- تىزىملاتقان
- 2015-8-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2509
- نادىر
- 0
- يازما
- 138
ئۆسۈش
16.97%
|
بىر ئادەمنىڭ بىر كىسەل بىلەن 12 يىل كۆرەش قىلماقلىقى ئاسان گەپ ئەمەس ئىكەن.
زادى ساقىيامدۇ ساقايمامدۇ؟
بۇ سۇئال ئۆزلۇكسىز ئادەمنى قىينايدىكەن.مەن بەدەن سۇپىتىم خېلى ياخشى بولغان بىر تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ئىدىم .بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ناھايىتى ياخشى كۇرەتتىم ، بۇي ئىگىزلىكىم 175،ئايالىممۇ 175كىلىدۇ.ئىككى ئوغلۇم بار،ئىرسىيەت نوقتىسىدىن ئېيىتقاندا بالىلىرىمنىڭ بوي ئىگىزلىگى بەلكىم 185دىن يۇقىرى ئادەم بۇلىشى مۇمكىن،ئەمما بۇمۇ بەدەن چېنىقتۇرۇش ،ساغلام بولغان چېنىقېش ئۇسۇللىرى بىلەن مۇناسىۋاتلىك.
ئەپسۇس ،مەن مانا مۇشۇنداق ماڭالماي ياتسام ،پەرزەنىتلىرىمگە ئۇلگە بۇلۇپ ئۇلاردىن بالدۇر تۇرۇپ ،چېنىقىشقا يىتەكلىيەلمىسەم،،،،،،،،،،،،،،،،،
قۇرۇق ئون ئېغىز نەزىريەدىن ئەمىلى بىر ھەركەت بەك مۇھىم.
12يىل. ئاغزىمدىن ناھايىتى ئاسان چىقىپ كەتكەن بىلەن مىنىڭ بۇ ۋاقىتلارنى قانداق ئويكۇزگەنلىكىمنى بىر ئۈزۈم بىر ئاللا بىلىدۇ.ئاللانىڭ ماڭا ئۇرۇنلاشتۇرغان سىناقلىرى تۇگىمىگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلايمەن .
بىر تال چىش يۇلۇنۇپ كەتسە يەنە قالغانلىرى خىزمەت قىلالايدۇ،بىر پۇت كىسىلىپ كەتسە نورمال خىزمەت ئىقتىدارىمىزنىڭ يېرىمى يۇقايدۇ،ئىككىلىسى كىسىلىپ كەتسە ياغاچ پۇت ئارقىلىق خىزمەت قىلىش ھالىتىگە ئۈتىمىز.بۇمۇ تۇغۇلما ماڭالماس بۇلۇپ قالغانلارغا سېلىشتۇرغاندا يەنىلا بەخىت،ئەمما شۇنچە تەرەققى قىلغان تىببى ئىلىم ئالدىدا ساقايماي كىسلىپ كىتىش يەنە بىر نوقتىدىن ئويلىغاندا بەكمۇ ئازاپلىق.
ئادەمنى تىرىشىشقا ،ئۇگىنىشكە ،كۇرەش قىلىشقا ئۇندەيدىغان ئاساسلىق ئامال كىچىككىنە كۇرۇنگەن نۇر يەنى ئۈمىت.مەنمۇ مۇشۇ ئۈمىت ئىچىدە 12يىلنى ئۆتكۇزدۇم،بەلكىم يەنە مۇشۇنداق 12يىلنىمۇ ئۆتكۇزۇشۇم مۇمكىن،ياكى ئەكسىچە نەتىنجىگە ئۇچرىشىممۇ مۇمكىن،،،،،،،،،،،،،،،،،،
مۇشۇ تىمىنى يېزىشىمدىكى مەقسەتمۇ سىلەردىن بەلكىم يەنە بىر ئۇمۇتلەرگە ئىرىشىش ئۇچۇندۇر،،،،،،،،،،،،،ياكى يوقتۇر،،،،،،،،،،،،،،،
ماڭا ياخشى مەسلەھەت ۋە تەسەللىلەرنى بەرگەن مۇنبەرداشلارغا يەنە بىر قېتىم تەشەككۇر.
شۇنداق ياخشى بىر بايقاش ،دۇرا ،دوختۇرخانىلار بۇلۇپ قالسا ئىرىنمەي تەۋىسىيە قىلىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن. |
|