موللازەيدىن تەۋەللۇتىنىڭ 200 يىللىقى ۋە تاھىرىيە مەكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ
100 يىللىقى خاتىرلەندى
2015-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن، پىچان ناھىيىسى لۈكچۈن بازارلىق 1-ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ يىغىن زالى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ،بۇ يەردە بىرخىل ئۇلۇغلۇق ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى. چۈنكى، بۇ يەردە پىچان ناھىيىسىنىڭ تاغ ئاستى رايونىدىكى ئۈچ يېزا، بىر بازىرى (دىغار يېزىسى، دالانكارىز يېزىسى، تۇيۇق يېزىسى ۋە لۈكچۈن بازىرى) دىن كەلگەن بىرقىسىم قەلەمكەشلەر، ھەرقايسى يېزىلىق ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى، لۈكچۈن بازىرىدىكى مۇقامچىلار ۋەكىللىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرساھە ۋەكىللىرىدىن بولۇپ يۈزدىن ئارتۇق ئادەم بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۇيغۇر تەنقىدى رىيالىزىملىق ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى بولغان لۈكچۈنلۈك مەشھۇر قىزىقچى، ئۇستاز خەلق سەنئەتكارى موللازەيدىن تەۋەللۇتىنىڭ 200 يىللىقى ۋە پىچان ناھىيىسى بۇيىچە تۇنجى بولۇپ لۈكچۈندە قۇرۇلغان يېڭىچە پەننىي مەكتەپ- تاھىرىيە مەكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئىلىم چېيىغا داخىل بولماقتا ئىدى.
بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن ئىلىم چېيىنى ئۆتكۈزۈشنى لۈكچۈن بازارلىق 1-ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن پىشقەدەم يازغۇچى، تونۇلغان مەدەنىيەت- تارىخ تەتقىقاتچىسى مۇھەممەت مەتنىياز دانىش، كۆزگە كۆرۈنگەن سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى، ئىجتىمائىي پائالىيەتچى،«زوقلان ئۇنىۋېرسال تەربىيىلەش مەركىزى»نىڭ قۇرغۇچىسى يۈسۈپ شەمشى ۋە بۇ مەكتەپنىڭ تونۇلغان تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، ياش شائىر ئەكبەر نىياز ئەپەندىلەر تەشەببۇس قىلغان، «زوقلان ئۇنىۋېرسال تەربىيىلەش مەركىزى» ئۆتكۈزۈشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، لۈكچۈن بازارلىق 1-ئوتتۇرا مەكتىپى پائالىيەت مەيدانى بىلەن تەمىنلىگەن ئىدى.ئىلىم چېيى«سالام خەلقىم» دىگەن ناخشا ساداسى ئىچىدە باشلاندى. ئىلىم چېيىنىڭ كۈن تەرتىپى بۇيىچە يۈسۈپ شەمشى ئەپەندى بۇ قېتىمقى ئىلىم چېيىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش مەخسىتى ھەققىدە قىسقىچە توختالغاندىن كېيىن، پىشقەدەم يازغۇچى مۇھەممەت مەتنىياز دانىش ئەپەندى، لۈكچۈن بازارلىق 1- ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ئىبراھىم ئۆمەر ئەپەندى ۋە يېقىنقى يىللاردىن بېرى موللازەيدىننىڭ ھاياتلىق پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان ياش يازغۇچى، لۈكچۈن بازار ئۈچكۆۋرۈك باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئەركىن مۇھەممەت خاقان ئەپەندىلەر خەلقىمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ھازىرجاۋاب قىزىقچى، سۆز ئۇستىسى ئۇستاز خەلق سەنئەتكارى موللازەيدىن تەۋەللۇتىنىڭ 200 يىللىقى، پىچان ناھىيىسى بۇيىچە تۇنجى بولۇپ لۈكچۈندە قۇرۇلغان يېڭىچە پەننىي مەكتەپ- تاھىرىيە مەكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى ۋە لۈكچۈن بازىرىنىڭ مائارىپ تارىخى ھەققىدە يازغان ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
يۇقىرىقى ماقالىلار ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، تۇرپان شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، شەھەرلىك خەلق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى ۋە پىچان ناھىيىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، لۈكچۈن بازارلىق مەركىزىي مەكتەپ كۈتۈپخانىسىنىڭ مەسئۇلى، يازغۇچى ياقۇپ ئىسمائىل قورولچى ئەپەندى ھەرقايسى جەمئىيەتلەرگە ۋاكالەتەن، بۈگۈنكى بۇ ئىلىم چېيىنى تەشكىللەشنى تەشەببۇس قىلغان ۋە يېقىىندىن قوللىغان ئورۇن ، شەخسلەرگە بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى ۋە تەكلىپكە بىنائەن، يۇقارقى مەزمۇنلارغا بىرلەشتۈرۈپ كىتاب ئوقۇشنىڭ خاسىيىتى ۋە تۇرپان دىيارىدا نەشر قىلىنىۋاتقان ئۈچ نەشر ئەفكارى (تۇرپان ژورنىلى، تۇرپان گېزىتى ۋە تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى ئىلمىي ژورنىلى) ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ، تۇرپان ژورنىلى ۋە تۇرپان گېزىتى بارلىققا كەلگەندىن بۇيان بۇ نەشر ئەفكارلىرىدا يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان مۇكاپاتلىق مۇسابىقىلەر ۋە جەمئىيەتتىكى ئالدىن بېيىغان بىرقىسىم ساخاۋەتچى كارخانىچىلارنىڭ مۇكاپاتلىق مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈشتە ئويناۋاتقان رولى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ.
ئىلىم چېيىغا قاتناشقان بارلىق قەلەمكەشلەرنى ئۆزئارا ئىتتىپاقلىشىپ خەلقىمىزنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن ئايانماي كۈچ چىقىرىشقا ، ھەرقايسى ساھەلەردىن قەدەم تەشرىپ قىلغان دوستلارنى بولسا كىتاب ئوقۇشقا ۋە بۇ نەشر ئەفكارلىرىغا مۇشتىرى بولۇشقا چاقىرىق قىلدى. ئىلىم چېيى ناھايىتى قىزغىن داۋاملىشىۋاتاتتى. بۇ چاغدا ئىلھامى ئۇرغۇپ تۇرالماي قالغان ياش شائىر ئەكبەر نىياز ئەپەندى نەق مەيداندا يازغان «ئەي قەلەم، ئەل ئۈچۈن كۆيگەنلەرنى ياز » ناملىق شېئىرىنى دىكلىماتسىيە قىلىپ، سورۇن كەيپىياتىنى يەنە بىر بالتاق يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرىۋەتتى. بىرقىسىم ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى ۋە مەكتەپ سەنئەت كۇرژىكىدىكى كىچىك ئارتىستلار پائالىيەتكە ئاتاپ تەييارلىغان ئەسەرلىرى ۋە سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. سورۇن ئاخىرىدا، تاغ ئاستى رايونىدا ياشاپ، تۇرپان ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئايانماي تەر تۆكۈپ كېلىۋاتقان يازغۇچىلاردىن تۇيۇق يېزىلىق 3-ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئالى دەرىجىلىك تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، كۆزگە كۆرۈنگە كۆپ قىرلىق يازغۇچى ئابدۇراخمان ئىلنىياز، يېقىنقى يىللاردىن بېرى يېزىقچىلىق ئىشلىرىغا ئوتتەك ئىشتىياق باغلاپ، ئۆزىنىڭ تىلى ئويناق ۋە چوڭقۇر پىكىرگە تويۇنغان بىرقىسىم نەسىر، ھېكايىلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە نائىل بولۇپ كېلىۋاتقان ياش يازغۇچى، لۈكچۈن بازارلىق 1-ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى رابىگۈل ئىبراھىم ئاسىم خانىم ۋە ئۆزىنىڭ «دانىش ھېكايىسى» ... قاتارلىق بىرقىسىم تېلىۋىزىيە فىلىملىرى بىلەن ئەلگە تونۇلغان سىنارىست، ياش كارخانىچى قۇربانجان ئابلىزلارنىڭ ئىجادىي ئەمگەكلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ،ئىلىم چېيى ھەيئىتى نامىدىن ئۇلارغا بىردىن دوپپا ۋە خاتىرە بويۇمى ھەدىيە قىلىندى.
ئىلىم چېيىغا قاتناشقان باشقا دوستلارغا بولسا ئىلىم چېيى ھەيئىتى تەييارلىغان ھەرخىل كىتاب ۋە لۈكچۈن بازارلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپ رەھبەرلىرى بۇ قېتىمقى ئىلىم چېيىغا ئاتاپ تەييارلاپ بەرگەن «تۇرپان» ژورنىلىنىڭ 2015-يىللىق 4-سانى ھەقسىز تارقىتىپ بېرىلدى.
|