قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 15404|ئىنكاس: 82
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۈرۈمچىدىكى مايلامچىلار نەگە كەتتى ؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

0

دوست

382

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   41%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23108
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 18
تۆھپە : 156
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2016-1-14
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-14 19:25:14 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
ھۆسەيىن سالى سېلىم

2006892021255613.jpg

  ھەممىمىزگە مەلۇم، ئۈرۈمچى ــــ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە پەن ـ تېخنىكا مەركىزى بولۇپ، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئورگىنى تۇرۇشلۇق مەركىزىي شەھەر، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ غەربىدىكى سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن بىر مۇھىم دەرۋازىسى
  بۇ يىل يازدا مەن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن 6-7 قېتىمدەك ئۈرۈمچىدە بولدۇم، ئىلگىرىمۇ ئۈرۈمچىگە كەلگەن چاغلىرىمدا دائىم دېگۈدەك، سەنشىخاڭزا، دۆڭكۆۋرۈك، خەلقارا كاتتا بازار، شىنجاڭ مىللەتلەر كوچىسى ھەم شۇنىڭدەك داشىمېن، شىياۋشىمېن قاتارلىق ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋات رەستىلىرىنى ئايلىنىپ يۈرۈش جەريانىدا، پىيادىلەر يولىنىڭ چېتىدا خېرىدار كۈتۈپ ئولتۇرغان ئۇيغۇر، خەنزۇ،  قېرى- ياش، ئەر،ئايال، دېگەندەك ھەر مىللەتتىن بولغان مايلامچىلارنى ئۇچىرىتىپ تۇرىمەن ھەم ھېرىپ قالغىنىمدا، شۇلاردىن بىرەرسىنىڭ ئورۇندىقىدا ئولتۇرۇپ دەم ئالغاچ ھەم ئۇلار بىلەن ئانچە-مۇنچە پاراڭلاشقاچ، ئايىقىمنى مايلاتىۋالسام بىر خىل يەڭگىللەپ قالغاندەك بولۇپ، ھارغىنلىقىم يوقاپ كېتەتتى. شۇڭا بۇ نۆۋەتمۇ بازار ئايلىنىپ يۈرۈپ ئازىراق دەم ئېلىۋالغاچ ئايىقىمنى مايلىتىۋالاي دېگەن ئۈمۈتتە ئەتىراپقا نەزەر سالغاچ ماڭدىم-يۇ، ھېلىقى مايلامچىلارنىڭ بىرىنىمۇ ئۇچىرىتالمىدىم. بۇ مايلامچىلار خۇددى مەلۇم بىر ئورۇن ياكى تەشكىلنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ باشقا بىرەر رايونلىرىغا بىر تۇتاش كۆچۈرىۋېتىلگەندەك، ياكى بىر تۇتاش «ئىش ئورنى بويىچە تەربىيەلەش» كە يىغىۋېلىنغاندەكلا ھەممىسى ئۆز «ئورۇنلىرى»نى تاشلاپ، بۇ شەھەردىن «غايىپ» بولۇپ كەتكەندەكلا يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ، كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ بۇ مايلامچىلارنىڭ نىمە سەۋەپتىن بۇنداق تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەنلىكىگە ئىچىم پۇشتى. چۈنكى، بۇ مايلامچىلارنىڭ مۇلازىمىتى بەك ئەتىراپلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇلازىمىتىدىن ھەر قانداق كىشى بەھرىمان بولالايدىغان، ھەم قولايلىق، ھەم تېز، ئۇنىڭ ئۈستىگە باھاسىمۇ ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، گۆش باھاسى 20 يۈەندىن تاكى 60 يۈەنگە ئۆرلەپ، 3 يۈەنگە قوساق تويغۇزغىلى بولمايدىغان ئىستېمال سەۋىيىسى شەكىللەنگەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇ مايلامچىلارنىڭ مۇلازىمەت ھەققى 1 يۈەندىن ئاران 3 يۈەنگىلا ئۆرلەپ، شۇ 3 يۈەننىمۇ زىمىستان سوغۇقتا، بىژغىرىم ئىسسىقتا مىڭ تەسلىكتە تاپسا تاپقىنىغا شۈكرى قىلىپ، قالغىنىنى ئەتە ـ ئۆگۈن ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەرگە ئۈمۈد باغلاپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان قانائەتچان مۇلازىمەتچىلەر توپى ئىدى.
   دېمىسىمۇ، بۇلارنىڭ شۇ خىل مۇلازىمەتلىرىدىن بەھرىمان بولۇپ كېلىۋاتقان ھەر بىر ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى بۇ مايلامچىلارنىڭ ئۆزىگە قىلىۋاتقان پاكىزلىك مۇلازىمىتىدىن سۆيۈنۈپ تۇرۇپ : ــــ « بىزنىڭ ئۈرۈمچىنىڭمۇ بولىدىغان يەرلىرى خېلى كۆپ جۇمۇ، ئاددىيلا بىر ئىشنى دېسەك،ئادەتتە بىرەر سورۇنغا، ياكى بىرەر پائالىيەتكە چاقىرىلىپ ماڭغىنىمىزدا ئايىقىمىز بەك توپا ياكى پاسكىنا بولۇپ سۈرتىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالغان بولساقمۇ بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىپ كەتمەيمىز، پەقەت بىر مايلامچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ 2 مىنۇت ئولتارساقلا ئاياقنى سۈرتۈپ، مايلاپ زاۋۇتتىن چىققاندەك پارقىرتىپ بېرىدۇ ـ دە، بۇنىڭ ھەققىگە ئىككى-ئۈچ  يۈەننى بېرىپلا يولىمىزغا كېتىۋېرىمىز» دەپ پەخىرلىك تۇيغۇسىدا سۆزلىگەنلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. دېمەك، ئۈرۈمچىلىكلەرلا ئەمەس سىرتتىن ئۈرۈمچىگە كەلگەن ھەر مىللەت ساياھەتچىلىرىمۇ ئاياقلىرىنى پارقىرىتىپ، پاكىزە ھەم كۆتۈرەڭگۈ روھ، مەدەنىي قىياپەت بىلەن يۈرگنىدە ئېغىزىدا دېمىسىمۇ كۆڭلىدە بۇلارنىڭ مۇلازىمىتىدىن بىر خىل رازىمەنلىك تۇيغۇسىدا بولماي قالمايدۇ.
   لېكىن مەن بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدە بىر ھەپتىدەك تۇرۇپ قېلىپ، ئايىقىمنى زادى بىرەر قېتىممۇ مايلىتالماي قالغانلىقىمدىن تولىمۇ ئىچىم پۇشۇپ، ئاخىرى بىر دوستۇمدىن، بۇ مايلامچىلارنىڭ تۇيۇقسىزلا نەگە يوقاپ كەتكەنلىكىنى سورىدىم. ئۇ دوستۇممۇ بۇنى تازا بىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى، لېكىن بۇ يىلدىن باشلاپ 2017- يىلىغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەر قۇرۇلىشى، مۇھىت تازىلىقى، باغ-ئورمان، شەھەر ئۇل مۇئەسسەسەلىرى، ئاممىۋىي قاتناش، جامائەت سورۇنلىرى، ئىجتىمائىي تەرتىپ، ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئۆلچىمى، يىمەك-ئىچمەك، سودا-سېتىق قاتارلىق  شەھەر ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەركىزىي شەھەر ھەم مەدەنىي شەھەر ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، 2017- يىلىغا بارغاندا ئۈرۈمچى شەھىرىنى «مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر» لەر ئۆلچىمىگە تولۇق يەتكۈزۈپ، «مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر» دېگەن نامنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن قەدەمنى، شەھەر كوچىلىرىدا، پىيادىلەر يوللىرىدا، يەر ئاستى ئۆتۈشمىلىرىدە، بوشلۇقتىن ئۆتۈش كۆۋرۈكلىرىدە شۇنىڭدەك ئىدارە-ئورگانلارنىڭ ئالدىى قاتارلىق، كىشىلەرنىڭ زىچلىق نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى جايلاردا قالايمىقان يايما يېيىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئارامخۇدا يول يۈرىشىگە، شەھەر قاتناش تەرتىپىنىڭ راۋانلىقىغا، ئىجتىمائىي تەرتىپنىڭ نورماللىقىغا تەسىر يەتكۈزىۋاتقان  ئەھۋاللارنى نۇقتىلىق تۈزەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر قېتىملىق ئومۇمىيۈزلۈك ھەرىكەت ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى قىياسىنى سۆزلەپ ئۆتتى. دەرۋەقە مەنمۇ بۇندىن ئىلگىرى گېزىت، رادىئو ۋە تېلىۋىزىيەلەردە بېرىلگەن سەپەرۋەر قىلىش ھەققىدىكى تەشۋىقلىرىنى ئاڭلىغان ھەم كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن، دوستۇمنىڭ يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن قىياسلىرىنى ئاڭلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇ غەيرىتىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم. چۈنكى شىنجاڭنىڭ يۈكسەك ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ كاتتا شەھەرنىڭ  «مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر» دېگەن نامنى قولغا كالتۈرۈشى، بىز شىنجاڭلىقلارنىڭ مەيدىسىگە ئېسىلغان بىر شەرەپ گۈلى ھېسابلىنىپلا قالماي بەلكى ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى ئەھمىيىتى تولىمۇ زور بولغان بىر تۈرلۈك مەنىۋىي مەدەنىيلىك قۇرۇلىشىدۇر.
   بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى ئالدى بىلەن تۈزۈم قۇرۇلىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىرگە تەكشۈرۈپ نازارەتچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش، تەكشۈرۈپ نازارەتچىلىك قىلىشتا، ئىدىيەۋىي تەشۋىق- تەربىيەنى ئاساس، ئۆزگەرتىشنى قوشۇمچە قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ «مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر» بەرپا قىلىش ھەرىكىتىگە بولغان ئىدىيەۋىي تونۇشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بارلىق شەھەر ئاھالىلىرنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ «مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر» بەرپا قىلىش سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىگە ئومۇمىيۈزلۈك قاتنىشىش ئاكتىپچانلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، «مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر» بەرپا قىلىشنىڭ شەھەر ئاھالىلىرىغا قويۇلىدىغان تەلەپ ۋە ئۆلچەملىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، بۇنى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كۈندۈلۈك ھەرىكىتىگە سىڭدۈرۈپ، ئۆزلىكىدىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن رىئايە قىلىدىغان ياخشى بىر ئىجتىمائىي ئادەتكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى قانچىلىك دەرىجىدە قانات يايدۇرۇپ، قايسى جەھەتلەردە نامايەن قىلغانلىقىنى  تولۇق بىلىپ كېتەلمىگەن بولساقمۇ بىراق، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر مەمۇرىيىتىنى رېۋىزىيە قىلىش خىزمىتىدە، قىسمەن يىتەرسىزلىك ۋە نۇقسانلارنىڭ شۇنداقلا خىزمەت ئۇسۇلىدىمۇ بەزى قاتماللىقلارنىڭ ھېلىھەم ساقلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قانۇن ئىجىرا ئىدارىسىدىكى قانۇن ئىجىراچى خادىملىرىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتى جەريانىدىكى سۆز-ھەرىكەتلىرىدىن، ئۇسۇللىرىدىن قاراپلا بىلىۋېلىشقا بولىدۇ دەپ قارايمەن.
   بۇنىڭدا، ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ھەم سىرتتىن ئۈرۈمچىگە كەلگەنلەرنىڭ داۋاملىق كۆزىگە چېلىقىپ تۇرىدىغىنى شۇكى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قانۇن ئىجىرا ئىدارىسىدىكى قانۇن ئىجىرا قىلغۇچى خادىملارنىڭ،  پىيادىلەر يولىنىڭ خالىغان يەرلىرىدە يايما يېيىپ سودا قىلىۋاتقان تۈرلۈك باققاللارنىڭ، ئاياق مايلامچىلىرىنىڭ ھەتتا چوڭ كوچىدىن خېلىلا ئىچىدە بولغان ئارقا كوچىدىكى ئۇششاق دۇكانلارنىڭ ئىشىك ئالدىدىكى ئۆزىگە تەۋە قىسمەن بوشلۇقلارغا ماللىرىنىڭ بىر قىسىم سەرخىللىرىنى تىزىپ قويغانلىقلىرىنى كۆرۈپلا قالسا، تۇيۇقسىزلا يەردىن ئۈنۈپ چىققاندەكلا كېلىپ گەپ-سۆز قىلمايلا ئۇلارنى ئۇ پەشتىن بۇ پەشكە سۆرەپ، ياقىلىرىدىن تارقۇشلاپ، ھەتتا بەزىلىرىنى قوپال تىللار بىلەن تىللاپ، ئۇرۇپ كېتىۋاتقانلىقى، مايلامچى بالىلارنىڭ «دۇكان» ساندۇقلىرىنى، باققاللارنىڭ «دۇكان» ھارىۋىلىرىنى، ئۇششاق دۇكاندارلارنىڭ تېشىغا تىزىپ قويغان ماللىرىنى ماشىنىلىرىغا بېسىپ «مۇسادىرە» قىلىپ، ئۇلار بىلەن كوچىدىلا ئېسىلىشىپ، پومداقلىشىپ يۈرگەن تولىمۇ يىرگىنىشلىك سەت ئىش-ھەرىكەتلىرىدۇر.
ئەگەر ئۇلار بۇ جەھەتتىكى قالايمىقانچىلىقنى تۈزەش ئۈچۈن قانۇن ئىجىرا قىلىش خىزمەت فورمىسىنى كەيمەي كېلىپ يۇقىرىدىكى ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارىمەن دېسە بەلكىم بەزى «ئۇششۇق» تىجارەتچىلەر تەرىپىدىن «تايىقىنى» نى يىيىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇلار بېششىغا، دۆلەت ئوبرازى ۋە ھاكىميىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان دۆلەت گېرىبى قادالغان قاسقان شەپكە، ئۇچىسىغا قانۇن ئىجىرا قىلىش خىزمەت فورمىسىنى كىيىپ، قانۇن ئىجىرا قىلىش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقاچقا بۇ تىجارەتچىلەر ئۇلارنىڭ قوللانغان ھەر قانداق ۋاستىلىرىگە زىيادە قارشىلىق كۆرسەتمەيلا ئۆزىنىڭ قىلىپ قويغىنىدىن كۆرۈپ كەينىدىن كۇسۇرلىشىپلا قالىدۇـ دە، ئەتىسىلا يەنە شۇ «دۇكان» ساندۇق، «دۇكان» ھارىۋىلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىپ ياكى باشقىدىن يەنە بىرنى سەپلەپ، يەنە شۇ قوغلىۋېتىلگەن يەرگە كېلىپ يايمىسىنى يايە-يايماي يەنە قوغلىنىدۇ، قوغلانسا شۇ ھامان، شۇ يەردىنلا كېتىدۇ، ھەرگىز ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كەتمەيدۇ. بۈگۈن 10 نەچچىسىنى قوغلىسا ئەتىسىلا شۇ يەردە يەنە 10 نەچچىسى پەيدا بولىدۇ. دېمەك بۇ ئىش مۇشۇنداق بىر خىل دەۋرىيلىك ھالدا داۋاملىشىپ، «بېزىنى باسسا تېزى» دېگەندەك، قانۇن ئىجىرا قىلغۇچىلارغىمۇ، ئەشۇ «جانغا تۆرەلگۈر» تىجارەتچىلەرگىمۇ ئارام يوق بولغان «مۈشۈك بىلەن چاشقاننىڭ ئويۇنى» غا ئوخشاش بىر خىل باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى پەيدا قىلىدۇ. قانۇن ئىجىراچىلىرىمۇ بۇنىڭغا كۆنۈپ كەتكەن بولۇپ، ئىشخانىسىدا باشلىقنىڭ كۆزىگە قادىلىپ بىكار ئولتۇرغان بولۇپ كۆرۈنۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن، كۈن ئاتلاپ ياكى داۋاملىق دېگۈدەك كوچىغا چىقىپ ئۇلارنىڭ تېنچ ئولتۇرۇپ قىلىۋاتقان تىجارەت مۇھىتىنى ھەرە كۆنىكىنى قوزغىۋەتكەندەك كېلىپ پاتپاراقچىلىققا سېلىۋېتىپ شۇ كۈنلۈك «ۋەزىپىسى» نى ئادا قىلىپ كەتكەنلىكىدىن خوش بولسا، ھېلىقى تىجارەتچىلەرمۇ ئۇلاردىن بىر ئاماللار بىلەن قۇتۇلۇپ قالغانلىقىغا خوش بولۇپ، ئەتىسىلا يەنە ئوخشاش تەۋەككۈل دەرياسىغا ئۆزىنى تاشلاپ شۇ مەيدادا، شۇ پېتى پەيدا بولۇپ ئۆز ئىشىنى قىلىپ مېڭىۋېرىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى قانۇنغا خىلاپ دەپ ئەمەس بەلكى، جان بېقىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان تىرىكچىلىك ھەرىكىتى دەپلا بىلىدۇ، شۇڭا قانۇن ئىجىرا خادىملىرىنىمۇ ج خ ساقچىلىرىنى كۆرگەن كۆزدە كۆرۈپ، ھەم شۇ خىل ئىدىۋىي تونۇشتا تونۇپ، ئۇلارنىڭ باشقۇرىشىغا بوي سۇنىدىغان، رىئايە قىلىدىغان بىر خىل ئاڭلىق ساپانى يىتىلدۈرۈشنىڭ ئورنىغا ئۆزىنى ئارامخۇدا جان بېقىشقا قويمايۋاتقان كۈشەندىلەر دەپلا بىلىدىغان ئىدىۋىي تونۇشنى يىتىلدۈردى.مانا بۇ قانۇن ئىجىرا قىلغۇچى خادىملىرىنىڭ خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق ۋە ئىلمىيلىك بولماي ئەنئەنىۋىي كونا، قاتمال ئۇسۇلدا خىزمەت ئىشلىگەنلىكتىن پەيدا بولغان بىر ئىجتىمائىي ھادىسە دىيىشكە بولىدىغان ئەمەلىيەت.
ھەر قانداق بىر شەھەر مۇشۇنداق چوڭ بىر ئىجتىمائىي ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا، چوقۇم بىر مۇئەييەن قىيىنچىلىق ياكى تۈرلۈك ئىجتىمائىي توسالغۇلارغا ئۇچۇرىماي قالمايدۇ. چۈنكى، ئوخشىمىغان قاتلامدىكى كىشىلەرنىڭ بۇ خىل ھەرىكەتكە بولغان تونۇشى، چۈشۈنىشى ھەم بىلىشىمۇ ئەلبەتتە ئوخشاش بولمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالغا قارىتا خىزمەت ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ ھەم يېڭىلىق يارىتىپ، چوقۇم شۇ خىل كىشىلەرنىڭ تونۇشى، چۈشۈنىشى، بىلىشى ھەم سوبېكتىپ ئارزۇسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللىرىنى تولۇق ئىگىلەپ،  ئۇلارغىۇ «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەل قەلبىنى مايىل قىلىش» تىن ئىبارەت «ئۈچ ئەل» خىزمىتىنىڭ خىزمەت تەلىپى ۋە ئۇسۇلى بويىچە، ئۆزىنىڭ تىرىكچىلىك ھەلكچىلىكىدە يولۇققان مەسىللىرىنى تىرىكچىلىك يولىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى بىلەن، بازاردا يولۇققان قىيىنچىلىق مەسىللىرىنى بازار تەرتىپى ۋە يولى بىلەن ھەل قىلىپ، ئۇلارغا مۇئەييەن بىر چىقىش يولى تېپىۋېلىشىغا ياردەم بېرىشتەك بىر ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قەلبىنى پەقەت «مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر» بەرپا قىلىش چاقىرىقىغىلا ئەمەس، بەلكى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، تېنچ-ئىتتىپاقلىقى، ئىناقلىقى شۇنىڭدەك ئۇزاق ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى تولۇق يېتىلدۈرۈشكە مايىل قىلىش مەخسەت قىلىنسا، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار ئۆزلىكىدىن قېلىپقا چۈشىدۇ ھەم بۇنىڭغا ئۇنچە بەك كۈچەپ كېتىشمۇ كەتمەيدۇ دەپ قارايمەن. چۈنكى، ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتە ئاچقۇچ خارەكتېرلىك بەش تۈرلۈك خىزمەت ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنى «بەش ئاچقۇچ» دەپ ئاتىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ يىل ئاساسىي قاتلاملاردا «ئۈچ ئەل خىزمىتى» گە چۈشكەن كادىرلار يۇقىرىدىكى «بەش ئاچقۇچ» بويىچە  ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەشۋىق-تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ ناھايتى تېز ئۈنۈمگە ئېرىشىپلا قالماي بەلكى كۆزلىگەن مەخسەتكىمۇ يېتىپ، تېخى ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنىمۇ قولغا كەلتۈردۇق.
ئەگەر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ  «مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر» بەرپا قىلىش نىشانىغا يېتىشىدە يۇقىرىدىكى مايلامچى ۋە سەييارە تىجارەتچىلەرنىڭ تەسىرى زور بولىدۇ دىيىلسە ئۇنداقتا بۇلارنىڭ زور تەسىرىنىمۇ ئوخشاشلا «ئاچقۇچ» خارەكتېرلىك ھەل قىلىش ئۇسۇل- چارىلىرىنى تېپىپ چىقىپ تەل-تۆكۈس ھەل قىلىشقا بولىدىغۇ؟ بۇنى چوقۇم قانۇن ئىجىرا قىلغۇچىلار ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەكمۇ؟ قانۇنغا ياتىدىغان تىپىك مەسىللەر بولسا ئۇنى چوقۇم قانۇن ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك، لېكىن قانۇنغا ياتمايدىغان خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتلىك مەسىللەرنى، ئىجتىمائىي ھادىسلەرنى ھەل قىلىشتىمۇ يەنىلا قانۇنغا مۇراجەت قىلىشنىڭ نىمە زۆرۈرىيىتى بار؟ ئادەتتە، ئائىلەڭلاردىمۇ گۆش، سەي ـ كۆكتات، خېمىر، مېۋە-چىۋە ھەم ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەرنى توغراشقا ئىشلىتىدىغان پىچاق، سايمانلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى ئايرىم-ئايرىم بولۇپ، ھەممىنى ئۆز لايىقىدا ئىشلىتىپ كىلىۋاتقىنىڭلاردەك،  جەمئىيەتتىمۇ يۈز بېرىۋاتقان تۈرلۈك مەسىللەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئايرىم-ئايرىم ئۆزىگە خاس قانۇن، تۈزۈم، بەلگىلىمە، نىزام ۋە سىياسەت، پىرىنسىپلىرى بولىدىغۇ، بۇلارنىمۇ يۈز بەرگەن مەسىللەرنىڭ خارەكتېرىگە قاراپ، نەق جايىغا توغرا تەدبىقلاپ، مەسىللەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ــــ دەل بۇ قېتىمقى پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى 4- ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى بىر قانچە مۇھىم مەسىللەر ھەققىدىكى قارارى» نىڭ روھىغا تامامەن ئويغۇن بولغان شۇنداقلا قانۇنچىلىق قۇرۇلىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى بىر خىل ئىلمىي ئۇسۇل ئەمەسمۇ؟
ئەمەلىيەتتىمۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كوچا-دوقمۇشلىرىدا ئولتۇرۇپ مايلامچىلىق بىلەن شوغۇللىنىۋاتقانلار ياش قۇرۇلما جەھەتتە ئاساسەن 12 ياشتىن يۇقىرى، 20 ياشتىن تۆۋەن ئۆسمۈرلەر ۋە ياش بالىلار بولۇپ، بۇلار ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلىشىگە، ھېسداشلىق قىلىشىغا مۇھتاج بولىۋاتقان، تېخى بەزىلىرى قورامىغا يەتمىگەن «تۆتتە تۆۋەن» يەنى، مەدەنىيەت سەۋىيىسى تۆۋەن، كىرىمى تۆۋەن، تۇرمۇش سەۋىيىسى تۆۋەن ھەم ياخشى-ياماننى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى تۆۋەن بولغان كىشىلەر توپى. شۇڭا بىز بۇلارنى ھۆكۈمەتنىڭ «قاراپ تۇرماسلىق، يۆنىلىۋالماسلىق» تىن ئىبارەت ئۆز-ئۆزىنى قۇدىرەت تاپقۇزۇش تەشەببۇسىنى ھېمايە قىلىپ ئۆزىگە ئۆزى چىقىش يولى ياپقان تىرىشقاقلار دېىسەكمۇ بولىدىغۇ؟
بۇ يەردە ئادەمگە قاراڭغۇ بولىۋاتقىنى، شەھەرنىڭ مەدەنىي ئوبرازىغا بولغان يامان تەسىرىدىن، ياخشى تەسىرى كۆپ بولغان، ئىقتىسادىي ئۈنۈمىدىن ئىجتىمائىي ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان، كىشىلەرنىڭ كۈندۈلۈك ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئېھتىياجىغا كۈندىن-كۈنگە يېقىنلىشىپ، شەھەرنىڭ پۇقراۋىي ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئىقتىدارىدا بىر مۇھىم ئورۇننى تۇتۇپ كېلىۋاتقان بۇ بىر تۈركۈم مۇلازىمەت توپى بۈگۈنكى كۈندە كىمنىڭ كۆزىگە نىمە كۆرۈنۈپ قالغان بولغىيتتى؟ ئەگەر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر» بولۇپ باھالىنىشىغا ئەڭ زور تەسىر يەتكۈزىدىغىنى مۇشۇ مايلامچىلار بىلەن سودا-سېتىقچىلار دەپ قارالغان تەقدىردىمۇ بۇلارنى «نەدىن كەلگەن بولساڭ، شۇ يەرگە كەت» دەپ ياقىلىرىدىن تارتقۇشلاپ، كەينىدىن قوغلاپ يۈرۈپ نەرسە-كېرەكلىرىنى خالىغانچە مۇسادىرە قىلىپ، سۈر توقاي قاينىتىپ بازاردىن قوغلىۋېتىشكە بولمايدۇ-دە ؟
ھالبۇكى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر» بەرپا قىلىش خىزمىتىدە زور توسالغۇ ۋە قىيىنچىلىق بولمىسىمۇ، لېكىن مەن بىر قىسىم ئىنچىكە مەسىللەرگە سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بىر قىسىم ئاۋات يول-كوچا بۆلەكلىرىدىكى پىيادىلەر يولىدا خۇددى يۈك چۈشۈرۈپ، قاچىلايدىغان ۋوگىزال ۋە پىرىستانلاردا قاتار-قاتار تۇرۇپ كەتكەن يۈك ساندۇقلىرىدەك  پىيادىلەر يوللىرىنى ئىگىلەپ، قائىدىگە خىلاپ توختۇتۇلغان ھەر خىل ماشىنىلارنىڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يول يۈرىشىگە، كىرىپ-چىقىشىغا نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇلارنى پەيدا قىلىشىنىڭ زىيىنى مايلامچىلارنىڭكىدىن نەچچە ئون ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، بۇ شەھەر قىياپىتى ۋە كىشىلەرنىڭ يول يۈرۈش مۇھىتىنى ياخشىلاشتا نۇقتىلىق تۈزىمىسە بولمايدىغان مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىش بىلەن بىرگە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قانۇن ئىجىرا ئىدارىسى قانۇن ئىجىرا قىلىش خادىملىرىغا  بولغان باشقۇرۇش ۋە نازارەتچىلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇن ئىجىرا قىلىش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىلمىيلاشتۇرۇپ ھەم مەدەنىيلەشتۈرۈپ، باشقۇرۇش ئوبېكتىلىرىگە بولغان «بۆكىنى ئال دېسە بېشىنىمۇ قوشۇپ ئېلىپ كېلىدىغان» قانۇن ئىجىرا قىلىشتىكى قاتمال، قالاق ۋە نامۇۋاپىق ئۇسۇللارنى مۇلازىمەت قىلىش خارەكتېرىدىكى قانۇن ئىجىرا قىلىش ئۇسۇلىغا ئۆزگەرتىپ، قانۇن ئىجىرا قىلىش ئوبېكتىلىرىنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۈرۈمچىنىڭ «مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر» بەرپا قىلىش كۆرىشىدىكى رولىنىڭ مۇھىملىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇر تونۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ھەممىمىزگە مەلۇم، ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ، ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى ئىدارە، ئورگانلاردىن 200 نەچچە مىڭدىن ئارتۇق كادىرنى پۈتۈن ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت (ئوبلاست)، ناھىيە (شەھەر)، يېزا (بازار) ـ كەنتلىرىگىچە چۈشۈرۈپ، «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەل قەلبىنى مايىل قىلىش» تىن ئىبارەت «ئۈچ ئەل» خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى شۇنداقلا ئۇزاق ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئالەمشۇمۇل تەرەققىياتلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، بۇ جەھەتتىكى ماددىي ۋە مەنىۋىي ئاساسنى ياراتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچى «مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر» بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغۋار مۈشكۈل ۋەزىپىنىمۇ «ئۈچ ئەل» خىزمىتىنىڭ روھىغا بىرلەشتۈرۈپ قانات يايدۇرۇپ، بىزنىڭ شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پەخىرلىك، سۆيۈملۈك بولغان مەركىزىي شەھىرى ئۈرۈمچىنىڭ 2017- يىلى «مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر» بولۇپ باھالىنىپ، شىنجاڭلىقلارنى كۆكتىكى چولپان يۇلتۇزدەك چاقنىتىشىغا تىلەكداشمەن.


ئەسكەرتىش:
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
مەزكور ماقالىدا ئىپادىلەش جەھەتتىن ئېغىر-يېنىك كېتىپ قالغان تەرەپلىرى بولسا، تەنقىدىي پىكىر بەرسە قوبۇل قىلىمەن.


رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ
uyghuray

21

تېما

44

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   26.66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 2032
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 47
تۆھپە : 6182
توردىكى ۋاقتى: 2535
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-14 22:21:44 |ئايرىم كۆرۈش
شۇ بۇرۇن كۇچىدا بەش يۈەنگە ئۈچنى ئالىدىغان پايپاقنىمۇ تاللا بازىرىدىن ئون بەش يۈەنگە ئالىسىڭىز ئاران يېرىم كۈن چىداپ قالسا تەلىيىڭىز. ھازىر قانداراقكىن بىلمىدىم...

1

تېما

2

دوست

1104

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   10.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  46447
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 314
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-20
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-14 22:42:02 |ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، يۇقۇردىكى يازمىڭىزدىن سۈيۈنىدىم نەمۇنە خاراكېتىرى ئالغان دىسەك مەنىچە ئىشىپ كەتكەنىلىك بۇلماس دەپ ئۇيىلايىمەن ،تەشەككۇرلەر
يۇقۇردىكى مەيىلى مايىلامىچى بۇلسۇن مەيىلى يەككە سۇدىگەرلەر بۇلسۇن ئۇلارىغا  ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ۋە قۇدرىتىنىڭ سىموۋولىنى ھىس قىلىدۇرۇش ئۇلارىغا تۇغىرا يۇلىنى كۈرسۇتۇش ھەربىر زىيالىيلارنىڭ باش تارتىپ بۇلالمايىدىغان مەجبۇريىتى مەسئۇلىيتى «بۇنىداق دىگىنىم يۇقارقى كەسپىلەرنى بۇلمايىدۇ دىگنىم ئەمەس»
زىيالىيلار بۇ يۇلىدا مالىمانچىلىق ئىدىيسى بىلەن ئۆزىنى قوراللاندۇرسىمۇ ياكى بىلىم ئىدىيسى بىلەن قۇراللاندۇرسمۇ بۇلىدۇ لىكىن بىزگە كىركى نەمۇنىلىك نەتىجە ...
ئەگەر ئۆزىمىزنىڭ تامامەن ھەقلىق بولغان ئىززەت- ئابرويىمىزنى ساقلايمىز دسەك  ئىلىم-پەن ئىجادىيەت مەسىلىسىگە ئېتىبار بىرىش ھەمدە زۆرۈر بولغان پائالىيەت ۋە تەدبىرنىڭ كۈپىلەپ بارلققا كىلىشى زۇرۇر...شۇنى ئىسىمىزدە چىڭ ساقلىشىمىز كىرەككى ئىلىم- پەندە ئاسان يول يوق ، ھەرقانىداق بىر زىيالىدا
مەجبۇرىيەتنى قىزغىنلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىش مەرتلىك بىلەن ياردەم قىلىش بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش تۈزۇلىمە، باشقۇرۇش ئىشلىرىدا ئۆزى-ئۆزىنى باشقۇرۇش ۋە خەلقئاراغا يۈزلىنىش قاتارلىقلاردۇر...
ئاخرىدا كۈرنەرلىك زىياليىلارىغا ئۆز تەلىماتلىرى ئارقىلىق جەمئىيتىمىزنى ئالغا يېتەكلەۋاتقان خادىملارغا چۇڭقۇر تەشەككۇرۇمىنى بىلىدۇرمەن ...«قەيسەر ئۆركىشى»


0

تېما

0

دوست

8871

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   77.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8426
يازما سانى: 414
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 741
تۆھپە : 2288
توردىكى ۋاقتى: 458
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-14 23:41:51 |ئايرىم كۆرۈش
ھەممە كىشى خاتىرجەم جىنىنى جان ئىتىپ جەمىئىيەت تەرتىپىنى بۇزمىسا  دوپپىسىنى ئەكەل دىسە بىشىنى كىسىپ كىلىدىغانلار قانداق جان باقىدۇ ؟
uyghuray

ھەقىقەت ئارقىلىق ئادەمنى تونۇ!

0

تېما

4

دوست

7481

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   49.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18936
يازما سانى: 518
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 2306
توردىكى ۋاقتى: 549
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-15 00:02:24 |ئايرىم كۆرۈش
ئۆز ۋاختىدا ئۈرۈمچى شەرىنىڭ ئىقتىسادى ئۇچۇن توھپە قوشقان شۇ ئۇششاق ‹‹مايلامچى›› ‹‹يايمىچى››لار  مۇشۇ يىقىنقى مەزگىل ئىچىدە يۇرتلىرىغا قايتۇرلۇپ ئۆز يۇرتلىرىنىڭ   تىنىچ ئامانلىغى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.

0

تېما

1

دوست

3696

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   56.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33176
يازما سانى: 266
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -2
تۆھپە : 1144
توردىكى ۋاقتى: 340
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-26
6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-15 00:02:33 |ئايرىم كۆرۈش
     

ھەقىقەت ئارقىلىق ئادەمنى تونۇ!

0

تېما

4

دوست

7481

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   49.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18936
يازما سانى: 518
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 2306
توردىكى ۋاقتى: 549
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
7#
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-15 00:10:10 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sultan777 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-15 00:16  

ئۇششاق يايمىچىلار ‹‹مەدىنى شەھەر››قۇرلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارىساق،ھازىر ناھىلەردىمۇ مەدىنى شەھەر قۇرۇش تەشۋىقاتلىرى ئىلىپ بىرىلىۋاتىدۇ.
شۇ كىچىك تىجارەتچىلەرنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئەھۋالىنى قانداق بولار.
ئەڭ ياخشسى   ياخشى ئۇقۇپ بەلەن ئوقۇپ ھوكىمەت ئۇرۇنلىرىدا خىزمەت قىلىش ،ياكى چوڭ كارخانلاردا ئىشلەش ياكى چوڭراق تىجارەت  بىلەن شۇغۇللىنىش ياخشىدەك تۇرىدۇ.

0

تېما

0

دوست

2038

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   1.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  52403
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 590
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-24
8#
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-15 00:10:23 |ئايرىم كۆرۈش
مايلامچىلار بولسا مەدىنىيەتلىك شەھەر نامىغا داغ يىتەرمۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )