قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
ئىگىسى: diwali

مىنى قۇتقۇزۇڭلا، ئۆتۈنۈش!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

73

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   24.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  51010
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 22
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2015-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-19 13:22:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىرەك يوللىغان ۋاقتى  2015-12-18 19:32
ئاۋۋال ئۆزىڭىز قەيەردىن ؟قاچانغىچە ئوقۇغان ؟بۇرۇن نىم ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ‹زىرەك› قېرىندىشىم .    ئۆزۈم  خوتەندىن ،   تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ كىچە  ئوقۇغان،  مەن  بۇرۇن  سۇۋاركىچىلىق قىلغان  1يىل ،  كىيىن قىزىقىشىم بويىچە .  ماشىنا كومو چىلىق بىلەن  سىرچىلىقنى  ئۆگۈنىۋاتقان،  ئۆينىڭ  بېسىمى  بىلەن  نىمە  ئىش قىلسام  ئانام  بىلەن  دادام  كۆز ئالدىمغا  كىلىۋالىدۇ،   شۇنىڭ بىلەن  قىلىۋاتقان  ئىششىمدىن  يالتىيىپ  قالدىم  ،    قانداق  قىلسام  ئۆزەمنى يېڭەلەيمەن.
uyghuray

0

تېما

0

دوست

145

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   48.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  50883
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 30
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2016-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-19 16:33:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم قىرىندىشىم ،سىزدە ساغلام تەن بولسىسا روھىڭىزنى پاكلاڭ ،قانداق قىلسام بۇلا دەپ تىڭىرقىماي،ئەڭ ئاۋال مۇنچىغا چۈشۈپ رەبىڭىزگە سىغىنىڭ ،ئاندىن مەن قانداق قىلشىم كىرەڭ دەپ ئۇنىڭدىن سوراڭ 24 سائەت ئىچىدە دىلىڭىزغا جاۋاپ پەيدا بۇلدۇ ،شۇ ئىشنى قىلسىڭىز چۇقۇم غەلبە قىلسىز ،سىز ھەرگىزمۇ يىتىم ئەمەسكەنسىز چۈنكى مۇشۇ مۇنبەردە كۆڭلىڭىزدىكىنى دىيەلىدىڭىز.شۇڭا قەلبىڭىزدىكى ھەر قانداق سۆزنى رەبىڭىزگە يەنە بىر قىتىم دەپ بىرىڭ ،گەرچە رەبىم ھەممىنى بىلىپ تۇرسىمۇ؟چۇقۇم ئىشەنچ بىلەن دەپ ،ئاندىن تىرشىڭ شۇ چاغدا دۇنياغا كۈلۈپ قارايسىز

1

تېما

22

دوست

7619

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   52.38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35011
يازما سانى: 660
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 2304
توردىكى ۋاقتى: 425
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-19 18:01:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
diwali يوللىغان ۋاقتى  2015-12-19 12:55
رەھمەت  سىزگە  قېرىندىشىم،   سىزنىڭ  بۇسۆزلىرىڭىزنى  ئ ...

سىزنىڭ جاۋابىڭىز مېنى تولىمۇسۈيۈندۈردى،ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن....
مۆئمىننىڭ قەلبى خۇددى قۇشلارنىڭ قەلبىگە ئوخشاش بولىشى كىرەك، قۇشلار ئەتىگىنى ئاچ قۇرساق ئۇۋىسىدىن چىقىپ كەچتە قۇرسىقى توق ھالەتتە قايتىپ كىرىدۇ ....سىزگە پۈتۈلگەن رىزىق سىزگە پۈتۈلگەن ئەجەلدىن تىز يۈگۈرۈپ كېلىدۇ...قارىغاندا قولىڭىزدىن ئانچە-مۇنچە ئىش كېلىدىغاندەك تۇرىدۇ بۇنداق تۇرۇپ يەيدىغان رىزىقتىن ئەنسىرەشنىڭ قلچە ھاجىتى يوققۇ؟ ئەمدى كۈندە ئۈچ ۋاخ ئەستەرلىمىسەك بولمايدىغان بۇ قۇرساقنىڭ ئىشى ھەل بولغاندىن  كېيىن شۇ رىزىقنى بەرگەن راببىمىزنى كۆپ ياد ئېتەيلى....سىز بىكار لاغايلاپلا يۈرمىسىڭىز ئاللاھ سىزگە كۆپلەپ رىزىق بېرىدۇ ۋە بارىغا بەرىكەت بېرىدۇ....‹‹كىمكى بارلىق غەملىرىنى بىرلا غەمگە جۇغلىسا ئاللاھ ئۇنىڭ قالغان غەملىرىگە ئۆزى كېپىل بولىدۇ،كىمكى نۇرغۇن غەملەرنىڭ ئارسىدا پارچىلىنىپ كەتسە ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ دۇنيانىڭ قايسى ۋادىلىرىدا ھالاك بولىشىغا ھەم پەرۋا قىلمايدۇ...››  ھەدىس -شەرىپ ئوبدان ئېسىڭىزدە تۇرسۇن...ھازىرقى پۈتۈن دۇنيا ئىنسانلىرىنىڭ نىگىزلىك مەسلىسى مۇشۇنىڭدىن ئىبارەت، كېلىپ چىقىۋاتقان پىسخىكىلىق مەسىللەرمۇ شۇ سەۋەپتىن (پىسخىلوگلار بۇنى ھازىرقى رىقابەت كەسكىىنەي، ئۇندىغەي-بۇندىغەي دەپ چۈشەندۈرىدۇ...چۈنكى ئۆزىمۇ پۇل تېپىپ بولالماي ساتقىلى گەپ تاپالماي ئاۋارە ، قارىسىڭىز ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشى ھەم ئۇنچە كۆڭۈللۈك ئەمەس...) بىز رىقابەتنىڭ كەسكىنلىكىنى ئىنكار قىلمايمىز، ئەمما تەقۋادار مۆئمىنلەرنىڭ ھەر زامان دۇنيا ھاياتىدىن ‹‹بىغەم ››ياشاپ ئۆتكەنلىنى كۆردۇق ھەم كۆرىمىز....‹‹ئېىيتقىنكى سىلەرنىڭ دۇئايىڭلار بولمىسا ، ئىبادىتىڭلار بولمىسا ئاللاھ سىلەرگە قاراپمۇ قويمايدۇ...›› ئاللاھ بىزنى ئۆز ھالىمىزغا تاشلاپ قويمىسىلا بىز ئىككىلا دۇنيانىڭ سائادەتمىنى بولىمىز، بىز ئاللاھنى زىكىر قىلىشتىن يالتايمىساقلا ئاللاھ بىزنى ھەرگىزمۇ ئۆز ھالىمىزغا تاشلاپ قويمايدۇ....ئاللاھ خالىسا سىز ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرىمەنقېرىندىشىم...سىزمۇ شۇنداق قىلىڭ (غەيىپ قىلىنغان دۇئا ئىجابەت بولغۇچىدۇر ئىنشا ئاللاھ) سالامەت بولۇڭ!

0

تېما

0

دوست

521

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   4.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  47370
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 150
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-19 18:01:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udmish تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-19 18:07  

    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام بۇرادىرىم رەھمەت ۋە سالاملار ھارامدىن ئۆزىنى قاچۇرغان ھەممىمىزگە بولسۇن. . .
    تېمىڭىزنى تۈنۈگۈن يوللاپسىز. تورداشلاردىن emmar ناھايىتى ئورۇنلۇق دانا پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ياخشى يول كۆرسىتىشلەر ،مەسلىھەتلەر بولۇپتۇ .ئەڭ ياخشى ئەڭ توغرا بولغان جاۋابلاردىن ”رەببىمىزگە تىۋىنىش بىلەن ياخشى كىتابلارنى ،ياخشىلارنى ئۈلگە قىلىپ يول تۇتۇش“قا يىتىدىغىنى بولماس .
    سىزنى تەڭتۇشلاردىن كۆرۈپ(مەن 28ياش)سىزگە بىرىدىغان جاۋابىم بولسا :ئوغۇل بالىنىڭ ئالدىدا نى-نى ئىشلار بار تېخى باش قىتىنچىلىقى بولۇپ كىلىدىغان . . . ھازىر سىز  كاللىڭىزنى بىرمۇنچىلىغان "توغرا "بىلەن "خاتا " ئۇقۇم ۋە ئۆلچەم قىلىپلار بىلەن توشقۇزۇۋىلىپ ،ئەھۋال ئېغىرلىشىپ ئۆزىڭىزنىمۇ بىر رامكا ئىچىگە سولاپ قويۇپ چىقالماي ،تىپىرلاۋاتقاندەك ھىس قىلدىم .
   گىپىمنى قىسقارتسام، دۇنيا ئىشلىرى ھىكمەتكە تولغان .بۇنى بىلمەك ئۈچۈن ئولتۇرغان بولسىڭىز ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ كېتىڭ،مېڭىڭ . . .نەگە ماڭىمەن دەمسىز ؟ تورداش(jesur007)ئىيتقاندەك ئۆيىڭىزنىڭ ئەتراپىدىكى يىقىن ئارىلىقنى نىشانلاپ مىڭىپ كۆرۈڭ،قانلىرىڭىز سەل قىززىغاندا يەنە بىر يىقىن ئارىلىقنى نىشانلاپ يۈگۈرۈڭ .
مانا ئىشلار ئوڭايلاشتى،ھازىرقى ھالىتىڭىزدە ئولتۇرغان كىشى ماڭدىڭىز،ماڭغان كىشى باشقىلارنى كەينىڭىزدە قالدۇرۇپ يۈگۈردىڭىز.مەقسىتىڭىز ئىنىڭ بولۇپتى،نىشانىڭىزنى تاپتىڭىز،نىشانغا يىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپتىڭىزجىسمىڭىزدە باشقىچە يېڭى بىرخىل ئىشەنچ پەيدا بولدى.
داۋاملاشتۇرۇڭ،تۇرمۇشىڭىزدىكى باشقا ئىشلارمۇ بۇنىڭدىن پەرقلەنمەس.
   ئاخىرقى تەۋسىيە : ئەتراپىڭىزغا قاراڭ ياخشى ئىشتىن بىرنى خالىس نىيەت بىلەن ھىچقانداق بىر تاماسىز ھالدا قېلىڭ .خۇددى يولدا مىڭىۋاتسىڭىز ناتۇنۇشتىن بىرسى يېقىلىپ يانپاش بولۇپ كەتتى -دە، سىز يىنىدىن ئۆتكەچ جەينىكىدىن يىنىككىنە يۆلەپ ،ئۆزىنى ئوڭشىۋىلىشىغا ياردەم قىلىپ قويدىڭىز -يۇ،يولىڭىزغا راۋان بولدىڭىز .بۇ ئارىدا ئۇ كىشى سىزنىڭ چىرايىڭىزنىمۇ كۆرۈشكە ئۈلگۈرمەيلا كېتىپ قالدىڭىز .مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دىمەكچى . . .
   مۇنبەرگە يېڭى ئەزا بولۇپسىز،ئەتراپىڭىزدىكى دوستلار-بۇرادەرلەر ئارىسىدىكى بىر قىسىملاردىن ئۆزىڭىزنى چەتكە ئالغايسىز.
مۈنبەردىكى" بېلىمخۇمار "نامىدىكى ئۇستازنىڭ يازمىلىرىنى ئوقۇپ چېققايسىز.ئۈگۈتلىررىدىكى ھىكمەتنى ،ھەقنى تاپقايسىز .
./thread-36166-1-1.html
ھىكمەتنى تاپقان يەردە« كىتاب ئىچىدىكى كىتاب»نى ئىزدىنىپ تاپالايسىزدەپ قارايمەن.فەزىل-كەرەملىك ئول زاتنىڭ ھىممەت ۋە رەھمىتى بىلەن ئىشلىرىڭىزدا ياخشى بىر باشلىنىش بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

uyghuray

0

تېما

0

دوست

1274

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   27.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27994
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 418
توردىكى ۋاقتى: 116
سائەت
ئاخىرقى: 2016-1-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-19 18:30:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
diwali يوللىغان ۋاقتى  2015-12-19 13:22
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ‹زىرەك› قېرىندىشىم .    ئۆزۈم  خوتە ...

  ئەسسالام ئەلەيكۇم-ئۇكام: سىز باشقىلار قۇتقازغۇدەك ئەھۋالغا چۇشۇپ قالماپسىز.چۇنكى سىزدە پەقەت ئازراق بوشاڭلىقلا باركەن.ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشتا پەقەت ئۇزىڭزىگە تايىنىشىڭىز كىرەك.
   سىز ئالدى بىلەن قىلغان ۋە ئۇگىنىۋاتقان كەسپىڭىزدىن بىرنى تاللاڭ.ھەر ئىككىلىسى تاپاۋىتى ياخشى كەسىپلەر..ئاندىن شۇ كەسپىڭىزنى چىن دىلدىن بىرىلىپ قىلىڭ.باشقا ئىشلارنى ئۇزىڭىزگە بېسىم قىلىۋالماڭ ھەم نىمە ئىش قىلىڭ -شۇ ئىشنى ۋۇجۇدىڭىزدىن بىرىلىپ ،ياخشى قىلىشقا تىرىشىڭ،شۇنداق قىلالىسىڭىز تەبئىلا باشقا ئىشلار ئانچە دىققىتىڭىزنى چاچالمايدۇ.بىر مەزگىل تىرىشسىڭىز باشقا ئىشلارمۇ ئۆزلىكىدىن ئوڭشۇلۇپ كىتىدۇ.ئەگەر سۇۋاركىچىلىقنى تاللاپ قالسىڭىز-مۇمكىن بولسا سىتانوكچىلىقنىمۇ قۇشۇپ ئۇگىنىپ قۇيۇڭ.
  ئەڭ مۇھىمى كۇننى بىكار ئۆتكۇزمەڭ!!!بىكارچىلىق -جىنايەتنىڭ ئانىسى.ئۇزىڭىز بىلىپ -بىلمەيلا كىرەكسىز ئادەمگە ئايلىنىپ قالىسىز.ھازىر بەلكىم،ھەر خىل بېسىملارغا ،بۇلۇپمۇ ئىقتىسادى بېسىمغا دۇچ كەلگەن بۇلىشىڭىز مۇمكىن،شۇنداقتىمۇ ياتىدىغان جايىڭىز،تامىقىڭىز بولسىلا مەلۇم ۋاقىت بەرداشلىق بەرسىڭىز-ھەممە ھەل بۇلىدۇ.سىز تېخى كىچىككەنسىز-سىزگە پۇرسەت كۆپ .تەكىتلەيدىغىنىم:ئەگەر،ئانچە-مۇنچە ئىقتىسادى قىيىنچىلىققا دۇچ كىلىپ قالغان بولسىڭىزمۇ-ھەرگىز بىرەر يەردە ئىشلەپ پۇل تاپاي دىمەي،كەسپىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇڭ!!!ئۇزاققا قالمايلا باشقىلارنى ئىشلىتىدىغان ئادەمگە ئايلىنىسىز...

0

تېما

1

دوست

440

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   70%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  47081
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 124
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-19 23:22:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم، مەن سىزنىڭ ئازابىڭىزنى چۈشەندىم دىسەم بولىدۇ.  
ئېيىتقانلىرىمنىڭ سىزگە پايدىسى تېگىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ۋە شۇنداق بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
1. جۈرئەتلىك بولۇپ، قەلبىڭىزنىڭ ھەقىقىي ئاۋازىغا سەمىمىيلىك بىلەن قۇلاق سىلىڭ.
سىز زادى نېمىنى ئويلايسىز؟ نەپسى خاھىشىڭىز زادى قەيەرگە قاراپ مەڭىدۇ؟ دۇنيادىكى پۈچەك نەرسىلەرگە قاراپ ماڭدىمۇ ياكى ھەقىقىي نەرسىلەرگە قاراپ ماڭدىمۇ؟ چۈنكى كۆپۈنچە كىسەللىك قەلىبدىن باشلىنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن 10 كۈن ئويلىنىڭ. دىمەكچى بولغىنىم قەلبىڭىزنى پاكلاڭ. قەلبىڭىزدىكى ھەسەت ، ئۆچمەنلىك، مەنمەنلىك، رىيا ، قورقۇنچاقلىق،ھورۇنلۇق ئىشقىلىپ ئاشۇ يامان قەلىب كىسەللىكلىرىنى تازلاڭ، ھەم بۇلارنىڭ ئورنىغا ئەتراپىڭىزدىكىلەرنى سۆيۈشنى، يۇرتىڭىزنى سۆيۈشنى،ئىگەمنىڭ سىزگە تەقدىرقىلغان ھازىرقى ئائېلىڭىز، ئاتا-ئانىڭىز، قېرىنداشلىرىڭىزنى قەدىرلەشكە ئۆزگەرتىڭ.
2. كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ ئىرادىلىك بولۇشنى ئۆگىنىڭ. تۇرمۇشتا ھورۇنلۇق قىلماڭ. چۈنكى تەرتىپلىك تۇرمۇش سىزنى سىز ئويلىمىغان خۇشاللىقلارغا ئىگە قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن سىز پوزۇتسىيەرىڭىزنى ئۆزگەرتىشىڭىز كېرەك. پوزۇتسىيە دىگەننى بەلكىم سىز ئېنىق چۈشەنمەسلىكىڭىز مۆمكىن(مەنمۇ سەل كېيىن چۈشەنگەن). مەسىلەن: تاپشۇرۇق كۆچىرىدىغان ئوقۇغۇچى كېيىن خىزمەتكە چىققاندىن كېيىمۇ خىزمىتىنى ھۆرمەت قىلماي كۈن ئۆتكۈزگەندەك، ھۈنەرگە ئىخلاس قىلمايدىغان ھۈنەرۋەن، ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىنى ئىشلىسىمۇ خىزمەتتە ئەستايىدىل بولمىغاندەك، ۋەتەنپەرۋەر بولمىغان ئاتا ، ياخشى ئائىلە باشلىقى بولالمىغاندەك ئىش. شۇڭا پوزۇتسىيەرىڭىز كەلگۈسىڭىزنى بەلگىلەپ قويىدۇ.
3. ئۆزىڭىز ئۈچۈن نىشان تۇرغۇزۇڭ. 3يىللىق ياكى 5 يىللىق بولسىمۇ بولىدۇ.
كەسىپ (مان)

0

تېما

1

دوست

440

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   70%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  47081
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 124
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-19 23:29:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆگىنىش(خەنزۇ تېلىدىن كەسپىڭىزگە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى كۆرۈپ چۈشەنگىدەك سەۋىيەگە يىتىمەن)
ئىقتىساد(مەنچە يىلدا مانچىلىك پۇل تېپىپ ئانامنى ئۆمرە ھەج قىلدۇرىمەن، ياكى دۇككاندىن بىرنى ئاچىمەن، ياكى ئۆيلىنىمەن ، بۇلارغا كىتىدىغان چىقىمنى ئايرىم ئىنچىكە ھىسابلاڭ)
ئائىلە-نىكاھ(مانچە يېشىمدا توي قىلىمەن، مۇنداراق قىز بىلەن، دىگەن نەرسە ئېنىق بوپ كەتسۇن، ئەمما ئەقلىڭىز بىلەن ئىش قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. )
4.

0

تېما

1

دوست

440

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   70%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  47081
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 124
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-19 23:45:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
udmish يوللىغان ۋاقتى  2015-12-19 18:01
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام بۇرادىرىم رەھمەت ۋە سالاملار ھا ...

مۇشۇ گەپنى مەن قىلاي دەپ تۇرغان . ئىنكاسىڭىز ماڭا ياقتى. ئىنسان قەلبىنى پاكلىماي تۇرۇپ، جەينىمازغا چىقالامدۇ؟ ئۆچمەلىكىنى سۆيۈشكە ئايلاندۇرماي، كەڭ قورساق بولۇشنى ئۆگەنمەي ، ئۆزىنى چۈشەنمەي، تاپىنى دەسسەپ تۇرغان زىمىننى سۆيمەي تۇرۇپ ھەقىقىي ئادەم بولالامدۇ؟ ئادەم بولۇش شۇنداق ئاسانما؟ قېرىنداشلار بىز مۇسۇلمان راھىب ئەمەس، ياكى زاھىت ئەمەس. بىز ئۆزىمىزنى چىن ئىخلاسىمىز بىلەن تۈزەيمىز، جاھىللىق بىلەن ئەمەس.
ئاللاھنى سۆيمەي تۇرۇپ ، قورقامسىز؟؟؟ سۆيگۈ قايسى قەلىبلەردە بولىدۇ؟ رەسۇلىللا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ‹دۇنيانى دەپ ئاخىرەتتىن، ئاخىرەتنى دەپ دۇنيادىن ۋاز كەچكەنلەر بىزدىن ئەمەس› دەپ ئېيتقان. سىز ھىچقانداق مېھىر-مۇھەببەتسىز بۇ دۇنيادا ياشامسىز؟ مۇھەببەتسىز ، ياخشى قەلىبسىز ئاخىرەتكە ئوزۇق يىغماقچىما ئەممەر؟؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )