قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 867|ئىنكاس: 5

مېۋە شاخ: شاپتۇلنى ئوغۇتلاشقا دائىر مۇھىم مەسلىلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

1

دوست

307

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   3.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36483
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 94
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2015-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-21 11:43:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاپتۇلنى ئوغۇتلاشقا دائىر مۇھىم مەسلىلەر
       ھەر يىلى ئەتىيازدا شاپتۇلدا نۇرغۇن چېچەك ئېچىلىدۇ، لېكىن دائىم چوڭايماي تۇرۇپلا تۆكۈلۈپ كېتىدۇ، نېمە ئۈچۈن؟ شاپتۇلنى قانداق باشقۇرغاندا ياخشى شاپتۇل بولىدۇ؟
(1). بىيولوگىيەلىك خۇسۇسىيتى
1. شاپتۇلنىڭ كىلىماتقا ئىنكاس قايتۇرۇش ۋاقتى: رايونىمىزدا چېچەك بىخنىڭ چوڭىيىش ۋاقتى 3ـئاينىڭ باش ئوتتۇرىلىرى، بۇلۇق چېچەك مەزگىلى 4ـئاينىڭ ئالدى كەينى، چېچەك مەزگىلى 60 كۈن ئەتراپىدا، 7-ئايدىن باشلاپ مېۋىلەر پىشىشقا باشلايدۇ، كۆپىيىش ۋاقتى 100ـ110 كۈنگىچە بولىدۇ.
2.ئۆسۈش ۋە مېۋىلەش خۇسۇسىيتى: كۆچەتنىڭ ئۆسۈشى ناھايىتى كۈچلۈك، يېڭى شاخ كۆپ قېتىم ئاچىماق شاخ چىقىرىدۇ، ئەگەر 2~3 قېتىم ئۇچىنى ئۈزۈش بىلەن ماسلاشتۇرۇلسا، شۇ يىلى مۇقىم بولغان مول ھوسۇللۇق دەرەخ قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. زور مىقداردا مېۋىلەش مەزگىلىگە كىرگەندىن كىيىن دەرەخ ئەھۋالى ئوتتۇرھاللىققا يۈزلىنىدۇ، ئۆسۈشى مۇقىم، يېڭى شاخنىڭ ئاچىمىقى توم قاۋۇل، بىخلىنىش نىسبىتى يۇقىرى، شاخ بۇلۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، چېچەك بىخى كۆپ بولىدۇ. يېڭى مېۋىلىگەن كۆچەتلەرنىڭ ئېگىز، ئوتتۇرھال دەرەخلىرى ئاساسلىق مېۋە بىرىدۇ، بۇلۇق مېۋە مەزگىلىدىكى شاپتۇل دەرىخى ئوتتۇرا ۋە پاكار دەرەخلەر ئاساسلىق مېۋە بىرىدۇ، دەرەخ سانىنىڭ 76%نى ئىگىلەيدۇ. تەبىئىي چاڭلانسا مېۋە تۇتۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا مېۋە شالاڭلىتىشنى تەلەپچانلىق بىلەن ئورۇنلاپ مېۋە دانە چوڭلۇقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
(2) تۇپراق ۋە ئوغۇت باشقۇرۇش
1. تۇپراق باشقۇرۇش
① چوڭقۇر ئاغدۇرۇش: تۇپرىقى قاتتىق شاپتۇل بېغىدا تۇپراقنى ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن قۇر ئارىلىقىنى چوڭقۇر ئاغدۇرىمىز، چوڭقۇرلۇقى 60 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، ھەم ئائىلىۋى ئوغۇت بىلەن ماسلاشتۇرىمىز. شېغىللىق باغنىمۇ چوڭقۇر ئاغدۇرىمىز ھەم ئائىلىۋى ئوغۇت بىلەن ماسلاشتۇرىمىز. چوڭقۇر ئاغدۇرغاندا ھەر يىلدا ئۇدا مول ھوسۇل ئېلىشقا رولى زور.
② كۈزلۈك ئاغدۇرۇش: يوپۇرماق تۆكۈلۈشتىن بۇرۇن ئورگانىك ئوغۇت بېرىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بارىمىز، چوڭقۇرلۇقى 20~30 سانتىمېتىر.
③ ئارىلىقىغا تېرىش: باغنىڭ قۇر ئارلىقلىرىغا پۇرچاق تۈرىدىكى، قوغۇن تۈرىدىكى زىرائەتلەرنى تېرىيمىز. يېشىل ئوغۇت دەپ نام ئالغان بېدە تېرىساقمۇ بولىدۇ. قانداق زىرائەت تېرىشتىن قەتئىي نەزەر دەرەخ چۆرىسىنى تۇلۇق ئېلىپ قويىمىز، ئۆز ۋاقتىدا سۇغۇرۇپ ئوغۇتلاش ۋە يۇمشىتىپ ئوتاش قاتارلىق ئىشلارنى چىڭ تۇتىمىز.
2. ئوغۇت-سۇ باشقۇرۇش
①شاپتۇلنىڭ ئاساسلىق ئوزۇقلۇق ئىلمېنىتلارغا بولغان تەلىپى: شاپتۇل ئۈچ ئېلمىنىتقا بولغان تەلىپى زور بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئازوت، كالىي ئاساس قىلىدۇ، فوسفورغا بولغان تەلىپىنىڭ مىقدارى نىسبەتەن بىرقەدەر ئاز.
Ⅰئازوت: شاپتۇل يېڭى شاخ چىقىرىش مىقدارى زور، مېۋىسى چوڭ، ئازوتقا بولغان سەزگۈسى يۇقىرى، كۆچەت دەسلەپكى مېۋىلەش مەزگىلىدە ئازوت كۆپ بولۇپ كەتسە يېڭى شاخنىڭ ھارام ئۆسۈشى ۋە مېۋىلەشنىڭ كېچىكىشىنى، فىزىيولوگىيەلىك مېۋە تۆكۈلۈشنىڭ ئېغىرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ئوغۇتلىغاندا ئازوتنىڭ مىقدارىغىمۇ دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. دەرەخ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ مەھسۇلات مىقدارى كۆپىيىدۇ، ئازوتقا بولغان تەلىپىمۇ كۈچىيىدۇ. ئازوت كەم بولسا يېڭى شاخنىڭ چىقىش مىقدارى ئازلاپ شاخ ئىنىچكە ۋە قىسقا بولىدۇ، چېچەك بىخنىڭ بۆلۈنۈشى تەسىرگە ئۇچراش بىلەن بىرگە، مېۋە كىچىك، رەڭگى سۇس، سۈپىتى تۆۋەن، شاخ ۋە بىخنىڭ سوغۇققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش قاتارلىق بىرقاتار مەسىلىلەر كۆرىلىدۇ.
Ⅱفوسفور: شاپتۇلنىڭ فوسفورغا بولغان تەلىپى ئازوت ۋە كالىيغا قارىغاندا ئاز، ئاساسلىق رولى بولسا چاڭلىشىشنى ياخشىلايدۇ، مېۋىنىڭ شېكەر نىسبىتىنى ئاشۇرىدۇ ۋە چېچەك بىخنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. فوسفور كەم بولسا مېۋە رەڭگى سۇس، گۆشى بىنورمال يۇمشاق، تەمى قىرتاق، مېۋە بەزىدە داغلىق ياكى يېرىلىش قاتارلىق بىرقاتار مەسىلىلەر كۆرىلىدۇ.
Ⅲكالىي: شاپتۇلنىڭ كالىيغا بولغان تەلىپى كۆپ، كالىي يېتەرلىك بولسا مېۋە چوڭ، شېكەر نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ؛ كالىي كەم بولسا مېۋە كىچىك، شەكلى غەلىتە، بالدۇر پىشىش، يوپۇرماق تۈگۈك ھەم كۈلرەڭ يېشىل بولۇپ قالىدۇ.
②ئوغۇتلاش مىقدارى: شاپتۇلغا مۇۋاپىق ئوغۇتلاش مىقدارى ۋە ئازوت، فوسفور، كالىي نىسبىتى سورت، دەرەخ يېشى، دەرەخ ئەھۋالى، مەھسۇلات مىقدارى، تۇپراق مۇنبەتلىكى، ئوغۇتنىڭ خۇسۇسىيتى، كىلىمات شارائىتىغا ئۇنىۋېرسال ئانالىزغا ئاساسەن قارار قىلىنىدۇ. ئادەتتە ھەر 50 كىلوگىرام مەھسۇلات ئېلىش ئۈچۈن 50~100 كىلوگىرام ئاساسى ئوغۇت، ساپ ئازوت 0.4 كىلوگىرام، فوسفور 0.3 كىلوگىرام، كالىي 0.5 كىلوگىرام بېرىلىدۇ.
③ئوغۇتلاش ۋاقتى ۋە ئۇسۇلى
Ⅰئاساسى ئوغۇت: شاپتۇلغا كۈزدە بەرگەن ياخشى. يوپۇرماق تۆكۈلۈشنىڭ ئالدى كەينىدە كۈزلۈك ئاغدۇرۇش بىلەن ماسلاشتۇرۇپ بېرىمىز. ئوغۇتلاش ئۇسۇلى بولسا چاچما خەندەك ئۇسۇلى ياكى تاختا خەندەك ئۇسۇلىنى قوللانساق مۇۋاپىق، چوڭقۇرلۇقى 40 سانتىمېتىر.
Ⅱقوشۇمچە ئوغۇت: ئادەتتە شاپتۇل بېغىنى ھەر يىلدا 2~3 قېتىم قوشۇمچە ئوغۇتلايمىز، تېز ئۈنۈملۈك ئازوتلۇق ئوغۇت ئاساس قىلىنىپ فوسفور ۋە كالىي ئوغۇتى ماسلاشتۇرۇپ بېرىلىدۇ. يۇقىرى مەھسۇلاتلىق باغنىڭ قوشۇمچە ئوغۇتلاش قېتىم سانى 5تىن ئاشىدۇ. ئوغۇتلاش ئۇسۇلىدىن ھالقىسىمان خەندەك ۋە تۆشۈك ئوغۇتلاش ئۇسۇللىرىدىن تاللاپ ئوغۇتلىساق بولىدۇ.بىخلىنىشتىن بۇرۇن قوشۇمچە ئوغۇتلاش: ئەتىياز تۇپراق توڭى ئېرىگەندىن كىيىن بىخلىنىشتىن 1~2 ھەپتە بۇرۇن بېرىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتىكى ئوغۇت يىلتىز ۋە يېڭى شاخنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇپ چېچەكلەش ۋە چاڭلىشىشنىڭ ياخشى بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپلا قالماي يەنە، مېۋە تۇتۇش نىسبىتىنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. تېز ئۈنۈملۈك ئازوتلۇق ئوغۇت ئاساس قىلىنىدۇ. چېچەكلىگەندىن كىيىنكى قوشۇمچە ئوغۇتلاش: چېچەك تۆكۈلۈپ 1~2 ھەپتىدىن كىيىن بېرىلىدۇ. يېڭى شاخنىڭ ئۆسۈشىگە ۋە مېۋىنىڭ چوڭىيىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ، مېۋە تۆكۈلۈشنى ئازلىتىدۇ. تېز ئۈنۈملۈك ئازوتلۇق ئوغۇت ئاساس قىلىنىدۇ. ئۇرۇقى قېتىش مەزگىلىدىكى قوشۇمچە ئوغۇت: ئادەتتە 6ـ ئاينىڭ باش ۋە ئوتتۇرىلىرى بېرىلىدۇ. بۇ قېتىمقى ئوغۇتلاش تۆرەلمە ۋە ئۇرۇقچىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ، بىخنىڭ شەكىللىنىشى ۋە بۆلۈنۈشى، مېۋىنىڭ چوڭىيىشىغا ئاساس سالىدۇ. ئازوت، فوسفور، كالىيلارنى ماسلاشتۇرۇپ بېرىلىدۇ.مېۋىنىڭ چوڭىيىشى ئۈچۈن قوشۇمچە ئوغۇتلاش: ئوتتۇرا، كىيىن سورتقا قارىتا ئازوتلۇق ئوغۇتنى ئاساس قىلىپ كالىيلىق ئوغۇتقا ماسلاشتۇرۇپ بېرىمىز، مېۋىنىڭ چوڭىيىشىغا ۋە سۈپىتىگە تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ. يىغىۋېلىنغاندىن كىيىنكى قوشۇمچە ئوغۇتلاش: يىغىۋېلىنغاندىن كىيىن ئوغۇت بەرسەك دەرەخنىڭ خورىغان كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ كۈزدە ئوزۇقلۇقنىڭ جۇغلىنىشىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ، يىغىلغان ئوزۇقلۇق كۆپ بولسا دەرەخنىڭ قىشتىن ئۆتۈش ئىقتىدارى يۇقىرى بولىدۇ. فوسفورلۇق، كالىيلىق ئوغۇت ئاساس قىلىنىپ ئازوتلۇق ئوغۇت ئازوتلۇق ئوغۇت ماسلاشتۇرۇلۇپ بېرىلىدۇ.

    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پۈتۈن يىلدىكى بىخلىنىش سۈيى، توڭ سۈيى ۋە قوشۇمچە ئوغۇتقا ماسلاشتۇرۇپ سۇغىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق پەسىلدە دەرەخنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۆز ۋاقتىدا سۇغۇرۇش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سۇ يىغىلىپ قالسا دەرھال چىقىرىۋېتىش كېرەك. چۈنكى شاپتۇل يىلتىزى ھاۋاغا ئامراق بولۇپ، 1~3 كۈنگىچە سۇنىڭ ئاستىدا قالسىلا قۇرۇپ قېلىش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ.

  ئەسكەرتىش: رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ.
uyghuray

13

تېما

18

دوست

3022

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   34.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48758
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 892
توردىكى ۋاقتى: 104
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-21 17:20:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پۈتۈن يىلدىكى بىخلىنىش سۈيى، توڭ سۈيى ۋە قوشۇمچە ئوغۇتقا ماسلاشتۇرۇپ سۇغىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق پەسىلدە دەرەخنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۆز ۋاقتىدا سۇغۇرۇش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سۇ يىغىلىپ قالسا دەرھال چىقىرىۋېتىش كېرەك. چۈنكى شاپتۇل يىلتىزى ھاۋاغا ئامراق بولۇپ، 1~3 كۈنگىچە سۇنىڭ ئاستىدا قالسىلا قۇرۇپ قېلىش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ.

مەن مۇشۇ جايدا كەتكۇزۇپ قويۇپتىمەن

1

تېما

1

دوست

307

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   3.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36483
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 94
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2015-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-21 17:50:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
SeWRim يوللىغان ۋاقتى  2015-12-21 17:20
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پۈتۈن يىلدىكى بىخلىنىش سۈيى ...

  ۋاقتىڭىز يار بەرسە ئەھۋالىڭىزنى تەپسىلى بايان قىلغان بولسىڭىز

13

تېما

18

دوست

3022

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   34.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48758
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 892
توردىكى ۋاقتى: 104
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-21 21:00:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولىدۇ مەن پەقەت شاپتۇلنى كۆپ سۇغۇرۋىتىپتىمەن .تۇۋى ئاساسەن دىگىدەك قۇرمايتتى  كىيىن قارىسام يىلتىزىدىن سېسىپ كېتىپتۇ ئەمەسمۇ
uyghuray

ئەركىن ئەزا

3

تېما

5

دوست

5698

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   13.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25909
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 1772
توردىكى ۋاقتى: 411
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-22 00:13:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارمىغايسىز!دىيارىمىز كىشلىرىگە نىسپەتەن بۇنداق نەپلىك تىمىلار مۇنبەردە ئاز كۆز تەگمىسمۇن.

3

تېما

0

دوست

1605

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   60.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12869
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 144
تۆھپە : 416
توردىكى ۋاقتى: 103
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-22 00:42:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! سىز تىلغا ئالغان 3 خىل ئوغۇتنى نىسبەتلىك ئارلاشتۇرۇپ بېرىشكە قارىتا ، قارىشىڭىزنى بىلىپ باقاي دېگەن.
  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )