قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 870|ئىنكاس: 3

كىتابتىن تارالغان مىھىر-شەپقەت(راسىت ئىشلار)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

9

دوست

2859

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   28.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23221
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 36
تۆھپە : 916
توردىكى ۋاقتى: 84
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-21 12:50:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   marip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-21 12:58  

كىتابتىن  تارالغان مىھىر-شەپقەت
(راست ئىشلار خاتىرىسى)
رۇزىمۇھەممەت تۇردى ئارتۇچ

كىتاب يىلى تەشەببۇسى كەڭ كىتابخۇمار قىرىنداشلىرىمىزنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىگە ئىرىشكەندىن كىيىن تۇرمۇشۇمدا كىتابقا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن تەسىرلىك ھىكايىلەر زاھىر بولدى.شۇ ھىكايىلەر ئىچىدە مىنى ئەڭ تەسىرلەندۈرگەن مۇنداق بىر ۋەقەلىكىنى ئوقۇرمەنلەرگە سۆزلەپ بىرىش ئارقىلىق كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى تىخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش مەخسىتىدەقولۇمغا قەلەم ئالدىم.
4-ئاينىڭ باشلىرىدا ئۈندىدار ئارقىلىق بىر قىرىنىدىشىمىزنىڭ كىتاب ئوقۇشقا قەۋەتلا ئامراق ئىكەنلىكىنى، بولسا مىنىڭ ئوقۇشچان كىتابلاردىن بىرىپ تۇرۇشۇمنى ،ئۇنى ئوقۇپ بولۇپ يەنە ئالماشتۇرۇپ ئوقۇپ تۇرغۇسىنىڭ بارلىقىنى ،ئۆزىنىڭ ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ كىسەل بىلەن يېتىقتا بولۇپ قالغانلىقىنى ئىيتىپ يازغان بىر ئۇچۇرنى تاپشۇرىۋالدىم.ئارىداقانچىلىك ئالدىراش بولۇشۇمدىن قەتئىنەزەر ئۇنىڭ بىلەن بىر قانچە قېتىم تىلغۇنلاشتىم.قوياش زىمىنغا سىخى نۇرىنى يەنە تۆككەن بىر كۈنى سەھەردە ئوقۇغۇچۇم ئابدۇسەمىنى ئىلىپ ئۇنىڭ ئۆيى جايلاشقان يۇپۇرغا يىزا مۇنچاقلىق كەنىت4-ئەتىرەتكە باردۇق. ئۇزۇندىن بۇيان قوپالماي ياتقان ئالىمجان ئىسىملىك 26 ياشلار ئەتىراپىدىكى جۈداپ قالغان ياداڭغۇ بىر يىگىت بىزنى خوش تەبەسسۇم بىلەن كۈتىۋالدى.بىز ئۇنىڭغا «ئويغانغان زىمىن»ناملىق2 قىسىملىق رۇماننى ئېلىۋالغان ئىدۇق.ئۇ كىتابنى كۆرۈپ شۇنچىلىك ھاياجانلاندى، خۇددى ھىيتلىق  ئالغان كىچىك بالا كەبى شاتلاندى.بىز ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇنىڭبىر يىل ئاۋال ئۇشتۇمتۇت ئىككى قول،پۇتنىڭ پارالىچ بولۇپ قىلىپ ھازىرغىچە ئورۇنتۇتۇپ يىتىپ قالغانلىقىنى ئۇقتۇق.خۇشاللىنارلىقى ئۇنىڭ كىسلى كۈندىن–كۈنگەياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلنىۋاتقان ئىكەن،بىز ئۇنىڭ كىتاب ئوقۇپ تۇرسا روھى جەھەتتىن مەزمۇت تۇرىدىغانلىقىنى بىلىپ ھەر ھەپتىدە ئىككى پارچە كىتابنى ئەكىلىپ بىرىدىغان بولۇپ كىلىشىۋالدۇق.شۇنداق قىلىپ ھەر ھەپتىدە ئوقۇغۇچىللىرىمنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇ خىلى كۆپ تارىخى رومانلارنى ئوقۇپ تۈگەتتى.مەنمۇ ئايدا بىر نۆۋەت ئۇنى يوقلاپ تۇردۇم،ھەر قىتىم ئۆيىگە بارغىنىمدا ئالىمجان ئۆزى ئوقۇغان كىتابلارھەققىدىكى تەسىراتىنى زوق-شوخ بىلەن سۆزلەپ كىتىدۇ،مەنمۇ ئۇنىڭ تەسىراتلىرىغائىلھام مەدەتلىرىمنى ئايىمايمەن ۋە كىتاب ئوقۇش سەۋىيەسىنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئىشۋاتقانلىقىنى مۇئەيەنلەشتۇرىمەن. شۇنداق قىلىپ ئالىمجان بىلەن بولغان باردى –كەلدىمىز قويۇقلاشتى. كىتابتىن باشلانغان مىھىرى-مۇھەببىتىمىز كۈچىيىشكە باشلىدى.روھى بىجىرىم كىشلەرنىڭ ھامان زەپەر دەرۋازىسىغا يىقىنىلىشىدىغانلىقى ھاياتىمدايەنە بىر قېتىم زاھىرلىنىپ ئىشەنچىمنى ئاۋۇندۇردى. ئۇنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى مىنى بەكلائويغا سالدى.«ھەركۈنى كەچ بولمىسىكەن دەيمەن.چۈنكى كىتاب ئوقۇشقا بىرىلىپ كىتىپبىر كۈننىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي قالىمەن.پەقەت كۆزۈم تورلىشىقاباشلىغاندا ئارام ئىلىشقا مەجبۇر بولىمەن ۋە تىزراق تاڭ ئىتىپ كىتابنىڭ ئاخىرىنى ئوقۇشقا تەقەززا بولۇپ ئۇخلاپ قالىمەن.ناۋادا تۇرمۇشىمدا كىتاب ماڭا ھەمراھ بولمىغان بولسا مەن ھەر دەقىقە بولمىغۇر خىياللار ئىسكەنجىسىدىن قۇتىلالماي ياشىغان بولاتتىم،كىتاب كۆڭۈلسىز خياللىرىمىنى چەكلەيدىغان ياخشى دورا بولدى.»بۇقىرىندىشىمنىڭ جسمانى ساقسىزلىقنى ئۇنتۇپ روھى  جەھەتتىن ئۆزنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى مىنى بەكلا تەسىرلەندۈردى.
كەمىنەكىتابخۇمار بۇ قىرىندىشىمنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تىزراق ئەسلىگە قايتىشىنى  ھەمدە كىتابنى ئۆزگە سىرداش قىلغان،ئەتىراپىدىكى كىتاب ئوقۇيالمايۋاتقانلارغا كىتاب ئوقۇش پۇرسىتى يارتىپ بىرىدىغان زامانداشلىرىمنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كىلىشىنى ئارزۇ قىلمەن! مىھىر- مۇھەىببەت ئىنسانغا قانات ،كىتاب ئارقىلىق سىڭگەن بۇ مىھىرى- مۇھەببەت بىزگە بىر جۈپ قانات ئاتا قىلىپ يۈكسەك چوقىلار تامان پەرۋاز قىلىشىمىزغا تۈرۈتكە بولدى.كىتاب ئاپىرىپ ئەكىلىش جەريانىدا ئوقۇغۇچىللىرىم بىلەن ئالىمجان ئوتتۇرىسىدىمۇ مىھىرى -مۇھەببەت چەمبىركى ھاسىل بولدى. ئۇنىڭ ئانسى بىر تىلغۇن قىلغان بىلەنلا چوڭقۇرلاشقان بۇ مىھىرى–شەپقەتتىن ھەم ھەيران قالدى ھەم كۆزگە ياش ئالدى.بەلكىم خىزمەتداشلىرىم بۇ ئىشنى ئاڭلىسا مىنى ئەخمەق دىيشى مۈمكىن.ئەمما قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر بۇ ئىشىمىزنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرىمىز، ئۇ ماڭا پات-پات ئۈندىداردا سۆز قالدۇرىدۇ،ئۇچۇريوللاپ تۇرىدۇ.ئالدىراش بولساممۇ بۇ قىرىندىشىمنىڭ ئەھۋالنى سوراپ تۇرىمەن، بىز بىر تۇققان قىرىنداشلاردىن بولۇپ قالدۇق، قۇربان ھىيت پەتسى بىلەن ئۇنى يوقلاپ بىرىپ ئۇنىڭ ئۆمىلەپ ماڭالايدىغان ھالەتكە كەلگەنلكىنى كۆرۈپ خۇشاللىقىمدىن يىغلاپ سالدىم.شۇنداقلا كىتاب ئارقىلىق يىتىلگەن بۇ مىھىرى- مۇھەببەتىمىزگە مەڭگۈ كۆزتەگمەسلىكىنى تىلدىم!

uyghuray

0

تېما

0

دوست

759

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   51.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  47482
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 240
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-21 15:30:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى ئىش قېپسىز،دىمەك ئۇ يىگىت ھازىر تەخىمۇ ياخشىلىنىپ كەتكەندۇ،مىھرى -مۇھاببەت مەڭگۈ داۋاملاشقاي.

13

تېما

18

دوست

3016

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   33.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48758
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 890
توردىكى ۋاقتى: 103
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-21 15:33:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دۇنيا مىھرى مۇھەببەت بىلەن گۇزەل

2

تېما

23

دوست

6367

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   27.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  46508
يازما سانى: 375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1981
توردىكى ۋاقتى: 137
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-21 17:10:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ئەھمىيەتلىك ، مەنىلىك ئىش بولۇپتۇ ! مەمنۇن بولدۇم ھارمىغايسىز ! ھەم بارچە كىشىلەرنىڭ مۇشۇنداق مىھرى ۋاپالىق ياخشى ئىش ياخشى پائالىيەتنى كەڭ تۇردە ئىلىپ بىرىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن !
uyghuray
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )