ئۆتكۈر ئەپەندىم تەتقىقاتى گېرمانىيەدە
مۇجىبۇل راخمان ئەركىم
ئالىم ئۆلدى، ئالەم ئۆلدى...بىز ئۇيغۇرلار بۇ ھەسرەتلىك مىسرالارنى ئېيتىپ كېلىۋاتقىلى20 يىل بولغان مۇشۇ كۈنلەردە يىتۈك ئالىمىمىز، ئوتيۈرەك شائىرىمىز، ئاتاقلىق يازغۇچىمىز، مەسئولىيەتچان تەرجىمان، قابىل تىلشۇناسىمىز، ئاقكۆڭۈل جامائەت ئەربابىمىز قەدىردان ئۆتكۈر ئەپەندىم چىن يۈرىكىمىزدىن سېغىنماقتىمىز. بىزنىڭ سېغىنىش ھېسلىرىمىز ھەر خىل شەكىللەردە ئىزھار بولۇنىۋاتىدۇ. مەسلەن: 2015- يىلى 9- ئاينىڭ 19- كۈنى قومۇل ئوردا رېستۇرانىدا مەرھۇم يىتۈك ىم،ئاتاقلىق يازغۇچى، ئوتيۈرەك شائىر، جامائەت ئەربابى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ ئۆمۈرلۈك غەمخانىسى،مېھرىبان دىلكىشى خەلچىخان ئانام ۋە ئۇنىڭ يۈرەك پارىسى بولغان پەرزەنتلىرىنىڭ نامىدىن ئالىمىمىزۋاپاتىنىڭ 20 يىللىقىغا ئاتاپ خالىس نەزىر بېرىلدى. ئۇنىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىدە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئەزىزانە كاشىغەردە ئۆتكۈر ئەپەندىم ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىقى خاتىرلەپ ئۆتۈلدى. موشۇ كۈنلەردە گېرمانىيە گۆتتىنگېن ئۇنىۋېرسىتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان داڭلىق ياش ئۇيغۇر تۈركىلوگ دوكتور ئابلەت سەمەت ۋە ئۇنىڭ گېرمانىيىلىك يېققىن دوستى ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ «ئىز»، « چىللاڭ خورىزىم»، « تاڭ شاماللىرى » قاتارلىق ئۈچ پارچە شئېرىنى نېمىسچىغا تەرجىمە قىلىپ ۋە تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلدى. ماقالىدە ھەر بىر سۆز، جۈملىلەر ئىنچىكىلىك بىلەن يىشىپ چۈشەندۈرۈلدى. ئۆتكۈر ئەپەندىم تەتقىقاتى چەتئەل ۋەجۈملىدىن دىيارىمىزدىمۇ ئەڭ ئالقىشلانغان تەتقىقات تېمىلىرىنىڭ بىرىدۇر. مەرھۇم يازغۇچىمىز زۇردۇن سابىر 1986-يىلى گېرمانىيەگە زىيارەتكە بارغاندا قاتناشقان يىغىندا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تونۇشتۇرۇپ كېلىپ، مەخسوس ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نەمۇنىسى ۋە نامايەندىسى دەپ چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەنئىدى. ئابلەت سەمەت ئەپەندىملەرنىڭ يۇقىرىقى ماقالىسىدا ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تىلشۇناسلىق، ئېتمولوگىيە، تارىخ، سوتسىيولوگىيە، مەدەنىيەت تەتقىقاتى ئۈچۈن مەنبە بولغانلىقىدىن سىرت، قومۇل يەرلىك شىۋىلىرىمۇ يېڭىچە تەتقىقات مەنبەسى بولغانلىقىنى تارىخى مىساللار ئارقىلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن. ھەم تۇنجى قېتىم « ئىز » شئېرى نېمىس تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، گېرمانىيەدە نەشىر قىلىنىدىغان، يىلدا بىر سان نەشىر قىلىنىدىغان « گېرمانيە شەرق شوناسلىقى » نامىدىكى تارىخى يۈز يىلدىن ئاشىدىغان خەلقئارا دەرىجىلىك بىر چوڭ ژورنالنىڭ 162-سان، بىرىنچى توپلامىدا ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدىن باشقا ئابلەت ئەپەندىم بىر قانچە يىلدىن بۇيان«ئىز » رومانىنى نېمىس تىلىغا تەرجىمە قىلىۋاتىدۇ.
--
--
--
-- --
--
|