىرىپ، ئۆيدە قالغان بالىلار مەسىلىسىدە خەلق ئىشلارمىنىستىرلىكىنى جاۋاپكارلىق سۇبىيېكتى قىلىپ بېكىتىپ، مائارىپ مىنىستىرلىكى ۋەمەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنى قاتناشتۇردى؛ بىراق بىرپارچە ھۆججەت بىلەن مەسىلە ھەل بولمايدۇ، يەنە نۇرغۇن مەسىلى ھەلقىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئۆيدە قالغان بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىش، ھۆكۈمەت، ئائىلە، ئىجتىمائى رايون ۋە مەكتەپ قاتارلىق ئوخشىمىغان قاتلاملارغا چېتىلىدۇ. بىز « بالىلار پاراۋانلىق قانۇنى » تۈزۈشنى مۇراجەت قىلىمىز، ئىجتىمائى كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئاجىز بالىلار مەركىزى قۇرۇپ، تۆۋەندىن يۇقۇرىغىچە نازارەت قىلىش ۋە قۇتقۇزىش مېخانىزىمى ئورنىتىپ، تۈزەش سىستېمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى رامكىسى ئىچىدە، ئورۇنلارنى ئىخچاملاپ، ھۇقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ۋە ئامما ئىشتىراك قىلىش ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلام ۋە ئىجتىمائى رايۇننىڭ ئاپتۇنۇمىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش لازىم.
دېھقان ئىشلەمچىلەرگە ۋە كۆچمە نۇپۇستىكى بالىلارنىڭ ئائىلە تەربىيىسى ۋە مەھەللەمائارىپىغا يۈزلىنىپ، سىرىتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنى ئاساس قىلغان كارخانا،تەرەققىيات رايۇنى ۋە پىششىقلاش رايۇنىدىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ تۇرالغۇمۇھىتىنى ياخشىلاپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشىغايارىدەم بېرىش لازىم. ئائىلە تەربىيىسىگە كۆڭىل بۆلۈپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتىنى بىرگە ئېلىپ سىرىتتا ئىشلىشىگە ئىلھام بېرىپ، ئانىلارنىڭ ئائىلىدەبالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىنى تەشەببۇس قىلىش لازىم. نۇرغۇن تەكشۈرىشلەردەئىسپاتلىنىشىچە، ئانا ئائىلىدە قېلىپ بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالسا، ئۆيدە قالغان بالىلارنىڭ ئەھۋالى زوردەرىجىدە ياخشىلانغان؛ شۇڭا ئىجتىمائى تەشكىلاتلار خىزمەتنى قاناتيايدۇرۇپ، مەھەللىدە بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىش سىستېمىسىنى ئورنۇتىش بىلەن بىرگە ئۆيدە قالغان بالىلار مەركەزلەشكەن يېزا مەكتەپلىرىدە كۆپخىل پائالىيەتنى يولغاقۇيۇش لازىم.
7-، يېزىلاردىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاش لازىم. يېزىلاردىكى ياتاقلىق مەكتەپلەربىرچوڭ تېما؛ 2011-يىلى يېزىلاردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ياتاقلىشىش نىسبېتى %26.6 يەتكەن، يېزىلاردىكى تۇلۇقسىز ئوتتۇرامەكتەپنىڭ ياتاقلىشىش نىسبېتى %52.88 يەتكەن، غەربىي قىسىمنىڭ ياتاقلىشىش نىسبېتى مەملكەت بۇيىچە يۇقۇرى بولغان، يېزىلاردىكى تۇلۇقسىزئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ياتاقلىشىش نىسبېتى %62.36 يەتكەن، باشلانغۇچمەكتەپنىڭ ياتاقلىشىش نىسبېتى %19.65 يەتكەن.
يېزىلاردىكى ياتاقلىق مەكتەپلەر مەسىلىسىدە تۇنۇشمىز يېتەرسىز؛ كۆپساندىكى كىشىلەر بۇسىياسەتنى يولغا قۇيسا، ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ ئۇلمۇئەسسەسى، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇتۇش شارائىتى ياخشى بۇلىدۇ، يېزىلارنىڭ مائارىپ سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرىشكە پايدىلىق دەپ قاراۋاتىدۇ،بىراق ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، تەكشۈرىش نەتىجىسى بىلەن بىزنىڭ پەرىزىمىزئاسمان-زىمىن پەرق قىلىدۇ، ياتاقلىق مەكتەپلەردىكى بالىلارنىڭ بوي ئىگىزلىكى،ئېغىرلىقىدا قاتناپ ئۇقۇيدىغان بالىلارغا سېلىشتۇرغاندا چوڭ پەرق كۆرۈلگەن، ياتاقلىق مەكتەپلەردىكى بالىلارنىڭ بوي ئىگىزلىكى قاتناپ ئوقۇيدىغان بالىلاردىن cm4 تۆۋەن بۇلۇپلا قالماي بەلكى ئۈگۈنىش نەتىجىسىمۇ كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولغان، بۇلۇپمۇباشلانغۇچ مەكتەپتە، بۇلارنىڭ ھەممىسى نۇپۇزلۇق ئاپپاراتلارنىڭ تەكشۈرىش نەتىجىسى.
8-، يېزىلاردىكى كىچىك كۆلەملىك مەكتەپ قۇرۇلىشىغا ئېتىبار بىرىش لازىم. جۇڭگو يېزىللىرىدىكى چەت-يىراق رايۇن، تاغلىق رايۇن ۋە چارۋىچىلىق رايۇنلىرىدا، ھىلىھەم ئوقۇغۇچى سانى200 يەتمەيدىغان، ھەتتا نەچچى ئون ۋە 4-5 ئوقۇغىچى بار كىچىك كۆلەملىك مەكتەپلەر ھازىرمۇ مەۋجۇت بۇلۇپ، شەھەرگە كىرىپ ئوقۇشقا ئامالسىز بولغان بالىلارنى ئوقۇتماقتا، ئۇلار يېزىلاردىكى %20 ئاجىز توپلارنىڭ پەرزەنتىنى تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان؛ ناۋادا بۇ مەكتەپلەرقىسقارتىلسا، بۇبالىلار ئوقۇشسىز قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇخىلدىكى كىچىك كۆلەملىك مەكتەپلەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بار، ھەتتا تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىمۇمەۋجۇت. بىز بۇ مەكتەپلەرنى كىچىك دەپ قارىماسلىقىمىز، چەت-يىراق جايلاردىكى بۇمەكتەپلەرنى ئامال قىلىپ ساقلاپ قېلىشىمىز لازىم.
بىز چۈشۈنىشكە مۇھتاج، شەھەرلىشىش جەريانىدا، يېزىلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ كۆلەم جەھەتتە كىچىكلىشى بىرخىل يۈزلىنىش، يېقىندا ئېلان قىلغان ئىككى پەرزەنتلىك بۇلۇش سىياسىتىنىڭ يولغا قۇيۇلىشى بىلەن كۆپ ساندىكى دېھقان ئىشلەمچىلەريۇرتىغا قايتىدىغان بولغاچقا ئوقۇغۇچى سانى ئېشىشى مۇمكىن. بىز يېزا مائارىپىنىڭ ھاياتىي كۈچكە تۇلىشىنى، رۇناق تېپىشىنى، جەمئىيەتلىشىشىنى، مەكتەپنىڭ كۆلۈمى كىچىك بولسىمۇ ئەلا سۈپەتلىك بۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز؛ ياپونىيە، كۆرىيە ۋەتەيۋەننىڭ يېزىللىرىدا بۇنداق كىچىك مەكتپلەر نۇرغۇن بۇلۇپ ئۆرنەك قىلىشىمىزغائەرزىيدۇ؛ يېزا مائارىپ ئىسلاھاتى يېزىلار ئۈچۈن بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى جۇڭگومائارىپ ئىسلاھاتى ئۈچۈنمۇ نىشان بەلگۈلەپ بېرىدۇ.
9-، يېزائوقۇتقۇچىلار قۇشۇن قورۇلىشىغا ئېتىبار بېرىش لازىم. بۇيىل دۆلەت « يېزائوقۇتقۇچىللىرىغا مەدەت بېرىش پىلانى » نى ئېلان قىلدى، ئەمدى ئۆز جايىنىڭ شارائىتى ۋە ئىھتىياجىغا قاراپ مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرتۈرۈپ،ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇننى تۇراقلاشتۇرۇپ، تەمىناتىنى ئۆستۈرىش لازىم.
يېزائوقۇتقۇچىلىرىنى تربىيەلەشتە يېڭىلىق يارتىش مۇھىم تېما، پاراۋانلىق تەشكىلاتلىرى يېزا ئوقۇتقۇچىسى ۋە يېزا ئوقۇتقۇچىسىنى تەربىيەلەشكە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلمەكتە،دۆلەتنىڭ « دۆلەت تەربىيەلەش پىلانى » ھەركەتكە كەلدى، بىز يېزا ئوقۇتقۇچىسىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن يېڭىلىق يارىتىش، يېڭى مەزمۇن، يېڭى قۇرال ۋە يېڭى ۋاستە ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئوقۇتقۇچىلاررۇلىنىڭ مۇھىملىقىنى نوقتا قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى گەۋدە قىلغان،ئوقۇغۇچىلارئۆزلىكىدىن ئۈگۈنىدىغان ئوقۇتىش ئەندىزىسى بەرپاقىلىشىمىز لازىم.
بىز يەنە ئالىي،ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھان ئىسلاھاتىنىڭ يېڭى خىرىسىقا دۇچ كەلمەكتىمىز؛ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېڭى ئىمتىھان تۈزۈمى شاڭخەي ۋە جېجياڭدا سىناق قىلىنماقتا،2017-يىلدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيتىلىدۇ، ئۇنىڭ يېزا مائارىپىغا بولغان زەربىسى ۋە ئاقىۋىتىنى ھازىر مۆلچەرلەش قىيىن، مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇيىل ئېلان قىلغان ئوتۇرا مەكتەپ ئىمتىھان ئىسلاھات لاھىيەسىمۇ ئوخشاشلا يېزا مائارىپىغا زورتەسىر كۆرسىتىدۇ.
مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋە ئىنتېرنېت تور تېخنىكىسى توغرىسىدا بىرقانچە ئوقۇم ئنىق بۇلىشى لازىم. بىرىنچى مائارىپتا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق مائارىپ ئادىللىقىنىڭ ئىلگىرى ىسۈرۈلىشى؛ ئىككىنچى ئىنتېرنېت تور تېخنىكىسىنىڭ يېزا مائارىپىنى ياخشىلاشتىكى غايەت زور ئىقتىدارى؛ ئۈچۈنچى مائارىپتا يېڭىلىق يارىتىش پەقەت يۇقۇرى تېخنىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئۇ ئۆزنۆۋېتىدە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، ئوقۇتۇش ئەندىزىسى ۋەئوقۇتقۇچىنىڭ رۇلى قاتارلىقلارنى ياخشىلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ تۆتىنچى ئىنتېرنېتتورى ۋە ئۈچۈر تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشكە بۇلىدۇ، بىراق ئوقۇتقۇچىنىڭ ئورنىغادەسسىتىشكە ھەرگىز بولمايدۇ.
يول ئايىغىمىزئاستىدا، ھەممەيلەن ئورتاق تىرىشايلى!
http://www.21ccom.net/articles/culture/edu/20151123130745.html
|