بۇ يازمىنى ئاخىرىدا oylan3 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-17 16:44
كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە بۇ يىلمۇئاخىرلىشىپ قاپتۇ. يىلنىڭ بېشىدىلا بۇيىلنىڭ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب ئوقۇش يىلى قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىدىن خەۋەرتاپقان ئىدىم.ئەمما تاكى ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا بىرەيلەن مەندىن< ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب ئۇقۇش يىلىدا قانچىلىك كىتاب ئوقۇدىڭىز؟ >دەپ سورىغانغا قەدەر،ئۆزۈمنى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب ئوقۇش يىلى بىلەن ھېچ ئالاقەم يوقتەك ھېس قىلىپ يۈرۈپتىكەنمەن.مەنغۇئادەتتە قەتئىي كىتاب ئوقۇمايمەنمۇ ئەمەس.ئۇ ئاينىڭ بېشىدا بۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ،زېرىكىپ قىلغىلى ئىش تاپالماي قالغانلىرىمدا،كىتاب جاھازىلىرىمدا غېرىپسىنىپ توپا بېسىپ ياتقان،تەتىللەردە ئۆيگە قايتىش يولىدا ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ قالغانلىرىمدا يولدا ئوقارمەن دەپ ئالغان كىتابلارنى ئانچە-مۇنچە قولغا ئېلىپمۇ قوياتتىم.قولغا ئالاتتىميۇ ئۆزۈمدەبالىلىق چاغلىرىمدىكى كىتابقا قىزىقىشتەك بىرقىزغىنلىقنىڭ قالمىغانلىقىنى ھېس قىلاتتىم.خىيال كەپتىرىم بالىلىقىمغا قاراپ پەرۋاز قىلدى... دادام گەرچە ئاددى بىر دېھقان بولسىمۇ كىتاب ئوقۇشقا ھېرىس ئادەم ئىدى.ئېسىمنى بىلسەم ئۆيىمىزدە ئىككى يۈزدىن ئارتۇق كىتاب بار ئىدى.باغۋەنچىلىك تېخنىكىسى ،باقمىچىلىق تېخنىكىسى ،تېرىقچىلىق بىلىملىرى دىگەنگەئوخشاش كىتاپلاردىنلا بىر يەشىك لىق توشاتتى.(نەشپۈت ئۆستۈرۈش ،ئۆرۈك ئۆستۈرۈش دېگەندەكلەرنى يىغىنچاقلاپ ئالدىم)ئۇ نىڭدىن باشقا يەنە چەتئەل پوۋىستلىرى ،تارىخى رومانلار ،خەلىق داستانلىرى ،خەلىق چۆچەكلىرى...ئىشقىلىپ ھەرتۈرلۈك كىتابلارتېپىلاتتى.بىزگىمۇ دائىم كىتاب ئوقۇشنىڭ ئەھمىيتى توغرىسدا تەلىم بېرىپ بىزنى كىتاب ئوقۇشقا ئىلھاملاندۇراتتى.كىتابلىرىنى كۆز قارىچىغىدەك ئاسىرايتتى. مەكتەپكە كىرمىگەن چاغلىرىمدا قەغەزدىن ئويۇنچۇقلارنى قاتلاشقا ئۇستائىدىم.قاتلىغاندىمۇ ئۇنداق-مۇنداق قەغەزلەردىن قاتلىغۇم كەلمەيتتى.بىركۈنى بىر كىتابنىڭ مۇقاۋىسىغا كۆزۈم چۈشۈپ ،قېيىق ياساش ئۈچۈن پەم بىلەن يىرتىشقا باشلىدىم.يېرىمىنى يىرتىپ تۇرۇشۇمغا ئاكام كىرىپ : -نىمە قىلىۋاتىسىز! ؟ دىگىنىچە كىتابنى تارتىۋېلىپ ،ئاۋايلاپ جايىغا چاپلىدى. دادام كىتابنى يىرتقىنىمنى بىلىپ(مەقسىتىمگەيېتەلمىگەچكە ئاكامنى دادامغا چاققان ئىدىم ) بۇنداق ئىشنى (كىتابنى يىرتىدىغان ئىشنى دىمەكچى)ئىككىنجى قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇردى. كىيىنچە مەكتەپكە كىردىم .ساۋادىم چالا بۇلا چىققان چاغلاردا ئاكام ئوقۇغىلى قايسى كىتابنى قولىغا ئالسا ،شۇنى تالىشاتتىم .بەرمىسە ،دادامغا دەپ ئالغۇزاتتىم.(ئۇ چاغلاردا ئاكامنىڭ قولىدىكى ھەممە نەرسە ئۆزۈمنىڭ قولىدىكىدىن ياخشىدەك بىلىنىدىغان)داداممۇ : --ئاكىسى بولغاندىكىن يول قويساڭ نىمە بولىدۇ؟بىردەم كۆرۈپ بېقىپ قايتۇرۇپ بېرىدۇ ئەمەسمۇ دەيتتى.شۇنداق قىلىپ ئۆيدەكۈندە دىگۈدەك كىتاب تالىشىش جېڭى بولاتتى.(ئەلۋەتتە بۇ ھازازۇللىقىم ۋەبېشەملىكىم بىلەن دائىم غەلبە قىلاتتىم) ئاكامنىڭ <تۈرۈتكىسىدە >مەنمۇكىتابقا ھىرىس ئىدىم.بىركۈنى يەنە جېدەل قىلىپ يۈرۈپ بىر كىتابنى ئېلىۋالدىم .كىتابنىڭ مۇقاۋىسىغا ھۆسىنخەتچىلەپ يېزىلغان خەتنى ئوقۇيالماي كىچىك ئاكامدىن سورىدىم: -بۇ كىتابنىڭ ئىسمى《ئويغانغىن زېمىن 》مۇ ياكى《ئويغانغان زېمىن 》مۇ؟ -دەپ بەرمەيمەن !ئوقۇيالمىغان نىمىسىگەكىتابنى ئېلىۋالىدۇ تېخى ... (ئاكام كىتابنى ئېلىۋالغىنىمغا خاپا ئىدى) دادام بۇنى كۆرۈپ كۈلۈپ كەتتى دە ،كىتابنى ئاكامغا قايتۇرۇپ بەرسەم ماڭا ئۇنىڭدىنمۇ <ياخشى >كىتاب تېپىپ بېرىدىغانلىقىنى ئىيتتى .شۇندىلا خوشاللىق بىلەن قايتۇرۇپ بېرىپ دادامغا ئەگەشتىم .دادام ماڭا چۆچەك كىتابتىن بىرنى تاللاپ بەرگەن ئىدى.شۇندىن كىيىن ئاكام بىلەن كىتاب تالىشىپ يۈرمەيدىغان بولدۇم. (ئانچە –مۇنچە تالىشىپ قويساممۇ ،مەقسىتىم بۇرۇنقىدەك كىتابنى ئېلىۋالغاندىكى خوشاللىق ئەمەس بەلكى كىتابتىن ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن ئىدى ئەلۋەتتە.) شۇنداق قىلىپ باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىزدا دەم ئېلىش ۋە تەتىللەردەئاساسەن دىگۈدەك كىتاب ئوقۇدۇم.ئۇ چاغلاردا كىتاب مېنىڭ خۇشاللىقىم،بارلىقىم ئىدى. ئەمما ئىچكىرى تولۇققا ئۆتكەندىن كىيىن دەرىسلەرنىڭ ئالدىراشلىغى ،يېنىمدادەرىستىن سىرتقى كىتابلارنىڭ يوقلۇقى قاتارلىق بىر يۈرۈش باھانىلەر بىلەن كىتاب ئوقۇمىغانلىقىمنى ئەپۇ قىلىپ كەلدىم.تەتىللەردە ئۆيگە قايتقاندا تېخىمۇ<ئالدىراش> ئىدىم .شۇنداق قىلىپ ئالىي مەكتەپكىمۇ چىقتىم .كۆپىنچە چاغلاردا يەنە شۇنداق باھانىلەر بىلەن ئۆزۈمنى بەزلەپ يۈردۈم. بۇرۇن ۋاقىت چىقىرىپ كىتاب ئوقۇغان بولسام ،ئەمدىلىكتە ۋاقتىم چىققاندا ئوقۇيدىغان بولدۇم .لىكىن كۆپ ھاللاردا< ۋاقتىم چىقماي >قالاتتى.باشقا ساۋاقداشلىرىمغا ئوخشاش، <خۇشاللىق> نى كىتابتىن ئىزدىمەي ،ئاخىرى چىقماس كىنولاردىن ،تىلىۋىزىيە تىياتىرلىرىدىن ۋە ئۇنۋېرسال سەنئەت پىروگىراممىلىرىدىن ئىزدەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم. شۇقېتىم قانچىلىك كىتاب ئوقۇغىنىمنى ،قىسقىسى كىتاب ئوقۇدۇم دىگۈدەك كىتاب ئوقۇمىغانلىقىمنى ئېيتالماي،ئاسمان يىراق يەر قاتتىق بولغاندىن كىيىن بېلىمنى باغلاپ چوقۇم ۋاقىت چىقىرىپ كىتاب ئوقۇشنى باشلىۋەتتىم.(بەلكىم قانچىلىك كىنو كۆردىڭىز دەپ سورىغان بولسا ،<قانائەتلىنەرلىك>جاۋاپ بېرىۋەتكەن بولار ئىدىم )ئەمما ئىشنىڭ بېشى سەل تەس بولدى. تولۇقسىزداتوختاپ قالغان سەۋىيەم بىلەن بەزى سۆزلەرنىڭ ھەتتا بىرقىسىم جۈملىلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلمەي قىينالدىم .بىر كۈنى مۇنداق بىر جۈملىنى ئۇچرىتىپ قالدىم <لالمائىتلار ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى تىتما-تالاڭ قىلىۋىتەتتى>. "ۋۇجۇد" دېگەن سۆزنى ئىزچىل <روھ>دەپ چۈشىنەتتىم ،ئەمما بۇيەردە بۇ چۈشەنچە ئېنىقلا ماس كەلمەيتتى. تىلفۇنۇمدىكى لۇغەتتىن ئاختۇرۇپ بىلدىمكى "ۋۇجۇد "سۆزىنىڭ مەنىسى <ئادەمنىڭ پۈتۈن بارلىقى ، جېنى ھەم تېنى ، جىسمى ، گەۋدىسى > ئىكەن.شۇندىلا ئۆزۈمنىڭ ئانا تىل ئەدەبىيات سەۋىيەمنىڭ قايسى دەرىجىگە بېرىپ قالغانلىقىنى چوڭقۇرھېس قىلدىم،ئىچىم ئاچچىق بولدى ... ئەگەر <ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب ئوقۇش يىلىدا قانچىلىك كىتاب ئوقۇدىڭىز ؟> دېگەن سۇئالغا جاۋاپ بېرەلمەي خىجىللىقتا قالمىغان بولسام ،يەنە قاچانغىچە مۇشۇنداق ئۆزۈمنى ئالداپ،روھىمنى قۇرغاقشىتىپ ئۆتەر بولغىدىم ھە؟ خۇشاللىنارلىقى، يېقىنقى بىرنەچچە ئاي كىتاب ئوقۇش جەريانىدا بالىلىقىمدىكى قىزغىنلىقىمنىڭ ئاز بىر قىسمىنى تاپقاندەك قىلدىم. كېچىكىپ بولسىمۇ ئەقلىمنى تاپقىنىمغا شۈكۈر! (مېنى شۇ سۇئالى بىلەن غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغاتقان دوستۇمغا چەكسىز مىننەتتارلىقىمنى بىلدۈرىمەن ) [قەلەم قۇۋىتىم ناھايىتى چەكلىك ،يازغانلىرىم سىلەرگە لايىق بولمىسىمۇ ،كىتاب ئوقۇش يىلىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ ،سىلەر بىلەن ئورتاقلىشاي دېگەن مەقسەتتە بۇ ئەرزىمەس يازمىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.تەكلىپ –پىكرىڭلارنى ئايىماسلىقىڭلارنى ئۈمىدقىلىمەن2015.12.17]
|