- تىزىملاتقان
- 2015-10-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-1-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 353
- نادىر
- 2
- يازما
- 3
ئۆسۈش
26.5%
|
بىرىنجى قىسىم
ئىككىنجى قىسىم
ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتى جەمىئيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتۇرى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەڭرىتاغ ئالىمى زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ تەشكىللىشى، شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى، شىنجاڭ بىلكۈچ مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قوللىشى ۋە ھەمكارلىشىشى بىلەن «فارابى خاتىرسىگە ئىلىم چاي» 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى پارلاق ئالىي مېھمانسارىيىنىڭ ئورمان ئايرىمخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئىلىمنىڭ زاكىتىنى بېرىش، چوڭقۇر كلاسسىك كىتابلارنى ئوقۇيدىغان ئۈستۈن ئوقۇرمەنلەرنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان «ئۆزباش ئىلىم چېيى»نىڭ بۇ قېتىملىق سانى بوۋىمىز فارابى ۋە ئۇنىڭ داڭلىق ئەسىرى «پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى» ناملىق كىتابنى مۇلاھىزە قىلىشقا بېغىشلاندى.
بۇ قېتىمقى «ئىلىم چېيى»غا شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى فىلولوگىيە ئىنىستېتۇتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتۇر ئاسپىرانت يېتەكچىسى ئوسمان ئىسمائىل تارىم؛ شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى فىلولوگىيە ئىنىستېتۇتىنىڭ پروفېسسورى، ئاسپىرانت يېتەكچىسى زەمىر سەئدۇللازادە؛ ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتى جەمىئيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتۇرى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەڭرىتاغ ئالىمى زۇلپىقار بارات ئۆزباش؛ پىسخولوگىيە پەنلىرى دوكتۇرى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتى ئوقۇتقۇچىسى مەغفىرەت كەنجى؛ شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇپخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابلاجان ئەزىز بىلكۈچ، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى «ئەلدىن ئەلگە نەپ» پروگراممىسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى نىجاد ئەھمەد قاتارلىق ئەزىز مېھمانلار قەدەم تەشرىپ قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب شىمالىدىن 50كە يېقىن ئىلىم سۆيەر ئىزدەنگۈچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى.
بۇ قېتىمقى چايدا ھۆرمەتجان فىكرەت ۋە جاپپار ئەمەت تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ نەشىرگە تەييارلانغان، بوۋىمىز فارابىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى، «پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى» ناملىق كىتاب ئاساس قىلىنىپ مۇلاھىزە قىلىندى.
فارابىنىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇنەسىر مۇھەممەد ئىبىن ئۇزلۇق ئىبىن تارخان، 870 - يىلى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ فاراب شەھىرىدە تۇغۇلۇپ، 950- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭلا ئەمەس، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئىدىيە تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ پەيلاسوپ، دۇنيا تارىخىدا ئارستوتىلدىن كېيىنكى ئىككىنچى ئۇستاز دەپ تەرىپلەنگەن بولۇپ، ھاياتىدا 200گە يېقىن ئىلمىي ئەسەر يېزىپ قالدۇرغان.
بۇ قېتىمقى ئىلىم چېيىغا شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى «ئەلدىن ئەلگە نەپ» پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى، دىكتۇر، داڭلىق مۇخبىر نىجاد ئەخمەد رىياسەتچىلىك قىلدى. رىياسەتچىنىڭ بوۋىمىزنىڭ قىسقىچە ھاياتى ۋە ئىجادىيىتىنى تونۇشتۇرۇشى بىلەن بۇ قېتىملىق پائالىيەت باشلاندى.
ئاۋال ئۈرۈمچى شەھەرلىك 16-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئابباس نىياز مۇئەللىم «فارابىنىڭ ئىجىتىمائىيەت پەلسەپىسى ھەققىدە» ئۆز چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇنىڭدىن كىيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى فىلولوگىيە ئېنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتۇر ئاسپىرانت يېتەكچىسى ئوسمان ئىسمائىل تارىم سۆز قىلىپ ئىلىم چىيىنىڭ مۇشۇنداق پائالىيەتلىرىگە بارىكاللا ئېيتتى ۋە فارابى بوۋىمىزنىڭ بىز ئۆگىنىدىغان قىممەتلىك تەرەپلىرىنى قەيت قىلىپ ئۆتتى.
ئارقىدىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 20-باشلانغۇچ مەكتەپ 5-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئوماق قىزىمىز نازۇبەر ئابدۇھېلىم كۆپچىلىككە فارابى بوۋىمىزنىڭ شېئىرىنى تەسىرلىك دىكلاماتسىيە قىلىپ سورۇن ئەھلىنى ھاياجانغا سالدى.
ئاندىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى فىلولوگىيە ئېنىستىتۇتىنىڭ پروفىسسورى، ئاسپىرانت يېتەكچىسى زەمىر سەئدۇللازادە مۇئەللىم سۆز قىلىپ، ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئىلمىي پوزىتسىيەدە تەتقىقات قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئارقىدىن ئىلىم چېيىنىڭ يىگىت بېشى، ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتۇرى زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئەپەندى «21 -ئەسىردىكى بىز ئۈچۈن فارابى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟» ناملىق لېكىسىيەسىنى كۆپچىلىككە سۇندى. لىكسىيە ئاساسلىق مۇنداق بۆلەكلەردىن تەركىپ تاپتى.
بىرىنچى بۆلەك: «فارابى ۋە دەۋرىمىزدىكى پەلسەپە مەسلىلىرى». بۇ بۆلەكتە دوكتۇر زۇلپىقار بارات ئۆزباش پەلسەپە بىلەن دەۋرنىڭ، پەلسەپە بىلەن مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى شەرھىيلەپ ئۆتتى ۋە بۈگۈنكى دەۋردە فارابى پەلسەپىسىنى ئۆگىنىش، فارابىغا قايتىشنىڭ بىزدىكى ئۈزۈلۈپ قالغان ئانالىتىك تەپەككۇر ئەندىزىسى، سوغۇققان مۇھاكىمە ئەندىزىسىنى تولۇقلاشتا ۋە بۇ رېلىسنى ئۇلاشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى.
ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاجىز، بېقىندى مىللەتلەر ئارىسىدا خاتا چۈشىنىلگەن بۇرمىلانغان پەلسەپە ئەسلى قۇرۇق، كېرەكسىز نەرسە ئەمەس. پەلسەپە روھى بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى يىلتىزىدىن باشلاپ ئىلغارلىققا، گۈللىنىشكە يېتەكلەيدىغان ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ. پەلسەپە بىلەن مەدەنىيەت، پەلسەپە بىلەن مەۋجۇدىيەت، پەلسەپە بىلەن نۆۋەتتىكى زىللىق ئارىسىدا زىچ مۇناسىۋەت بار. بىر مەدەنىيەتنىڭ كىرزىسى ئەمەلىيەتتە پەلسەپە كىرزىسىدۇر. بىر مىللەتنىڭ دۆۋىلىنىپ چىگىشلىشىپ كەتكەن قىيىن مەسلىلىرى ئەمەلىيەتتە يىلتىزىدىن سۈرۈشتۈرگەندە پەلسەپە مەسلىلىرىدۇر. بىر مىللەت پەلسەپەدىن قانچە يېراقلاشقانچە ئەقىل نۇرىدىن شۇنچە يېراقلىشىدۇ. ئىلغار مەدەنىيەت ئەندىزىسى ياراتقان بارلىق مىللەتلەر پەلسەپەدىن ئۆزىنى قاچۇرمىغان، پەلسەپەگە ئەھمىيەت بەرگەن مىللەتلەردۇر. گىرمانلار، گېرىكلار، فىرانسۇزلارنىڭ تارىخى بۇنى ئىسپاتلىدى.
دوكتۇر زۇلپىقار بارات ئۆزباش لېكسىيەسىنىڭ ئىككىنچى بۆلىكى «فارابىنىڭ ئەخلاق پەلسەپىسى ۋە شەھەر چۈشەنچىسى: 21 ــ ئەسىردىكى بىز ئۈچۈن فارابى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟» بولۇپ، بۇ بۆلەكتە دوكتۇر زۇلپىقار بارات ئۆزباش فارابىنىڭ ئەخلاق ۋە شەھەر چۈشەنچىسىنى تەھلىل قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەخلاق تېمىسى پۇل ۋە ماددا تېمىلىرىدەك كىشىنى جەلىپ قىلىدىغان تېما ئەمەس. ئارىمىزدا پەزىلەتلىك ياشاش بىلەن ئومۇمى مەۋجۇتلۇقنىڭ، ئەل ـ يۇرتنىڭ تەقدىرى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشىنىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس. ئۆزىنىڭ ھايات شەكلى بىلەن دۆلەتنىڭ تەقدىرى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشىنىدىغانلارمۇ ئانچە كۆپ ئەمەس. بۇ نوقتىدىن قارىغاندا فارابىنىڭ ئەخلاق چۈشەنچىسى، جۈملىدىن پەزىلەتلىك شەھەر چۈشەنچىسى 21ـ ئەسىردە تۇرىۋاتقان بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
فارابىنىڭ قارىشىچە پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى ئۆز ـ ئارا ياردەملىشىدۇ، بەخىتكە ئېرىشىش يولىدا ھەمكارلىشىدۇ. شەھەر خەلقى ئورتاق ياردەملىشىشنى يولغا قويسا، پۈتۈن زىمىندا ئورتاق پەزىلەت تىكلىنىدۇ. جاھالەتلىك شەھەرنىڭ خەلقلىرى بولسا ھەقىقى بەخىتنى بىلمەيدۇ، باشلىقلىرى ھەقىقى بەخت ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھايات مەقسىتى شۆھرەت، كەيپ ـ ساپادۇر. فارابى بۇنداق جاھالەتلىك شەھەرلەرنى قاتتىق تەنقىدلەيدۇ ۋە جاھالەتلىك شەھەرلەردىن پەزىلەتلىك شەھەرگە ئۆتۈشتە قاتتىق ئىنتىزام ۋە تەرتىپكە تايىنىشنى تەكىتلەيدۇ.
دوكتۇر زۇلپىقار بارات ئۆزباش لېكسىيەسىنىڭ ئۈچىنچى بۆلىكى «فارابى بىلەن گىرىك پەلسەپىسى ئوتتۇرىسىدىكى تەسىر كۆرسىتىش مۇناسىۋىتى» بولۇپ، بۇ بۆلەكتە زۇلپىقار بارات ئۆزباش گىرىك پەيلاسوپى ئەپلاتۇننىڭ ۋە ئارستوتىلنىڭ بوۋىمىز فارابىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى تەھلىل قىلدى. جۈملىدىن پەلسەپە تارىخىدىكى كىلاسسىك تېما شەھەر ۋە ئادەم، بەخىت ۋە ئەقىلنىڭ مۇناسىۋىتىنى ناھايىتى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى.
فارابى ئەپلاتۇننىڭ غايىۋىي دۆلەت چۈشەنچىسىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئارستوتىلنىڭ ئەقىل، بەخىت چۈشەنچىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. دوكتۇر زۇلپىقار بارات ئۆزباش لېكسىيەسىنىڭ بۇ بۆلىكىدە گىرىك پەلسەپىسى بىلەن بوۋىمىز فارابىنىڭ ئىدىيسى ئوتتۇرسىدىكى تەسىر كۆرسىتىش مۇناسىۋىتىنى ئىنتايىن چوڭقۇر تەھلىل قىلدى.
زۇلپىقار بارات ئۆزباش لېكسىيەسىنىڭ تۆتىنچى بۆلىكى «فارابىنىڭ بەخىت، ياشام چۈشەنچىسى ۋە ئۇنىڭ دەۋرىمىزگە تەدبىقلىنىشى» بولۇپ، بۇ بۆلەكتە زۇلپىقار بارات ئۆزباش فارابىنىڭ بەخىت، ياشام چۈشەنچىسىنى تەھلىل قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كۈنىمىزدە خېلى كۆپ ئادەم ھاياتنىڭ ئاداققى مەقسىتى ھەققىدە ئويلىنىپ باقمايدۇ. ئارىمىزدا بىر كۈن ياشاپ ئۇنى 364كۈن تەكرارلايدىغانلار كۆپ. بەزى كىشىلەر مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەك، بىرەر مىڭ يىل ياشايدىغاندەك بىخۇد، بىغەم ياشايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۆز ئۆمرىمىزنى بوغۇزلاشتۇر. يەنە نۇرغۇن ئادەم بەخىت دەيدۇ، ئەمما بەخىت ئىچىدە تۇرۇپ بەخىتسىزلىك ئىزدەيدۇ. بوۋىمىز فارابىنىڭ ئەخلاق ۋە بەخىت، ياشام چۈشەنچىسى بىزنى بۇ نۇقتىدا قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئىتىدۇ.
دوكتۇر زۇلپىقار بارات ئۆزباش لېكسىيەسىنىڭ بەشىنچى بۆلىكى «فارابىنىڭ لوگىكا پەلسەپىسى ۋە ئۇنىڭ دەۋرىمىزگە تەدبىقلىنىشى» بولۇپ، بۇ بۆلەكتە دوكتۇر فارابىنىڭ لوگىكا پەلسەپىسىنى تەھلىل قىلدى ۋە لوگىكا تارىخىغا كۆرسەتكەن تەسىرىگە يۇقىرى باھا بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياش ـ ئۆسمۈرلەرنىڭ دۇنيانىڭ ماھىيتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن لوگىكا ئۆگىنىشى كېرەكلىكى ۋە چوڭقۇر ئانالىتىك تەپەككۇرغا كۆنۈشى لازىملىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتتى.
ئومۇمەن بۇ لېكسىيە مول مەزمۇن، چوڭقۇر بىلىم ۋە كۆپ ئۇچۇرلار بىلەن تويۇنغان قىممەتلىك بىر لېكسىيە بولدى، شۇنداقلا ئىشتىراكچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
بۇنىڭغا ئۇلاپلا شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئەدەبىيات پەنلىرى ماگىستىرى ئاينۇر دولقۇن «ئىناق جەمئىيەتنى قانداق بەرپا قىلىمىز: فارابىنىڭ پەزىلەتلىك شەھەر ۋە جاھالەتلىك شەھەر چۈشەنچىسى»دېگەن تېمىدا؛ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى گۈلپىيە مۇئەللىم «فارابىنىڭ ئىستىتىكا، ئەدەبىيات چۈشەنچىسى ھەققىدە»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى تىلشۇناسلىق پەنلىرى ماگىستىرى، شىنجاڭ گېزىتىنىڭ تەرجىمانى بىلال ياقۇپ ئەپەندى «فارابىنىڭ ئەپلاتۇن پەلسەپىسى ھەققىدىكى شەرھىسى» دېگەن تېمىلاردا مۇلاھىزىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
چۈشتە كۆپچىلىك ئۆز-ئارا ئەركىن پىكىر-ئالماشتۇرغاچ تاماقلاندى، ئۆز-ئارا تونۇشتى. چۈشتىن كىيىن سائەت 1:30 دە پائالىيەت داۋامى باشلاندى.
چۈشتىن كىيىن شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئېنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مۇھەممەدئەلى «فارابىنىڭ تەبىئەت پەلسەپىسى ۋە مەۋجۇدىيەت چۈشەنچىسى» دېگەن تېمىدا لىكسىيە سۆزلىدى. لىكسىيەدە نۇرغۇن ئاتالغۇلارغا تەپسىلىي شەرھى بېرىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئايدىڭلاشتۇرالمىغان مەسىلىلىرى ئېنىق بولدى. ئاخىرىدا مۇھەممەدئەلى «فارابى بوۋىمىزنىڭ بىزگە يېتىپ كىرمىگەن باشقا نۇرغۇن ئەسەرلىرى بار. ئىمكانىيەت يار بەرسە ئەسلى يېزىلغان ئەرەبچىدىن بىۋاستە ئۇيغۇر تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىپ خەلقىمىزگە سۇنۇش ئارزۇيۇم بار» دېگەندە كۆپچىلىك گۈلدۈراس چاۋاكلىرى بىلەن تەشەككۈرى ۋە مەدەتلىرىنى ئىپادىلىدى.
ئارقىدىن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پروفىسسورى، ئاسپىرانت يېتەكچىسى مەغفىرەت كەنجى مۇئەللىم «فارابىنىڭ پىسخىكا ھەققىدىكى قاراشلىرى» دېگەن تېمىدا مۇلاھىزىسىنى سۆزلەپ بەردى ۋە بۇ پائالىيەتكە قاتناشقانلىقىدىن تولىمۇ ئىپتىخارلانغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئاخىرىدا كۆپچىلىكنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن زۇلپىقار بارات ئۆزباش مۇئەللىم «زامان تەقەززا پىكىرلەر» تېمىسىدا سۆز قىلىپ تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.
1.«پەلسەپە بىلەن باشقا پەنلەرنىڭ مۇناسىۋىتى». بۇنىڭدا ئاساسلىق پەلسەپەنىڭ بارلىققا كىلىشى ۋە پەن بولۇپ شەكىللىنىشى، پەلسەپە بىلەن مەدەنىيەت، پەلسەپە بىلەن مەۋجۇدىيەت، پەلسەپە بىلەن ئەدەبىيات، پەلسەپە بىلەن يەنە باشقا پەنلەر ئارىسىدا قانداق مۇناسىۋەت ۋە باغلىنىش بارلىقىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.
2.«ئانالتىك تەپەككۇرنىڭ ئىلمىنتلىرى». بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ ئانالتىك تەپەككۇرنىڭ ئىلمىنتلىرنى تۆۋەندىكىدەك تۈرلەرگە بۆلدى ① تەھلىل ۋە مۇھاكىمە بولۇشى ئۇقۇم يېشىپ بېرىلگەن بولۇشى نەزەرىيەۋى ئاساسى بولۇشى، يەنى پەن تارىخىنى ئوقۇشى، ئۆگىنىشى ④ سوئال، يەنى بىر مەركىزى سوئال بولۇشى ئېنىق بىر نۇقتىنەزەر بولۇشى، بۇنىڭغا دەلىل ۋە ئىسپات بولۇشى مەنىتىقىلىك ھېملىك (بىرلىك) بولۇشى كىرەك.
3.«ئانالتىك تەپەككۇرىمىزغا نېمىلەر توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ؟». بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن تارىخ، دىن، ئاۋامچىلار پىكىر ئېقىمى قاتارلىق كۆپ خىل تەرەپلەردىن چىقىپ تۇرۇپ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش بەردى.
4. «پەلسەپە قايسى چاغدا باشلىنىدۇ؟». بۇ سوئالغا زۇلپىقار بارات ئۆزباش مۇنۇلارنى دېدى: بىرىنچى، ھەيرانچىل قەلب بولغاندا؛ ئىككىنچى، مەسىلىلەرنى ھەل قىلالماي چوڭقۇر ئويلىنش باشلانغاندا؛ ئۈچىنجى، بۇلغانغان تىل تەپەككۇرغا زەخمە سىلىپ، «تىل تەپەككۇرغا قانداق زۇلۇم سالىدۇ؟» دېگەن سوئال باشلانغاندا؛ تۆتىنجى، پۈتۈن ئىجتىمائىي توپتا ياتلىشىش، ناخۇشىزىم باشلانغاندا... دېدى ۋە بۇنىڭغا قوشۇپ كۆپ خىل تەرەپلەردىن بۇ مەسىلىگە جاۋاب بەردى.
5. « پەلسەپەنىڭ گۈزەللىكىدىن نېمىشقا ھوزۇرلىنالمايمىز؟» دېگەن سوئالغا نىسبەتەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىرىنچى، تىلنىڭ قۇرغاقلىقى سەۋەبلىك ھوزۇرلىنالمايمىز. ئىككىنچىسى نامۇۋاپىق شەرھى ۋە ئىزاگوكلارنىڭ سەۋەبىدىن ھوزۇرلىنالمايمىز. ئۈچىنجىسى، بىزنىڭ چۈشىنىپ ھوزۇرلىنالايدىغان ۋاقتىمىز پىشىپ يېتىلمىگەن بولۇشى، بىزدىن يەنىمۇ ئۆگىنىش ۋە تەپەككۇر تەلەپ قىلىدىغان زۆرۈرىيەت بارلىقى سەۋەبلىك ھوزۇرلىنالمايمىز.
زۇلپىقار بارات ئۆزباش يۇقارقى سوئاللار ھەققىدە ئۆزىنىڭ كۆز-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇلۇغ بوۋىمىز فارابى ھەققىدە ئىلىپ بېرىلغان بۇ قېتىملى ئىلىم چېيى قويۇق ئىلمىيلىكى، جانلىقلىقى، رەڭدارلىقى بىلەن ئىشتىراكچىلارنىڭ قەلبىدە ھاياجان، پەخىرلىنىش، ئۆزىگە سوئال قويۇش ۋە ئويلىنىشقا ئوخشىغان مۇرەككەپ، چوڭقۇر تەسىراتلارنى قالدۇردى.
«ئۆتمۈشنى ئەسلىشىمىز بۈگۈننىڭ مەسىلىسى ئۈچۈندۇر». ئىپتىخارىمىز، دۇنياغا تونۇلغان مەشھۇر پەيلاسوپ بوۋىمىز فارابى ھەققىدىكى تەلقىنلىرىمىزمۇ دەل بۈگۈنىمىز بىزدىن تەلەپ قىلىۋاتقان ۋە رىئاللىقىمىز ئالدىمىزغا تاشلاۋاتقان پەلسەپە مەسىلىلىرىگە جاۋاب تېپىش ئۈچۈندۇر. يالغۇز شەرق دۇنياسىدىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئالاھىدە يۈكسەك ئورۇن تۇتۇپ، ئىككىنجى ئۇستاز دەپ تەرىپلەنگەن بوۋىمىز فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە ئىدىيەلىرى، ئىنسانىيەتكە سۇنغان ئېسىل ئەسەرلىرى ھەققىدە غەرب دۇنياسىدا نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان. ئەمما، كىتابنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا يېزىلغىنىدەك «بىز مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى ئالەمشۇمۇل شۆھرەتكە ئىگە بولغان نۇرغۇن ئالىم، پەيلاسوپ، مۇتەپەككۇرلىرىمىزنىڭ ئىسمى ۋە ئەسەرلىرىنىڭ قىسمەن تىزىملىكى بىلەنلا تونۇشقاندىن سىرت، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئۆزى بىلەن تونۇشالمايۋاتىمىز. مەنىۋى جەھەتتىن قاغجىرىغان، بارغانسىرى گادايلىشىپ، روھىي كىرزىسقا دۇچ كىلىپ قىلىشىمىزنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرسىمۇ ئېھتىمال مۇشۇ نۇقتىدا بولسا كىرەك».
ئۆتمۈشتىكى بۈيۈك سىيمالار ھەققىدە ئۆگىنىدىغانلىرىمىز، ئىزدىنىشكە ۋە قىلىشقا تېگىشلىك ئەمگەكلىرىمىز كۆپ، بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن فارابى ئىلىم چېيىمىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىمىزغا سېلىشتۇرغاندا دېڭىزدىن تامچىدۇر. بۇ تەرىقىدىكى پائالىيەت ۋە ئىزدىنىشلىرىمىز كۆپ خىل ھەم سەمەرىلىك بولغاي!
|
|