قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 4583|ئىنكاس: 57

ئۇيغۇر يىگىتى چىقمىغان قىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

18

دوست

3022

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   34.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48758
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 892
توردىكى ۋاقتى: 104
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-17 21:07:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر يىگىتى چىقمىغان قىز

مەن ئادەتتە باشقىلار بىلەن سۆھبەتلىشىشنى خالاپ كەتمەيدىغان ئۆز كەسپىم ۋە ئۈگۈنۇش،ئاللاھ قا سىغىنىش بىلەن ئالدىراش يۇرۇيدىغان بىر قىز . باشقىلارنىڭ شەخسى تۇرمۇشى ۋە ئىش - ھەركەتلىرىگە ئانچە قىزقىپ كەتمەيمەن.لىكىن نەچچە كۈن ئالدىدىكى ئەھۋال باشقىچە بولدى.بۇ قىتىمقى تاساددىبى ئۇچۇرشۇش ۋە سۆھبەت كۆڭلۈمنى غەش قىلىپ ئويچان قىلىپ قويدى.   
خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىدىكى بىر شەھەردىن يەنە بىر شەھەرگە بېرش پۇرسىتى كىلىپ قالدى. چالا- پۇلا تەييارلىق قىلىپ ئايدۇرۇمغا يۈرۈپ كەتتىم. باشقا ۋاقىتلارغا ئوخشاشلا بۇ قىتىمقى يولوچىلار نۆۋىتى 2 سائەت كېچىكتۇرۇلدى.بارلىق يولوچىلار كۈتۈپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇق.  سائەت ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزمەسلىك ۋە خالىراق بىر ئورۇن تېپىپ ئولتۇرۇش ئۈچۈن ئالاھىدە مېھمانلارنى كۈتۈش ئورنىغا كىرىپ ئولتۇردۇم . بىر نەچچە خەنزۇ قېرىنداش ۋە بىر نەچچە چەتئەللىك مېھمانلار جىمجىت ئولتۇرشاتتى . مەنمۇ كۆپچىلىك بىلەن بىرگە ئولتۇرپ قارشى تەرەپ بىلەن تۈزۈش ئۇچۇن ئالدىن تەييارلاپ قويغان توختام ماتىرىيالىنى كۆرگەچ ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرغان بىر جۈپ چەتئەللىكە كۆزۈمنىڭ ئۇچىدا قاراپ قويدۇم . ئاق پىشماق ، ئىگىز كەلگەن يىگىت بىلەن ھەقىقى ئىسلام ئاياللىرىغا خاس كيىنگەن گەرچە بەزى بىر قىزلارغا ئوخشاش قېنىق گىرىم قىلمىغان بولسىمۇ چىرايلىق قىلىپ ئارتۋالغان ھىجاب قىزنىڭ ھۆسنىگە ھۆسۈن قوشقان ئىدى . پەرزىم بويىچە ئەرەب قىزى بولشى مۇمكىن دەپ ئويلىدىم . توساتتىن سىڭلىمدىن كەلگەن تېلفۇن جىمجىتلىقنى بۇزدى . تېلفۇننى ئېلىپ بوش ئاۋازدا «سىزگە كېين تېلفۇن قىلاي» دەپ تېلغۇننى ئېتىپ تۇرشۇمغا ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرغان قىز چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئالدىمغا كەلدى .     
__سىزمۇ ئۇيغۇرمۇ ؟ كىينىشىڭىزگە قاراپ سىزنى ئەرەبمىكىن دەپتىمەن__ دىدى قىز.   
__سىزنىڭ كيىنىشىڭىزدىن مەنمۇ شۇنداق پەرەز قىلغان ئىدىم__دىدىم مەن .   
قىز يېنىمدىكى بوش ئورۇننى كۆرسۈتۇپ تۇرۇپ: ئولتۇرسام بولامدۇ __دىدى .   
__خالىسىڭىز ئولتۇرۇڭ__دەپ ئىشارەت قىلىپ قويۇپ يەنە ماتىرىيال كۆرۈشنى داۋاملاشتۇردۇم . قىز بىرئاز جىم ئولتۇرغاندىن كېيىن:   
__ئالدىراش ئوخشىمامسىز__دەپ سوردى.«شۇنداق» دىمەكچى بولۇپ قىزغا قاردىم-يۇ دىمەكچى بولغىنىمنى يۇتۇپ سالدىم -ياق مۇنداقلا كۆرۋاتىمەن - قىزنىڭ چىرايغا كۈلكە يۈگۈردى .   
-سىز بىلەن پاراڭلاشقۇم كېلۋاتىدۇ -دەپ جاۋابىمنى كۈتتى. ماتىرىيالىمنى يۇغۇشتۇرغاچ «بولدۇ» دەپ جاۋاب بەردىم . قىز ئۆزى ۋە يېنىدىكى چەتئەللىك يىگىت A نى بىر قۇر تونۇشتۇردى . مۇسۇلماندارچىلىق يۈزسىدىن (نىڭ چۇشۇنۇش قولايلىق بولسۇن ئۇچۇن) ئەرەب تىلدا ھال - ئەھۋال سوراشتۇق . قىز ئۇلاپلا   
- پات ئاردا توي قىلماقچى بولۋاتىمىز -دىدى . ھىچقانداق ئىنكاس قايتۇرمۇدۇم . قىز بىلەن قەيەرلىك ئىكەنلىكىمىز، نىمە ئىش قىلدىغانلىقىمىز توغرسىدا بىر ئاز چۈشۈنۇش ھاسىل قىلىشقاندىن كيىن چەتئەللك يىگىت A سىرتنى ئايلىنىپ كىرىشنى باھانە قىلىپ چىقىپ كەتتى . قىز ماڭا قاراپ - نىمە دەپ چەتئەللىىك بىلەن توي قىلماقچى بولغاندۇ دەپ قالدىڭىز ھەقاچان - دەپ سوردى . جاۋابىغا يىنىك كۈلۈپ قويدۇم . دىمىسىمۇ شۇنداق سۇئال كاللامدىن ئۆتكەن ئىدى . قىز كەچۇرمىشىنى سۆزلەشكە باشلىدى .
__مەن بىر يولدىن ئازغان قىز ئىدىم . بىز دېھقان كىشى ، دىمىسەممۇ ئاز ساندىكى دېھقانلارنىڭ باياشات تۇرمۇشىنى ھىساپقا ئالمىغاندا نۇرغۇنلىرىنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بار . ئائىلىمىزنىڭ شارائىتى ياخشى بولمىسىمۇ ئاتا - ئانام نۇرغۇن جاپا مۇشەققەتتە سىڭلىم ۋە مېنى ئالي مەكتەپكىچە ئوقۇتتى . ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىزمەت تېپىش بەك قىيىنغا چۈشتى ، خىزمەت ئىزدەپ سەرسان بولۇپ يۈرگەن كۇنلەرنىڭ بىردە يىراق بىر تونۇشۇم تاغىسىنىڭ ئىچكىردىكى شىركىتىگە خىزمەتچى كېرەك ئىكەنلىكىنى ، مۇئاشىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىېيتىپ تېلفۇن ئارقىلىق تاغىسى بىلەن ئۇچراشتۇردى .   
تۇرسۇن (ئۆزگەرتىلدى) ئاكا سۆزلىرىدىن ناھايىتى مۇلايم ، ئاقكۆڭۇل كىشىدەك قىلىپ تۇراتتى .   
-مېنىڭ ئايالىم ۋە باللىرىممۇ مۇشۇ يەردە تۇردۇ. كەلسىڭىز شۇلار بىلەن بىرگە تۇرسىز ھەرگىز قىيلىنىپ قالمايسىز.ئۆز قىزىمنىڭ ئورنىدا كۆرمەن...دىگەندەك بىر تالاي ياغلىما گەپلەر بىلەن مېنى قايىل قىلدى . ساددا ئاتا-ئانامنى مەن قايىل قىلدىم.ئۇلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ ئىچكىرگە كەلدىم . باشتا بىر نەچچە كۈن ھەقىقەتەن بەكلا كۆڭۈل بۆلدى . ھەپتە ئۆتكەندىن كيىن تۇرسۇندىن قاچان ئىشقا چۈشىمەن دەپ سوردۇم ، تۇرسۇن تەلەتىنى بۇزۇپ ئالدىرماي تۇر ئاز قالدى دىگىنىچە ئىشىكنى قاتتىق يېپىپ چىقىپ كەتتى . ئەتسىدىن باشلاپ تۇرسۇن ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ پوزۇتسىيەسى ئۆزگەردى.بىركۇنى ۋىجىككىنە كەلگەن،چىرايىنى تەسۋىرلگۇسىز سەت بىر يولداشنى باشلاپ كىرىپ سەن مۇشنىڭ شىركىتىدە ئىشلەيسەن ، ھازىر ئاپرىپ تۇردىغان ئورنىڭنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇ دەپ مىنى ئۇ يولداشقا قوشۇپ قويدى . بۇ كىشى مىنى ماشىنىسغا سىلىپ بارغانسىرى شەھەردىن ئۇزاپ كىتىپ باراتتى .   
-شىركىتىڭ قەيەردە ؟ - سوردۇم ئۇ كشىدىن _ئاز قالدى__دىدى ئۇ سېسىپ كەتكەن چىشلىرنى كۆرسۇتۇپ كۇلۇپ . بىر ۋاقىتلا ئۆتكەندىن كيىن ماشىنا ئىككى قەۋەتلىك بىر بىنانىڭ ئالدىدا توختىدى . * -ئىشىخانا ئىككىنچى قەۋەتتە -دىدى. مەن كەينىمگە بىرنەچچە قەدەم يىنىپ:
-ياق ، مەن بۇ يەردە ئىشلمەيمەن - دىدىم . يولداش قاقاقلاپ كۇلۇپ:   
- ئىشلمەيمەن دەپ ھەددىڭ ئەمەس- دەپ ئەتىراپتا تۇرغان بىرنەچچىسىگە ئشارەت قىلدى . ئۇلار ياۋۇزلارچە ياپتۇرۇپ كىلىپ مىنى ئىككىنچى قەۋەتتىكى ئويگە ئىلىپ كىرىپ ئىشىكنى تاقاپ قويدى . ۋارقىردىم، قولۇمغا چىققان نەرسىلەرنى ئۇرۇپ چاقتىم . ... ... ياردەمدىن ھىچ بىر سادا كەلمىدى . كەچ سائەت 10لاردىن ئاشقاندا ئىككى يولدا ش كىرىپ بىلكىمدىن تۇتۇپ بىر ئوكۇل سالدى . قالغىنىنى بىلمەيمەن .   
ئەتىسى ھۇشۇمغا كىلىپ ئۆزمنىڭ پۇتۇنلەي بەربات بولغانلىقىمنى كۆردۇم . بارلىق ئاۋازىم بىلەن چۇقان سالدىم ، ساقچىغا مەلۇم قىلمەن دەپ توۋلىدۇم . ئىشىك ئىچىلىپ ھىلقى ئىككى كىشى كىردى ۋە مىنى قوي باغلىغاندەك باغلاپ ئىغىزىمنى جوبۇلاپ ماشىنغا سىلىپ يۇرۇپ كەتتى . بىر ۋاقىتلاردىن كيىن تۇرسۇننىڭ ئورلتۇراق رايۇنغا ئەكىلىپ تاشلىدى ۋە تۇرسۇنغا :   
--مانا بۇ قالدى پۇل- دەپ بىر تۇتام پۇلنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ چىقىپ كىتىشتى . تۇرسۇن ئاكىغا دەرت ئىتتىم ، يىغلىدىم، يىلىندىم ئۇنڭغا ھىچنەرسە كار بولمىدى . ئۆزۇمنى ئۆلتۇرۋالماقچى بولۇپ دورا يەۋالدىم، تومۇرۇمنى كىسۋالدىم . «قىز چاپىنىنىڭ يىڭىنى ئۇستىگە كۆرۇتۇپ بىلكىنى كۆرسەتتى» .   
- ئەجەل كەلمىگن كىشى ئۆلمەن دەپمۇ ئۆلەلمەيدىكەن ھەدە دىدى چۇڭقۇر تىنىپ . -ئادەم ئۆلتۇرمەيدىغان تاياق، دەپسەندە قىلش، تەھدىد سىلىشلار مىنى تەقدىرگە تەن بەرگۇزگەن ئىدى . بىركۇنى تۇرسۇن ئەگەر باشقىلارغا ھەمراھ بولمىساڭ، دىبا ، رىستۇرانلاردە ئۇسۇل ئوينا - ئىككىسىنىڭ بىرسىنى تاللا- دەپ چىقىپ كەتتى . خەنزۇ، ئۇيغۇر ، چەتئەللىك ھەتتاكى قارا تەنلىكلەرگە ھەمراھ بولۇشقا مەجبۇرلاپ تۇراتتى . ئۇلارغا ھەمراھ بولغاندىن ئۇسۇل ئوينىغىنىم ياخشىراق ئىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇسۇلچى بولدۇم . ھەپتە بىر دىبادا ئۇسۇل ئويناتسا ، ھەپتە تۇرۇك ۋە ئەرەبلەرنىڭ رىستۇرانلاردا ئۇسۇل ئويناتقۇزدى 2006- يىلى 9 ئاينىڭ مەلۇم بىر كۇنى چەتئەل رىستۇرانىغا ئۇسۇل ئويناشقا ئىلىپ كىلىندىم . تۇرسۇن ھەرقىتىم بىرگە كىلەتتى ياكى بىرەرسىنى ئەۋەتىپ رىستۇراندىن ئاخىرلاشقۇچە ساقلاپ تۇراتتى . شۇ كۇنى ئاخىر مەيدان ئۇسۇلنى ئويناپ بولغاندىن كيىن رىستۇران خوجايىنى كىلپ 9-ئۇستەلدىكى مىھماننىڭ سىزگە كۆڭلى بار ئىكەن(پۇلنى دىمەكچى). دىدى(خەنزۇتىلىنى ياخشى سۆزلەيدۇ) مەن تۇرسۇننىڭ رخسىتىسىز باشقىلار بىلەن بىرگە تۇرالمايمەن دەپ رەت قىلدىم . خوجايىن تۇرسۇننىڭ قىشىغا بىرىپ بىرئاز كۇسۇرلاشقاندىن كىين تۇرسۇن ماڭا قاراپ ئۇستەلنى ئىشارەت قىلدى. چەتئەللىك يىگىت A راۋان بولغان خەنزۇ تىلدا .   
`-سزنى جۇڭگۇلۇق دەپ ئاڭلىدىم ، لىكىن سىز باشقا خەنزۇلارغا ئوخشىمايدىكەنسىز دىدى . . -مەن شنىجاڭدىن- دىدىم بىشىمنى تۆۋەن سىلىپ . شىنجاڭنىڭ نامىنى ئاڭلاپ :   
-ئۇلار مۇسۇلمان قىرىنداشلارغۇ ؟ دەپ سوردى . يۇزۇم قىزىرىپ ئوت چىقىپ كەتتى . -شۇنداق دىدىم توۋەن ئاۋازدا .
نىمە دەپ بۇ كەسىپنى ..... ؟ قورقۇنۇش بىلەن ئەتىراپقا قاراشلىرىمدىن ھەيران قالغان -بىرەرسى سىزنى كۇزتىۋاتامدۇ ئەجەب ھودۇقۇپ كىتۋاتىسىزغۇ ؟ -بۇ يەردە سىزگە تەپسىلاتنى چۇشەندۇرۇش ئەپسىز دىدىم.   
A رىستۇران خوجايىنىنى چاقىرىپ ئۆز تىلدا بىرنەرسىلەرنى دىگەندىن كيىن خوجايىن تۇرسۇن تەرەپكە يۇرۇپ كەتتى . ۋە بىر ئازدىن كيىن قايتىپ كىلىپ بىرنەرسىلەرنى دىگەندىن كيىن . A ئۇستەل ئاستىدىن بىرسىقىم پۇلنى خوجايىنغا سۇندى . ۋە ماڭا سىزنى بۇگۇن مەن بىلەن قالسۇن دىدىم . قورقىماڭ سىزگە باشقا نىيتىم يوق .سىرىتقا چىقىپ ئايرىم پاراڭلىشايلى . مەن تۇرسۇنغا قاردىم ئۇ بىز ئولتۇرغان ئۇستەلگە كىلىپ ئەتە مۇشۇ ۋاقىتتا كىلىپ ئىلىپ كىتمەن . ئۆزىڭ بىلگەننى قىلىپ يۇرمە قىچىشقا ئۇرۇنۇپ قالما ئۆزۇڭ بلسەنغۇ دەپ كۇلۇپ قويۇپ چىقىپ كەتتى . A مىنى سىرىتقا ئىلىپ چىقىپ يىقىن بولغان دۇككاندىن بىر قۇر كىيم سىتۋالدى ۋە كىيۋىلىڭ توڭلاپ قالماڭ دىدى . 9 ئايدا ئىچكىرنىڭ ھاۋاسى ئىسىق بولسىمۇ A نىڭ سۆزنىنىڭ تىگىگە يەتتىم . بىز بىر قەھۋە خانىدا ئولتۇرۇپ ئۇزاق پاراڭلاشتۇق . ۋاقىتمۇ بىريەرگە بىرىپ قالغان ئىدى . A خالى بىر مىھمانخاندىن ياتاق ئىلىپ مىنى ئورۇنلاشتۇرغاندىن كيىن . قالايمىغان تىلفۇن ئالماسلىقىمنى ، ئىشىكنى ئاچماسلىقىمنى مۇلازىمەتچىلەرگىمۇ ئاۋارە قىلماڭلار دەپ جىكىلگەنلىكىنى، ئەتە كىلدىغانلىقىنى ئىتىپ قايتىپ كەتتى . بۇ كىچە مەن يىنىكلەپ قالغاندەك ھىس قىلدىم . تۇرسىننىڭ تىل ئاھانىتىدىن، يامان نىيەتتە بولشىدىن... ... قۇتۇلۇپ قالغان ئىدىم .   
ئەتىسى سائەت 3 كىچە ئۇخلاپ كىتىپتىمەن . ئورنۇمدىن تۇرۇپ تەييار بولۇپ Aنىڭ قالدۇرغان نومۇرى بويىچە تىلفۇن قىلدىم . A سائەت 12 بىلەنلا مىھمانخانىغا كىلىپ تۆۋەندە ساقلاپ تۇرغان ئىكەن . يەنە تۇرسۇننىڭ قىشغا قايتىدىغان بولدۇم دەپ بىئارام بولغان ھالدا توۋەنگە چۇشتۇم A رىستۇران خوجايىنى بىلەن تۇراتتى . مىنى ناشتىلىققا تەكلىپ قىلشتى . تاماق يىگەچ A ئۆز پىلاننى ئىتتى .
مەن سىزنى بۇ كىشى (تۇرسۇن)دىن ئازات قىلاي دەيمەن ، خالىسىڭىز شىنجاڭغا قايتىسىڭىزمۇ بولدۇ . ياكى مىنىڭ شىركىتىمدە ئىشلەپ قالسىڭىزمۇ بولدۇ . ... ..تاماقتىن كيىن مەن كۆرسەتكەن ئادىرىس بويىچە تۇرسۇننىڭ تۇرالغۇسىغا كەلدۇق . تۇرسۇن چەتئەللىك مىھمانلارنى قۇۋلۇق قىلىپ كۇلۇپ قارشى ئالدى . ماڭا - كىرىپ تەييار بول دەپ ئىچكىركى ئويگە كىرگۇزىۋەتتى . بىر سائەتتىن ئاشقان سۆھبەتتىن كيىن تۇرسۇن مىنى چاقىرىپ - نەرسىلىرىڭنى يۇغۇشتۇر ، قارغاندا ماۋۇ گۇيلارنى ئوبدان رازى قىلپسەن قانجۇق دىدى مەسخرە ئارلاش كۇلۇپ . تۇرسۇندىن قۇتۇلغىنىمغا خۇشال بولۇپ نەرسىلىرىمنى ئالدىراپ يۇغۇشتۇرۇپ سىرتقا چىقتىم . تۇرسۇننىڭ سىسىق گەپلىرى يەنىلا توختىمايتى . -ساقچىغا مەلۇم قىلمەن دەپ ئاۋارە بولما ئۇلار بىلەن يقىن ئۆتمەن، ئۆزۇڭگە ئىش تىپۋالسەن.   
A قولدىكى توختام ۋە سالاھىيەت كىنىشكەمنى ماڭا سۇنۇپ، چامدانىمنى ئالدى .   
-يۇرۇڭ دەپ مىنى سىرتقا ئىلىپ ماڭدى . ماشىندا ئولتۇرۇپ قولۇمدىكى توختامنى ئاچتىم تۇرسۇن مىنى 35000 يۇەنگە ساتقان ئىدى .   
يەنى قانداق قىسمەتلەر كۇتۇپ تۇرۋاتقانلىقىنى بىلمەيتىم . A بىر ئائىلە قورۇسىنىڭ ئالدىدا توختاپ ، - ئۇدۇلدىكى بىنادا مىنىڭ ئىشخانام بار بۇ ئائىلە قورۇسىدا بىر يۇرۇش ئۆي بار سىز مۇشۇ يەردە تۇرۇڭ دەپ مىنى ئۆيگە ئورۇنلاشتۇردى ۋە ياخشى ئارام ئىلىڭ بىكار بولغاندا تىلفۇن قىلارسىز دەپ چىقىپ كەتتى .   
بىر تەرەپتىن خۇشال بولسام بىر تەرەپتىن قورقۇپ تۇراتتىم . نەچچە كۇن خۇشاللىق ۋە قورقۇش ئىچىدە ئۆتۇپ كەتتى . يەكشەنبە كۇنى ئىدى . A ئىشىك تۇۋىدە پەيدا بولدى . ئۇ ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرغاندىن كيىن قولىدىكى بولاقنى ئىچىپ ، قۇرئانى كەرىم ، ناماز ئوقۇش ئۇچۇن تەييارلانغان بىرقۇر كىيم ۋە جەيناماز ئىلىپ ماڭا سۇنغاچ -سىزگە لازىم بولدۇ دەپ ئىلىپ كەلدىم دىدى . مەن توۋەن ئاۋازدا9-قۇرئان ئوقۇشنى بىلمەيمەن   
-تاھارەت ئىلىشنى بىلەمسىز ؟   
بىلمەن.   
-قۇرئاننى پاكىز ھالەتتە تۇتمىسا بولمايدۇ . مەن كىىرىپ تەھەرەت ئىلىپ چىققاندىن كيىن A قۇرئاننى ئىچىپ بىر-بىرلەپ ھەرپلەرنى ئوقۇشنى ئۇگۇتىشكە باشلىدى . A دائىم ناماز توغۇرلۇق، قۇرئان كەرىم تورغۇرلۇق، پەيغەمبەرلەر توغۇرلۇق ئىسلام ئايالىرى توغۇرلۇق نۇرغۇن بىلىملەرنى خەنزۇ تىلدا راۋان سۆزلەپ بىرەتتى . نەچچە ئاي ئۆتۇپ كەتتى . 5 ۋاقىت ناماز ئوقۇشنى، قۇرئان ئوقۇشنى ئۇگەندىم . ئەۋرەتلىرىمنى ياپتىم، قىلغان گۇناھىلىرىم ئۇچۇن ئاللاھتىن كەچۇرۇم سورايدىغان بولدۇم . Aنىڭ قىلدىغان ئىشى پەقەت ماڭا ئىسلام توغۇرلۇق كۆپ نەرسىلەرنى ئۇگۇتۇش ئىدى . زىرىكىپ قالغان بولسىڭىز شىركىتىمگە كىرىپ ئىشلەڭ دەپ تۇراتتى ، ئايدا ئويدىكىلەرگە ئەۋەتەرسىز دەپ 2000-3000 مىڭ يۇەن بىرىپ تۇردى. رامىزانغا ئاز قالغان ۋاقىت ئىدى . A روزا ھىت ئۇچۇن دۆلىتىگە قايتىماقچى بولۋاتقانلىقىنى مىنى خالسام شىنجاڭغا يولغا سىلىپ قويدىغانلىقىنى ئىيتىپ جىم بولۇپ قالدى .   
شۇ ئەسنادا ئۆز مىللىتىمدىن بولغان تۇرسۇندەك كىشىلەرنىڭ ياۋۇزلۇقلىرى يادىمدىن كەچتى . شىنجاڭغا قانداق بارمەن؟ ئاتا - ئانامغا قانداق يۈز كىلمەن، بىرسىنىڭ نىكاھىغا ئۆتمەكچى بولسام ئۆزۇمنىڭ قىزلىق ئىپپىتىنى يوقاتقانلىقىنى قانداق چۇشەندۇرمەن ؟... ... كاللامغا مىڭلغان سۇئال كەلدى. كۆزۇم قاراڭغۇلۇشىشقا باشلىدى . بىر ئاز جىمجىتلىق سۇرگەندىن كيىن A سۆز ئاچتى .   
-قايىتقىڭىز يوقمۇ ؟ ئەگەر باشقا دۆلەتلىك يات مىللەت دىمىسىڭىز سىز بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ قالغۇم بار . دىدى توۋەنگە قاراپ .   
-لىكىن مەن ؟ ئۆتمۇشىمدىن خەۋىرىڭىز بار قانداقمۇ كۆڭلىڭىز كۆتۇردۇ؟   
-ئۆتمىشىڭىز ئۆتتى كەتتى . ئاللاھ خالىسا گۇناھىلىرىڭىزنى كەچۇرگۇسى . ھازىر سىز بىر ياخشى مۇسۇلمان قىز ، كەلگۇسىڭىزنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش خىيالىم بار .   
نىمە دىيشىمنى بىلمەيتىم . بىر مەزگىل ئۆتسۇن دەپ قويدۇم . روزا ھىتقىمۇ ئاز قالدى بىر كۇنى A ئۆزىنىڭ دۆلىتىگە قايتمايدىغانلىقىنى ئاتا - ئانىسىنىڭ جۇڭگۇغا كىلدىغانلىقىنى ئيىتى . ئاتا-ئانسى روزا ھىتقا نەچچە كۇن قالغاندا كەلدى . بىر ئاينى بىرگە ئۆتكۇزدۇق . ئۇلار مىنى ئۆز قىزىدەكلا ياخشى كۆرۇپ قالغان ئىدى . مەنمۇ ئۇلارنى بەك ھۆرمەتلەيتىم . قايتىدىغان ۋاقىت كىلىپ قالغاندا ئۇلار A ئارقىلىق مىنى كىلىن قىلۋالغۇسى بارلىقىنى ، ئاتا-ئانام بىلەن كۆرۇشۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئىيتى . ئالدىن تەييارلىقىم بولمىغاچقا ئۇلارنى توسۇپ قويدۇم . ئۇلارمۇ كەتتى . ھازىر ئاتا ئانامغا قانداق ئىتىشنى بىلمەي تۇرۇپتىمەن . ئاللاھ خالىسا ئۇلارمۇ قارشى چىقمايدۇ دەپ ئويلايمەن . دىدى قىز كۇلۇمسىرەپ تۇرۇپ .   
قىز ئۇزۇن بىر ئۇفسىرغاندىن كيىن سۆزىنى داۋام ئەتتى .   
-شىنجاڭدا چەتئەللىك بىلەن توي قىلىش رەسمىيتىنى قانداق بىجىردىغانلىقىنىمۇ بىلمەيمەن .   

-سىز بىلەمسىز ؟ دەپ سوردى ئۇنىڭ سۇئالى قانائەتلىنەرلىك جاۋابىمنى كۇتكەن بولسىمۇ . قىزنىڭ مەندىن . توسساتىن سورغان سۇئالغا تەرىمنى تۇرۇپ تۇرۇپ يىنىكلىك بىلەن جاۋاب بەردىم . -مەن قانداق بىلەي . چەتئەللىكە توي قىلىپ باقمىغان . ئۇيغۇر چقماي قالغان تەقدىردىمۇ چەتئەلگە توي قىلىش پىلانىم يوق .   
قىزنىڭ كۆزىدە ياش يۇگۇردى ، غەزەب بىلەن ماڭا تىكىلىپ تۇرۇپ :   
-شۇنداق ماڭا ئۇيغۇر چىقماي قالدى !!   
-ئوقۇش پۇتتۇردۇم ، خىزمەت تىپىش ئۇچۇن نەچچە يۈز ئىشككە دوقۇردۇم، ماڭا ئىشلەپ بەر دەيدىغان ئۇيغۇر چىقمىدى.   
-ياقا يۇرۇتتا خورلۇق تارتىم ، بىشىمنى سىلايدىغان ئۇيغۇر چىقمىدى.   
-بەدىنىم ئوچۇق كىيم كىيىپ چىقسام، سىڭلىم بۇ بىزنىڭ مىللىي كيىمىمىز ئەمەس ، مۇسۇلمان قىزىلىرى كىيدىغان نەرسە ئەمەس دەيدىغان ئۇيغۇر چىقمىدى.   
! -كىشىلەرگە ھەمراھ بولۇشقا مەجبۇرلىنىۋاتقىنىمدا مىنى قوغدايدىغان ئۇيغۇر چىقمىدى . : -ھاراق رومكىسىنى قولۇمدىن تارتىپ ئالدىغان، تۇتاشتۇرۇلغان تاماكامنى ئۆچۇردىغان ئۇيغۇر چىقمىدى .   
-يامان يولدىن قايتىپ مۇسۇلمان بولۇپسەن ، مەڭگۇلۇك جۆرە قىلاي دەيدىغان ئۇيغۇر چىقمىدى .   
-تىنىمنى سىتىشقا مەجبۇرلىغان ئۇيغۇرۇم بولدى . ھاراق رومكىسىنى قولۇمغا تۇتقۇزغان ئۇيغۇرۇم بولدى، تاماكنى تۇتاشتۇرۇپ سۇنغان ئۇيغۇرۇم بولدى . قولدىن قولغا ئۆتكۇزۇپ ئوينىغان ئۇيغۇرۇم بولدى .   
-ئىتىپ بىقىڭە : ئۆتمۇشۇمدىن خەۋەردار بولغان قايسى ئۇيغۇر يىگىتى ماڭا مەڭگۇلۇك جۆرە بولدۇ؟ بولغان تەقدىردىمۇ ھەربىر قەدەمدە پىشانەمگە قويۇپ تۇرۋالماسمۇ؟ ... ....
... ... يەنى نىمىلەرنى دىمەكچى ئىدى ، A قايتىپ كىردى . قىز دەرھال يىشىنى سۇرتۇپ Aغا كۇلۇمسىرەپ قاراپ قويدى .   
e-يۇرۇڭ ۋاقىت توشۇپ قالدى يولۇچىلار مىڭىشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ بىزمۇ چىقايلى . دىدى A. قىز ئورنىدىن تۇرۇپ :
-كەچۇرۇڭ ۋاقتىڭىزنى ئىلىپ قويدۇم . مەن ئۇيغۇر بولغانلىقىمدىن نومۇس قىلمايمەن، پەقەت بەزى بىر ناھاقچىلىككە ئىچىنىمەن . تۇرسۇنغا ئوخشاش كىشىلەردىن نەپرەتلىنىمەن . مىنىڭ چەتئەللىكە توي قىلشىم مىللىتىمنى ساتقانلىقىمدىن دىرەك بەرمەيدۇ . چەتئەلدە خان ساريىدا ياشىساممۇ ، شىنجاڭدىكى توپۇلۇق يىزا يوللىرىغا تەڭ قىلمايمەن . ماڭا كەلگەن خورلۇق باشقا شىنجاڭلىق ئاچا-سىڭىللارغا كىلىپ قالمىغاي . ئاللاھتىن يامان نىيەتلىك كىشىلەرگە ئىنساب تىلەيلى ئامان بولۇڭ . دىدى_ دە كەينىگىمۇ قارماي يۇرۇپ كەتتى .   
) «كەچۇرۇڭ كۆڭلىڭىزنى رەنجىتىپ قويدۇم » دىيىشكىمۇ ئۇلگۇرەلمەي قالدىم . قىزغا ئازاق بولسىمۇ تەسسەللي بەرمەك تۇگۇل ئۇنىڭغا قوپاللىق بىلەن بەرگەن جاۋابىم مىنى بەكلا خىجىل قىلدى .   
قىزچاق بەلكىم بۇ تىمىنى ئوقۇپ قىلشىڭىز مۇمكىن . مىنى كەچۇرۇڭ.
   
تورداشلارغا دەيدىغىنىم :   
يولدىن ئازغان ، مەجبۇرلاشقا ئۇچۇرغان قىزلارغا چىقىش يولى بىرەيلى ، ياخشى يولغا باشلايلى، ئىللىق قوينىمىزنى ئاچايلى!

uyghuray

0

تېما

0

دوست

435

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   67.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35168
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 138
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-18 12:10:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن بەك ياخشى يېزىلىپتۇ، قىز ئاياللار نىمە دىگەن ئاجىز ھە ؟ لېكىن شۇ ئاجىزلارنى قوغدايدىغان ئەركەكلىرىمىزنىڭ ھالى شۇ .

1

تېما

0

دوست

4086

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   69.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30431
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 1334
توردىكى ۋاقتى: 344
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-18 12:51:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
jawlanay يوللىغان ۋاقتى  2015-12-18 12:10
ھەقىقەتەن بەك ياخشى يېزىلىپتۇ، قىز ئاياللار نىمە دىگە ...

ئەركەكلىرمىزنىڭ ھالى شۇ.................
سىز نىمانداق بىچارە

0

تېما

0

دوست

3526

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   50.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27927
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1118
توردىكى ۋاقتى: 153
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-18 13:00:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى 4-5 يىلنىڭ ئالدىدا كۆرگەندەك قىلىمەن.
uyghuray

18

تېما

8

دوست

5222

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   4.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29515
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 41
تۆھپە : 1676
توردىكى ۋاقتى: 212
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-18 13:10:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى بۇرۇن بىر كۆرگەندەك ئىسىمدە .

13

تېما

18

دوست

3022

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   34.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48758
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 892
توردىكى ۋاقتى: 104
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-18 13:16:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەئە  ،بىر توردىشىمنىڭ ھاۋالىسى بىلەن يوللاپ قويغان.بۇ ئەسەر ئۇنىڭغا بەك تەسىر قىلغان ئىكەن .شۇڭا تورداشلارغا سۇندۇم.

12

تېما

2

دوست

5457

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34133
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 32
تۆھپە : 1714
توردىكى ۋاقتى: 436
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-18 13:58:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئەسەر ئىكەن.

2

تېما

23

دوست

6367

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   27.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  46508
يازما سانى: 375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1981
توردىكى ۋاقتى: 137
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-18 14:49:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ ھىكايىنى بۇرۇنمۇ ئوقۇغان ئىدىم ! قىزلار بولسۇن ئوغۇللار بولسۇن ئۆز ئىلىڭنىڭ نىنىنى يە كىچە كۇندۇز غىمىنى يە دىگەن توغرا گەپ ! ئادەم ئىزدىنىشكە تەپەككۇر قىلىشقا تىرىشىشقا سەل قارىسا بولمايدۇ ! كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ سەل قارىماي يۇقۇرغا يامىشىش ياخشى ئىش ئەمەس ! ئۆزۇڭنى خار قىلغۇچە كۇچۇڭنى خار قىل !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )