قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 3850|ئىنكاس: 108

ئۇ دۇنيادىكى سوراق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

22

تېما

84

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24182
يازما سانى: 910
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 49
تۆھپە : 3358
توردىكى ۋاقتى: 735
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-18 16:54:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ دۇنيادىكى سوراق
نۇرمۇھەممەت توختى

(بىر تورداشنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن مۇنبەرگە يوللاندى ،بۇ پەقەت ھېكايە خالاس ئوقۇپ نەپ ئىلىڭلار لېكىن پىتنە تېرىماڭلار !)
   غەلىتە مىجەزلىك ئادەم چۈشىدىمۇ غەلىتە ئىشلارنى چۈشەيدىكەن.ساۋۇت چىرايلىق ياسىنىپ يۈرىدىغان،كۆپ ئىشلاردىن،شۇنداقلا كۆپ ساھەلەرنىڭ خىزمەت تەرتىپىدىن خەۋەردار ئادەم ئىدى.ئۇ نۇرغۇن ئورۇنلاردا ئىشلەپ كۆرگەن،لېكىن ھېچقايسى ئورۇندا ئىككى يىلدىن ئۇزاق ئىشلىمىگەن،نۇرغۇن دوست تۇتقان،لېكىن ھېچقايسىسى بىلەن تۆت ئايدىن ئوشۇق دوستلاشمىغان…ئۇمۇ ئۆز ھاياتىدا كۈرەشتى،تىرىشتى،ياماشتى،لېكىن بۇلارنى پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا قىلدى.بۇ جەھەتتە ئا قابىلىيەتلىك،زېھنى ئۆتكۈر،ئاكتىپ،شۇنداقلا پائالىيەتچان ئىدى.
ئۇ ئۇخلاشقا ياتقاندا،ئېسىگە چۈشتىن كېيىن بولۇپ ئۆتكەن ھېلىقى ماجىرا كەلدى.خىزمەتدىشىنىڭ بىئەدەپلىك بىلەن دېگەن قوپال گەپلىرى قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلاپ تۇراتتى.ئۇ ئۆزىنى ھاقارەتلەنگەندەك،كەمسىتىلگەندەك ھېس قىلدى.لېكىن،بۇنى تېزلا ئۇنتۇدى ۋە ئۇخلاپ قالدى.ئۇ چۈش كۆردى:
قاياقتىندۇر ئۇچۇپ كەلگەن بىر غايىب ئوقيا ئۇنىڭ دەل يۈرىكىگە سانجىلىپ توختاپ قالدى.ئۇ <<ۋايجان!>>دەپ توۋلىۋەتتى.ئۇنىڭ داد-پەريادى خۇددى قاپقانغا دەسسىگەن قاۋاننىڭ چىرقىرىشىغا ئوخشايتى.ئۇ بەئەينى چالا بوغۇزلاپ تاشلاپ قويغان ھايۋاندەك تېپىرلاپ ھاردى،ئاۋازى پۈتۈپ،بارا-بارا خۇددى قومۇشلۇققا كىرىپ قالغان توشقاندەك بىغىلداشقا باشلىدى..ئەجەب ئىش،ئۇ ئوقيا سانجىلغان يېرىنىڭ قىلچىمۇ ئاغرىمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى،كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ كۆكرىكىگە قارىدى.ئوقيا سانجىلىپ تۇراتتى،لېكىن قان چىقمىغانىدى.ئۇ سىنچىلاپ قاراپ،ئوقيانىڭ قۇيرۇق تەرىپىگە چاپلانغان ماركىنى ۋە ئۇنىڭغا يېزىلغان<<لەنەت>>دېگەن خەتنى كۆردى.ماۋۇ بىمەنىلىكنى كۆرۈڭ،-دەپ ئويلىدى ئۇ،-ئوقياغىمۇ ماركا چاپلىغان بارمۇ؟<<لەنەت>>دېگىنى نېمىسى؟مەن ئۆمرۈمدە كۆرۈپ باقمىغان ماركىغۇ بۇ؟…ئۇ ۋېلىسىپىت،تېلېۋىزور،ھاراق،تاماكا ۋە باشقا تالاي نەرسىلەرنىڭ ماركىلىرىنى ئەسلەپ چىقتى،<<سۇمۇرغ>>،<<كەپتەر>>،<<مەڭگۈ>>،<<قار لەيلىسى>>،<<ئالتۇن يۇلتۇز>>،<<بۇغدا كۆلى>>،<<يىپەك يولى>>،<<قىزىلتاغ>>..دېگەنلەرنى يادقا ئالدى،لېكىن بۇلارنىڭ ئىچىدە <<لەنەت>>دېگەن ماركا زادىلا يوق ئىدى.ئۇ <<لەنەت>>دېگەننىڭ لۇغەت مەنىسىنى ئېنىقلاشقا ئۇرۇنۇپ كۆردى،لېكىن ئېسىگە ئالالمىدى.بۇ قانداق گەپ؟ھەم بىلىملىك،ھەم ئەقىللىك بىلمىسۇن؟ئۇ ھەيرانلىققا پاتتى.مەيدىسىگە سانجىلىپ تۇرغان ئوقياغا يەنە كۆزى چۈشتى-دە،پېشانىسىگە بىر ئۇردى.ئوقيا يۈرىكىمگە شۇنچە چوڭقۇر سانجىلغان يەردە،مەن ئۆلمەي قالامدىمەن؟ئۆلۈك دېگەن نېمىنى بىلەتتى؟ئۆلگەن ئادەم <<لەنەت>>دېگەن گەپنىڭ مەنىسىنى قانداقمۇ بىلسۇن!؟ماۋۇ ساراڭلىقىمنى،ئۆلگىنىم نېمىشقا بۇرۇنراق ئېسىمگە كەلمىدى؟بىكاردىن -بىكار <<لەنەت>>نىڭ مەنىسىنى ئىزدەپ يۈرگىنىمنى قاراڭ،ھەي…
ئۇ بىر ھازا پۇشايمان قىلغاندىن كېيىن،ئەتراپقا نەزەر سالدى.ھەممە يەر خۇددى تەكشى قار باسقان بىپايان دالىدەك ئاپئاق كۆرۈندى.<<كېپەن،شۇڭا ھەممە يەر ئاپئاق>>.ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ قالغىنىغا راستتىنلا ئىشەندى.كۆزلىرىنى چىڭ يۇمدى،جاھان خۇددى چوڭقۇر ئۆڭكۈرنىڭ تۈۋىدەك قاپقاراڭغۇ بولۇپ كەتتى،<<ئاخىرەت دېگەن قاراڭغۇ بولىدۇ>>دەپ ئويلىدى ئۇ سوئال-سوراقلارنىڭ باشلىنىشىنى كۈتۈشكە باشلىدى.خېلى ئۇزاق كۈتتى،سوراقچى پەرىشتىلەردىن تېخىچە دېرەك يوق ئىدى.سوراق قىلىش ئورنىغا ئۆزۈم بارارتىممىكىن ياكى پەرىشتىلەر ئۆزلىرى ئىزدەپ كېلەمدىغاندۇ؟-ئۇ بۇ ھەقتە ئۇزاققىچە ئويلىدى،لېكىن توغرا جاۋابنى تاپالمىدى.موللىلارنىڭ بۇ توغرىدا نېمە دېيىشكەنلىكىنىمۇ ئېسىگە ئالالمىدى،ئۇيان ئويلاپ-بۇيان ئويلاپ ئاخىر ئۆزى ئىزدەپ بېرىش قارارىغا كەلدى.
ئۇ ھېچنېمىنى پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئۇزاققىچە تىمىسقىلاپ ماڭدى.ئۇ ناھايىتى ھېرىپ كەتتى،خۇددى 7-ئايدىكى تومۇزدا ساپان سۆرىگەن ئۆكۈزدەك پۇشۇلداپ ھاسىراشقا باشلىدى،پۇتلىرى چېقىۋەتكەندەك ئاغرىيتى،ئۆرە تۇرغۇدەك ماجالى قالمىغانىدى.ئۇ ۋايساشقا باشلىدى.پەرىشتىلەرنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئۆزلىرى كەلمەي،بەلكى ئىزدەپ بېرىشقا مەجبۇر قىلغانلىقىدىن ئاغرىنىپ،قاقشاپ،شىكايەت قىلغاچ يەنە ماڭدى،پۇتلىرى بەك ئاغرىپ كەتكەندە ئۆمىلىدى.ئۆمىلەپ قوللىرى چىدىمىغاندا دومىلىدى..ھەيھات،ئاخىر مەنزىلگە يېتىپ كەلدى.
ئۇنىڭ ئالدىدا بىر-بىرىگە يانداش سېلىنغان خۇددى سېپىلنىڭ دەرۋازىسىدەك يوغان ئىككى دەرۋازا تۇراتتى.ئوڭ تەرەپتىكى دەرۋازىغا <<بېھىش>>،سول تەرەپتىكى دەرۋازىغا <<دوزاخ>>دېگەن ھەم ئۇزۇن،ھەم يوغان ئىككى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇيۇلغانىدى.ساۋۇت ئۆزىنىڭ راستتىنلا ئاخىرقى مەنزىلگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدى.ئۇ خۇشال بولدى،خۇددى پەللىگە ھەممىدىن بۇرۇن يېتىپ كەلگەن ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش تەنھەرىكەتچىسىدەك شادلاندى،ھاردۇقى پۈتۈنلەي چىققاندەك بولدى…
ئەمدى يېڭى مەسىلە تۇغۇلدى.ئۇ قايسى دەرۋازىدىن كىرىشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى.بېشى قاتتى،ئۇنىڭ گۇناھ ۋە ساۋابلىرىنىڭ سالمىقى ئۆزىگە ئايان ئەمەس ئىدى.ئۇنى يېزىپمۇ،خاتىرىلەپمۇ تۇرمىغانىدى،ھەتتا ئۇ<<ھاياتىمدا قانچىلىك ساۋابلىق ئىش قىلدىم؟قانچىلىك گۇناھ سادىر قىلدىم؟>>دېگەن مەسىلە توغرىسىدا بىرەر قېتىم ئەستايىدىل ئويلاپمۇ كۆرمىگەنىدى.قانداق قىلىش كېرەك؟قايسى دەرۋازىدىن كىرىش كېرەك..ئۇ بىر پەس ئويلاپ تۇردى-دە،ئاندىن دادىللىق بىلەن <<بېھىش>>دېگەن دەرۋازىغا قەدەم باستى.
-توختا!
غايىبتىن كەلگەن جاراڭلىق ئاۋاز ئۇنى چۆچۈتۈۋەتتى،ئۇ قورقتى،غال-غال تىترىدى،ئەس-ھوشىنى يوقاتتى،پېشانىسىدىن مۇزدەك تەر چىقتى…
بىر ھازادىن كېيىن ئۇنىڭ يۈرىكى جايىغا چۈشكەندەك بولدى،ھېلىقى جاراڭلىق ئاۋازنىڭ يەنە ئاڭلىنىشىنى كۈتۈپ تۇردى.ئاۋاز ئىگىسىنىڭ دەرۋازىدىن كىرىش رەسمىيىتىنى قانداق بېجىرىش لازىملىقىنى چۈشەندۈرۈپ قۇيۇشنى خالايتى.لېكىن،قايتا سادا كەلمىدى،ئۇ بۇرۇلۇپ يان تەرەپكە قاراپ،تۈنىكە تۆمۈردىن ياسالغان قاتار-قاتار بوتكا ئۆيلەرنى كۆردى.سوراقخانا بولسا كېرەك،بۇ يەردە گۇناھ ۋە ساۋابنىڭ سالمىقى ئۆلچىنىپ،قايسى ئىشىكتىن كىرىش توغرىسىدا تونۇشتۇرۇش يېزىلغاندىن كېيىن ،كىرىشكە بولىدىغان ئوخشايدۇ،-ئۇ شۇنداق ئويلىدى ۋە بوتكىلارنى ئارىلاپ يۈرۈپ كەتتى.بوتكىلاردا ئۆلۈكلەر سوراق قىلىنىۋاتاتتى،چىرايىدىن ئاللىقانداق بىرخىل نۇر يېغىپ تۇرىدىغان سۈرلۈك پەرىشتىلەر ئۆز ئىشلىرىنى ئالدىرىماي پۇختىلىق بىلەن بېجىرىشمەكتە ئىدى.ساۋۇت باشتىكى بوتكىلاردا ئۆزى تونۇيدىغان ئۆلۈكلەردىن بىرنىمۇ كۆرمىدى،بۇ يەردە ساندۇققا سېلىنغان،كۆيدۈرۈپ كۈلگە ئايلاندۇرۇلغان ياكى گۆشلىرىنى چاناپ تىتما-تىتما قىلىپ قۇشلارغا تاشلاپ بەرگەن ئۆلۈكلەر سوراق قىلىنىۋاتاتتى.پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى جەننەتكە،بەزىلىرىنى دوزاخقا ھۆكۈم قىلاتتى.بۇ بوتكىلاردىنمۇ جەننەتكە كېتىۋاتقانلار خېلى كۆپ ئىدى.ئۇ ھەيران بولدى،<<ئۇلارمۇ جەننەتكە كىرەلەمدۇ؟>>بۇ ئىش ئۇنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىدى،پەرىشتىلەر بىلەن تاكاللاشماقچى بولدىيۇ،لېكىن قورقتى،ئۇنىڭ قەلبىنى نېمىدۇر بىر نەرسە تاتىلايتى…
ئۇ يەنە يۈرۈپ كەتتى،بوتكىلارغا بىر-بىرلەپ قاراپ ماڭدى.ناتونۇش بولغان ئۆلۈكلەرنىڭ تەقدىرى ئەمدى ئۇنى قىزىقتۇرماي قويغانىدى،ئۇ خېلى ئۇزاق ۋاقىت ئارىلاپ يۈرگەندىن كېيىن،بىر بوتكىنىڭ ئالدىدا توختىدى.سوراق قېلىنىۋاتقان ئۆلۈك ئۇنىڭغا تونۇشتەك بىلىندى.قويۇق ساقال باسقان يۇمىلاق چېھىر،نۇرسىز قاراپ تۇرغان قوي كۆز،ئېگىزمۇ ئەمەس،پەسمۇ ئەمەس قاڭشار..ئۆلۈككە كىيدۈرۈلگەن كېپەنمۇ ئۇنىڭغا تونۇش ئىدى،ياقىسىز،ئۇزۇن خالتا…
ئۇ ئۆزىگە يولخېتى ئالىدىغان ئورۇننىڭ مۇشۇ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ كۆرۈپ باقماقچى،بۇ يەردىكى سوئال-سوراق ئەھۋالىنى تەپسىلىي كۆزەتمەكچى بولدى.ئۇ ئەمدى ئۆزىنى ئۆلۈك ئەمەس،بەلكى تاماشىبىندەك سېزەتتى.
بوتكىدىكى پەرىشتىلەر ھېلىلا سوراق قىلىنغان ئۆلۈكنىڭ گۇناھ ۋە ساۋابلىرىنى سېلىشتۇرۇۋاتاتتى.ئۇلار ئۆز ئىشلىرىغا يىللىق ھېساباتنى بوغۇۋاتقان بوغالتىرلاردەك تولىمۇ ئەستايىدىل كىرىشكەنىدى.ئۇلار ساۋۇتقا قاراپمۇ قويمىدى.شۇ ئارىدا ئۆلۈكلەر خېلى جىق كەلدى،ئۆلۈكلەردىن ئۇزۇن ئۆچرەت ھاسىل بولدى.
ئۇزۇنغا سۇزۇلغان ۋاقىت ساۋۇتنى تىت-تىت قىلىۋەتتى.ئۇ پەرىشتىلەرگە ئاچچىقى بىلەن قاراپ قويدى.پەرىشتىلەرنىڭ كىيىم-كېچىكى ياكى پاسونىدىن ئۇلارنىڭ چىشى ياكى ئەركەك ئىكەنلىكىنى ئايرىغىلى بولمايتتى.ھەممىسى ئوخشاشلا سۈرلۈك ۋە ئېغىر-بېسىق ئىدى.
بۇ يەردىكى ئىش سۈرئىتى ساۋۇتنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى.ئۇ پەرىشتىلەرنى:<<ئىش ئۈنۈمىڭلار تۆۋەن>>دەپ ئەيىبلىمەكچى،<<لامزەللىلىك قىلدىڭلار>>دەپ قورقۇتماقچى،ۋارقىراپ-جارقىراپ جېدەللەشمەكچى بولدى.لېكىن،ئۇنىڭ يادىغا ئۆزى پىرىكازچىك بولغان،ئەرزىيەت بۆلۈمىدە ئىشلىگەن،پاختا زاۋۇتىدا پاختا سېتىۋالغان،يىپەك فابرىكىسىنىڭ كەسپىي بۆلۈمىدە پىلە سورتلىغان،ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىدا بېلەت ساتقان چاغلار كەلدى.ئۇ چاغلاردا ئۇمۇ لامزەللىلىك قىلاتتى،كېچىچە ئۆچرەت ساقلىغانلار بىلەن قىلچە كارى بولمىغانىدى.ئۇلارنىڭ ئالدىرايدىغانلىقىنى،يەنە باشقا زۆرۈر ئىشلىرى بارلىقىنى قىلچە ئويلاپ قويمىغانىدى.ئەمدى ئۆزى ئۆچرەت ساقلاشقا كەلگەندە،نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە،جېدەللىشىپ قالسا،ئاقىۋەتمۇ ياخشى بولمايتتى،بەرىبىر ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارىدىغان گەپ.ئاخىر ئىلاجسىز چىداشقا،كۈتۈشكە مەجبۇر بولدى.
نۆۋەتتىكى ئۆلۈك ئۈستىدە سوراق كېتىۋاتاتتى.بۇ،50ياشلاردىن ھالقىغان،بۇغداي ئۆڭلۈك،قارا ساقاللىق،ئۇرۇق قاتما كىشى ئىدى.سوراق چۈشىنىشلىك تىلدا ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى.
-سەن مۇسۇلمانمۇ؟
-ئەلھەمدۇلىللا مۇسۇلماندۇرمەن.
-قاچاندىن بېرى مۇسۇلماندۇرسەن؟
ئەلمىساق،ھۈۋەل ئەھدىل ۋەل خىتاب،-ئۆلۈك سەل دۇدۇقلاپ جاۋاب بەردى.
-سەن كىمنىڭ قۇلىدۇرسەن؟
-ئاللاھ تائالانىڭ قۇلىدۇرمەن.
-سەن كىمنىڭ ئۇممىتىدۇرسەن؟
-مۇھەممەد ئەلايھىسسالامنىڭ ئۇممىتىدۇرمەن.دىنىم ئىسلامدۇر،ئىمانىم قۇرئاندۇر،-ئۆلۈك ئالدىراڭغۇراق كىشى بولسا كېرەك،سورالمىغان سوئاللارغىمۇ قوشۇپ جاۋاب بېرىشكە باشلىدى.ئۇنىڭ ئاۋازى قورققان ئادەمنىڭ ئاۋازىدەك بوغۇلۇپ ،يىغلامسىرىغان ئادەمنىڭ ئاۋازىدەك تىترەپ چىقاتتى.شۇنداق بولسىمۇ،ئۇ موللامدىن ئاڭلاپ يادلىۋالغان گەپلەرنىڭ بىرىنىڭ كەينىدىن بىرىنى ئۇلاپ دەۋەردى،-قىبلەم خانى كەئىبەدۇر،دوستۇم چاھاريالاردۇر،ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادىدۇرمەن،ئىمامى ئەزەمنىڭ مەزھىبىدەدۇرمەن…
-توختا!
سوراقچى پەرىشتە ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتتى ۋە ئىجرا قىلغۇچى پەرىشتىگە بۇيرۇدى:
-بۇنى دوزاخقا تاشلا،جازاسىنى تارتسۇن!
نۆۋەتتىكى ئۆلۈك سوراق قىلىنىشقا باشلىدى،سوئال-جاۋابلار ئوخشاش ئىدى.بۇ ئۆلۈكمۇ جاۋاب بېرىپ،<<ئىمامى ئەزەمنىڭ مەزھىپى>>توغرىسىدا ئېغىز ئاچقاندا ،ئوخشاشلا توختىلىپ قۇيۇلدى ۋە دوزاخقا ئەۋەتىلدى.
پەرىشتىلەرنىڭ قىلىقلىرىنى چۈشەنگىلى بولمايتتى،ئۆلۈكلەرنىڭ گۇناھ-ساۋابلىرىنى ئېنىق ئايرىمايلا دوزاخقا ھۆكۈم قىلىشى غەلىتە ئىدى.داموللامنىڭ جۈمە نامىزىدىن كېيىن،قۇرئان ۋە ھەدىستىن نەقىل كەلتۈرۈپ سۆزلىگەنلىرىگە ئاساسلانغاندا،پەرىشتىلەرنىڭ قولىدا ھەربىر كىشىنىڭ گۇناھ ۋە ساۋابلىرى خاتىرىلەنگەن دەپتەر بولۇشى،ئۇلار دەپتەردىكى مەلۇمات بويىچە شۇ كىشىنىڭ گۇناھ ۋە ساۋابلىرىنى نىسبەتلەشتۈرۈپ چىقىشى،قايسىسىنىڭ نىسبىتى كۆپ بولسا،شۇنىڭغا ئاساسەن <<دوزاخ>>ياكى <<جەننەت>>كە يولخېتى كېسىپ بېرىشى كېرەك ئىدى.لېكىن،بۇ يەردىكى پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمايۋاتاتتى.ئۇلارنىڭ قوللىرىدا دەپتەرمۇ كۆرۈنمەيتى،ئەكسىچە،ئىمام ئەزەمنىڭ ئىسمى چىقىشى بىلەنلا دوزاخقا ھۆكۈم قىلاتتى.ساۋۇت ئەقىللىك ئىدى.ئۇ بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ:<<بۇ يەردىكى سوراقچى پەرىشتە بىلەن ئىمامى ئەزەم ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت بار ئوخشايدۇ،شۇڭا ئىمامى ئەزامنىڭ مۇرىتلىرىغا ياخشى ئاقىۋەت بولمىسا كېرەك>>دەپ ئويلىدى،دېمىسىمۇ ئەھۋال شۇنداقتەكلا تۇراتتى.
شۇ ئارىدا ساۋۇت تونۇيدىغان ئۈچىنچى ئۆلۈك ئۈستىدىكى سوراق باشلاندى.بۇ قاچاندۇر بىر چاغلاردا سودىگەرچىلىك قىلىپ كېلىپ قالغان،كېيىن ساۋۇتلارنىڭ يۇرتىدا يەرلىكلىشىپ قالغان بىر كەلگۈندى ئىدى.ساۋۇت قانچە ئويلاپمۇ بۇ كەلگۈندىنىڭ ئافغان ياكى پارس ئىكەنلىكىنى ئايرىيالمىدى.لېكىن،ئۇ ئىسلامنىڭ بارلىق پەرز،سۈننەت ۋە ۋاجىپلىرىنى تۇلۇقى بىلەن بەجا كەلتۈرگەن بىر تەقۋادار مۆمىن مۇسۇلمان ئىدى.
سوراق ۋە جاۋابلار ئەسلىي رېتى بويىچە داۋام قىلدى.ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇ بولدىكى،بۇ كەلگۈندى ئۆلۈكمۇ پەرىشتىلەر سورىمىغان سوئالغا جاۋاب بېرىپ،ئۆزىنىڭ <<ئىمامى ئەخمەت بىن ھەنبىل رەخمىتۇللا ئەلەي ئەنھۇ>>نىڭ مەزھىپىدە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى ۋە شۇ ۋەجىدىن دوزاخقا تاشلاندى.ساۋۇت گاڭگىراپ قالدى.قارىغاندا،سوراقچى پەرىشتىنىڭ زىددىيەتلىشىپ قالغان ئادەملىرى پەقەت <<ئىمامى ئەزەم رەھمىتۇللا ئەلەي ئەنھۇ>>بىلەنلا چەكلەنمەيدىغاندەك تۇراتتى.كېيىنرەك ئۇ <<ئىمامى شافىي رەھمىتۇللا ئەلەي ئەنھۇ>>ۋە <<ئىمامى مالىك رەھمىتۇللا ئەلەي ئەنھۇ>>لارنىڭ بەزى مۇرىتلىرىنىڭمۇ دوزاخقا تاشلانغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن،يەنىمۇ بەكرەك گاڭگىراپ كەتتى.لېكىن،ئۇ يۇقىرىدا ئىككى قېتىم قەيت قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك،ئەقىللىق،شۇنداقلا سەزگۈر،شامالنىڭ يۆنىلىشىنى بىلەلەيدىغان،كېمە رولىنى ئېقىمغا قاراپ بۇرىيالايدىغان ئادەم ئىدى.شۇڭا،ئۇ ناھايىتى تېزلا بۇ ئىشلارنىڭ ئاللىقانداق ئۆچ-ئاداۋەت يۈزىسىدىن بولمىغانلىقىنى چۈشىنىۋالدى.چۈنكى،بىر پەرىشتىسىنىڭ بارلىق <<مەزھەپ پېشۋالىرى>>لار بىلەن پۇت تېپىشىپ يۈرۈشى ئەقىلگە سىغمايتى.
<<دوزاخ>>ۋە <<جەننەت>>كە يولخېتى كېسىش داۋام قىلدى.بىر قانچە كىشى جەننەتكىمۇ كەتتى.ئۇلا ئىچىدە ئەخلاقلىق،تەربىيە كۆرگەن ئادەملەرمۇ،ئۆزىنى سورىيالايدىغان،چىقىشقاق كىشىلەرمۇ بار ئىدى.
ئون بىرىنچى ئۆلۈك سوراق سەھنىسىگە چىقتى.بۇ قېتىمقى سوراق باشقىچىرەك شەكىلدە ئېلىپ بېرىلدى.سوراقچى پەرىشتە بارماقلىرى بىلەن چاچلىرىنى تاراپ تۇرۇپ،ئۆلۈككە مەنسىتمىگەن ھالدا خىتاب قىلدى.ئۇنىڭ چىرايىدىن تەنە ۋە مەسخىرە كۈلكە چاقناپ تۇراتتى.
-قېنى سۆزلە،سەن مەزھەپچىمۇ؟
-مەن،مەن،-ئۆلۈك ھودۇقۇپ قالدى،-مەن ئىمامى ئەزەمنىڭ مەزھىپىدە،
-دوزاخقا!
ئون ئىككىنچى ئۆلۈك بەكمۇ قورقۇپ كەتكەنىدى.ئۇ سوراق قىلىش ئورنىغا چىقىشقا جۈرئەت قىلالمىدى.ساقچى پەرىشتىلەر ئۇنى سۆرەپ-تارتىشتۇرۇپ جاۋابكار تۇرىدىغان ئورۇنغا ئېلىپ كەلدى،ھەتتا بىر ساقچى پەرىشتە ئۇنىڭ بېقىنىغا بىرنى تەپتى.
-قېنى سۆزلە،بەلكىم سەن مەزھەپچى،يۇرتۋاز،تەرەپباز،ئايماقپەرەس ۋە يەنە قەبىلىچى ،گۇرۇھۋازدۇرسەن<
-شۇنداق…ياق،ياق،ئۇنداق ئەمەس…
-ھۇ،يالغانچى!دوزاخقا!…
كېيىنكى ئۆلۈكلەرنىڭ تەقدىرى ئاستا-ئاستا ئوڭلىنىشقا باشلىدى.ئەمدى ئۇلار سوراقچى پەرىشتىنىڭ مەزھەپچى،يۇرتۋازلارغا ناھايىتى ئۆچ ئىكەنلىكىنى،مەزھەپ توغرىسىدا ئېغىز ئاچقان ھەر قانداق كىشىنى سۆزسىز دوزاخقا ھۆكۈم قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە ۋە پانىي دۇنيادىكى مەزھەپچىلىك،يۇرتۋازلىق،گۇرۇھۋازلىقلىرى ئۈچۈن توۋا قىلىپ ئۈلگۈرگەنىدى.
نۆۋەت ساۋۇتقا كېلىپ قالدى.ئۇمۇ سوراقچى پەرىشتىنىڭ قانداق ئادەملەرگە ئۆچ ئىكەنلىكىنى ئۆتكۈر ئەقلى بىلەن تونۇپ يەتكەنىدى.لېكىن،ئۇ توۋا قىلىشنى بىلمەيتتى،ئۆمرىدە بىرەر قېتىممۇ توۋا قىلىپ كۆرمىگەنىدى.شۇڭا،ئەنسىزلىككە پاتتى،قورقۇنچ ۋە غەم ئۇنى بىردەمدىلا مىڭ ئۆلۈپ مىڭ تىرىلىشكە مەجبۇر قىلدى.ئۇ ھۆكۈم ئېلان قىلىنمايلا دوزاخ ئازابىنى يەتكۈچە تارتىۋاتاتتى.سوراق ئورنىغا زادىلا چىققۇسى كەلمىدى،لېكىن ساقچى پەرىشتىنىڭ بېقىنىغا تېپىشىدىن قورقۇپ،ئاستا سۆرۈلۈپ چىقتى.
سوراقچى پەرىشتە ئۇنى نەدىدۇر كۆرگەندەك ئۇزاققىچە تىكىلىپ قارىدى.پەرىشتىنىڭ قاپىقىنىڭ بارغانسېرى تۈرۈلۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ساۋۇت قورققىنىدىن جان-ئىمانى چىقىپلا كەتتى،ھەتتا ئىشتانغىمۇ چىقىرىۋەتتى.
-ئەبلەخ!-دەپ ۋارقىرىدى ساقچى پەرىشتە ساۋۇتقا ھومىيىپ،-ئەپسۇس،سېنى دوزاخقا ئەۋەتىش بۇ قېتىم نېسىپ بولماي قالدى،چۈنكى سەن تېخى ھەقىقىي ئۆلمىدىڭ.سەن چۈش كۆرۈۋاتىسەن،چىق بۇ يەردىن!-پەرىشتە ساۋۇتنىڭ كۆتىگە كېلىشتۈرۈپ بىرنى تەپتى.

*                                          *                                         *

ساۋۇت ئويغىنىپ كەتتى،كاللىسى گاراڭشىپ خۇددى سۇ ئالمىغىلى ئۈچ يىل بولغان قاپاقتەك كورۇڭشىپ قالغانىدى.ئۇ تۇرۇسقا قاراپ يېتىپ چۈشىدە كۆرگەنلىرىنى بىر-بىرلەپ ئەسلەپ چىقتى،قارا بېسىپتۇ،-دەپ ئويلىدى ئۇ،-بۇ خوتۇننىڭ دېۋەڭلىكىنى قارا،كارىۋاتنى سۈپۈرۈۋېتىپ ئاندىن كېيىن كۆرپە سالسا بولماسمىدى،-ئۇ يان تەرەپكە ئۆرۈلدى ۋە كېچىلىك كىيىمنىڭ ھۆل بولۇپ كەتكەنلىكىنى سېزىپ،ئۆز-ئۆزىدىن يىرگىنىپ كەتتى.
1986-يىل
يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختى ئاكىمىزنىڭ <<قوشتاغدىكى مۇشائىرە>>دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى.

uyghuray

2

تېما

23

دوست

6260

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   25.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  46508
يازما سانى: 370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1947
توردىكى ۋاقتى: 133
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-18 18:33:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھىكايىڭىزنى ئوقۇۋىتىپ ئەسەر ئىچىگە كىرىپلا كىتىپتىمەن دىسە !

0

تېما

3

دوست

4698

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   89.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35151
يازما سانى: 345
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1436
توردىكى ۋاقتى: 401
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-18 19:38:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1986-يىلى  يىزىلغان ئىكەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

ئابدۇرەھىم تۇرغۇن(قەشقەر ئوغلى

0

تېما

2

دوست

437

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   68.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  49647
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 126
توردىكى ۋاقتى: 46
سائەت
ئاخىرقى: 2016-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-18 22:25:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسرانىم دىن كۇچۇرۇپسىز ھە؟

1

تېما

10

دوست

2449

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   14.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  49995
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 706
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-18 22:49:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھىكايىدىكى ئىشلار راستىنلا بىر چۈشكەن...

0

تېما

4

دوست

3213

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   40.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22104
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1008
توردىكى ۋاقتى: 222
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-18 22:52:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرمۇھەممەت مۇئەللىمنى مۇشۇ ھىىكايىسى بىلەن تۇنىغانمەن،بىژكويغا ئاغان كونا ژورنالغا بىسىلغان ئەسلى بۇھىكايە،شائىرغا كىسەل تەككەندە دىگەن ئەسىرمۇ شۇنداق ياخشى،ئاپتۇرغا سالامەتلىك تىلەيمەن.

22

تېما

84

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24182
يازما سانى: 910
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 49
تۆھپە : 3358
توردىكى ۋاقتى: 735
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-18 23:16:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kaxkarogle يوللىغان ۋاقتى  2015-12-18 22:25
مىسرانىم دىن كۇچۇرۇپسىز ھە؟

ياق بىرەيلەن تەۋسىيە قىلىپتىكەن ،چىقىرالمىدىم دەپ شۇڭا يوللاپ قويدۇم .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )