بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-14 18:57
جۇڭگۇدىكى بوش ئۆيلەر زادى قانچىلىك؟ سەي شېنكۈن دولان تەرجىمىسى جۇڭگۇدىكى بوش ئۆيلەر زادى قانچىلىك؟ بۇنىڭغا ھۆكۈمەتنىڭ ئېنىق جاۋابى يوق، ئۈچۈنچى تەرەپنىڭ نوپۇزلىق دوكلاتىنى تېخىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ؛ ئاتالمىش بوش ئۆيلەر دېگىنىمىز:قۇرۇلىش پۈتۈپ بىريىلغىچە سېتىلمىغان ئۆيلەرنى كۆرسىتىدۇ. دۆلەت قورۇلىش مىنىستىرلىكى، تەرەققىيات-ئىسلاھات كومتېتى ۋە ئىستاتسىتىكا ئىدارىسىنىڭ ىبوش ئۆيلەرنىڭ كۆلۈمىنى ئېنىق تۈرگە ئايرىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرىشقا ئاساسلانغاندا،2003-يىلى يىللىق ئىستاتسىتىكا مەلۇماتى ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ، بوش قالغان تۇۋار ئۆيلەرنى ۋاقىت بۇيىچە تۈرگە ئايرىغان؛ بوش قالغان ۋاقتى بىريىل بولغان ئۆيلەر سېتىشنى كۈتۈپ تۇرغان ئۆيلەر، بوش قالغان ۋاقتى 1 يىلدىن يۇقۇرى 3 يىلدىن تۈۋەن بولغان ئۆيلەر سېتىلماي تۇرۇپ قالغان ئۆيلەر، بوش قالغان ۋاقتى 3 يىلدىن يۇقۇرى بولغانلىرى بېسىلىپ قالغان ئۆيلەردۇر. بازاردىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بوش ئۆيلەرگە بەرگەن تەبىرى ئوخشىمىغاچقا، مەملىكەت بۇيىچەزادى قانچىلىك بوش ئۆي بارلىقىنى ئىستاتستىكىلاش بەسىمۈشكىل، گەرچە قورۇلىش مىنىستىرلىكى بوش ئۆيلەر توغرىسىدا ھۆكۈمەت ئېنىقلىمىسى بەرگەن بولسىمۇ، لىكىن بازاردابوش ئۆيلەرگە قارىتا ھەرخىل ئېنىقلىما بەرمەكتە. 2014-يىلى6-ئاينىڭ 23-كۈنى، غەربىي-جەنۇپ مالىيە-ئىقتىساد ئونىۋېرسىتېتى ئائىلەپۇل-مۇئامىلىسىنى تەكشۈرىش ۋە تەتقىق قىلىش مەركىزى ئېلان قىلغان «شەھەر-بازارلاردىكى بوش تۇرالغۇ نىسبېتى ۋە ئولتۇراق ئۆي بازىرىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ( 2014 ) » دە، 2013-يىلى مەملىكىتىمىزدىكى شەھەر-بازارلاردىكى بوش ئۆيلەر نىسبېتى %22.4 يەتكەن بۇلۇپ، ئوتتۇرىچە بەش ئائىلىنىڭ ھېچبولمىغاندا بىردىن بوش ئۆيى بولۇپ، ئامېرىكا، ياپونيە ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى قاتارلىق دۆلەت ۋە رايۇنلاردىن يۇقۇرى بولغان ۋە بانكىنىڭ 4 تىرلىيۇن 200 مىليارت مەبلىغىنى ئىگەللىۋالغان. بوش قېلىش نىسبېتى دېگىنىمىز: مەلۇم ۋاقىىتتا بوش ئۆيلەرنىڭ ئومۇمىي ئۆي كۆلۈمىدە ئىگەللىگەن نىسبېتىنى كۆرسىتىدۇ. خەلقئارادا ئورتاق قوللىنىۋاتقان قائىدە بولسا: بوش قېلىش نىسبېتى 5-%10 ئارلىقىدابولسا نۇرمال، 10-%20 ئارلىقىدا بولسا خەتەرلىك، %20 يۇقۇرى بولسائېغىر بېسىلىپ قېلىش دەپ قارىلىدۇ. 2010-يىلى7-ئايدىكى « دۆلەت ئېلېكتىر تۇرى شىركىتىنىڭ تەكشۈرىشى » دە كۆرسىتىشىچە، «جۇڭگۇدىكى 660 ئارتۇق شەھەردە ئۇدا 6 ئاي توك سائىتى نۆلدە تۇرغان بوش ئۆي 65مىليۇن 400 يۈرىش بۇلۇپ، 200 مىليۇن كىشىنى ئولتۇراقلاشتۇرغىلى بۇلىدۇ »، بۇسانلىق مەلۇماتقا قارىتا، دۆلەت ئېلېكتىر تۇرى ۋە باشقا نۇپۇزلىق ئاپپاراتلارئارقا-ئارقىدىن رەددىيە بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ھازىرغىچە غەربىي-جەنۇپ مالىيە-ئىقتىساد ئونىۋېرسىتېتى تەكشۈرىش ۋە تەتقىق قىلىش مەركىزىنىڭ بوش ئۆي 48مىليۇن 980 مىڭ يۈرىش، بوش قېلىش نىسبېتى %22.4 ۋە < 65مىليۇن 400 يۈرىش ئىغۋا > دىن سىرت، ھۆكۈمەت باشتىن-ئاخىر بوش ئۆينىڭ سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلمىغاچقا،جۇڭگودىكى بوش ئۆيلەر يېشىلمەيدىغان سىرغا ئايلىنىپ قالدى. بېيجىڭ پىداگۇگىكا ئونىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسۇرى جوڭ ۋېينىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا،مەملىكەت بۇيىچە ئۆي بازىرىدىكى ئىسكىلات قالدۇقى ئازدېگەندە 8 مىليارد 500 مىڭ كۋادېرات مېتىردىن 9 مىليارد كۋادېرات مېتىرغىچە ئىكەن؛ ئۆتكەن 3 يىللىق ئوتتۇرىچە سېتىلىش سۈرئىتى بۇيىچە ھېساپلىغاندا، ئازدېگەندە 7 يىلدا سېتىپ بولغىلى بۇلىدىكەن. دۆلەت ئىستاتسىتىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، سېتىلمىغان بوش ئۆي 4مىليارد 800 مىليۇن كۋادېرات مېتىر، ئىش باشلانغان كۆلەم 850 مىليۇن كۋادېرات مېتىربۇلۇپ، مەملىكەت بۇيىچە ئۇمۇمىي ئىسكىلات قالدۇقى 6 مىليارد 300 مىليۇن كۋادېرات مېتىرئىكەن. بۇيەردەئېيتىلغان ئىسكىلات قالدۇقى ھەرگىزمۇ بوش ئۆيگە باراۋەر ئەمەس، دۆلەت ئىستاتسىتىكائىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىشىچە، 2015-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە،مەملىكەت بۇيىچە سېتىشنى كۈتۈپ تۇرغان تۇۋار ئۆي 686 مىليۇن 320 مىڭ كۋادېرات مېتىربۇلۇپ، 9-ئايدىكىدىن 21 مىليۇن 220 مىڭ كۋادېرات مېتىر ئېشىپ، تارىخىي رىكۇرت ياراتقان؛ بۇ سانلىق مەلۇماتلار بانكىغا رەنىگە قۇيۇلغان بوش ئۆيلەرنى ۋە ئىستاتسىتىكاقىلغىلى بولمايدىغان كىچىك مۈلۈك ھۇقۇقلىق ( 小产权房) ئۆيلەرنى ، غەملىمە ( 集资房 ) ئۆيلەرنى ۋە پاراۋانلىق ( 福利房 ) ئۆيلەرنى ئۆز ئىچىگەئالمايدۇ. مۇتەئەسىپرەك مۆلچەرلىگەندە، مەملىكىتىمىزدىكى ئارتۇق تۇۋار ئۆينىڭ ئۇمۇمىي ئامبار قالدۇقى 2 مىليارد 100 مىليۇن كۋادېرات مېتىر، دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومتېتىنىڭ بۇلتۇرقى تەكشۈرىشتىن مەلۇم بۇلىشىچە، مەملىكەت بۇيىچە %90 ئارتۇق ۋېلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەر يېڭى شەھەررايۇنىنى پىلانلىغان، قىسمەن شەھەرلەرنىڭ يېڭى شەھەر پىلان كۆلۈمى كونا شەھەركۆلۈمىنىڭ 7.8 ھەسسىگە باراۋەر كەلگەن، يېڭى شەھەرلەرگە 3 مىليارد 400 مىليۇن نۇپۇسنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش پىلانلانغان بۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نۇپۇسىنىڭ يىغىندىسىدىن ئېشىپكەتكەن. ب ېيجىڭدىكى بوش ئۆيلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتى ئىزچىل سەزگۈر مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى، 2012-يىلى بېيجىڭ شەھەرى نوپۇس بىلەن تۇرالغۇنىنىڭ ھەقىقى ساننى ئېنىقلاش ئۈچۈن، شەھەربۇيىچە بىر قېتىم نوپۇس باشقۇرۇش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى قانات يايدۇرۇپ، شەھەربۇيىچە جۇراپىيەلىك ئۇچۇر سىستېمىسىغا تايىنىپ، نۇپۇس ۋە تۇرالغۇ بىرلەشكەن ئونۋېرسال ئۇچۇر سۇپىسىنى قۇرۇپ چىققان بۇلۇپ، 2012-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە %87.7 نى ئىستاتسىتىكىلاپ چىققان، تەكشۈرىشتە دەسلەپكى قەدەمدە بېيجىڭ شەھرىدە 3 مىليۇن 810مىڭ يۈرىش بوش ئۆي بارلىقىنى يەكۈنلەپ چىققان. بوش ئۆيلەرگەھۆكۈم قىلىشنىڭ ئۆلچىمى: رەسمىيەت بېجىرىپ ئىزچىل ئادەم ئاياغ باسمىغان ياكى رەسمىيەت بېجىرىپ ئۇدا يېرىم يىلغىچە ئادەم ئاياغ باسمىغان ئۆيلەرنى كۆرسىتىدۇ. تەكشۈرىشكەقاتناشقان خادىملارنىڭ بىلدۇرىشىچە « بىز تەكشۈرگەن ئائىلىدە ئادەم بولمىسا بۇئۆينى بوش ئۆيگە ئايرىدۇق، كېيىن قايتا تەكشۈرۈپ، ئۆي ئايرىش ئەھۋالى بولسا، ئۆينى بېزەۋاتقان بولسا ياكى ئىجارىگە بەرگەن بولسا قايتىدىن ئادەم تۇرغان ئۆيگە ئايرىدۇق،كۆپىنچە ئەھۋاللار ئاساسەن مۇشۇنداقراق، ئۆي ئىگىسى ئۆي ئايرىپ، ۋقتىنچە ئادەم ئولتۇرمىغان بولسا بوش ئۆيگە ئايرىدۇق ». ئىستاتسىتىكائۆلچىمى ۋە ئۆي-زىمىن بازىرىنىڭ قائىدىسى بىردەك بولمىغاچقا، بوش ئۆيلەرنىڭ سانى ئارتۇق ھىساپلانغان بۇلىشى مۈمكىن؛ ھۆكۈمەتنىڭ ئوخشىمىغان يوللار ئارقىلىق ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بېيجىڭ شەھرىدىكى تۇۋار ئۆي، غەملىمە ئۆي ۋە پاراۋانلىق ئۆي تەخمىنەن 13 مىليۇن 205 مىڭ يۈرىش، ھازىر بار بوش ئۆي 3 مىليۇن812 مىڭ يۈرىش بۇلۇپ، بوش ئۆي نىسبېتى %28.9 يەتكەن؛ بۇ سانلىق مەلۇمات مەيلى بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ياكى بېيجىڭ شەھرىدىكى ئۆي-زىمن سودىگەرلىرى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، قورقىنچلىق سان ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا مەيلى ھۆكۈمەت تەرەپ بولسۇن ياكى ئۆي-زىمىن سودىگەرلىرى بولسۇن بېيجىڭدىكى ئۆي باھاسىنى ئۆستۈرىشكە ئاساس تاپالمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى. بېيجىڭ شەھرىدىكى 3 مىليۇن 812 مىڭ يۈرىش بوش ئۆيگە قارىتا، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ چۈشەندۈرىشى بىردەك ئەمەس؛ مەسىلەن، ئۆي-زىمىن ساھەسىدىكى پروفېسسۇر دوڭ فەننىڭ قارىشىچە بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىداىرىسى ئېلان قىلغان بوش ئۆي توغرىسىدىكى سانلىق مەلۇمات ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك ئىكەن، ئۇنىڭ قارىشىچە بېيجىڭ شەھرىدىكى تۇرالغۇ ئۆي 5 مىليۇن يۈرىش بۇلۇپ، بوش ئۆيلەر %76 يېتىدىكەن،مەيلى قانداق ئۆلچەم بۇيىچە ھېساپلىسۇن ھېچقايسىسى توغرا ئەمەس ئىكەن.2009-2011-يىلغىچە بېيجىڭ شەھرىدىكى 1-قول تۇرالغۇ ئۆينىڭ سېتىلىش نىسبېتى ئايرىم-ئايرىم 179 مىڭ، 111 مىڭ ۋە 91 مىڭ يۈرىش بۇلۇپ، ئەڭ يۇقۇرى سەۋېيە ئىكەن،40-50 يىلغىچە سالغان ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بوش قېلىشى مۈمكىن ئەمەس ئىكەن. بېيجىڭ شەھرىنىڭ كەڭ كۆلەمدىكى تۇۋار ئۆي قۇرۇلىشى دولقۇنى 2000-يىلى باشلانغان،2000-2011-يىلغىچە بېيجىڭ شەھەرى سالغان تۇۋار ئۆي جەمئى 303 مىليۇن 909 مىڭ كۋادېرات مېتىر بۇلۇپ، بۇ سانلىق مەلۇمات ئارمىيە، مەركەز كارخانىسى سالغان ئۆي، ھەرقايسى ئۇرۇنلار سالغان غەملىمە ئۆي ۋە كەڭ كۆلەمدىكى كىچىك مۆلۈكلىك ئۆيلەرنى ئۆز ئىچىگەئالمايدۇ. بېيجىڭ شەھرىنىڭ ھازىرقى دائىملىق نۇپۇسى 20 مىليۇندىن ئارتۇق، بۇنىڭ ئىچىدە ئاق نوپۇس 12 مىليۇن 500 مىڭدىن ئارتۇق، كۆچمە نۇپۇسلار 10 مىليۇندىن ئارتۇق. قائىدەبۇيىچە، بېيجىڭ شەھەرى ئۆزنۆۋېتىدە خېبىي ئۆلكىسى تەمىنلىگەن بىر مىليۇندىن ئارتۇق تۇرالغۇنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولغاچقا، 20 مىليۇن ئارتۇق بېيجىڭلىقلارنىڭ ھەربىرىگە ئوتتۇرىچە بىر يۈرىشتىن ئۆي توغرا كېلىدۇ؛ ناۋادا 5 مىليۇن ئىشلەمچىنى ۋە 5 مىليۇن كونا شەھەر ئائىلىسىنى چىقىرىۋەتكەندە، بېيجىڭ شەھرىنىڭ ئازكەم يېرىم ئائىلىسىگە 2 يۈرىش ئۆي توغرا كېلىدۇ، بۇ سانلىق مەلۇماتلار بېيجىڭ شەھرىدىكى چوڭ-كىچىك ئۆي-زىمىن سودىگەرلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا چۇقۇم بىر ئاپەت. ئوننەچچى يىلدىن بۇيان، سودىگەرلەر بېيجىڭدىكى ئۆي مەڭگۈ يېتىشمەيدۇ دەپ يالغان سۆزلەپ كەلدى، يەنە قىممەت بولسا كېممۇ سېتىۋالار؟ ئەگەربېيجىڭدىكى بوش ئۆيلەر راستىنلا 3 مىليۇن 800 مىڭ يۈرىشتىن ئاشقان بولسا، ئۇنداقتامەملىكەت بۇيىچە بوش ئۆيلەرنىڭ سودىسى كۆڭىلدىكىدەك بولمايدۇ؛ بۇيىل مەركىزىي كومتېتنىڭ يۇقۇرى قاتلىمى ئۆي-زىمىن بازىرىدىكى ئۆيلەرنىڭ بېسىلىپ قېلىش سەۋەبىنى تەكرار-تەكرار ئوتتۇرىغا قويدى، بىراق ئۆي قالدۇقىنى بىرتەرەپ قىلىش ئۈچۈن،ئالدىبىلەن قانچىلىك بوش ئۆي بارلىقىنى ئېنىقلاش كېرەك، ناۋادا بوش ئۆيلەرنىڭ كۆلۈمىنى ئنىقلىيالمىسا، نېمىگە ئاساسەن بېسىلىپ قالغان ئۆينى تۈگەتكىلى بولسۇن؟
|