سىمىزلىك ۋە سىمىزلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىسەللىكلەر
ھازىرقى زامان تىببى ئىلىمىنىڭ ئىسپاتلىشىچە ئادەم بەدىنىدىكى نۇرغۇن كىسەللىكلەر سىمىزلىك بىلەن بىۋاستە ۋە ۋاستىلىق مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، سىمىز كىشىلەرنىڭ كۆپىيىشى ۋە سىمىزلىك سەۋەبىدىن كىلىپ چىقان كىسەللىكلەر كۆپلىگەن تىببى مۇتىخەسىسلەرنىڭ دىقىتىنى قوزغىماقتا. بىراق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا سىمىزلىكنى يەنىلا تۇرمۇش باياشاتلىق ۋە خاتىرجەملىكنىڭ سىمۇۋۇلى دەيدىغان قاراش مەۋجۇت بولۇپ، خەلقىمىز ئارىسىدا گوش، ماي قاتارلىق "قۇۋەتلىك" يىمەك ئىچمەكلەر يەنىلا ئەڭ قارشى ئىلىنىدىغان يىمەكلىكلەر ھىساپلانماقتا. ئەمىلىيەتتە ھازىر بىزدە كەم بولغان نەرسە يالغۇز جىسمانى جەھەتتىكى "قۇۋەت" ئەمەس بەلكى روھى ۋە ساپا جەھەتتىكى "قۇۋەت"، شۇنداقلا جىسمانى جەھەتتىكى ساغلاملىقتۇر.
ئۇنداقتا بىز قانداق قىلغاندا سىمىزلىكتىن ساقلىنىپ، بەدەن ئغىرلىقىمىزنى مۇھاپىق كونتۇرۇل قىلىپ، جىسمانى جەھەتتە ساغلام ياشاش مەقسىتىگە يىتەلەيمىز؟ بۇنىڭلىق ئۈچۇن بىز ئالدى بىلەن ئۇزۇن مۇددەت ئادەتلەنگەن نۇرغۇن كۆز قارىشىمىزنى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز كىرەك؛ مەسىلەن "ياخشى تاماق ئىشىپ قالغۇچە، يامان قوساق ئىتىلىپ كەتسۇن" دىگەندەك قاراشلارنى ئۆزگەرتىشىمىز كىرەك. ئەگەر ياخش تاماقنى ئىشىپ قالمىسۇن دىسەك، ئىھتىياجىمىزغا ۋە ياكى يەپ بولىشىمىزغا قاراپ بۇيرۇتساق بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تاماق مىقدارىنى مۇھاپىق كونتۇرۇل قىلىشىمىز، يىتەرلىك ھەركەت قىلىشقا ئەھمىيەت بىرىشىمىز، بەدەن ئغىرلىقىنى توۋەنلەتكەن ۋە ياكى ئورۇقلىغان كىشىلەرنى كورگەندە، "ۋاي جۈدەپ كىتىپسەنغۇ" دىيىشنىڭ ئورنىغا "شۇنداق ساغلام كورۇنىسەن" دىيىشكە ئادەتلىنىشىمىز كىرەك.
نورمالدا بالاغەتكە يەتكەن ۋە ئاكىتىپ ھەركەت قىلىۋاتقان بىر ئادەم كۈنىگە 2000 ~2500 كىلو كالورى ئنىرگىيەگە ئىھتىياجلىق بولۇپ، بىز بۇ ئىھتىياجلىق بولغان ئىنىرگىيەنى ئاساسلىقى ماي، شىكەر ۋە ئاقسىل قاتارلىق ئۇچ خىل ئوزۇقلۇق ماددىسىنى ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق ئىرىشىمىز. بۇ يەردە دىيىلگەن ماي، ھايۋان ۋە ئوسۇملۇك مىيىدىن باشقا ماي تەركىۋى بار بارلىق يىمەكلىكلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ. شىكەر بولسا، شىكەر تەركىۋى بار بارلىق يىمەكلىكلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئاقسىل بولسا، تەركىۋىدە ئاقسىل بولغان ھايۋان، ئۇچار قۇش، سۇ ۋە دىڭىز مەسۇلاتلىرىنىڭ گۆشى، تۇخۇم، سۈت ۋە پۇرچاق ئاھىلىسىگە كىرىدىغان بىر قىسىم ئوسۈملۇكلەردىن ياسالغان يىمەكلىكلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئەگەر بىز كۈندە ئىستىمال قىلغان يۇقارقى يىمەك ئىچمەك بىزنى بەدەن ئىھتىياجىدىن ئارتۇق ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلىسە، ئارتۇق ئىنىرگىيە بەدەندە ماي بولۇپ ساقلىنىدۇ، نەتىجىدە بىز سەمىرىمىز ۋە بەدەن ئغىرلىقىمىز ئىشىپ بارىدۇ. شۇڭا بەدەن قوبۇل قىلغان ئىنىرگىيەنى كونترۇل قىلىش بىلەن بىرگە ئارتۇق ئىنىرگىيەنى ھەركەت قىلىش ئارقىلىق كۆيدۈرۈپ تاشلاش، بەدەن ئىغىرلىقىمىزنى نورمال كونتۇرۇل قىلىشىمىزنىڭ ئەڭ ئىلمى ئۇسۇلىدۇر.
بىزنىڭ ئادەتتە نىمىگە پەرىز تۇتۇشىمىز مۇھىم ئەمەس، ئەڭ مۇھىم بولغىنى بىز ئىستىمال قىلىغان ھەرقانداق يىمەك ئىچمەكلىكنىڭ ئومۇمى مىقدارىنى مۇھاپىق كونتۇرۇل قىلىش، ۋە بەدىنىمىز ئىرىشمەكچى بولغان ئىنىرگىيە مىقدارىنى بەدىنىمزنىڭ فىزىلوگىيەلىك ئىھتىياجىدىن ئاشۇرۋەتمەسلىكتۇر. بىزنى ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان ئوزۇقلۇقلار يۇقاردا دەپ ئوتكەندەك شىكەر، ماي ۋە ئاقسىل بولۇپ، 1 گىرام ماي ۋە سىمىز گوش بىزنى تەخمىنەن 9 كىلو كالورى ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ، 1 گىرام ئورۇق گوش، شىكەر بىزنى 4 كىلو كالورى ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. 1 گىرام تاتلىق بولمىغان سەي كوكتاتلار بىزنى 2 كىلو كالورى ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنداق بولغاندا بىز بىر كۈندە تەخمىنەن 50 گىرام ماي ۋە ياكى سىمىز گوش (450 كىلو كالورى)، 300 گىرام ئۇن ۋە گۇرۇچ تاماقلىرى (1200 كىلو كالورى)، 300 گىرام سەي كۆكتات (600 كىلو كالورى) ئىستىمال قىلساق، ئۇلار بىزنى جەمى 2250 كىلو كالورى ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. دىمەكچىمەنكى فىزىلوگىيەلىك ئىھتىياجدىن ئېيىتقاندا بىز بىر كۈندە پەقەت شۇنچىلىكلا يىمەكلىككە ئىھتىياجلىق. بىراق ئەمىلىيەتتە بىز بىر كۈندە بۇنىڭدىن خىلى كۆپ يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىمىز، ئەگەر بىز ئىستىمال قىلغان يىمەكلىككە چۇشلۇق ھەركەت قىلمىساق بەدەن ئىغىرلىقىمىز بىز سىزە سەزمەيلا ئىشىپ بارىدۇ.
ئۇنداقتا سىمىزلىكنىڭ ئولچىمى نىمە؟ بەدەن ئىغىرلىقىمىز قانچىلىك بولغاندا نورمالدىن ئىشىپ كەتكەن بولىدۇ؟ ۋە قانداق ئەھۋالدا بىز سىمىز بولغان بولىمىز؟ كىشىلەرنىڭ بەدەن ئىغىرلىقى كىشىلەرنىڭ جىنسى پەرقى ۋە بويىنىڭ ئىگىزلىگى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ئەرلەرنىڭ نورمال ئىغىرلىغى ئاياللارغا نىسبەتەن سەل ئىغىر بولىدۇ.
ئۆلچەملىك بەدەن ئىغىرلىقىنى ھىساپلاشنىڭ ئەڭ ئاددى ئۇسۇللىرىدىن بىرى ئەرلەرنىڭ سانتىمىتىر ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن بوي ئىگىزلىگىدىن 105 نى ئىلىۋىتىش ئارقىلىق ئەرلەرنىڭ ئولچەملىك ئىغىرلىغىنى ھىساپلاپ چىققىلى بولىدۇ. ئاياللارنىڭ سانتىمىتىر ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن بوي ئىگىزلىگىدىن 110 نى ئىلىۋىتىش ئارقىلىق، ئاياللارنىڭ ئولچەملىك بەدەن ئغىرلىغىنى ھىساپلاپ چىققىلى بولىدۇ. ئادەتتە مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ئىغىرلىغى ئولچەملىك ئىغىرلىغىدىن 10-15% دىن ئارتۇق بولسا ئاندىن سىمىز بولغان بولىدۇ. مىسالەن ئىگىزلىگى 175 سانتامىتىر كىلىدىغان بىر ئەرنىڭ ئولچەملىك ئىغىرلىغى 70 كىلوگىرام (175-105)، ئايالنىڭ ئولچەملىك ئىغىرلىغى 65 كىلوگىرام (175-110) بولۇپ، ئەگەر ئەرنىڭ ئىغىرلىغى تەخمىمنەن 60 كىلوگىرام بىلەن 80 كىلوگىرام ئارىلىقىدا، ئايالنىڭ ئەغىرلىغى 55 كىلوگىرام بىلەن 75كىلوگىرام ئارىلىقىدا بولسا نورمال بولغان بولىدۇ. ئەگەر ئەرنىڭ ئىغىرلىغى 80 كىلوگىرامدىن، ئايالنىڭ ئىغىرلىغى 75 كىلوگىرامدىن ئىشىپ كەتكەن بولسا سىمىز بولغان بولىدۇ. بۇ گەرچە ئەڭ ئاددى بولغان بىر خىل ھىساپلاش ئۇسۇلى بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئىلىمى ئىشلىتىش قىممىتى تۆۋەن دەپ قارالغىنى ئۈچۈن ھازىر ئىلمى تەتقىقاتلاردا كۆپ ئىشلىتىلمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ ئادەتتە ئۆزىمىزنىڭ ئىغىرلىقىنىڭ قانداقلىقىنى بىلىشتە يەنىلا پايدىلىنىش قىممىتى بار.
ھازىر بىر ئاز كوپ ئىشلىتىلىۋاتقان ئۇسۇل بەدەنئىغىرلىقى كۆرسەتكۈچىسى (BMI) بولۇپ، ئۇ بەدەن ئىغىلىقى (كىلو گىرام) نى بويىنىڭ ئىگىزلىگى (مىتىر) نىڭ كۇۋادىراتىدغا بۆلۈش ئارقىلىق ھىساپلاپ چىقىلىدۇ. بەدەن ئىغىرلىق كۆرسەتكۈچىسى 18.5 بىلەن 24.9 ئارىسىدا بولسا نورمال بولغان بولىدۇ. بەدەن ئىغىرلىقى كۆرسەتكۈچىسى 25.0 بىلەن 29.9 بولسا بەدەن ئىغىرلىقى نورمالدىن ئىشىپ كەتكەن بولىدۇ. بەدەن ئىغىرلىقىكۆرسەتكۈچىسى 30.0 بىلەن 34.9 ئارىلىقىدا بولسا يەڭگىل دەرىجىدىكى سىمىزلىك (كىسىلى) ھىساپلىنىدۇ. بەدەن ئغىرلىقى كۆرسەتكۈچىسى 35.0 بىلەن 39.9 ئارىلىقىدا بولسا ئوتۇرال دەرجىدىكى سىمىزلىك (كىسىلى) ھىساپلىنىدۇ. بەدەن ئىغىرلىقى كۆرسەتكۈچىسى 40.0 ئارتۇق بولسا ئىغىر دەرىجىدىكى سىمىزلىك (كىسىلى) ھىساپلىنىدۇ.
تۆۋەندكى كىسەللىكلەرنىڭ بەدەن ئىغىرلىقى نورمالدىن ئىشىپ كەتكەن ۋە سىمىزلىك بىلەن بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىگى ئىسپاتلانماقتا.
1-تاجىسىمان يۈرەك قان تومۇر كىسىلى (冠心病) 2-قىزىل قان تومۇر قىتىشىۋىلىش (动脉硬化) 3-يۇقۇرى قان بىسىمى (高血压) 4-مىڭە قان تومۇر كىسىلى (中风) 5-دىيابىت كىسىلى (糖尿病) 6- ئۆتتە تاش بولۇش قاتارلىق ئۆوت كىسەللىكلىرى (胆囊炎,胆囊结石) 7- مايلىق جىگەر كىسىلى (脂肪肝) 8- ئۇخلىغاندا نەپىسى توختاپ قىلىش (睡眠呼吸暂停综合症) 9- ئۆپكىنىڭ نەپەسلىنىش ئىقتىدارىنىڭ توۋەن بولۇشى (肺活量受限) 10- سۆڭەك بوغۇم ياللۇغى (关节炎) 11-ئاياللارنىڭ چوڭ ئۈچەي راكى (结肠癌) 12-قىزىل ئۆڭكەچ راكى (食道癌) 13-بۆرەك راكى (肾癌) 14-يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئىغىرلىغى 8 جىڭ ياكى 4 كىلودىن ئىشىپ كەتكەندە بوۋاقنىڭ ئەقلى قابىلىيىتى مەلۇم دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچۇرشى مۇمكىن.
|