دېھقانلارنىڭ بۇ يىللىق تېرىقچىلىق ئىشلىرى ئاخىرلىشىپ كىلەر يىللىق تېرىلغۇنىڭ تەييارلىقى بىلەن ئالدىراش قىشلىق ئوسا قىلىۋاتقان مەزگىلدە قەشقەر ۋېلايىتىنىڭ مەكىت، ۋە پەيزاۋات ناھىيىلىرىگگ بېرىپ دېھقانلارنىڭ زاكاز قىلغان سۇ پومپىللىرىنى ئاپىرىپ قۇراشتۇرۇپ دېھقانلارنىڭ رەھمىتىنى ئالدۇق . يېزا ئىگىلىكى سۇغىرىش قۇرۇلمىسىدا ئەزەلدىن ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان سو پومپىللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ھالەتتىكى ئۆزگىرىشچان توك ماس قەدەملىك ئىلىكتىر ماتۇر . ۋە چاستوتا ئارقىلىق تىزگىنلىنىدىغان ماگىنىتلىق ماس قەدەملىك ئېلىكتىر ماتۇر قۇللىنىلاتتى . بۇ ئېلىكتىر ماتۇرلارئۇچ فازىلىق يۇقىرى بېسىملىق ئېلىكتىر بېسىمى تەلەپ قىلىدىغان بۇلۇپ ئېلىكتىر بېسىمىنىڭ مۇقىملىقىغا بولغان تەلىپى يۇقىرى ، ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى ،ۋە يۇمشاق قوزغىتىش ئىقتىدارى سىرىتتىن ماسلاشتۇرۇپ قۇللىنىلغان بولسىمۇ يەنىلا بىخەتەرلىك ۋە ئىشلەش ئۆمىرى ،ئېنىرگىيە تىجەش قاتارلىق تەرەپلەردە نۇرغۇن يىتەرسىزلىكلىرى بار . شۇڭا شېركىتىمىز ئۇزۇن مەزگىل ئىزدىنىش جەريانىدائالاھىدە يېڭى تىپتىڭى سۇ پومپىسىنى بازارغا سالدۇق. بۇ سۇ پومپىسىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە؛ بۇ سۇ پومپىسىغا تۇراقلىق توك مەڭگۈ ماگېنىتلىق چوتكىسىز ئېلىكتىر ماتۇر، ئۆزگىرىشچان توكنى تۇراقلاشتۇرۇپ چاستوتا ئۆزگەرتىش ساندۇغى بىرلەشتۈرۈپ قۇللىنىلغان . چېتىلغان يۈككە ئاساسەن توك سەرپىياتى ئاپتۇماتىك تەڭشىلىدىغان بۇلۇپ ئارتۇقچە ئېنىرگىيە سەرىپ قىلمايدۇ. دەسلەپى قوزغىلىشى ۋە توختىشى پىروگىرامما ئارقىلىق كونتىرول قىلىنىدىغان بۇلۇپ قوزغىلىش ۋاقتىدىكى ئېلىكتىر بېسىمىنى ئاشۇرۋەتمەيدۇ ،ئېلىكتىر لىنىيەسىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. تۇاقىلىق توك ۋە ئۆزگىرىشچان توك بىرىلگەن شارائىت ئاستىدىمۇ نورمال خىزمەت قىلىدۇ . ئىش ئۈنۈمى ٪98 دىن يۇقىرى بولغان ئالاھىدە ئۈنۈملۈك تۆۋەن سەرپىياتلىق بولغان تۇراقىلىق توك مەڭگۈ ماگېنىتلىق چوتكىسىز ئېلىكتىر ماتۇر بىلەن سۇ پومپىسى بىرلەشتۈرلۈپ مۇقىمسىز بولغان ھەرخىل ئېلىكتىر بېسىمىدىمۇ نورمال خىزمەت قىلىش ئېقتىدارىنى ۋۇجۇتقا كەلتۇرگەن بولۇپ ئايلىنىش سۈرئىتىنى تەلەپ بويچە كونتىرول قىلالايدۇ. ئېلىكتىر ئېقىمى يىتىشكەن ئەھۋال ئاستىدا ئېلىكتىر بېسىمىغا ئاپتۇماتىك يۈزلىنىپ نۇرمال خىزمەت ھالىتىنى ساقلاپ قالايدۇ. قوشۇمچە بېسىم مۇقىملاپ كونتىروللاش توك يولىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ . ئەڭ يۇقىرى بېسىم ،ۋە ئەڭ تۆۋەن بېسىم . يۈكسىز ئايلىنىش .تىمپراتۇرا كونتىروللاش سىنزورلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ئاساسى جەھەتتىن ئەقىلى ئىقتىدارلىق ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن . ئېلىكتىر ماتۇرنىڭ سىرىتقى قېپى ۋە ھەرىكەت ئۈزىتىش قىسمى ،پومپا بېشى داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان بولۇپ قۇرۇلمسى پۇختا .ئىخچام ، يىنىك .قىلىپ لايھىلەنگەن . يۇقىرى توك بېسىمى يوق ئېلىكتىر بېسىمى تۇراقسىز چەت رايۇنلاردا ئىشلىتىشكە قولايلىق بۇلۇپ باشقا شەكىلدىكى سۇغىرىش قۇرۇلمىللىرىغا قارىغاندا ئىشلىتىش ۋە ئاسىراش جەريانى ھەمدە تىرنسىفور ماتۇر ئورۇنلاشتۇرۇش ،يوقىرى بېسىملىق لىنيە تارتىش جەھەتلەردىكى چىقىنى تىجەيدۇ. ئېلىكتىر ماتۇرنىڭ قۇزغىلىشى تەدرىجى تىزلىنىدىغان ئايلىنىش مومىنىت كۈچى ئاشۇرۇلغان شاۋقۇنسىز.ئەقلى ئىقتىدارلىق كونتىروللاش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان. پومپا بېشى ۋە پومپا پالقچىللىرىغا داتلاشماس پولات ماتىريالى ئىشلىتىلگەن بۇلۇپ يەر ئاستى سۈيىنىڭ چىرىتىشگە تاقابىل تۇرالايدىغان كۈچلۇك ئىقتىدار سەپلەنگەن . قۇرۇلمىسى يىنىك ئىخچام بولغاچقا ئارتۇقچە ئېنىرگىيەنىڭ سەرىپ بولىشى ئاساسى ئايلىنىش تىرايوكتىريىسىدىكى تەۋرىنىش تۆۋەن بۇلدۇ . پومپا بېشىغا كىلاپان قويۇلۇپ پومپا پالاقچىللىرىغا چۈشىدىغان قىسمەن قارشلىق بېسىمى يوقىتىلغان . بېسىم مۇقىماشتۇرۇپ چاستوتا ئۆزگەرتىش ساندۇقى بولسا بىر ئوت بىر نۆل ، ئىككى ئوت ، ئۈچ ئوت سىم لىنىيەلىرىگە ھەمدە ئاكۇمۇلياتۇرغىمۇ بىۋاستە ئۇلىغىلى بولىدىغان بولۇپ ئېلىكتىر بېسىمىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىگە ئاساسەن چىقىش بېسىمى ۋە چاستوتىسىنى تەڭشەپ سۇ پومپىسىنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ . باش لىنىيە تەرەپتىن ئىېلىكتىر بېسىمىنىڭ قالايمىقان يۇقىرى توۋەن بولىشىدىن كىلىپ چىقىدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ بۇزۇلۇپ كىتىش ھادىسىسىدىن ساقلىنىش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك خىزمەت ياكى سۇ مەنبەسى ئۈزۈلۈپ قېلىش سەۋەپلىك ئۈسكۇنىنىڭ تتىمپۇراتۇرىسى ئۆرلەپ كىتىش مەسىللىرىگە قارىتا ھەرخىل سىنزورلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ ئۈسكۇنىنىڭ مۇتلەق بىخەترلىكى ئەمەلگە ئاشۇرلغان . . ئېلىكتىر بېسىمى تۇراقسىز ،توك كۇچى يىتەرلىك بولمىغان چەت يىراق جايلاردىكى تېرىلغۇ يەر .قاقاس تاغ ، ئورمانلىق ،مىۋىلىك باغ ،ۋە پارنىك تېمىتىپ سۇغىرىش قۇرۇلمىللىرىغا نىسبەتەن ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە لىنيە تارتىش جەھەتتىكى زور خىراجەتنى تىجەيدۇ، شاۋقۇنسىز ۋە رادىئاتسىيەسى تۆۋەن بۇلۇپ مۇھىت ئاسىراش ۋە ئېنىرگىيە تىجەش ئۈنىمى ئالاھىدە يۇقىرى. قۇياش نۇرى ئېلىكتىر ئېنىرگىيىسى ۋە شامال ئېلىكتىر ئېنىرگىيسىگە بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىىتىشكە بولىدۇ |