قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1856|ئىنكاس: 34

ھەر يىلىمىز كىتاب ئ‍وقۇش يىلى بولسۇن!(ئارتۇچ)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

9

دوست

2859

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   28.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23221
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 36
تۆھپە : 916
توردىكى ۋاقتى: 84
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-1 07:56:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەريىلىمىز كىتاب ئوقۇش يىلى بولسۇن!(ئارتۇچ)

ئەسىسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قىرىىنداشلاركەمنىدىن يالقۇنلۇق سالام !كىتاب يىلىنىڭ ئاخىرىقى كۈنلىرىدە مەن ئانچە خۇشالبولماي قالدىم.بۇ نۇرغۇن قىرىنىداشلىرىمىزنىڭ تىخى كىتاب ئوقۇمايدىغانلىقى،نۇرغۇنكىشلەرنىڭ نادانلىق ئاسارىتىدىن قۇتۇلمايۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدىن بولدى.ئەلۋەتتەتورداشلار دىگەندەك كىتاب ئوقۇشىنى بىر ئايغا ياكى كۈنىگە باغلاپ قويۇش مۇۋاپىقئەمەس.شۇڭا مىنىڭ تەشەببۇسۇم ھەر يىلىمىز كىتاب ئوقۇش يىلى بولسۇن!تۈۋەندە مەنقىرىندىشىمىز شاھى مەردان كېرىم بىلەن شاھزادەم ئابلا  (ئارف(نىڭ بۇ ھەقتە يازغان مۇھاكىمىسى ئارقىلىق سىلەربىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
كىتاپ ئىنسانلارنىڭ مەنىۋىيەت تۇرمۇشىنى،ئەخلاق قارىشىنى، ئالغا ئىنتىلىش روھىنى،تارىخىنى، ئادىمىيلىكنىئۆگۈتىدىغان، قاراڭغۇ دىللارنى يورىتىدىغان  بىر  مەشئەل .كىتاپ ئارقىلىق تەرەققىقىلالايمىز، دۇنياغا يۈزلىنەلەيمىز ، شۇنداقلا كىشىلىك قارشىمىزنى تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتەلەيمىز .
كىتاپ ئىنسانلارنىڭمەنىۋىيەت بايلىقى ،روھى تەپەككۇرىمىزنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ، ئۇ  تېنەپ قالغان قەلىپلەرنى يېتەكلەيدىغان يېتەكچى.كىتاپ ئۆتمۈشتىنساۋاق ئېلىپكەلگۈسىگە، پارلاق ئەتىگەيۈزلەندۈرىدىغان سەھنە .ئۇ دۇنياتەرەققىياتىنىڭ ئۇلى،تىنچلىقنىڭ مەھسۇلى . ئەمما ھېسقىلىشىمچە خەلقمىزدە كىتاپقا بولغان چۈشەنچىمىز كەمچىل . مەن  بىر ئۈندىدار سالونىدا ئېسىمدە قېلىشىچە پۈتۈندۇنيا بويىچە  جۇڭگو نۇپۇسىنىڭ 0.2%تىكىتاپ  ئوقۇيدىغانلىقى دۇنيادىكى نۇپۇسى نەچچە ئون مىليونيەھۇدىيلارنىڭ كىتاپ ئوقۇشنىسبىتى دۇنيانىڭ ئالدىنقىقاتاردا تۇرىدىغانلىقىدەك بىر تېمىنى كۆرگەن ئىدىم  .ئەنە كۆرۈپتۇرۇپتىمىز دۇنيا ئالىملىرىنىڭكۆپىنچىسى يەھۇدىيلاردىن چىقىۋاتمامدۇ . جۇڭگو نۇپۇسى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ ئەمما دۇنيا بويىچەجۇڭگودا  0.2% ئەتراپىدا ئادەم  كىتاپ ئوقۇيدىكەن. ناۋادا مۇشۇ سىتاتستىكا توغرابولىدىغان بولسا نىمە دىگەن ئەپسۇسلىنارلىق ھە ؟ئەگەر بۇ سىتاستىكا پەرەزبولىدىغان بولسا بىز يەنىلا سۈكۈت قىلىپ تۇرالامدۇق؟ئەتراپىمىزغا ،پۈتكۈلدۇنياغا نەزەر سالساق خىلمۇخىل نىمە ئۈچۈنلەر قوينىغا باشلاپ بارىدۇ ،بۈگۈنكى زامانداقانداق ياشىشىمىزنى، نىمە قىلىشىمىز كېرەلىكىنى تونىتىدۇ ،شۇنداقلابايقىيالايمىز  ،ھەمدە ئىلىم - پەننىڭتەرەققىياتنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى بىلىپيەتتۇق.ئۇنداقتا كىتاپ ئوقۇش ئادىتى نىمە ئۈچۈن بىزدە كەمچىلبولاۋاتىدۇ؟  ئۇنداقتا ئۇيغۇر جەمىيىتىدەقانچىلىك كىشى كىتاپ ئوقۇيدۇ؟  بۇ ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە بولۇپ قالدى .
تارىخىمىزغا نەزەرسالساق تارىخىمىزدا ئۆتكەن ئۆز خەلقى ،ئۆز يۇرتى ئۈچۈن ئىلىم تەھسىل قىلىشقامۇساپىر بولۇپ ،يۇرتمۇ- يۇرت ئارلاپ،جەبىر-جاپالارنى چېكىپ قىممەتلىك مىراسلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن كىشىلىرىمىزتىللاردا داستان بولغىدەك ئىش ئىزلىرى بىلەن پۈتۈندۇنيا خەلقىگە ئۇيغۇرخەلقىنى تونۇتتى .بۇ كىشىلىرىمىزنىڭ يارقىن دەلىلى  مەھمۇت قەشقەرى ۋە ئۇنىڭ تۈركى تىللاردىۋانى  دىگەن كىتابى. مانا مۇشۇنداققىممەتلىك مىراسلىرىمىز خېلى كۆپ ئەمما سىز قانچىلىك ئوقۇيالىدىڭىز ؟تارىخىشەخىسلىرىمىزنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئۆزىمىزنىڭ ھازىرقىھالىتىنى سېلىشتۇرۇپ باقتىڭىزمۇ ؟
ھازىرقىجەمىيىتىمزگە قارىساق يېزا-قىشلاقلاردا دوقمۇش- دوقمۇشلاردا  بىكارچىلىقتىن توپلۇشۇپ غەيۋەت شىكايەتقىلىدىغان كىشىلىرىمىز كۆپىيىپ كېتىۋاتماقتا .ياشلىرىمىز ئارىسىدا قىمار ھەرخىل ئۇتۇش -ئۇتتۇرۇش ئويۇنلىرى ۋە باشقامىللىي ئەنئەنىگەمىللەت ئەخلاقىغاخاس بولمىغان خىلمۇ -خىل ناچار ئادەتلەرنىمەيدانغا كەلتۈرىۋاتىدۇ . شەھەرلىرىمىزدە ھەم ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى"دىبا ، KTV ,پاھىشىخانا"قاتارلىق ئىشرەتخانا،شەھۋانىيلىق تۈسىنى ئالغان ئويۇن تاماشىلار،مەيدانغا كېلىۋاتىدۇ خەلقىمىزنى ياش ئۆسمۈرلەرنى زەھەرلەۋاتىدۇ .زەھەرگە خۇمار بولۇپقېلىش ،تۈرلۈك ناچار قىلمىشلاردىن يۇققان ئەيدىز ۋىروسى قاتارلىق يىرگىنىشلىك  كېسەللىكلەر تېز سۈرەتتە يامراۋاتىدۇ   ئۆزىمىزنى جۈملىدىن خەلقىمىزنى ئازاپلاۋاتىدۇ .ھەي......!  خەلقىم  ئېيتىڭلارچۇ بۇ بىزنىڭ تەرەققىياتىمىزمۇ ؟بىزمۇشۇنداق ھالەتتە ئۇچقاندەكتەرەققى قىلىۋاتقان ھازىرقى زاماندا دۇنياغا يۈزلىنەلەيمىزما ؟ئۇنداقتا بىز نىمەقىلىشىمىز كېرەك ؟ كوچا -كويلارغا ،رەستىلەرگە قارايدىغان بولساق  بىردەملىك قورساق ئاچلىغى نەپسى ئاچارچىلىغىنى تويغۇزۇشئۈچۈن ئۆچرەت تۇرۇشۇپكېتىۋاتقان كىشىلىرىمىزنى ۋە بۇلۇڭ پۇچقاقلاردىكى قىلمىشى ناچار  پىنھان سودامۇناسىۋەتلىرىنى ئېلىپبېرىۋاتقان كىشىلىرىمىنى ئۇچرىتىمىزشۇنداقلا ئاڭلاۋاتىمىز.ئەمما كىتاپخانىلىرىمىزدا ئادەم شالاڭ،كىتاپ  ئوقۇيدىغانلار ، روھى  ئاچارچىلىغىنى تويغۇزىدىغانلار ئاز.كىتاپخانلارداتارخىي كىتاپلىرىمىز ۋە باشقا پەند -نەسىھەت كىتاپلار، دۇنياۋى يازغۇچىلارنىڭنادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى ۋەباشقا ژانىرلاردىكى قىممەتلىك كىتاپلار تولۇقلۇق ئەمما ئوقۇيدىغان كىشىلىرىمىز ساناقلىق . ئابدۇقادىر داموللا ،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ،مەمتىلى تەۋپىق ، ۋە ئايخان ئانا  قاتارلىق مەرىپەت سۆيەر كىشىلىرىمىزخەلقىمىزنىڭ تۇنجى ئىلىممەرىپەت بۆشىكىنى تەۋرەتكەن خەلقىمىزنى نادانلىقتىن ئويغىنىشقا دەۋەت قىلغانكىشىلىرىمىزنىڭ ئىش ئىزلىرى تارىخبەتلىرىدىن مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.مانا شۇلارنىڭ يولىدىن، ئىش ئىزلىرىدىن بېسىپ ئۆتكەن كىشىلىرىمىزمۇكۆپلەپ چىقىۋاتىدۇ بۈگۈنكى تەرەققىياتىمىزنى ئۇلارنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىيالمايمىز.زامانىمىزدىكى ئەنەشۇ ئۇستازلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان ئالىملىرىمىز يازغۇچى تەتقىقاتچىلىرىمىز كۆپلەپمەيدانغا كېلىۋاتىدۇ.ئەممايەنىلا  خەلقىمىزدە تىرشچانلىق ئىجاتچانلىق روھى كەمچىل،روھى ئاچارچىلىق،نادانلىق كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ.  نادانلىق كىشىلىرىمىزنى ھالاكەتكە باشلايدۇ.نادانلىق ئىلىمسىزلىكتىنئىبارەت بۇروھى كېسەللىكنى داۋالاشنىڭ بىردىنبىر رېتسىپى ئوقۇشتۇر."ئوقۇش"ئىلاھى چاقىرىق.بىز ئوقۇش بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ،خەلقىمىزنىڭ،جۈملىدىن ۋەتىنىمىزنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلالايمىز ،پارلاق كەلگۈسىگە يول ئاچالايمىز .   يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ھەرقايسىرايونلىرىمىزدا ئىلىم-مەرىپەتكەبولغان ئويغىنىش دولقۇنىكۆتۈرىلىۋاتىدۇ ،لىكسىيەلەر،ئىلىم چايلىرى بولىنىۋاتىدۇ.ھەرقايسىمەتبۇئاتلاردا ئىلىممەرىپەتكە بولغان بەس -مۇنازىرىلەر مۇھاكىمە ئەسەرلەر  يوللىنىپ خەلقىمىزنىڭ مەنىۋىيىتىنىبېيتىۋاتىدۇ. بۇ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك خەلقىمىزنىڭ ئىلىمگە بولغان چۈشەنچىسىنى ئاشۇرىدىغان ،ھەربىر ئىلىم ئەھلىنى خۇشال قىلىدىغانپائالىيەتلەر بولۇپ قالغۇسى .مۇشۇ پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرغانكىشىلىرىمىزگە چوڭقۇر ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن. 2015-يىلى ئەنە شۇكىشىلىرىمىزنىڭ ۋەكىلى بولغان روزى مۇھەممەت تۇردى ئارتۇچ ئەپەندى باشچىلىقىداكىتاپ ئوقۇش يىلىقىلىپ بېكىتىلىپ ئاپتونوم رايون بويىچە خەلقىمىز ئارىسىدا كىتاپ ئوقۇش كەيپىياتىنى بىر دەرىجە يۇقۇرى كۆتۈردى.2015-يىلى بەلكىم ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئوقۇش يىلى ،ئويغىنىش يىلى بولۇپ قالغۇسى .
بۈيۈكئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن"كىتاپ بىلىم،كىتاپ بايلىق، كىتاپ كۈچ، كىتاپ بەخت "دەپ ئېيتقانكەن .تونۇلغانشائىر يېتىلىۋاتقان  مۇتەپەككۇر ئابدۇقادىرجالالىدىن "ئىچكىدۇنياسى قۇپقۇرۇق ئادەمگەقارىغاندا كىتاپ ئوقۇغانتەپەككۇر قىلغان بىر ئادەمنىڭقايغۇسى تېخىمۇ ئالىيجاناپبولىدۇ" دەپ ئېيتقان ئىكەن . مەن شۇنى ھېسقىلدىمكى بىز ئۆزىمىزنىكىتاپ بىلەن، ئوقۇش بىلەنئىزدىشىمىز،نادانلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ ،كىتاپ ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق ئۇلۇغۋار ئارزۇلارنى كۆڭلىمىزگەپۈكۈپ ، ۋەتەن خەلققە ياراملىق ،ئۆزىمىزگە يۈز كېلەلىگۈدەك ئەۋلاتلاردىن بولۇپ ياكىيېتىشتۈرۈپ چىقىشىمىزنى ، تېخىمۇ كۆپلەپ ئىلىم ئەھلىلىرىمىزنىڭ مەيدانغا چىقىشىنى ، خەلقىمىز ئۈچۈن كۈچىنىڭ يېتىشىچەخىزمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتىم ،شۇنداقلا ئۈمۈد قىلىمەن . گەرچە2015-يىلى كىتاپ ئوقۇش يىلى قىلىپبېكىتىلگەن بولسىمۇ مېنىڭ شوئارىم بۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى ئۇيغۇر خەلقىمىز ئۈچۈنكىتاپ ئوقۇش يىلىقىلىپ بېكىتىلسۇن ! قېنى بۇرادەرلەر بىرلىكتە ھەر يىلى ئوقۇش بىلەن كىتاپتىن ئىبارەت بۈيۈك ئىلىم كانىنى بىرلىكتە ئاچايلى ،ئىلىم بىلەن ئۆزىمىزنى قوراللاندۇرايلى،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىتاپخۇمار ئىلىمخۇمار ئىكەنلىكىنى پۈتۈندۇنياغا ئىسپاتلايلى .!
ئوقۇ ئىنسان بىلىمىڭ ئالغىن،
سەن دۇنياغانەزەرىڭ سالغىن.
تەپەككۇرقىل بىخۇد قالمىغىن،
كەل قولۇڭغاكىتابىڭ ئالغىن.
)شاھى مەردان كېرىم(

ھەر  يىلى كىتاب ئۇقۇش يىلىمىزبولسۇن
(مۇھاكىمە  ماقالىىسى)
شاھزادەم ئابلا  (ئارف)

     بىر ئايال ئانا بوپتۇ، شۇندىن ئتىبارەن بۇ ئانا قانداق قىلسام بالامنى ياخشى تەربىيلىيەلەيمەن  دەپ ئويلىشىپتۇ .
بۇئانا ھەر كۈنى قولىغا كىتاپنىئېلىپ  ئولتۇرۇپتۇ. بالىمۇ تەبىيلا كىتاپ ئوينايدىغانبولۇپ چوڭ بوپتۇ . بالىمۇ مەكتەپ يىشىغا يىتىپ مەكتەپكە بېرىپتۇ ،ھەم تېزلا  ساۋادى چىقىپتۇ، بىر كۈنى بالا مەكتەپتىنقايتىپ كېلىپ ھويلىدا ئاپىسىنىڭ كىتاپنى تەتۈر تۇتۇپ ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ ، ئاپاكىتاپنى تەتۈر تۇتۇۋاپسىزغۇ ؟ دەپ سوراپتۇ .
ئانىسى: بالام مەن ئەسلى ساۋاتسىز ، قانداق قىلسام سىنى ياخشى ئوقاركىن دەپ، مۇشۇنداققىلدىم، دەپتۇ.
   دىمەك ئانىلارنىڭخاراكتېرى بالىلار خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىشىگە بىۋاسىتە ۋە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدۇچۈنكى  بىر   ئانا بىر  كىتاب  . ئەمەلىيەتتە بالىلار خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىشىدەئانىلارنىڭ مىجەز – خاراكتېرى مۇھىم رول ئوينايدۇ.
پەرزەنتئۈچۈن ئائىلە ئەڭ دەسلەپكى ‹‹كىچىك جەمئىيەت››، شۇنداقلا تۇنجى تەربىيەبۆشۈكى    ئانىدىن  ئىبارەت بۇكىتاب  بالىغا  ھەممىنى ئۆگەتكۈچى . ئانا پەرزەنتنىڭ بىرىنچى ئۇستازى.پەرزەنت بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ كۆرىدىغىنى ئانا  ناملىق كىتاب. تۇنجى ئاۋازىنى ئاڭلايدىغىنىمۇ ئانا  ناملىق كىتاب ئاۋازى  تۇنجى بولۇپ ھىدىنى پۇرايدىغىنىمۇ ئانا  ناملىق قىنىپ- قىىنىپ،  پۇراپ - پۇراپقانمايدىغان ئىسىل   كىتاب ھىدى· كىتاب  ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدا خۇددى بۇۋاقلا ئانىسىدىن ئايرىلالمىغىنىدەك  ئانىدىن ئىبارەت بۇكىتابنىڭ  بالا بىلەن بىللە بولىدىغانمەزگىلى ئەڭ كۆپ بۇلىدىغان ئانىغا ئۇخشايدۇ. بالىلارتۇغۇلغاندىن تارتىپ مەكتەپ يېشىغا يەتكىچە ئانىنىڭ تەربىيەسىدە بولىدۇ. بۇ چاغپەرزەنتلەرنىڭ خاراكتېر يېتىلدۈرىدىغان مۇھىم مەزگىل ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى  كىتاب ئۇقۇش يىلىنى  تەۋسىيە قىلغان  رۇزى مۇھەممەت  تۇردى ئارتۇچ مۇئەللىممۇ  كىتاب ئۇقۇيالمىغان  نامرات بالىلارغا  كىتاب  تۇپلىغان ئەمەسمۇ،
      ئانىدىن ئىبارەت بۇمۇقەددەس   كىتابنىڭ  ياخشى – يامان خاراكتېرى پەرزەنتلەرنىڭخاراكتېرىدىكى ئىجابىي ۋە سەلبىي ئامىللارنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولىدۇ.  بۇنداق مۇقەددەس  كىتابلانى  كۆپ ئۆزلەشتۈرگەن بالىلاردا ياخشى خاراكتېر يىلتىز تارتىپ، سەمىمىي – راستچىل، ئوچۇق –يورۇق، چىقىشقاق، ئاق كۆڭۈل، ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسى ئۈستۈن، ئۆز كۈچىگە تايىنىپياشايدىغان، مۇستەقىللىقى كۈچلۈك خاراكتېر يېتىلىدۇ
ئەۋلادلارداساغلام خاراكتېر يېتىلدۈرۈش تەشەببۇسى يېڭى ئۇقۇم ياكى يېڭى كۆزقاراش ئەمەس.ئەجدادلار ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرىلا بالىلاردا ياخشى مىجەز – خۇلق يېتىلدۈرۈشئۈستىدە ئىزدەنگەن. ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇر، پەيلاسوپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ ‹‹گۈزەل خۇلقئىنسان ئەيىبىنى ياپقۇچ›دەپ ئەۋلادلاردا خاراكتېر يېتىلدۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتىنىتونۇتقان.بۇمۇ  دەل  كىتابنىڭ تەسىرى  ‹‹قان بىلەن كىرگەن خۇي جانبىلەن چىقىپتۇ››، ‹‹ئۆگەنگەن خۇي ئۆلگىچە›› دېگەن ماقال – تەمسىللەردىن ئادەمنىڭخاراكتېرى ئۇنىڭ پۈتكۈل ھاياتىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلىبولىدۇ.  شۇنداق بۇلغانكەن  ياخشى كىتابتەك  تەربىيلەنگەنلەر  ياخشى ئش  ئەمەللەرنى خۇلىقلارنى ھەر جايدا   جارىي قىلدۇرالايدۇ يەنى  كىتابنى ئەمەلىيەتكە  تەدبىقلىيالايدۇ · يەنە دىموكرىت: ‹‹ياخشىخاراكتېرلىك كىشىنىڭ ھاياتىمۇ ياخشى بولىدۇ››، ئوشىنىسكىي: ‹‹تەربىيەنىڭ ئەڭ مۇھىممەقسىتى خاراكتېر يېتىلدۈرۈشتۇر››دەپ كۆرسىتىپ، بالىلاردا خاراكتېر يېتىلدۈرۈشنىڭزۆرۈرلۈكىنى تونۇتقان. دىمەك  خاراكتىر يىتىلدۈرۈشئۈچۈن ئانا  تەربىيەلىنىشى،  بىر  ئىسىل  قامۇس ھازىرلاپ  بالا  تەربىيەلىشى كىرەك .شۇنىڭ ئۈچۈنكۆپ  كىتاب ئۇقۇش  ئۆزىنى كىتاپ ئارقىلىق  كۈچلەندۈرىشى نىشان.
   شۇڭا  قەدىردان دوستۇم ، سىز  قىز بولسىڭىز ئانا بۇلىسز كۆپ كىتابكۈرۈڭ ،چۈنكى ئۆزىڭىز  كىتاب بۇلۇش ئۈچۈن سىزدەئىسىل  جەۋھەرلەر بۇلمىسا  بۇنداق  كىتابقا ھىچكىم كۆز قىرىنىمۇ سالمايدۇ . ئىسىڭىزدە  بولسۇن كىتاب ئۇقۇمايدىغانئانىدىن ئەمدىئۈمۈديوق،ئانا خارابلاشسا  مىللەت  ئانىللىرى خارابلىشىدۇ.
كىتابئۇقۇشنى  ئۆزىڭىزگە ،ئەۋلادىڭىزغا ئادەت قىلىڭ !
     2015-يىلى12-ئاينىڭ15-كۈنى    (سەيشەنبە)
قەدىرلىك قىرىنىداشلىرىمىز بىز يەنە  توختاۋسىز كىتاب ئوقۇشىمىز كىرەك،كىتابئوقۇشىنى باش تىما قىلغان ھالدا باشقا ئىشلىرىڭلارنى قانات يايدۇرىشڭلارنى ئۆمىدقىلىمەن.كىتاب ئوقۇش مەڭگۈلۈك تىمىمىز بولسۇن ،يىڭى يىلىڭلارغا قۇت بولسۇن !
ئىزچىلارئاۋازى رادىئوسى يىڭى يىلغا ئالاھىدە پىروگىرامما تەييارلىدى
http://m.subat.cn/index.php?a=track&id=10506

uyghuray

0

تېما

21

دوست

9223

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   84.46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36797
يازما سانى: 250
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 2976
توردىكى ۋاقتى: 299
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-1 12:14:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   SANHON تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-1 14:30  

2016-يىلىنى ‹‹يۈسۈپ خاس ھاجىپ ››نى  تەبرىكلەش يىلى قىلايلى !

4

تېما

10

دوست

8638

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   72.76%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35433
يازما سانى: 755
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 2610
توردىكى ۋاقتى: 682
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-1 12:59:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كومپىيۇتىر يىلى بولسا مۇۋاپىق…
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

21

دوست

9223

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   84.46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36797
يازما سانى: 250
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 2976
توردىكى ۋاقتى: 299
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-1 14:28:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   SANHON تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-1 14:32  

?

0

تېما

21

دوست

9223

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   84.46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36797
يازما سانى: 250
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 2976
توردىكى ۋاقتى: 299
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-1 14:29:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
manqa يوللىغان ۋاقتى  2016-1-1 14:17
كومپىيۇتىر ؟   ھا ھا ھا       يەنىلا   بىزنىڭ  ھاياتىمىز  ...

2016-يىلىنى ‹‹يۈسۈپ خاس ھاجىپ ››نى  تەبرىكلەش يىلى قىلايلى !
چۈنكى بۇ يىل بۇ بۆيۈك يۈسۈپ خاس ھاجىپ بوۋىمىزنىڭ  تەۋەللۇتىنىڭ 1000يىللىقى،شۇ مۇناسىۋەت بىلەن باشقىلار  دۆلەت دەرجىلىك ‹‹خەلىقارالىق جۈسۈپ بالاساغۇنى نىڭ تۇغۇلغانىنىڭ  مىڭ جىللىقى ››نى كاتتاتەبرىكلەش  ئېلىپ بارماقچى ! بىزمۇ  ئۇشبۇ زاتنىڭ ھەقدارى تۇرۇقلۇق چۈمگەك قۇشتەك  يۈرۈپ ،‹‹ئۇ يىلى ،بۇ يىلى ›› پائالىيىتى قىلامدۇق ؟
قىززىق بالىلاردە سىلەر ...ھەي !‹‹كومپۇيوتىر يىلى ....يىلى ››دىگىنىڭلار بىر يەرگە قېچىپ كەتمەيدۇ ، يىللار  دىگەن ناھايتى جىققۇ ؟كىلەر يىللىرى تەبرىكلىۋالساڭلارمۇ  قەدرى قېرىپ قالمايدۇ !لىكىن بۇ بۆيۈك يۈسۈپ خاس ھاجىپ بوۋىمىزنىڭ  1000يىلدا بىر كىلىدىغان تەۋەللۇتىنى تەبرىكلەشنى  مىنۇت -سىكىنۇت كىچىكتۈرۈشكە قەتتى بولمايدۇ !
بىز قەتتىئى ھالدا بىر نىيەت -بىر مەقسەتتە بۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپ تىن ئىبارەت كاتتا زاتنى   پۇتۇن جۇڭگۇنىڭ،شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جۈملىدىن  ئۇيغۇرلارنىڭ ‹‹2016-يىلى  يۈسۈپ خاس ھاجىپ بوۋىمىزنى ››تەبرىكلەش يىلى قىلىشىمىز  كىرەك!
بولمىسا بەكمۇ كىچىكىپ چوڭ پۇشايمانغا قالىمىز !
ئەجدات بوۋىلار‹‹كىيىنكى پۇشايمان ئۆزۈڭگە دۈشمەن›› دەپ ئېيىتقان!

0

تېما

21

دوست

9223

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   84.46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36797
يازما سانى: 250
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 2976
توردىكى ۋاقتى: 299
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-1 14:30:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arkak007 يوللىغان ۋاقتى  2016-1-1 12:59
كومپىيۇتىر يىلى بولسا مۇۋاپىق…

2016-يىلىنى ‹‹يۈسۈپ خاس ھاجىپ ››نى  تەبرىكلەش يىلى قىلايلى !

0

تېما

21

دوست

9223

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   84.46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36797
يازما سانى: 250
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 2976
توردىكى ۋاقتى: 299
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-1 14:31:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arkak007 يوللىغان ۋاقتى  2016-1-1 12:59

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )