قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 2274|ئىنكاس: 12

[دولان] خەلق پۇلى قىممىتى چۈشۈشنىڭ پۇقرالارغا تەسىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قادىر رۇزى دولان

132

تېما

12

دوست

7317

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11813
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 22
مۇنبەر پۇلى: 1076
تۆھپە : 1648
توردىكى ۋاقتى: 585
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-31 11:47:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-31 11:56  

خەلق پۇلى قىممىتى چۈشۈشنىڭ پۇقرالارغا تەسىرى
心路独舞
دولان تەرجىمىسى

  ھەپتىدىن بۇيان ( 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 2-ھەپتىسى ) خەلق پۇلى داۋاملىق چۈشتى، ھەر كۈنى 100نوقتا ئەتراپىدا چۈشكىلى ئۇدا بەش كۈن بولدى، بازاردا « مەركىزىي بانكا خەلق پۇل ىقىممىتى چۈشۈشكە سۈكىت قىلۋاتىدۇ » دېگەن قىياسلار ئەۋج ئالدى؛ پەيشەنبە كۈنى(12-ئاينىڭ 11-كۈنى ) خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى 142 نوقتا تۆۋەنلەپ 6.4378 يۈەن بۇلۇپ،بەش يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نوقتىغا چۈشتى، ئالدىنقى كۈنى 98 نوقتىغا چۈشكەن ئىدى؛ تەۋرىنىش نوقتىسى 300 ئەتراپىدا تەۋرىنىپ، چۈشتىن كېيىن سائەت 16 دىن باشلاپ ئىككى يېرىم سائەت ئىچىدە 300 نوقتىغا يېقىنلىشىپ، 6.54456 يۈەنگە تۆۋەنلەپ، 6.55 يۈەنگە قىستاپ بېرىپ، چۈشىش كەڭلىكى %0.5 كېڭەيدى؛ IMF خەلق پۇلىنىڭ SDR كىرگەنلىكىنى جاكارلاپ بۈگۈنگىچە خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى %1.2 ئارتۇق چۈشۈپ كەتتى.
  بىريىلدىن بۇيان دوللارنىڭ قىممىتى ئۆزلۈكسىز ئۆستى
  خەلق پۇلى SDRكىرگەندىن كېيىن قىممىتى چۈشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى مۆلچەر IMF نىڭ قارارىدىن بۇرۇن كەسپ ساھەسىدە ئومۇميۈزلىك مەۋجۇت بولسىمۇ، بىراق نۇرغۇن تەھلىلچى ۋە مەبلەغ سالغۇچى ئاپپاراتلار چۈشۈش قىممىتى چوڭ ئەمەس دەپ قارىغان ئىدى، ئەمما SDRكىرگەندىن كېيىن بۇنىڭغا بىرنېمە دېمەك تەس؛ مەركىزىي بانكىنىڭ خەلق پۇلىنىڭ پەيدىنپەي قىممىتىنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئىقتىسادنى غىدىقلاش ئېھتىمالىقى چوڭ، ئەينى ۋاقىتتا پېڭبو تەتقىقات ئورنىدىكى 41 ئانالىزچىنىڭ 37 سى بۇخىل مۆلچەرنى قوللىغان ئىدى. ھۆكۈمەت تەرەپ ئىزچىل خەلق پۇلىنىڭ داۋاملىق قىممىتى چۈشۈشنىڭ ئاساسى يوقدەپ قارىسىمۇ، لىكىن نۆۋەتتىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبېتىنىڭ يۆنۈلىشى ئەينى ۋاقىتتىكى چۈشۈش مۆلچەرنى ئىسپاتلاپ بەردى.
  خەلق پۇلىنىڭ داۋاملىق قىممىتى چۈشۈشنى نېمە پەيدا قىلدى؟
  بەزىلەرئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومتىتېنىڭ كىلەر ھەپتە ئۆسۈم قۇشۇشىغا دۆڭگەپ قويدى، يەنە بەزىلەر، ئامېرىكا ئۆسۈم قۇشۇشتىن بۇرۇنقى ئاچقۇچلىق پەيتتە مەركىزىي بانكىنىڭ خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرىشى دەپ پەرەز قىلىشتى؛ بېراق مېنىڭچە ھەقىقىي سەۋەپ 11-ئايدا جۇڭگو ئىقتىسادىنڭ يەنىمۇ ئاجىزلاشقانلىقىدۇر. جۇڭگونىڭ 11-ئايدىكى ئېكىسپورتى %6.8 تۆۋەنلىدى،تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ئويلىمىغان يەردىن 87 مىليارد دوللار تۆۋەنلەپ، مۆلچەردىكى33 مىليارد دوللادىن ئىككى ھەسسىدىن ئارتۇق تۆۋەنلەپ 1996-يىلى سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلغاندىن بۇيانقى 3-قېتىملىق چوڭ چۈشۈپ، يىل ئىچىدە 405 مىليارد دوللارتۆۋەنلىدى، رۇشەنكى بۇ سانلىق مەلۇماتلار خەلق پۇلىنىڭ كۈچۈيىشىگە ئىنتايىن پايدىسىز ئىدى. بۇخىل ئەھۋالدا، مەركىزىي بانكا داۋاملىق تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ئارقىلىق پېرېۋوت نىسبېتىنى مۇقۇملاشتۇرسا ئېغىر بەدەل تۆلەش بىلەن بىرگەئېكىسپورتنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىپ، ئۇزاق مەزگىل بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، بۇنىڭغا نېفت باھاسىنىڭ چۈشىشى، يېڭى گۈللەنگەن بازاردىكى كاپىتالنىڭ سىرىتقا ئېقىشى ۋە تەۋەككۇل قىلىپ سېلىنغان مەبلەغنىڭ خەلقئارا مۇھىتى ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز ئامىللار قۇشۇلۇپ،خەلق پۇلىنىڭ داۋاملىق قىممىتى چۈشۈشى مۈمكىن.
خەلق پۇلىنىڭ زادى قانچىلىك قىممىتى چۈشىدۇ؟
  Chartered بانكىسىنىڭ لوندۇندا تۇرۇشلىق ئاسىيا تاشقى پېرېۋوت مەسئۇلى Robeet Minikin نىڭ مۆلچەرىگەئاساسلانغاندا، خەلق پۇلىنىڭ ئايرىباشلاش نىسبېتى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن 6.5 يۈەنگە چۈشىشى مۈمكىن ئىكەن ( نۆۋەتتە 6.43 يۈەن ئەتراپىدا )؛ فارانسىيە گۈللىنىش بانكىسى ( 法国兴业银行 ) نىڭ مۆلچەرىچە، 2016-يىلىنىڭ ئاخىرى دوللار بىلەن خەلق پۇلىنىڭ ئايرىباشلاش نىسبېتى6.8 يۈەن بۇلىشى، ئارىلىقتا نىسپىي تۇراقلىق بۇلۇشىمۇ ياكى قىممىتى تىز چۈشۈپ كىتىش ئەھۋالى كۆرۈلىشىمى مۈمكىن ئىكەن. لىكىن ئامېرىكا بانكىسىنىڭ مۆلچەرىچە، كېلەريىلى خەلق پۇلىنىڭ داۋاملىق قىممىتى چۈشۈپ 6.9 يۈەن بۇلىشى مۈمكىن ئىكەن؛ دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى شۇكى، يېقىندا مەركىزىي بانكىنىڭ پېرېۋوت نىسبېتىگە قارىتاقوللاش سالمىقىنى ئاجىزلىتىشى، پۈتۈن دۇنيانىڭ خەلق پۇلىغا بولغان قىزىقىشىنى قوزغىدى، مەركىزىي بانكىنىڭ پۇل قىممىتىنى چۈشۈرىشى ئاخىرى قانداق ئاقىۋەتنى ئېلىپ كېلىدۇ، بۇنىڭغا ۋاقىت ئېنىق جاۋاپ بېرىدۇ.
  خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ چۈشۈشى تۇرمۇشىڭىزغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ راستىنلا، پەرزەنتى چەتئەلدە ئوقىمىغانلارغا، چەتئلگە ساياھەتكە چىقمىغانلارغا ۋە دوللارغا ئېھتىياجى يوقلارغا تەسىر كۆرسەتمەمدۇ؟
  ھەرگىزئۇنداق ئەمەس؛ خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ چۈشۈشى، بارلىق ئىمپورت تۇۋارلىرىنىڭ ئۇمۇميۈزلىك باھاسى ئۆسۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ كىشىنى ئەڭ ئەندىشىگە سالىدىغىنى،يېمەكلىك باھاسىنىڭ تىز ئۆسۈپ ئاشلىق كىرزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدۇر. جۇڭگودۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ ئاشلىق ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەت بۇلۇش سۈپىتى بىلەن،ئامېرىكىدىن ئاشلىق ئىمپورت قىلىش كۆلۈمى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆزلۈكسىز تىز ئاشماقتا، تامۇژنا تارماقلىرى ئۆزلىرى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، جۇڭگونىڭ 2013-يىللىق يېمەكلىك ئىمپورت مىقدارى 6 يىلدىن بۇيان ئۆزلۈكسىز ئېشىپ، ئامېرىكىدىن ئەڭكۆپ يېمەكلىك ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەتكەئايلانغان؛ ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتاكۆرسىتىشىچە، جۇڭگونىڭ 2012-يىلى پەقەت ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلغان دانلىق زىرائەت 16 مىليون توننا بۇلۇپ، 2013-يىلى 18 مىليون تونناغا كۆپەيگەن، ئۇندىن باشقا 3مىليون توننا قۇناق، 4 مىليون توننا ھاراق تىرىپى ئىمپورت قىلغان، ئىمپورت بۇغداينىڭ %70 ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلغان، بۇيىل جۇڭگو يەنەتۇنجى قېتم ئامېرىكىنىڭ ئاققۇناق ئېكىسپورت قىلىدىغان ئاساسلىق بازىرىغائايلانغان. جۇڭگولۇقلار يەنە غەرپنىڭ گۆشنى ئاساس قىلىدىغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتىگەيۈزلەنگەچكە، بىۋاستە گۆش ئىمپورت قىلىشتىن باشقا يەنە ئامېرىكىدىن كۆممە قۇناق،سېرىق پۇرچاق ۋە بىدە قاتارلىق چارۋىلارنىڭ يەم-خەشىكىنى ئىمپورت قىلىش بىلەن بىرۋاقىتتا يەنە ئامېرىكىنىڭ مىۋە-چىۋە ۋە ئۈزۈم ھارىقىغا بولغان ئېھتىياجىمۇ ئۆزلۈكسىز ئاشقان؛ نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ ھەريىلى ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلغان يېمەكلىكى25 مىليارت دوللارغا يېتىدۇ، ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكى ( USDA ) نىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگونىڭ ئېھتياجى بارغانسېرى ئاشىدىكەن، رۇشەنكى، خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ تۆۋەنلىشى ئىمپورت يېمەكلىكنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۋەتكەچكە، بۇ جۇڭگودىكى ئادەتتىكى پۇقرالارغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.


uyghuray

0

تېما

3

دوست

2610

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   20.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26906
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3
تۆھپە : 820
توردىكى ۋاقتى: 173
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-31 13:22:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   visa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-31 13:32  

‹‹خەلق پۇلى SDRكىرگەندىن كېيىن››بۇجۈملىنى قانداق چۈشۈنەرمىز!.1990-يىللىرنىڭ بېشىدا بىر دوللار تەخمىنەن 8.5 يۇەن ئىدى.ئەمما مال باھاسى نورمال ئىدى.ھازىر دوللار قىممىتىنىڭ ئۆسۈشى خەلق پۇلىغا ئاشۇنداق تىز تەسىر قىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ نىمە؟ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولغاندىكىن دىگەن تومتاق جاۋاپقۇ ھەقاچان.

0

تېما

0

دوست

627

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   25.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43113
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 204
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2016-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-31 18:31:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مال باھاسى ئۆسىدۇ دەيدۇ ، مال باھاسى چۈشۈپ كېتىپ بارىدىغۇ ،  كالا قويلارنىڭ باھاسى ئىنتايىن تۆۋەنكە ھازىر

3

تېما

7

دوست

1408

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   40.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33893
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 424
توردىكى ۋاقتى: 45
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-31 21:08:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ھازىر خەلق پۇلى 6.47 يۇەن
uyghuray

3

تېما

7

دوست

1408

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   40.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33893
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 424
توردىكى ۋاقتى: 45
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-31 21:13:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
visa يوللىغان ۋاقتى  2015-12-31 13:22
‹‹خەلق پۇلى SDRكىرگەندىن كېيىن››بۇجۈملىنى قانداق چۈشۈن ...

   س  د  ر   دىگەننىڭ مەنىسى ئالاھىدە پۇل ھوقوقى دىگەنلىك.      خەلق پۇلى دەل دۇنيادىكى 9 چوڭ پۇل قاتارىغا كىردى دىگەن گەپ. ھازىرچە زاپاس ساقلاپ بېرىدۇ بۇ ئورگان كىلەر يىلى 7-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي دۇنيا پۇلى بولماقچى.   دوللارغا ئوخشاشلا

0

تېما

0

دوست

2691

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   23.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43724
يازما سانى: 219
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 824
توردىكى ۋاقتى: 175
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-31 23:44:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ بىر چارەك قوناق(8.5كېلوگىرام)13يۈئەن بىرچارەك بۇغداي 18يۈئەن .دېقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى مۇشۇنداق تۈۋەن بولغاچقا يەرتېرىشقا چىكەتكەن كىرىم،كىرگەن كىرىمدىن ئ‍ېشىپ كىتىپ،نامراتلار توپىنى كۆپەيتىۋاتىدۇ

0

تېما

0

دوست

2691

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   23.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43724
يازما سانى: 219
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 824
توردىكى ۋاقتى: 175
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-31 23:45:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ يۇرتا دىمەكچى ئ‍ىدىم

0

تېما

0

دوست

2691

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   23.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43724
يازما سانى: 219
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 824
توردىكى ۋاقتى: 175
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-31 23:47:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇرتتا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )