قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1816|ئىنكاس: 2

سىز ساخاۋەتچىلىكنى قانچىلىك خاتا چۈشەندىڭىز؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

18

دوست

3022

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   34.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48758
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 892
توردىكى ۋاقتى: 104
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-17 17:22:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ساخاۋەتچىلىكنى قانچىلىك خاتا چۈشەندىڭىز؟

تەرجىمان: زۆرگۈل توختى
تەھرىر: ئىسكەندەر جېلىل
ساخاۋەتچىلەر يۇقىرى ئىش ھەققى ئالسا بولمايدۇ، ساخاۋەت دېگەنلىك جاپا-مۇشەققەت بەدىلىگە ھېسداشلىقنى قولغا كەلتۈرۈش، ساخاۋەتچلىكتە بالىلار ھامان ياردەمگە ئېرىشكۈچى، ساخاۋەتچىلىك تاۋارلىشىشقا قاراپ ماڭسا بولمايدۇ ....بىراق بىلمىسىڭىز كېرەك، ھازىر نۇرغۇن ئادەملەر مۇنەۋۋەر ساخاۋەت خادىملىرىنى يۇقىرى ئىش ھەقىقىي ئېلىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارايدۇ، ساخاۋەتچىلىككە بارغانسېرى  ئادەمنىڭ زوقى كېلىدىغان بولۇپ كەتتى. جۇڭگودا ئۆسمۈرلەر قاتناشقان دەسلەپكى خەير-ساخاۋەت فوندى "زەررىچە مېھىرمۇ ئىللىق" (小爱也温暖) ساخاۋەت فوندى قۇرۇلدى، خەلقئارادا خەير- ساخاۋەت قەرز چېكى بازارغا سېلىندى ....ساخاۋەت كىشىلەرگە نىسبەتەن ھەممىلا جايدا ئۇچرايدىغان لېكىن ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدىغان، بىلىدىغىنىدىن خاتا چۈشەنچىلىرى كۆپ ساھە. بىز مەخسۇس داڭلىق ئون نەپەر ساخاۋەتچى ۋە ساخاۋەت تەتقىقاتچىلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ جامائەتچىلىكنىڭ ساخاۋەتچىلىككە بولغان خاتا تونۇشلىرى ھەققىدىكى بايانلىرىنى ئاڭلاپ باقتۇق، بۇلاردىن سىزنىڭ ساخاۋەتچىلىكنى قانچىلىك دەرىجىدە خاتا چۈشىنىۋالغانلىقىڭىزنى بىلىپ قالىسىز.  

بىرىنچى خاتا قاراش : ساخاۋەتچى = تۆۋەن ئىش ھەققى
مۇنەۋۋەر ساخاۋەت خادىملىرى يۇقىرى ئىش ھەققى ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. (دېڭ فىي) "سۇمۇرغ ھەپتلىك ژۇرنىلى "نىڭ داڭلىق مۇخبىرى، "ھەقسىز چۈشلۈك تاماق "تۈرىنىڭ باشلىغۇچىسى .
كۆپچىلىك ياخشى ئىش قىلىپ ئىسمىنى قالدۇرۇپ قۇيۇشنى قوبۇل قىلالايدۇ، ساخاۋەت خادىملىرىنىڭ كاماندىروپكىغا چىققاندا كارىۋاتلىق ئورۇندا ئولتۇرۇشنى قوبۇل قىلالايدۇ، ساخاۋەت خادىملىرىغا مائاش بېرىشنىمۇ قوبۇل قىلالايدۇ، بىراق ساخاۋەت خادىملىرىغا بىر قەدەر يۇقىرى مائاش بېرىشنى قوبۇل قىلالمايدۇ. مېنىڭ بىلىشىمچە ساخاۋەت ساھەسىدە بىر قەدەر ئومۇملاشقان ئىش ھەققى ئاران تۆت مىڭدىن ئاشىدۇ، بۇ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققىگە يېقىنلا كېلىدۇ، مېنىڭچە بۇ توغرا ئەمەس، ساخاۋەت ساھەسىنىڭ ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى ھەرقانداق بىر كارخانىڭكىدىن كەم ئەمەس. ساخاۋەتچىلىك كىيىن ئاستا-ئاستا كەسىپلىشىشكە ۋە مۈلۈكلىشىشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ، مەن ساخاۋەتچىلكنى كەلگۈسى جۇڭگودىكى ئەڭ قىممىتى بار كەسىپ بولۇپ قالىدۇ دەپ قارايمەن.

ئىككىنچى خاتا قاراش: ساخاۋەت خادىملىرى ئالىيجاناب بولۇشى كېرەك .
ئالىيجاناب بولۇش تەلىپى ساخاۋەتچىلىكنى ۋەيران قىلسا بولمايدۇ. (ۋاڭ كەي) مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىقتىساد تۇرمۇش قانىلىنىڭ رىياسەتچىسى، "مېھىر ئىشكاپى" تۈرىنىڭ باشلىغۇچىسى .
باشقىلار ھازىرمۇ ساخاۋەتچىلىك دېگەن ئۇقۇمنى جاپا-مۇشەققەت تارتىش بىلەن ئوخشاش مەنىدە دەپ قارايدۇ، بىراق مەن ساخاۋەت بىلەن شۇغۇللىدىغانلار ياخشى ياشىشى كېرەك دېگەننى تەكىتلەيمەن. "مۇھاكىمە ۋە بايان " دا مۇنداق بىر ھېكايە بايان قىلىنغان، لۇ دۆلىتىدە  ئەگەر كىم لۇ دۆلىتىنىڭ بىر قۇلىنى قۇتقۇزۇۋالسا ھۆكۈمەت پۇل بېرىدىغانلىقى توغرىلىق ئېلان چىقىرىلغان، بىراق كۇڭزىنىڭ شاگىرتى زىگۇڭ مەن بۇنىڭغا پۇل ئالمايمەن دېگەندە كۇڭزى ئۇنىڭغا قاتتىق كايىپ كەتكەن، بۇ ئىشنى قىلىشتىكى مەقسەت نېمە؟ ئادەم قۇتقۇزۇشمۇ؟ سەن ئادەم قۇتقۇزۇپ پۇل ئالمىساڭ باشقا ئادەم قۇتقۇزغانلارغا مۇنداق ئىككى باش قېتىنچىلىقى ئېلىپ كېلىسەن، بىرى مەن پۇل ئالدىم بىراق زىگۇڭ ئالمىدى، بۇنىڭدا زىگۇڭ ئالىيجاناب ئەكسىچە مەن ئەخلاقسىزدەك تەسىر بېرىمەن، يەنە بىرى  ئەگەر مەن زىگۇڭغا ئوخشاش پۇل ئالمىسام ياخشى ئىش قىلىمەن دەپ ۋاقىت، ئىقتىساد، زېھنىمنى قۇربان قىلىشىم كېرەك، ئۇنداقتا زىگۇڭغا ئوخشاش قىلالايدىغاندىن قانچىسى چىقىدۇ. ئاقىۋەت بۇ ئىشنى قىلىدىغانغا ئادەم چىقمايدۇ، ناھايىتى ياخشى بىر ساخاۋەت ئىشىنى زىگۇڭنىڭ ئالىيجاناب پەزىلىتى ۋەيران قىلدى دېگەن گەپ.

ئۈچىنچى خاتا قاراش : ساخاۋەتچىلىك = مۇشەققەت + ھېسداشلىق
ساخاۋەتنىڭ ئاپتاپتەك ئىللىق تەرىپىمۇ بار. ( تۈكلۈك قۇرۇت) (ئەسلى ئىسمى خوشاۋشۆ، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۆسمۈرلەر قانىلىنىڭ رىياسەتچىسى، كىچىك دوستلار ئۇنى "تۈكلۈك قۇرۇت ئاكا" دەپ ئاتايدۇ، جۇڭگو نامراتلارنى يۆلەش فوندى "زەررىچە مۇھەببەتمۇ ئىللىق "فوندىنىڭ ئاساسلىق قۇرغۇچىسى
كۆپچىلىك ساخاۋەتچىلىكنى تىلغا ئالسىلا، يادىغا جاپا-مۇشەققەت بىلەن ھېسداشلىق كېلىدۇ، ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي ئۇنداقمۇ ئەمەس .
كۆپلىگەن تەتقىقاتلار ئورتاق بەھرىلىنىش ۋە باشقىلارغا ياردەم بېرىشنىڭ ئادەمگە بىر خىل بەخت تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان، ئۇزۇن مۇددەت ساخاۋەت بىلەن شۇغۇللانغان كىشىنىڭ بەدىنى ساغلام بولىدۇ، تۇرمۇشتىن رازى بولۇش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ... ھازىر جەمئىيەتتە نۇرغۇن كۈن نۇرى تىپلىق تەشكىلاتلار تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. مەسىلەن :"زەررىچە مېھىرمۇ ئىللىق "فوندى كىچىك دوستلارنى ئويۇنچۇق ئىئانە قىلىش، ئايدا ئازراق ئىئانە قىلىشقا چاقىرىق قىلىدۇ، شۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئورتاق بەھرىلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ خەي-ساخاۋەت ئىستىكىنى ئويغىتىدۇ. مەسىلەن: پىيادە ماڭغۇچىلار گۇرۇپپىسى، يەنى  پەقەت ئۇلارنىڭ پىيادە مېڭىش پائالىيىتىگە قاتناشسىلا  ياردەم بەرگۈچى ئورۇن ئون يۈەن چىقىرىپ ئاياغ ئېلىپ بېرىدۇ، بۇ ساخاۋەت بىلەن ساغلاملىقنىڭ ئۆز-ئارا باغلىنىشى... ئۇنىڭدىن باشقا ساخاۋەتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەندىمۇ بۇرۇن نۇرغۇن خاتا قاراش بولغان ئىكەن، مەسىلەن: مەن بۇرۇن پەقەت قىزغىنلىق بولسىلا كۇپايە دەپ ئويلاپتىكەنمەن، ھازىر يەنە كەسىپچانلىق بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندىم، بۇ ئىشنى قىلغانسېرى ساخاۋەتنىڭ مېھىر-مۇھەببەت بىلەن باشلانسىمۇ بىراق چىدامچانلىق ۋە ئىجادىيلىق بىلەنلا داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتىم.

تۆتىنچى خاتا قاراش: ساخاۋەتچىلىكنى پەقەت چوڭلارلا قىلىدۇ .
بالىلارغا مېھىر-مۇھەببەت ئۇرۇقلىرىنى چېچىش تېخىمۇ مۇھىم. ( دۇمىڭ خۇي) ئەن جې شىركىتىنىڭ لىدىرى، جۇڭگو نامراتلارنى يۆلەش فوندى "زەررىچە مېھىرمۇ ئىللىق فوندى" نىڭ كېڭەش باشلىقى ، ئاساسلىق قۇرغۇچىسى.
نۇرغۇن كىشىلەر ساخاۋەتچىلىك چوڭلارنىڭ ئىشى، بالىلار بولسا ياردەم بېرىش ئوبيېكتى دەپ قارايدۇ. بىراق ساخاۋەتچىلىك چوڭلارلا ئەمەس، بالىلارمۇ ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشسا بولىدىغان بىر سۇپا. بولۇپمۇ جۇڭگودا شۇنداق، بىز بالىلارنى ساخاۋەت پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇپ تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى ئۆگىتىشىمىز، ساخاۋەت ئىستىكىنى ئويغىتىشىمىز لازىم.  مەسىلەن: 2014-يىلى بېجىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىجدىمايى پەن ئەليۇئەلاسى يۈەن سۈن ئەسلى ئايدا ئىئانە قىلغۇچى بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە ساخاۋەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشنىڭ پايدىسى كۆپ ئىكەن. "زەررىچە مېھىرمۇ ئىللىق" گۇرۇپپىسىنىڭ ئويۇنچۇق ئىئانە قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشقان نۇرغۇن بالىلار بۇنىڭدىن كىيىن باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى ۋە تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يېقىندا فوندى جەمئىيىتىمىز خەنچەن ئەنچر بالىلار باغچىسىدا بىر مېھىر مۇھەببەت ئەمەلىيەت بازىسى قۇردى، ئويۇنچۇق ئىئانە قىلىشتىن باشقا بالىلار يەنە ئۇيۇنچۇقلارنى تازلاش، ئوراش دېگەندەك ئىش باسقۇچلىرىغىچە قاتنىشىدۇ، تېخى ئويۇنچۇقلارنى ئۆز قۇلى نامرات رايونلارغا يەتكۈزۈپ بېرىش پۇرسىتىمۇ بار، مېھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلىش بەك مۇھىم، مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئۇرۇقلىرىنى يېتىشتۈرۈش تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك.

بەشىنچى خاتا قاراش : ساخاۋەت تەشۋىقاتى بىر ئاشۇرۇۋېتىلگەن تەشۋىقات
تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ساخاۋەت خادىملىرىنىڭ مەجبۇرىيىتى. (ۋاڭ گوچى) جۇڭگو ئۆسمۈرلەر گېزىتى تەشۋىقات  پىلانلاش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر فوندى مەكتەپ مەدەنىيىتى مەخسۇس تۈر فوندىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى.
ھازىر ھەممىسى ساخاۋەتنى بىلسىمۇ، بىراق بۇنىڭغا گۇمان بىلەن قاراپ ساخاۋەتچىلىكتە شەكىلۋازلىق ئۇنىڭ مەزمۇنىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ دەپ قارايدۇ. مەسىلەن: مۇز چېلەك ئويۇنى بۇنىڭ مىسالى. ئەمەلىيەتتە بۇ كۆپچىلىكنىڭ ساخاۋەتچىلىك بولغان خاتا چۈشەنچىسى، جۇڭگو مەدەنىيىتىدە ياخشى ئىش قىلغانلار نام شەرىپىنى قالدۇرمايدۇ، بىراق ھازىرقى زامان ساخاۋەت خادىملىرىنىڭ باشقىلارغا ياردەم قىلىپلا قالماستىن باشقىلارنىڭمۇ ساخاۋەتكە قاتنىشىشقا چاقىرىق قىلىش، ئاجىز توپلارغا كۆڭۈل بۆلۈش مەجبۇرىيىتى بار. ساخاۋەتچىلىك ئەمەلىيەتتە بىر قوپۇرۇپ چىقىلىدىغان سۇپا، كىشىلەرنى بۇنىڭغا قاتناشتۇرۇش، تەشۋىق قىلىش ساخاۋەتچىلىكنىڭ مۇھىم بىر قىسمى.  

ئالتىنچى خاتا قاراش : ساخاۋەتچىلىكتە ئوبوروت، يەنى نەرسە- كېرەكلەرنى توشۇش مەۋجۇت بولمايدۇ .
ساخاۋەتتىكى ھەر قانداق ماددىي ئەشيا ئادەم توشۇيدۇ، بۇلار ئەشيا ئوبوروتى بولىدۇ. (ۋاڭ شىياخو). ئالى بابانىڭ سابىق مۇئاۋىن لىدىرى، جۇڭگو ساخاۋەتچىلىك ئەشيا ئوبوروت ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرغۇچىسى.
نەرسە-كېرەك ئىئانە قىلىش باشقىلارنىڭ ئەڭ ئاسان يادىغا يىتىدىغان بىر ساخاۋەت تۈرى، بىراق ئىئانە قىلغان كىشى ئۇنىڭ توشۇش ھەققىنىمۇ قوشۇپ بەرمەيدۇ . تەبىئىيكى ئۇلار مەن ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلغان تۇرسام ئەمدى ئۇنىڭ توشۇش پۇلىنىمۇ بېرەمدىم دەپ ئويلايدۇ، بۇ نۇرغۇن ئادەملەردە بولىدىغان روھى ھالەت. بىراق ساخاۋەتنى ھەقىقىي چۈشىنىدىغان ئادەم ئىئانە قىلىنغان بۇيۇملارغا كېتىدىغان تەننەرخىنىڭ كۆپ قىسمى توشۇشقا كېتىدىغانلىقىنى، ھەتتا بەزىلىرىگە  يېڭىنى سېىتىۋالغاندىنمۇ ئارتۇق چىقىم قىلىنىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئاپەت يۈز بەرگەن چاغلاردا ساخاۋەت سېپىگە ۋاقىتلىق قوشۇلغانلارنىڭ كۆپىنچىسىمۇ ئوخشاش ئويدا بولىدۇ، يەنى ئوبوروت ئەشيا شىركەتلىرى ھەقسىز توشۇپ بەرسىلا ئىش پۈتمەمدۇ دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىش ئۇنداق بولمايدۇ، ئوبوروت شىركىتى ناھايىتى چوڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ نۇرغۇن چىقىملارنى ئۈستىگە ئېلىپ بۇ ئىشنى قىلىدۇ، نۇرغۇن ۋاقىتلاردا ئاپەت رايونى چېگرىسى ھايات-مامات چېگرىسى بىلەن باراۋەر، ئۇلار جېنىنى تىكىپ قۇيۇپ مال يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ساخاۋەتچىلكنىڭ ئارقا سېپىدىكى ئەشيا ئوبوروتىنىمۇ قوللاپ قۇيۇشنىمۇ ئۈمىد قىلىمەن.  

يەتتىنچى خاتا قاراش، ساخاۋەتچىلىك =ئىئانە قىلىش
ساخاۋەتچىلىكتىمۇ يادرولۇق تەپەككۇر بولۇشى كېرەك. (گوپىڭ) ئەي مىڭ تور پەن-ېخنىكىسى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ، ساخاۋەت قەدەملىرى ئەپ دېتالى "ساخاۋەت"نىڭ قۇرغۇچىسى .
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ساخاۋەت تۈرلىرىنى قۇرۇشىغا مېھىر-مۇھەببەت سەۋەبچى بولسىمۇ، بىراق كىيىن ئۈمىدسىزلىنىپ چېكىنىدۇ. ئۇلار ساخاۋەتچىلكنىڭ كىشىلەرنىڭ ماددىي بۇيۇملارنى ئىئانە قىلىشقا چاقىرىق قىلىش بىلەن مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ قالىدۇ. ھازىر ساخاۋەت كەسپىمۇ بىزدىن يادرولۇق تەپەككۇرنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ، يەنى پىلانلىق، ئەھمىيەتلىك بولۇشى كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا قاتنىشىدىغانلار چىقىدۇ. مەن بۇرۇن "ساخاۋەت تاللا بازىرى " نى سىناپ باققان، بۇنىڭدا ھەرقايسى سۇپىلار ئىشلىتىدىغان ئېقىم مىقدارى مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن، نازارەت سۇپىسى قۇرۇپ ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنى تەمىنلىگەن ئىدىم. ئەگەر بىر تۈرنىڭ شان-شۆھرىتى ۋە ئوبرازى بولۇپ، بىراق قاتنىشىدىغان ئادەم بولمىسا "ئەيسا دېگەن ئۆلۈپتۇ، ئۆزى قوپۇپ يىغلاپتۇ " دېگەندەك ئىش ببولىدۇ شۇ. شۇڭا چوقۇم قاتنىشىش چېكىگىمۇ كۆپرەك كۈچ چىقىرىش كېرەك.

سەككىزىنچى خاتا قاراش : ساخاۋەتنى  پۇلدار ۋە زەردارلارلا قىلىدۇ.
ساخاۋەت پۇل بىلەن ئەمەس، قىممەت قارىشى بىلەن ئۆلچىنىدۇ . (ZDNET) تاراتقۇ باش تەھرىرى ، داڭلىق مىكرو بىلوگ ئاتامانى
بەزىلەر ساخاۋەت دېگەننى پۇلى بارلار قىلىدۇ دەيدۇ، نۇرغۇن يىللىق ساخاۋەت ۋە خەير-ئېھسان خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا، مەن ساخاۋەتنىڭ پۇلنىڭ ئاز كۆپلۈك مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى قىممەت قارىشى، تونۇش مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم . 12-ماي سىچۈەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئەڭ كۆپ سۈرەتكە تارتقىنى قانداقتۇر چوڭ كارخانا ياكى پۇلدار ئەمەس، بەلكى بىر ئەسكى-تۈسكى يىغىپ جان ساقلايدىغان نامرات پۇقرا. مەن بىر كىشىنى تونۇيمەن، ئۇنىڭ ئايلىق كىرىمى ئاران 2500يۈەن، بىراق ھەر ئايدا 500يۈەن چىقىرىپ سەرگەردان مۈشۈكلەرگە يېمەكلىك ئېلىپ بېرىدۇ، بەزىدە ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ مۈشۈكلەرنى تۇغماسلىق ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرىدۇ. ئەگەر ھازىر مېنىڭ يېنىمدا يۈز يۈەن پۇل بولسا مەن بۇنىڭدىن ئون يۈەننى ساخاۋەتكە ئىشلىتىشكە رازى، بۇ مېنىڭ ھازىرقى قىممەت قارىشىم، بىراق مەن بۇرۇن ساخاۋەت دېگەننى پۇلدارلا قىلىدۇ دەپ بىلەتتىم، ئوخشاشلا ساخاۋەت كەسپى تۇرمۇشنىڭ ھەربىر ھالقىسىغىچە سىڭىپ كىرىشى كېرەك، مەسىلەن: سۇ تېجەش دېگەندەك،  قانچىلىك نامرات بۆلىشىدىن قەتئىينەزەر، سۇنى تېجەپ ئىشلىتىش كېرەك، شۇنداققۇ!؟

توققۇزىنچى خاتا قاراش : ساخاۋەتچىلىك = پاراۋانلىق تولۇقلىمىسى
(ۋاڭ جىنخۇي) بېيجىڭ پېداگوگىكا ئونۋىرستىتى ساخاۋەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى
كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ساخاۋەت ۋە خەير-ئېھساننى جەمئىيەت پاراۋانلىقىنىڭ تولۇقلىمىسى دەپ قارايدۇ ، بۇنى توغرا دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ . مۇشۇ قاراشنىڭ تۈرتكىسىدە كۆپچىلىك يەنە  ساخاۋەت ۋە خەير-ئېھسان كەسپى خادىملارغا، مەبلەغگە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سېتىۋېلىشىغا ئېھتىياجلىق ئەمەس دەپ قارايدۇ.  بۇلارنىڭ ھەممىسى خاتا چۈشەنچە. پۈتۈن دۇنيادىكى ساخاۋەت ۋە خەير-ئېھساننىڭ بىر ئورتاق ئالاھىدىلىكى بار، يەنى ئىجدىمايى مۇلازىمەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا ئاساسلىق رول ئوينايدۇ. دۆلىتىمىزنى خىزمەتچىلەرنىڭ ئون پىرسەنتى ساخاۋەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، يەنى نەچچە ئون مىڭلىغان خىزمەتچىلەر ساخاۋەت ۋە خەير-ئېھسان بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى قىلىدىغان ئامېرىكا بىلەن سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگو جامائەتچىلىكىنىڭ ساخاۋەت ۋە خەير-ئېھسانغا بولغان چۈشەنچىسى، جەمئىيەتكە ئەمەلىي ئېھتىياجلىق تەرىپى ۋە ئەمىلى ئورنىنى بېكىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئامېرىكا بىلەن بولغان پەرقى يەنىلا ناھايىتى چوڭ. كەسپى خادىملارنىڭ يېتىشمەسلىكى، ساپاسى ۋە ئۇلارنىڭ تەمىنات مەسىلىسى قاتارلىقلار بىزنىڭ ھەل قىلىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرغان ئەمەلىي مەسىلىلەر. ئەگەر جامائەتچىلىكنىڭ ساخاۋەت ۋە خەير-ئېھسانغا بولغان تونۇشىنى ئۆزگەرتىمىز دەيدىكەنمىز، ساخاۋەت ۋە خەير-ئېھسان كەسپىنىڭ جەمئىيەت پاراۋانلىقىدا ئوينايدىغان ھېچ قانداق نەرسە ئورنىنى باسالمايدىغانلىقىدەك ھالقىلىق رولىنى ئېنىق بېكىتىشىمىز كېرەك . تۈرلۈك شەكىلدىكى ساخاۋەت ۋە خەير-ئېھسان پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ ساخاۋەت ۋە خەير-ئېھساننىڭ ئىجدىمايى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك .

ئونىنچى خاتا قاراش : ساخاۋەتچىلىكتە تاۋارلىشىش بولمايدۇ
خەلقئارادا ئاللىقاچان خەير-ساخاۋەت قەرز چېكى بارلىققا كەلدى .( دىڭ گوشىڭ) چىڭخۇا ئونۋىرستىتى ئاممىۋى باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، پىراففىسور.
ھازىر دۆلەت ئىچىدە ساخاۋەت تىلغا ئېلىنسا كۆپچىلىك ئۇنى سودا ۋە پايدا بىلەن چېتىلىپ قالسا بولمايدۇ دەپ قارايدۇ، بىراق باشقا دۆلەتلەردە بۇ تەشەببۇس قىلىنماقتا، ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى پەقەت باشقىلارنىڭ ئىئانىسىگە تايىنىۋالسا بولمايدۇ، بەزى ئۇسۇللار ئارقىلىق مەبلەغنى ئايلاندۇرمىسا بولمايدۇ. مىسال ئالايلى : ھىندىستاندىكى كۆز كېسەللىكلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش مەركىزى بايلارنىڭ داۋالىنىش پۇلى بىلەن نامراتلارنىڭ داۋالىنىش چىقىمىنى تۆلەيدۇ ھەم دوختۇرخانىنى نورمال يۈرگۈزىدۇ، بۇ ئۇسۇل ساخاۋەت كەسپىنى ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان كىرىم مەنبەسىگە ئىگە قىلىپ، تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتەلەيدۇ، تېخىمۇ كۆپ نامراتلارغا ياردەم قىلالايدۇ. بۇلا ئەمەس ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى يەنە يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىشى كېرەك.  بىر خىل سودا ئەندىزىسىگە ئوخشاش ئۆز كۈچىنى ئاشۇرسا،  كېڭەيسە  ۋە كەڭ  تارقالسا بولىدۇ. مەسىلەن: تەيۋەندىكى  گومۇش بالىلار چاي ۋە كۆك تاماكا قاقلاپ قۇرۇتۇش دۇكىنىنىڭ ئوتتۇز نەچچە زەنجىرسىمان دۇكىنى بار بولۇپ، يىللىق كىرىمى بەش يۈز مىليون تەيۋەن پۇلىغا يىتىدۇ، بۇلار ھەم نۇرغۇن گومۇش بالىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان. يەنە مەسىلەن: مېيىپلار گۇرۇھى، بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئەندىزە. يەنە كېلىپ خەلقئارادا ھازىر خەير-ساخاۋەت قەرز چېكى بارلىققا كەلدى، Scope ئەنگىلىيىدىكى مېيىپلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان چوڭ تىپتىكى ساخاۋەت تەشكىلاتى بولۇپ، 2011-يىلدىن 2012-يىلغىچە ئۇلار ئۈچ يىللىق مۇددەت بىلەن قەرز چېكى تارقىتىپ 2مىليون فونتىستىرلىڭ مەبلەغ توپلىدى.


يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى تەڭ تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەرجىمە قىلدى

uyghuray

0

تېما

1

دوست

4106

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   70.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27394
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1300
توردىكى ۋاقتى: 154
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-17 22:24:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساخاۋەتنىڭ گېپىكەن ،تېما ئوقۇشتىن بۇرۇن ئىپادە بىلدۈرۈپ قويسام ،مەن موشۇ ئۆزۈمدىن باشقا ئون ئادەمنى باقالىغدەك بولغاندا ئاندىن ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئويلىشىمەن

0

تېما

0

دوست

143

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   47.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  50870
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 46
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-18 12:46:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
karakhan07 يوللىغان ۋاقتى  2015-12-17 22:24
ساخاۋەتنىڭ گېپىكەن ،تېما ئوقۇشتىن بۇرۇن ئىپادە بىلدۈر ...

سەۋەبىنى بىلىشكە بولامدىكىن ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )